مەن يىقىندىن بۇيان بەزى خىياللارنى قىلغان ئىدىم. بەزى مەسىللەردە توراشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنبەرگە پايدىلىق بولغان بىر قانچە تەكلىپ پىكىرى بىرىشنى لايىق كۆردۇم.
1. سەلكىن تور بىكىتى بىلەن تەلەي يۇلتۇزى ھەمكارلىقى ھەققىدە
سەلكىن تور بىكىتى بىلەن تەلەي يۇلتۇزى ھەمكارلىشىۋاتقىلىمۇ خىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. مەن مۇنداق بىر ئىشنى ئويلىدىم. سەلكىن تور بىكىتى تەلەي يۇلتۇزى پىروگرامما گۇرۇپپىسى بىلەن سۆزلىشىپ تەلەي يۇلتۇزىنىڭ بىرەر سانىنى ئۆتكۇزۇشنى قولغا كەلتۇرسە، ھەمدە سەلكىن تور بىكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىر قانچىنى تاللاپ شۇ پىروگراممىغا قاتناشتۇرسا، شۇ ئارقىلىق سەلكىن تور بىكىتىنىڭ نامىنى تىخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش ۋە كىشىلەرگە تونۇتۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغىلى بولارمىكى دەپ ئويلايمەن.
2.تورداشلار زىيارەت خاتىرىسى ھەققىدە
ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۇزىلىۋاتقان تورداشلار زىيارەت خاتىرىسىدە ئەلئارا ئۆزى ئويلاپ چىققان سوئاللارنى سوراپ تورداشلارنىڭ بىربىرىگە تونۇشتۇرۇپ كەلدى. مەنچە بولسا سورىلىدىغان سوئاللارنى ئالدىن تەييارلاپ بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياكى بولمىسا بىرەر ھەپتە ئالدىدا تورداشلاردىن سورىلىدىغان سوئاللارنى تورداشلارنىڭ خالىغىنىچە ئۆزى بىلىشنى خالىغان مەزمۇندىن سوئال ئوتتۇرغا قويسا، ئەلئارا سوراشقا بولىدۇ دىگەن سوئاللارنى تاللاپ شۇ سوئاللار ئارقىلىق تورداشلارنى بىربىرىگە ھەقىقىي تونۇتۇشتۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلسىكەن دىگەن ئۈمىددە.
3.تورداشلار ئىجادىيدى سەھىپىسىگە
تورداشلار ئىجادىيتى سەھىپىسىگە بىردانە خىيالىي ئەسەرلەر دەپ بالا سەھىپىدىن بىرنى قاتساق، شۇ ئارقىلىق بەزى گۇڭگا شېئىر ۋە خىيالىي رومانتىزىملىق ئەسەرلەرنى يازىدىغان تورداشلارغا تىخىمۇ ياخشى بولغان بىر كىچىك سەھىپە ئاجرىتىپ بەرسەك مۇنبەرنىڭ سەھىپىسىنى تىخىمۇ مول قىلىش ئۈنىمىگە يەتكىلى بولارمىكى دەپ ئويلايمەن.
مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرى مۇشۇنچىلىك قالغىنى تورداشلار ۋە مۇنبەر باشلىقلىرى ئويلىشىپ سەلكىن مۇنبىرىنى تىخىمۇ گۇللەندۇرۇش ئۈنىگە يىتىش ئۇچۇن تىرىشايلى.