بۇ چۈشۈم
گاھ تۈز كېتىدۇ گاھ بىر قۇش كېزەر جاھان بۇ چۈشۈم ،
گاھ خوش ئېتىدۇ گاھ بىھوش گۈزەل جانان بۇچۈشۈم.
كۈندە كۆرسەم كۆرگۇم كېلۇر چېھرى گۈل نىگارىمنى،
تۈندە يەنە كۆرۈشۈمگە بېرەر ئاسان بۇ چۈشۈم.
خاھ باي بولاي خاھ مالاي بىللە ھامان بۇ چۈشۈم ،
مەندىن يوغان يېشىمۇ مەندىن يامان بۇ چۈشۈم .
تېپچەكلىگەن قورساقتا بىر چاغ تىرىك مازارىمنى،
تېپچەكلەپ جان چىققۇچە ھەمدە ئامان بۇ چۈشۈم .
بۇ كىچە خويمۇ گۈزەل ماڭىلا ئايان بۇ چۈشۈم،
ھەتتا بوۋام -مومامنىمۇ قىلىدۇ بايان بۇ چۈشۈم.
سېغىنسام ھەم كۆرەرمەن جان ئانا شۇ دىدارىڭنى،
پايدا قىلسا قىلۇدىكى قىلمايدۇ زىيان بۇ چۈشۈم .
كۆرىدۇ ھەر خىل ئىنسى-جىن جانۋا ھۆر-غىلمان بۇچۈشۈم ،
گاھى قىززىق گاھى سوغۇق گاھى ئىلمان بۇ چۈشۈم.
قىززىتار بۇ شىرىن چۈشۈم ھەر «شەنبە» بازارىمنى ،
ئازنا ھەم يول باشلايدۇ مېھرابتا ئىمام بۇ چۈشۈم .
ماڭا لازىم راست-يالغان ياخشى-يامان بۇ چۈشۈم ،
ئەقىل بىرلە باقسام ئەگەر ئازسام ئىمان بۇ چۈشۈم.
ئاڭلا جاھان ئىزھار ئەيلەي بۇ قەلب نىدارىمنى ،
كۈيلىسەم بۇ تىل ئاجىز يازسام رومان بۇ چۈشۈم.
كۆز نۇرۇم ئۆچسە بىر كۈن ئۆچمەيدۇ تامام بۇ چۈشۈم،
ئەماغىمۇ يورۇق دۇنيا تۈندە راۋان بۇ چۈشۈم.
نا ئەھلىلەر چەيلىدى بۇ ياشلىق باھارىمنى،
تۆت تام ئىچىدە گەرچە مەن سۈرەر دەۋران بۇ چۈشۈم.
مۇنتىزىم ئەدىبىيات تەربىيىسىدە بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ئاز بولمىغان سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەسمەن شۇڭا دوستلارنىڭ ئاكتىپ تەنقىد ۋە تۈزىتىشلەرنى بېرىشىنى
چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ...
[ بۇ يازماكـاپىتانتەرپىدىن2009-03-11 19:21دە قايتا ت ]