ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
بۈگۈن قولۇمغا بىر كىتاب چىقىپ قالدى. مەزكۇر كىتابنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرمەيمەن ۋە سورىمىغايسىلەر!!!
كىتاب، بۇندىن تەخمىنەن 90 يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن مۇسۇلمان ۋە ھەقىقىي بىر زىيالىينىڭ ۋەتىنىمىزگە كېلىش، كېتىش، كۆرگەن - بىلگەنلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ...
كىتابتا دىققىتىمنى تارتقان بىر جۈملىنى سىز قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆرۈپ قويۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلدىم ۋە مۇنبەرگە يوللاشنى مۇناسىپ كۆردۈم. كىتاپنىڭ ئاپتۇرى قۇمۇلدا بىر مازارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە زىيارەت ئەسناسىدا قەبرىنىڭ ئەتراپىدا ئەرگە تىگەلمەي قالغان، بېشىغا بالا - مۇسىبەت كەلگەن... لەرنىڭ قەبرە بېشىغا كېلىپ يىغا - زار قىلىشلىرىنى، يالۋۇرۇشلىرىنى، قىسقىسى ئىسلام دىنىمىز تۈپتىن زىت بولغان باتىل ئېتىقادلارنى كۆرۈپ، زىھنىدە بۇرۇن قەشقەر، ئارتۇش، كورلا ۋە باشقا شەھەرلەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق ئويلايدۇ ۋە ئەسلىمىسىگىمۇ يېزىپ قالدۇرىدۇ:
«ئالتە شەھەر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تىرىك مەۋجۇدىيەتلىرى ئۈچۈن ياكى پايدىلىق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، مازار - ماشايىخلارغا ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقاد قىلغان بولسا ئىدى، بۈگۈن ئالتە شەھەر دۇنيانىڭ جەننىتى، ئاھالىسى بولسا، ئۇ جەننەتنىڭ بەختىيارلىرى بولغان بولاتتى...»
يازغۇچىنىڭ، بۇندىن 90 يىل بۇرۇن ئويلاپ ۋەتىنىگە قايتقاندا تارىخى ئەسلىمىسىگە پۈتۈن قالدۇرغان بۇ سۆزى، ئويلىشىمچە بۈگۈنمۇ كۈچكە ئىگە.
ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىنى مازار - ماشايىخلار بىلەنلا چەكلىمىلىك دەپ قارىماستىن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ، ھەتتا «زىيالىيلار»نىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا، ئەقىدە قىلىۋاتقان مەشغۇلاتلىرىغا، ۋاقىتلىرىنى ئۆلتۈرىۋاتقان «مۇھىم ئىشلىرى»غا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى سۆزنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.
چۈنكى ئېتىقادىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى «خېلى ياخشى، مۆمىن، مۇسۇلمان» دەپ قارايدىغان، ئەسلىدە «مۇسۇلمان»لىقتىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان خەلق ئاممىسى، دىن نامىدىن يولۇققان قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلدۇرۇش، ئىنسانلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا، زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇش، توغماسلارنىڭ بالا تەلەپ قىلىش... ئۈچۈن جان تۇمۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغان (قاف سۈرىسى، 45- ئايەتكە قاراڭ) ئاللاھ تەئەلانى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانغا ياراشمايدىغان، مۇسۇلمانغا ھېچقاچان ماس كەلمەيدىغان خاتا ئېتىقادلارغا چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن مازار - ماشايىخلاردىن، جاھىل موللىلاردىن، پىرخۇنلاردىن، چىراغچىلاردىن ياردەم تىلەشكە شۇنداق ئېتىقاد قىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ مەزكۇر كىشى ياكى يەرلەرگە بېرىشلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتسىڭىز، ئۇلار سىزنى دىنسىزلىك بىلەن قارىلايدۇ. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش باشلىغاندا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇھەممەد بىزنىڭ دىنىمىز بۇزماقچى دېگىنىگە ئوخشاشلا!!!) شۇنداق قىلىپ ئۇلار جاھىللىقلىرى تۈپەيلى دىن نامىدىن بىدئەت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا دىننى ياشىدۇق دەپ بىلمەستىن گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشىدۇ...
ئۆزلىرىنى «زىيالىي» دەپ قارايدىغانلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇش بىلەنلا ئۆزلىرىنى دىندىن بىھاجەت ھېس قىلىشىدۇ. ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلار، دىنسىزلار قۇرغان مەكتەپ شارائىتىدا ئۆزلەشتۈرىۋالغان غەيرى دىنى ئەخلاق ۋە ئادەتلىرىنى «زىيالىي»لىقنىڭ سىمۋۇلى قىلىشىۋالىدۇ.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە خۇددى دىن بىلەن ئىلىم - پەننىڭ بىر - بىرى بىلەن زادى ماس كىلەلمەيدىغان ئىككى نەرسە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن «زىيالىي»لارنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى بولماسلىقىنى، دىننىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى ئۇرۇنداشنىڭ، خۇراپاتلىق ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغان «خىيالىي» بولۇپ چىقىشىدۇ... مەسىلەنگە ئېلىپ ئېيتساق، بىزدە دۇختۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىر سىڭلىمىزنىڭ بېشىغا چاچلىرى بىلەن بويۇنلىرىنى يۆگەيدىغان چىرايلىق ياغلىقنى چىگىشى «زىيالىي»لار ئارىسىدا «مەدەنىيەتسىز»لىك دەپ بىلىنىدۇ...
ھالبۇكى قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچقاچان ئىلىم - پەن بىلەن دىننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىۋەتمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە تىبابەت، ماتىماتىكا، بۇغالتىرلىق، ئاستىرونومىيە... دېگەندەك ئىنسانغا لازىملىق بولغان ھەر خىل ئىلىم - بىلىملەرنى بىۋاسىتە ئالاقىدار قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ - مەلۇماتلارنىڭ - بارلىقىنى كۆرىمىز. دېمەك ئىسلام دىنى، ئىلىم - پەنگە قارشى بولماستىن، ئۇنى تەرغىب قىلىدۇ. ھەتتا ئويلاپ باقىدىغان بولسىڭىز، دىنىمىزدا ۋەھىينىڭ باشلىنشىى «ئوقۇغىن» بۇيرۇقى بىلەن باشلانغانلىقىنى كۆرىسىز. (96- سۈرىگە قاراڭ).
جانابى ئاللاھ ئۇ يەردە «رەببىڭنىڭ ئىسمى ئوقۇغىن» دەيدۇ. دېمەك بىز نېمە ئۆگەنسەك، ئۆگىنەيلى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىگە ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىلىم - بىلىم كىرىدۇ....
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرىنى «زىيالىي» كاتېگورىيسىگە كىرگۈزىۋالغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا، ئاللاھ كەسكىن رەۋىشتە ھارام قىلغان ھاراق - شاراپ، تاماكا، زىنا-پاھىشە، قىز - ئوغۇللارنىڭ نىكاھسىز دوستلىشىش (يات مىللەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان «مەدەنىي» ئىپادىسى بىلەن ئېيتقاندا «مۇھەببەتلىشىش)...دېگەندەك ئىشلار ئۇلار قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرىپ كەتكەن.... ئەسلىدە «زىيالىيلار»نىڭ بۇ خىل قالاقلىقلىرى، جاھىل خەلقىمىزنىڭ مازار - ماياشىخلارغا بېرىپ ئۇلاردىن ياردەم سوراشلىرىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى جاھىل مۇسۇلمانلار قىلغان خاتالىقلىرىنى توغرىنى بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، سەمىمىيەت بىلەن قىلسا، «زىيالىي»لىرىمىز يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان قالاقلىقلارنى، ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيانلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ... «زىيالىي»لارنىڭ قالاق ئېتىقادلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلىك ئەمەس...
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بىز مۇسۇلمانلار توغرىدىن باشقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇش ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشقا، باشقىلار يېزىپ چىققان ۋە خاتادىن خالىي بولالمايدىغان كىتاپلارنى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بەرسەك، ئىسلام دىنىمىزغا خۇراپاتلىققا ئېتىقاد قىلغانچىلىك ئېتىقاد قىلساق، دىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشقا پايدىسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بەرسەك، توغرىنى قۇبۇل قىلىشقا، خۇراپاتلارنى قۇبۇل قىلىشقا ئالدىرىغانچىلىك ئالدىرىساق... ۋە قىسقىسى ھاياتىمىزنى ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇش ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشقا، ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىدىن يېنىشقا... باشقا ئىشلارنى قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بەرسەك، ھەر مىنۇت، ھەر سىكۇنىتىمىزنى پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشساق، ھەر كۈنى كەچتە دەم ئېلىش ئۈچۈن ياتاققا كىرگەندە «مەن بۈگۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلالىدىم؟» دېگەن سوئالنى، ئەتتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئۆزىمىزگە :«بۈگۈن ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدەپ قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلالايمەن؟» دېگەن سوئالنى قويۇشقا ئادەتلىنىپ، شۇئۇرلۇق، ئاڭلىق بىر مۇسۇلمان بولۇشقا تىرىشساق، بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ....بولمىسا....
«رەببىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىغىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پىشۋاسى قىلغىن»
مەنبە
http:// [url]http://www.uighurislam.net/viewthread.php?action=printable&tid=927[/url]
[ بۇ يازمائاناقۇشئۇۋىسىتەرپىدىن2009-03-11 20:48دە قا ]