«تىللا» غا «چاڭ»قوندۇرۇۋالمايلى — ئاكا، خوتەننىڭ يەرلىك ياڭىقىدىن ئالاي دېگەنىدىم.
— ئۆزلىرى يەملا ياكى سوۋغاتلىققىمۇ؟
— ئۆزۈم يەيمەن، دېسەممۇ بولىدۇ. يېقىن ئاغىنەمگە سوۋغاتلىققا ئالاتتىم.
— ئۆزلىرى تونۇشلىقىمىزنى ئىزدەپ ئالايىتەن قېشىمغا كەپلا. سىلىگە ياڭاقنىڭ نوچىسىنى تونۇشتۇراي:
ئۆيلىرىدە يەيدىغانغا ماۋۇلارنى ئالسىلا، تاشقى كۆرۈنۈشى كۆرۈمسىزرەك بولغىنى بىلەن مېغىزى ئاق، تولغان، يېيىشلىك. ماۋۇ سوۋغاتلىق ياڭاقلار، دانىسى يوغان، كۆرۈنۈشى چىرايلىق. بىراق مېغىزى ئورۇقراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇچەك ياڭاقلار ئارىلىشىپ قاپتۇ. ھەممىسى بالدۇر قېقىۋەتكەننىڭ كاساپىتى دېسىلە. ئەگەر سوۋغاتلىق ياڭاقلارنىڭ مېغىزىمۇ ماۋۇلارنىڭكىدەك بولۇپ كەتكەن بولسا – زە، ھەر قانداق كىشىگە يارايتتى، باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولاتتى.
چۆپقەت بولۇپ كېلىۋاتقىنىمىزغا بىر نەچچە يىل بولغان بۇ باققال تونۇشۇمنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىسىدىن مىننەتدار بولدۇم. ئۇنىڭ خوتەن ياڭىقىنىڭ ھوسۇلى يىلمۇ يىل ئېشىپ، بازىرى تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئازغىنا پايدىنى كۆزلەپ ياڭاقلارنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەپسۇسلىنىشلىرى مېنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ياڭاق ھەققىدىكى كونا – يېڭى پاراڭلارنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمگە سالدى.
ياڭاق خوتەننىڭ كوزىر مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى. ھازىرقىلارغا نەپ، ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماي، مەبلەغ سالغۇچىلار، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خوتەننىڭ يىراق – يېقىنغا داڭقىنى چىقىرىۋاتقان بۇ دەرەخنىڭ خوتەنلىكلەرنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى» دەپ تەرىپلىنىشى بىكار ئەمەس. خوتەننىڭ ھاۋا، تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي شارائىتلىرى ياڭاق دەرىخى ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. باشقا جايلاردا ياڭاق دەرەخلىرىگە كېسەل تېگىپ پورلىشىپ كېتىدىغان، زىيانداش ھاشارات ۋە قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بەرسىمۇ، خوتەندە بۇنداق ئىش ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان. خوتەن ۋىلايىتىدىكىلەر مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلەرنى ئويلىشىپ، 2001 – يىلىدىن ئېتىبارەن «ياڭاق ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش» ئىستراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياڭاقچىلىقنى رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ قىلدى. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېخنىك تەربىيىلەشكە قارىتىپ، دېھقان تېخنىك تايانچلىرىنى تەربىيىلىدى. ياڭاق ئۇلاقچىلىرىنى تەشكىللەپ، يېزا، كەنتلەر، يول بويى، دەريا قىرغاقلىرىدىكى تۆۋەن ھوسۇللۇق ياڭاق دەرەخلىرىنى ئۇلاپ، سورتىنى ياخشىلىدى. سالا ئېتىزلارنىڭ ئوتتۇرىسى، ئېكولوگىيىلىك ئىھاتە ئورمانلىرىنىڭ كۈنگەي تەرىپى ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئورنىغا ياڭاق دەرىخى تىكىپ، ياڭاقلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتى. «دېھقانلار+دېھقانلار جەمئىيىتى+بازار» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ياڭاقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈردى. ياڭاقچىلىقنىڭ پەن – تېخنىكا تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، «خوتەن» ماركىلىق قەغەز ياڭاقنىڭ يېشىل يېمەكلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ياڭاقچىلىق بازىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تېخنىكا مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارغا باغۋەنچىلىك تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى. كۆپ يىل سورت تاللاپ سىناق قىلىش ئاساسىدا، ياڭاقچىلىق بازىلىرىنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ئىقتىسادىي كۈچى كۈچلۈك كارخانىلارنى ياڭاقچىلىقنى ئاساس قىلغان يېشىل يېمەكلىك خام ئەشيا بازىسى ۋە ياڭاق پىششىقلاش كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، يۈرۈشلەشكەن ياڭاقچىلىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈردى. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى سورتلۇق ياڭاق كۆلىمى 837 مىڭ 100 مودىن كۆپرەككە، ياڭاق دەرىخى 13 مىليون 456 مىڭ تۈپكە، مېۋىگە كىرگەن ياڭاقلىق كۆلىمى 312 مىڭ 100 موغا، يىللىق ياڭاق ھوسۇلى 27 مىڭ 500 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 464 مىليون 767 مىڭ يۈەنگە يەتتى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاساسلىق ياڭاقچىلىق بازىسى بولغان خوتەن ناھىيىسىنىڭ ياڭاق ھوسۇلى يىلىغا %20 –– %30 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، 2020 – يىلىغا بارغاندا، بۇ ناھىيىنىڭ ياڭاق ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە ياڭاق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %10 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى 1998 – يىلى خوتەن ناھىيىسىگە «جۇڭگونىڭ ياڭاق ماكانى» دەپ نام بەردى، 2000 – يىلى خوتەن ناھىيىسى«خوتەن»ماركىلىق قەغەز ياڭاقنى رويخەتكە ئالدۇردى، 2001 – يىلى بۇ ياڭاق «جۇڭگونىڭ ئەلا سورتلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى» بولۇپ باھالاندى، 2003 – يىلى 3 – ئايدا «جۇڭگونىڭ داڭلىق مېۋىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېشىل يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى 2006 – يىلى 2 – ئايدا خوتەن ناھىيىسىنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى (خوتەن قەغەز ياڭىقى)نى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتتى...
ئەپسۇس، خوتەن ياڭىقىنىڭ شۆھرىتى كۈنسايىن ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يىلدىن – يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان خۇشاللىنارلىق پەيتلەردە، ئاز بىر قىسم كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ، ياڭاقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قېقىپ بازارغا سېلىپ، خوتەن ياڭىقىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزدى. سورتلۇق ياڭاقلارغا ئادەتتىكى ياڭاقلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ھەتتا پۇچەك ياڭاقلارنى سورتلۇق ياڭاقلارنىڭ ئارىسىغا قېتىۋېتىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، «تىللا»غا «چاڭ» قوندۇرماقتا. بۇ ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا، مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان ناچار قىلمىش. بۇنىڭغا سەۋەبنى نەدىن ئىزدەش كېرەك؟
مەن ھەر يىلى 7 – ، 8 – ئايلاردا خوتەندە كۆپ قېتىم مۇخبىرلىق قىلدىم. دائىم شۇنداق بىر ئەھۋالغا دىققەت قىلدىمكى، ھەر يىلى 7 – ئاي كىرە – كىرمەيلا خوتەندە كۆك ياڭاقلار بازارغا كىرىشكە باشلايدىكەن. كۆك ياڭاقلارنى چېقىپ ساتىدىغان باققاللار دوقمۇش – دوقمۇشلاردىن ئورۇن ئېلىپ، بىر پىيالە ياكى كىچىك بىر تەخسە مېغىزنى ئىككى – ئۈچ يۈەندىن بەش – ئون يۈەنگىچە ساتىدىكەن، چىرايلىق يەشىكلەرگە قاچىلاپ، باشقا جايلارغا يۆتكەيدىكەن. بۇ چاغدا ياڭاقلارنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى ئەرزان بولغاچقا، باققاللار ئالدىغا كەلگەنلىكى ياڭاقنى ياق دېمەي سېتىۋالىدىكەن، چېقىپ سېتىپ بولالمىغانلىرىنى ئۆيلىرىگە يىغىپ، كېيىنكى كۈنلەردە ياخشى ياڭاقلارغا ئارىلاشتۇرۇپ قولدىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، خوتەندە 7 – ئايدىلا ياڭاق سودىسى قىزىشقا باشلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ياڭاق مېغىزى 7 – ئايلاردا قېتىشقا باشلىسىمۇ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا ئاندىن رەسمىي تولۇپ، تەم كىرىپ، دېھقان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ‹‹ياغلىشىدۇ››كەن. 9 – ئايلاردىن باشلاپ، ياڭاقنىڭ تاشقى پوستى بىلەن شاكىلى ئاجراشقا باشلايدىكەن، 9 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ياڭاق قاقىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل (ئەمەلىيەتتە، قانچە كېيىن بولسا، شۇنچە ياخشى) بولۇپ، بۇ چاغدا ياڭاق مېغىزى رەسمىي تەمگە كىرىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە باشقا جەھەتلەردە ۋايىغا يېتىدىكەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، مۇددەتتىن ئىككى ئاي ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن قېقىۋېتىلگەن ياڭاقنىڭ مېغىزى، سۈپىتى، تەمى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
شان – شەرەپ، نەتىجە ۋە پارلاق ئىستىقبال جاپالىق ئەجىردىن كېلىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىدىكىلەرنىڭ ياڭاقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زور كۆلەمگە ئىگە قىلىشى، خوتەن ياڭىقىنى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلغۇدەك زور شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرەلىشى نۇرغۇن ئەجىر – مېھنەت بەدىلىگە كەلگەن. ھالبۇكى، بىر تال سېسىق ئالما بىر سېۋەت ئالمىنى سېسىتالىغاندەك، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ، «تىللا» غا «چاڭ» قوندۇرۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . ئىگىلىشىمچە، قاغىلىق ناھىيىسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياڭاق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياڭاقلارنىڭ سۈپىتىگە باشتىن – ئاخىر قاتتىق تەلەپ قويغان. ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس تەدبىر قوللىنىپ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ياڭاق قېقىشىنى قەتئىي توسقان. مېنىڭچە، بۇ تەدبىر باشقا جايلارنىڭمۇ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ھەر قانداق ئىشنىڭ ۋاقىت – سائىتى بولىدۇ. ۋاقىت – سائىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى كېمىيىپ قالغان ئىش ياخشى ئاقىۋەت بەرمەيدۇ. خوتەن ياڭىقىنىڭ ھازىرقىدەك شۆھرەتكە ئىگە بولۇشى ئاسانغا توختىمىغاندەك، بۇ شۆھرەتلىك ئورۇننى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ھەممىمىز خوتەن ياڭىقىنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا چارە – تەدبىر كۆرسىتەيلى، ئازغىنا پايدا – مەنپەئەت ئۈچۈن خوتەن ياڭىقىنىڭ شۆھرىتىنى قۇربان قىلىۋەتمەيلى.