ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنلىقىنىڭ 11 - مارتتىكى خەۋىرىدە : ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەنوبىي دېڭىز سۇ تەۋەلكىدە داۋامىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان . ئامېرىكىدىكى غوللۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىگىنىڭ 09 - مارتتىكى باياناتى ئۈستىدە كۆپ توختالغان . شۇ كۈنىدىكى ئىككى باياناتتا : ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ « نۇقسانسىز » نامىدىكى كۈزۈتۈپ ئۆلچەش پاراخوتىنىڭ 08 - مارت ، جوڭگو جەنوبىي دېڭىز سۇ تەۋەلكىدە سۇ ئاستى ئاۋاز دولقۇنىغا ئائىت ماتىريال توپلاۋاتقاندا ، جوڭگو دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى ، بېلىقچىلىق ئورنى شۇنداقلا جوڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بەش دانە پاراخوتىنىڭ پاركەندە قىلىشىغا ئۇچۇرىدى ، ئامېرىكا تەرەپ مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلى جوڭگوغا ئېتىراز بىلدۈردى ، دەپ خەۋەر بەرگەن . ئامېرىكا گوۋويەنى باياناتچسى : ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن خەلقئارالىق سۇ تەۋەلىگى ، جوڭگۇنىڭ بۇ ھەركىتى توغرا بولمىغان كەسپىي مەشۇلاتقا ياتىدۇ ، « خەلقئارا قانون » غىمۇ خىلاپ ، دەپ سۆز قىلغان . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنلىقى : بۇ ۋەقەگە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ نارازلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەمدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شۇ ئورۇندا داۋاملىق مەشغــــــۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان . 10 - مارت ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىگى دائىملىق مۇخبېرلارنى كۈتۈۋلىش يىغىنىدا : ئامېرىكىنىڭ ئېتىراز قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى ئاقنــــى قارا قىلغانلىق ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتى رۇخسەتسىز ھالدا جوڭگۇ سۇ تەۋلىكىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى « قانونسىز ھەرىكەت » شۇنداقلا خەلقئارالىق قانون ۋە جوڭگۇ قانونىغىمۇ خىلاپ ھەرىكەت دەپ ، ئىپادە بىلدۈرگەن .
W$Ay8:h$x' hyL7TpRQ مەنبە :
http://news.ifeng.com/world/200903/0311_16_1056034.shtml F>}|aV}ts Y= zs^l 2009 - يىلى 03 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ، غۇلجا .