بىلىش كىرەككى ، يىلاننىڭ قىسىملىرى كۆپ بولۇپ ھىساپ دائىرىسىدىن تاشقىرىدۇر . بەزى يىلانلارنىڭ چاققىنىغا چارە يوقتۇر . مەسىلەن بېشىدا تاجى بار مەلىكىمار (يىلاننىڭ پادىشاھى) دىگەن يىلان ۋە باشقىلارغا ئوخشاش بولۇپ ، ئەلقانۇن فىت تىبتا ئەتراپلىق ئېيتىلدى .
زەھەرلەرنى دەپئى (توسۇش) قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئالتە تۈرلۈك بولىدۇ :
1 . تەبىئىي ھارارەتنى قوزغاپ ئىچكى ھارارەتنى قۇۋۋەتلەيدىغان بىر نەرسىنى بېرىش كىرەك . شۇ سەۋەپ بىلەن تەبىئەت ( بەدەننى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەت ) كۈچلىنىپ زەھەرنى دەپئى قىلىدۇ . مەسىلەن تەرياقى كەبىر دىگەن دورىلار ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىدۇ .
2 . زەھەر ھۆللۈككە قۇشۇلۇپ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەنگە تارقاپ كەتمىسۇن ۋە ئەزايى رەئىسەلەرگە يېتىپ قالمىسۇن ئۈچۈن بەدەندىكى ھۆللۈكلەرنى تىزدىن چىقىرىش كىرەك . ھۆللۈكلەرنى چىقىرىش ۋە ئازايتىشنىڭ ئۇسۇلى قەي قىلىشتۇر . كىيىن قان ئېلىش ، ئىچىنى سۈرۈش ، سۈيدۈكنى ماڭدۇرۇش قاتارلىق چارىلەردۇ . ئەمما قەي قىلىش ھەممە خىلدىكى زەھەرلەردە مەنپەئەت قىلىدىغان كۈللى چارىدۇر . قان ئېلىش چارىسى ئۇنداق ئەمەس . بۇنى ھەممە جايدا قوللىنىشقا بولمايدۇ .
3 . تەجرىبىدىن ئۆتكەن پاد زەھرىنى بېرىش ۋە شۇ زەھەرگە مەخسۇس بولغان تەرياق (زەھەر قايتۇرغۇچى ) نى بېرىش مەسىلەن تىمساھ ( لەھەڭ ) نىڭ گۆشىنى لەھەڭ چاققان ۋە چىشلىگەنگە ، ئەپئى ( بىر خىل يىلان ) نىڭ گۆشى ئەپئى چاققانغا بېرىلگەنگە ئوخشاش .
4 . چاققان چايۋاننىڭ مىزاجىغا قارىمۇ قارشى بولغان دورىنى بېرىش كىرەك . مەسىلەن : ھىڭ چاياننىڭ مىزاجىغا قارىمۇ قارشىدۇر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.
5 . خىلىتلارنى قوزغايدىغان ۋە ھەركەتلەندۈرىدىغان دورا ۋە ئەمەلنى قىلىش كىرەك . شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت زەھەرنى قوزغىغان تەرىقىدە تىرە تەرەپكە سۈرۈپ دەپئى قىلىدۇ . مەسىلەن : تەرلەنگۈچى دورىلار بىلەن ياكى يۈگۈرتۈش بىلەن ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن تەرلەتكەنگە ئوخشاش . لىكىن بۇ چارە خەۋپتىن خالىي ئەمەس .
بەزىدە خىلىتلارنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكى زەھەر ئەزايى رەئىسەلەرگە تارقىلىپ ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ .
6 . زەھەرنىڭ تارىلىپ كىتىشىنى توسىدىغان بىرەر چارە تەدبىر قىلىش . ئەگەر مۇمكىن بولسا ، شۇ يىلان چاققان ئەزانى كىسىپ بەدەندىن ئاجرىتىپ تاشلاپ ئاندىن داغلىۋېتىش كىرەك .
يەنە بىر خىل ئۇسۇل : ئەزانىڭ يىلان چاققان جايىغا نەشتەرلىك ياكى نەشتەرسىز لوڭقا قويۇش ياكى لوڭقا قويماستىن پەقەتقىنا شۇ جاينى تىلىۋېتىش ياكى شۇ جايغا زۈلۈك قۇرتىنى قۇيۇش كىرەك . مانا بۇ ئۇسۇل بىلەن زەھەر ھەم چىقىپ كىتىپ بەدەن تەرەپكە مايىل بولمايدۇ .
چايان چاققاننى ئەتراپلىق داۋالاش ئۇسۇلى
ئالامىتى : چاققان جاي ئىششىيدۇ ، قىزىرىدۇ ، قاتتىق بولىدۇ . شۇ جايدا قاتتىق ئاغرىق سىزىلىدۇ ، ئەگەر چاياننىڭ نەشتىرى ھەرىكەتلىك تۇمۇرغا تەككەن بولسا ، بىھۇشلۇقنى كەلتۈرىدۇ ، ئەگەر پەيگە تەككەن بولسا ، سەرئى بولۇش ، باش ئاغرىتىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرىدۇ .
داۋالاش : چاققان جاينىڭ يۇقىرىراقىدىن دەرھال بوغۇۋېتىش ، لوڭقا ئارقىلىق زەھەرنى شوراش، قىزىق سۇ بىلەن ياكى بابۇنە ، بۇغداي كىپىكى ، بەرەنجاسىپ ، سۇزاپلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن ئەزانى يۇيۇش ، پىندۇق ھىندىنى ئېغىزىدا چايناش ، ھاۋانچىدا سوقۇپ شۇ جايغا قۇيۇش ، پىننە ، ئارپىنىڭ ئۇنلىرىنى ئىزىپ سۇزاپنىڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېڭىش ياكى گۈڭگۈرت پوقى ، زىغىر ئۇرۇقى ، تۇز ، سىقىچلارنى ياكى قۇندۇز قەھرىنى ياكى سامساقنى سوقۇپ ، زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېڭىش لازىم . بۇلارنىڭ قايسىسى تېپىلسا شۇنى تېڭىش كىرەك . پەرپىيۇن يېغى ، زەنبىق يېغىنى سۈركەپ ياغلاش ، سامساق ، ھىڭ ، ئاقىرقەرھالارنى شاراب بىلەن ئىچۈرۈش ياكى 3.5 گىرام ھىڭنى 32 گرام شاراب بىلەن ئىچۈرۈش ، تەرياقى ئەربىئە ، سەنجىرىنا ، سامساقلارنى 32 گرام مىقدارى ياڭاقنىڭ سۈيى بىلەن ياكى بىر ئاز شاراب بىلەن ئىچۈرۈش مەنپەئەت قىلىدۇ . تەرلىتىش ، مۇنچىغا بېرىش ھەم مەنپەئەتلىكتۇر ، ئەگەر شۇ چېقىلغان ئەزانى تەرلىتىشكە بىرەر چارە قىلىپ شۇ ئەزا تەرلىتىلسە ياخشىراق بولىدۇ . مۇنچىغا بارغاندىن كىيىن شاراب ئىچىش بەك مەنپەئەتلىكتۇر . تاماققا ئىشلىتىدىغان تۇزدىن بىر ئاز ئىچىش مەزكۇر زەھەر ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولىدۇ .
بەزىلەر ئەگەر تۇرۇپ ۋە بادرۇجلارنى يىسە ، ئۇ ئادەمنى چايان چاقسا زەھەر تەسىر قىلمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چايان كۆپ بولغان جايدا تۇرۇپ ۋە بادرۇج (تاغ رەيھىنى ) لارنى يىيىشنى ئادەت قىلىش لازىم .
تىىرىدكى ئۇششاق تۈشۈك ۋە بەدەندىكى يوللارنى ئاچقۇچى بولغان نەرسىلەردىن مەسىلەن : كەرەپشە ئۇرۇقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن ساقلىنىش لازىم .
كىتاب نامى : تىببىي ئەكبەر
مەنبە : 80 خالتا ئۇيغۇر تىبابەت تورى .
http://www.80halta.comبېتىمىز يېڭىلىقلىرى:
1.ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ياخشى چارىسى بارمىدۇ؟
2.قارامور (قاراقېرىنقۇلاق ) بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئال...
3.ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق بىخەتەر چارىلىرى...
4.ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر (1)
5.<<سڭلىمنىڭ ئىشى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم...
6.ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك ( مېڭە يېگىلەش ) كېسىلىگە...
7.خامۇشلۇق روھىي كېسەللىكمۇ ياكى جىسمانىي كېسەللىك؟
8.يۈزىگە مۇدۇر چىقىش بىلەن ئادەت قالايمىقان بولۇشنىڭ...
9.ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا نېمە سەۋەب...
10.ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەتكە قارىتا قانداق چارە قى...
[ بۇ يازمائالىپتىكىنتەرپىدىن2009-03-11 15:21دە قايتا ]