ساختا مۆجىزىلەر دىنىمىزنى بۇلغىماقتا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ...مېنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۇرۇپ بىلىشىمچە يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان مەلۇم قارا كۈچ دىنى ئىتىقاتى ئاجىز ۋە دىنى بىلىمى سۇز ئويغۇرلار ئىچىگە بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى قىلماقتا بۇنىىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك :
1.ئامال بار دىنى بىلىملەرنى سۈي ئىستىمال قىلىپ قوللىنىش ئارقىلىق بەزى دىنىمىزدا بىتئەت سانالغان كۆز قاراشلارنى ياشلارغا سىڭدۈرۈش مەسىلەن مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئەۋرىتىنى تولۇق ياپماسلىق مەسىلىسى ،ھالال ھارم مەسىلىسى ..بەزى ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان ئىنچىكە دىنى مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ خالىغەنچە پەتىۋا بىرىش ياكى ئويدۇرما پەتىۋا بىرىپ قايمۇقتۇرۇش.
2.يالغان مۆجىزىلەرنى توقۇپ چىقىپ تارقىتىش ..بۇنىڭ ئوبىكتى يەنىلا كەڭ دىنى ئىتىقاتى ئاجىز ۋە دىنى بىلىمى كەمچىل مۇسۇلمانلار بولۇپ بۇنداق يالغان مۆجىزىلەرنى كۆرگەندە ئىسلامغا بېشىچىلاپ كىرىپ ساختىلىغى ئىسپاتلانغاندا ئىسلامنى ئىتىقاتى سۇسلىشىش كەيپىياتى شەكىللەندۇرۇش .يەنى مۇشۇ يوللار ئارقىلىق ئىسلامغا مەسخىرە قىلىش ..
مەسىلەن:يېقىندا <ئاللاھنىڭ مۆجىزىلى> دەيدىغان بىر فىلىم توردا ۋە جەمىيەتتە ئېقىپ يۇردى .ھەتتا بەزى يەرلەردە بۇ دەي ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن بولىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى .بۇ فىلىمدىكى زور كۆپچىللىك ئاللاھنىڭ تەبىئەتتىكى بىشارەتلىرى ھەقىقەتەن بەرھەق راست ئىكەنلىكىنى كۆپچىللىك ئىتىراپ قىلىمىز..لېكىن بەزىلىرى ئويدۇرما :فىلىمنىڭ دەسلىپىدە چىقىدىغان ئانىسىغا ھاقارەت قىلىپ مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن قىزنىڭ رەسىمى بولسا بىر ساختا ۋەقە ۋە ساختا رەسىم .بۇنى ياساشتا ئىشلەتكەن سۇرئەت ئاۋۇستىرالىيەدىكى بىر ئاق مۇم سەنئىتى تونۇشتۇرۇلغان تور بىكەتتىن كىسىپ ئېلىنغان .ئۇنىڭ ئۇستىگە پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مىراج كىچىسى 50 ۋاق نامازنى 5 ۋاق قىلىپ ئۆتەشنى ،ئۈممەتلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلى سۇرئىتى مۇپەتتەل بولماسلىغىنى تىلىۋالغان بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز ..ئىسلامنىڭ رھى بويىچە بىر ئىنساننىڭ گۇناھى تۈپەيلى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ..لېكىن ئىچى يامانلىغى تۈپەيلى چىرايى بەت بەشىرە بولۇپ كىتدىغان ئىشلار بار ..
بۇ رەسىملەرنىڭ كىلىش مەنبەسى بولغان تور بىكەت ئادرىسى
http://www.roslynoxley9.com.au/artists/31/Patricia_Piccinini/249/ پايدىلانغان رەسىم
بۇ رەسىمنى بەزىلىرىمىز كۆرگەن بولىشى مۇمكىن .بۇ بۇنىڭدىن ئىككى يىل مۇقەددەم ئويغۇر تورلىرىدا بىر مەھەل غۇل غۇلا قوزغىغان رەسىم بولۇپ ،يەنى بىراۋ گۇناھى تۈپەيلى مۇشۇ مەخلۇققا ئايلىنىپ كىتىپتۇمىش ..لېكىن مۇ دەل ئاق مۇمدا ياسالغان ھەيكەل ..بۇ گۇزەل سەنئەت تور بىكىتىنىڭ ئىسلام بىلەن ھىچ قانداق ئالاقىسى يوق ..تۆۋەندىكى :
.يالغان ۋەقەلەرنى خەلىق ئىچىگە تارقىتىش .مەسىلەن پالانى كىشى چۈشۇدە پەيغەمبەرنى كۆرۈپتۇ..............دىگەندەك مەزمونلار يېزىلغان باغاقچىلارنى تارقىتىش ھەمدە تارقاتمىسا قورقۇتۇپ ئەگەر تارقاتمىسا ئويىگە بالا قازا كىلىدۇ دىگەندەك ئەپ قاشتى گەپلەر ..جەميىتىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان خەۋەرلەر بەك كۆپىيىپ كەتتى يېقىندا...
4.توخو ۋە شىر ۋەقەسى ..بۇ فىلىمنى كۆپچىلىك كۆرگەن .بۇلارنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى بىر ئاللاھ تائالادىن بۆلەك ھىچ بىر ئىنسان بىلمەيدۇ .ئىسلامدا سۇلايمان ئەلەھىسسالام ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدۇ دەيدىغان گەپ بار .دىمەك سۇلايمان ئەلەھىسسالامدىن باشقا ھىچ بىر ئىنسان ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ.شوڭا شىر تەگبىر ئېيتىۋاتىدۇ دەپ چوقۇم دىسەك بۇ ئاللاھ ئورنىدا ھۆكۇم چىقارغان بولمامدىمىز؟
...مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ..پېقىر ئىسلامغا تىخى يېڭى بولغاچقا يوقىرقى يازمىلىرى ئىچىدە خاتالىقلار يۇز بىرىشى تەئىبى ..لېكىن يېقىندا دىنىمىزدا يۇز بىرىۋاتقان پىتنىلەرنى كۆرۇپ ئۆزەمنى باسالماي قالدىم..كەڭ قېرىنداشلارنىڭ پېقىرگە تەنبىھ بەرمەي تەلىم بىرىشىنى ئۆتىنىمەن..
مەنبە ؛
http://bbs.yulghun.com[ بۇ يازماكـاپىتانتەرپىدىن2009-03-11 19:23دە قايتا ت ]