[u=LN!os <<بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . بەزىدە سىزدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن . سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . >> ; zF.4 ^Artrm` زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان چىرايىدا چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى . Y
-)}+m
زاھىرە تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، ئەكرەمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ بىر نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئاخىرى تاقەت قىلالمىدى . خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ، كونۋىرتقا سالغاندىن كىيىن كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ياستۇقنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان نەرسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇ - ئەكرەمنىڭ بەش سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمى ئىدى . زاھىرە رەسىمگە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قارىدى ، رەسىمدىكى كۆزلەر ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇراتتى . بۇنىڭدىن سېغىنىش ئوتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى . بەزىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۈمۈلۈشمۇ ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسىنى سېغىنىشمۇ مۇشۇنداق ئازاب ئىكەن . زاھىرە رەسىمگە سىنچىلاپ تىكىلگىنىچە ، رەسىمنى ئىختىيارسىز لەۋلىرىگە ئەكەلدى . خۇددى....خۇددى ئەكرەمنىڭ تۇنۇش ، شىرىن ھىدلىرى كەلگەندەك بۇلۇپ ... زاھىرەنىڭ لەۋلىرى تىترىدى ، ئەمما رەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە مۇز ئويۇپ قالغاندەك ئەندىكىپ توختاپ قالدى ، ۋۇجۇدى مۇزلىغاندەك بولدى . ئاھ مۇھەببەت ، ئاھ سېغىنىش نىمىدىگەن ئازابلىق -ھە ؟!... Alal{lctT
ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى زاھىرەنى ئازابلىق ھەم شىرىن خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ياتاقدىشى رەنا بىر قۇلىدا تاماق قاچىسى ، يەنە بىر قۇلىدا چايداننى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى .ئۇ زاھىرەگە قاراپ :<<ھەي ،دەردى بار ساراڭ >>دەپ كۈلۈپ قۇيۇپ شىرە يېنىغا باردى . قۇلىدىكى تاماق قاچىسىنى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ ، كۇرۇشكىلارغا قايناق سۇ قويدى . O
9 x%zvl(
-تاماق يىدىڭمۇ ؟-دېدى ئۇ زاھىرەگە قاراپ ،-كەل ، تاماق يىمىگەن بولساڭ بىللە يەيمىز ، بەك ئوخشاپ كىتىپتۇ . Y7tPq:i z
زاھىرە پەرىشان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويدى ، رەنا ئارتۇق تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى. زاھىرەمۇ ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرۋەردى. V/jM#GR0
- زاھىرە ،ئۇنداق ئاھ چىكىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق ،-دېدى رەنا ،-سېنىڭ <<ئاھ >>لىرىڭنى بەرىبىر ئۇ ئاڭلىمايدۇ . كېلىپ بۇ بىچارە ھالىتىڭنىمۇ كۆرمەيدۇ . <<سېغىنىشتىن يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ .>>دەپمۇ ئويلىما . بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى قىيناشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ . ماڭا باشقىچە قارىما ، شۇنداق جاھان بۇ ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىلىش ھامان بۇلۇپ تۇرىدۇ .مەكتەپكە كەلگىنىڭگە ھەپتە بولماي بۇنچە سېغىنىپ كەتسەڭ ،كىيىن قانداق قىلارسەن ؟... p(y @
زاھىرە رەناغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدى ، ئەتىدىن -كەچكىچە ئولتۇرۇش دەپ گىرىم قىلىپ يۈرۈيدىغان بۇ قىزنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ھەرگىز كۈتمىگەنىدى، ياق ئويلىمىغانىدى . زاھىرە <<بۈگۈن رەناغا نىمە بولغاندۇ ؟..>>دىگەندەك قىلىپ ھەيرانلىق بىلەن بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئورنىدىن تۇرۇپ شىرە تۈۋىگە ، رەنانىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى . AS#
I3tk
- بەللى ئاداش ،-دېدى رەنا يەۋاتقان تاماق قاچىسىنى زاھىرەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ،-بىر ياتاقتا ياتقىنىمىزغىمۇ بىر يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ ،قاچانلا قارىسام شۇنداق مەيۈس يۈرۈيسەن ،بۇنداق يۈرۈپ نىمىگىمۇ ئېرىشەلەيتتىڭ ، تېخى تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپسەن .... _5?76U!T>
زاھىرە شۇندىلا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ تازا ئوخشىغان پولونى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى. r^7b!n4b
-ئاداش ،-دېدى زاھىرە تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى تاراۋاتقان رەناغا قاراپ . X)$/0.
-ئوۋ... %GX0e*6[5
-رەنا ، سەنمۇ مۇھەببەتلەشكەنمۇ ؟ Gq`QdG%1{
-قويە ئاداش مۇھەببەتلىشىش دىگەننى ، بىلسەڭ مەن ئىككى قېتىم يۈرۈپ ، كۆپ زەربە يىگەن . يىگىتلەردىن ئاسانلىقچە ۋاپا كەلمەيدۇ . بىرىنچىسى بىلەن ئارلىشىپ بىر يىل بۇلاي دىگەندە ، باشقا بىرىنى تېپىۋىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بەردى ، يەنە بىرسى ، ئۇنى سەنمۇ تۇنۇيسەن . ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى كېرەم . ئارلىشىپ بىر ئاي ئۆتە -ئۆتمەيلا يۇرتدىشى زۆھرە بىلەن يۈرىۋالدى . ۋاي ، نىمە دەي ...سەتلىكىنى ئۇ نىمىنىڭ . شۇ ۋاقىتتا قانداق بۇلۇپ يۈرۈپ قالغان بولغىيتتىم ؟!... 6 4>t+m
<<تازا غەلىتە ئىكەنغۇ ، بۇنداق ئادەملەردە ھەقىقىي مۇھەببەت ھىسىياتى نىمە ئىش قىلسۇن ،-دەپ ئويلىدى زاھىرە ، ئۇنىڭ يىگىتلەر ھەققىدىكى گېپىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدىيۇ .-شۇنداق ئىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەننىڭ نىمە پايدىسى ...>>
G1U!7U
-ھەي ،-دېدى رەنا ئېغىر خۇرسىنىپ ،-ساڭا ھەيرانمەن ، ئۇ يىگىتنى بەكلا ياخشى كۆرىسەن ، دەردىڭنى ئوبدان بىلىمەن . بەزى كېچىلىرى تېخى <<ئەكرەم >>دەپ جۆيلۈيسەن ...لىكىن ئوبدان ئويلاپ باقە ، ئۇ ساڭا ئارلاپ -ئارلاپ تېلفۇنمۇ قىلىپ قويمايدۇ ، تېخى بۇ چاققىچە بىرەرسىنى تېپىۋالدىمۇ تېخى .... `YLpXaU"f
بۇ گەپ زاھىرەنىڭ يۈرىكىگە ۋاششىدە تەگدى . ھەي مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت ، ھەر يۈرەكتە بايرىقىڭ ئۆزگىچە لەپىلدەر ... ]ymu"t
<<يامان ئاغزىڭغا خۇدايىم بالا بىرە ، نىمانداق گەپلەرنى قىلىدۇ بۇ ساراڭ . بۇنداق ئادەملەرگە دەرت تۈكۈپ ئۆزۈممۇ ساراڭ >>زاھىرە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ ، رەناغا ئاچچىقى كىلىپ ئالىيىپ قاراپ قويدى . رەنا پەرۋاسىز ھالدا گىرىم قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . j6rBTS9
زاھىرە ئەكرەمگە يازغان خەتنى تېزراق سېلىۋىتىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا قاراپ ماڭدى . ئەكرەم يادىغا كىلىۋىدى ، بايا رەنا دىگەن گەپلەرنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىشتى . <<بولدى ، ئەمدى مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ يۈرمەي ياخشى ئوقۇيمەن .>>دەپ ئويلاپ باشقا نەرسىلەرنى خىيال قىلىشقا تىرىشتى . بىراق ، ئەكرەم ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە كىرىۋالدى . دىمىسىمۇ ئۇ خۇددى زاھىرەدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولغاندەك ، بىر ھەپتىدىن بۇيان زاھىرەگە بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلىپ قويمىغانىدى . بۇنىڭدىن زاھىرەنىڭ يىغلىغۇسى كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشقاندىمۇ ، نەملەشمىگەن بۇ كۆزلەرگە لۆممىدە ياش كەلدى ... rk3?yIbmV 5e2 pa!" fa&g__; ئۆستەڭ بۇيىدا ساقلىدىم سىنى ، ;)G;mi:k
يۈزۈڭنى كۆرمەي سېغىندىم سىنى . Zc06Rjtaq
قارا قاشلىق گۈزەل يايرىم ، 1\j/;yH%!
ئىشقىڭدا ئىزىلسە مەيلىتى دىلىم . bCAl@B
@joL8<{
تاڭمۇ ئاتىدۇ كەچمۇ بۇلىدۇ ، t
مۇھەببەتلەشمەك شۇنچە تەسمىدۇ . nh**>p1
ئايغا قاراپ ناخشا ئېيتسام ، w7Nd' i
كۈيلىرىمدە يۈرەكلىرىم كۈيىۋاتىدۇ ... 6K_G;jA7F
Yyi~Es*#
مەزمۇنى نىمىدىگەن چوڭقۇر ، مۇڭى نىمىدىگەن ئېغىر ناخشا بۇ ؟ تېلفۇنىدىن چىقىۋاتقان بۇ ناخشا زاھىرەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . <<تاڭمۇ ئاتىدۇ ، كەچمۇ بۇلىدۇ . مۇھەببەتلەشمەك شۇنچە تەسمىدۇ...>> دىگەن مىسرالارنى پىچىرلاپ باغرى ئىزىلىپ كەتتى . يۈزىنى ياستۇققا چىڭ بېسىپ ۋۇجۇدىدا دەۋرەپ تۇرغان سېغىنىشنى بېسىشقا تىرىشتى . ..ئاندىن يەنە قۇلىنى ئېھتىيات بىلەن ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئەكرەمنىڭ رەسىمىنى سىلىدى . ئەمما چىقىرىپ كۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى .سېغىنىش نىمىدىگەن ئازاب - ھە ! ئەنە ناخشىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ بالىلىق مەزگىللىرى ، گۈزەل مۇھەببەتلىك ھاياتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەكتە .... {fb>*cV'
q\O\0@qy:
^P _K6p,'9
زاھىرە ،مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قاچانلاردا بىلدى ، شۇندىن باشلاپ ئەكرەمنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ئاستا -ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى . ئىككىسى تۇلۇقسىز دىن تارتىپ بىر سىنىپتا ئوقۇشقا باشلىغان ، قىزىقارلىقى تۇلۇق ئوتتۇرىدىمۇ بىر سىنىپ ، بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ قالغانلىقى ... زاھىرە ئەكرەمنى كۆرسىلا قىزىرىپ گەپ قىلالماي قالاتتى ، تېخى دەرس ۋاقتىدا سىرلىق رەۋىشتە ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قارايتتى، قاپقارا قاش ، ئوتلۇق ،يوغان كۆزلەر ... (QHEpV<9o
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇلار تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا قەدەم باستى ، بىىر قېتىملىق ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدىن كىيىن ئەكرەم زاھىرەگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ خەت يازدى . بۇنى كۈرۈپ زاھىرەنىڭ خۇشاللىقىدىن يۈرەكلىرى يېرىلىپ كىتەيلا دىگەن ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار يۈرۈپ قالدى ، كۈندە بىللە دەرس تەكرار قىلاتتى ، كەلگۈسى توغۇرلۇق تاتلىق -تاتلىق پىكىرلەرنى قىلىشاتتى .... Na'Vj5:}
لىكىن رىئاللىق ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى ، ئەكرەم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن ، زاھىرە داڭلىق ئۇنۋىرستقا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى . سۆيگەن يىگىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ئاشۇ زاھىرەگە ئوخشاش ئايرىلىش ھىجرانىنى تېتىغانلارلا تۇللۇق چۈشىنەر بەلكىم . ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىدىن خۇشال بۇلۇپ ،ئالەمچە بەختلەرگە چۈمۈلىۋاتقان ئەشۇ مىنۇتلاردا زاھىرە بىلەن ئەكرەم دائىم بىللە بارىدىغان باغچىدا بىر -بىرىگە قېنىشماي ، بۇنداق ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقا ، تەقدىرنىڭ ئۇلارغا قىلغان بۇ ئازابىدىن زارلىنىپ تۇراتتى ....زاھىرەگە قاراپ ئەكرەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلدى . fsj]};G
-بولدى يىغلىما جېنىم ...سەن يىغلىساڭ مىنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدىكەن . ~W`ps<
0FK
-بىلەمسىز ئەكرەم ...مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىدى ، سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ئوقۇيمەن ، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن....-زاھىرە تېخىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتى . ئەكرەممۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۈتەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ كۆز يېشى قىلدى . 0n .u d
- ياق .. ھېچكىم بىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، مەن سىنى سۆيىمەن ...ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە سۈيىمەن . ماڭا ئىشەن گۈلۈم ، مەن سىنى ساقلايمەن !،-ئەكرەم شۇنداق دەپلا TZg!M(HM
ۋەدىمىز ۋەدە ، قالمايدۇ يەردە ، ۋەدىمىز يەردە قالسا ئەگەردە ، ئېيتىڭچۇ قىزچاق ،ۋىجدان قەيەردە ؟!-دەپ قوشاق تۇقۇپ زاھىرەنى كۈلدۈرۋەتتى .. Y'R<^0C
-ئەمىسە ۋەدىمىز ۋەدە ..مىنى ساقلاڭ ، مەن چۇقۇم ياخشى ئۇقۇپ ، گۈزەل كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىمەن ! 0S_UzkE
-چۇقۇم شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ... مەنمۇ ئىش تېپىپ ئىشلەپ ساڭا پۇل ئەۋەتىمەن . سەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىينلا تۇيىمىزنى قىلىۋالىمىز ... ._XpQE&
-ئەمىسە سىزگە ئىشىنىمەن ئەكرەم . 0\b<&[u3
مۇھەببەتلىك لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، ئاي ئۇلارنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ ئۇماق جىلمايدى . ~PK&coo-
شۇنداق قىلىپ زاھىرە بۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ ، يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭدى ، كۆز ياشلىرىنى يۇم -يۇم تۈكۈپ ئەكرەمدىن ئايرىلدى ، ئەكرەممۇ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ، پاك بولغان ۋەدىلەرنى ، بەخىتلەرنى تىلەپ قالدى . I'~e3Oaf
زاھىرە شۇلارنى ئويلاۋىتىپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى ، ئەكرەمنى كۆرگۈسى كىلىپ رەسىمنى ئاخىرى چىداپ تۇرۇپ ياستۇق ئاستىدىن ئالدى ،ھەم رەسىملەرگە لەۋلىرىنى يېقىپ ئاللاھدىن تىلىدى : +9_haD&J
-ئۇلۇغ ئاللاھ ، مۇرات -مەقسىتىمىزگە يەتكۈزگەيسەن !!! 5~On6E:
y51q!Q6MKS
#kP?tcRU
كۈنلەر بىر -بىرنى قوغلاپ ئۈتۈشكە باشلىدى . ئەكرەم زاھىرەگە تېلفۇن قىلاتتى ، لىكىن دائىم ئەمەس ، ھەپتە -ھەپتە ئۈتۈپ تېلفۇن قىلاتتى . ئۆزىنىڭ قانداقتۇر قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ، مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ، زاھىرەنى سېغىنغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى . زاھىرەمۇ كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۈكۈپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىق ھىسىياتىنى ئىپادىلەيتتى . بىر -بىرىگە تاتلىق -تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىشەتتى .... djxnX4v
نىھايەت ، زاھىرە ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇدھىش بىلىنگەن بۇ بىر مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ ، تەتىل قۇيۇپ بىرىشى بىلەنلا يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى . توي ئىستىكى يۈرىكىنى غىدىقلاپ تۇرغان مەزگىلدىكى قىزلارغا ئوخشاش زاھىرەمۇ يۇرتىغا كەلگۈچە خۇددى تويى بۇلىدىغاندەك ئاللىقانداق تاتلىق ھېسلىرىغا چۈمۈلدى . ئۆيىگە قايتىپ بېرىپلا ،ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىر قۇر كۈرۈشكەندىن كىيىن ئەكرەمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى . مۇھەببەت ئالدىدا ئۇ ھېرىپ چارچاشنىمۇ ، ئاتا-ئانا ، قېرىنداشلىق مىھرىنىمۇ ئۇنتىغانىدى . ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا بولسا يۈرىكى ئالدىغا ، پۇتى كەينىگە تارتىپ بۇلالماي قالدى . زاھىرە تاتلىق خىياللار بىلەن دەرۋاز ئالدىغا كەلگەندە بولسا يۈرىكى باشقا بىرى تەرىپىدىن سۇغۇرلىنىۋىلىنغاندەك بۇلۇپ كەتتى . ئۆيگە يوغان ، چوڭ قۇلۇپتىن بىرسى سېلىنغان ئىدى ، دەسلەپ ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ،كىيىن گاڭگىرىدى ... دەل شۇ ۋاقىتتا ئەكرەمنىڭ قوشنىسى ئۇنى كۈرۈپ قالدى ، 8q{T;4vh
-ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم . Hw5lNGW%/
-ۋەئەلەيكۇم ھەدە . 2mF83He
زاھىرە ئۇ ئايالنى تۇنۇيتتى ، ھەم خېلى يېقىن ئىدى . بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم شۇ ئايال ئۇلارغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلغان .... `O/g?y6
-قاچان كەلدىڭىز سىڭلىم ، ئەكرەمجاننى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭىز ؟ k|
-تېخى بۈگۈنلا كەلدىم ھەدە ...ئۆزىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟... -Fo6 q/
-مەنمۇ ياخشى سىڭلىم . مۇھەببەت بەك قۇدرەتلىك ھە ...سىلەرگە قارىسام مىنىڭمۇ ياشلىق مەزگىللىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ . لىكىن بىز سىلەردەك بەخىتلىك ئەمەستۇق ... ھەي بىچارە سىڭلىم ...بەخىتسىز بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز دە ! oV+,k9!#
زاھىرە تېڭىرقىدى ، ئۇ ئايالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشنىكسىز بىر ھسىيات ئىچىدە ئىچى ئاچچىق تولغىنىپ كەتتى . Nf_WugV
-سىڭلىم ،سىزگە دىسەم پات يېقىندا ئەكرەمجاننىڭ تۇيى بولماقچى ...ئۇلار بەلكىم شەھەرگە تويلۇق ئالغىلى چىقىپ كەتكەنمىكىن .... Wmnk&
W$
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى ، پۇت -قۇلىدا جان قالمىدى . ئۇ ئايال يەنە گەپ قىلىشقا باشلىغاندا بولسا ،ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلىغىنىچە كوچا بېشىغا قاراپ يۈگۈردى . بايىقى گەپنى ئويلىسىلا ئۇنى تىترەك باساتتى ، بىر قۇرقۇنچ يۈرىكىنى ئىزەتتى . <<ياق ، ياق ، دەپ نالە قىلدى ئۇ ، -مۇمكىن ئەمەس ، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ، ئەكرەم مىنى ئالدىمايدۇ ،مىنى ئاخىرغىچە ساقلايدۇ ...>>زاھىرە تېخىمۇ بەك يىغلاپ كەتتى . ئۇ بۈگۈن ئۆيدىكىلىرى بىلەنمۇ تۈزۈك كۈرۈشمەي قانچىلىغان گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى قىلىپ كەلگەن ....ئاھ ، تەقدىر نىمانداق رەھمىسز ...نىمىشقا مۇشۇنداق پاك سۆيگۈ ئىگىلىرىنى يىغلىتىدىغاندۇ ؟... $R=Xl|@^`
زاھىرە ئەنە شۇ دىل ئازارلىقىدىن پەيدا بولغان غەزىپى تۈپەيلىدىن قەبرىستانلىقتىن قانداقلارچە ئۈتۈپ كەتكىنى تۇيماي قالدى ، ئۇ كوچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋالدى . ۋە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ئۆيگە كىرمەكچى بولدى . لىكىن ، ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە كىرگۈسى كەلمەي ، دائىم ئەكرەم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بۇيىغا كىلىپ ئولتۇردى . << ئەكرەم ، بۇ راستمۇ؟ سەن مىنى مۇشۇنداقلا تاشلىۋەتمەكچىمۇ ؟...مىنى ئاخىرغىچە ساقلىماقچى بولغىنىڭچۇ ؟...ئاھ ...>> ئۇ تېخىمۇ بەكرەك ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى .... li2\pp
{B:njR
_A]QeF
ئەكرەم قوشنىسىدىن زاھىرەنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى ، شۇ تاپتا نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ يوق ، زاھىرە ئالدىدا ۋىجدانسىز ئاتىلىپ قالغانلىقىغا ، ئاشۇ كېچىدىكى قاباھەتلىك ئىشنى ئويلاپ ۋىجدانى ئازابلىنىپ ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتتى . زاھىرەنىڭ ئېچىنىشلىق يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بۇلۇپ ، يۈرىكى سانجىپ ئاغرىدى . ئۇ بۇنچىلىك بۇلۇپ كىتەرىنى پەقەت ئويلىمىغانىدى . شۇ دەقىقىدە قاتتىق پۇشايمانلىق ھېسلىرىغا چۈمۈپ ، ئۆز -ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئادەم بۇلۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىغا نالەتلەر ئوقۇپ كەتتى ... cqBL\y%
ئەكرەم ئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ .خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ، بىر تەرەپتىن ئائىلىدىكىلىرىنىڭ تەنە گەپلىرىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن زاھىرەنى سېغىنغان ئوتلۇق مۇھەببىتى تەرىپىدىن ھاراققا بىرىلىپ كەتكەنىدى . ئىچىدىغان كۈنىمۇ ، ئىچىدىغان مىقدارىمۇ كۆپەيگەنىدى ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، ھاراق بېشىغا چىقتى . ئەكرەم ئىسپىرت پۇراقلىرىنىڭ مەستخۇشلىقىدىن بېشىنى سىلكىگەندە بولسا ئاللىقاچان كىچىككەنىدى . *'ht\
بىر كۈنى ئەكرەم ئۆيىگە ئەمدى قايتىپ تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى ، تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭداپ ئاغىينىسى مۇرادىل ئۇنى بىر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ ئەكرەمگە مايدەك خوشياقتى . مۇرادىلنىڭ دەپ بەرگىنى بۇيىچە ئۇ ئارامگاھقا يىتىپ كەلگەندە سۇرۇن ئاللىقاچان باشلانغانىدى . بۈگۈن ئۇلار رەڭلىك ئولتۇرغان بۇلۇپ ، ئەكرەم بىلەن قۇشۇلۇپ ،تۆت قىز ، تۆت يىگىت جۈپ -جۈپ بۇلۇپ ئولتۇرۇشقانىدى . سورۇن كەيپىياتى بارغانسىرى كۈچىيىپ ، ئىچىشىۋازلىق تېخىمۇ ئەۋىجىگە چىقتى . ئارقا -ئارقىدىن كەلگەن ھاراقلارنى بۇلىشىغىچە ئىچكەن ئەكرەم بىر قارا سايىنىڭ ئۆزىگە قەدەم تاشلاپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى . |VOdkS)JC
بىر چاغدا ئۇ ھۇشىغا كىلىپ ، كۆزىنى ئاچقاندا بولسا ناتۇنۇش ئۆيدە ياتاتتى ، قېشىغا شۇنداق قارىۋىدى ، قورقۇنچلۇق نەرسىنى كۆرگەندەك ئەندىكىپ كەتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بىر قىز ياتاتتى ، ئۆزىنىڭ كىيملىرىمۇ پۈتۈنلەي سېلىنغان بۇلۇپ ، ئۇمۇ قىپيالىڭاچ تۇراتتى ،ئۇ بىردىنلا چۆچىدى ، زاھىرەگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويغانلىقى ئىسىگە كەلگەندە بولسا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالدى . 1q?5*QX;
ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى ، ھېلىقى قىز ئەكرەمگە ئېسىلۋالدى . بۇ ئارىدا ئۆيدە نۇرغۇن جىدەل -ماجرا ، ئۇرۇشۇشلار تۈگىمىدى ... ئاخىرى ئەكرەم ئامالسىز شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلدى ...يۈرىكىگە سانجىلغان بۇ ئازابتىن ئاچچىق تولغاندى ،يۈرىكى ئەلەم ۋە غەززەپ -نەپرەتتىن پۇچىلاندى . لىكىن ئەمدى كىچىككەن ، پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ -دە ! ATLo9<%9)
پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ . ئەمما ، نىمىشقا ئايرىلىشنىڭ شۇنچە كۆپ سەۋەبلىرى بۇلىدىغاندۇ ؟ يەنە كىلىپ بەزى سەۋەبلەر شۇنچە رەزىل ۋە رەھىمسىزلەرچە . ئەي ئىنسانلار سىلەر ئالدى -كەينىڭلارغىمۇ ئەمەس ، ئىككى يېنىڭلارغىمۇ قاراپ قۇيۇڭلار . 0/,R'_)o,
ئەكرەم ، زاھىرە يادىغا ئېلىشى بىلەنلا پۇشايمانلىق ، ۋىجدان تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى : <<زاھىرە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋاپاسىز بىر يىگىتنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلارمۇ ؟ شۇ تاپتا نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ ئەمدى ئاشۇ ۋەھىمىلىك كىچە سەۋەبى بىلەنلا ئۇنىڭ ئاشۇ مىھىرلىك كۈيۈنۈشلىرىدىن ، ماڭا ئاراملىق بېغىشلايدىغان ئىللىق سۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ ؟ لىكىن ...لىكىن ...بىر قىز ئۈچۈن سۆيگەن يىگىتىنىڭ، كۆز ئالدىدىلا توي قىلىۋېلىشى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب ئەمەسمۇ ؟ زاھىرە ، جېنىم زاھىرە ..مىنى كەچۈر ! مىنى كەچۈر ! مىنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنگىن ، ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە ، ھەرگىز ئازاب قاينىمىغا ئۆزۈڭنى تاشلىما ..مەن ھېلىمۇ ئاشۇ ئوتلۇق مېھرىم بىلەن سىنى سۆيىمەن ...سىنى سۆيىمەن ...سىنى سۆيىمەن ..بىراق ...بىراق ... ئاھ ...>> >>'V6oM*T
ئەكرەم يەنە ھاراق ئىچتى ، ھاراق ،ھاراق ، ئەي ھاراق ، سەن ئەسلى مۇشۇنداق ۋاقىتتىكى سېھرى كۈچۈڭ بىلەن ئىنسانلارغا يېقىنلاپ قاپتىكەنسەن -دە . نىمىشقا ئاشۇ جانسىز ، ئاچچىق سۇيۇقلۇق ئادەمنىڭ ئەڭ قەدىرلىك تۇيغۇلىرى بولغان خۇشاللىقى بىلەن قايغۇلىرىغا ئەڭ يېقىن ھەمراھتۇر ؟ D\>szQ^x
&^y Cs[~q
_%gJ>'?
زاھىرە ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى كۆزىدىن ياش تۆككەن ھالدا ئەسلەپ چىقتى . ئۇنىڭ ئەشۇ خۇشال كۈنلىرى ئىچىدە ئۇنى ھەم ئازابلىغۇچى ،ھەم ھۇزۇرلاندۇرغۇچى بىر سۇئال ئۇنى قاتتىق ئويغا سالاتتى . <<نىمىشقا ئەكرەم شۇنداق قىلىدۇ ، ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغان بولغىيتتىمۇ ؟ زادى نىمىشقا ... n?M4
لىكىن مەن شۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۇقۇم بىلمەي قويمايمەن ، ئەگەر بۇنداقلا ئايرىلىپ كەتسەك ، ماڭا ھاياتنىڭ كىرىكى يوق ...>> ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ خىيال قىلدىغىنى ئەكرەمنىڭ تۇرۇپلا توي قىلماقچى بۇلۇپ قالغانلىقى ، مۇھەببىتىنىڭ مۇشۇنداقلا ۋەيران بۇلىشى ئىدى . ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باقمىدى ، خىيالىدا ، چۈشلىرىدە ئەكرەم ئۇنى ئارامسىز قىينايتتى ... شۇنداق بولغاچقا ئۇ بىر ھەپتىدىن بېرى خامۇش يۈردى ، قۇلىمۇ تۈزۈك ئىشقا بارمىدى ، كۆزلىرىدىن ياشلار قۇرىمىدى. ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، ئارتۇقچە گەپمۇ سورىمىدى . }rNXxW&:,
كەچ بۇلىشىغا ئەگىشىپ زاھىرە قىزلىق غۇرۇرىنى قايرىپ قۇيۇپ <<نىمىلا بولمىسۇن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئۇنىڭدىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلاي ...>>دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ئۆز كۆڭلىدە بىر يامانلىقنى سىزىپ تۇرسىمۇ ، ئەمما ئەكرەمنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكىنى ، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ ، دەممۇ -دەم نەپسى قىسىلىپ تىت -تىت بۇلاتتى . ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ، قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈشىگە ئەكرەم تەييار بۇلۇپ تۇرغاندەك بالا بىلەن تەڭلا چىقتى . زاھىرەمۇ ، ئەكرەممۇ بىر-بىرىنى كۈرۈپ تەمتىرەپ كىتىشتى . ئارىنى مۇدھىش جىمجىتلىق قاپلىغانىدى . `L:mre
- ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ -سورىدى زاھىرە ئاۋال ئېغىز ئېچىپ . gd:/JquoQ"
- ھە ئە ،-دېدى ئەكرەم ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ،-ئۆزىڭىزچۇ ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ +q60=f78
-ياق ....ياخشى تۇرمىدىم ،-دېدى زاھىرە ۋەزىنىلىك قىلىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ . بۇ ھالدىن ئەكرەم ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتى ، بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا ، ئۇ يېقىنچىلىق قىلىپ <<ۋاي نىمىشقا جېنىم >>دەپ سورىغان بۇلاتتى . بىراق ، ھازىر شۇ گەپنى دەي دەپمۇ دىيەلمەيدۇ ، تىلى ھەركەتكە كەلمەيدۇ ... ئۇ پۇشايمانلىق ھېسلىرى بىلەن قۇلىنى قانداق ھالەتتە سېلىپ تۇرسىمۇ ئەپلەشمەيۋاتقاندەك بىلىنىپ يەنە ھۇدۇقتى . نىمىدەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدى . يەنە كىلىپ شۇ تاپتا ئېغىز ئېچىشقا تىگىشلىك ئىش ھېلىقى نۇمۇسلۇق ئىش ....زاھىرەمۇ ئېغىز ئاچىدىغاندەك ئەمەس ،پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ، ئارىنى تۇلىمۇ ئېغىر سۈكۈت قاپلىغانىدى .. ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەقتە ئەكرەم سۆز ئاچسا توغرا بۇلاتتى ، لىكىن ...لىكىن ...ئۇ ئاشۇ نۇمۇسلۇق ئىشنى قانداقمۇ ئۆز ئېغىزىدىن چىقىرالىسۇن .... _3xY4wWc
ئاردىكى بۇ جىمجىتلىققا زاھىرە پەقەتلا چىدىيالمىدى ، ئۇ شۇتاپتا نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزىنى ئازابلاۋاتقان جاۋابى نا ئېنىق تېپىشماققا ئالدىراپ چارچىغان نېرۋىلىرى زىڭىلداپ كەتتى ، قۇرۇقدىلىنىپ كىتىۋاتقان روھىي دۇنياسى ئەزەلدىن بىر نەرسىنى ئويلاپ باقمىغاندەك ھالەتكە كىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكە تاقەتسىزلىنىپ كەتتى . v3ORy{E
-ئەكرەم ، ماڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ ....نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى كۆزۈمگە قاراپ ئېيتتىڭ ...-ئۇ شۇنداق دەپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى . bTe eR7s
-زاھىرە ،يىغلىماڭ ،مەن گۇناھكار ئالدىڭىزدا ،-ئەكرەم شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى ،-سىزگە بىرىدىغان بىر نەرسە بار . شۇنى ئالغاندىن كىيىن ھەممىنى چۈشىنىپ قالىسىز ... 4zq]@P="Z
ئۇ شۇنداق دەپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ، زاھىرە چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىلكىدە ئولتۇرۇپ قالدى ، بىر ئازدىن كىيىن غۇۋا ئاي يۇرۇقىدا بىر گەۋدە ئۇ تەرەپكە كىلىشكە باشلىدى . ئەمما ...ئەمما ....ئۇ ئەكرەم ئەمەس ئىدى . ئۇ نەچچە كۈندىن بۇيان زاھىرەگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى ، شۇ گەپلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقا ئامالىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى توغرا كۆرگەنىدى . RjBCs'[y
-سىز زاھىرە ھەدەممۇ ؟-سورىدى قىز. wY5>Wfb=
-ھەئە ،-دېدى زاھىرە ھەيران بۇلۇپ . *&'*Q>
-ئەكرەم ئاكام بۇ خەتنى بېرىپ قوي دىگەن . K7s=:K
-ئەكرەم ،ئەكرەم ئۆزى قېنى ؟-زاھىرە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . قىز جاۋاب بەرمەستىنلا كىتىپ قالدى . ئۇ خەتنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى ، ھەم خەتنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە قوشنا ئۆيدىن چىقىۋاتقان دېرىزىدىكى يۇرۇقلۇققا خەتنى تۇتتى . ]T"a T_
7i}ny-
BNqgZPd(
<<زاھىرە ، مەن نەچچە كۈندىن بۇيان قاتتىق ئويلىنىپ بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . شۇ تاپتا سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئۆز -ئۆزەمدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن . 9cV="JZ#O
سىزگە ئايان ، مەن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرگەن ، بىراق ...مەن ھازىر كەسكىن قارارغا كىلىپ بولدۇم . سىزگە دىسەممۇ مىنى كەچۈرمەيسىز ...ھەم سىز مىنى كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن .. M6YXU<-
سىزگە ئۇ ئىشلارنى قايسى يۈزۈم بىلەن دىيىشنى بىلمەيمەن ،شۇ دەقىقىدە قەلەم تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كىتىۋاتىدۇ ، يۈزلىرىم ، يۈرەكلىرىم ، پۇشايمانلىق ، خىجىللىق ئوتلىرىدا كۈيىۋاتىدۇ . مەن ھاراقنى جىق ئىچىۋەتكەچكە بىر قىز بىلەن ئاشۇ ئېغىزغا ئېلىشتىن ئەيمىنىدىغان ئىشنى قىلىپ قويدۇم . مەن شۇ قىزغا ئىگە بۇلىشىم ، شۇ قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىكە ئولتۇرماسلىقىم كىرەك .. بەلكىم مەنچۇ ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ... مەن سىزگە قەرزدار ، سىزگە بىر ئۆمۈر يۈز كىلەلمەيمەن . ھەم ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن .... mqJ5|
pk
مىنى كەچۈرۈڭ دەپمۇ ئۆتۈنمەيمەن ...چۈنكى مەن بىر گۇناھكار بەندە ! F*_;7Iz2
خەير ، زاھىرە ، سالامەت بولساق ، ئاللاھ پاناھىدا ساقلىسا يەنە ئاتمىش -يەتمىش يىل ياشارمىز . بۇ ئۇزۇن داۋانلاردىن مەغرۇرانە ئۆتۈشىڭىزنى ، ئوقۇشىڭىزنى ئاخىرغىچە داۋام قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن . T1ca{r[s\
مۇشۇ قۇرلار بىلەن خەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچىدىم ، لىكىن ، راستىمنى ئېيتسام سىزگە پەقەت چىدىمايۋاتىمەن . شۇڭا ، شۇڭا ...ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم ، مەڭگۈ بەخىتلىك بۇلۇڭ ..مەندەك ھايۋان كەبى ئىنساننى ، ۋىجدانسىزنى ئۇنتۇپ كىتىڭ . oyagPAN
گۇناھكار : ئەكرەم P2MQ
زاھىرە خەتنى پۇكلىدى ، كەينىگە بۇرۇلدى . قاراڭغۇلۇق قوينىغا غىل -پال كۈرۈنۈپ تۇرغان مەھەللىگە تىكىلدى . سوغۇق قاراڭغۇلۇق ، سوغۇق يول ، سوغۇق مەھەللە .... &C=,&o
كىشىلەر تۇرمۇشقا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مۇرەككەپ ھىسابلايدۇ . ئەمىلىيەتتە ، تۇرمۇشقا -شەيئىلەرگە ھىسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىنغاچقا تۇرمۇش قىزىق ۋە مۇرەككەپ : قاراڭغۇلۇق ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ۋە ۋىسالى .ھالبۇكى ، قاراڭغۇلۇق ئادەتتە ، كىشىلەرگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ . ۋىسال تاپقان چاغدا ،كىشىلەر ئايرىم -ئايرىم ياشىسىمۇ ، گويا بىر -بىرىنىڭ باغرىدا تۇرغاندەك سىزىشىدۇ . <<ئايرىلدۇق >>دىگەن بىر گەپ بىلەن ، ئوخشاشلا ئايرىم -ئايرىم تۇرغان بولسىمۇ مەھرۇملۇق تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ ، راستنلا ئايرىم -ئايرىم ھېس قىلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، ئوخشاش ئادەم ، ئوخشاشلا ئايرىم تۇرمۇش ...ۋەھالەنكى ، ھىسىيات بولسا ئوخشاشمايدۇ . rI6{[kV
زاھىرەنىڭ ياشلىرى يامغۇردەك تۈكۈلمەكتە ئىدى ، ئۇ شۇ يىغلىغىنىچە قەبرىستانلىق ئالدىغا كىلىپ تۇردى . بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان جەسەتلەر كۈمۈلگەن ، ئۇلار ئادەملەرنىڭ قەلبىدە ھەرخىل رەۋىشتە ياشايدۇ ، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چىرىپ پۈتۈنلەي توپىغا قۇشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ م ھامان قەلبلەردە بىجىرىم ياشاپ قالىدۇ . مۇھەببەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ ؟ مۇھەببەت -بىر ئادەمنى نىشان قىلغان مۇھەببەت بىر قەلبتە گۇمران بولغان بىلەن ، ئۇ مۇھەببەت يەنە بىر قەلبتە سەلتەنەت سۈرىدۇ . زاھىرە قەبرىستانلىققا قاراپ چىداپ تۇرالمىدى ، بۇ قەبرىستانلىق بەئەينى ئۆزىنىڭ سۆيگۈ قەبرىستانلىقى بۇلۇپ قالىدىغاندەك يۈرىكى تارتىشىپ بۇ يەردىن تېز كىتىپ قالدى . كاللىسىدا دەھشەتلىك خىياللار ھۈكۈم سۈرەتتى ... /Z:\$m/H
زاھىرەنىڭ قارىسى يىتكەندىن كىيىن ئەكرەم كەينىگە بۇرۇلدى ، لىكىن قەدىمى ئېغىر ئىدى . قەدىمىلا ئەمەس يۈرىكىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەندەك بولدى . <<مىنى كەچۈر زاھىرە !>>ئۇ ئۆز گۈشىنى ئۆزى يىگۈدەك بۇلۇپ كەتتى ، كۆزى نەملەندى، قەدىمى زاھىرە كەتكەن تەرەپكە ئەگىدىيۇ ، ئۆزىنى تۇتىۋالدى ....ئۇ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .... R`~+g$
@VAxN:P&
hQ/(Tp
ئىككى كۈندىن كىيىن ئەكرەمنىڭ تۇيى بولدى . لىكىن بۇ ئەكرەم ئۈچۈن قايغۇلۇق ، ماتەم كۈن ئىدى ... توي داۋاملىشىۋاتاتتى ، ئەكرەمنىڭ چىرايىدا كۈلكە دىگەندىن ئەسەر يوق ، پۈتۈن ۋۇجۇدى مۇزلاپ كەتكەن ، كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن .... +?Gp
بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا باشقىلارنىڭ ئاستا ئاۋازدا كۇسۇرلىشىپ ئېيتقان سۆزلىرى كىرىپ قالدى <<ئاياق مەھەللىدىكى قۇربان دوختۇرنىڭ قىزى زاھىرە دورا يەپ ئۆلىۋاپتۇ . تۈنۈگۈن ئەتىگەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپتۇ ....>> شۇئان ئەكرەمنىڭ كاللىسدا چاقماق چاققاندەك بۇلۇپ ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى .... تۇيۇقسىزلا ساراڭ ئادەمدەك توپنى يېرىپ چىقتى -دە ، باشقىلارنىڭ توۋلاشلىرىغۇ قۇلاق سالماي ،ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ..... <<مىنى كەچۈر زاھىرە ، سەن بۇنداق قۇربانلىق بەرمەسلىكىڭ كىرەك ئىدى ، سەن نىمىشقا مۇشۇ يولنى تاللىغانسەن ، شۇ يولنى تاللاش ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسىڭنىڭ پارلاقلىقىنى ، ئاتا -ئاناڭنىڭ سىنىڭ دەردىدە نىمە قىلارىنى بىلمەي ، مۇڭغا چۈكۈپ كۆز ياشلىرىنى دەريادەك تۈكۈپ تۇرغان ھالىتىنى بولسمۇ ئويلاپ قويمىدىڭمۇ ؟ مەندەك ئەرزىمەس كىشى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللاش ئالىدا ئۆزۈڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيسىنى ئالغان ئىسىتىقباللىق ياش ئىكەنلىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقاردىڭمۇ ؟ ...ئاھ ، شورلۇق قىسمەت ! مەن سىنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار زاھىرە ، مىنىڭ شۇ تاپتا ۋىجدانىم يول قويمايۋاتىدۇ ، ساڭا بىر ئۆمۈر سادىق بۇلىمەن ،دىگەن ئىكەنمەن ، بۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن . مىنى ساقلاپ تۇر ، قېشىڭغا بارىمەن ، بۇ دۇنيادا ۋاپا قىلالمىغان ئاشىقىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ ....ئاھ ....>>
<<مىنى كەچۈر زىلالە ، سىنى بەختسىز قىلىپ قۇيىدىغان بولدۇم . ئاشۇ كۈنى ھاراق دىگەن نىجىزنى ئىچمىگەن ، ئاشۇ قاباھەتلىك ۋەھىمىلىك ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا بەلكىم بەخت گۈللىرىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان بۇلاتتى . ۋاقىتسىز تۇزىغان خۇشپۇراق گۈلۈڭنىڭ گۇناھكارى بولغان ، مەندەك ئازغۇن بەندىنى كەچۈر ....ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساڭا بەخت ، ئىشەنچ تىلەيمەن !...>>
شۇ تاپتا ئەكرەم شۇلارنى ئويلاپ ، ئۆز -ئۆزىدىن يىرگىنىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ دۇنيادا زاھىرە بىلەن بىللە بۇلۇشنى ، ھەم بۇدۇنيادا بەختسىز بۇلۇپ قالغان بولغۇسى ئايالى زىلالىدىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سوراپ ، ئۇنىڭغا قەيسەر ئىشەنچ ، بەختلەرنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلىدى . w3s{RY
lV@"M)y
* * * * * * * * * * I!\\hFc
ئەتىسى ، دەريا بۇيىدىن ئەكرەمنىڭ جەسىتى سۈزىۋىلىندى ... Qafqc%R_
ئىككى قەبرە بىر يەرگە قۇيۇلدى . ياش كەتكەن بۇ ئاشىق -مەشۇقلار ئۈچۈن كىشلەر دۇئا قىلماقتا ئىدى . }Z|`K{%tL
- ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولغاي !!!ئامىن !!!
پۈتۈن بارلىقىنى ئاشۇ بالىلارغا بېغىشلاپ ، ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاھۇ -پەريادى پەلەككە يەتتى .
ئەمدىلا تۇيى بۇلۇپ ، شىرىن بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىشنى ئويلىغان زىلالىگە بۇ ئىشلار چۈشتەك بىلىنىپ ، بىر كۈلسە -بىر يىغلايتى ...كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق كۆزلىرىنى تىكىشىپ ، توۋا دەپ ياقسىنى چىشلەيتتى ... |3"cM|1'
قاياقتىندۇر مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى ، پۈتۈن ئەتراپ ، پۈتۈن دۇنيا مۇڭغا چۆككەن ئىدى ...
hxUK$( يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ، ^>VH
بىر كېچىدە قېرىپ كەتتى ئانىسى. ujE{v6+
قارا چاچقا ئاق ياماشتى،پۈرلەشتى، {YZDR]){
زۇلمەت بىلەن قاپلاندى دىل خانىسى. @f,AAsD"dD
\UI\ =vo
;TGi$Uq#
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ، kGg[Ov$L-
تام ئولتۇرۇپ ئۆي مۈكچەيدى ھەمساتتا. =(63Nc8
ياقا يىرتىپ قالدى ئاتا بىر چەتتە، \ lErN
ۋىچىرلاشتى چاشقان ئويناپ كارۋاتتا. d9V3QgQ+
RTRr%Rs J
W1_c|nO.
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ،
+zNV{ba`
شەپە بەردى ئۆي تۈۋرۈكى قاراسلاپ. gR*L+&?wB
قارا بۇلۇت قاپلاپ ئاسمان يۈزىنى، b&AI++-o;
چاقماق چاقتى ھەر تەرەپتىن چاراسلاپ. Dl;@LpRS+:
9Y_h
@x
x$
M7l6eA
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنتنىڭ، m\t3N>,E
كۆرمىدىم دەپ ئۆتتى يامغۇر ئۆگىزدىن. (9n| -G
مۇنكىر-نەكىر ئېلىپ ماڭدى ئۇلارنى، RGEAcUU.
دوزاخقىلا يانماي قىلغان لەۋزىدىن. 2c^-sdVi$
]%q-L"2_
LElr[w2(D
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنتنىڭ، dAG!~!j
ياش تۆكۈشتى ماتەم تۇتتى كۆپ ئادەم. H?N:WY$Te
ئەقىلسىزلىق قۇربانىغا ئايلاندى، {}$lDgj
قارا پەردە تارىتتى شۇئان كەڭ ئالەم.
-$I!;3*_ v?.mq=n? < >$b ?'X [ بۇ يازمائەزىزيانغىنتەرپىدىن2009-03-11 17:16دە قايت ]