سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
ئسلاھات
تەشۋىقات ئەلچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 20080
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 672 كىشىلىك
پۇل : 4328 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 230 نۇمۇر
قوللاش: 185 نومۇر
ئالقىش: 276 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ناز نادىرلىدى .(2009-03-08)
ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار



维吾尔妇女面临的危机

The Crisis Uyghur Women Facing

ھەممە ھەۋەس قىلىۋاتقان كورىيەنىڭ ئايال چولپانلىرى –ھەممە نالەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پاھشەلىرىنڭ قولىغا ھىچقايسى جەھەتتىن سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.پەقەت ئۇلارنى قانداق قىلىپ تەربىيلەش ۋە زىننەتلەش بىزنىڭ ئششمىز! 

                                                                                                                                        ___ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئۇلۇغ ئاياللاردۇر.ئۇلار قاتمۇ-قات جاپالار،تۇرلۇك ئىزىتقۇلار،ھەرخىل تەنىقىت-ئەيىپلەشلەر،ناتوغرا سىقىپ چىقىرىلىشلار، ئۆز ئىقتىدارىدىن يۇقىرى تەلەپ ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر خىل قەيسەر روھىنى قۇچاقلاپ كەلدى.ئەسلىدىن ئاجىز تۇرۇپمۇ ئۇلارغا تەشنا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ باغرىنى ئاۋۇندۇرۇپ مىھرى بىرىپ كەلدى.يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلارنى يادلاپ كەلدى.كەلگۇسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كەلدى.ئۇلار قەدىرلەشكە،ھۇرمەتلەشكە سازاۋەر.ئۇلار باشقا ھەرقانداق مىللەت ئاياللىرىدەك خۇشال ۋە بەخىتلىك ھالدا ياراملىق جەمىئەت ئەزالىرىنى تەربىيلەش ،تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش ،تىللاردا يادلىنىشقا ئەرزىيدۇ!!! 
                                            
                                                                                                                                  _____ تاھىر ئىمىن

2009-يىلى 8-مارت ئۇيغۇر ئاياللىرى بايرىمى ئۇچۇن


بىز مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر يىرىم مىلىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر خانىم –قىز ئشسىز لىق،تۆۋەن كىرىملىك ئىغىر ئەمگەك جاپاسنى تارتىۋاتىدۇ.2يىرىم مىلىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر ئانا سەھرالاردا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش جاپالىق تىرىشپمۇ، قەرزگە ئشلەۋاتىدۇ.3 مىلىيوندىن كۆپ خانىم-قىزلار ئىغىر سالامەتلىك مەسلىسگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ.يىرىمدىن كۆپ ئۇيغۇر قىزلىرى ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ،300مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكىرىدە، شەھەرلەردە كەچلىك بەزمىخانا ،قانۇنسز ۋە رەھىمسز ئشرەت سودىسنىڭ قۇربانى بولماقتا،.....!!!





ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئازابى چوڭقۇر

ئۇيغۇر ئاياللىرىنڭ دەردى كۆپ، ئازابى چوڭقۇر ،يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلىرى نۇرغۇن .ئەمما ئۇنى كۆپلىگەن كىشلەر بىلمەيدۇ.نىمە ئۇچۇن ؟قانداق شەرت ئاستىدا بىلىگىلى بولىدۇ؟
ئۇلارنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ھەقىقى قوغدىلىشى ،ئۆزىنىڭ ئازابى ۋە ئارزۇسىنى تەلتۆكۇس ئىپادىلەش پۇرسىتى بىرىش كىرەك.
ئۇلارنىڭ ساپ ۋە ئەسلى مايىللىقى غەرەزلىك خاھىشلار تەرەپكە بۇرالماسلىقى،ئازدۇرۇلماسلىقى كىرەك.
دۆلەت ۋە جەمىئەت ئاياللارنىڭ توغرا ياشاش ئۇسۇلىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك.
قۇرۇق تەنقىت،تىل-ھاقارەت ،ئەيىپلەش ،مەسخىرە قىلىش،قوشۇمچە ئورۇنغا چۇشۇرۇپ قويۇلماسلىقى كىرەك.

بۇ يەردە يازغانلىرىم مەن بىلىدىغان،ئاڭلىغان ئاياللار ئازاپلىرىنىڭ ئنتايىن ئاز بىر قىسمى.ئايالل رىمىز –ھەممىدىن ئاۋۋال ئەرلىرىنىڭ ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۇشىگە مۇھتاج.

مىھرىسز جەمىئەت –قالاق جەمىئەت !

تەرەققىيات بولسىمۇ، مىھرى-شەپقەتتىن ئايرىلغان جەمىئەت ئنتايىن پاسسىپ،قالاق جەمىئەتتىن ئىبارەت.چۇنكى ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ قەدرى يوق.ھازىر مەملىكەت مىقياسىدا، ئىللىق جەمىئەت قۇرۇش كۇچلۇك تەشەببۇس قىلىىنىۋاتقان بولسىمۇ ،لىكىن ئاياللار ئوخشاشلا رەھمىسز ،قوپا مۇئامىلىگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ ئەلۋەتتە ئىپادە بىلدۇرۇشكە تىگىشلىك،سۆزلەشكە تىگىشلىك مەسلە.بەزى كىشلەر ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە گەپ بولسا ،خۇددى ئاياللار مۇشۇنداق جاپا چىكىشى ھەقلىقتەك،ئەرلەرگە ئوخشاش جاپا چىكىشى توغرا دەك ئۇندىمەيدۇ.بەزىلەر بولسا مۇقەددەس دىنىمىز ئاياللارغا بەرگەن چەكسىز ئەتىۋارلىنىش ھوقۇقىنى ئازراقمۇ چۇشەنمەيدۇ.لىكىن ئنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا،ئاياللار مەيلى قانداق جەمىئەتتە بولسۇن،ئۇلارنىڭ تەبئىيتى ،فىزئىولوگىيسى.ياراتقان تۆھپىسىدىن ئالغاندا،ئۇلارنىڭ ئورنى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆرىۋاتقان كۇنىگە ئوخشاش ئازاپلىق بولماسلىقى كىرەك......!ئەگەر سىز بۇنداق قارىمىسىڭىز سىز تىخى رىئاللىققا چۆكمىگەن كىشى بولىسىز!
بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئانىلارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۇرۇلسە ،ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولغان بىزنىڭ ئورنىمىزمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ.ئەمما بىز بۇنى بۇ يەردە يىزىپ،سۆزلەپ ھەل قىلىپ بولالمايمىز.بۇنداق مەسللەرنى غەرپ دۆلەتلىرى ۋە نۇرغۇن ئسلام ئەللىرى قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ ،ئەمەلى ئىجرا قىلىپ يولغا قويدى.بىزگە ئىگە بولۇۋاتقان ج ك پ بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كىرەك.نوپۇس ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ،ئەمما ئنسان ئۆز قەدرى بىلەن مۇئامىلە قىلىنشى بولۇشى كىرەك.شىنجاڭدىكى ھۆكۇمەت ئاياللار خىزمىتىنى ئشلەشكە پەقەت فۇنكسىيەلىك رولى ئنتايىن ئاجىز بولغان،شەھەرگە مەركەزلەشكەن،ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىن يىراق بولغان ‹‹ئاياللار بىرلەشمىسى››ئورنىنى قۇرغان .ئەمما ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئشلىرى قۇرۇق تەشىۋىقات،مىڭبىر جاپا چىكىپ ئۇتۇق قازانغان ئاياللارنى ‹‹يارايسىز››دەپ تەقدىرلەپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالدى.ھۆكۇمەت بۇ ئورۇنغا تىخىمۇ چوڭ ھوقۇق بىرىشى ،بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا قەدەر چوڭقۇر چۆكۇشى كىرەك.




ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ئىنتايىن ئىغىر!

مەن ئۆتكەن بىر يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانا ،تىببى ئۇنىۋرستتى دوختۇرخانىسى،جوڭگۇ تىبابىتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا كىسەل يوقلاپ ئون قىتىمدىن كۆپرەك باردىم.بۇنىڭ ئىچىدە تاغامنىڭ يۇرەك كىسلى ئوپىراتىسيەسىدىن باشقا ھەممىسى ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ۋە يىقىن ئۆتىدىغان دوسىتلىرىمىنڭ تۇققانلىرى بولۇپ،يوقلاپ بارغىنىم ئاياللار ئىدى.مەن دەسلەپتە ھىس قىلماپتىمەن.ئەمما ئاخىرقى قىتىم كىسەل كۆرگىلى بارغاندا نەۋرە سىڭلىم :‹‹،بۇ دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر بىمارلار بەك كۆپ ئىكەن.بولۇپمۇ ئاياللار كۆپكەن.بىزنىڭ تۇققانلار ئىچىدىمۇ ئاياللار بەك ئاغرىپ قالامدۇ-نىمە؟ كىسەل سەۋەبىدىن تۇگەپ كەتكەنلەرمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى ››دىۋىدى،شۇئان 20يىل ئىلگىرى كىسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن مەرھۇم ئانام (ئۆپكە تۇبىر كۇليۇزى،28ياش ئىدى) ،داۋلاش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن چوڭ ئانام،ياش تۇرۇپ قازا قىلغان ئىككى ھاممام، ئاكامنىڭ قىينئانىسى قاتارلىقلار بىردىن-بىردىن كىچىشكە باشلىدى..................................
جەنۇبى شىنجاڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ناھايتى كەسكىن ئىجرا قىلىنىدۇ.پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالا نىكاھسز تۇغۇلغان بالىدىنمۇ بەك قوپال ۋە ئىغىر مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بولسا ئانىنڭ سالامەتلىكى بىلەن ھىسابلاشماستىن ئەڭ ئىپتىدائى ئۇسۇل بىلەن چۇشۇرۇپ تاشلىنىدۇ. ھامىلە بولسا تاكى تۇغۇلمىغۇچە ئۆلتۇرۇپ تاشلىنىدۇ .مەركەزنىڭ چىرايلىق سىياستى ئۇ يەردە ناھايتى قورقۇنچلۇق ھەم ۋەھشى ئىجرا قىلىنىدۇ..ئاندىن جەرىمانە ئىلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئاياللار كىسەللىك،ئىغىر ئەمگەك ،نامراتلىق،بالىغا قاراش ،جانىۋارلارنى بىقىش،ئۆي ئىشى قاتارلىق تۇگىمەس ئشلار بىچارە ئانىلارنى چىرماپ قاماق ئاستىغا ئالىدۇ.داۋالاشتا ئىتىبار سىياسەت قوللىنىش –ئنتايىن تولا رەسمىيەتلەرنى بىجىرگەندىن كىين بولىدىغان بولغاچقا ،نۇرغۇن ئاياللار نەق پۇل تاپشۇرالمىغانلىقى ئۇچۇن ئادەتتىكى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغىنى بولغان.كىچىك كىسەللىرى ئىغىرلاشقىنى ئىغىرلاشقان.
شىنجاڭدا تاشقى بۆلۇم ئوپىراتسىيەگە مەسئۇل ئۇيغۇر دوختۇرلىرىنىڭ سەۋىيسى باشقا مىللەت دوختۇرلىرىدىن ئىلغار بولغاندەك .داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇر بىمارلىرنىڭ كىسەللىرىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن خىلىلا ئىغىر.
ئاپتونۇم رايونلۇق ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلىمىنڭ مۇدىرى گۇلسارە خانىم مۇنداق دىگەن:ئۇيغۇر ئاياللىرىدا بالىياتقۇ بوينى راكى تۇخۇمدان راكى،سىرتقى جىنسى يول راكى قاتارلىق ئىغىر كىسەللەر خەنزۇلارغا قارىغاندا 6% كۆپ بولۇپ،ئۆلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىسەللىك مەنبەلىرى يەنە:ئىچىملىك سۇيىنىڭ پاك بولماسلىقى،ئوزۇقلۇق سۇپىتىنڭ ياخشى بولماسلىقى،ياخشى كونتىرول قىلىنمىغان زەھەرلىك چىكىملىك،قالايمىقان جىنسى ئالاقىدىن كىلىپ چىققان تاناسىل كىسەللىكلەر،ئارام ئىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى،
،ئۆلۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.بۇنىڭ سەۋەبلىرى ،تۇرمۇش ئادەتلىرى،روھى بىسىم،ئىقتىسادى ئامىللار،

مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى-ھامىلدارلار ئاياللار ئۇچۇن ئنتايىن زىيانلىق .شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ،مۇھىتنىڭ سۇپىتى ئۆلچەمدىن تۆۋەن.نوپۇسنىڭ قانۇنىيەتسىز جايلىششى ،سانائەتتىكى كىرەكسىز گاز قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۇچۇن يەنە چوڭ بىر كىرزىس.



ئشسىزلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئامالسز قالماقتا

ئۇرۇمچىدىكى ئاشخانا،رىستۇران، كىچىك دۇكان ،مىھمانساراي، قاتارلىق نۇرغۇن ئش ئورۇنلىرىدا ئون مىڭلىغان قىزلىرىمىز300-800يۇەنگىچە تۆۋەن ئش ھەققى بىلەن تۇرمۇش كەچۇرىدۇ.تىخى نۇرغۇن قىزلار ئش ئورۇنلىرىدا تۇرلۇك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىدۇ.ئش ھەققى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان ئەمما ئىزچىل ئش ئىزلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھىلىھەم تەمتىرەپ يۇرىدۇ.ئاسپىرانىتلىققا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش ئوقۇش مۇشكۇل ئش تۇرۇپ،يەنە پۇرسەتنىڭ تار بولۇشى –قىستاپ يار لىۋىگە ئەكىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

سىقىپ چىقىرىلۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك:
1-خەنزۇ ئاياللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ كۇتىدىغان مۇئامىلىسمۇ ئوخشىمايدۇ.ئاياللىرىمىز ھۇرمەتكە ،ئوچۇق-يورۇقلۇققا مۇھتاج.نسبەتەن قىزغىن بولغان خىزمەت مۇھىتىغا مۇھتاج.مىللى ئەنئەنە ئىجرا قىلىنىش شارائىتى بولغان خىزمەت ئورنىغا مۇھتاج.
2-باراۋەرلىك ئشقا ئاشمىدى.چەتكە قىقىلىش ھىلىھەم مەۋجۇت.ئاياللىرىمىزنىڭ ئوخشاش ئىقتىدار ھازىرلاش پۇرسىتى كەمچىل.ئوخشاش ئىقتىدارى بولغاندا .ئوخشاش ئشقا ئورۇنلىشش پۇرسىتى ۋە ئوخشاش تەمىنات بىلەن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس.
3-ئۇيغۇر قىزلىرى –پەقەت تاشقى زىننەت بويۇمى،قوشۇمچە مۇلازىمەتلەرگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى كىرەك.
4-نوپۇسنىڭ كۆپلەپ يۆتكەپ كىلىنىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئشقا ئورۇنلىشش ،نورمال ۋە باراۋەر پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى تار دائىرىگە چەكلەپ قويماقتا.

ئاياللاردىن خىزمەت ئورنىدا پەقەت جىنسى ئالاھىدىلىكى ئۇچۇن ،جىنسى تەرەپتىن پايدىلىشنىش ئۇچۇن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىش ئىغىر.ئەزەلدىن ھۇرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن،پەرشىتە سۇپەت ئاياللار،تارىختىن بۇيان ئائىلىنىڭ خوجىسى،شاھى ،بالىلارنىڭ كۆيۇمچىسى دەپ قارالغان ئانىلار بىراقلا ھىچكىم-ھىچكىمگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان،ئاياللارغا ئەرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان بىر جەمىئەتكە تاشلاپ قويۇلدى.ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋە ئىلگىركى جەمىئەتتە قەدىرلىنىپ كەلگەن ئاياللار بىز مەزگىل ئۆزىنڭ ئورنىنى دەڭسەش باسقۇچىدا تۇرىدۇ.


زادى قانداق قىزلارغا ئش بار؟

ياغلىق ئارتقان، ناماز ئوقۇيدىغان قىزلارغا ئش يوق.
ئالى مەكتەپ تەربىيسى كۆرمىگەن قىزلارغا ئش ئورنى يوق
خەنزۇ تىلىنى راۋان بىلمەيدىغان قىزلارغا ئش ئورنى يوق
كومپىيۇتىر بىلمەيدىغان قىزلارغا ئش ئورنى يوق.
تەققى –تۇرقى كىلىشمىگەن ،سەت قىزلارغا ئش ئورنى يوق
ئالاقىگە ماھىر بولمىغان قىزلارغا ئش ئورنى يوق.
جىسمانى ئەمگەكتە قىزلارغا ئش ئورنى يوق.
ياتاقتا ياتالمايدىغانلارغا ئش ئورنى يوق
توي قىلمىغان بولۇشى كىرەك.
مىنكاۋخەن بولۇشى كىرەك.
...............................

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئشقا ئورۇنلىششقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بۇنداق شەرتلەر ناھايتى كۆپ.ھەممىسى بىر ئورۇنغا قويۇلمىسمۇ ،ئەمما نۇرغۇن قىزلار مۇشۇنداق سىقىپ چىقىرىلماقتا.چەتتە قالماقتا.ئوقۇپ تۇرۇپمۇ جسمانى ئەمگەككە،بەدەن ۋە چىرايغا تاينىپ جان باقىدىغان قوشۇمچە ئەمگەككە سىلىنماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئشسىزلىق دەرىجىسى ئىنىق تەكشۇرۇلۇشى كىرەك.ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئشسىزلىق سەۋەبى تەكشۇرۇلۇپ ھەل قىلىنىشى كىرەك.ئشلەشنى خالاپ تۇرۇپمۇ ئش تاپالماسلىق-جەمئەتنىڭ تىخى قالاق،چۇشكۇن ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.‹‹ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدۇ››دىگەننى نىشان قىلغان جەمىئەتنى ھامان ئىقتىساد ئۆزى ۋەيران قىلىدۇ.چۇنكى ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن تۇزۇملەرنى ئاچكۆزلۇك ۋە رەھىمسزلىك،شەخسىيەتچىلىك پاچاقلاپ تاشلايدۇ.بۇ دەل بىر كۆرىۋاتقان رىئاللىق.


قىزلار ئىدىيدىسى ئوچۇق بولۇشى كىرەك.(ئويۇن-تاماششادا ئاكتىپ بولۇشى كىرەك دىگەنلىك)
كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرى چىرايى سەۋەبلىك خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ،خەنزۇ شىركەتلىرى ئۇلارنىڭ بەدەن تۇرقى ،چىراي گۇزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇمچە ئشلارغا ،جۇملىدىن مال سىتىش ،مىھمان كۇتۇش،ئوبراز خادىمى بولۇشقا ئوخشاش ئشلارغا سالىدۇ.ھەتتا پەقەت نامراتلىق سەۋەبلىك بىشىغا كۇن چۇشكەن ئاياللىرىمىزنى ئاستا-ئاستا دۇرۇس بولمىغان قانۇنسىز ،نومۇسىز تىجارەتلەرگە باشلايدۇ.............

تولۇق كۇرس ئوقۇپمۇ ئشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان قىزلارنىڭ مەسلىسىنى ،سەۋەبىنى ئويلىشش كىرەك.
خەنزۇ تىلىغا راۋان تۇرۇپمۇ ئشقا ئورۇنلىشالمىغان قىزلارنىڭ مەسلىسنى ،سەۋەبىنى ئويلىشش كىرەك.



نىكاھ ۋە مۇھەببەت

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ توي قىلىش مەسىلىسگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئىقتىسادى بىسىم تۇپەيلى ،ئۆي ئىلىش ،توي چىقىمى قاتارلىق سەۋەبلەر توي قىلىش يىشىنى كىچىكتۇرۇشكە،كۆڭۈلدىكىدەك ياشتا پەرزەنىتلىك بولۇشقا ،ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشنى بۇرۇنراق باشلاشقا توسالغۇ بولماقتا.
نىكاھلىق تۇرمۇشتا –يىزا ئاياللىرىنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان مەسللىرى تىخىمۇ كۆپ.ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش،ئۆي ئشنى قىلىش،بالا بىقىش،ئىتىزلىق ئشلىرى،........
مۇھەببەت مەسىلىسى-توي قىلىش يىشىدىكى شوخ،ھىسياتچان ئۇيغۇر قىزلىرى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرگە مۇھتاج.ئۆزىنى ساپ ياخشى كۆرىدىغان راستچىل ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتىگە،دوسىتلىرى ئارسىدا قەدىرلىنىشكە،چىرايلىق ۋە رەتلىك ياسىنىپ يۇرۇشكە،ئىجتىمائى سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە،زاماننىڭ يىڭىلىقرىدىن بەھرلىنىشكە مۇھتاج.ئەمما ئوغۇللارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى ئۇلارنى ھەممىدىن مەھرۇم قويىدىغان ئاساسى سەۋەبلەردىن بولۇپقالغان.ئۇرۇمچىدە ئۇزۇن مەزگىل تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغان قاھىرە ئۇنىرىۋىتستىدا ئسلام-ئەرەب تارىخ تەتقىقاتچىسى ھۇسەيىن ئبنى ئابدۇللا ماڭا مۇنداق بىر سۆزنى قىلغان ئىدى:ئاراڭلاردا ئاياللار ناھايتى ھەرىكەتچان ،جانلىق ئىكەن.ئەرلەر بولسا ئاجىز ھەم مەسئۇلىيەتسىز ئىكەن.ئسلام ئىتىقات يولى بويىچە ئىيتقاندا،بىر جەمىئەتنىڭ دىنى ئەقىدىدىن دىنسىزلىششكە قاراپ يۇزلنىشى مەسئۇلىيتى ئاياللاردا ئەمەس،ئەرلەردە بولىدۇ.چۇنكى خۇدا ئەرلەرنى بىر مەرتىۋە ئۇستۇن ھوقۇق،بىر مەرتىۋە كۇچلۇك ،بىر مەرتىۋە يۇقىرى ئەقىل بىلەن ياراتقان…بۇ يەردە ئەرلەر ئۇنى تارتقۇزۇپ قويۇپتۇ….›››
كۆپلىگەن ئەركەك ئۇيغۇر ئىزلەنگۇچىلەر شۇنداق ئورتاق قاراشقا كەلدىكى،ئاياللارنى ئەيىپلەش ئاقمايدۇ.پەقەت ئۆزىمىز- ئەرلەر- كۇچلۇك بولۇپ،ئۇلارغا مەسئۇل بولساق ئاندىن بىز ئۇمىت قىلغاندەك بولىدۇ…

ئىتىقات
 
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئىتىقات مەسىلىسى ئنتايىن زىدىديەتلىك بىر دەۋىرنى باشتىن كەچۇرۇپ تۇرۇپتۇ.ئىقىمغا ئەگىشش،مودا قوغلىشش بىلەن ئىتىقاتنى ھىمايە قىلىش ،ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىق..مىللى مەدەنىيەت بىلەن خەنزۇ مەدەنىيتى ئوتتۇرسىدا تەۋرىنىش ،...

رايونىمىزدا يولغا قويۇلىۋاتقىنى‹<<شنجاڭچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالستىك تۇزۇم>>›› بولۇپ،بۇنىڭدا پەقەت يىشى چوڭ خىزمەت قىلمايدىغان ئاياللارلا دىنى ئىبادەت قىلىشقا يولغا قويۇلغان.ئشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر،پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇققانلىرى،ئوقۇغۇچىلار،ئۆسمۇرلەر....بىردەك ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.دىنى كىتابلار ئنتايىن ئاز بولۇپ ،دىنى بىلىم ئىلىش بوشلۇقى يوق.رادىئو ياكى تىلىۋىزىيە ‹‹دىن ۋە تۇرمۇش ››دىگەندەك بىرەر سەھىپىمۇ ئاچمىغان.تىلىۋىزيە رىياسەتچىلىرى ياغلىقمۇ ئارتالمايدۇ.ھەتتا مەشرەپتەك مىللى سورۇنلارغىمۇ ياغلىق ئارتىپ كىرگەن ئاياللار قارشى ئىلىنمىغان.قوغلاپ چىقىرىلغان.مەكتەپلەردە ھىچكىم ياغلىقمۇ ئارتالمىغان.تىلىۋىزۇرلاردا كۆرسىتىلىۋاتقىنى پەقەت يات مەدەنىيەت نۇمۇرلىرى بولۇپ،ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا مايىللىق ،دىنسىزلىق،ئۆزىنى ئۇنتۇشقا يىتەكلەش خاراكتىرىدىكى پىروگىراممىلار كۆپلەپ قىستۇرۇلغان.دىنى كىيم كەيگەنلەر جازالانغان.ياغلىق ئارتىپ خىزمەت ئىزلىگۇچىلەر رەت قىلىنغان.بۇنى يەرلىك بىر قىسم ھوقۇق تۇتقۇچىلار خاتا چۇشەنگەن بولۇپ،مىللى تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ كىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ كىلىدۇ.ئاياللارنىڭ ئىبادەت قىلىش،دىنى كىتاب ۋە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ،دىنى كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىش ھوقۇقى –ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەت،دىنى –ئىتىقاتى ھوقۇقىنى قوغداش ،كاپەلەتكە ئىگە قىلىش پىرىسنپىغا خىلاپ كىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دىنى ئىتىقاتنىڭ جەمىئەتنىڭ مۇقىملىقى،ئىناقلىقى،پاراۋانلىقى ئۇچۇن ئنتايىن مۇھىم ئەھمىيتى بولۇپ،بۇنى توغرا چۇشىنىشكە سەۋىر تاقەت كىتىدۇ،ئىلمى ئىزلىنىش كىتىدۇ،كۆزىتىش كىتىدۇ.شىنجاڭدا ئىللىق جەمىئەت قۇرۇشتا ئسلام دىننىڭ رولى ئنتايىن مۇھىم.چۇنكى ئۇ ئەخلاقنىڭ ،قانۇن كۇچلىرى ھەل قىلالمايدىغان چىن ئەخلاقنىڭ سەمىمي قوغدىغۇچىسى.
شۇڭا ئىتىقاتسىزلىق ئەۋج ئالغان ۋە ئىتىقاتسىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇرلۇك ئىجتىمائى مەسىللەر ،جۇملىدىن ئاشنا ئويناش،ئاجىرىشش،ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالماسلىق،بەتخەجلىق،ھەددىدىن زىيادە مودا قوغلىشش ،ھاراقكەشلىك،زەھەرلىك چىكىملىك....قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئسلام ئىتىقاتى ئنتايىن مۇھىم.بۇنى خەلق قۇرۇلىتىيى ۋەكىللىرى ئاكتىپ تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىشى كىرەك.



بىلىم

ئاياللارنىڭ بىلىم ئىلىش،ئۆگىنىش،ئشلىتىش،تەپەككۇر قىلىش،يىڭىلىق يارىتىش،ئىجات قىلىش ھوقۇقى بار.ئەمما پۇرسەت بارغانسىرى باراۋەر بولۇش ئايرىم گەپ.
جەمىئەتنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى بىلشتە ئاياللارنىڭ ساپاسى مۇھىم كۆرسەتكۇچ.
ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدا كۇنسايىن ئىلگىرلەش،ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش كۆرۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما بۇ پۇتۇن مىللەت خانىم-قىزلىرىنىڭ يىرىمىغا يەتمەيدۇ.
بۇ توغرىلىق يىتەرلىك مەلۇمات ھازىرلىنىپ،مەسىلىنىڭ سەۋەبى تەكشۇرۇلۇشى ،ھەل قىلىنىشى كىرەك.

كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەسلىدە باشقا ئاياللاردەك تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشى،بەختلىك ھەم ئىللىق ئائىلىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشى كىرەك ئىدى.
.
ئۇيغۇر
ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ نۇرغۇن ھوقۇقى بار.ئاللاغا شۇكرىكى،ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ھەممىدىن ئەتىۋار ئەڭگۇشتەر.
ئۇيغۇرئەرلىرىدىكى كۇنسىرى ئويغىنىۋاتقان مەسئۇلىيەت ئىڭى –ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمىئەتتىكى رولىنى كۇچەيتىپ ،مەدەنى ،ئىناق ۋە گۇللەنگەن جەمىئەت بەرپا قىلشىقا تۆھپە قوشقۇسى
.
[ بۇ يازمانازتەرپىدىن2009-03-08 14:48دە قايتا تەھرىر ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+9(516134910) تەقدىرلەشكە ..
  • پۇل :+5(ئابــدۇغــەنــى) چىرايلىق تېم ..
  • پۇل :+1(ئومـاق) قايىل قىلارل ..
  • پۇل :+30(پارتىيە) كۆڭلۈمدىكىن ..
  • salkin mtv
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-08 14:07 |
    ئالىپتىكىن
    كۆكيال
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 3753
    شۆھرەت: 3096 كىشىلىك
    پۇل : 957242822 سوم
    تۆھپە: 1180 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3612 نۇمۇر
    قوللاش: 3449 نومۇر
    ئالقىش: 4120 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 306(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر  ئاياللىرى ئۆزىگە  نىمىنىڭ ئەڭ  مۇھىم  ئىكەنلىكىنى  بىلىپ  يىتىشى  كىرەك . ئۆزىنىڭ  مەجبۇرىيەت ،  مەسئۇلىيىتىنى  تۇنۇپ  يىتىشى  كىرەك . نىمىنىڭ  ئەر - ئاياللار  باراۋەرلىكى ،  نىمىنىڭ  ئاياللار  ھۇقۇقى ، نىمىنىڭ  بەخت ،  نىمىنىڭ  ئازاپ  ئىكەنلىكىنى  ھەقىقىي  تۇنۇپ  يىتىشى  كىرەك .
    salkin mtv
    بىز  ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
    ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىد
    80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
    http://www.80halta.com
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:18 |
    erk uzun
    فاتاخ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3533
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    شۆھرەت: 87 كىشىلىك
    پۇل : 4459 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
    قوللاش: 83 نومۇر
    ئالقىش: 201 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 365(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېما ئىگىسىگە  تەشەككۇر!!! مىڭلاپ  تەشەككۇر!!!  ھەق گەپنى قىلىپسىز !    تېمىڭىزنى  ئوىۇپ  ھاياجاندىن نىمە  دەپ  ئىنكاس يېزىشنىمۇ بىلەلمەي  ئولتۇرۇپتىمەن!!!!!!  < كەچۈرۈڭلار  !ئانىلار!  بىز  سىلەرگە ياخشى ياشاش  مۇھىتى  يارىتىپ بېرەلمىدۇق>!!!!!  بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!!!!
    armaninkas4
    ھەر  بىر  ئادەمنىڭ  ئۆ ز  دۇنيا  قارىشى ۋە ئىتىقادى بولىدۇ!  ئىسىڭدە چىڭ  تۇتقىنكى  <ساراڭ>نىڭمۇ  ئۆزىگە چۇشلۇق ھايات پەلسەپەسى بار!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:25 |
    ئىزھار
    ئىتلار قاۋار ، كارۋان يۈرەر..
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 21005
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 537
    شۆھرەت: 271 كىشىلىك
    پۇل : 9790 سوم
    تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 531 نۇمۇر
    قوللاش: 407 نومۇر
    ئالقىش: 838 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 443(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا بۇ مەن كۆرگەن ھەقىقىي نادىر تېما ... قېنى باشقۇرغۇچىلار ؟
    دوستۇم ، شۇ تاپتا سىزگە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم . ناۋادا بىر يەردە بولغان بولساق بىر ئاخشام مۇڭداشساق بولاتتىكەن. شۇنداقتىمۇ سىز بىلەن چىن دوست بۇلۇپ قالغۇم بار.....
    ئىتلار قاۋار ، كارۋان يۈرەر..كىچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ھامان تاڭ ئاتىدۇ....
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:25 |
    ناز
    سەندىن ئۆزگە يارىم بولمىسۇن!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1851
    شۆھرەت: 2199 كىشىلىك
    پۇل : 14336489 سوم
    تۆھپە: 453 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2598 نۇمۇر
    قوللاش: 2402 نومۇر
    ئالقىش: 2524 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەھلىل ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق بوپتۇ.....

    مېنىڭمۇ دائىم ئويلايدىغىنىم ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزدا ئاياللار كىسىلى ھەم باشقا كىسەللكىلەر ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كىتىپتۇ،يۈز ئايالنىڭ ئىچىدە ئاز كەم توقسان ئايالدا دىگۈدەك ئاياللار كىسىلى باركەن،مانا بۇ سالامەتلىك مەسىلى بىزدە ھازىر خىلىلا ئىغىركەن.....بۇنىڭ بەلكىم تازلىق،مۇھىت،يىمەكلىك،كۈتۈنۈش .........قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلەرگە باغلىنىدىغان سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ،مەنغۇ باشقىچىرەك بىر سەۋەبى باركەنمىش دەپ ئاڭلىغان ئەمما بۇ يەردە ئۇ ئەپ قاچتى گەپنى دىيىش خەتەرلىك.
    ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىك جەھەتتىكى مۇشۇ مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ھەم تەدبىر قوللىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،چۈنكى تەن ساغلام بولغاندا ،ئەقىل ساغلام بولىدۇ،كاللا ساغلام بولىدۇ،كەيپىيات توق بولىدۇ،شۇندىلا ھەممە ئىش يۇرۈشىدۇ.
    يەنە بىر گەپ خىزمەت مەسىلىسىمۇ بەكلا ئىغىر......ھەي بۇ گەپلەرنى دەپ كەلسەك ئىش جىقكەن جۇمۇ...

    ئەمما بىشىدىكى ئاۋۇ بىر جۇملە ماڭا بەك يارىدى،ئاغزىڭزىغا ناۋات!!!!
    salkin mtv
    ھايا-ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،ۋەھالەنكى،ئىمانلىق كىشى جەننەتتىدۇر!
    مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر،مېنىڭ خەلقىم ماڭا بىخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سىخىيدۇر!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:30 |
    www.nixan.cn
    manzil
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24784
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 232
    شۆھرەت: 55 كىشىلىك
    پۇل : 867 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 47 نۇمۇر
    قوللاش: 47 نومۇر
    ئالقىش: 37 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 368(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشخانىدا بىكار بوپ قالساق بىرقانچە ئەرلەر دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىزغىن بەس مۇنازىرىگە چۈپ كىتىمىز .
    بۇنداق چاغلاردا ئىشخانىدى ئاياللار بىزنىڭ نىمە دىيىشىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنەلمەي كىم ئۇ ھىلارى دىگەن ؟ ئوباما دىگەنچۇ ؟ نىجات نىمە قىپتۇ ؟ ئوتتۇرا شەرق  ، پوتۇن ............... بۇ سۆزلەرگە ھەيران قىلىشىدۇ .
    بۇگۈن ئاياللار بايرىمى كۈنى . ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپ قىسمى كىيىم سېتىۋېلىش ، رېستۇراندا يىغىلىش ( رېستۇرانلارنى بىر ئاي بۇرۇن زاكاس قىپ بولدى ، كىچىككەنلەرگە قالمىدى ) ئۆتكۈزىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش .  توۋا دەپ قالىمەن . مۇشۇ ئۇيغۇرلارنى ياۋروپاغا بىر كۈن ئاپىرىپ قويسىدى شۇ جاينىڭ ئىچكى ئىستىمالىنى بىىراقلا تىك سىزىك بىلان كۆتۈرۋەتكەن بولار ئىدى .
    بۇنداق دىگىنىم پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالدى . بۇ خىل ۋەھىمە كىشلەرنىڭ ئىستىمالىدا ئەڭ روشەن كۆرىلدى . ياۋروپالىقلار ئادەتتە 100 دوللار خەجلەيدىغان ئورۇنغا 1 دوللارنىمۇ يۈرەكلىك خەجلىيەلمەيۋاتىدۇ . بۇ كىرزىس دۆلىتىمىزنىمۇ ساق قويمىدى . بۇندىن كېيىن قانداق بولىدۇ ؟ بۇنىڭغا ھىچكىم بىر بەرسە دىيەلمەيدۇ .
    شۇڭا سۆيىملىك ئاياللىرىمىزمۇ جاھان ئىشلىرىدىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرسا . كىلىچەك ئۈستىدە ئەرلەر بىلەن پىكىرداش ، مەسلەكداش بولسا . قانداق قىلغاندا تۇرمۇشنى ياخشىلاپ پەرزەنتلەرنى ياخشى ئوقۇتۇپ ياراملىق قىلغىلى بولىدۇ ؟ بۇ توغرىسىدا كۆپرەك باش قاتۇرسا دەيمەن .
    salkin mtv
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:40 |
    www.nixan.cn
    ئەخلاقلىق ئايال
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15735
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 474
    شۆھرەت: 4676 كىشىلىك
    پۇل : 20191 سوم
    تۆھپە: 625 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1678 نۇمۇر
    قوللاش: 812 نومۇر
    ئالقىش: 1153 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1395(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر ئايياللىرى دۇچ كىلىۋاتقان بۇ خىرسلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپسىز.روھى جۇشقۇن،بىلىم-ساپالىق،ئېتىقاد-پەزىلەتلىك ئانا تەربىيلىگەن پەرزەت ئەلۋەتتە ئىقتىدارلىق بولىدۇ.(ئەمما 100%دەپ چۈشنىپ قالماڭ)لىكىن ئۇيغۇر ئانىللىرى مانا شۇ بېسىم ئىچىدىمۇ يەنىلا تىرشى ،كۈلۈپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ.ئىشىنىمەنكى  بىر كۈنلەردە بىزنىڭ ئانىللىرىمىز ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ.
    [ بۇ يازمائەخلاقلىق ئايالتەرپىدىن2009-03-11 02:31دە ]
    salkin mtv
    ئىنسان ئىنساندەك ياشىسىلا رەزىللىكتىن خالى بولاتتى.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:47 |
    www.nixan.cn
    ئالىپتىكىن
    كۆكيال
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 3753
    شۆھرەت: 3096 كىشىلىك
    پۇل : 957242822 سوم
    تۆھپە: 1180 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3612 نۇمۇر
    قوللاش: 3449 نومۇر
    ئالقىش: 4120 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 306(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇش  تاپتا  كۆڭۈلدىكى  سۆزدە  ئاياللار  توغرىسىدا  بىر  نەرسە  بېرىۋاتىدۇ ......لىكىن  نۇرغۇن  نەرسىلەر ..........................ھەي  بولدىلا  
    salkin mtv
    بىز  ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
    ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىد
    80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
    http://www.80halta.com
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 14:49 |
    0991سۇمرۇغ
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 20328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: -2 كىشىلىك
    پۇل : 303 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئاياللار مەسىلىسىنى بەك ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز ، مەن دائىم ئەتراپىمدىكى خانىم قىزلاردىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ تۇرىمەن:دۇنيادا ھەممىدىن ئايال بولماق تەس،ئۇيغۇرئايال بولۇش تېخىمۇ تەس! مەن ئەتراپىمدىكى خانىم-قىزلارغا ۋاكالەتەن  سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن ،بۇ تېمىڭىزنى ئۇلارغا يوللاپ بېرىمەن .
    salkin mtv
    مۇنبەر مېنىڭ سىردىشىم!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:04 |
    زۇليار
    چۈشۈمدىكى گۈل!
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 239
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 460
    شۆھرەت: 615 كىشىلىك
    پۇل : 84562 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1995 نۇمۇر
    قوللاش: 476 نومۇر
    ئالقىش: 824 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 157(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خانىم قىزلىرىمىز دۇچ كەلگەن يۇقۇرقى مەسلىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىجتىمائى ۋە ئىقتىزادى سەۋەبلىرى بار.
    salkin mtv
    دۇنياغا نىسپەتەن سەن پەقەت بىرلا ئادەم، لېكىن مەلۇم بىر ئادەمگە نىسپەتەن سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياسى ھېسابلىنىسەن!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:06 |
    istanbol
    توك كەلسىلا چىراق يانىدۇ !
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 25925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 773
    شۆھرەت: 97 كىشىلىك
    پۇل : 10041232 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 180 نۇمۇر
    قوللاش: 88 نومۇر
    ئالقىش: 131 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: قايدۇ
    توردىكى ۋاقتى : 436(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەچچە ئون يىل ياقى ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كۈرۈلىۋاتقان تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبى بەلكىم نەچچە ئون قىتىملىق ئاتومنىڭ مىۋىسى بولسا كېرەك !  
    salkin mtv
    توپ مال سېتېش تورى : http://www.turkish-netease.com
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:19 |
    ۋەتەن
    مەن يەنىلا مەن،
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2282
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1883
    شۆھرەت: 1306 كىشىلىك
    پۇل : 807965 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1423 نۇمۇر
    قوللاش: 1142 نومۇر
    ئالقىش: 1054 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~مۇنقەرىز~
    توردىكى ۋاقتى : 687(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دىمىسىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى  دەھشەتلىك  بىر ئۈتكۈنچى دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ. قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ  بىلىم ساپاسى بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق،پەقەت ئۇلار چىرايلىق بۇلسا،ئىچەلىسە،قىلالىسا ئاندىن خىزمەت بار ،بۇلمىسا يوق،مىللەتنى زاۋاللىققا  باشلاشتا ئاياللاردىن باشلاشنى ئۈگنىۋالغانلار ئاياللىرىمىزنى،قىزلىرىمىزنى ئازدۇرۇپ چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرمەكتە، ئۇلارنى دەپسەندە قىلماقتا، بىزدىكى ئىت ئەمگەنلەر سۇلامچىلىق قىلماقتا، ساتماقتا.
    ئىچكىرى ئۈلكىگە ئاپرىپ ئىشىلتىپ قىزلىرىمىزنىڭ ئىدۇلۇگىيىسىنى ئۈزگەرتىپ كاللىدىن پارچىلماقتا. غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلماقتا،
    ھەر ھەر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلىرىمىز  خىزمەت ئۈچۈن ياشاش كىرەكمۇ؟ ۋىجدان ئۈچۈن ياشاش كىرەكمۇ دىگەن مەسلىدە يار لىۋىدە  تىڭىرقاپ قالماقتا. مۇشۇ پۈرسەتتىن پايدىلانغان بەزى مۇناپىق  ئەركەكلىرىمىز ئۇلارنى لەنەتلىك يۇلغا باشلاپ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك  تۇيۇق يۇلغا كىرىپ كىتىشىگە سەۋەپ بۇلماقتا، ئىسىت ..........
    بۇ  مەسلىدە  قىزلارنى باققان ئاتا-ئانىسىغا،بىللە ياشاۋاتقان قىرىنداشلىرىغا  تاينىش بىلەن ئىش پۇتمەيدۇ، ھەممە ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ ئەلۋەتتە، لىكىن  بزدە شۇنداق قىلالىغۇدەك  رۇھى كۈچ بارمۇ يوق. ؟ بۇمۇ بىزنىڭ يەنە ئۇيلىنىپ بىقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مەسلە،
    قىزلارغا بۇلغان ئەخلاق،دىن،ئىپپەت،نۇمۇس تەربىيسىنى ھەممە ئاتا-ئانا ئۈزدىن باشلاش كىرەك.
    [ بۇ يازمابەھرامتەرپىدىن2009-03-08 15:44دە قايتا تەھ ]
    salkin mtv
    مەن  يىغا  بىلەن  توغۇلدۇم. ئاۋارچىلىق ئىلكىدە  يىتىلدىم. يەنە  جاپا تارتىشىم  ماڭا  ۋەزىپىما؟
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:28 |
    پەيلاسوپ
    ئەرۋاھلار چچ توپى 61953578
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : پىشقەدەم


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4819
    شۆھرەت: 60 كىشىلىك
    پۇل : 410 سوم
    تۆھپە: 4200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4704 نۇمۇر
    قوللاش: 4519 نومۇر
    ئالقىش: 4832 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 647(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ئىسىل يىزىپسىز جۇما.
    قايىلمەن.......................
    salkin mtv
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:36 |
    پىلانىت شاھزادىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11868
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 357
    شۆھرەت: 250 كىشىلىك
    پۇل : 3115 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 255 نۇمۇر
    قوللاش: 245 نومۇر
    ئالقىش: 283 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 749(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    300مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكىرىدە، شەھەرلەردە كەچلىك بەزمىخانا ،قانۇنسز ۋە رەھىمسز ئشرەت سودىسنىڭ قۇربانى بولماقتا،.....!!!
    مۇشۇ سان ھەرۋاقىت يۈرىكىمنى شاڭ سۇلالسى ۋاقتدىكى پىچاق بىلەن قۇچىلغاندەك بۇلىدۇ. ئاھ رەھىمسىز تەقدىر ، ئاھ ۋاڭ بەكرى ئەپەندىم ئاشۇ قىزلىرىمىز سىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر !!!ئۇيغۇر ئىدى ئەمەسمۇ ؟ سىز ئۆزىڭىزنى  ۋاڭ بەكرى دىگەن بىلەن دۇنيا يەنىلا سىزنى ئۇيغۇر دەپ تۇناتتى ئەمەسمۇ جېىنم باشلىق رەئىس .
    salkin mtv
    بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس سۈكۈتتە قىرىلىپ كىتىدۇ !!!
    سىقىلغان يۈرەك كىڭيىش ئىلاجى قىلالمىسا ئاخىردا ئۆز-ئۆزىنى قېزىشقا باشلايدۇ!مەن دۇنياغا مەغلۇبىيەت ئۈچۈن كەلمىگەن !!! تۇمۇرلىرىمدا مەغلۇبىيەتنىڭ قېنى يوق !!!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:39 |
    فاتاخ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3533
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    شۆھرەت: 87 كىشىلىك
    پۇل : 4459 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
    قوللاش: 83 نومۇر
    ئالقىش: 201 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 365(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاڭ بەكرى   !!!!!! نىمە  دىگەن  پاساھەتلىك  ئىسىم  بۇ  !!!!! ياشاڭ  !!!!
    salkin mtv
    ھەر  بىر  ئادەمنىڭ  ئۆ ز  دۇنيا  قارىشى ۋە ئىتىقادى بولىدۇ!  ئىسىڭدە چىڭ  تۇتقىنكى  <ساراڭ>نىڭمۇ  ئۆزىگە چۇشلۇق ھايات پەلسەپەسى بار!!!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 15:42 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » تاھىرجان تاللانما ماقالىلىرى توپلىمى