سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
dernek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 33869
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 56
شۆھرەت: -6 كىشىلىك
پۇل : 1327 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
قوللاش: 36 نومۇر
ئالقىش: 35 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قانداق قىلىش كېرەك؟(1)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى dernek نادىرلىدى .(2009-03-07)
  ئىلاۋە: مەزكۇر ئەسەر  ئەدەبىي خاتىرىمۇ ياكى ئەدەبىي ئاخباراتمۇ ئەمەس ، بەلكى بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنى ئاددىي تىل ئەمما چوڭقۇر پىكىرلەر بىلەن ئوپراتسىيە خاراكتىرلىك تەھلىل يۈرگۈزۈپ زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا سالىدىغان ئەسەر . ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئەينى يىللىرى بىر قىسىم ژورنال ۋە مەتبۇئاتلاردا « تۆنۈگۈن ۋە بۈگۈننىڭ ماھىيىتى»، « ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزدىكى تەبىئىي پەن روھى » ،« ئۇيغۇر مائارىپىغا بىر دىئاگنۇز » ، تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئىبىنسىنانىڭ « ئەل قانۇن فىت تىب »،« ئىبىن ھەييا ھەققىدە قىسسە »، « سوفىيەنىڭ دۇنياسى »،« ھاياتقا تەھلىل قىسمەتكە ئاچقۇچ»... ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان . #!P?+R$  
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ ، ئەمما ۋەتەن تۇپراقلىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ، خەلقنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بولغان قايغۇسى  بىلەن يۇغۇرلۇپ قۇتۇلۇش يولىدىكى ئۆزگىچە پىكىرلىرى ، مەلۇم بىر يۇرت ياكى شەخسنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ خەلقنىڭ بۆيۈكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ھەم باھالاش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك . شۇڭا مەزكۇر ئەسەرنى باشتىن ئاخىر ئوقۇشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ . ,9w/h cL  
nt2STB]D  
داۋۇت ئوبۇلقاسىم
Fnhjkn`C  
X#s/ec [B  
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن توقسۇغا چۈشتۈم. يول بويلىرىدا بىر خىلدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن ئاندا -ساندا كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان شادا تىكلەنگەن قەبرىلەر دىققىتىمنى تارتقاچقا بۇ يەرگە چۈشۈپلا زەرەتگاھلىققا بېرىش تۇنجى ئىشىم بولدى. مەن چىققان زەرەتگاھلىق ئۆستەڭ ياقىلاپ ماڭغان بولۇپ، ئەتراپى ئېتىزلىق، باراقسان دەرەخلىرى بار، ھاۋالىق يەر ئىدى. قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، ئۇياقتىن -بۇياققا ئۇچۇشلىرى، قەبرىلەردە ئۆسكەن چاتقاللار تېگى شورلۇق بۇ يەرگە بىر خىل ئازادىلىك بېرىپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا ھەمرىيىم ماڭا قەبرە توپىسىنىڭ شامالدا ئۇچۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن يۇمشىتىلغانلىقى، قۇشلارنىڭ رىسقى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالتۇنرەڭ دانلار چېچىلغانلىقى، يازدا قەبرە چۆرىسىگە ھەرخىل گۈللەر تىزىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر بىر خىل مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدى. شۇ چاغدا بىزنىڭ قەبرىلىرمىزمۇ ياۋروپالىقلارنىڭكىدەك چىملىق بولسا بولمامدىغاندۇ؟ دەيدىغان ئويلىرىمنى ئۆزەمچە مەنىلىك ئەسلەپ قويدۇم. ئۇ كۈنى پەيشەنبە بولغاچقا قەبرىستانلىقنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەردىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق قىرائەتلەر ئادەمنى سىرلىق ھېسلارغا سېلىپ قۇياتتى. قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن تۇپراق بېشىنى يوقلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ كۆپ ھاللاردا نوقۇل رىشتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزدۈم. راست ئۇلار يە پۇل ئەمەس، يە ھوقۇق ئەمەس، يەخۇدا ئەمەس. ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىساڭ، ئۇلار ساڭا يە بۇ دۇنيادا يە بۇ دۇنيادا ھىچنەرسە قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەمما بىز ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزدىن تەل -تۈكۈس چىقىرۋېتىمىزمۇ؟! ئەجىبا مۇشۇنداق ساپ مەنىۋى پائالىيەتمۇ ئىبادەت ھېسابلانمامدۇ؟! ھەتتا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ پايدا زىيان نۇقتىسىدا باھالايمىزمۇ؟ مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنى توقۇنۇشتۇرۇپ مەسىلە قىلىۋېتىپ بارغان تۈپكى ئىللەت زادى نەدە؟ئىچ ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان بۇ سۇئاللارنىڭ تەپتىدىن يۈرۈگۈم ئاغزىمغا تىقىلىۋاتقاندەك بولدى. كەيپىم بارا - بارا پەسكويغا چۈشمەكتە ئىدى. يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىدا توختىدىم. شۇ چاغدا ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئىنىم يادىمغا يېتىپ قالدى. ئۇ جان ئۈزۈۋاتقىنىدا يېنىدا بۇلالمىغىنىم،«ئاكام»دەپ يۇلۇمغا قاراپ كەتكەنلىكى ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىمگە ياش يىغدى. ھەي بىۋاپا دۇنيا، ئۇ تېخى ئەمدىلا 20 ياش ئىدىغۇ؟ سەن قولۇڭنى ئونىڭغا ئۇزاتمىساڭمۇ، جاھاندا نۇرغۇن ئىپلاس ئادەملەر يۈرۈيدىغۇ؟ ۋىجدان ۋە غۇرۇرىنىڭ تايىنى يوق نۇرغۇن ئادەم ياشىغاندەك ئەمەس، ياكى ئۆلگەندەك ئەمەس بولۇپ ئولتۇرىدۇغۇ؟ كۆڭلۈمنىڭ تېگى -تېگىدىن مۇشۇنداق نىدا چىقىپ كەتتى. ۋۇجۇدۇم بۇنىڭ لەرزىدە تىتىرەپ كەتكىنى بىلەن، جاھاننىڭ يەنىلا يەر يەر، ئاسمان ئاسمان بولۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، دەرھال ئەقلىمگە كەلدىم. ئۇ نىمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى؟ قان راكى بىلەن ئۆلدى. 4:C[y k`  
    ياق، ئۇ راك بىلەن ئەمەس، بەكمۇ ياخشى ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلدى. مەن ئۇنىڭ مۇھىم بىر دوختۇرى  بولغاچقا، بۇ ھۆكۈمۈمگە دەرھال تەستىق سالغۇم كەلدى. چۈنكى بۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ كېسىلىدىكى مۇھىم بىر ئامىل ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى. خەير، ئۆتكەن كۈنگە سالىۋات كۆڭلۈمدە قۇمۇلغا بېرىپ ئالدى بىلەن ئونىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، توپىسىنى يۇمشاق ئۇۋۇتۇپ، شاماللار ئۇچۇرۇپ تۇرىدىغان قىلىشنى، ئاندىن ئۈستىگە ئالتۇنرەڭ دانلارنى چېچىشنى نىيەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدا ھەل بولمايۋاتقان، ئۇنىڭ قەبرىسىنى قانداق قاتۇرۇش مەسىلىسى ھەل بولغاندەك بولدى. لېكىن زادى نېمىنىڭ ئۇنى شۇنچىۋالا چوڭقۇر ئازاپقا دۇچار قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نىمىشقا ئازاپلانغانلىقى قەلبىمنى دەھشەتلىك بىر قوچۇپ ئۆتۈپ كەتتى. جەنۇپقا ماڭغان ئاپتوبۇس بىر خىلدا كېتىپ باراتتى. كۆز ئالدىمدىن بايىلا غايىپ بولغان پايانسىز جاڭگاللىق خېلىغىچە كۆزۈمدىن كەتمىدى، ئىچىمدە «خۇدا مۇشۇ جاڭگاللىقنى مۇشۇنداق تەبىئىي پېتى ساقلىغىن» دەپ تىلىدىم. چۈنكى بۇ جاڭگاللىقنىڭ كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغۇدەك سېھرى قەلبىمدە قالغان ئىدى. ئادەم بويى ئۆسكەن قايسىدۇر دەرەخلەر ئاندا ساندا ئۇچراپ تۇرغان قوي كالىلار ۋە تايىقىنى سۆرەپ كېتىپ بېرىپ ماشىنىغا ھاڭۋېقىپ قالغان پادىچى بالا، ئويمان دوڭغۇللۇقلار، ئالتۇن رەڭ قۇياش، ئارامبەخش ھاۋا ماڭا ئالاھىدە تەسىرات قالدۇرغان ئىدى. مەن ئاشۇ جاڭگاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇرغان يەردە ئازادە قىلىپ ئۆي سالسام، كۆڭلۈمدىكى بىر قىز بىلەن ئاشۇ يەرگە بېرىپ ياشىسام، ئەمما بىر پىكاۋىم، چاپچىپ تۇرىدىغان بىر ئېتىم  بولسا، ئا ياپوننىڭ لازىر دېسكىلىق سازلاتقۇسى بولسا دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئىختىيارسىزلا بىر نەچچە قىزلارنى ئەسلەپ قالدىم.ئەمما شارائىت ئاشۇنداق تەل بولسا  مەن راستىنلا ئاشۇ يەردە ياشارمەنمۇ؟ ناتايىن، چۈنكى شۇ ۋاقىتتا يەنە كونكىرت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ خىيالنىڭ ئۆزى ماڭا ھەقىقەتەنمۇ تاتلىق ئىدى. چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا غايە ۋە تاتلىق خىيال مۇكەممەل بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرۈشىشنىڭ ئۆزى ئېسىل خىسىلەت بىلىنەتتى. ئۆز- ئۆزۈمگە دائىم بىزگە كېرىكى ئاشۇنداق غايە ئەمەس،بەلكى ساق ۋۇجۇدنىڭ خاھىشىنى قەدىرلەش ئەمەسمۇ، دەيتتىم.ئاپتوبۇس ئاخىر بىزنى كۇچاناھىيىسىگە  ئەكىلىپ تاشلىدى. بىز بايغا بېرىش قارارىغا كەلدۇق.ئات ھارۋىسى بۇ يەردىكى ئاساسى قاتناش قورالى ئىكەن. بىز ئات ھارۋىسىغا چۈشۈپ كۇچا بازىرىغا كەلدۇق. 5^rfUXG(  
-ئۇستام بايغا ماڭىدىغان بېكەتكە ئاپىرىپ قويسىلا. 5\Q&"? k1  
- بايغا باراتتىڭلارمۇ؟ hIk6\{{,  
-ئۇستام بۇلارنى چوقۇم باينىڭ بېكىتىگە ئاپىرىپ قويسىلا جۇمۇ ! e!{O;S;z  
ھارۋىدىكى سەل كەيپاراق بىرسى ھارۋىكەشكە بۇيرۇق قىلىپ دېدى. Q=xU;_  
- نەدىن كەلدىڭلار؟ a0O  
- ئۈرۈمچىدىن. r rpZzzJ  
- ئۈرۈمچى جىڭغا شوپەندە مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم بار، سىلەر ئۈرۈمچى نەدىن؟ n7l rV,YE  
- نەنمىڭدىن. `t{!9;&  
-نەنمىڭدا بىزنىڭ ئاغىنىلەر بار. ئۇستام ، ماۋۇ بالىلارنى دەل جايىغا ئاپىرىپ قويسىلا جۇمۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆز - كۆز قىلغاندەك يەنە جېكىلىدى. W:24gNO#xJ  
- بىز مۇشۇيەردە چۈشۈپ قالايلى RB|']B52G|  
كەيپنىڭ يېنىدىكى ھەمرايى كىرا ھەققىنى تۆلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پۇل تۆلەشكە پاسسىپلىق قىلىۋاتقانقان كەيپىنى باسقاندەك قىلىپ ھەمرىيىغا نېمىلەرنىدۇر تاپىلايتتى.بىز بېكەتكە كېلىپ بايغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتۇق. ئاپتوبۇس ئادەمگە لىق تولغان بولۇپ پەقەت بىر ئىككى يەردە بىردىن ئورۇن باردەك قىلاتتى. مەن ئىشىكنىڭ يېنىدىكىلا بىر ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغان بىر بالىدىن سورىدىم. J&.7wvCil  
-بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ EWY=% C+^h  
    ئۇ چاچلىرى پاخپايغان، قارامتۇل بالا بولۇپ، چىرايى بىچارىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان نوچىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىدى. خوشامەتچىلىك تەقەززاسى بىلەن ئىشىككە قاراۋاتقىنىدىن قارىغاندا بۇ ئورۇننى قايسىدۇر بىر قىزغا يېقىن كۆرۈنۈش ياكى قايسىدۇر بىرسىگە ئۆزىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. Q=9hX{#  
- بار. t"B3D9#i>  
- بىز ئولتۇرساق بولمامدىكەن؟ 7Y`#,=w-o  
- ئۇ مېنىڭ تەرىمگە ۋە كىيىنىشلىرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ سەل ئەيمەندى ۋە پېتىدىن چۈشمىگەن ھالدا قىزغىن تۈس ئېلىپ: &B cNpeD  
- ھە، ئادىمى كەلگىچە سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، دەپ ماڭا ئىشارە قىلدى. aB5h, Y  
 مەن ھاجىمنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئارا تۈرۈكلۈك بالىنىڭ ئارقىسىدىن ئىچكىرىلەپ ماڭدىم. JD0Sd?M  
-بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟  u`:!5  
چىرايلىق قىزچاقتىن سورىدىم. قىز تارتىنغان ھالدا بار، دېدى. كۆڭلۈمدە ھەممە ئادەم مۇشۇ قىزدەك بولسا بولماسمۇ؟ دېدىم. S{GzO''c  
- مەنە مايەردە ئولتۇرسىلا . AMtKgV!H  
ئۇ ماڭا بىر ئورۇن كۆرسەتتى، مەن تەكەللۇپ قىلمايلا ئورۇن ئالدىم.ئاپتوبۇس قانداقتۇر بىر خىل سېسىقچىلىق ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ دېھقانلارنىڭ مەينەت ۋە رەتسىز كىيىنىشى، ئاپتوبۇسقا مال بېسىلغاندەك تىقىلىپ كېتىشى ئادەمگە بىئاراملىق بېرەتتى.تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسى بىلەن تىجارەت ئارىسىدىكى ئەرزان كىرا ۋە ئاچكۆزلۈك خاھىشىغا چۆمۈلگەن شوپۇرنىڭ ئادىتىگە يارىشا ئاپتوبۇس ئادەم مىدىرالمىغۇدەك دەرىجىدە توشتى .ئاپتوبۇس ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىدا بىر خىل كېتىپ باراتتى. گويا بىسى ئاسمانغا قارىتىلغان، تىزىپ قويۇلغان كىچىك پىچاقلاردەكلا كۆرىنىدىغان تاغلار ماڭا خېلى بەك غەيرى تۇيۇلدى. نېمىلەرنىدۇر ئويلاپ ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ كەتتىم. @(eq:t  
-بايدا نەچچىلىك ئادەم بار؟ - مەن يېنىمدا كېتىۋاتقان دېھقاندىن سورىدىم. oQ~& Oi  
- نەچچە ئادەم بارلىقىنى نەدىن بىلىمىز ئۇكام، بىز خەقلەرنى ساناپ يۈرمىسەك. C`x Z4gl}  
    راست بۇ ئادەم نېمە بىلسۇن، ئۇ پەقەت تاسادىپ پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقان بالىلىرىنىڭ قوي كالىلىرىنىڭ سانىنى، كۆز ئالدىدىكى نەق ئىشنىڭ غېمىنى قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىنى بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتە. ئەمما بۇ گەپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇشۇنداق ئېيتىامدۇ ياكى ئاشۇ ھاجەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر ئوي راستىنلا ئەھمىيەتسىز نەرسىمۇ؟ ئويلىسا بۇمۇ ئاجايىپ بىر ئىش. قوي، كالا پەقەت ئۆزىنىڭ قورسىقىنىلا ئالىيراق بولغاندا بالىلىرىنىڭ قورسىقىنىلا بىلىدۇ. بۇنىڭدىن خاپا بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى كەڭلىك شۇنچىلىك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، ئۆز  تائىپىسىدا باراۋەردەك قىلغان بىلەن تىك تىزمىدا ھېچنېمە ئەمەس. شۇنىڭغا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تەبىئىي ۋە ياشاش تەرزى مۇقىم بولىدىكەن. ئەمما، بەزىلىرىنىڭ غېمى ئالەم ئىكەن. بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەن. ئەمما كۆپ چاغلاردا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى تەبىئىي ياشاش تەرزى مۇقىم بولالمايدىكەن. دېھقانلاردىكى تاتلىقلىقنى ھېس قىلغىنىمدا بەزىدە ياكى ئادەم ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىش دائىرىسىنى سىزىۋېلىپ ئاندىن غەم قىلىش كېرەكتەك ھېس قىلغان ۋاقتىممۇ بولدى. لېكىن ئىش مۇشۇنداق پەرق سۆزلەپ قويغانلىق بىلەن تۈگەرمۇ؟ ھايۋاننى چۆرىدىگەن يۇقىرىقى خۇلاسە بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىسپاتىنى پۇلاڭلاتماسمۇ؟ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان دائىرىنى بەلگىلىۋېلىش ئۇنى تۈزۈكرەك ياشاشتىن كۆزى قورقۇپ قالغانلارغا پەقەت بىر چىرايلىق بانا ياكى گەپتاننىڭ مەنتىقىلىق گەپلىرىلا بولۇپ قالماسمۇ؟ دۇرۇست ،قانداقلا بولمىسۇن  ئۇلارنىڭ ھەممىسى زېمىندا تەڭ ياشاپ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ«.مەن ۋۇجۇدنى ئۆز پەزلىگە لايىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ ياراتتىم،ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ»قۇرئاندا مۇشۇنداق بىر گەپنى ئۇچراتقاندەك قىلغانلىقىم ئېھتىمال. بۇ دۇنيالىقتىكى ئىشلار ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغۇچى جەريان بولسا كېرەك. توۋا بىر ۋاقلاردا جەننەتتىمۇ تەبىقە باركەن دەپ ئاچچىقلاپ يۈرۈپتىمەن. بۇنىڭ مۇنداق يوللۇق يېرى باركەن ئەمەسمۇ. BL)}gvmop  
- خوشە چۆپقەتلەر ! jM)&1T1U`$  
ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان گازىر كۆز كىشى رومكىنى قولىغا ئالدى. ئۇ بېشىغا غۇلجا كەپكىسى، ئۇچىسىغا رەڭگى ئۆڭۈپراق قالغان پوپايكا كىيگەن بولۇپ، ياداڭغۇ چىرايى ئۈچ بۇرجەك يۈزىگە ھەييارلىق تۈس بېرىپ تۇراتتى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە نېمىلەرنىدۇر دېگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ سوزۇپراق قىلىپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. bJy*0S$"  
... ... ... ... ... ... ... q{<=-Gay<  
ناخشا ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ ئېيتىلغاچ ئۇنىڭ قايسى ناخشىلارنى ئېيتىپ كەتكەنلىكىنى پەرق ئەتمەك تەس. بىزگە ئورۇن بەرگەن ھېلىقى پاخپاي چاچ تۇرۇپ-تۇرۇپ ناخشىغا قوشۇلۇپ پات -پات كەينىدىكى قىزلارغا ئۆزىنىڭ قىزىقچىلىقىدىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك ھوزۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىراپ قالغاندەك غەلىتە قارايتتى. بىراق پىۋىچى ئۇنىڭ ئۆز ناخشىسىغا قوشۇلىشىنى خالىمىغاندەك بىردەم قوللىرىنى ئارىدەك كېرىپ ئۇنىڭغا« بولدى قىل» دېگەندەك قىلىپ يۇقىرى تۆۋەن قىلسا بىردەم ناخشىنى ئۇ پەدىدىن بۇ پەدىگە يۆتكەيتتى. y;Fv72:  
- ھاف ئامىن توفو ھاف ئامىن توفو ]aa*4P4k  
... ... ... ... ... ... ... 6yP~ `j4V  
ئۇ تۇرۇپلا راھىپنىڭ ناخشىسىنى باشلاپ يەنە بىر قۇردا ئولتۇرغان خەنزۇلارغا يۈزلۈنۈپ ھەييارلىق قىلاتتى. thk]9AV  
- قېرىلارنى ھۆرمەتلەيلى! ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇپ قالغان بىر بوۋاينى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. g(4=cHvs  
- يولداشلار ... ... ... مەن ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن. |a H'()>O  
مانا مۇشۇنداق تېتىقسىز ناخشا، سېسىق پۇراق ئىلكىگە تونۇپ يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە17-18 ياشلاردىكى بىر توپ بالا ئاپتوبۇسقا چىقتى. خۇدايىم توۋا ئەمدى ناخشىنىڭ ئورنىنى ئۆچكىدەك سەت مەرەش ئىگەللىدى. ئۇلارنىڭ غۇلجىلىقلاردىن قاچانلاردا مۇنچىلىك «مەدەنىيەت» نى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا ھەيران بولدۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان چاخچاق ئەمەس زەھەر ئىدى. كاشكى، شۇ زەھەردەك سۆزلەر گىرامماتىكىلىق جەھەتتىن قاملاشسىچۇ كاشكى Tn**qV2  
... ... =m (xJ  
بىر ۋاقىتلاردا ھېلىقى پاخپاي چاچ: t"X [N)fI  
- ئاغىنىلەر مەيەردە ھاجىملار چوڭلار باركەن ،دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى... ... ...شۇنداق قىلىپ بىز بايغا چۈشۈپ يەنە ئاقسۇغا ئاتلاندۇق.ئاقسۇغا كېلىپ تۇنجى ئۇچراتقىنىم جېدەل بولدى. بىز مېھمانخانا تاپالماي ئالدى بىلەن تاماق يىيىش ئويىدا گىلەنتىرگە كىردۇق.ئاغزىم ئەمدىلا ئاشقا تېگەي دېگەن ئىدى. تالادىن بىر ئايالنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋازى كەلدى، بۇرۇلۇپلا قارىسام ئۇدۇلىمىزدىكى لەڭپۇڭچى ئايال كۈنلۈكىنىڭ ئاستىدا ۋارقىراپ جارقىرىسا يەنە بىر ئايال ھەدەپ ئايىقى بىلەن ئۇنى ئۇرۇۋاتاتتى. ئاشخانىدىكىلەر ئوپۇر-توپۇر بولۇپ تاماشا كۆرگىلى ماڭدى. m `9CIC  
- ئۈچتۇرپانلىقلار ئويۇن قويغىلى تۇرۇپتۇ ھە ؟  6|@zO&D\  
-ئىككىسى ئۈچتۇرپانلىق بولمىسا.  
- ئاۋۇ بىرسى چېلەكتىكى پاكىز سۇدا قولىنى يۇيۇپتىكەن ماۋۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلماي يۈگۈرۈپ بېرىپ ھوي خېنىم ئۇنىڭدا قولىڭىزنى يۇماڭ، خەقلەر كۆرۈپ قالسا بازىرىڭىز ئۆلىدۇ، دەپتۇ.تاياق يىگىنى تېخى بۈگۈنلا چىقىپتىكەن. Q:9JS4k  
... ... ... ... ... 6M\.^e` wm  
تاماق يەۋىتىپ خىيالىم بۆلەكلا يەرلەرگە كەتتى. توۋا ،ئىچكىرىدە شىنجاڭلىق يەنە بىر يەرلىك دەپ ئايرىپ پاراڭ قىلىمىز، ئۈرۈمچىدە قەشقەرلىق، ئاقسۇلۇق دەپ ئايرىپ پاراڭ قىلىمىز، ئەمدى ماۋۇ ۋىلايەتكە كەلسە ئاۋاتلىق، كەلپۈنلۈك،ئۈچتۇرپانلىق دەپ ئايرىيدۇ. بولمىسا تاياق يىگۈچىنىڭ قىلغىنى توغرىكەن، ئېنىقكى قارشى تەرەپمۇ ئۆز خاتالىقىنى تونىغان بىراق ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويغان ئادەمنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن،بۇ نېمىدېگەن غەلىتە روھى ھالەت-ھە. 3sm0U.T  
- ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر بۈگۈن ئويۇن قويىدىكەن. 0Ad]URv[  
ئېھتىمال مۇشۇ گەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان روھىمغا ئاراملىق بەردى بولغاي مەن بۇ ئويۇننى كۆرۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. MDQ;  
قەشقەردە ئومۇمەن جەنۇپتىكى باشلىقلارنى چوڭ بىلىش ئىدىيىسى مەدىنىيەتنىڭ بەلگىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇ مۇنداق روھى ھالەتنىڭ ئىنكاسى يەنى ئومۇمى خەلق ئېڭىدا ھۆكۈمەت ئېڭى، ھوقۇق ئېڭىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، قەھرىمانلارنى ئىززەتلەش ئېڭىنىڭ ئۆڭۈپ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندەك قىلىدۇ.قەشقەرنىڭ مېھماندارچىلىقى ۋە باشقا ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەقىقىي ئۇيغۇر شەھەر مەدىنىيىتىنى ئىنكاس قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. قەشقەرلىكلەرنىڭ گەپتانلىقى، قۇۋلىقى ۋە باشقا بارلىق يامان ئىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى دەل مانا مۇشۇ مىڭ نەچچە يىللىق شەھەر مەدىنىيىتىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. مەسىلەن ئالايلى ، ئۈرۈمچىنى 40 يىل شەھەر قىلىپ قويىۋېدۇق ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ مىجەزىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى. قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىللەتلىرى ئۇلاردا مانا مەن دەپلا ئىپادىلىنىۋاتمامدۇ. $X$_Q`  
ئەتىسى بىر مەكتەپدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ يەنىلا 5يىلنىڭ ئالدىدىكىدەكلا ئىدى. بىراق شۇ تاپتا ئۇ بامدات بىلەن جۈمە نامىزىغىلا بارىدىغان ھالدا ئىكەن. M du4*j  
- ئادەم ناماز ئوقۇسا ناھايىتى تەرتىپلىك بولۇپ قالىدىكەن، مېنىڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقىغان بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەك قايىل بولدۇم، بىراق، بۇ موللام گۇيلار بەك پاشىۋاز كېلىدىكەن.بىر قېتىم مەنمۇ باردىم. ھېلىقى جالاپلارنىڭ ئېرى باركەن، يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ جېنىم ئاران قالدى.كەچتە ئۇ دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇرۇن ئىشەنمەيتتىم بىر كۈنى ئاشخانىغا بارسام ئۇ يەردە يوق، ئۆيگە بارساممۇ يوق، ئىزدىسەم بىرمۇنچە ئادەملەر بىلەن بىر ئۆيدە بەزمە قىلىپ تۈنىسە، جالاپلار بىلەن تانسا ئويناپ كېتىپتۇ. دادام تۇرۇپ بەرسىغۇ دۇكان بەك ئاقاتتى. ئۇكامغا تازا خوشياقمايدۇ، ئۇ پۇل تاپسا دادام دېگەن ئوغرى ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلغاندىكىن... مېنىڭ بۇ تۈز، سەمىمىي مەكتەپدىشىم مۇشۇ تەرىقىدە سۆزلەپلا كەتتى.قەشقەرگە جۈمەگە ئۈلگۈرۈپ كەلدىم. بۇ يەردە ئۈرۈمچىدىن بىرەر سائەت كېيىن جۈمە ئوقۇيدىكەن. بىز بەك بالدۇر كېلىۋاپتۇق. شۇڭا يالاڭ باش پېتى مىچىتنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدىم. ئاجايىپ بىر ھېسلار ئىچىدە ھيېتگاھنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا سەپ سالدىم. دەرۋەقە ئۇنىڭ ھەممە يېرىدىن ھەقىقەتەنمۇ سالاپەت تېمىپ تۇراتتى. مەسچىتكە بىرلەپ ئىككىلەپ ئادەم كىرىشكە باشلىدى. مەن تۇرپان مەسچىتكە يالاڭباش كىرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇچرىغان سوغۇق قوپال مۇئامىلىنى ئەسلەپ بۇ جامەنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم. قارىسام مەيلى يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرغانلار بولسۇن ياكى بويلاپ قارىغانلار بولسۇن مېنىڭ يالاڭباش ھالدا مىھراپنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىمدىن قاتتىق ئىچى پۇشتى، نارازى بولدى. ئەمما ھېچكىم يېنىمغا كېلىپ بۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. كۆڭلۈمدە تۇرپاندىكى مەسچىتكىمۇ مۇشۇ كىيىم بىلەن كىرگەنتىمغۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئىمام ئەرزىيدۇ دېسە ئەرزىمەيدىغاندەك، ئەرزىمەيدۇ دېسە ئەرزىيدىغاندەك تويىلىدىغان ئوي كاللامدىن كەچتى . مەن ئىچىمدە بىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان  مۇشۇنداق لاكا لوزۇڭ تەربىيەنى ئاڭلاپ يۈرىۋېرىپ ئۇخلاپ قاپتىكەنمىزدە، خۇدا يېڭىچە مائارىپىمىزغا مەدەت بەرگىن. ئۇنىڭدا مۇنىڭدەك مەرىپەت ئىزاغا قالغۇدەك مەرىپەت بولىدۇ ئەمەسمۇ، دەپ ئويلىدىم.قەشقەرنىڭ قول ھۆنەرۋەنچىلىكى مېنىڭ ئەڭ زوقلانغان يېرىم بولدى.ئەمما شۇنىڭغا ئۇلۇشۇپلا مۇشۇنداق ئېسىل مىللىي سانائىتىمىزنىڭ تېخىمۇ زور ئىستىقبالغا ئەمەس، زاۋاللىققا خاھىشلانغانلىقىنى ئويلاپ چىۋىن يەۋالغاندەك بولدۇم. چۈنكى شىنجاڭنىڭ تۇتقان يولى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس ئىستىمال ئىدى. L}3H Q[  
- ھە! ماۋۇ ئاتامدىن قالغان ھۆنەر، ئۇيغۇرمىللىتى ئۈچۈن گۇاڭجۇ، شاڭخەي، ئۈرۈمچىلەردە ئويۇن قويۇپ« ۋىيزۇرىندى بىڭسى دو» دېگۈزگەن ھۆنەر جۇمۇ ،ماۋۇ - ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا سېرىكچى مۇشۇنداق توۋلاپ ئەتراپىغا بىرمۇنچە ئادەم توپلىدى. Edj0Cs  
- ماۋۇ ساندۇقنى ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرى ياسىغان، قەشقەر دېگەن يەردە ئۇستىلىرىمىز مۇشۇنداق چىۋەر دۇتار، تەمبۇر، غىجەكلەرگە قاراپ باق قېنى، نەدە ئۇنچىلىك نەپىس ھۆنەر سەنئەت باركىن قېنى، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ياسىيالايدىكىن ؟!    ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكنىڭ ئالدىدىكى رەسىمچىلەرنىڭ يايمىلىرىنى كۆرگەچ ئايلاندىم. مەخسۇم ھاجىم، ھىسام، يەكەنلىك ئاكا - ئۇكا كۈلدۈرگۈچىلەر ۋە باشقا خەلق قەلبىدىكى كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلغان ئىدى. رەستىلەردىكى كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان تىجارەتچىلەر بۇلار بىلەن قوشۇلۇپ ماڭا بەك ئىللىق تۈس بەردى. ئەمما رىشاتكىلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھالسىز بىر توپ ئادەملەر بەرىبىر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرماي قويمايتتى. 1,QV  
-بۇلار نېمىش قىلغانلار؟  I`8hJ:FO  
- بەرسەڭ تۈزۈك بەر بولمىسا بەرمە- قايسىدۇر بىر دىۋانە ساخاۋەتكە كەلگەن بىرسى بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى. VBR4>P|F\  
- ئاپلا خەپكەر جۈمە بولۇپ قاپتۇ بولمىسا ماۋۇ قەلەندەرگە تازا بىر گەپ كەلگەنتى. }.*.Ao  
- ئاكا، رازى بولسا ئاز بولامدۇ جىق بولامدۇ شۈكرى دەپ ئالسىلا، سىلىنىڭ خەقتە ئېلىشلىرى بولمىغاندىكىن  EK^,V(Z{  
-ئىچى ئاغرىمىسا بەرمىسۇن ، خۇدادىن قورقمىسا بەرمىسۇن fip&^[@  
- ئاغزىغا تازا سالىدىغان يېرىگە كەلدىغۇ. C5:Jb(L0D  
- ھە، مەيەگە كېلە، ئاشۇنداق سالىدىغان ئادەم تاپالمايۋاتىمەن. iVGn&JgC6/  
... ... ... ... e PtF_Zr  
بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ خەلق باغچىسىغا بېرىپ قالدىم. دەرۋازىدىن كىرگەنلا بىناغا كىتاپخانا دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن ئاۋايلاپ ئىشىكىنى ئىتتەردىم. lnpQ*J]B  
-ھە! نېمە گەپ؟  ئارقامدىن ناھايىتى بەكلا توڭلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇق ئارىلاشقان بىر ئاۋاز كېلىپ بىر ئوبدان كەيپىمگە زەھەردەك تەگدى. نەلەردىندۇر ئالا كۇچۇكلىرىم قوزغىلىپ زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم. ^{$Xn  
-بۇ يەرگە گېپى بارلار كىرەمتى؟ مەن شۇ گەپنى قىلىپلا ئارقامغا ياندىم، نادانلىق ئادەملەرنى مۇشۇنداق مەدىنىيەتسىز قىلىۋەتسە كېرەك.باغچىنى بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىيالىغا كەلدىم. q,eEPuff_  
-خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىنى نەدە؟ ^O-dR=dp^  
 بىر بالا  باغچىنىڭ ئارقا تەرىپىنى كۆرسەتتى.باغچىنىڭ ئارقا تېمىمۇ كۆرۈندى. تامنى بويلاپ ئارقا ئىشىكىگە كېلىپ قاپتىمەن. بۇ ئىشىكتىن كىرگەنلا يەردە بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ھەيكىلى تۇراتتى. ئايال ئۇسسۇل ئويناپ، ئەر لېگەنگە مىۋە ئېلىپ كىمگىدۇر بىرسىگە تۇتىۋاتقاندەك ئىدى.توۋا، بۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈشكەندە، بىزنىڭ مېھماندوستلىقىمىز ھەممىدىن مەشھۇر، ھەممىدىن ئالقىشلىق، ھەممىدىن كۆزگە چېلىقىشلىق بولسا كېرەك. L{R/zhx3  
- يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى نەدە؟ 5q-O 3a 6  
- ئۇ يەرگە بېرىپ نېمە قىلىسىز؟ 2b]_?"n  
مەن سۇئال سورىغان ياش بۇ بالا مۇشۇ سۇئالنى قويدىيۇ ماڭا قاراپ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئوسال سۇئال سورىغىنىنى دەرھال ھېس قىلغاندەك بولۇپ خىجىللىق ئىچىدە مەقبەرىنىڭ ئورنىنى دەپ بەردى.مەن باغچىدىن چىقىپ خېلىلا ماڭدىم، بىراق ھېلىقى بالا دېگەن يولنى ئۇچراتمىدىم. &^V+VP{0E  
-يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى نەدە؟ @`_qC Tx0s  
مەن يولدا ئولتۇرغان مويسىپىت كىشىدىن سورىدىم. /oK$~iu  
- باغچىنىڭ ئىچىدە، ئارقىڭىزغا يېنىڭ. tNqxf@"|j  
ئۇ سەل تەستە مۇشۇ گەپنى دېدى. بۇ ماڭا گۇمان بەرگەچكە ئارقىمغا يانغاچ بىرسىدىن سوراپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. NBK^Dy  
- يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسى نەدە؟ dS-14aLL  
 مەن كىتاب سېتىپ ئولتۇرغان ياش بالىدىن سورىدىم. ئۇ دەل ئورنىنى دېدى. مەن يەنە ئارقامغا يېنىپ ماڭدىم. يولدا ھېلىقى مويسىپىت ئۇچراشتى. توۋا قەشقەرلىك تۇرۇپ مۇشۇنداق يەرنىمۇ بىلمەيدىكەن. دېگەنلەر خىيالىمدىن ئۆتتى. كۆڭلۈم يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى. مەن پەۋەس ھېسلاربىلەن بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ يېنىغا باردىم. !{MRCN!e_  
يەكەن كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. ئۇ يەردە تونۇشلار بىلەن بىرگە بولدۇق.ئۇلار ھە دېسىلا ئوقۇغانلارنىڭ زىيانلىرى، باشلىقلارنىڭ چېرىكلىكى، زۇلۇملىرى، ئۆلۈك سىياسەت، تۈرلۈك تۈزۈم ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئىچكىردىكىلەرنىڭ ھەتتا دادۈيجاڭلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ شەھەردە، مىللىلارنىڭ يېزىدا بولىشى مۇقەررەرلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى دېگەننىڭ ئىچكىردىكىلەرنى  يۆتكەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى. دەپ باقە، ئەجىبا بىزنىڭ سىتودىنتلىرىمىز رىنسەي ئەمەس، سىچۈەنلىك دەنداسىڭلار ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقىغانلار رىنسەيمىكەن؟! دەيتتى.مەن ئۇلارنىڭ ھېسسىي ساپادىكى تەمكىنى يوق بۇ خىلدىكى گەپ سۆزلىرىگە خېلى سۈكۈت قىلىپ باقتىم. لېكىن بۇلار بىر چاغلاردا مۇنتىزىم ئەقلىي تەربىيە ئالغان بالىلار ئىدىغۇ؟ نېمىشقا تۆۋەندە چېرىكلىك، ساپاسىزلىق، نامراتلىق تۈپەيلى تۈرلۈك بولمىغۇرلۇقلارنىڭ تەبىئىيلا بولىدىغانلىقىنى ئىلمى ھالدا چۈشىنىپ، ئۇنىڭ 15 يىل مۇنتىزىم ئەقلى تەربىيە ئېلىپ داڭلىق ئونۋىرسىتىتنىڭ دېپلومىغا ئېرىشكەن ئوغلانىدەك يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە گەپ قىلماي مۇنداق تاققا - تۇققا گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلارنى كۈچىنى كۆرسىتىدىغانغا سورۇن تاپالماي ئۈمىدسىزلىنىپ مۇشۇنداق-كوت-كوت بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئەمما ھەر بىر ئىنسان زېمىنغا خەلىپە قىلىپ يارىتىلغان ئەمەسمىدى؟! بىزنىڭ خەلقىمىزدە، جەمئىيىتىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مۇنچە كەمچىلىكلەر بار. لېكىن ئەجىبا جەمئىيەت-بىزنى مۇشۇنداق بولمىغۇرلۇقلاردىن قاخشاپ ئۆتىدۇ دەپ ئەمەس، ئۇنى ئىلغا قىلىپ ئوڭشايدۇ دەپ تەربىيىلىگەن ئەمەسمىدى. قەلبىمدىكى سۇئاللار بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىدى. كىشىلەرنى كۆز ئالدىمغا تېخىمۇ ئەكىلىپ باققۇم كەلدى. T/}dV^Ps  
1997 - يىلى سودا ئىشى بىلەن شەرقى شىمالدا ئالتە ئاي تۇرۇپ قالدىم. ئىشلىرىم تۈگەپقايتىشىمدا  بىرەيلەن ئويغۇر قىزلىرىدىن ئۈچنى بىرسى ئالداپ ئىشرەتخانىغا سېتىۋېتىپتۇ. ئۇلار بىزنى قۇتقۇزۋالساڭلا،دەيدۇ- دېگەن بىر خەۋەرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئالداپ سېتىۋېتىپتۇ، قۇتقۇۇزۋالساڭلار- دەيدۇ، دېگەن گەپلەر دەرھال نېرۋىمىزغا تېگىپ، سودىلىقلىرىمىزنى شۇ-ھامانلا يىغىپ، چوڭ - كىچىك 50-60 قا يېقىن ئادەم گۈلدۈرلەپ قىزلار بار قاۋاقخانىغا كەلدۇق. قاۋاقخانا ئىگىسى قىزلارنى ئاللىقاچان يۆتكىۋەتكەن ئىكەن. ئۇيان-بۇيان دېيىشىپ بۇيان دېيىشىپ ئاخىرى -ئەتىسى كېلىدىغان بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، قىزلارنى ئالداپ ئەكەلگۈچى ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپلا بىزنى كۆرۈپ قاچتى. ھەممەيلەن ئۇنى قوغلىشىپ تۇتۇپ-ماشىنىغا باستۇق. بىراق، ماشىنىنى بىر توپ ئادەملەر ئورىۋالدى، خۇددى كىنولاردىكىدەك تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ھېلىقى ئىپلاسنى ماشىنا ئىچىدە تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، كۆز ئالدىمدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ، قانچىلىك تىت-تىت بولۇۋاتقىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. بىر چاغلاردا ساقچىلار كەلدى. لېكىن، ئاشۇلارنىڭ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن لۈكچەكلەر بىزدىن 4 - 3 ئادەمنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتتى. كېيىن ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىندۇق. نېمىلا دېگەن بىلەن بىز سىرتتىن كەلگەنلەر بولغاچقا ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسى تولىمۇ قوپال بولدى. ھەتتا ھېلىقى لۈكچەكلەر: ?lY^p.E'ds  
- بۇلارنى ئەكىرىپلا قامۋەتسەڭلا بولمامدۇ؟ دېدى. ساقچىلار: yeZUwr8b@i  
- بۇلار قۇرۇق قول ئىكەن، بولمىسا بىز جىم تۇرۇمىزمۇ،دەپ لۈكچەكلەرگە تولىمۇ ئەستايىدىل تەسەللىي بەردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن سوراقچىلار كېلىپ، سوراپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قىزلارنى تېپىشىپ بېرىدىغانغا ماقۇل بولدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى. ساقچىلار تۇيۇقسىزلا ئىشنى كىچىكلىتىشكە ئورۇنۇشقا باشلىدى. بىرنەچچە قېتىم ئاتالمىش باشلىقلارنى چاقىرتىپ، قىزلارنى تېپىپ بېرىدىغانغا ئۇزۇن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئىشنى بولدى قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارنىڭ مەڭسىتمەسلىك ۋە ھەزىلكەشلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى ۋە ئاۋازلىرىدىن ئۆزۈمنى ئاران-ئاران  بېسىپ ئولتۇردۇم. بىر كەملەردە بىرسى 500يۈەن پۇلنى تەڭلەپ تۇرۇپ: 71UTpMwn  
    -بۇنى بىزساقچىخانىدىكى بىرنەچچەيلەن يىغىش قىلدۇق. سىلەرمۇ خەقنى ئاز - تولا ئۇرۇپسىلەر، بولارمۇ ئۇرۇپتۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن تاياق يېگەن ئادەملىرىڭلارنى دوختۇرغا كۆرسىتىڭلار، دەپ كىرىپتۇ. مەن ئاچچىغىمدا سىلەرنىڭ زادى نېمە خىيالىڭلار بار؟ سىلەر بۇ پۇل بىلەن بىزنى سېتىۋالماقچىمۇ؟ دېدىم. بۇ چاغدا خېلىدىن بېرى ياغلىما گەپ قىلىۋاتقان ھېلىقى بىرىنچى قول ناھايتى مەسخىرىلىك قىلىپ، سېنىڭ كۆڭلۈڭ قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ مۇشۇنۇڭغا خوش بولساڭ بولىدۇ، دېدى. مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. بىراق زىيالىلىقىمنى قىلىپ ئونىڭغا بىرەر مۇشت ئاتالمىدىم. شونىڭغا ھازىرغىچە ئاشۇ دەقىقە يادىمغا يەتسە، مەن نېمىلا دېگەن بىلەن لاتىكەنمەن، دەپ قالىمەن. كەچ سائەت 11لاردىن ئاشقاندا ساقچىلار قىزلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنى سوراپ بولغىچە ساقلاپ تۇردۇق. ھەممەيلەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. بىر چاغدا ساقچىلار بىزنى چاقىرىپ سوراقنى تۈگەتتۇق، بۈگۈن نەدە قۇنۇشنى قىزلار ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ، سىلەر مەجبۇرلىمايسىلەر، دېدى. ئەلۋەتتە بىزبۇنىڭغا ماقۇل دېدۇق. بىردەمدىن كېيىنلا قىزلار يەنىلا قاۋاقخانا خوجايىنى بەرگەن ياتاققا قايتىپ تورىدىغان بولدى، دېگەن خەۋەر چىقتى. گويا بۇلۇتسىز ئاسماندا چاقماق چېقىلغاندەك بولدى. ئۆز - ئۆزەمگە قارا يۇمۇر، قارا يۇمۇر دەيدىغان، قارا يۇمۇر دېگەن مۇشۇمۇ - يە؟ دەپ تولغۇنۇپ كەتتىم. تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، ۋىجدانىي سۆزلەر، مەردانە ھەرىكەتلەرقايتا-قايتا  كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. مەن پەقەت بۇ قانداق گەپ، يەنە بىر سوراپ باقايلى، دېيەلىدىم. يەنە شۇ جاۋاپ. ئالەمدىكى ئەڭ قاتتىق ھارغىنلىق مانا مۇشۇنداق چاغدا يۈز ئاچسا كېرەك.شۇ ھامانلا ئولتۇرۇۋالغۇم، يېتىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. لېكىن چىشىمىزنى چىشلىمىسەك بولمايىتتى. ئۇ قىزلارنى قۇتقۇزمىساقمۇ، ئۆزىمىزنى كۈلكىگە قويساق بولمايتتى. شۇڭا ئۇ قەدىرلىك قىزلارغا يالۋۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. ئارىمىزدىكى چوڭلار: 4Z'\ &>LD  
-باللىرىم... سىلەرنى دەپ 50-60 ئادەم بۈگۈن بىر كۈن ئوت كېچىپ يۈردى. ئۈچ، تۆت بالىمىز تاياق يەپ دوختۇرغا كەتتى، مۇشۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بىز بىلەن ماڭساڭلار، بىز سىلەرنى ئايرىم ياتقۇزۇپ، ئوبدان مېھمان قىلىپ، ئەتە چىرايلىق يولغا سېلىپ قويساق... نەگە بارىمىزدېسەڭلار بارساڭلار... دەپ يالۋۇردۇق. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن تەڭ ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقتۇق.ئەتىسى ئەتىگىنى چوڭلاردىن بىر نەچچىسى قىزلار ياتقان ئۆيگە كېلىپ نەسىھەت قىلماقچى بولدۇق. ئاۋۋال ئەنئەنىۋى ئىدىئولوگىيىمىز بولغان دىنى تەبلىغ سۆزلەندى. ئۇلار باشلىرىغا ياغلىق ئارتىۋالغاندىن باشقا ھېسلاردىمۇ -يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم. ئىشقىلىپ مەنمۇ سۆزلىدىم. سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشىنى كەسىپ دەپ قارايدىغانلىقىنى،ھازىرقى خوجايىنى پۇلنى ئازراق بېرىپ، قوپال مۇئامىلە قىلغاچقا، بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ باشقا يەر تاپماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىزدىن ياردەم سورىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ قىزلارنىڭ چوڭى 21 ياش، كىچىكى 16 ياشلاردا ئىكەن. ئەمدى قانداق قىلماقچى؟ دېگەندە، ئۇلار: ئەمدى ماڭغان يولۇڭلارغا رازى بولساڭلار، بىزدىن يانمىسا، خۇدايىمدىن يانار، دەپ ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ شۇنداق تاتلىق تىل ۋە ئاھاڭدا خۇدانى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالدىم. ياخشى ئېيتا- يامان ئېيتا ئاخىرى ئۇلارنى شىنجاڭغا چىقىپ كېتىشكە ئۇناتتۇق. 2500 يۈەن پۇل يىغىلدى. ئۇلارنىئېلىپ  كېتىش ۋەزىپىسى قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان ئۈچەيلەنگە تېڭىلدى.بەش كۈنلۈك سەپەر بىزنى ئۆزئارا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ناھايىتى تەبىئىي بولۇپ، ئادەم قاراپ ئولتۇرغىدەك چىرايلىق ئىدى. جەنۇب قىزلىرىدا تېپىلىدىغان بارلىق نازاكەت ۋە ئوماقلىق ئۇنىڭدىن تېپىلاتتى. راسىت، ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنى پاھىشە دەپ ئويلىمايتتى. مەن بىر كۈن ئۆتە ئۆتمەي ئۇنىڭ پاھىشىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس -تاسلا قالدىم. مېنىڭدىن خىجىل بولۇپ تاماكا چەككىلى ماڭغاندا ياقامنى تۇتۇپ تۆۋە، دەپ قالاتتىم. مۇشۇ ھەيرانلىق مېنى ئۇنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى بىلىشكە تۈرتكە بولدى. ئۇ پاھىشىلىكنى بىر خىزمەت دەپ قارايتتى. ئۇيۇندەك بىلەتتى، ئۆزىنى خۇددى بازاردا ئۆپكە -ھېسىپ سېتىۋاتقان تىجارەتچىلەردەك تىجارەتچى ھېسابلايتتى. شۇ ھامان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم يادىمغا كەلدى. ئەنگلىيىدە بىر پاھىشىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغانلىقىن ئاڭلاپ، خوش بولغاندىم، مۇھەببەتتىن ۋازكېچىپ خىزمەتكە بېرىلگىنىمدە ئامېرىكا كىنولىرىدىكىدەك ئېھتىياج چۈشكەندە بىرەر قىز بىلەن بىر بولۇپ ياشايدىغان بىرشارائىت يارالسا بولۇپتىكەن دەپ ئويلىغىنىمنى ئەسلەپ، تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. بۇ قىز شۇ چاغدىكى ئويلىغىنىنى قىلالايدىغان مەنمۇ-يە دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئوتتۇرانچىسى ئىزىدا ئولتۇرالمايدىغان، كەسكىن قىز ئىدى. ئۇنىڭ كەلگۈسىدە داڭلىق يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بولغاچقا، ئۆتكەن كۈنلىرىدىن كۈندىلىك خاتىرە يازغانلىقى ئاشكارە بولدى. بۇ خاتىرە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ ياردىمىدە قولۇمغا چۈشكىلى ئاز قالغانىدى، بۇ قىز ئۆزىنىڭ خىجىل بولىدىغىنىنى دەپ تۇرۇۋالغاچقا قولۇمغا چۈشمەي قالدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خىجىل بولغانىدى. لېكىن، بۇ خىجىللىق مېنى قاتتىق ھەيرەتكە سالدى. ئۇنىڭ يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىغا كەلسەك، كۆڭلۈمدە پەقەت بىر خىل مەسخىرىلا بار ئىدى. ئىچىمدە داڭلىق يازغۇچى بولىمەن دېگۈچە ئوڭلاپ تۈزۈك ئادەم بولساڭچۇ دەيتتىم. بىراق، تۇرۇپلا ناۋادا ئۇ راستىنلا داڭلىق يازغۇچى بولۇپ كەتسە،مەن مۇشۇ نەپرەتلىك نەزەرلىرىمدىن يېنىپمۇ قالارمەنمۇ، ئۇ خەلقئاراۋى ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى مەيدىسىگە تاقاپ تاماكا چىشلەپ ئالدىمدا ئولتۇرسا، ئىززەت بىلەن ئالدىغا كۈلدان قويۇپ بېرەرمەنمۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ زېرەكلىكى، كۈچتىنگىرلىكىدىن قارىغاندا يازغۇچى بولۇپ قالسىمۇ ھېچ نەرسە دېگىلى بولمايتتى. شۇئان يادىمغا «جالاپ قېرىسا بۈۋى بولىدۇ» دېگەن ماقالە كەلدى. كەيپىمگە چۈشىنىكسىز بىر خىل كۈلكە يۈگۈرۈپ كەتتى. بۇ ئاشقۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز مىجەزى سەۋەبلىك ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ ھەق دادىغا يەتكۈزىۋەتكىنىمىدۇ ياكى زېمىستاندا باھارنىڭ قەدىرىنى بىلىپ ھەقىقەتكە قايتىۋاتقىنىمىدۇ؟ ئۇنداقتا بىز زادى ئىنساندىكى ھەر ئىشنى ھەق دادىغا يەتكۈزەلەيدىغان ئاشۇنداق مىجەزلەرنىلا تۇتىيا بىلىمىزمۇ ياكى «سۇ كەتسە تاش قالىدۇ، ئوسما كەتسە قاش قالىدۇ» دېگەندەك جاھاندا ئەبىدىي چاقناپ قالىدىغان كامالەت تاشلىرى، پاساھەت قاشلىرى بارمۇ؟قۇرئاندىكى گەپ بويىچە دېگەندە، ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلىدۇ. شۇنداقكەن ئىنسان مۇشۇنداق بىر تەبىئەت قوينىدا ھەق دادىغا يېتەلەيدىغان مىجەزنىڭ مېغىزنى چاقامدۇ ياكى گۈلدىراس ئالقىش دەپ دەب -دەبىلىك شاھادەتنامە، كاللەك -كاللەك پۇل ۋاسىتىسىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئويدۇرمىلارنىڭ چۆرىسىدە ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟ ناۋادا ئاشۇنداق بولىدىغان بولسا ھەزىرتى مۇھەممەد سەلىياللاھۇ ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق بۇرچتىن چىققان مەنىۋىيەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىمانسىز كىشىنىڭ ھەر بىر ئىشى ھەتتا كۈلۈمسىرىشىمۇ مەلۇم بىر مەنپەئەت زۆرۈرىيىتىدىن بولىدۇ، دەپ ئېيتقان تەلىمىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كىشىنى خالىسلىققا چېگىپ تۇرغان نەرسە زادى نېمە؟ 21nT":f\F  
[P8*asb:  
داۋامىنى ئالتۇن تارىم تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ ياكى قانداق قىلىش كېرەك (1)قانداق قىلىش كېرەك؟(2) قانداق قىلىش كېرەك؟(3) قانداق قىلىش كېرەك؟(4) قانداق قىلىش كېرەك؟(5) u Sg)  
ئاددىرىسلاردىن كۆرۈڭ .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+300(taklimakan) ئويلانغۇدەك ..
  • پۇل :+99(ئالىپتىكىن)
  • salkin mtv
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-07 10:50 |
    كىروران~يىگىتى
    خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى!
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 666
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1779
    شۆھرەت: 1455 كىشىلىك
    پۇل : 512692 سوم
    تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1608 نۇمۇر
    قوللاش: 1416 نومۇر
    ئالقىش: 1286 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قانداق قىلىش كىرەك؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ $p;a = .   
    8>TA~6~[V  
    مەن ئويلىنىپ باقاي..
    salkin mtv
    [color=#0000FF]-كىروران يىگىتى(خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى)
    1.ئادەم شەپقەتسىز بولغاندىلا ،ئۆز مۇرات- مەقسەتلىرىگە يىتەلەيدۇ2..ئۈزىمىزنى ھەم كىينىكى ئەۋلاتلارنى قەتئى ساۋاتسىز قالدۇرۇشقا بولمايدۇ،زور بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ،چەتئەلدىكى داڭلىق ئونۋىرستلاردا ئوقۇشىمىز ھەم ئۇقۇتۇشىمىز كىرەك. 3.دۇنيانى پەقەت تەبىئى پەنلەر ھەم ئىجتىمائى پەنلەرلا تەرەققى قىلدۇرالايدۇ....ھەرگىزمۇ ساۋاتسىز قاراقۇرساقلار  تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ!!!  4.بەش پەرزەنتىم بولسا .....  1.) قانۇن پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇرلۇق..2.)بىناكارلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق..3.)سىياسىيشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق...4)بىئو-خىمىيە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق..5)تىببى پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئونۋانىغا ئىرىشتۈرسەم دەپ ئۇيلايمەن...بۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىم ئەمەلگە ئاشسا ...بۇ دۇنيادا ئارمانىم يوق ئىدى.[/color]
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 10:52 |
    erk uzun
    afiyfiy
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27910
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: -17 كىشىلىك
    پۇل : 8734 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 76 نۇمۇر
    قوللاش: 44 نومۇر
    ئالقىش: 93 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن... قومۇلدىن يازغۇچى چىقمايدىكەن، چىقسا بەك يازىدىغىنى چىقىدىكەن.... رەھمەت سىزگە...
    armaninkas4
    ھەقىقەت دەل مېنىڭ يۈرىكىمدىدۇر!

    «ئەفىيفىي ياغلىق دۇكىنى» سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ! دۇكاندا ماراكەشنىڭ، تۈركىيىنىڭ، ئىتالىيىنىڭ، خاڭجۇنىڭ ياغلىقلىرى سېتىلىدۇ. ئادرېس: ئابلىز سودا سارىيى 1127- دۇكان؛ تېلېفۇن: 13669922322
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 10:54 |
    پادېشا
    ئاللا ھەممىگە قادىردۇر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 18220
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2105
    شۆھرەت: 1426 كىشىلىك
    پۇل : 9793 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1465 نۇمۇر
    قوللاش: 1404 نومۇر
    ئالقىش: 1619 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 601(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئۇقۇۋاتىمەن
    ئابلز[[[[[[[[[[[[[[ئادەم كىشلىك ھاياتنىڭ  قەدىر-قىممىتىنى بىلىشى  كىرەككەن ]]]]]]]]]]]]]
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 11:02 |
    نۇر-زات
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 15505
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 641
    شۆھرەت: 582 كىشىلىك
    پۇل : 2998 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 461 نۇمۇر
    قوللاش: 455 نومۇر
    ئالقىش: 479 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1442(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ساقلىۋېلىپ كىيىن ئوقاي.............
    salkin mtv
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 11:33 |
    www.nixan.cn
    كىروران~يىگىتى
    خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى!
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 666
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1779
    شۆھرەت: 1455 كىشىلىك
    پۇل : 512692 سوم
    تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1608 نۇمۇر
    قوللاش: 1416 نومۇر
    ئالقىش: 1286 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 394(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىafiyfiyنىڭ2009-03-07 10:54دە يوللىغان يازمىسى  : $M0[m  
    مەن داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن... قومۇلدىن يازغۇچى چىقمايدىكەن، چىقسا بەك يازىدىغىنى چىقىدىكەن.... رەھمەت سىزگە... U|wqWk  
    'kESF1Nz7,  
    HO@# 
    ئااتاقلىق،ئولۇغ ئالىم ئا----ئۆتكۈر  يازغۇچى ئەمەسما؟؟؟؟؟؟
    salkin mtv
    [color=#0000FF]-كىروران يىگىتى(خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى)
    1.ئادەم شەپقەتسىز بولغاندىلا ،ئۆز مۇرات- مەقسەتلىرىگە يىتەلەيدۇ2..ئۈزىمىزنى ھەم كىينىكى ئەۋلاتلارنى قەتئى ساۋاتسىز قالدۇرۇشقا بولمايدۇ،زور بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ،چەتئەلدىكى داڭلىق ئونۋىرستلاردا ئوقۇشىمىز ھەم ئۇقۇتۇشىمىز كىرەك. 3.دۇنيانى پەقەت تەبىئى پەنلەر ھەم ئىجتىمائى پەنلەرلا تەرەققى قىلدۇرالايدۇ....ھەرگىزمۇ ساۋاتسىز قاراقۇرساقلار  تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ!!!  4.بەش پەرزەنتىم بولسا .....  1.) قانۇن پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇرلۇق..2.)بىناكارلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق..3.)سىياسىيشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق...4)بىئو-خىمىيە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق..5)تىببى پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئونۋانىغا ئىرىشتۈرسەم دەپ ئۇيلايمەن...بۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىم ئەمەلگە ئاشسا ...بۇ دۇنيادا ئارمانىم يوق ئىدى.[/color]
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 12:13 |
    www.nixan.cn
    تىمتاس،
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28099
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 321
    شۆھرەت: 430 كىشىلىك
    پۇل : 20001420 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    قوللاش: 134 نومۇر
    ئالقىش: 155 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت  مەن ساقلىۋالدىم ئالدىرماي  ئوقۇپ چىقىپ بىرنىمە دەي
    salkin mtv
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 12:37 |
    www.nixan.cn
    ئىبنۇر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26681
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 261
    شۆھرەت: 108 كىشىلىك
    پۇل : 1096 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
    قوللاش: 93 نومۇر
    ئالقىش: 107 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت بەك ياخشىكەن .
    salkin mtv
    مەن كىم؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 13:09 |
    ۋەتەن
    مەن يەنىلا مەن،
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2282
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1883
    شۆھرەت: 1306 كىشىلىك
    پۇل : 807965 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1423 نۇمۇر
    قوللاش: 1142 نومۇر
    ئالقىش: 1054 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~مۇنقەرىز~
    توردىكى ۋاقتى : 687(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ماۋۇ تىمىنى  نادىرلاشنى  تەلەپ قۇلىمەن،بىزگە  قانداقتۇر  بىر تىمىلارنى  نادىرلاپ بەرگەن باشقۇرغۇچلارنىڭ  ماۋۇ  تىمىنىمۇ  نادىرلاپ بىرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن. PR4+/^?%  
    تەسىراتىمنى ئايرىم تەھرىرلەيمەن، `fPc :!|  
    تىما ئىگىسىنىڭ باشقا  قىسىملىرنىمۇ  ئالتۇن تارىمنىڭ  باشقۇرغۇچىللىرىغا  دەپ قۇيۇپ  سەلكىنگە يۇتكەپ كىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
    salkin mtv
    مەن  يىغا  بىلەن  توغۇلدۇم. ئاۋارچىلىق ئىلكىدە  يىتىلدىم. يەنە  جاپا تارتىشىم  ماڭا  ۋەزىپىما؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 13:25 |
    afiyfiy
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27910
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: -17 كىشىلىك
    پۇل : 8734 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 76 نۇمۇر
    قوللاش: 44 نومۇر
    ئالقىش: 93 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىروران يېگىتى، تەپەككۇرىڭىزدە مەسىلە بارمۇ قانداق؟
    salkin mtv
    ھەقىقەت دەل مېنىڭ يۈرىكىمدىدۇر!

    «ئەفىيفىي ياغلىق دۇكىنى» سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ! دۇكاندا ماراكەشنىڭ، تۈركىيىنىڭ، ئىتالىيىنىڭ، خاڭجۇنىڭ ياغلىقلىرى سېتىلىدۇ. ئادرېس: ئابلىز سودا سارىيى 1127- دۇكان؛ تېلېفۇن: 13669922322
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-07 21:03 |
    ئاق-ئەتىرگۈل
    Cinderella
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 144
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2130
    شۆھرەت: 236 كىشىلىك
    پۇل : 281506 سوم
    تۆھپە: 127 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1934 نۇمۇر
    قوللاش: 1858 نومۇر
    ئالقىش: 347 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى : 1216(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خەتكۈچ قىلىۋالاي..
    salkin mtv
    ما فى قلبى غير اللە.......
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 01:33 |
    anwar520
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25816
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 330
    شۆھرەت: -10 كىشىلىك
    پۇل : 1155 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -3 نومۇر
    ئالقىش: -5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ  ساقلىۋېلىپ  كىيىن  ئوقۇي  .
    salkin mtv
    قىلغانلىرىم سەن  ئۈچۇن ! ! ! ! ! !
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-08 01:36 |
    muslimgirl
    مۇسلىمەislam is my way of life
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12304
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 114
    شۆھرەت: 523 كىشىلىك
    پۇل : 1809803 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    قوللاش: 141 نومۇر
    ئالقىش: 284 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 907(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ساقلۋىلىپ ئاندىن ئوقۇي،  رەھمەت
    salkin mtv
    ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانىي تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرىتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر!
    Evry night and evry day you must  do not forget to say:"la elaha il lal lah,  mohammad resul allah "
    «اللە قانداق بىر كىشىنى ھىدايەتكە باشلايدىكەن ، ئۇ كىشىنى ھىچكىم گۇمراھلىققا باشلىيالمايدۇ . اللە قانداق بىر كىشىنى(ئۆزىنىڭ ئازغۇنلىقنى تاللىغانلىق سەۋەبلىك  )ئازغۇنلۇقتا قويىدىكەن ، ئۇنى ھىچكىم ھىدايەتكە باشلىيالمايدۇ ».
    اللە سەبىر ئاتا قىلغىن،امىين~!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-09 01:11 |
    قېچىچا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 35507
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 488 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كەلگەن ئۆتكۈر ئىجتىمائى زىدىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان بۇ يازما شەكسىزكى، ئوقۇرمەنلەرنى خېلى كۆپ ھاياجانغا سېلىشى تەبىئى. ئەمما، بىزدىكى پاجىئەلەرنىڭ  پاجىئەسى جەمىيىتمىزدە ھەل بولۇشقا تېگىشلىك مەسىىلىلەرنىڭمۇ  ئەمىتىكام سەمىتىكامغا، سەمىتىكام ۋاڭ، جاڭ... ئاكاملارغا ئىتتىرىپلا مەسىلىنى مەسىلە پېتى قالدۇرۇپ قويۇشى بولىۋاتىدۇ،  مەنچە بولغاندا پۈتۈن مىللەت سېپى بويىچە ئۆزىمىزنىڭ مىللى تەربىيە ئۇسۇلىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇش، خىلمۇ- خىل يوللار بىلەن يامراپ كەتكەن چاكنا ئەخلاق يۇقۇندىلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، خەلىقنى ئۆزىنى تونۇشقا يېتەكلەش ئەقىلغا مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن، سىلەرچا قانداق؟    
    salkin mtv
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-09 18:44 |
    arhan1
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34555
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 380
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    پۇل : 1520 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ساقلىۋالاي
    salkin mtv
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-09 23:15 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر