سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
سابان شاھ
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 34078
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 63
شۆھرەت: -9 كىشىلىك
پۇل : 632 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
قوللاش: 7 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 1994_يىلىدىكى قاراماي شەھىرىدىكى زور ئوت ئاپىتى.

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى كـاپىتان نادىرلىدى .(2009-03-05)
1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراماي شەھىرىدىكى دوستلۇق سارىيىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، قاراماي شەھەر رايونىدىكى يەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ ، سەككىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن 284 نەپەر ئوقۇغۇچى ، 17 نەپەر ئوقۇتقۇچى ، 22 نەپەر مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىم ، جەمئىي 323 ئادەم بۇ ۋەقەدە قازا قىلدى ( بۇلارنىڭ ئىچىدە 238 نەپىرى خەنزۇ مىللىتىدىن ، 36 نەپىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ، 21 نەپىرى خۈيزۇ مىللىتىدىن ، 15 نەپىرى قازاق مىللىتىدىن ، ئۈچ نەپىرى موڭغۇل مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى روس مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى مانجۇ مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى مياۋزۇ مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى شىبە مىللىتىدىن ، بىر نەپىرى جۇاڭزۇ مىللىتىدىن ، بىر نەپىرى داغۇر مىللىتىدىن ) .   hR Z(4]  
بۇ ھەقتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى چېن ياۋۋېن 2007-يىلى ئاشكارىلىغان تۆۋەندىكى ئەسلىمە ... `1t{+9O>  
g8E  
قاراماي << 8-دېكابىر زور ئوت ئاپىتى >>دىكى سىرلار ^&W>TM)j  
قەلەم تەۋرەتكۈچى :چېن ياۋۋېن (陈耀文) . H}+?~bI/  
5~49YIK`i  
دوستلار ، تۆۋەندە سىلەرگە كۆرسەتمەكچى بولغان خەت ۋە سۈرەتلەر بىر قېتىملىق زور ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك . مېنىڭچە ، بۇ زور ئاپەت ئۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياررۇ-بۇرادەرلىرىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي ئازاب كەلتۈردى ، شۇنداقلا مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلارنىڭ قەلبىگە ئۆچۈرگۈسىز ئىزلارنى سالدى . 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرق تېلېۋىزىيىسى << 1994-يىلىدىكى قاراماي ئوت ئاپىتى >> نامىدا مەزكۇر ئوت ئاپىتىنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنى خەۋەر قىلدى . بۇ پىروگرامما كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ، ئوت ئاپىتى تۈپەيلى قەلبى ئېغىر جاراھەتلەنگەن دوستلار بۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل ئىنكاس قايتۇرۇشتى . كۆپچىلىككە ئايانكى ، بىر قىسىم دوستلار بۇ << يارا ئېغىزى>>نى يەنە قايتا ئېچىشنى خالىمايدۇ ، مەن ئۇلارنى توغرا چۈشىنىمەن ، ھۆرمەت قىلىمەن . شۇڭا ، مەزكۇر يازمامدا ئالدى بىلەن سۆيۈملۈك دوستلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىمەنكى ، ئەگەر سىز روھىي جەھەتتىن يېتەرلىك تەييارلىق كۆرمىگەن بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى خەت ۋە سۈرەتلەرنى كۆرمەڭ ، ئەگەر يۈرەك كېسىلىڭىز بولۇپ ، كۈچلۈك روھىي غىدىقلىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولسىڭىز ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ . بۇنداق دېيىشىم ، پەقەت سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ، سىزنىڭ ھاياتىڭىز ۋە روھىيىتىڭىزگە ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن ، جەمئىيەتنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈندۇر . كۆپچىلىككە رەھمەت . YLjO)f  
چېن ياۋۋېن  2007-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈن كېچە }VE 
GT7|b?ii  
U|oJ%rRE  
12 يىل بۇرۇن قارامايدا يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتى مېنى چىدىغۇسىز ئازابقا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ . مەن قەلبىمدىكى قايناقچىلىقنى پەقەتلا تىزگىنلىيەلمەي قالدىم ، ئاشۇ چاغدا بىگۇناھ كەتكەنلەر ، بىمەھەل سۇلغان غۇنچىلار ، ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر تۇرۇۋاتقان يارىدارلار ، غەزەپ ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلار كاللامغا كىرىۋېلىپ ، << ئاز-تولا بىر ئىش قىلسامكەن >> دېگەننى خىيال قىلىپلا تۇرىمەن ... ;8$D*FJP  
D\O $//  
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، كۆپ مېدىئا تېخنىكى مېڭ شياڭ ۋە ۋاڭ جۈەننىڭ ياردىمىدە ، مەن 12 يىلنىڭ ئالدىدا تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلمىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ تەييارلىدىم . ' >J;  
-L>5 A  
12 يىل ئالدىدىكى قاراماي سەپىرىمدە شۇ يەرلىك بەزى كەسىپداشلار ۋە ئاق نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدىم . مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مەن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە سۈرەتلەرگە ئىگە بولدۇم ، بۇلار مېنىڭ ھۆكۈمىم ۋە تەپەككۇرۇمنى زور بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى ، بىر قىسىم پەرەزلەرنى دەلىللىدى ، بىر قىسىم پاكىتلارنى ئايدىڭلاشتۇردى . 12 يىل بولدى ، ئاشۇ چاغدا ماڭا بۇ ماتېرىياللارنى يەتكۈزگەن دوستلار ھازىر قانداقراق تۇرۇۋاتقاندۇ ؟ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىپ كۆڭلىنى يەنە پاراكەندە قىلماسلىق ئۈچۈن ، مەن ئۇلار بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ باقمىغان ئىدىم . ئەمما ، ئۇلارنى ھېلىھەم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمەن ! }h%F0KJ 'U  
o`{Dt]KNu  
1994-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئۆزئەرك ( ئاپتونوم ) رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىكىدىكى << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكى ( 23 كىشى ) قارامايغا كەلدى . 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە ، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى دوستلۇق سارىيىدا مەزكۇر ئۆمەكنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن سەنئەت كېچىلىكى ئۇيۇشتۇردى ، قاراماي شەھىرىدىكى يەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ، سەككىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە قاراماي شەھىرى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بولۇپ 796 كىشى بۇ كېچىلىككە قاتناشتى . b@73{Dc,-_  
N gQVwWD  
سۈرەتتە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بارابانچىلار ئەترىتى دوستلۇق سارىيى ئالدىدا رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالماقتا . De85d*2  
P_ Mqlsyi9  
ياڭراق  بارابان ساداسىدا ، رەھبەرلەر سارايغا كىرمەكتە . VpS`Ua  
XU-; *mSV  
بۇ سۈرەتتە ، شۇ كۈندىكى كېچىلىكتىكى ئىككى نەپەر ئېلانچىك قىزچاق ، بىرسىنىڭ ئىسمى جاۋ ياجىڭ ( ئىسمى ۋە چىرايىغا ئاساسەن ، ئوڭ تەرەپتىكى قىزچاق شۇ دەپ ئويلايمەن ) ، قاراماي شەھەرلىك سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى . بەختكە يارىشا ، ئوت ئاپىتىدە ئۇ ئامان قالغان . y9:l'T%CL  
9,RzZGEc]  
كېچىلىكتە كۈنتەرتىپنىڭ بىرىنچىسى _ رەھبەرلەرگە مەدھىيە سۆزى . سۈرەتتە بالىلار گۈل تۇتۇشۇپ ، كېچىلىككە قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن رەھبەرلەرگە قارىتا مەدھىيە سۆزلىرىنى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلماقتا . دېكلاماتسىيەدىن كېيىن بالىلار سەھنىدىن چۈشۈپ ، قولىدىكى گۈللەرنى رەھبەرلەرگە تۇتتى . X G}thf @  
!jd]|3d^*j  
كېچىلىكتىكى تۇنجى نومۇر _ ئۇسسۇل << ئىللىغان ئۆسمۈرلەر قەلبى >> ، قاراماي شەھەرلىك سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان . مەزكۇر نومۇرنىڭ ئىسمى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە قالسۇن ، جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق كىنايە سۆزى تېپىلماس ... 3#M #uL)  
52\jUFh$J"  
كېچىلىكتىكى تۇنجى نومۇر _ ئۇسسۇل << ئىللىغان ئۆسمۈرلەر قەلبى >>. hqU627 
ed dEB/GEb  
ئويۇن كۆرۈۋاتقان رەھبەرلەر . ئۇلار مۇشۇ ۋاقىتتا بالىلار ۋە ئاۋامنىڭ قەلبىدە باھار كەبىي مەبۇد قارىلاتتى . قاراڭ ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب سالاپىتىگە ! ... DahO1GEgT  
k@ CN>>Y  
بۇ ، بىرىنچى نومۇرنىڭ ئاخىرلىشىش كۆرۈنۈشى . :lxKVT%  
ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر دوستۇمدىن ئۇقۇشۇمچە ، مۇشۇ كۆرۈنۈشنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، سىنئالغۇنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن ، سىنئالغۇچى زالنىڭ ئالدىدىكى ئۆيگە بېرىپ ماي ئالماشتۇرۇۋاتقاندا ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. FD;z|;}  
{VH Jw  
ئوت كېتىشتىن بۇرۇن سىنغا ئېلىنغان كۆرۈرمەنلەر ئورنى . دوستلۇق سارىيىدا جەمئىي 831 كىشىلىك ئورۇن بار ، سۆيۈملۈك رەھبەرلەر تامامەن دېگۈدەك ئالدىنقى ئىككى رەتتە ئولتۇرغان ، بىرىنچى رەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۈستەل تىزىلغان . كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ئۇلار مۇشۇ جايىدىن كەينى تەرىپىدىكى چىقىش ئېغىزىغا بارغۇچە ئەڭ كۆپ ئارىلىقنى باسىدۇ . ھالبۇكى ، قاراماينىڭ شۇ يەرلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتىن قۇتۇلۇپ قالغان ، ئاز ساندىكى بىر نەچچىسى كۆيۈپ يارىلانغان . بۇ ۋەقەدە ، << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ 23 نەپەر ئەزاسىدىن 17سى قازا قىلغان ، قالغانلىرى ئوتتا يارىلانغان . شۇ يەرلىك كىشىلەردىن قايتا – قايتا دەلىللەش ئارقىلىق ئېرىشكىنىم شۇكى : ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ۋىلايەتلەرنىڭ مائارىپ كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ قارامايغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىكەن . شۇ كۈنى ، ئۇلار دوستلۇق سارىيىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوت كەتكەن . ئۇلار ئولتۇرغان ئورۇننىڭ سول تەرىپىدىن ئون نەچچە مېتىر يىراقلىقتا ، يەنى سەھنىگە يېقىن جايدا ئارام ئېلىش كارىدورىغا چىققىلى بولىدىغان ئىشىك بار بولۇپ ، بۇ ئىشىك قۇلۇپلانمىغان ، چۈنكى بۇ كارىدوردا ھاجەتخانىدىن ئىككىسى بار ئىدى . شۇ يەرلىك رەھبەرلەر بۇ سارايدا دائىم يىغىن ئاچىدۇ ، ئويۇن كۆرىدۇ ، بۇ يەرنىڭ يوللىرىغا پىششىق بولۇپ كەتكەن ، شۇڭا ئۇلار ئوت كەتكەندە پاتپاراقتا قالغان بالىلار ۋە سىرتتىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن كارى بولماي ، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتكەن . tW]6  
D:Yb#  
يۇقىرىقى سۈرەتتە قاراماي شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنباسار ( مۇئاۋىن ) مۇدىرى ، باش كاتىپى جاڭ تاڭخۇامۇ بار ( سۈرەتتە قايسى كىشى شۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ) ، پەرىزىمچە ئۇ بىرىنچى رەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايدا ئولتۇرغان . تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، ياشقا چوڭىيىپ قالغان جاڭ تاڭخۇانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، يا سەبىي بالىلارنى تەرتىپلىك ھالدا يۆتكەپ چىقىپ كېتىشكە تەشكىللىمەي ، يا كەلگەن مېھمانلارغا يول كۆرسەتمەي ، ئۆزى يالغۇزلا ھېلىقى ھاجەتخانىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ ، جېنى ئامان قالغان . 12 يىلنىڭ ئالدىدا ئىگەللىگەن خەۋىرىمدە ، جاڭ تاڭخۇاغا پارتىيىلىكى ساقلىنىپ بىر يىل سىناش ، ئورۇنباسار مۇدىرىلىقتىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەن . كېيىنچە جىنايى جازاغا بۇيرۇلغانلار تىزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتمىدىم . 3|8Zw  
{p3J UE  
سۈرەتتە ، يىغىن زالىنىڭ شىمال تەرەپ ئالدى قىسمىدىكى كۆرۈنۈش . كەينىدە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىغا قارىغاندا ، ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغانلار مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلىرى . ئۇلارنىڭ سول تەرىپىدىن بىر نەچچە مېتىر نېرىدا بايا ئېيتىلغان ھېلىقى ھاجەتخانىغا تۇتىشىدىغان ئىشىك بار ، ئارىلىق يېقىن بولغاچقا ، ئۇلار ئىشىكنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ . ئەگەر ئۇلار كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارى بولماي ، بىر نەچچە قەدەم ئالسىلا ، بۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ ئوتتىن ئامان قالالايدۇ . بىراق ، ئاخىرقى سىتاتىستىكا نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان 40 نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچىدىن 36 نەپىرى ئۆلۈپ كەتكەن ، قالغانلىرى ئوتتا يارىلانغان . h{03B&ULIH  
/=/ /o(p  
شۇ كۈندىكى تۇنجى نومۇرنى يۇقىرىقى سۈرەتتىكى ئاق كىيىملىك مۇئەللىمە تەييارلىغان . ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ يەن ، سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا مۇئەللىمەسى ، 1965-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان . شۇ قېتىمقى ئاپەتتە ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 16 نەپەر سەبىي قىز تېخى بايىلا نومۇر ئورۇنلىغان سەھنىدىن ئايرىلا-ئايرىلالماي تۇرۇپلا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن . )G|s!\8.  
7YdkP>$  
جاڭ يەن مۇزىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان ئون نەچچە يىلدا كۆپلىگەن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن . \HYTQ<}t  
J=qwgKk9  
سۈرەتتە جاڭ يەننىڭ قەبرە تېشى . ,7rqh-  
ئۇ ئوماق ئوغلىنى تاشلاپ كېتىپ قالدى . ئۇ شۇ چاغدا 29 ياشتا ئىدى . بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، 29 ياش خېلىلا چوڭ بىلىنسىمۇ ، ئەمما ياشىنىپ قالغان ھېلىقى رەھبەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، جاڭ يەن تېخى ياشلىقىنىڭ باھار پەسلىدە ئىدى . 5 WE?two  
JO \ LSvy  
سۈرەتتە قاراماي شەھەرلىك سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپنىڭ كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلىرى بۇ كېچىلىككە قاتناشقان . سۈرەت ئوت كېتىشتىن بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇن تارتىلغان ( كىمنىڭ تارتقانلىقى ئېنىق ئەمەس ) .بۇ سىنىپتا جەمئىي 43 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ، كېچىلىككە قاتناشقىنى 42 نەپەر . بىردىنبىر ھايات قالغۇچى بىر قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ ، ئۇ شۇ كۈنى مەكتەپكە بارغان چېغىدا مەكتەپ فورمىسىنى كىيمىگەنلىكتىن ، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇۋەتكەن . بۇ بالىنىڭ ئائىلە شارائىتى ناچار ، شەھەر سىرتىغا جايلاشقان ئۆيىدە تېلېفۇنمۇ بولمىغاچقا ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندىكى دوستلۇق سارىيىدا نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلمەيتتى . r&+5pQ  
i7H %-t  
سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى بايا سۈرىتى كۆرسىتىلگەن 3-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئورۇنلار ، سول تەرىپىدىكى يورۇق جاي بولسا سەھنىگە يېقىن جايدىكى چىقىش ئىشىكى . كۆزنى چاقنىتىدىغان بۇ يورۇقتىن بىز سىرتتىكى ئەركىن-ئازادىلىكنى بايقىيالايمىز ، ئەمما ئوت كەتكەن ۋاقىتتا بۇ ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى . 0#p`*N2KD3  
@rDJk6  
قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ دوستلۇق سارىيىنىڭ تېمىغا يامىشىپ دېرىزىگە ئورنىتىلغان تۆمۈر رىشاتكا ئىچىگە قولىنى تىقىپ ئەينەكلەرنى چېقىۋاتقانلىقىدەك قەھرىمانانە كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئېلىۋالغان . ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئوت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلارغا پەقەت ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرەلەيتتى ، ئۇلارغا بولغان خەۋپنى يوقىتالمايتتى . Z/tXn&G  
sW 
نەق مەيداننى تازىلىغان چاغدىلا ئاندىن قومۇرۇلغان بۇ ئىشىكنىڭ قۇلۇپى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ( ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ) سىنغا ئالغان ۋاقتىمىزدا يەنىلا ئېچىلمىغان ئىدى . تۆمۈردىن ياسالغان نەرسە ئوتتا مۇشۇنچىلىك تۇرغان بولسا ، بۇ ئىشىكنىڭ ئارقىدا جان تالىشىۋاتقان سەبىيلەر قانچىلىك بولماقچى ئىدى ؟ ... wcv?F("G  
/e@-b#@  
سۈرەتتە ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان 8 ياشلىق گاۋ شياۋيىننىڭ دادىسى گاۋ لى . ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ، مۇنداق دېدى : رەھبەرلەر بالىلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىدى ، ئۆزىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان بالىلارنى تاشلاپ قويۇپ ، ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشى ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ئۆزگە ئىش ئەمەس . ئۇلارنىڭ ئوت مەيدانىدىن قېچىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنىڭ باشلانغانلىقى ، مەيداندىن قېچىپ چىقالىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنىڭ تاماملىنىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، ئۇلارنى قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بويىچە جازاغا تارتىش كېرەك ! Ui2ulLO)  
21L 9^*  
سۈرەتتە : سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپ . بىز بۇ سىنىپ ئىچىنى سىنغا ئېلىۋاتقىنىمىزدا ، ياندىكى سىنىپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقاندىكى چۈچۈك ئاۋازلىرى ئاڭلاندى ، كۆڭلىمىز بۇزۇلۇپ ، بۇ سىنىپقا ئىچكىرىلەپ كىرەلمەي تۇرۇپ قالدۇق ... t@\ yz4?  
`vlg`w5"  
بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بىردىنبىر ھايات قالغۇچى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھېلىقى قىز ئوقۇغۇچى ، ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا ، 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە سىنىپقا يېتىپ كەلگەن . بۇ چاغدا كېچىلىككە قاتناشمىغان ئوقۇتقۇچىلار قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ، مەكتەپ ، ھەتتا پۈتكۈل قاراماي شەھىرى بىر كېچە ئۇخلىمىغاندەكلا ئىدى . مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقمىغان بۇ قىزچاق مەكتەپتە يەنە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرۈپ ، ئۇلاردىن : << مۇئەللىم ، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ >> دەپ سورىغان ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ھايات قالغانلىق سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن ، ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كەتكەن ... s xP&xYH   
hMxgOl  
ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، يۈرىكىم تىترەپ كەتتى ... بۇ قىزنىڭ ئىسمىنىمۇ خاتىرىلىۋالماپتۇق ، بۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ كۈنلىرى قانداق ئۆتتىكىن ؟ ... |@vj.~8NyB  
1-Ddtr/7  
سۈرەتتە : قاراماي شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېتەكچىسى لى پىڭ ( شۇ چاغدا 35 ياش ) . {B77%Gs7t  
F*PA`Q  
ئوت كەتكەن كۈنى ، لى پىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ نومۇر ئورۇنداشقا بارغان . ئۇلارنىڭ نومۇرى كەينىگىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا ، ئۇ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە كۆرۈرمەنلەر ئورنىنىڭ ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى قاتارىدا ساقلاپ ئولتۇرغان . بىرىنچى نومۇر ئاخىرلىشاي دېگەندە ، ئۇ سەھنىنىڭ ئۈستىدىن بىر پارچە ئوت شارىنىڭ چۈشكىنىنى كۆرگەن ، دەسلىپىدە ئويۇن ئۈچۈن چىقىرىلغان سەھنە لايىھەسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ، كېيىن بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان . دەل شۇ چاغدا بىرىنچى نومۇر تۈگەپ سەھنە ئېكرانى يېپىلغان ، ئۇ شۇئان يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن 12 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى ئېلىپ سول تەرەپتىكى چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق ئالدى زالغا كەلگەن ، ئۇ يەردىن بىردىنبىر ئوچۇق ئىشىككە قاراپ مېڭىشىغىلا ، زال ئىچىدىن زور پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان ، ھاۋا دولقۇنى زەربە بىلەن ئۇلارنى ئالدى زال تەرەپكە تۈرتۈپ يىقىتىۋەتكەن . i%&E 
+ RrobNC  
لى پىڭ دەرھال ئوقۇغۇچىلىرىنى سىرتقا ئىتتىرىپ ئەمدى تېخى بىر نەچچىسى سىرتقا چىقىپ تۇرۇشىغا ، ئىشىك ئۆزلۈكىدىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىغان ( يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ تاقىلىدىغان ئىشىك ) ، لى پىڭ شۇئان ئورۇق گەۋدىسى بىلەن ئېغىر تۆمۈر ئىشىكنى يۇقىرىغا تىرەپ تۇرغان ، ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇلار نەق مەيدانغا قايتىپ باشقىلارنىمۇ قۇتقۇزماقچى بولغاندا ، ئىشىك پۈتۈنلەي تاقىلىپ كېتىپ ، ئامال بولمىغان . شۇ چاغدا لى پىڭنىڭ ئون ياشلىق ئوغلى تېڭ تېڭ زال ئىچىدە بار بولغاچقا ، لى پىڭ دوستلۇق سارىيىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ : << تېڭ تېڭ ، ئوغلۇم ! قەيەردە سەن ؟ >> دەپ قايتا-قايتا توۋلىغان . بەلكىم تېڭ تېڭمۇ ئوت ئىچىدە ئاپىسىنى چاقىرغان بولغىيتى ؟ ... \ e!!/)  
k~870U\  
زىيارەت جەريانىدا ، لى پىڭ : << مېنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم زالنىڭ كەينى قاتارىدىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرغانىدى ، ئۇلار ئىشىككە يېقىن بولسىمۇ ، ئەمما قېچىپ چىقالمىدى ، چۈنكى ئۇلار ئۆز يانلىرىدا ئولتۇرۇشقان ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغدىشى كېرەك ئىدى ، ئەمما ئالدىنقى قاتاردا ئىشىككە ئەڭ يىراق جايدا ئولتۇرغان رەھبەرلەر قېچىپ چىقالىدى ، شۇنىڭغا ھەيرانمەن ... >> 3q(=_uYe8  
'xqU l1  
مەن تەپتىش خادىمىنى زىيارەت قىلغىنىمدا ،مەسىلە ئايدىڭلاشتى : نەق مەيداننى تازىلىغان چاغدا بايقالدىكى ، زالدا ئىستىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بالىلارنىڭ بەدىنىدە چوڭ ئادەملەرنىڭ ئاياغ ئىزى قېپقالغان ! +GArs1  
z2t:X  
سۈرەتتە لى پىڭ مۇئەللىمنىڭ ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئوغلى تېڭ تېڭ . u=mQ4# U  
تېڭ تېڭ 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان . لى پىڭنىڭ ئېيتىشىچە ، تېڭ تېڭ كىچىكىدىن ئاغرىقچان بولۇپ ، مۇشۇ يېشىغا كەلگۈچە لى پىڭ كۆپ جاپا-مۇشەققەت چەككەن . تېڭ تېڭ بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ بەشىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپنىڭ پىئونېرلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ كادىرى بولۇپ ، ئۆگىنىشتە-ئەخلاقتا ياخشى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىدى . لى پىڭنىڭ بۇ سۈرىتىنى كۆرۈپ ئويلىدىم : ئۇ ھايات بولغان بولسا ، ھازىر بەلكىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان ، ۋە بەلكىم بىر توقاي گۇۋاھنامە ۋە تەرجىمىھالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خىزمەت كويىدا يۈرگەن ياكى مائاشلىقلار قاتارىغا ئۆتۈپ ، جاپاكەش ئانىسىنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللىتىۋاتقان بولاتتى ... ,p_TdsC  
?\:MqVVd  
ئىدارەمدە ، ھەر كۈنى ئىشقا بارغىنىمدا تېڭ تېڭ بىلەن قۇرداش ياش بالىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن ، ئۇلار چېچىلاڭغۇ ، مىجەزى غەلىتە ، كىيىنىشلىرى ئاندىن غەلىتە ، گەپ-سۆزلىرىنى بىر ئاڭلىشىمدا چۈشىنەلمەي قالىمەن . ئەلۋەتتە ، ئۇلار خىزمىتىنى سۆيىدۇ ، تەپەككۇرى ئۆتكۈر ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ ، شۇنداقلا ھەر ئايدا قولىغا كېلىدىغان مائاشىنى تېخىمۇ سۆيىدۇ ... تېڭ تېڭ ، سەن ئۇ ئالەمدە مۇشۇنداق جاپا تارتىپ يۈرەمسەن ؟ ئۇ يەردىمۇ ئىككى-تۆت تال پۇل ئۈچۈن ھەر ياققا قاترايدىغان ئىشلارمۇ بارمۇ ؟ ئۇ يەردىمۇ توختاملىق ، تەكلىپلىك ، پىراكتىكانت خىزمەتچىلەر دەپ پەرق بارمۇ ؟ ... T6LjcB7}  
e41"&nvp  
ئەگەر مېنىڭ يەنە بىر قېتىم تۇغۇلۇش پۇرسىتىم بولسا ، مەن چوڭ بولماسلىقنى ، مۇھەببەتلەشمەسلىكنى ، توي قىلماسلىقنى ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش جايلاردا ئىشلىمەسلىكنى خالايمەن ، جان بېقىش ئۈچۈن بۇنداق روھىي قىستاقلاردا يۈرگۈم يوق . ~2{>XVt.6  
8 r88  
تېڭ تېڭ ، سۈرىتىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ دەردىمنى تۆكۈپ سالدىم ، چۈنكى سەن بۇلارنى چۈشەنمەيسەن ، سەن ھەم ئۇنچىۋالا كۆپ رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ، ھەتتا سېنى كىملەر ئۆلتۈرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيسەن . شۇنداقلا ، بىر جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن مەسئۇلىيەتچان ، باتۇر ، ئاق نىيەتلىك كىشىلەرنى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيسەن ، ئاشۇنداق جەمئىيەتنى جەمئىيەت دېيەلەيمىز . پايدا-مەنپەئەت ئالدىدا ، ئورۇن تالىشىدىغان چاغدا ، كىشىلەر كۆپ چوڭ سورۇنلاردا ، تۆۋەندىكىلەرنى تەنقىدلىگەن چاغدا زورىيىپ كېتىدىغان ئاشۇ رەھبەرلەر قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئاجىز سەبىيلەر ئالدىدا شەخسىيەتلىكىنى ، قوتۇر قەلبىنى ئاشكارىلىدى ... ;M2DC$ FIX  
VR{X!:1+  
بۇ سۈرەتتە ، ئالدىنقى قاتارنىڭ سول تەرىپىدە رەھبەر چىراي بىر ئايال ئولتۇرغان . بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ قەدىرلەشكە ، كۆيۈنۈشكە تېگىشلىك ، ئەمما 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئاشۇ كېچىدە ، مائارىپ كومىتېتى پارتىكومىنىڭ ئورۇنباسار سېكرىتارى ، قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ئورنىدىكى بۇ ئايال كېچىلىكتىكى قىلمىشى تۈپەيلى ئۇ پۈتكۈل جۇڭگونى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك << نام قازاندى >> : fd`Xo&:z  
dOWWI79 %  
مەلۇم بولۇشىچە ، زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كېچىلىكنى پىلانلاشقا كۇاڭ لى ئىسىملىك بۇ ئايالمۇ باشتىن-ئاياغ قاتناشقان . ئوت كەتكەن شۇ پەيتلەردە بۇ ئايال ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ شىمال تەرەپ كارىدوردىكى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا قاراپ چاپقان ، دېزىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسى بەك مۇستەھكەم بولغاچقا ، ئۇ قومۇرالماي ، ئەينەكنى چېقىپ ساپا ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان . ئەمەلىيەتتە ئوت كۆيۈپ كارىدور تەرەپكە تۇتاشمىغان بولسىمۇ ، كۇاڭ لى زال تەرەپتىن كەلگەن زەھەرلىك گازنى توسۇش ئۈچۈن ، ھاجەتخانا ئىشىكىنى چىڭ تىرەپ تۇرۇۋالغان ، زال ئىچىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن بالىلار ئىشىكنى قانچە ئۇرۇپ ئىتتىرسىمۇ ، ئۇ ئىشىكنى قەتئىي ئاچمىغان . $[{ Wx @  
_\rx!^ +  
ئاياللار ھاجەتخانىسى ... LaShyoP*  
} KbJ  
تەپتىش خادىمىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ، ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ ھاجەتخانىنى كۆرۈپ چىقتۇق . ئىچىدە ئورەكتىن ئونى ، تېشىدا قول يۇيۇش كۆلچىكىدىن ئىككىسى بار بۇ ھاجەتخانا تەخمىنەن 25 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا ئىدى . ئەگەر كۇاڭ لى شۇ چاغدا بالىلارنى ھاجەتخانىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ئاندىن ئىشىكنى تاقىۋالغان بولسا ، يەنىمۇ كۆپلىگەن بالىلار ئامان قالغان بولاتتى ... Ei5 FUOpq  
eP` >k'  
ئۇنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرىنى تەپتىش خادىملىرى دەلىللەپ چىقتى . قارامايلىق جىن شىنجيەن ئىسىملىك كىشى شۇ چاغدا دوستلۇق سارىيى سىرتىدا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقاندا ، ھاجەتخانا ئىچىدە ئىشىكىن تاقاپ چىڭ تىرەجەپ تۇرۇۋالغان كۇاڭ لىنى كۆرگەن ھەمدە تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندە بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا يەتكۈزگەن . ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بىز جىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق ، ھازىر مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمدە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى يەنىلا ساقلاقلىق . (.fX_Uj  
a;kv[rr[wy  
1994-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراماي قاماقخانىسىدا ، مەن كۇاڭ لى ۋە ئۇنىڭ << سەپداش >>لىرى بىلەن كۆرۈشتۈم . ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى يوق ئىدى ( ئۇلار شۇ چاغدا ساق قالغان-دە ) . كۇاڭ سېكرىتار ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ھارغىن ، مىسكىن كۆرۈنەتتى . ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىلدى . كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قارىسىمۇ ، ئاخىرىدا قانۇننىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ . a$j&>f`  
ugXbSJ2  
نەچچە ئون مىنۇت زىيارەت قىلىنىپ تۈگىگەندىن كېيىن ، ئۇنى تۈرمە ساقچىسى ئېلىپ تاكى كۆزىمىزدىن يىتكۈچە ، بىز ئىشىكنىڭ كىچىككىنە يوچۇقىدىن ئۇنى ئىزچىل سىنغا ئېلىپ تۇردۇق .
Tg,kg# (  
j;HtO>  
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ... (ئنكاس ئارقىلىق).
[ بۇ يازماكـاپىتانتەرپىدىن2009-03-05 21:44دە قايتا ت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : گۈليار
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-05, 03:16
salkin mtv
تارىخنى غالىبلاريازىدۇ،ئۆزىمىزنىڭ تارىخنىنى بىلىش ئۆزىمىزنى بىلىش دىمەكتۇر!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-05 02:19 |
سابان شاھ
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 34078
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 63
شۆھرەت: -9 كىشىلىك
پۇل : 632 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
قوللاش: 7 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

wH|Dw!}v  
چاچلىرى ئاقارغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى فاڭ تيەنلۇ ، ئۇ شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقلىق سالاھىيىتى بىلەن شۇ كۈندىكى كېچىلىك باشلىنىشتىن بۇرۇن قارشى ئېلىش سۆزى قىلغان . ئوت كېتىشتىن بۇرۇن ، فاڭ تيەنلۇ بىلەن قاراماي شەھىرىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى جاۋ شيۇلەن شۇ چاغدىكى نەق مەيداندا ئەڭ ئالىي مەمۇرىي رەھبەر بولغاچ ، كۆرۈرمەنلەر قاتارىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرغان . ئۇنىڭ قانداق ئاماللار بىلەن ئوت دېڭىزىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى ، بەلكىم << ئوقۇغۇچىلار مىدىرلىماڭلار ، رەھبەرلەر باشتا مېڭىۋالسۇن ! >> دېگەن بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭغا ياردەم قىلغاندۇ . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ، ئوت مەيدانىدىن خېلى بالدۇر قېچىپ چىققاندىن كېيىن ، باش قىسمى ، يۈزى ۋە قولى يېنىك دەرىجىدە كۆيگەن فاڭ تيەنلۇ رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا باشقىلارنى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىمەكتە يوق ، ئەكسىچە دوختۇرخانىغا يارىسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى چاپقان . ھەتتا ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلماي ، ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن . فاڭ تيەنلۇ ئاخىرىدا خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . IBB/[])  
?AA3\Y 3  
توردا ئۇچۇر ئىزدەپ باقسىڭىز ، << قاراماي شەھىرى رەھبەرلىرىدىن تاڭ جيەن >> دېگەن مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىسىز . مەن چۈشەنچە بېرەي : قارامايدىكى ئوت ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تاڭ جيەن بار ، بىرسى ، ھازىرقى قاراماي شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى تاڭ جيەن ، شۇ يەردىكىلەر ئۇنى << چوڭ تاڭجيەن >> دېيىشىدۇ ؛ يەنە بىرى ، قاراماي مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى تاڭ جيەن ، يەنى << كىچىك تاڭ جيەن >> . يۇقىرىقى سۈرەتتىكىسى دەل كىچىك تاڭ جيەن . ئۇ 8-دېكابىر كېچىلىكىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ، كۇاڭ لى بىلەن خىزمەتنى بۆلۈشۈۋالغان ، يەنى نەق مەيداندا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا كىچىك تاڭ جيەن مەسئۇل ئىدى . ئوت ئاپىتىدە ئۇ كۆيۈپ يېنىك يارىلانغان ھەمدە ئۆزى سىرتقا قېچىپ چىقىۋالالىغان . كېيىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . بەزى تورداشلار ئۇنى جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىپ يەنە يۇقىرى ئورۇنغا چىقىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ ، بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق . ئەينى ۋاقىتتا << پارتىيىدە قالدۇرۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇلۇش >> چارىسى بېرىلگەن ، كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئۆزلۈكىدىن قالدۇرۇلۇپ ، ھازىر يەنە ئۆز ئەمىلىگە قايتقان تاڭ جيەن بولسا تۆۋەندىكى چوڭ تاڭ جيەن شۇ . zv tC>7  
s{'j{j)0W  
چوڭ تاڭجيەن ... 2UQ?@_; =G  
>uXo=  
y Yenv@  
مەن ئىگەللىگەن ماتېرىياللاردا ، چوڭ تاڭ جيەننىڭ سۈرەتلىرىدىن پەقەت مۇشۇ بىر نەچچە چىراي ئىپادىسىلا بار . ئۇ شۇ كۈنكى پائالىيەتكە قاتناشمىغان ، ئەمما ئۇ شۇ چاغدىكى شەھەرلىك پارتىكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي رەھبەر . A/=Lx~  
يۇقىرىدىكى سۈرەتلەردە ئۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىنغا ئېلىش ئۆيىدە ئالدىن سىنغا ئېلىنغان << شەھەر خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراش >> پىروگراممىسىدا . yf2*UL$  
قايغۇرۇش ، ئۆكۈنۈش ، ئاللا-توۋا كۆتۈرۈش ئۇنىڭ بۇ پىروگراممىدىكى ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرى . بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن ، قاراماي شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇنىڭغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىنىڭ ئىپادىسى : تولىمۇ غەلىتە ، بىنورمال ، ھەزىل ، تېتىقسىز ... بولغان . (4\(vw8  
شەھەر ئاھالىلىرى نەچچە يېرى كېسىۋېتىلگەن بۇ پىروگراممىنىڭ سىنغا ئېلىنغان چاغدىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلمەيتتى : شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سېكرىتارى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكوم سېكرىتارى تاڭ جيەن سىنغا ئېلىش ئۆيىدە گېپىنى ئەمدىلا باشلاپ تۇرۇشىغا خۇددى ئارتىسلارچە بىر نەچچە مىنۇت يىغلاپ كەتكەن ، يەنە << ھەي بالىلار ، مەن گۇناھكار ، مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن >> دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ، شۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار ئامالسىزلىقتىن ئۇنى يۆلەپ چۈشۈپ كەتكەن . ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇ قايتىپ چىقىپ ، ئالدىن تۈزۈپ تەييارلانغان نۇتقىنى سۆزلىگەن ... $i4Y&:\W  
! AR3\av  
سۈرەتتە : ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەھنە چىرىغى . Po1}z?Rf/  
*h'Xi'u  
ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى دوستلۇق سارىيىنىڭ كۆرۈرمەنلەر ئورنى . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، تامدىكى زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئورۇندۇقتىكى يۇمشاق توقۇلمىلىق بۇيۇملار كۆيۈپ تۈگىگەن . مانا شۇ نەرسىلەر كۆيگەندە زەھەرلىك گاز چىقىرىپ ، زور تالاپەتكە سەۋەبكار بولغان . /A<.!z&A_  
 Xy+ #A(I  
سۈرەتتە : دوستلۇق سارىيىنىڭ ئالدى زالى . سول تەرىپى ساراي سىرتىغا ، ئوڭ تەرىپى كۆرۈرمەنلەر ئورنىغا تۇتىشىدۇ . يەردە يېيىلىپ ياتقىنى بالىلارنىڭ دەرسلىك كىتاب-دەپتەرلىرى ، چوڭ-كىچىك ئاياغلار ، شۇنداقلا گاڭفەن ، موما ، قاتلىما قاتارلىق يېمەكلىكلەر قاچىلانغان ئاليۇمىن قاچىلار . TvQ>h4  
O/s[:lGEQ  
دوستلۇق سارىيىنىڭ سول تەرەپ كارىدورى . كۇاڭ لى ۋە جاڭ تاڭخۇا جېنىنى ساقلاپ قالغان ئەر-ئاياللار ھاجەتخانىسى مۇشۇ سۈرەتتە قاراڭغۇ كۆرۈنگەن جاينىڭ سول تەرىپىدە . ئېنىقكى ، بۇ كارىدورغا ئوت يېتىپ كەلمىگەن ، يەردىكى ئەينەك پارچىلىرى بولسا ، سىرتتىكىلەر چاققاندا يەرگە چۈشكەن دېرىزە ئەينەكلىرىدۇر . + (l?5Lr  
RkV#V,?[M  
دوستلۇق سارىيىنىڭ ئوڭ تەرەپ كارىدورى . ئوت كەتكەندە ، بۇ كارىدور بىلەن ئالدى زال ئارىسىدا قۇلۇپ سېلىنغان بىر تۆمۈر رېشاتكا بار ئىدى ، شۇڭا زالدىكىلەر قېچىپ بۇ كارىدورغا كەلسە ، يەنىلا ئامان قالمايتتى . VtoC *vC  
+B/Zq\sk#  
دوستلۇق سارىيىنىڭ شۇ چاغدىكى ئالدى كۆرۈنۈشى . بۇ ساراي غەربكە قارىتىپ سېلىنغان . ساراي ئىشىكى ئالدىدىكى ئالتە تۈۋرۈك ئارىسىغا چىقىش ئېغىزىدىن ئۈچى بېكىتىلگەن . ئاشۇ كۈنى ، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكلا ئېچىپ قويۇلغان . بىز ھېسابلاپ باقايلى : ساراينىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىدىكى يان ئىشىكلىرىنى قوشقاندا ، بۇ ساراينىڭ جەمئىي 7 يېرىدە كىرىش-چىقىش ئېغىزى بار . قائىدە بويىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلگەن بولسا ، ئۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە بۇنچە كۆپ جان ھاياتىدىن ئايرىلمايتتى ، ھەتتا نەق مەيداندىكى رەھبەرلەر << ئوقۇغۇچىلار جىم تۇرۇڭلار ، رەھبەرلەر ئاۋۋال مېڭىۋالسۇن ! >> دەپ كاركىرىسىمۇ ... ! ھازىر دوستلۇق سارىيىنىڭ ئالدى تېمىلا قېپقالدى . OaXP.H/s  
1+\1HStI_  
مەن زىيارەت قىلىۋاتقان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ۋاڭ جىرۈي ، شۇ چاغدىكى قاراماي رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ سايمان-جابدۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى . ئۇنىڭ دەلىللەپ بېرىشىچە ، 1994-يىلى 10-ئايدا ئۇلار دوستلۇق سارىيىدا بىر قېتىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغاندا ، ئويۇن سەھنىسى ئۈستىدىكى چىراغنىڭ سەھنە پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ قويۇشىدەك ئەھۋال يۈز بېرىپ ، ئۇلار ۋاقتىدا بايقاپ قالغاچقا ، چوڭ ئىش كېلىپ چىقمىغانىكەن . YW:fj8W7  
8-دېكابىر ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ، دوستلۇق سارىيىنىڭ باشقۇرغۇچى ۋە مۇلازىمەتچى خادىملىرى ئاۋۇ رەھبەرلەرگە قارىغاندا ئېغىرراق كېسىلدى ، چۈنكى ئۇلار سەھنە چىرىغىنىڭ ئىلگىرى سەھنە پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق يەنە بىپەرۋالىق قىلغان ؛ دوستلۇق سارىيىدا چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەندە ، بارلىق ئىشىكلەرنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى ، ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ھالەتتىمۇ ئاچقۇچ تۇتقان دىژۇرنى خادىم نەق مەيداندا بولۇشى كېرەكلىكىدەك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان . Z$HXh fkL  
x; &|S)'  
15 يىللىق تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىق ھاياتىمدا ، مەن تۇنجى قېتىم تېلېكامېرا ئالدىدا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . قاراماي شەھەر رايونى سىرتىدا ۋاقىتلىق ئېچىلغان بۇ قەبرىستانلىقتا بىر قانچە قېتىم سىنغا ئېلىپ ، ھېچبىر قاملاشتۇرالماي قالدۇق . بۇ يەر ناھايىتىمۇ سوغۇق ئىدى ، ئەمما ماڭا قارىغاندا ، بۇ قەبرىلەر ئاستىدىكى بالىلارنىڭ قەلبى تېخىمۇ سوغۇق ئىدى ... uYq]MZ  
MRenV|9  
قەبرە تېشىدىكى خەتلەرگە قاراڭ : جۇ شياۋۋېن ( قىز ) ، 1981-يىلى تۇغۇلغان . ئەينى ۋاقىتتا 8 ياش ، 9 ياش ، 10 ياش ، 11 ياش ، ... بالىلار ھايات بولغان بولسا ، ھازىر << قامەتلىك ، كېلىشكەن ، جۇشقۇن ، جەلىپكار ... >> دېگەندەك بىر قاتار سۈپەت سۆزلىرىنىڭ ئىگىسى بولغان بولاتتى ! XM$V&Ye  
 y-I  ^  
سۈرەتتە 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى زىيارىتىمىزدە بولۇۋاتقان شيې جىچياڭ . ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى بولغان ، كېيىن تارىم نېفىتلىكىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ يۆتكەلگەن . << 8-دېكابىر ۋەقەسى >> يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ۋەقە جەريانىدا رەھبەرلەرنىڭ قىلمىشى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ ، قاراماينىڭ ۋەزىيىتى جىددىلىشىپ قالغانلىقتىن ، ئۆزئەرك ( ئاپتونوم ) رايون قارامايدا ئوتتۇز نەچچە يىل خىزمەت قىلغان شيې جىچياڭنى قارامايغا قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئۇنى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارلىقىغا ، ئىدارە باشلىقلىقىغا ، قوشۇمچە قاراماي شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا قايتىدىن سايلىغان ، شۇ چاغدىكى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى ، قوشۇمچە شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سېكرىتارى تاڭ جيەننى ۋەزىپىدىن بوشاتقان . بىز 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قارامايغا يېتىپ باردۇق ، شيې جىچياڭ 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇردى . ئۇ بىزنىڭ شۇ يەردە زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇقۇپ ، ئەسلىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىزنى << ئالاھىدە >> كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى ، شۇنداقلا شۇ زامات تۆۋەنگە يېڭى كۆرسەتمە چۈشۈردى : قانۇندا رۇخسەت قىلىنسىلا ، مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىنى چەكلەشكە يول قويۇلمايدۇ . 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە ئۇ بىزنى ئىشخانىسىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن . r4MD=3  
9b8W_?rEkl  
زىيارەتتە ، ئۇ ناھايىتى قايغۇرۇپ : << ھازىرقى قاراماينىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى مەن ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېغىمدا بىللە ئۆسۈپ يېتىلگەنلەر ، كۆپىنچىسىنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشىدە مېنىڭ ياردىمىم ئاز ئەمەس . بىراق ، ھايات-ماماتلىق پەيتىدە نارىسىدىلەر بىلەن كارى بولمايدىغان بۇنداق كىشىلەرنى رەھبەرلىككە ئۆسۈشىگە تۆھپە قوشقانلىقىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم . ئۇلاردا ئىنساندا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي نەرسىلەر يوقكەن . ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىدى ، مەن بۇنىڭدا باش تارتقۇسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن >> دېدى . .`S`p!T  
EUWGe{  
سۈرەتتە : شۇ چاغدىكى قاراماي شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى . زىيارەت خاتىرە دەپتىرىمدە ئۇنىڭ ئىسمى بار ئورۇنغا سۇ تېگىپ ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغىلى بولمىدى . قاراماي ھۆكۈمىتى تور بېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، 1994-يىلى 3-ئايدىن 1995-يىلى 10-ئايغىچە قاراماي توققۇزىنچى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆتىنچى ، بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنلىرىدا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرگۈچىنىڭ ئىسمى ليۇ جىكۈن ئىكەن ، شۇنىڭغا قاراپ بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ليۇ جىكۈن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . ~$v}^'8@I  
v>o%W"HbL  
تۆۋەندىكىسى تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان ئەيىبلەشنامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : *~b2ofh]  
1994-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ، قاراماي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئابلەت قادىر قاتارلىق 14 نەپەر جاۋابكارنىڭ زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسى جىنايىتى ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىدۇق . 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدۇق . جاۋابكارلارنىڭ جىنايى پاكىتى تۆۋەندىكىچە : in^01?VL  
.tH-&sB|  
1994-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئۆزئەرك ( ئاپتونوم ) رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىكىدىكى << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكى ( 23 كىشى ) قارامايغا كەلگەن . 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئالتىدە ، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى دوستلۇق سارىيىدا مەزكۇر ئۆمەكنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن سەنئەت كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرغان ، ^V( L]u  
;Fxc0$$&  
قاراماي شەھىرىدىكى يەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ، سەككىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە قاراماي شەھىرى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بولۇپ 796 كىشى بۇ كېچىلىككە قاتناشقان . كېچىلىك داۋاملىشىپ سائەت ئالتىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي يان تەرىپى ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندىكى 1000 ۋاتلىق تۈۋرۈك چىراغ كۆيۈپ ، ئوت چىراغ پەردىسىگە تۇتاشقان . nW<^ dnb_  
0^c4~}|  
شۇ چاغدا توك ئىشچىسى كاماندىروپكىغا ئەۋەتىۋېتىلگەچكە ، ئوت ۋاقتىدا بايقالماي ، ساراي زالىغا يامرىغان . ئوت بارغانسېرى ئۇلغىيىپ ، كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك گاز پەيدا بولغان . بۇ چاغدا ساراينىڭ يەتتە ئىشىكىدىن پەقەت بىرسىلا ئوچۇق . كېچىلىكتىكى نەق مەيداننى ئۇيۇشتۇرغۇچى جاۋ شيۇلەن ، فاڭ تيەنلۇ سارايدىكىلەرنى تارقىلىشقا ئاكتىپلىق بىلەن يېتەكلىمەي ، ساراي ئىچى قالايمىقانلىشىپ ، ئاخىرىدا 323 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ، 132 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 38 مىليون يۈەندىن ئاشقان . zt ?3 8lg]  
kgFg"PtX^  
دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەشتىن دەلىللەپ قارىشىمىزچە ، بۇ قېتىملىق زور ئوت ئاپىتى يۇقىرىقى جاۋابكارلارنىڭ قائىدە-تۈزۈمگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىشى ، خىزمىتىگە مەسئۇل بولماسلىقى ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشىدىن كېلىپ چىققان . wVBk25 Q@  
SZ_ K~Cu^G  
جاۋابكار ئابلەت قادىر ( دوستلۇق سارىيىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى ) مەمۇرىي خىزمەتنى باشقۇرۇش جەريانىدا ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تۈزەتمىگەن ؛ ئىلگىرى يۈز بەرگەن سەھنە پەردىسى كۆيۈشتەك مەسىلىگە قارىتا يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش تەدبىرىنى قوللانمىغان ؛ h@`XS/{  
N$l*g#fF!  
12-ئاينىڭ 8-كۈنى دوستلۇق سارىيىدا كېچىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ساراينىڭ توك ئىشچىسىنى كاماندىروپكىغا ئەۋەتىۋەتكەن ؛ ساراينىڭ يەتتە ئىشىكىدىن پەقەت بىرنىلا ئاچقان ؛ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تەشكىللىمىگەن ، شۇڭا ئابلەت قادىر بۇ قېتىملىق زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسىدىكى ئاساسلىق بىۋاسىتە جاۋابكار ھېسابلىنىدۇ . /EMt968:~z  
5b!9DnA7Yx  
جاۋابكار چېن خۈيجۈن ، نۇسرەت يۈسۈپجان ، ليۇ جۇيىڭ ( دوستلۇق سارىيىنىڭ مۇلازىمەت خادىملىرى ) خىزمىتىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان . كېچىلىكتە چېن جۈنخۈي ، نۇسرەت ساراي ئىچىدە سەييارە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان . ئوت كەتكەندىن كېيىن ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ، بىخەتەرلىك ئىشىكىنى ئېچىۋەتمەي ، ئەكسىچە ساراي سىرتىغا قېچىپ چىقىپ كەتكەن . جاۋابكار ليۇ جۇيىڭ خىزمەت ئورنىدىن سەۋەبسىز ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن . يۇقىرىقى ئۈچ جاۋابكار مەزكۇر ۋەقەدىكى ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا بىۋاسىتە جاۋابكار ھېسابلىنىدۇ . Dk>!@2m  
ifJ|PO|8O  
جاۋابكار سەي جاۋفېڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ، خىزمەتچى خادىملارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارمىغان ، دوستلۇق سارىيىدا ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنى ئىشلىمىگەن ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتمىگەن ، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار . F6? S ]  
b/Pu] O ?  
جاۋابكار سۈن يوڭ ، جاۋ جوڭجىڭ ( مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى ) خىزمىتىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ، دوستلۇق سارىيىدا ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىشقا نازارەتچىلىك قىلمىغان ، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار . (s= o?sAw  
جاۋابكار يۆ لىن ( مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ خىزمىتىنى بۆلۈپ باشقۇرغۇچى ) خىزمىتىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان . دوستلۇق سارىيىدا ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ، تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلمىغان ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدە مەسئۇلىيىتى بار . toYHvVQ"~  
-@vbV0_  
جاۋابكار جاۋ شيۇلەن ، فاڭ تيەنلۇ << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغۇچى ، كېچىلىك نەق مەيدانىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تەشكىللىمىگەن ، ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈش-يارىلىنىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار . *y`oT(+@s  
جاۋابكار تاڭ جيەن ، كۇاڭ لى ، جۇ مىڭلوڭ ، جاۋ جېڭ بۇ قېتىملىق كېچىلىكتىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ياش قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە سەل قارىغان . تاڭ جيەن ، كۇاڭ لى ئوت كەتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللىمەي ، ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قېچىپ كەتكەن ، ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈش-يارىلىنىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار . e I"G5)q9  
hc:q qnw  
%d*H"_+]  
تۆۋەندىكىسى ، مەن يۇقىرىقى جاۋابكارلار توغرىسىدا ئۆزۈم ئىگىلىگەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار : E&%':  
hg@V8i^  
سۈرەتتە : يۇقىرىقى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، دوستلۇق سارىيى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن خۈيجۈن ، 39 ياش ، زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسى جىنايىتى ئۈچۈن يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . () J>i  
w5X~_"  
سۈرەتتە : يۇقىرىقى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، دوستلۇق سارىيىنىڭ مۇلازىمەتچىسى نۇسرەت يۈسۈپجان ، 43 ياش ، زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسى جىنايىتى ئۈچۈن ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . F>{y5z  
~8GJ?jL Q"  
سۈرەتتە : يۇقىرىقى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، دوستلۇق سارىيىنىڭ مۇلازىمەتچىسى ليۇ جۇيىڭ ، 46 ياش ، زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسى جىنايىتى ئۈچۈن ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . 1x%IZM  
Yv U+Mfw?p  
سۈرەتتە : يۇقىرىقى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزى دوستلۇق سارىيىنىڭ مۇدىرى ، قوشۇمچە يېتەكچىسى سەي جاۋفېڭ ، 58 ياش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . `t]{3${ 
vk * c Gh  
سۈرەتتە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن يوڭ ، 35 ياش . زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئۇلارنى قاماقخانىغا قايتۇرۇش يولىدا ، مەن ئۇنىڭغا بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ بېرىۋېدىم ، ئۇ يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى . 17|Yl  
 T8 (C  
مەن ئۇنىڭدىن : << ئۇۋالچىلىق ھېس قىلامسەن ؟ >> دەپ سورىسام ، ئۇ : << بىز قۇربانلىق قوي بوپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن ، ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنى ئويلىسام ، مېنىڭ كاللامنى ئېلىۋەتسىمۇ مەيلى دەپ قارايمەن >> دەۋېتىپ ھاياجانلىنىپ كەتتى ، ئۇ يەنە : << ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق بولدى . مەن شۇ چاغدا ئالدى زالدىكى ئىشخانىدا ئىدىم ، ئاۋازلارنى ئاڭلاپ پەسكە يۈگۈردۈم ، ئەمما زالغا پەقەتلا كىرەلمىدىم ، چاتاقنىڭ چوڭى چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم . شۇ چاغدا نەق مەيدان ناھايىتى قالايمىقان ، تەشكىللەيدىغان ئادەم يوق ، تەشكىللىگىلىمۇ بولمايتتى . ئويلاپ بېقىڭ ، ھازىر كۆپىنچە ئائىلىدە بىرلا پەرزەنت بار ، شۇنچىۋالا كۆپ بالا ئۆلسە ، ئاتا-ئانىلار ساراڭ بوپ قالمامدۇ ؟ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم بار ، مەن بۇنىڭدىن ھەرگىز قاچمايمەن . ئاشۇ بىر قانچە چىراغنى بالدۇرراق ئېلىۋېتىدىغان ئىشتى . كېچىكتۇق ، بەكلا كېچىكتۇق >> دېدى . سۈن يوڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . S?cg$[2  
lr|=Uj^  
سۈرەتتە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ تەربىيىچىسى جاۋ جوڭجىڭ ، 45 ياش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . &dbYaW1  
Z9o3&u4 1  
سۈرەتتە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى يۆ لىن ، 41 ياش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . }T Ty{E  
مەن 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى قاراماي قاماقخانىسىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمنىڭ ماتېرىيالىدا يۇقىرىقى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان بىرىنچى جاۋابكار ئابلەت قادىر ( دوستلۇق سارىيىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى ، 59 ياش )نىڭ ماتېرىيالى يوق ئىدى . تەپتىش مەھكىمە باشلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە ، ئۇ شۇ چاغدا كۆيۈپ يارىلانغانلىقتىن ، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن . fd\0"rgz?4  
WaZKr$(^t  
*5; }5ukG  
تۆۋەندە دوستلۇق سارىيىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن باشقا رەھبەرلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى . J FcxcP  
W@tq*4\  
يازمامنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا تىلغا ئېلىنغان فاڭ تيەنلۇ ، شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى ئەڭ ئالىي رەھبەر ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى ، 60 ياش . خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . kNb H'xr  
g~f'58d1  
قاراماي شەھىرىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل ئورۇنباسار باشلىقى ، ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان جاۋ شيۇلەن ( ئايال ) بۇ قېتىملىق زىيارىتىمدىكى كىشىنى ئەڭ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان شەخس . ئىگىلىشىمچە ، ئۇ ئوتتا كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان ، شۇ چاغدا يارىسى ئەڭ ئېغىر رەھبەر دېيىشكە بولىدۇ ، ئاڭلىشىمچە قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئوت مەيدانىغا كىرىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ چىققانىكەن . ئوت كېتىشتىن بۇرۇنقى سىن ماتېرىيالىدا رەھبەرلەر ئولتۇرغان بىرىنچى قاتاردا ئىككى ئايال بار ، بىرى كۇاڭ لى ، يەنە بىرى جاۋ شيۇلەن ( يۇقىرىقى سۈرەتتە سارغۇچ چاپان كىيىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال شۇ بولۇشى مۇمكىن ). جاۋ شيۇلەن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . 3lMG Ylh  
)s..!0/78o  
بۇ ئېچىنارلىق سۈرەت 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى قاراماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى باش دوختۇرخانىسىدا تارتىلغان ، سۈرەتتىكى كىشى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، قاراماي مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى تاڭ جيەن ، يەنى ‹‹ كىچىك تاڭ جيەن ›› ، 54 ياش . تاڭ جيەن ماڭا ئەينى ۋاقىتتا ئوت كەتكەندە كۆپچىلىكنى تارقىلىشقا تەشكىللىگەنلىكىنى ، ئەمما ئوت بەكلا ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكتىن ، بەرداشلىق بېرەلمەي ئامالسىزلىقتىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئۇنىڭ قەيەردىن قېچىپ چىققانلىقىنى سورىۋېدىم ، ئۇ ساراينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىشىكتىن كارىدورغا ، ئاندىن ئالدى زالغا قېچىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . e:KVI!fha  
~tnr. 
كۇاڭ لى ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ روھىي تەڭپۇڭلۇق جەھەتتىكى ئاساسى بەكمۇ پۇختا ئىكەن ، مەن سورىغان سوئاللارنىڭ ماھىيىتىگە پەقەتلا كىرىپ سالمايتتى . مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم : % uZ&<G<  
_ بالاڭ بارمۇ ؟ N>6$4`  
ئۇ باش لىڭشىتتى . مەن يەنە : @@s`& 9  
_ ئەگەر سېنىڭ بالاڭمۇ شۇ يەردە بولۇپ قالسا قانداق قىلاتتىڭ ؟ _ دەپ سورىدىم . ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جاۋاب بەرمىدى . )Mi t *  
_ سەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى ماختاپ باققانمۇ ؟  
ئۇ يەنىلا جاۋاب بەرمىدى . !z$5T  
_ بۇرۇن بۇنداق ئىشقا يولۇققانمىدىڭ ؟ f8c)\#j  
_ ياق ، شۇ ۋاقىتتا بەك قورقتۇم . Ng\` ; Bp  
_ شۇ ۋاقىتتا قانداق قېچىپ چىققانلىقىڭنى ئەسلىيەلەمسەن ؟ NP-(:0v  
ئۇ جاۋاب بەرمەي ، ئۇزۇنغىچە بېشىنى كۆتۈرمىدى . SRrV``I  
ئۇ تولىمۇ ئەقىللىق ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئاياشنى بەك ئوبدان بىلىدىكەن . ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى ماھىيەتلىك سوئاللارغا كەلگەندە جىم تۇرۇۋېلىشىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . قىرىق ياشلىق بىر ئايالغا نىسبەتەن ، ۋىلايەت دەرىجىلىك بىر شەھەرنىڭ مائارىپ كومىتېتى ، پارتىكومىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرلىق ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىق مەنسىپى تۆۋەن مەنسەپ ئەمەس ، بۇ ئايالنىڭ ئىلگىرىلەش ئىستىكى  ناھايىتى كۈچلۈككەن ، يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگۈسى بار چىراي . ئادەتتە ، ئۆزىنى ئاياشنى ئوبدان بىلىدىغان كىشىلەر خەۋپلىك پەيتلەردە ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىنى ياخشى تاللىيالايدۇ . ئەقىللىق كىشىلەر بولسا خەۋپلىك پەيتلەردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ، بۇرچ تۇيغۇسىغا ئالدىراپ يول ئاچمايدۇ . توردا كۇاڭ لىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن مۇخبىر ۋە باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئوت مەيدانىدىن قانداق ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلۇپ ھاجەتخانىغا كىرىۋالغانلىقىنى زوق-شوق بىلەن سۆزلىگەنلىكىدەك خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرۈپتۇ ، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن ، چۈنكى مەن ئۇنىڭدا ئەڭ ئەقەللىي غۇرۇرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن ، ئۇ تېلېكامېرا ئالدىدا ناھايىتى تەربىيە كۆرگەندەك كۆرۈنىدۇ . $qC-x@Kb  
كۇاڭ لى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سولانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ، 1998-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ قاماقتىن چىقىپ بولدى . توردىكى خەۋەرلەرگە قارىسام ، جاۋ شيۇلەن كۇاڭ لىنىڭ كېيىنچە قارامايدا بىر سۇغۇرتا شىركىتى قۇرغانلىقىنى ، شۇنداقلا پارتىيە تەشكىلىگە قايتا كىرگەنلىكىنى دەلىللىگەن . ئۇ ھوقۇق چۈشىنى يەنە قايتا كۆرەلەمدۇ ؟ ھېسابتا ئۇ ھازىر 52 ياشقا كىرىپ قالدى . ئۇنىڭ ئىشلىرىغا << ئۇتۇق تىلەيمەن >> ! Z17KWp%  
Ab :a?"&W  
سۈرەتتىكىسى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ مىڭلوڭ ، 52 ياش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . SsESBt g  
cogG{/^_  
سۈرەتتىكىسى ئەيىبلەشنامىدە تىلغا ئېلىنغان ، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى جاۋ جېڭ ، 44 ياش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتىگە قارىتا جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىندى . '+Et:YZ  
F:b/@v+Xd  
سۈرەتتىكى ساقچىنىڭ ئىسمى خوۋ جىنمىڭ ، 1994-يىلى 12-ئايدا ئۇ شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى نۇرغۇن جانغا تاقىشىدىغان بۇ ھالقىلىق مىنۇتلاردا تۈزۈك ئەسقاتالمىغانىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، شەھەر كۆلىمى يىگىرمە نەچچە كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قارامايدا پەقەت ئالتە دانە ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى بار بولۇپ ، دوستلۇق سارىيىغا ئەڭ يېقىنىمۇ ئۈچ كىلومېتىر نېرىدا ئىكەن ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىمۇ نەچچە يىل بۇرۇنقى كىچىك سىغىملىق << ئازاد >> ماركىلىق ماشىنا بولۇپ ، بىر ماشىنىغا ئاران ئۈچ توننا سۇ قاچىلىيالايدىكەن . بىر قېتىم بېرىپ-كېلىش ، سۇ قوشۇش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا ، ئەڭ تېز بولغاندا ئون مىنۇت ۋاقىت سەرپ بولىدىكەن .  MK~{?%  
)~gSW_]Y-  
8-دېكابىر كۈنى ئۇلار ئوت كېتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن . ئەڭ چاتاق بولغىنى ، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا ئىشىك چاقىدىغان مەخسۇس سايمىنى يوق ئىدى ، ئۇلار نەق مەيدانغا ئېلىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان بولقا مۇستەھكەم ئورنىتىلغان تۆمۈر رېشاتكا ۋە ئىشىكلەرنى ھېچنېمە قىلالمايتتى ... خوۋ كومىسسارنىڭ يەنە ئېيتىشىچە ، شۇ چاغدا قارامايدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئورۇندىن يۈز نەچچىسى ، ئىككىنچى دەرىجىلىكىدىن مىڭ نەچچىسى بار ، ئەمما ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىدا ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىمدىن تۆتى ، قوراللىق قىسىم ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدە 416 نەپەر خادىم بار ئىكەن . ئۇ : << بىز يۇقىرىغا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى قانچە قېتىملاپ ئوتتۇرىغا قويدۇق ، ئەمما ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى . ئەمدىلىكتە چاتاقنىڭ چوڭى چىققاندا ، كىشىلەر بىزنى تىللاشتى . مەخسۇسلاشقان سەپلىمىلەر ۋە خادىملار بولمىسا ، بىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقسىز بولىمىز شۇ >> دېدى .  
salkin mtv
تارىخنى غالىبلاريازىدۇ،ئۆزىمىزنىڭ تارىخنىنى بىلىش ئۆزىمىزنى بىلىش دىمەكتۇر!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 11:59 |
erk uzun
سابان شاھ
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 34078
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 63
شۆھرەت: -9 كىشىلىك
پۇل : 632 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
قوللاش: 7 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

: 
ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملارمۇ بۇنىڭغا ئامال قىلالمىدى ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ۋە خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ، دېرىزە ئەينەكلىرىنى چېقىش ، يېقىن جايدىكى ئىشخانىلىق بىنالاردىن داستا سۇ ئېلىپ كېلىپ ساراي ئىچىگە چېچىش ، ئولتۇراق بىناسىدىن رېزىنكە تۇرۇبىلارنى تېپىپ ئىچىگە سۇ قاچىلاش قاتارلىق ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇش كۈرىشى ئېلىپ باردى . بۇ ئاماللارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئىدى ، چۈنكى بۇ سۇلار ئوت ئىچىدىكى بالىلارنىڭ يېنىغىمۇ بارالمايتتى ، كۈچلۈك ئوت ۋە زەھەرلىك ئىسنى توسالمايتتى . sV]alV/0  
#)w,|HYs  
يۇقىرىقى سۈرەتتە كىشىلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ساراي سىرتىدا ئوت ئۆچۈرمەكتە .  Ya~3+x  
;@Vx;GH  
غەربىي جەنۇب تەرەپتىن دوستلۇق سارىيىنىڭ جەنۇبىي يان تەرىپى  ... E aS.d-  
YBk90\+  
tQ|8(bBU3  
جەنۇبىي يان تەرەپتىكى ئوتتۇرا ئىشىكمۇ شۇ پېتى قومۇرۇۋېتىلدى . چۈنكى ئىچىدىكى ئېھتىيات ئىشىكى قۇلۇپلانغان ، سىرتتىكى ئىشىك تاختىيىغا قاراپ ئۇنىڭ ئوت زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىدەك ئىزنى تاپقىلى بولمايتتى . ~~R! eE  
{ ) pO@AsD  
جەنۇبىي يان تەرەپ ئوتتۇرا ئىشىككە سېلىنغان تۆمۈر قۇلۇپ . >Q ~Y&V  
s`)Mqb  
دوستلۇق سارىيى جەنۇبىي يان تەرەپتىكى بىر دېرىزە . LGjqi`x   
qHN]9Jz@  
دوستلۇق سارىيىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە تۇرۇپ جەنۇبىي يان تەرەپ ئالدى ئىشىكنى تارتقاندىكى سۈرەت . كۆتۈرۈۋېتىلگەن رېشاتكا خۇددى ئالۋاستىنىڭ چىشىغا ئوخشاپ قالغانىدى ! 4*I6za1\:  
U!m;Bn  
دوستلۇق سارىيىنىڭ جەنۇبىي يان تەرەپ ئالدى ئىشىكتىكى رېشاتكىنى يېقىندىن تارتقاندىكى سۈرەت . ?)EU9_Ji  
#lG|,y9?)  
مانا مۇشۇ رېشاتكىنىڭ ئىچ تەرىپىدىكى كارىدوردا ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى ناھايىتى پاكىز قويۇلغان ، دېمەك بۇ نەرسە ئەزەلدىن ئىشلىتىلمىگەن . كۆرۈرمەنلەر ئورنى بىلەن كارىدورنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ ئىشىك قۇلۇپلاپ قويسا ، بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان بۇ << پاڭ قۇلاق >>نى كىممۇ ئىشلىتەلەيتتى ؟ i tv_l8  
4 m.](dx=<  
دوستلۇق سارىيىنىڭ شىمالىي يان تەرەپ ئالدى ئىشىك كۆرۈنۈشى . بۇ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ئىككى ھاجەتخانا بار . 'O3aINY N  
#,$\7&Rn  
دوستلۇق سارىيىنىڭ ئالدى ئىشىك . ئېلان تاختىسى دوستلۇق سارىيىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئۈچ ئىشىكنىڭ ئوتتۇرىدىكىسىنى تىرەپ تۇراتتى . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، ئىشىك ساپساق ھالەتتە كۆتۈرۈلگەن . 8-دېكابىر كۈنى بۇ ئۈچ ئىشىكنىڭ پەقەت بىرسىلا ئوچۇق بولۇپ . ئوت كەتكەندە توك قاچقانلىقتىن ئۆزلىكىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ تاقىلىپ قالغان . xTg)D{6Y  
o(u4pb8r  
دوستلۇق سارىيىنىڭ بىردىنبىر چىقىش ئېغىزىدا قېپقالغان كىيىم-كېچەكلەر ، ئاياغ-شارپىلار ... بۇ سۈرەتتىن شۇ چاغدىكى قىستاڭچىلىق ، دەسسىلىش ، تارتىشىشلارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . \Mz O,"  
2.dz#>%t.  
دوستلۇق سارىيىنىڭ شىمالىي يان تەرەپ كارىدوردىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا قېپقالغان ئوقۇغۇچىلار سومكىسى . jd!cu {g  
CfEw a@v  
ئوقۇغۇچىلار سومكىسىنىڭ ئاغزىدىن كۆرۈنۈپ قالغان ئاليۇمىن قاچىدا قايسىدۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تامىقى شۇ پېتى تۇرۇپتۇ . /&`m  
Iw_qj}?  
يۇقىرىقى سومكىنىڭ ئاستىدا ئوقۇتقۇچى تۈزەتكەن مەشىق قەغىزى باركەن (پىنيىنغا ئاساسەن خەنزۇچە خېتىنى يېزىش سوئالى ) . كۆپىنچىڭلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ، يۇقىرىقى قەغەزنى كۆرۈپلا بىلەلەيسىلەر : بۇ سوئاللارنى ئىشلىگۈچى باشلانغۇچ مەكتەپ بوسۇغىسىغا دەسسىگىلى ئەمدىلا نەچچە ئاي بولغان بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ... P k)3t<]  
s53M~(  
يۇقىرىقى مەشىق قەغىزى سۈرىتى بىلەن ماۋۇ سۈرەت مېنى ئەڭ ئازابلايدۇ . بۇ سۈرەتتىكىسى 8-باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى . N:Jh%:  
auje&\Z!  
سۈرەتتەئەينى ۋاقىتتىكى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش دوختۇرخانىسى . IEny 
,voN$I8  
بۇ ۋەقەدە بىغۇبار بالىلاردىن كەتكىنى كەتتى ، يارىلانغانلىرى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى باش دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . دوختۇرخانىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ، بىز ھەممىنى سىنغا ئېلىۋېلىشقا ئامالسىز قالدۇق ، سىنئالغۇچى ۋۇ نەيخۇا ئاغاممۇ بىر نەچچە قېتىم سىن ئېلىشنى توختىتىپ يېشىنى سۈرتتى . SbzoBG5m  
uSQGE  
سىنغا ئالغاندا ، بىز بۇ بالىنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن چىرايىنى سىنغا ئالمىدۇق . سىز بۇ بالىنىڭ داكىغا ئورالغان باشقا جايلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۆيگەنلىكىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ ؟ X0%22-,w  
6=cnCb$`  
58H|$dM{  
بۇ بالىنىڭ چىرايىنى سىنغا ئېلىشقا كۆڭلىمىز چىدىمىدى . zdcBu=,~o  
}?T0*X  
1994-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى دوختۇرخانىدا ، ئۆرە ئولتۇرۇپ تاماق يېيەلەيدىغان بولغان بىر بالىنى سىنغا ئالدۇق . ^}C~ l  
M)-/k1  
بۇ قىزچاق شۇ چاغدا نەيچە ئارقىلىق تاماق يەيدىغان ھالەتتە ئىدى . bp KJc'  
-RDz/;tb.  
مەن زىيارەت قىلىۋاتقان بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى تەن يۆخۇا ، 14 ياش ، 3-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2-يىللىق 3-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، 8-دېكابىر ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن زالنىڭ ئارقا رېتىدە ئولتۇرغان ، ئارقا تەرىپىدە چىقىش ئېغىزى بار بولغاچقا ، ئۇ بىر نەچچە ساۋاقدىشى بىلەن قېچىپ چىقىپ ئوتتىن ئامان قالغان . ئۇ شۇ چاغدىكى قىستىلىش تۈپەيلى يارىلىنىپتۇ . z&^g 
cWgMx)>*  
تەن يۆخۇا ئوقۇيدىغان سىنىپتىن 42 ئوقۇغۇچى 8-دېكابىردىكى كېچىلىككە قاتناشقان ، ۋەقەدە توققۇز نەپىرى قازا قىلغان ( ئارىدا بىرسى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان ) . "Ixd/m&+)h  
dP+\CN:o  
تەن يۆخۇانىڭ ساۋاقدىشى ، ۋەقەدە قازا قىلغان خې چىن ، 1980-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان . Q>,;; U v  
p8 )LRuy]  
خې چىن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ پەخرىگە مۇناسىپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىدى . سۈرەتتە ئۇ ياقتۇرىدىغان چالغۇلار ... > coBB$  
)j4nTtyV  
خې چىننىڭ ياتاق ئۆيى . g,bpPomH  
@x3EI=a1  
خې چىن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان كۆپلىگەن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن . يۇقىرىقى سۈرەتتە ئۇنىڭ مەملىكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى . ^OFiqLJ\  
R4:vq=j  
خې چىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈندىلىك خاتىرە بېتى ( 12-ئاينىڭ 5-كۈنى يېزىلغان ) . Lw7p&GHVF  
A3mv)\3Y  
ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ، شۇنداقلا بىردىنبىر پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بۇنىڭدىن بەكمۇ ئازابلاندى . خې چىننىڭ دادىسى خې يىچېڭ شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇدۇق تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئورۇنباسار دىرېكتورى ( 46 ياش ) ، ئاپىسى شېن يوڭفېن شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ دوختۇرى ( 40 ياش ) . ئۇلار ۋە بالىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان باشقا ئاتا-ئانىلار قان-قان يىغلاپ تۇرسىمۇ ، بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا يەنىلا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىدۇ . 9V {j)V`j  
tu1%(22oE  
سۆيۈملۈك دوستلىرىم ، ھەدە-ئاغىلار ، ئامانمۇ سىلەر ؟ 12 يىل بولدى ، سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ، سىلەرنىڭ گوگۇاڭ يېڭى كەنتىدىكى ئۆيۈڭلەرنىڭ ئىشىك نومۇرىنى ، تېلېكامېرا ئالدىدىكى قىياپىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق . مەن ئۆزۈم رىياسەتچىلىك قىلغان پىروگراممىدا سىلەرنى ، سىلەرگە ئوخشاش كۈن كۆرۈۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرەلمىگەنلىكىمنى كەچۈرۈڭلار ، مەن مۇخبىرلىق سالاھىيىتىم بىلەن بۇ جەھەتتە سىلەرگە قەرزدار . 12 يىلدىن بۇيان قاراماي دېگەن بۇ ئىسىمنى قانچە قېتىملاپ ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن . ئۆيۈڭلەرنىڭ تېلېفۇن نومۇرى 5497** ھېلىمۇ مەندە ساقلاقلىق . مەن بۇ جايدىن ئۆزۈمنى قەستەن قاچۇرۇپ يۈرىمەن ، ھەتتا بۇ يۇرتنى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ قالساممۇ ، قۇلىقىمنى ئېتىۋالىمەن . ھازىرقى تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تىنچ-خاتىرجەم بولۇشىنى ، بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپەڭلەرنى قەيسەرلىك بىلەن بېسىپ مېڭىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، بۇ يازمىلىرىمنى كۆرسەڭلار ، بلوگىم ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ، چوقۇم ! ئېلخەت ساندۇقۇمغا خەت يازساڭلارمۇ بولىدۇ : chenyaowen314@hotmail.com T)[sh &  
ئاۋارە قىلىنىشنى خالىمىساڭلار ، ئۇمۇ مەيلى ، توغرا چۈشىنىمەن . سىلەرنى بەكلا سېغىندىم ! ...   Ow1lk2  
;u+e0V  
@#uaq`  
uQp /5D4  
*~ r>  
qd;29t-  
i"0M~%N*  
!xBSU$Lq  
12*+ 5BQ  
يۇقىرىقى بىر نەچچە سۈرەتتە قاراماي زور ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى دەپنە ئىشلىرى كۆرۈنۈشى ، مەزكۇر ماتېرىيالنى قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەتكۈزگەن . بۇنداق مەنزىرىنى كىمنىڭمۇ كۆرگۈسى بار ؟ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكىلەر ۋاقتى-سائىتى يەتكەندە بىز بىلەن خوشلىشىدۇ ، ھاياتلىقنىڭ چېكى توشقاندا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . باشقىلارنى بۇ ئالەمدىن بىمەھەل ئايرىغانلارنىڭ جازاسىنى ياراتقۇچى ئۆزى بېرىدۇ . 12 يىلنىڭ ئالدىدا قارامايدىكى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىنى پەرزەنتىدىن ، ئۇرۇق-تۇغقىنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىپ ئازابقا دۇچار قىلىشتەك پاجىئە ئەمدى كۆرۈلمىسۇن ! ئەي ئەمەلدارلار ، ئاشۇ ئاۋام پۇقرا بولمىسا ، سىلەرگە كىم ئەمەل بېرىدۇ ؟ كىم ناخشا ئېيتىپ مەدھىيىلەيدۇ ؟ كىم گۈل سۇنۇپ ئالقىشلايدۇ ؟ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز ئىدىغۇ ؟ 2j f]GkR7:  
|23XUPnp  
~X G6;f  
c a#=\i)#  
يۇقىرىقى سۈرەتتە ئوت ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئىسىملىكى oiPNY \V  
z mT%cu#Y  
مېنىڭ زىيارىتىمگە ياردەم قولىنى سۇنغان بارلىق دوستلارغا كۆپ رەھمەت ! بەزىلەرنىڭ ئىسمىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشنى خالىمىدىم ، چۈنكى ئۇلار ھېلىھەم قارامايدا ئىشلەۋاتىدۇ ، ياشاۋاتىدۇ ... ئامان بولۇڭلار ، دوستلىرىم !!! ?qIEbW4eM  
iADk 
چېن ياۋۋېن ، 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈن كېچە 3:05 TwN[ AeV?  
|}a(g|?YL  
>Z+m8(  
( تۈگىدى ) n^ u]!6#  
Wm"nSw&;   
يازما مەنبەسى :   2Qp|Nu j{  
}`\pTxK&  
[url]http://www.pckw.com/diyPIC/story/diyPIC_66403.html[/url[/size
armaninkas4
تارىخنى غالىبلاريازىدۇ،ئۆزىمىزنىڭ تارىخنىنى بىلىش ئۆزىمىزنى بىلىش دىمەكتۇر!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 12:00 |
ئارزۇ604
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 19896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 235
شۆھرەت: 176 كىشىلىك
پۇل : 1101 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
قوللاش: 150 نومۇر
ئالقىش: 150 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ راستىنلا بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە بولغان.    9mHtj)P  
ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە مەن بىلەن بىر يىلدا تۇغۇلغانلارمۇ بار كەن.ھايات بولغان بولسا...........................................   
$تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس$
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 12:42 |
جاھانگېر85
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 4006
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 1152 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
قوللاش: 57 نومۇر
ئالقىش: 33 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 350(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ توغرىسىدا پوسكاملىق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغان ئەسىرى بارئىدى............ئەمما شۇ ئەسەر تۈپەيلى كسلىپ كېتىپتۇ..............بەك ئېچنىشلىق كۈنلە بولاپتىكە.........
salkin mtv
گۈل ئۈزەي دېگەنتىم،سانچىلدى تىكەن،
تېكەنسىز ئەمەسكەن،بىلدىم گۈل دېگەن،
ئارقامغا يانغانتىم،گۈل ئېيتتى كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈلى نەدىكەن؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 12:49 |
www.nixan.cn
سۆھبەت
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 26755
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 13 كىشىلىك
پۇل : 231 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
قوللاش: 12 نومۇر
ئالقىش: 12 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

         كۇاڭ لى قاتارلىق  شەخسىيەتچى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولغىيدى ھەقىچان، >,- C_H",  
«جان-دىل بىلەن خەلقنى كۆزلەش»ئى شۇمىكىنە؟ tUB97P%8i  
    ھازىر ئەشۇنداق رەھبەرلەر يەنە ناھايىتى كۆپتۇر بەلكىم. چۈنكى نۇرغۇن رەھبەرلەر بىۇگراتلىشىپ btv`b7e  
كېتىۋاتمامدۇ. I}hG>Z2A  
    مۇشۇنداق ئاپەتلەردىن اللا ساقلىغاي.تېما ئېگىسىگە ۋە ئەشۇ مۇخپىرغا رەھمەت.
salkin mtv
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 14:04 |
www.nixan.cn
ئەلزارې
كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2144
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2280
شۆھرەت: 2195 كىشىلىك
پۇل : 5742 سوم
تۆھپە: 110 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2067 نۇمۇر
قوللاش: 1955 نومۇر
ئالقىش: 2233 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 826(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنى مەن ئالدىرماي ئولتوروپ كۆرەي
salkin mtv
سەمەرقەنېت سەيقەلى ئالەم، بۇخارا قۇۋۋەتى ئىسلام
بىزدەك تۈركىي  ئادەمگە  بۇ شەھرى خوتەن ياخشى
                                                              زەلىلى
              قبلىگاھ بولدى بىزگە ئەزىز خوتەن
              ئۆزىمز  ئىلىخودا  بولغان  بىلەن
                                                              ئەلزارى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 14:24 |
www.nixan.cn
ئىلھامجانى
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 28638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 282
شۆھرەت: 151 كىشىلىك
پۇل : 1104 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 115 نۇمۇر
قوللاش: 115 نومۇر
ئالقىش: 115 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئەمدى تۇنجى قىتىم كۆرشۇم،بۇنداق ئىشلارمۇ بادەڭلا تىخى ...............   
salkin mtv
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 15:24 |
美丽的天空
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 43713
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 340 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خۇداغا شۇكرى شۇكۇنى بىزنىڭ مەكتەپ ماشىنا تاپالماي بىزنى ئاپارمىغانتى !! بولمىسا....... ئەمما نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز ۋاپات بولدى....بەكلا ئچىنىشلىش...ھەي سەبىلەر!!!!
salkin mtv
ئۆمۇرمەنزىلىم قەيەرگىچەبولۇر،بۇنى بىلەلمەي قالارمەن بەلكىم.
ئوتكۇزۇپمۇ چوڭ-چوڭ خاتالىق،گۇناھىمنى تونىماسمەن بەلكىم.
ئارمىنىم ئارزۇيۇپ كۆپتۇر،مۇرادىمغا يىتەلمەسمەن بەلكىم.
يۇرىكىمدىن سۆيگەن يارئۇچۇن،قۇربانلىق بىېرەلمەسمەن بەلكىم.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 16:06 |
سۈر بۆرە
يۈرۈگۈمنى ئېلىپ كىتىپسەن!
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 24815
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 724
شۆھرەت: 393 كىشىلىك
پۇل : 565560 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 447 نۇمۇر
قوللاش: 255 نومۇر
ئالقىش: 776 كىشلىك
دوستلۇق توپى: شادلىق
توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     مەن بۇ ۋەقەنى قارامايلىق بىر ئاغىنەمدىن ئاڭلىغانىدىم، ئىچكىرى تۇلۇق  ئوتتۇرىدا  ئۇقۇۋاتقان  چاغلىرىمدا  قارامايلىق بىر ئاغىنەم بۇلىدىغان. ئۇنىڭ دەپ بىرىشچە شۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۈتۈپتىكەن.  ئۇ ئاغىنەممۇ يەنە بىر ئىشىكنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەنتۇق،لىكىن شۇ چاغدا ئۇ ئىشىك ئېچىلمىغان، چىقىپ كىتىشكە پەقەت بىرلا  ئىشىك قالغان،يەنە كىلىپ ئۇ ئىشىك تېشىدىن ئىچىگە ئېچىلىدىغان بولغاچقا، ئىچىدىكى ئادەملەر  ئىشىككە قاراپ قىستالغاندا،چىقىپ كىتىش تېخىمۇ تەس بولغان.نەچچە ئادەم دەسسلىپ كەتكەن،بەزىللىرى ئىشىككە قىسىلىپ قالغان. 68V#QW(*  
    ئاغىنەم بۇنى دەپ بەرگىلى تۆت-بەش يىلچە بۇلۇپ قالدى، مۇشۇنچىلىك ئىسىمدە قاپتۇ.  خاتا بۇلۇپ قالغان بولسا تۈزىتىپ قۇيۇڭلار.
salkin mtv
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس،سۆيگەن چىرايلىق،
غېرىپچۈن  سەنەمدەك  كۆيگەن  چىرايلىق.
گۈل ئۈچۈن  بۇلبۇلدەك  بىر  ئۆمۈر  سايراپ،
تاھىرچۈن  زۆھرەدەك  ئۆلگەن  چىرايلىق.

ئەجەپ سىركى بۇ دۇنيادا ئۆز مەيلىڭچە يۈرەلمەيسەن،
جاھان رەنالىرىدىن  كۈتكەن  گۈلۈڭنى  ئۈزەلمەيسەن.
غېرىپلىقتىن  تىكەنلەر  سانجىلۇر  دائىم،
ۋەلىكىن  شۇ تىكەنلىكتىن  ئۈمىدىڭنى  ئۈزەلمەيسەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 16:43 |
يانغىن
www.baibiz.com
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 4186
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1037
شۆھرەت: 187 كىشىلىك
پۇل : 845 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 311 نۇمۇر
قوللاش: 340 نومۇر
ئالقىش: 825 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
توردىكى ۋاقتى : 1490(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماڭا تەسىر قىلغان ئىبارىلەر ____بىز قۇربانلىق قويغا ئوخشاپ قالدۇق . . . \& &BC b  
ھىلىقى ئايال رەھبەر ____تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن سۇغۇرتا شىركىتى قۇردى . . .(تۈگىمەيدىغان پۇل). &nZVUSR  
مەيداننى يۇغۇشتۇرغاندا كىچىك بالىلارنىڭ چىرايىدىن چوڭ ئادەملەرنىڭ ئاياق ئىزىنى پەرىق ئەتكىلى بولاتتى . GXA2.v/  
ھىچقانداق ئاز-سانلىق مىللەت ئوقوغوچىسى تىلغا ئىلىنمىغان . . .پەقەت سانى خاتىرلەنگەن .
salkin mtv
يىراقتىن كۆرۈنگەن كىچىككىنە ئۇچقۇننى  كۆردۈڭمۇ .ئەشۇ ئۇچقۇن بىلەن زورايغان يانغىن دۇنيا تارىخنى يىڭى باشتىن يىزىشى مومكىن .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 16:48 |
قىمارۋاز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 34210
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 140 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئاپەتتە  مىنىڭ 3 ساۋاقدىشىم  كۈيۈپ كەتكەنتى ...ھەي~~~   تېخى بىرسى مەن بىلەن  باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان .. $ -%c)I4  
ھەنىم بولسا مەن باللا بىلەن تاماكا  چىكىش ئۈچۈن كېچىكىپ  قېلىپ بېرىش  خوشياقمىغانتى ...ئۇ دوستلۇق سارىيىنى ھازىر جىق ئۆزگەرتىۋەتتى ..مەن دائىم كىردىغان تورغانىنىڭ ئۇدىلدىلا  دىسە............. aZ_4- iM>  
ئاپەتتىن كېيىن خەنزۇلا بەكلا جىدەل قىلىپ بالىلىرى ئۈچۈن جىقلا تۆلەم ئالغان ...  
salkin mtv
دەتتىكام......................
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 17:17 |
otyak
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 23249
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 734
شۆھرەت: 1368 كىشىلىك
پۇل : 2711 سوم
تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1341 نۇمۇر
قوللاش: 1012 نومۇر
ئالقىش: 2120 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 148(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. بەكمۇ ئىچىنىشلىق ۋەقە بوپتۇ. بىر قىسىم رەھبەرلار ئۆزىنىلا ئويلاپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. مۇنداقلارنى جازالاشقا تىگىشلىك. X&4l x  
مېنىڭ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. ھەر بىر تەپسىلاتنى ئوقۇغاندا ئىىتىيارسىز كۆز يېشى قىپ كەتتىم. 0XQI>d'=  
بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي.
salkin mtv
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 17:24 |
قىمارۋاز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 34210
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 140 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سۈر بۆرە~~~دىگەنلىرىڭ خېلى توغرا ... ئۇ ئېچىلمىغان  ئىشىك ئەسلى دائىم ئوچۇق كەنتۇق ...لىكىن نىمىشقىكىن  شۇ كۈنى قۇلۇپ  سېپ قويۇپتۇ ...ئۇچاغدا بەزى مۇئەللىملەر بالىلارنى قۇتقۇزغان بولسىمۇ خېلى جىق ساندىكى مۇئەللىملەر يىقىلىپ چۈشكەن باللارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ قاچقان ...   G$82o  
ھە راست~~~~ھېلىقى ئابلاجاننىڭ ( جىڭگىلەك) دىگەن ناخشىسىدا پىئانىنو چالغان ياش ئايال ئۇمۇ باتى ...ئۇمۇ  چوقۇم جازاسىنى  تارتىدۇ ...چوقۇم ..
salkin mtv
دەتتىكام......................
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 17:32 |
نۇرلوق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 25530
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 426
شۆھرەت: 231 كىشىلىك
پۇل : 1931 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
قوللاش: 151 نومۇر
ئالقىش: 158 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوقۇغۇچىلار جىم تۇرۇڭلار ، رەھبەرلەر چىقىۋالسۇن ، ئاشۇنداق چاغدىمۇ پوداقچىلىقنى ئۇنتىمىغان پارتىيە ئەزالىرى .
salkin mtv
كۈلىۋەرمە كۈلكىنى ھىساۋى بار بىر كۈنى،
توخو يىگەن تۈلكىنى بۆرەيەيدۇ بىركۈنى.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 17:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى