سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
dernek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 33869
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 56
شۆھرەت: -6 كىشىلىك
پۇل : 1327 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
قوللاش: 36 نومۇر
ئالقىش: 35 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئالىي مەكتەپ ھاياتى- ئارانلا 1000 كۈن

0
o"p >5j6\  
ئۈمىدۋار
[=K 5-.  
t=oL.;`Wz  
   كىشىلىك ھايات- سائەت، كۈن، ئاي، يىللارنىڭ يىغىندىسىدۇر. ۋاقىت- جان دېمەكتۇر. ۋاقىت قۇياشتەك سېخى، ئەزرائىلدەك رەھىمسىز، چېقىندەك تېز، ئالتۇندەك قىممەتلىك بولىدۇ. تولىمۇ قىممەتلىك قىسقا ھاياتنى، يەنى ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئالدىغا قويۇلغان، جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. ۋاقىت ئاۋام خەلقتەك ئادىل تارازىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي ئورۇن، ئىرق، دىن، مىللەت، جىنىس ئايرىماي ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاش مىقدارغا ئىگە، ئەمما ھەر بىر ئىنساننىڭ باراۋەر تەقسىملەنگەن ۋاقىتتىن ياراتقان كىشىلىك قەدىر- قىممىتى پەرقلىق بولىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر ۋاقىتتىن ۋاقىت تۇغدۇرۇپ، ھاياتلىق خامىنىنى ئالتۇن چەشمىلەرگە تولدۇرسا يەنە بەزى نادانلار بەل مۈكچەيگەندە ھايات ئىزنالىرىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز، قەدىرسىز، پاخالدەك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ھەسرەت- نادامەت چېكىدۇ. ۋاقىتقا قىلىنغان مۇئامىلە ئوخشىمىسا ئەلۋەتتە نەتىجىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر بىرىمىزگە تەڭ تەقسىملەنگەن ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىش يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا قانداش ياشاش كىشىلىك ھاياتىمىزدا تولىمۇ جىددىي مەسىلىدەك تۇرىدۇ... ئۇنداقتا قىممەتلىك ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش شۇنچە مۇھىممۇ؟! i27 *fq  
   ئەقىل- پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزمۇ ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا «ۋاقىت- ئالتۇندىن قىممەت»، «ۋاقىت- جان دېمەكتۇر»، «ۋاقىت- ئاتقان ئوق»، «ۋاقتىڭ كەتتى- بەختىڭ كەتتى» غا ئوخشاش نۇرغۇن قىممەتلىك ئۆگۈتلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ، بەزى ياشلىرىمىزنىڭ ئۇنى تونۇشى، ھەزىم قىلىشى ئەكسىچە بولغاندەك تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ۋاقىت ئىسراپچىلىق ئىنتايىن ئېغىر. نۆۋەتتە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 1-، 2- يىللىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرسلىكلەر ئاز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشقا قالدۇرغان ۋاقىت بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئىلىم- مەرىپەت ئۆگىنىشىدىكى كۇتۇپخانا، دەرسخانا، كىتابخانا، تەجرىبىخانا قاتارلىق ئىلىمخانىلارنىڭ ئورنىغا «مېھىر ئىسسىق» تورخانا، رومانتىك تانسىخانا، ئاچچىق مەيخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىشخانىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ، قىممەتلىك ھاياتىغا ئېكەك سېلىپ، ئۆز ئىستىقبالىغا پالتا چاپماقتا. \V{Uoq>k-  
   ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنتېرنېت تورى بارلىققا كېلىپ تۇرمۇش، ئۆگىنىشىمىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭلىق بىلەن بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ يېڭى شەيئىنى شۇنچىلىك تېز قوبۇل قىلىدۇكى، كۈندە بىر قېتىم تورخانىغا كىرمىسە كۈنى زادىلا ئۆتمەيدۇ. جۈمە- شەنبە كۈنلىرى تېخى تورخانىدا كېچىچە تۈنەپ، زېھنىنى ئىقتىسادىنى، جىسمانىي قۇۋۋىتىنى، ئەڭ مۇھىمى قىممەتلىك ۋاقتىنى قاراپ تۇرۇپ كۈزدە تۆكۈلگەن خازاندەك ئىسراپ قىلىدۇ. تېخى ئاتا- ئانىسىدىن تېلېفون كېلىپ قالمىسۇن دەپ ياتاقنىڭ تېلېفون سىمىنى ئۈزۈۋېتىشلىرىچۇ تېخى. قاراڭ، تورخانىدا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تور ئويۇنلىرىدا «جەڭ» قىلىۋاتقان ئاۋۇ يىگىتلەرگە، كېچە ئەلياتقۇدا بەدبۇي پۇراقلىق يەر ئاستى تورخانىلىرىدا تۇرۇپ تور ئويۇنلىرىغا مەستانە بولۇشى، مۈشۈكتىن شۈمشەيگەن چاشقاندەك دۇغدىيىپ قاتتىق ئورۇندۇقتا ئامالسىز ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قېلىشلىرى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەت- زېھنىنى خورىتىشلىرى، ئەتىسى كاللىسى خام قاپاقتەك گاراڭ ھالەتتە، نۇرسىز، مايلاشقان يۈزلىرىنى يۇيۇشقا، پاخپايغان چاچلىرىنى تاراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي دەرسخانىدا ياكى ياتاقتا ھارغىن ئۇخلىشى... بۇنى كىممۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەيدۇ؟ جاپاكەش ئاتا- ئانىسىنىڭ يانچۇقىغا ۋاقىتسىز چۈشكەن بۇنداق «پارازىت قۇرتلار» قاچانمۇ ئۆزىنى بىلەر؟! بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاتا- ئانىسى بىلسە قانداق ھېسسىياتتا بولار؟ DYM6K '  
   بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا «ئەتە نېمە ئىش قىلىمەن»، «ئەتە سائەت نەچچىدە ئورنۇمدا تۇرىمەن؟»، «مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىمەن؟؟» دەيدىغان ئۇقۇم تولۇق شەكىللەنمىگەن ياكى زادىلا يوق، ئېنىق نىشان- غايە تۇرغۇزۇلمىغان. كۈنلىرىنى قارىغۇلۇق، پىلانسىزلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر مىللەتنىڭ كەلگۈسى تۈۋرۈكى بولمىش دەۋرىمىزنىڭ ئالىي مەلۇماتلىقلىرى، زىيالىيلىرى ھېسابلىنىدىغان ستۇدېنتلاردا بۇ خىل ئەھۋال يامراپ كەتسە بۇ نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق ئەھۋال ھە؟! i1:10%_  
   ئالىي مەكتەپ ھاياتى- كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇشلىرىنى ياسايدىغان، كېيىنكى ئۆمۈرگە ئۇل سالىدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەزگىلدۇر. ئالىي مەكتەپ دېگىنىمىز- زامانىمىزدىكى روھىيەت ئالىمى بەلگىلىك يۈكسەكلىككە ئىگە ئالىي مەلۇماتلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئىلىم ماكانى، قەلبىگە يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈككەن غالىبلارنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا ئۇل سالىدىغان ئۇلتاش. ھەرگىزمۇ غايىسىز، بوشاڭ، راھەتپەرەس، سۆلەتۋاز، دىتى يوق ياشلارنىڭ بارارگاھى ئەمەس. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمىز شۇنچە كۆپمۇ؟؟؟ مۇنداق بىر ئاددىي مىسال كەلتۈرەيلى، بىر ستۇدېنت ئالىي مەكتەپتە ئالتە يىل ئوقۇدى دەپ ئويلىساق، جەمئىي 2190 كۈن بولىدۇ. تەتىل، ھېيت- بايرام كۈنلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە تەخمىنەن 1500 كۈن ئېشىپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن يەنە ئۇخلاش ۋاقتىنى چىقىرىۋەتكەندە 1000 كۈن دېگەن گەپ. ئۈنۈملۈك ۋاقتىمىز ئارانلا 1000 كۈن. دېمەك مۇشۇ قىسقىغىنە 1000 كۈننىڭ قانداق ئۆتۈشى كېيىنكى ئۆمرىمىزنىڭ قانداق شەكىلدە ئۆتۈشىگە زىچ باغلىنىشلىق دېسەك ھەرگىز خاتالاشمايمىز. بۇرۇن بىر ئادەم مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى نۇرغۇن نۆلنىڭ ئالدىغا <1> نى قويغانغا باراۋەردۇر، سىزنىڭ نۆلىڭىز قانچىكى كۆپ بولسا، ئۆمرىڭىزمۇ شۇنچە ئۇزاق بولىدۇ. ئەمما ئاشۇ <1> بولمىسىلا سىزنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىڭىز نۆلگە ئايلىنىدۇ». يەنە بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مىسال: بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى (4000)، ياتاق پۇلى (600 يۈەن)، تۇرمۇش راسخوتى (400 يۈەن) ۋە باشقا ئۇششاق چىقىملارنى مۇشۇ قىسقا 1000 كۈنگە سۇندۇرساق كۈنىگە تەخمىنەن 60 يۈەن بولىدۇ. ئاتا- ئانىمىزنىڭ مىڭبىر تەستە بىزگە يارىتىپ بەرگەن مۇشۇنداق يۇقىرى بەدەلدىكى قىممەتلىك ۋاقىتلارنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىش، قاراپ تۇرۇپ زايا قىلىۋېتىش تولىمۇ ئەخمەقلىق ۋە ۋىجدانسىزلىق ئەمەسمۇ؟؟! [XKcf%%R  
   «غەرب ئەللىرىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋاقتى ئاز، تەرەققىياتى تېز، بىزنىڭ ۋاقتىمىز كۆپ تەرەققىياتىمىز ئاستا» دەيدۇ دوكتورىمىز ئەسئەت سۇلايمان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ يەردە دېيىلگەن «ۋاقىت» قىممەت يارىتالمايدىغان بىكار ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ تەرەققىيات بىلەن تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ. گەرچە بىز ۋاقىت ئېڭى، «ۋاقىت كرىزىسى» جەھەتتە ئۆزىمىزنى ھازىرچە غەرب ئەللىرى كىشىلىرىگە سېلىشتۇرالمىساقمۇ، لېكىن ئىدىيىمىزدە بالدۇر ئۇيغانساق، ئەمەلىيىتىمىزدە ھەقىقىي كۆرسەتسەك، بىزمۇ تەرەققىي قىلالايمىز، ۋاقتىمىزمۇ بىزگە ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك رىقابەت كۈندىن- كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان، بىلىم تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە كۆپ تەرەپلىمە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان جەمئىيەتتە، بىز ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئادىمىي قەدىر- قىممەتلەرگە ئېرىشىپ ياخشى ياشايمىز دەيدىكەنمىز، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى، ئىزدىنەيلى، بار كۈچىمىز بىلەن ئىلىم- تېخنىكا ئىگىلەيلى، شۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىشكە بولىدۇكى بىلىملىك كىشى ھامان ھەر جايدا قەدىرلىنىدۇ. قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىلىم دېڭىزىدىن جاۋھىراتلارنى سۈزۈشكە، كەسىپنى پۇختا ئىگىلەشكە، يېڭى ئۇچۇر- تېخنىكىلارنى ئىگىلەشكە سەرپ قىلايلى. شۇندىلا ھاياتنىڭ مېغىزىنى چاقالايمىز، ھايات نۇرلىرىمىز تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.
salkin mtv
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-05 01:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر