vnC,cLti |-&I WWl DB b<4
t"jL) %7T6GO7 @``&E% خېۋىر تۆمۈر
bW}a=5 B|ek8\ gZh:En+,\ C7`67:1SF بۇرھان شەھىدىنىڭ « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » دېگەن ئەسىرىدىكى كىرىش سۆزدىن :
Ce/[m
' « مەن ئاخىرلىشىپ قالغان مۇشۇ ئۆمرۈمدە يەنە داۋاملىق باش قاتۇرۇپ ،گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تىرىشىپ ئەسلىدىم . قەلەم تۇتۇش ، رەتلەشكە خەن يىڭشەننى تەكلىپ قىلدىم .... پۈتۈن ماقالىنىڭ دەسلەپكى قول يازمىسى پۈتكەندە جى داچۈەن ئۆزگەرتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى . لېكىن خاۋاتىرىسىزلىنىدىغىنىم شۇكى ، شۇ يىللاردىكى خاتىرلىرىرىم ۋە كىتاپ – ژۇرنال قاتارلىق ماتىرىياللىرىمدىن بىر مۇنچىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » مالىماتاڭچىلىقىدا يوقۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قالدىم . زېھنىم يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى . تۇتۇۋېلىش قابىلىتىم كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كونكىرىت جانلىق ۋەقەلەرنى ئەسكە ئېلىشىم ناھايىتى قىيىن بولۇپ قالدى . ئەسلىمىدە ئەھۋالنىڭ ھەقىقىي بولۇشى مۇھىم . كىتاپخانلار رازى بولماي قالسا ، ئۇ قەلەم تۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس ، ۋاقىت جىددى بولغاچقا ، بەزى نەقىللەرنى ئەسلىدىكى كىتاپقا سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم . بەزى تارىخي پاكىتلارنى باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقالمىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە قەلەم تۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن ، ئۇسلۇپنى بىرلىككە كەلتۈرۈشمۇ قىيىن بولۇپ قالدى . بۇ ھەقتە كەڭ كىتاپخانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن .
!ttE{;le تارىخي پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار ، نۇقتىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتاپخانلارنىڭ ، خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتاپخانلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى !
x+ &w (M 6a}NwUer< بۇرھان شەھىدى
:k%@*bmp /W > 1983-يىلى 2-ئاي
6T?Vl71, t!&kk8AO « ئەسلىمە » ماھىيەتلىك تارىخى ۋەقە ۋە سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى يەنى زامان ، ماكان شارائىتتا ۋەقەلەر قانداق ئۆتكەن بولسا ، ئەينەن ئەسلەپ يېزىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا « ئۇ » چىنلىق تۈس ئېلىپ كىتاپخانىلارنى قايىل قىلىدۇ ۋە ئوبدان تەسىر قوزغىيالايدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولماي چىنلىقتىن چەتنەپ پەردازلىنىپ يېزىلسا ، يەنى مۇندىن 50يىل ئىلگىرىكى ۋەقە ، سەرگۈزەشتىلەرگە بۈگۈنكى ( 80-يىللاردىكى ) كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلەر زورمۇ – زور سىڭدۇرۈپ يېزىلسا ، ياكى 40-50يىل كېيىنكى ئىشلارنى ئالدىن بىلىپ تۇرغاندەك بىزەپ يېزىلسا ، ئۇنداق « ئەسلىمە » ئۆز چىنلىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن ، بەلكى مەلۇم مۇددىئا بىلەن يېزىلغان سىياسىي ماقالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە كىتاپخانىلارغا ئوبدان تەسىر بىرەلمەيدۇ ئەمەس ، بەلكى ھەرخىل پىكىر ، ئىنكاسلارنىڭ پە يدا بولۇشىدا سەۋەپ بولىدۇ .
3G$2iDKs « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » ناملىق ئەسلىمە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ( خەنزۇچىسى 1984-يىلى ، ئۇيغۇرچىسى 1986-يىلى نەشىردىن چىقتى ) جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىنكاسلار پەيدا بولدى . بەزەنلەر : « ئاپتور ئەسلىمىنى چىنلىق بىلەن يازماپتۇ » دېسە ، بەزەنلەر ، « ھەممىنى ئۆزىگە ئوڭ كەلتۈرۈپ يېزىپتۇ » دېيىشتى . 25ياشلار چامىسىدىكى بىر نەپەر خەنزۇ زىيالىسى « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » ناملىق ئەسلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم . ئەسلىمىدە ئاپتور ئۆزىنى كۆرسىتىشكە جىق كۈچەپ كېتىپتۇ ! ... دېدى . شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ بۇ كىتاپتىن بىرنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ چىقتىم . نەتىجىدە كىشىلەر ئېيتقاندەك « ئەسلىمە » دە يېتەرسىزلىكلەر ، نۇقسانلار بارلىقىنى ھېس قىلدىم .
yKlAAv{,4 كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە ئاپتورنىڭ : « تارىخى پاكىتلار جەھەتتىكى خاتالىقلار ، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نۇقسانلار كىتاپخانىلارنىڭ خۇسۇسەن شۇ تارىخنى باشتىن كۆچۈرگەن ۋە بىلىدىغان كىتاپخانلارنىڭ تۈزىتىشىگە قالدى ! » دېگەن ھاۋالىسى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى – دە ، ئىلىم يۈزىسىدىن « ئەسلىمە » دىكى خاتا – نۇقسانلارنى تۈزىتىش ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۆز پىكرىمنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلماقچى بولدۇم .
r-I$`4 F7n))( 7@Ku t 1- بالىلىق دەۋرىگە ئائىت ئەسلىمە توغرىسىدا
iDl)M:(% f#kNu{h5 q$<`K D ئاپتور ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىگە ئائىت ئەسلىمىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ : « مەن 1894- يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇدا تۇغۇلدۇم . بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئاقسۇ دەريا ۋادىسىدىكى ئاقسۇ شەھىرى ئەمەس بەلكى روسيىدىكى قازان ئۆلكىسى تېتىش ناھىيىسى تەۋەسىدىكى خىلۋەت بىر كەنت . لېكىن مەنبە جەھەتتىن بۇ ئىككى ئاقسۇنىڭ ئاز – تولا مۇناسىۋىتىمۇ بار تېخى ! .
3{HP#%?M 12-13ياشلار ۋاقتىمدا ، بوۋام غۇبەيدۇللا مېنى ئۆگزىگە باشلاپ چىقىپ كۈن چىقىش تەرەپنى كۆرسىتىپ « بىزنىڭ يۇرتىمىز يىراق جايدىكى جۇڭگو دېگەن يەردە ، ئۇ يەردە ئاقسۇ دېگەن بىر دەريا بار ، ئاقسۇ دېگەن ئەنە شۇ ! » دېگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئېيتىپ يېرىشىچە بوۋىسىنىڭ ئېتى پولات ئىكەن . ئۇ ، بايلارنىڭ زۇلمىغا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى باستۇرماقچى بولغاندا پۈتۈن ئائىلىسىنى ۋە كەنتتىكى 20نەچچە ئائىلىلىك ئاھالىنى باشلاپ رۇسيىگە قېچىپ كەلگەن ۋە مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشقان .... بوۋىسى غۇبەيدۇللا يەنە ، ئۆز نەۋرىسىنىڭ ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولىشىنى ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتقا قايتىپ تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىغا نەزىر چىراق قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان .... بوۋىسى يەنە جىق ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپ بوۋىسى پولات ئىشلەتكەن نەيزىنى تېپىپ چىقىپ كۆرسەتكەن ....
vE;qPI يۇقىرىقى باياندىن ئاپتورنىڭ چوڭ بوۋىسى پولات ئاكا – بايلارنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرغاچقا ، چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى باستۇرماقچى بولغاندا 20نەچچە ئۆيلۈك ئاھالىنى باشلاپ شىنجاڭدىن قېچىپ رۇسىيە تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم . تارىخى شارائىتلاردىن ئېيتقاندا شۇنداق پاكىتنىڭ بولۇشى مۇمكىن . لېكىن روسيە ئەمەلدارلىرى بۇ 20 نەچچە ئۆيلۈك ئاھالىنى چاچماستىن توپ ھالدا قازان ئۆلكىسى تېتىش ناھىيىسىدىكى خىلۋەت بىر كەنىتكە ئېلىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى كىشىنى ئەجەپلەندۈرمەي قالمايدۇ . چۈنكى ئۇ زامانلاردا شىنجاڭدىن روسيە تەرەپكە ( ئورتا ئاسىياغا ) بېرىپ – كېلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ، تىجارەتچىلەر ، مەدىكارلار ناھايىتى كۆپ ئىدى . ئانچە كۆپ رەسمىيەتمۇ كەتمەيتتى . تولا ئادەملەر شۇ ئەتراپتا يۈرۈپ تاشكەنت ، ئالمۇتا ، ياركەت ، توقماق ... دېگەندەك شەھەرلەرگە ۋە شۇ ئەتراپتىكى يېزا – بازارلارغا ئۆزلىكىدىن ئورۇنلىشىپ كېتەتتى . ئۇنداق كىشىلەر يەرلىشىپ تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە . ئەجەبا پولات ئاكا باشلاپ چىققان 20نەچچە ئۆيلۈك ئادەمنى رۇس ئەمەلدارلىرى شۇ قەدەر ئىچكى رايونغا ئېلىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇ ؟ . بۇ نۇقتا كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ ئەمەس بەلكى قانداقتۇر بىر خىل سۇنئىلىك بارمىكىن دەيدىغان گۇمان قوزغايدۇ . گەپتىن – گەپ ، مەسىلىدىن – مەسىلە تۇغۇلدى دېگەندەك بۇ نۇقتىدا يەنە بىر مەسىلە تۇغۇلۇپ گۇمانىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىچە يورۇتۇپ ئۆتىمىز .
?0}Bip}T ئاپتورنىڭ چوڭ بوۋىسى پولات يولدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ بالىلىرى بېرىپ قازان ئۆلكىسى تېتىش ناھىيىسىدىكى خىلۋەت يېزا ئورمان ئاقسۇغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ « غۇبەيدۇللا » ، « ئەتەيتۇللا » ئىسىملىك بالىلىرى دۇنياغا كېلىدۇ . بۇ بالىلار دەل شۇ پولات ئاكىنىڭ 3- ئەۋلادى ( نەۋرىسى ) . ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىغا قارىغاندا پولات ئاكىنىڭ بالىلىرى ئورمان ئاقسۇغا ئورۇنلىشىپ بەش – ئون يىلغا ياكى ئون – يىگىرمە يىلغا يەتمەيلا تاتارلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ ، بۇ مۇمكىنمۇ ؟ تىل سېستىمىسى ، دىنى ئېتىقادى ئوخشاش بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە سىڭىشىپ ئۆزلىشىپ كېتىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ ، پولات ئاكىنىڭ بالىلىرى قازان ئۆلكىسىگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ ئون – يىگىرمە يىلغا بارمايلا بالىسىغا « ئەبەيدۇللا » ئەمەس ، « غۇبەيدۇللا » دەپ ئەزان قىچىقىرىشى مۇمكىنمۇ ؟ بۇ ئارىلىق بەك قىسقا بولۇپ قالماسمۇ ! شۇنىڭدەك قازان ۋە ئۆزبىكىستان تەرەپلەردىن شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان تاتار ، ئۆزبىكلەر ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ بەزەنلىرى كەلگىنىگە بىرەر ئەسىر بولۇپ قالدى . ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي سۈپىتى بۇزۇلغىنى يوق ، تېخىچە تاتارچە ، ئۆزبىكچە سۆزلىشىپ يۈرۈيدۇ . بۇ جەھەتتىكى جانلىق مىساللاردىن قارىغاندا تىل سېستىمىسى ، دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە سىڭىشىپ كېتىشى ئانچە ئاسان مەسىلە بولمىسا كېرەك . ئەپسۇسكى پولات ئاكىنىڭ نەۋرىلىرى ئون – يىگىرمە يىلغا يەتمەيلا « غۇبەيدۇللا » ، ئەتەيتۇللا »بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك بولماي نېمە ! . دېمەك ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالغا ئائىت بەرگەن بايانىغا قارىتا قايىل بولمايلا قالماستىن بەلكى قانداقتۇر غەرەز يوشۇرۇنغانمىكىن دەپ گۇمان قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى مانا شۇ يەردە !
9^ci33" ئاپتور مۇشۇ ئەۋلاتىنىڭ 6-سى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور 1913-يىلى قازاندىن شىنجاڭغا كەلگەندە ، رەڭگى – رويى ، تىلى ، ئۆرپە – ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ %99 لىك ساپ ئالتۇندەك تولۇق بىر تاتار زىيالىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ، كىشىنى ھېچقانداق باشقىچە قاراشلارغا ۋە گۇمانلىق خىياللارغا كەلتۈرمىگەنىدى . لېكىن ئاپتور 1947-يىللارغا كەلگەندە « بىردىنلا بوۋىسى غۇبەيدۇللا » نىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ – دە ، ئاقسۇ قۇمباش رايونىنى بىر قۇر زىيارەت قىلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ تېگى – تەكتى ئاقسۇ قۇمباشلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان پولات بوۋىسىدىن باشلانغان ئائىلە نەسەپ تارىخىنى ئوتتۇرىغا كۆتىرىپ چىقتى . بۇ تارىخ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى . ئەجەبا 1913-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە بولغان 30نەچچە يىل ئارىلىقىدا ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئاقسۇ قۇمباشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ بىرەر كىشىگە سۆزلىمەي كەلگەن ياكى ئاقسۇدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئىزدىمىگەن ۋە ياكى ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر – چىراق ئۆتكۈزمىگەن ئاپتور قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا كۆتىرىپ چىققاندۇ . بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ شىنجاڭ جامائەتچىلىكى خېلى ئۇزۇن غۇلغۇلا قىلىشىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى شۇ يىللاردىلا تاپقانىدى . « گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ كىشىنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە رەئىس قىلماقچى بولغان ئىكەن « مىللەت » شەرتى توغرى كەلمەپتۇ . گومىنداڭ ئاساسى قانۇنىدا شىنجاڭغا بولىدىغان رەئىسنىڭ مىللەت شەرتى ئۇيغۇر بولىشى كېرەك ئىكەن . شۇڭا ئاپتور نەسەپ سۈرۈشتۇرۈپ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ئاقسۇ قۇمباشلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ » دەيدىغان جاۋاپ تېپىلغاندىن كېيىن جامائەتچىلىك بېسىلغانىدى . « شىنجاڭنىڭ 50يىلى » نەشىردىن چىققاندىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنە غۇلغۇلا كۆتىرىلىپ جامائەتچىلىكتە غۇدۇراشلار پەيدا بولدى . نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە ؟ مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ سەۋەبى ئەسلىمىنىڭ مۇكەممەل يېزىلمىغانلىقىدا ، ئەگەر ئاپتور تەبىئى يوسۇندا راستلىقى بىلەن يېزىپ كىتاپخانغا تاپشۇرغان بولسا ، جامائەتچىلىكتە غۇلغۇلا پەيدا قىلماستىن ھەممىنى قايىل قىلغان بولاتتى . جامائەتكە تاپشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ئىككى . ئۇنىڭ بىرسى : يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئاتا – بوۋىلىرىمىز شىنجاڭ ئاقسۇدىن ، رۇسيىدىكى قازان ئۆلكىسى « ئورمان ئاقسۇ » غا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلاردىن ئىدى . بىراق مەن شىنجاڭغا كېلىپ ئۇزۇن يىللارغىچە خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئاقسۇغا بېرىپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنى ئىزدىيالمىدىم ، نەزىر – چىراقمۇ بىرەلمىدىم . بۇ مەندىن ئۆتكەن سەۋەنلىك . پەقەت 1947- يىلىغا كەلگەندىلا بوۋام « غۇبەيدۇللا » نىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم دېيىش . يەنە بىرسى : ئەسلى مىللىتىم تاتار ، 1947-يىللارغا كەلگەندە گومىنداڭ تەرەپ ، مېنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس قىلىپ تەيىنلەشكە قارا چەككەندە مىللەت شەرتىم توغرى كەلمەيۋاتقانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن مەن بۇ تەرجىمىھالنى ياساپ چىقىپ مىللەت شەرتى ھازىرلىدىم دېيىش . مېنىڭچە يۇقۇرقى ئىككى ئۇسۇلدىن بىرىسىنى قوللىنىپ كىتاپخانلارغا تاپشۇرۇلغان بولسا ، قايىل قىلغان بولاتتى .
0j]B"m |MrN@gOk x)=yZ^R$1 2. ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا
C'
`O"O*i HD}
r
B2[5); بۇ ھەقتە ئاپتور مۇنداق يازىدۇ : « بوۋام غۇبەيدۇللانىڭ ھاۋالىسى بىلەن چوڭ ئاتام ئەتەيتۇللاغا ساماۋەر قايتىتىپ بەرگەچ ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە باشلىدىم . شۇ يىلى كۈزدە بوۋام قازا تاپتى . ئاتام ئوقۇش دېگەن نىمىگە ئەسقاتىدۇ . ئۆيگە قايتىپ ئىش قىلغانغا يەتمەيدۇ دەيتتى .... » .
*t4BrV1/ جۈملىنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا ، ئاپتورنىڭ چوڭ ئاتىسى ئەتەيتۇللادا ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە باشلىغان يىلىنىڭ كۈزلىكى بوۋىسى قازا تېپىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر يىل ئىچىدىلا ئاپتور ئەرەپچە بىلەن قۇرئان ئوقۇشنى بىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئاپتور ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا بەرگەن مۇنداق ئاددىي بايان بىلەن كىتاپخانىلارنى قايىل كەلتۈرەلمەيدۇ . چۈنكى ئەمدىلا 12-13ياشلارغا كىرگەن ھەرقانداق بىر بالىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەرەپچە ۋە « قۇرئان » ئۆگىنىشنى باشلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . بۇ نۇقتىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئوبدان چۈشىنىدۇ . دىنىي ئوقۇش قائىدىسىدىن ئېيتقاندا بالىلار بىر قانچە يىلغىچە ئۇششاق سۈرە ئوقۇيدۇ . ئاندىن تاختىغا چىقىدۇ ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەپتىيەك ئوقۇپ ئاخىرىدا قۇرئان ئوقۇشقا كىرىشدۇ . قىرائەت ئوقۇش ئۇ يەنە باشقا بىر گەپ . بۇ خېلى قىيىن ۋە جاپالىق جەريان . ئەمما ئاپتور بۇ ھەقتە تولىمۇ ئاددىي بايان بەرگەن . بۇنداق بايان كىشىنى زادىلا قايىل قىلالمايدۇ .
1`yU()SXJ كېيىنكى باسقۇچلۇق ئوقۇش تارىخىمۇ ئاددىي بايان قىلىنغان . مەسىلەن : « قازانغا باردىم . تاغام مېنى « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىگە مەرتلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى ... مەكتەپتە مەن يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا بىلەن تونۇشتۇم . ئۇ ماڭا دائىم ماقالا كۆچۈرتكىزەتتى .... كېيىن ئۇنىڭ گېپى بىلەن ساۋاقدىشىم بايازىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى دەرس تاشلاشقا ئۇيۇشتۇردۇق . شۇ سەۋەبتىن بايازىت بىلەن ئىككىمىز مەكتەپ تەرىپىدىن بىر كۈن نەزەر بەنتكە ئېلىندۇق . بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ھاياجانغا كەلگەننىڭ سىرتىدا ئازراق غورورۇممۇ ئاشتى ».
bm".c]OM « تاغامنىڭ ھال ئوقىتى ياخشى بولمىغاچقا ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە « مائارىپ » دېگەن بىر كىتاپخانىغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىككى يېرىم يىل ئىشلىدىم . بۇ يەردە خىزمەت ئېغىر ، ئىش ئالدىراش بولسىمۇ ، ۋاقىت چىقىرىپ بىر مۇنچە كىتاپ ئوقۇدۇم . رۇسچىنى ئەنە شۇ چاغدا ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىشكە كىرىشكەنىدىم ، « يىۋگىنى ئونىگىن » ، « ئاننا كارىننا » قاتارلىق مەشھۇر كىتاپلارنىمۇ ئەشۇ چاغلاردا ئوقىغانىدىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بوغالتىرلىق بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەندىم . بۇلار مېنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە تولىمۇ ئەسقاتتى ... كېيىن ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشى بىلەن 1912-يىلى 9-ئايلاردا ( 18يېشىمدا ) شىنجاڭغا كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىيەنشىڭ سودا فېرمىسىدا ئىشلىدىم !» .
nMxjd
0xU يوقۇرقى بايانلار ئاپتورنىڭ پۈتكۈل ئوقۇش تارىخى بولۇپ ، 12-13يېشىدا (1906-1907-يىللىرىدا ) بوۋىسى غۇبەيدۇللادىن ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئوقۇشقا باشلىغان ئاپتور 1908-يىلى قازانغا بېرىپ « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىگە كىرىپ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرىنى ئىگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەكتەپ ئىچىدە ئىنقىلابى پائالىيەتلەرنىمۇ ئىشلىگەن ، بۇ پەقەت 13ياشتىن 16ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلار ... ئۇنىڭدىن كېيىن « مائارىپ » كىتاپخانىسىدا ئىككى يېرىم يىل شاگىرت بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا رۇسچە بىلىم بىلەن بوغالتىرلىق ئىلمىنى ئۆگىنىپ بولغان ...
ss5 9h ئوقۇش تارىخىدىكى قىسقا جەريان بىلەن بۇ ئاددىي بايان ، ئاپتورنىڭ پۇتكۈل سالاھىيىتىگە ئانچە مۇۋاپىق كەلمىسە كېرەك . چۈنكى ئاپتور ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس ، بەلكى خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئىقتىساسلىق ۋە ئىقتىدارلىق سىياسئون بولۇپ ئۆمرىدە بىر قانچە تىلنى – رۇسچە ، خەنزۇچە ، نېمىسچە تىللارنى ئىگەللەپ سىياسىي ۋە ئىلمى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مەشھۇر ئەرباب . شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئاددىي ئوقۇش تارىخي كىتاپخانىلارنى قايىل قىلمايدىلا ئەمەس بەلكى قاتتىق تەئەججۇپلەندۈرىدۇ . ئاپتور ھېچبولمىغاندا خەنزۇچە ئوقۇش تارىخى بىلەن تىمىسچە ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بولسىمۇ ئىزاھ بېرىشى لازىم ئىدى . ئەپسۇسكى ئاپتور ئۇنداق قىلمىغان .
`uIUk@ شۇنىڭدەك ئاپتور قازان « مۇھەممىدىيە » مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ( 13-14ياش ۋاقتى ) يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللانىڭ تاپشۇرىقى بويىچە ساۋاقدىشىم بايازىت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دەرس تاشلاش ھەركىتى ئۇيۇشتۇردۇم . بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ ھاياجانغا كەلگەننىڭ سىرتىدا ئازراق غورۇرۇممۇ ئاشتى ، دېگەنلىكى كىتاپخانلارنى يەنە بىر قېتىم ئەجەبلەندۈرمەي قالمايدۇ . چۈنكى 13-14-ياشلىق بالىنىڭ شۇنچىلىك نازۈك ۋە كەسكىن ئىشلارنى قىلالىشى تەسەۋۋۇرغا ئانچە سىغمىسا كېرەك ! .
xZgHVZ,_V AzCde"rKF7 داۋامىنى
ئالتۇن تارىم تور بېكىتى دىن كۆرۈڭ
K3Fqi, ياكى
http://altuntarim.com/list.asp?unid=1641 LQkC|M1 iA$j :O8