سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
dernek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 33869
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 56
شۆھرەت: -6 كىشىلىك
پۇل : 1327 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
قوللاش: 36 نومۇر
ئالقىش: 35 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى سەلكىن نادىرلىدى .(2009-03-04)
,H>U\  
jI I$!1x  
[IOm\>  
شيەن گوجېڭ
nTF1z9_~%0  
HaQL*_?{  
+"v->  
1990- يىلى 5 - ئاپرېلدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئاز سانلىق مىللەت مىللىي بۆلگۈنچىلىرى پىلانلىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشنى ۋە خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق قوراللىق توپىلاڭ پارتلىدى. ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىپ، «غازات قىلىش» نى، «كاپىرلارنى يوقىتىش» نى تەرغىپ قىلىپ، بارىن يېزىسىدا ئۆكتەملىك قىلىپ، ئاممىنى مەجبۇرلاپ ئاشلىق ۋە پۇل ئىئانە قىلغۇزۇپ، قوراللىق ساقچىلارنىڭ فورمىسى ۋە قورال - ياراغ، ئوق - دورىلىرىنى تارتىۋېلىپ، قوراللىق ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا گرانات ۋە مىلتىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، «يېزىلىق ھۆكۈمەتنى ئىگىلەپ» «شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرىمىز» دەپ جار سالدى. سەۋر - تاقەت قىلغىلى بولمىغان، تەربىيە بېرىپ قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قوراللىق ساقچى ۋە ج خ ساقچىلىرىمىز يەرلىك ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ھۇجۇم قوزغاپ بىر يولىلا توپىلاڭنى تىنچىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ ۋەقە شۇئان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ زور دىققىتى ھەم ھەيرانلىقىنى قوزغاپ، بەزى چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر قىسىم يالغان خەۋەرلەرنىمۇ بېرىشتى. بارىن يېزىسى بىر مەھەل كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبار نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. :k;~ I/H}  
مانا، ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ كەتتى. بارىن ۋەقەسىنىڭ قانداق پارتلىغانلىقى ۋە قانداق بېسىقتۇرۇلغانلىقى تېخىچە كىشىلەرگە نائېنىق. ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن مەن توپىلاڭنى تىنچىتىش قوماندانلىق شتابىنىڭ خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر - خاتىرىلەرنى ئوقۇپ ھەم قۇلۇمدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە خاتىرە شەكلىدە بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. [3WuoC   
%D( p]++  
توپىلاڭنىڭ ھارپا ئاخشىمى
*V:&=  
:(R(I5{  
1990- يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كۈچتە، مەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ باشلىقى جاڭ كۇنشەننىڭ تەكلىپى بىلەن ستۇدىيىگە يولداش ۋاڭ ئېنماۋ ئىسىم قويۇپ بەرگەن «باياۋاندىكى خان يارلىقى» دېگەن كىنونى كۆرۈشكە باردىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ستۇدىيىگە كىنو كۆرگىلى كېلىشىم ئىدى. كىنونى كۆرۈپ بولۇپ ئۆيگە بارغىنىمدا سائەت 12 گە ئاز قالغانىكەن. ئۆيدىكىلەر ماڭا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى، جىددىي يىغىنغا چاقىرتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئىچىمدە بۇنچە كەچتە نېمە جىددىي ئىشتۇ، دەپ ئويلاپ، شۇنچە ئۇيقۇم كەلگەن بولسىمۇ خاتىرجەم بولالماي ئۇيقۇدىن ۋاز كېچىپ دەرھال ماشىنىلىق پارتكومغا چاپتىم. Sv4o=ED  
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلەر مەجلىسغانىسىغا كىرگىنىمدە، شۇئانلا كەيپىياتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ خەنلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى تۆمۈرداۋامەت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ سىشۆ، پارتكوم دائىمىي ھەيئىتى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومېسسارى گوگاڭ، ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لى جېڭجوڭ، پارتكوم باش كاتىپى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى كەلگەنىكەن. يىغىننىڭ باش تېمىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىك ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالى، خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەھلىل ھەم تەتقىق قىلىش بولۇپ، قەشقەردىن كەلگەن تېلېفوندا دېيىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە بىر توپ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار قايمۇققان ئاممىنى توپلاپ، «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھ» دەپ توۋلاپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۈچ كۆرسىتىپ نامايىش قىلغان ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتنى قورشىۋېلىپ، قوراللىق ساقچىلارغا تاش - چالما ئېتىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ، بەزىلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. 200 دىن كۆپرەك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرى، ج خ ساقچىسى، قوراللىق ساقچى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان. توپىلاڭچىلار «يېزىلىق ھۆكۈمەتنى ئېلىپ»، «شەرقىي تۈركى-ستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرىمىز» دەپ جارسالغان، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەۋپلىك بولغانلىقتىن يوليورۇق سورالغانىكەن. يىغىن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاخىر بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئۇ پىلانى، سۇيىقەستى، پروگراممىسى، ئېنىق شۇئارى بار، ئادەم تۇتقۇن قىلغان، قورال - ياراغ بۇلىغان، ماشىنىلارنى ئۇرۇپ - چاققان،  قوراللىق ساقچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ، چوقۇم قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دېگەن ئورتاق تونۇشقا كەلدى ھەم دەرھال 9045 قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ توپىلاڭنى تىنچىتىشقا قوماندانلىق قىلىشنى، يولداش تۆمۈر داۋامەت، جىن يۈنخۇيلارنىڭ تېزلىكتە قەشقەرگە بېرىپ ئۇ يەردىكى يولداش سۇ شۇشەن بىلەن بىللە قەشقەرنى ساقلاپ توپىلاڭنى تىنچىتىشقا باشچىلىق قىلىشنى، قەشقەرنىڭ يەرلىك خەلق ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كېچىلەپ بارىنغا ئەۋەتىشنى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قوراللىق ساقچىلارنى چىقىرىپ توپىلاڭچىلارنى قورشاۋغا ئېلىشنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ لەنجۇ ھەربىي رايونىدىن يوليۇرۇق سوراپ تۇرۇشلۇق قوشۇننى يەرلىك قوراللىق قىسىم بىلەن ماسلاشتۇرۇپ توپىلاڭچىلارنى قورشاپ يوقىتىشنى، تەستىق كېلىشتىن ئىلگىرى جەڭگە قاتنىشىدىغان قىسىملارنىڭ بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ئاتلىنىشقا تەييارلىق بولۇپ، بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشىنى قارار قىلدى. i&:$Y*~  
بۇ ۋاقىتتا 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەھەر سائەت 3 بولغانىدى. يىغىن تۈگىگەندە شۇجى سۇڭ خەنلياڭ مەن ۋە يولداش جاۋ جىياۋ (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى) نى ئېلىپ قېلىپ بېجىرىدىغان ئىككى ئىش بارلىقىنى، بىرى دەرھال ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىگە ماي جىق قاچىلانغان بىر ئايروپىلان تەييارلاپ سائەت 8 دە قوماندانلىق شتاب خادىملىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە ئۇچۇشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى، يەنە بىرى قوماندانلىق شتاب خادىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا سائەت 8 دىن ئىلگىرى ئايرودرومغا بېرىپ بولۇشنى ئېيتىپ قويۇشنى تاپلىدى. بۇ ئىشلارنى تۈگەتكەندە سائەت 7 بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال ئايرودرومغا باردىم. ئاۋىئاتسىيە خىزمەتچى خادىملىرى مەندىن ئايروپىلانغا چىقىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى سورىدى. مەن دەپ بېرەلمەي، ئايروپىلانغا چىققاندىلا ئاندىن بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە پەيتتە ئالاھىدە مۇئامىلە قلىشىنى ئېيتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئايرودورم خادىملىرى ئۈندىمىدى. ئايروپىلانغا چىققاندا قارىسام جەمئىي 21 ئادەم بوپتۇ، ئايروپىلان بىر سائەت 20 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن قەشقەر ئايرودورمىغا قوندى، ئايرودرومدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ساقلاپ تۇرغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ۋىلايەتلىك پارتكومغا ماڭدۇق. يولدا بارغۇچە كوچىدا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمىدى، بۇ سائەت 30:9 بولغان چاغ بولۇپ، قائىدە بويىچە كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكنى باشلايدىغان ۋاقىت ئىدى. ئەمما ۋەزىيەت تىنچسىز، كىشىلەر ئەنسىزلىكتە قېلىپ ئۆيلىرىدىن چىقالمىغان بولغاچقا، قەدىمىي شەھەر قەشقەر خۇددىي بىر ئادىمزاتسىز شەھەرگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن قارىغاندا، يول بويىدىكى دەل - دەرەخلەر ئەمدىلا يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلىغان، ئەتراپ يېشىللىققا پۇركىنىۋاتقان بولۇپ، باھارنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. Fp0v4-(^}  
ۋىلايەتلىك پارتكومغا كەلگىنىمىزدە، ئەتراپ ئىنتايىن تىمتاسلىققا چۆمگەن، ئىلگىرىكى شاۋقۇن - سۈرەندىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، پوستتاتىك تۇرۇشقان قاراۋۇللار، ئانتېناسىنى ئېگىز چىقىرىپ كېتىۋاتقان ئالاقە ئاپتوموبىللىرى قويۇق ئۇرۇش كەيپىياتىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. قوماندانلىق ئورنى ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلەر مەجلىسخانىسىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى دۇەن جاڭجىن تېلېفوندا نېمىلەرنىدۇر دەپ ۋارقىراۋاتقان، نەچچە كېچە - كۈندۈز ئۇخلىمىغانلىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن قالاق، بارىن يېزىسىدا پەقەت بىرلا قول بىلەن چۆرۈيدىغان تېلېفون بار، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە سىملىق تېلېفون تېخى ئۇلانمىغان بولۇپ، نەق مەيداننىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش تولىمۇ تەس ئىكەن. كەلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، جەڭ ئاللىقاچان ئاياغلاشقان، توپىلاڭچىلار چېگرىغا قاراپ قاچقان، قىسىملار قوغلاۋاتقانىكەن. Bu y HF1yN  
V-N6iz  
توپىلاڭنىڭ پىلانلىنىشى
B ^DTRV  
U](+p$^c  
شەرقىي ياۋروپادىكى ئۆزگىرىش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى داۋالغۇشتا قالدى. خەلقئارادىكى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە، بارىن يېزىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەكسيەتچى ئۇنسۇرلار دىننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ۋەتەننى پارچىلايدىغان سۇيىقەستلىك پائالىيەتلەر بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، نىشانىنى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىگە، سوتسىيالىزمغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتىپ، «5 - ئاپرېل» توپىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ukK6 6cnO)  
بۇ ۋەقە پىلانلىق، تەشكىللىك، سۇيقەستلىك باشلانغان. ئالدىنقى يىللا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇنسۇرلار مەسچىتتە ناماز ئوقۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نامازغا كەلگەنلەرگە، بولۇپمۇ ياشلارغا ئەكسىيەتچىل ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىپ، پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى چىقىپ، «بىز سوتسىيالىزمغا ئىشەنمەيلى»، «ئىلگىرى ماركسزم - لېنىنزم دىننى باسقان، ئەمدى دىن ماركسىزم - لېنىنىزمنى باسىدۇ» دەپ جار سالغان، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغاش ئۈچۈن «ھەر قانداق ھۆكۈمەت قاتىللارنى ئاتىدۇ، بارىن يېزىسىدا 250 ئايالنىڭ بالىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىلدى، بۇ قاتىللىق ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇ قاتىللار ئېتىلمايدۇ؟» دېگەن ھەم «ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز خىتاي (خەنزۇ) كېلىدۇ»، ئەگەر بىزنى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇسىلەر، دېسە، خىتايلار كەلمىسۇن» دەپ ئىغۋا تارقىتىپ، «بىز چوقۇم غازات قىلىپ خىتايلارنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك»، «دۆلەت ئىچىدىمۇ، دۆلەت سىرتىدىمۇ بىزنى قوللايدىغانلار بار»، «بىز ئاللىقاچان تەشكىللىنىپ بولدۇق، پەقەت يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز، بارىن يېزىسىنى ئېلىپ شەرقىي تۈركى-ستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرىمىز» دەپ پوئاتقان. بۇ گەپلەرنى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئۇلارنى تەربىيە بېرىپ قايىل قىلماقچى بولغاندا، ئۇلار رەددىيە بېرىپ ئېيتقان. ! Q"Pu6  
بارىن يېزىسىدىكى ئاز سانلىق ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، قوراللىق توپىلاڭ قوزغاش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ھەممە جايدا پائالىيەت قىلىپ ئەكسىيەتچىل تەشكىلات شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار 1989 - يىلدىن باشلاپ تەشكىلات قۇرۇپ ئەزا قوبۇل قىلىپ، «شەرقىي تۈركى-ستان ئىسلام پارتىيىسى» نى بەرپا قىلىپ، جامال مەمەتنىڭ ئۆيىدە 1 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشكىللەشنى مۇھاكىمە قىلغان. 1990 - يىلى 2 - ئاينىڭ بېشىدا ساي مەسچىتىدە 2 - قېتىملىق يىغىن ئاچقان. 3- ئاينىڭ 15 - كۈنى مەخەت قوشماقنىڭ ئۆيىدە 3 - قېتىملىق يىغىپ ئېچىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورا تەييارلاش، پىچاق، تەنھەرىكەت ئايىغى، خەسە سېتىۋېلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاشنى، كىمدە كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى بەلگىلىگەن. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ساي مەسچىتىدە 4 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ قوراللىق توپىلاڭنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، زەيدىن يۈسۈپ باش قوماندان، ئابدۇغېنى تۇرسۇن ئورۇنباسار باش قوماندان، جامال مەمەت ھەربىي قوماندان بولۇشنى، ئەخەت ئاۋات 1 - توپقا، تۇرغۇن ساقى 2 - توپقا، ئوبۇلقاسىم ئىبراھىم ئاتلىقلار توپىغا، ئىسھاق ھوشۇر مالىيە، ئارقا سەپ تەمىناتىغا، ئابدۇتۇردى ۋە مەمەت تۇرسۇن باش قوماندان بىلەن ئالاقىلىشىشقا، راخمانجان ئەمەت ياسىۋالغان بومبا، گرانات قاتارلىق قوراللارنى ساقلاش ھەم تارقىتىشقا مەسئۇل بولۇشنى بېكىتكەن. يىغىندا، زەيدىن يۈسۈپ يەنە ناۋادا ئۆزى ئۆلۈپ كەتسە ئابدۇغېنى تۇرسۇن قوماندانلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ قوشۇننى كېڭەيتىشنى ئالاھىدە قارار قىلغان. Vvz 
بۇ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇلار يەنە ئېلىشىش مەشىقىنى كۈچەيتىكەن. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە زەيدىن يۈسۈپ قاغىلىقتىن ئوبۇلقاسىمنى ئەكىلىپ ئىسساق ھوشۇرنىڭ ئۆيىدە 40 نەچچە ئادەمگە ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە 50 نەچچە ئادەمگە سايدا گرانات ئېتىش ۋە ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن. 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنە ئوبۇلقاسىم باشچىلىقىدا ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن. شۇنداقلا، مەشىقلەنگەنلەردىن غازات يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشنى، ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. [+L j@lZK  
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار يەنە قوراللىق توپىلاڭنىڭ تۈرلۈك لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاشنىمۇ چىڭ تۇتقان. ئۇلار تەشكىلاتقا قاتناشقان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 يۈەن تاپشۇرۇشنى، بۇنىڭ 20 يۈەنىنى پائالىيەت راسخوتى قىلىدىغانلىقى، 20 يۈەنگە تەنھەرىكەت ئايىغى ئالىدىغانلىقى، 10 يۈەنگە پىچاق ئالىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. يەنە مەسچىتتە ناماز ئوقۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھەر بىر ئەزانى پائالىيەت راسخوتى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. كېيىن يەنە يېزىدا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىپ ئاممىنى ئاشلىق، پۇل - پىچەك تاپشۇرۇشقا ئاشكارا مەجبۇرلىغان. 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە بىر بۆلەك ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر قوقان كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىمىن ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى 1500 يۈەن ئىئانە تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان، ئىمىن ئۆمەر بۇنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار: «ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز، ئەگەر تاپشۇرمىساڭ جېنىڭنى ئامان قالدۇرۇش - قالدۇرماسلىقنى ئويلىشىمىز» دېگەن، يەنە شۇ كەنتتىكى بىر دېھقاندىنمۇ مەجبۇرىي 1000 يۈەن ئېلىۋالغان. ,W1 h1":gC  
3- ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە ئۇلار يەنە بارىن، قوقان قاتارلىق تۆت كەنتتىن مەجبۇرىي پۇل - ئاشلىق يىغىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ 10 جىڭ گۈرۈچ، 5 جىڭ بۇغداي تاپشۇرۇشىنى بەلگىلەپ، جەمئىي 15 تاغار ئاشلىق توپلىغان. ئۇلار يىغىۋالغان پۇلغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىلىچ، بومبا، گرانات ئالغان، ياسىغان ھەم تۆت ئات، بىر موتسىكلىت سېتىۋالغان. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشچە ئۇلار جەمئىي 13 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلىغان. 3bIYoJx  
داۋامىنى ئالتۇن تارىم تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ 5 
THjq%z :  
2004-يىل چاغان ZU}6 gD{:  
ئەخمەت مۆمىن تارىخى تەرجىمە قىلدى Ke\ /O}oI  
A7\(bb B  
~K._JN//p  
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1(istanbol) مۇناپىق ئاپت ..
  • پۇل :+1(مۇھەمەت)
  • salkin mtv
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-04 19:19 |
    ئەلكۈيچىسى
    ھەممىسى مىللىتىم ئۈچۈن......
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11408
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 546
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 1056864 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 77 نۇمۇر
    قوللاش: 55 نومۇر
    ئالقىش: 412 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 862(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    <<ھەقىقىي >> خاتىرە ئىكەن،تىما ئىگىسىگە  ھەشقاللا!
    salkin mtv
    ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى، 
    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 19:29 |
    erk uzun
    ھونتېكىن
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31741
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    پۇل : 431 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 14 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        بۇ ۋەقەنى باستۇرغان قومانداننىڭ دوكلاتىغا قاراپ ئەينى ۋاقىتتىكى دەھشەتلىك مەنزىرىنى ئەسلەپ يۈرىگىم ئىچىشتى ...شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن ئازاتلىق ئارمىيە بۆشۈكتىكى بوۋاقتىن تارتىپ 80 ياشلىق بوۋايغىچە يېزىدىكى ھەممە ئادەمنى قەتلىئام قىلمىدىمۇ ؟!شۇئارقىلىق خەلقنىڭ مىللى روھىنى دەسسىمەكچى بولمىدىمۇ ، بۇ ۋەقەنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتكىنى بولسۇن !
    armaninkas4
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 19:33 |
    dernek
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 33869
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 56
    شۆھرەت: -6 كىشىلىك
    پۇل : 1327 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    قوللاش: 36 نومۇر
    ئالقىش: 35 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنكاسلارغا بەك دىققەت قىلساڭلار.....ئەقىللىق ئادەملەر ئاسان ھاياجانلانمايدۇ
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 19:36 |
    ئەلكۈيچىسى
    ھەممىسى مىللىتىم ئۈچۈن......
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11408
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 546
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 1056864 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 77 نۇمۇر
    قوللاش: 55 نومۇر
    ئالقىش: 412 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 862(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھاياجانلانمايلى كۆپچىلىك!       مۇمام ساپلا  بۇ جاھان ئۆتنە جاھان،ھىچكىمنىڭ ھىچكىمدە قالمايدۇ دەيدىغان.
    salkin mtv
    ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى، 
    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 19:40 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر