pKZg=+ ماھىنۇر ئىسمائىل
jiN3 bS i?yB=S6|PN ئويلاپ باقساق، مەيلى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بولسۇن ياكى ئۇچار قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى بالىلىرىنى ئۆزلىرى بېقىپ چوڭ قىلىدىكەن. پەقەت ئەقىل جەھەتتە ئۇلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىنسانلار پەرزەنتلىرىنى باشقىلارغا باقتۇرىدىكەن. بۇرۇنقى زامانلاردا پادىشاھلارنىڭ خانىشلىرى تۇغقاندىن كېيىن پەرزەنتلىرىنى باشقا ئاياللارغا ئەمگۈزۈپ چوڭ قىلىدىكەنمىش، ئۇنىڭ سەۋەبى نەسەپ جەھەتتىن يېقىن كېلىپ قالماسلىق، پەرزەنتلىرىنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيىلەپ چوڭ قىلىش ئىكەن، بۇنداق ئانىدىن بىر دەۋردە بىرسى ياكى بىرنەچچىسىلا چىقىدىكەن، بىراق ھازىرقى رېئاللىققا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، تۇغۇپلا بالىسىنىڭ ئېغىزىغا ئەمچەك سالماي سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىۋاتقان ئانىلارنىڭ سانىنى پەرەز قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز. ئەسلى بالىلار ئانا سۈتىدە بېقىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى... ئانا سۈتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ھەممىمىزگە ئايان.
,xr'X!pl ئەسلى بىزنىڭ بالىلار پەرۋىشى، بالىلار تەربىيىسى توغرىسىدا ئومۇملاشقان سىستېمىلىق قائىدە- يوسۇنلىرىمىز بار ئىدى. بالا تۇغۇلغان ھامان ئۇنىڭ ئېغىزىنى پاكىزلاپ، تۇنجى ئوغۇز سۈتى بىلەن تويۇندۇرۇپ بالىنى ماغدۇرلاندۇرۇلاتتى، يۇمشاق كۆرپىگە زاكىلىناتتى، بىرەر ياشقا كىرگىچە بۆشۈككە سېلىناتتى، بۇنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى بولۇپ، «بالىنىڭ پۇت- قولى، ئۇستىخىنىنىڭ تۈز ئۆسۈشىگە پايدىسى بار» دەپ قارىلاتتى، ھەتتا ئانىلار بوۋاق تۇغۇلغان ھامان كۆز، بۇرۇن، ئېغىزىنى ئوچۇق قويغاندىن باشقا، باش، يۈز، ئىڭەك قىسمىنى داكا بىلەن ئوراپ قوياتتى. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ بېشى كىچىك، يۈزى يۇمىلاق، بۇرنى تىك، قاڭشارلىق، چىرايلىق چوڭ بولۇشقا پايدىسى بولاتتى. ئانىلار بوۋىقىنى زاكىلاپ ياكى بۆشۈككە سېلىپ تەۋرەتكەچ، ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ، بالا ئۇخلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بالىغا گۈزەللىك ئېڭىنى سىڭدۈرەتتى، بالىلار ئانا سۈتىدە كۈچ- قۇۋۋەت تېپىپ، زاكا بۆشۈكنىڭ ياردىمىدە ساغلام چوڭ بولاتتى. ئەللەي ناخشىسىنىڭمۇ بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئەخلاقلىق، سەمىمىي چوڭ بولۇشىغا پايدىسى بار ئىدى. ھازىر نۇرغۇن ئانىلار پەرزەنتىنى تۇغۇپلا ئېمىتمەي، ھەر خىل سۈت پاراشوكلىرى بىلەن باقىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باقتى دېگەندىمۇ بىر، ئىككى ئاي ئېمىتىپلا بولدى قىلىدۇ، زاكىلاپ ياكى بۆشۈككە سېلىپ بېقىشنى خالىمايدۇ، ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىدىغان ئانىلار تېخىمۇ يوق. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، نۇرغۇن بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى دېگەندەك ئەمەس، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن، ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار. مانا بۇلار بىزنى ئەنئەنىۋى قائىدە- يوسۇنلارنىڭمۇ ھەرگىزمۇ ئىلمىي، ئاساسسىز ئەمەسلىكى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ.
DwbM
;J@ سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش سەۋەبىدىن بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئانا پەرزەنتىنىڭ جەسىتىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ نالە قىلماقتا: «سېنى قانغۇدەك بىر ئېمىتىۋالغان بولسام ئاناڭدىن نەقەدەر رازى بولغان بولار ئىدىڭ...». بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئانىنىڭ يۈرەك باغرى ئىزىلمەي قالمايدۇ! ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىدە قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىز بىلىمىز ئەلۋەتتە. نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ بالىنى بەختتىن مەھرۇم قىلىمىز، بىزنىڭ كۆكرىكىمىز ئاشۇ بالىنى ئېمىتىش ئۈچۈن يارالغانغۇ، ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئايايمىز؟ بۇرۇن ئانىلار بوۋىقىنى ساق ئۈچ ياشقا كىرگىچە ئېمىتىدىكەن، ئوغۇل بالىنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېمىتىدىكەن. ھازىرقى بالىلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئامەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، بۇنىڭدا بىرەر ئوبيېكتىپ سەۋەب بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق سەۋەبنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ پەقەت بىر قىسىم ئانىلارنىڭ ئاڭ مەسىلىسى. بالا ئانا سۈتىدىن قانچە تولۇق بەھرىمەن بولسا شۇنچە ئەقىللىق، شۇنچە قۇدرەتكە تولغان ھالدا چوڭ بولىدۇ! بۇ بىر ئەقەللى ساۋات!
r
ئانىلار بۇ مەسىلىنى ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك. سۈت پاراشوكلىرى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ھەرقانچە ماختىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئۆز بالىلىرىنى ئۆز سۈتى بىلەن بېقىۋاتقان يەردە، بىز ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆز سۈتىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزدىن ئايايمىز؟ پەرزەنتلىرىمىز ئانا سۈتى، ئانا مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولسۇن، ئەقىل- پاراسەتكە، كۈچ- قۇدرەتكە تولۇپ، ئەخلاقلىق، ئالىيجاناپ پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ چوڭ بولسۇن! ئانىلار پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدا قەرزىگە بوغۇلۇپ قالمايلى، بالىلار ئانىلاردىن مىننەتدار بولسۇن، سۆيۈنسۇن، پەخىرلەنسۇن! شۇ چاغدا بىز ھەقىقىي ئانىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز.