گۈلباھار نىمىشقا بۆرىكىنى تەقدىم قىلماقچى بوپ قالدى ؟ 1J71+(@~
\P`t_Y)x^
نىياز قاھار (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى) o,c/GF|
VOzNR}Nr<
گۈلباھارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
Fo kBv
يېقىندا سەلكىن تورى مۇنبىرىدە باھارگۈل ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ھەقسىز بۆرەك تەقدىم قىلماقچى بولغانلىق توغرىسىدىكى بىر يازمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . يازمىدا بۇ قىزنىڭ 30 ياشقا كىرگەنلىكى ، يۇرتىنىڭ قەشقەر ، قان تىپىنىڭ o بولۇپ بۆرەك تېپىشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينىلىۋاتقان بىمارغا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى ھەقسىز تەقدىم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى . مەن ئۇ قالدۇرۇپ قويغان تېلفۇن نومۇرى ئارقىلىق ئۇنى تېلفۇن زىيارىتى قىلدىم . ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى : ?Tl4=(c^1\
-مەن 1979-يىلى باھاردا ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ئاپام دادام تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسمىدا تۇغۇلغان ئىكەنمەن. بوۋاق ۋاقىتلىرىم ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈپ ئىككىگە كىرە كىرمەيلا تىلىم چىقىپ ئاپام داداملارنىڭ ئارزۇلۇق گۆھىرى بوپتىكەنمەن. 1981-يىلى ئاپام داداملار كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يۇرتىمىز قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىمۇ تاتلىق ،چۈچۈك تىلىم ،چاققان مېڭىپ يۈگۈرىشلىرىم بىلەن چوڭ ئانام،چوڭ دادام،تاغام ھاممىلىرىمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۈپ ،مەسىتلىكىنى كەلتۈرۈپ شۇنداق گۈزەل چاغلارنى ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن. ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس شۇيىلى بىركىچىسى تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كەنكەنلىك سەۋەبى بىلەن قاتتىق قىزتىپ كىتىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كىيىن بىرئوكۇل ئۇرۇشى بىلەن بالىلار پارالىچ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپتىمەن . دەسلەپتە ئەھۋالىم بەك ئېغىر ھۇشسىز ئادەملەردەك ياتاتتىكەنمەن .دادام ئاپاملار شۇندىن تارتىپ قۇلىقى ئاڭلىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ يۈرۈپ مىنى ھازىرقى خالىسام ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيالايدىغان ، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالغاندا ناخشا ئېيتىپ ئانامنىڭ دادامنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بىرەلەيدىغان، كەشتە گۈللەرنى تىكىپ ئۆزۈم خالىغان ئادەملىرىمگە سوۋغا قىلالايدىغان،ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە تىللاردىكى كىنولارنى كۆرەلەيدىغان، خالىسام قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يازالىغىنىمچە شىئېرلارنى يازالايدىغان، ئەتراپىمدىكى ئاتا-ئانا، ئىنى -سىڭىللىرىم، تۇغقانلىرىم ،ھەمدە سىلەردەك بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ چەكسىز مىھر-مۇھەببىتىدىن ئالەمچە ھوزۇر ئېلىپ ياشىيالايدىغان روھلۇق،خۇشخۇي،ئۈمىتۋار قىز گۈلباھارغا ئايلاندىم. دادام -ئاپام مۇشۇ 28 يىلدىن بۇيان مىنى نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرىپ مىنىڭ ماڭالمايدىغانلىقىمنى قىلچىمۇ ھېس قىلدۇرماي ياخشى باقتى، ھازىر ئىككىسىنىڭ پىنسىيە مۇئاشىدا تۇرمۇشىمىز ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. مىنىڭ كاللامدا باشقا ھېچقانداق غەيرى خىيال يوق. پەقەت ئاشۇ كىسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئىقتىسادى يىتىشمەيۋاتقان قېرىنداشلىرىم بولسا بىر بۆرىكىمنى ھەقسىز ھەدىيە قىلسام ، يەنە بىر بۆرىكىم بىلەن كىيىنكى ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزسەم، مەن بەرىبىر ئېغىر ئىشلانى قىلمىغاندىكىن، ياكى بالا بېقىش دىگەندەك ۋەزىپەممۇ يوق بولمىغاندىكىن دىمەكچىمەن. مۇشۇنداق قىلىساملا رەھمەتلىك ئىنىم مۇھەممەد جانغا بولغان سېغىنىش ھىسسىياتىمغا ئازراق تەسەللى بولامدىكىن،خەلقىم ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلەرمەنمىكىن دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئىنىم مۇھەممەدجاننىڭ ئالەمدىن ئۆتىشىمۇ يەنە بىر سەۋەپ . ئىنىم مۇھەممەدجان ئەقىللىق كېلىشكەن ئىخلاسمەن ، بەك قانائەتچان ئىدى. مىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھىم ،دىلكىشىم، مۇڭدىشىم ئىدى. ئىنىم ئاز ئۇچرايدىغان بىرخىل كۈچ يىتىلدۈرۈش ماددىسى كەم، كۈچى يېشىغا ماسلىشىپ تەڭ تەرەققى قىلمايدىغان، لىكىن ئەقلى ئىقتىدارى تەن قۇرۇلۇشى تەڭ ياشتىكىلەرنىڭ ھەرقاندىقىدىن ئالاھىدە ياخشى تەرەققى قىلىدىغان ئاشۇنداق بىرخىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈر گەن . كىيىن ئاستا -ئاستا ئاجىزلىشىپ بىر پىيالە چاينىمۇ تەستە كۆتۈرۈپ ئىچىدىغان ، چوڭ كىچىك ھاجىتىنىمۇ ئاپام (مىنىڭ ھاجىتىمدىن چىققاندەك ) راۋا قىلىپ بىردىغان ھالەتكە يەتتى. ئىنىمنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۇخىل كىسەلگە داۋا يوق ، مۇشۇندا بارا-بارا ئاجىزلىشىپ ئاخىرى 20 ياشتىن سەل ھالقىغاندا تۈگەپ كىتىشى مۇمكىن دەپ دىئاگنۇز قويدى . ئىنىم 2007-يىلى 8- ئايدا بۇدۇنيادا يەيدىغان رىسقى تۈگەپ ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى. ئەسلىدە تىنىنىڭ ئاجىزلىشى بىلەن ئىچكى ئەزالىرىمۇ ئاجىزلاپ، بۆرىكىمۇ ئاجىزلاپ بىرتال يىڭنە سانچىشنىمۇ كۆتۈرەلمىگىدەك بولۇپ تۈگەپ كەتتى. ئەگەر ئىنىم مەن ياردەم قىلماقچى بولغان كىشىلەردەك ساق-سالامەت ئون يىگىرمە يىل ياشاپ ئاندىن بۆرىكى ئاجىزلاپ ئوپىراتسىيەنى كۆتۈرەلىگىدەك بولسىدى مەن ئۆز بۆرىكىم ئارقىلىق ئىنىمنى قۇتۇلدۇرغان بولاتتىم. بۇ ئويغا كەپ قالغىلى بىرئايچە بولدى، ئاتا-ئاناملار قوشۇلماي ئۇلارنى قايىل قىلىش، ئۇلارغا ئۆز كۆڭلۈمنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرغا سوزۇلۇپ كەتتى. مەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۆيۈمدىكى كومپىيوتېردا تورغا كىرىپ مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ تۇراتتىم. ئىچىم پۇشسا ئويۇن ئوينايتىم. لىكىن شۇكومپىيوتىرنى ئىنىم رەھمەتلىك ئۈچ يىل قولىنى مىدىرلىتالىغانغا قەدەر ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەردائىم كۆز ئالدىمغا ئولتۇرغان قىياپىتى كىلىۋېلىپ مىنى ئازاپلارغا سالدى . مەن بىرەر مەزگىل تورغىمۇ چىقماي كومپىيوتېرنىمۇ ئىشلەتمەي ئاپام بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆتەي مىنىڭ ئىنىم تۈگەپ كەتكەن بولسا دادام-ئاپامنىڭ 22يىل باققان ئوغلى تۈگەپ كەتتى مەن شۇڭا ئۇلارغا جىقراق ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچاي دىگەن مەقسەتتە كومپىيوتېرنى يىغىشتۇرۇپ قەغەز يىشىككە سالدۇرۋەتتىم. شۇڭا بۇ ئىلاننى نەچچە كۈن ئىلگىرى تورخانىدا باشقىلار ئارقىلىق ئېلان قىلدۇرغان ئىدىم...... >L.'pIb
ئۇنىڭ يەنە دەپ بېرىشىچە ، ھازىرغىچە ئۇنىڭغا 10 ئارتۇق ھاجەتمەن ئالاقە قىلغان بولۇپ ئۇ ئاساسەن قۇمۇلدىن ۋە ئاقسۇدىن ھاجەتمەن بولغان ئىككى ياشقا مۇقىملاشقان . قالغان ھاجەتمەنلەرنىڭ قان تىپى ماس كەلمەسلىك ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولۇش سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى چىرايلىق رەت قىلغان . ھازىر ئۇ دوختۇرنىڭ دىئاگونۇزىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋېتىپتۇ ، بۆرەپ قايسى كىشىگە ماس كەلسە شۇنىڭغا بېرىدىكەن .
L68.&lv
ئاتا-ئانىسى قوشۇلدى Gj*!
[
qU\8
مەن يەنە ئۇنىڭ دادىسى تۇرسۇن ئاكىمىزنى زىيارەت قىلدىم . Sf+Jzt~&
ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى : mw7)$\%AQ
- مەن دەسلەپتە قىزىمنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدىم ، كىيىن ئۇ مەن سىلەرنىڭ كۆيۈنىشىڭلار ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىدە مۇشۇنچىلىك چوڭ بوپتىمەن ، قولۇمدىن باشقا ئىش كەلمىسىمۇ ئۆزەمنىڭ بۆرىكىنى كىسەل ئازابى تارتىپ بۆرەككە مۇھتاج بولۇپ ئىڭراۋاتقان كىشىلەرگە بەرسەم جەمىئىيەتكە قىلغان بىر كىشلىك ھەسسەم بولۇپ قالىدىكەن ، مەن قەتئىي قارارغا كەلدىم، رەت قىلمىساڭلار دەپ تۇرىۋالدى . بىز ئۇنىڭ گېپىنى تاكى ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان يىرىپ باقمىدۇق ، بۇ قېتىممۇ گېپىنى يىرىشقا ئامالسىز قالدۇق . ئەگەر بۆرەپ ئالماشتۇرۇپ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۆزگۈرۈپ بىرەر ئىش بوپ قالسا قانداق قىلىمىز دېسەك ، ئۇ ئەگەر مەن بۆرىكىمنى بەرگەن كىشى مەن بەرگەن بۆرەك بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قېلىپ كىيىن خەلقىمگە قىممىتى بار ئىشلارنى قىلىپ جەمىئىيەتكە تۆھپە قوشالىسا مەن شۇنىڭدىن رازى ،دىدى. hSKn>_C
ئۇنىڭ دادىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بۇرۇن ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ ساۋادىنى چىقارغان شۇنداقلا شېئىر يازالايدىغان ، خەنزۇچە خەتلەرنى راۋان ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن . ھازىر ئۇنىڭ ئانىسىمۇ قوشۇلغان بولۇپ ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ بۆرىكىگە ماس كىدىغان ھاجەتمەنىڭ كىلىشنى كۈتىۋېتىپتۇ . j
1f_n1
cX4F+Q[
باشقا تورداشلارنىڭ پىكرى @YO32P'
#
wB.eoNMX
گۈلباھارنىڭ يوللانمىسى سەلكىن تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار بەس بەستە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكىلىرى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولسىمۇ بەزلىرى گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولدى . بىر تور ئابونتى گۇلباھارغا يازغان بېغىشلىمىسىدا مۇنداق دەيدۇ : 1d/5cp
-ماڭا ئىجازەت بەرسىڭىز ، سىزنى سىڭلىم دەپ ئاتاي ماقۇلمۇ ؟ سىڭلىم گۈلباھار ،مەن ئەسلى بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ خارەكتىرىنى ئىپادە قىلمىسا كېرەك ، دەپ قارايتىم . بەزىدە ئۇنداق بولمايدىكەن باھار ، بارچە ھاياتلىقنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ، تەبىئەتكە يېڭى ھاياتلىق بەخىش ئىتىپ ، ئىتايىن سۆيۈندۈرىدىغان ، ئىللىق ياز پەسىلى ،سىزنىڭ ئىسمىڭىز راستىنلا گۈلباھار بولسا ، ئىسمىڭىزغا لايىق ئىش قىلماقچى ، يەنى باشقىلارغا يېڭى ھاياتلىق بېغىشلىماقچى بوپسىز . مەن سىزنىڭ بۇخىل قالتىس غەيرىتىڭىزدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم . شۇڭا سىزنى زامانىمىزدىكى شەپقەت ھەمشىرىسى دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتىم. سىزدىن چەكسىز ئۆرنەك ئالدىم . ئۆزىڭىز ئاتا-ئانىسى كادىر ، بەختىيار ئائىلىنىڭ قىزىكەنسىز، شۇنىسى ئايان بولدىكى ، سىزنىڭ بىر نەرسىدىن تامايىڭىزمۇ يوق ئىكەن . يەنە كېلىپ سىز بېجىرىم ، ھەممە ئەزايى ساق بولغانلاردىن ئەمەس تۇرۇقلۇق ، مانا مۇشۇنداق ، دۇنيادا ھېچنەرسە بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان خاسىيەتلىك ئىشقا تەماسىز جۈرئەت قىلىپ ، ھەممە يېرى ساغلام بولغان بىزلەرنى ئۇيۇلدۇردىڭىز، مەن سىزنىڭ مۇبارەك يوللانمىڭىزنى كۆرگەن ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆز-ئۆزەمگە قېنى ، سەن تېنى ساق ، بېجىرىم بىر ئوغۇل تۇرۇپ ، ئەرزىگۈدەك نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ ؟ دەپ سۇئال قويۇپ ئويلۇنۇش ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قالدىم ، يوللانمىڭىزدىن قايغۇرغان يېرىم شۇ بولدىكى ، سىزنىڭ سۆيۈملىك بىر قوساق ئىنىڭىز ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ ،ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. مېنىڭ ئورنۇمدا سىڭلىم گۈلباھار ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ تىترەپ تۇرغان قولىنى سىقىپ تۇرۇپ ، بىر ئاق كۆڭۈل توردىشىڭىزنىڭ ئاددىي سالىمىنى ، سىزدەك بىر غەيرەتلىك جەسۇر قىزنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىغا بولغان ھۆرمىتىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ ، سىز تۇرمىشىڭىزنى ئىنتايىن مەنىلىك ئورۇنلاشتۇرۇپسىز . مەنىۋى دۇنيارىڭىز ئىنتايىن ساغلامكەن . كىتاپ ئوقۇيدىكەنسىز، شېئىرمۇ يازالايدىكەنسىز ، تېخى خەنزۇچىنىمۇ بىلىدىكەنسىز . زامانىمىز ياشلىرىدىكى ئەڭ ياخشى ساپا مانا شۇ ئەمەسمۇ ،ئاتا - ئانىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىزگە يەنە بىر سۆزۈم ، بىر قىسىم ساپاسى يوق تورداشلار تېتىقسىز ئىنكاس يوللاپ، كۆڭلىڭىزگە ئازار بەردى . بۇنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئادەم كۆپ يەردە ، مۇنداق بولۇمسىز ، قارا غۇجەكلەرنىمۇ ئۇچۇرتىمىز . كۆپ سۆزلىۋەتتىم ، كەچۈرىم سورايمەن .... ~ I\j3v
يەنە بىر تور ئابونتى مۇنداق دەيدۇ : c}`GhjKkD
-سىزدىكى بۇ ئاجايىپ باتۇرلۇقنى ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۇن ئۆزىنىڭ ھېچنەرسىسىنى ئايىماسلىقتەك بېخىشلاش روھىنى نىمە دەپ تەسۋىر قىلىشنى ، بولۇپمۇ سىزدىكى « قېشىڭىزغا كېلىپ ، قىزىم سىز ساغلام قىزكەنسىز ، بىر بۆرىكىڭىزنى ماڭا سېتىپ بېرىڭ » دىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ، ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن توردا بايانات ئىلان قىلىپ، بىر بۆرىكىڭىزنى ھەقسىز تەقدىم قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى نىمە دەپ مەدھىلەشنى بىلەلمىدىم. سىزنىڭ ئىككىلا بۆرىكىڭىز ساق بولغانكەن ، ئۇنداقتا، ھۆرمەتلىك سىڭلىم باھارگۈل سىزگە ھېچقانداق دەرت-ئىسە يەتمەيدۇ، زادىلا ئىككىلەنمەڭ ،ئۇيغۇر يىگىت مەۋلانجانغا بۆرەك تەقدىم قىلغان ، قەيسەر خەنزۇ قىزى ۋاڭ يەنناغا ئوخشاش ئوت يۈرەكلەرنى بىزدە يوقكەن دەپ كىم ئېيتالىسۇن ، سۆيۈملىك قىزچاق، سىزمۇ ئۇيغۇر قىزچاقلىرى ئۈچۈن مەڭگۈ يادلىنىدىغان بىر تاش ئابىدە تىكلەپ بېرىڭ، سىز بىرنى تىكلەپ بەرسىڭىز ، سىزدىن ئىلھام ئېلىپ ، نەچچە ئوننى تىكلەيدىغانلار يەنە چىقىدۇ، ئۇچاغدا سىز راستىنلا بىزدىن چىققان قەھرىمانلىقنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلىنىسىز. بىرىنجى بولۇپ مەن سىزگە لەۋھە تەقدىم قىلىمەن. قىزچاق ، مەڭگۈ ئامان بولۇڭ.... ui0kcAC%%
ئىگەللىنىشچە ، بۆرەككە مۇھتاج بولغان 23 ياشلاردىكى قۇمۇلدىن بۆرەككە مۇھتاج بولغان بىمارنىڭ تۇققانلىرى قەشقەرگە يولغا چىققان بولۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە دوختۇرنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتىدىكەن . ئەگەر بۇرەك مۇۋاپىق كەلسىلا ئوپراتسىيىگە چۈشىدىكەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئېلىندى .
[ بۇ يازماdernekتەرپىدىن2009-03-04 23:24دە قايتا تەھ ]