سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
مېھرىزات
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 40646
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 545
شۆھرەت: 19 كىشىلىك
پۇل : 104040 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
قوللاش: -2 نومۇر
ئالقىش: -2 كىشلىك
دوستلۇق توپى: كورلا
توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يوقال، ئىپپەتسىز مۇھەببەت!!! (ھېكايە)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەلئارا نادىرلىدى .(2009-03-03)
يوقال، ئىپپەتسىز مۇھەببەت!!! v!_j>fu  
(ھېكايە) dwe%z  
W,M[5 6 
ئاپتورى:
مېھرىگۈل مەخمۇت
*&uu9s4~  
UUR  
YbIh@Cf  
        شۇتاپتا دوختۇرخانىغا ،سېنىڭ يېنىڭغا قاراپ كېتىۋاتىمەن ...
        كاللامنى خىلمۇخىل چىگىش خىياللار چىرمىۋالدى.بىلەمسەن دوستۇم ،مۇشۇ دەقىقىدە يۈرىكىم قاتتىىق ئاغرىپ،ناگىھان بىر ھالەتتە پۇچلانماقتا... ھازىرقى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئازابلىق ھېسسىياتىم كۆز چاناقلىرىمدىكى ياشلىرىمنى ئاۋۇتماقتا. بۇ ساڭا بولغان ئىچ ئاغرىتىشمۇ ياكى نەپرەتمۇ  ئۆزۈممۇ  ئېنىق  ئېيتىىپ بېرەلمەيمەن.
       ساڭا شۇنداق ئىشىنەتتىم ،سېنى دوستلار ئىچىدە ئۆزىنى ئەڭ تۇتىۋالغان،ئەڭ ئىشەنچلىك، ھېسسىياتىنى ئەقىل يۈگەنلىرى بىلەن كونتىرول قىلالايدىغان دەپ قارىغاچقا، ساڭا شۇنچىلىك ئامراقلىق قىلاتتىم.سەنمۇ ماڭا ئامراق ئىدىڭ .بىز يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى تۆكۈشەتتۇق. قىزىقارلىق گەپلەر بىلەن بىر-بىرىمىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋېتەتتۇق. مەن ساڭا چىدىمايتتىم ، ھەتتاكى زۇكامداپ ،يۆتىلىپ قالغۇدەك بولساڭمۇ ئەتراپىڭدا پايپىتەك بولۇپ كېتەتتىم.سەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىڭ...
      سەن چىرايلىق بولغىنىڭ ئۈچۇن يېنىڭدىن بىر ئۆتكەن كىشىمۇ ئىختىيارسىز ئارقىغا قاراپ سالاتتى. قاپقارا بوستان چاچلىرىڭ،ئەگىم قاشلىرىڭ ،بىر جۈپ قويۇق،قايرىما كىرپىكلىك بوتا كۆزلىرىڭ ،زىلۋا قامىتىڭ ،نى -نى مەن- مەن دىگەن ئوغۇللارنىڭلا ئەمەس قىزلارنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغايتتى. مەن سەندەك چىرايلىق،ئەقىللىق،شوخ دوستۇمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتىم.سېنىڭ ئەستايىدىللىقىڭغا،ئۆزۈڭنى تۇتىۋالالايدىغان تەمكىنلىكىڭگە قول قوياتتىم،چىن دىلىمدىن ھۆرمەت قىلاتتىم... بىراق، سەن ئۆزگەردىڭ. ئاشۇ ئاتالمىش "چىن ، ھەقىقىي ،قىلچە ساختىلىقى بولمىغان مۇھەببەت "سېنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. جىسمىڭدا ،روھىڭدا يۇيۇپ تازىلىۋەتكىلى ، ئۆچۈرۈپ ئىزىنى يوقىتىۋەتكىلى بولماس "دەپسەندە" ئاتلىق تامغىنى باستى،ھاياتىڭدىكى ئەڭ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئىپپەت-نومۇسۇڭدىن، پاكلىقىڭدىن مەزگىلسىز ئايرىۋەتتى...
      سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭنى ئىيتقان شۇ كۈنى،مەن ئەجەبلەندىم .چۈنكى سەن ئىلگىرى ئۇنى ئۆزۈمگە ماس كەلمەيدۇ ،دەپ قارايتتىڭ،ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم ئەمدى ئىزدەپ كەلمەسلىك ،پاراكەندە قىلماسلىق توغرىسىدا تەنبىھمۇ بەرگەنىدىڭ. بىراق ئۇ شۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى... ئاخىرى كۆڭلۈڭنى ئۇتىۋالدى...
_مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇ ياخشى بالىكەن، ئىلگىرى چۈشەنمەي كۆڭلىگە ئازار بېرىپتىكەنمەن،ئەمدى شۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچىمەن.سەن دىققەت قىلدىڭمۇ ،ئۇنىڭ قاراشلىرى،كۈلۈشلىرى بەك ئوماقكەن،بارا- بارا ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم،_ دىگەن سۆزۈڭ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.مەن ئۇنى تونۇيتتۇم،ئۇ مەن بىلەن تولۇقسىزدا پاراللېل سىنىپتا ئوقۇيتتى.ئۇ ئېگىز بويلۇق، قاپقارا قوشۇما قاشلىق ،كۆزلىرى يوغان خېلى كېلىشكەن بالا ئىدى .ئەمما كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل ماھىيەت يوشۇرۇنغاندەك ،قاراشلىرى شۇنچە سىرلىق تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى يامان ئەمەس بولسىمۇ ،بىراق تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە "چوڭقۇر چۆكۈپ "كەتتى. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭغا بولغان قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇلارنى ساڭا قايتا قايتا ئەسكەرتكەن بولساممۇ ،سەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىڭنى، ئۇ سېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسىلا باشقا تەلىۋىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقىنىڭدا سەندىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم.
_ئاداش،بىز ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمىز، يىل ئۆرۈلسىلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىمتىھان يىتىپ كېلىدۇ.مۇھەببەتلىشىشنى قويۇپ ،زېھنىڭنى ئۆگىنىشكە قاراتقىن . ھېلىمۇ سەن ئۆگىنىشنى تاشلىۋەتكىلى خېلى بولدى.ئەمدى قايتىدىن باشلىساڭمۇ كېچىكمەيسەن،_دىيىشلىرىممۇ ساڭا كار قىلمىدى.
     مەن مەكتەپكە ئۆيۈمدىن بېرىپ كېلىمەن ،سەن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغىنىڭ ئۈچۈن بەزىدە كەچلىك مۇزاكىرىلەردىن كۆز بويامچىلىق بىلەن قېچىپسەن. يەنە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە ياتاققا كىرمەپسەن.بۇلارنى كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلاپ مەيلى قانداقلا ئامال بىلەن بولمىسۇن سېنى  توسۇش نىيىتىگە كەلدىم.سېنى  ئەمدى توسۇۋالمىسام  قاراپ تۇرۇپ تۈگىشىپ كېتىشىڭگە يول قويغان بولاتتىم ،ياق ،ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!!!
    ھېلىقى ئىككىمىز ئازارلىشىپ قالغان كۈن ئېسىڭدە بارمۇ؟ شۇ كۈنى مەن ئەتىگەن مەكتەپكە كېلىپلا ،سېنىڭ يېنىڭغا بېرىپ :
_ئاداش،بىر سۆزلەشسەك بوپتىكەن. ئۇزۇن بوپتۇ قانغۇدەك مۇڭداشمىغىلى ،_دىدىم .سەن كۈلۈمسىرىگىنىڭچە ماڭا قاراپ :
_ھە ئە ،شۇنى دىمەمسەن .مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم ،توختاپ تۇر ،مەن ماۋۇ تاپشۇرۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەي.ھېلى تەنەپپۇستا سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن ._دىدىڭ .مەن قارىسام ئالدىڭدا تېخى ئىشلەنمىگەن تاپشۇرۇقلار تۇراتتى،سەن باشقىلارنىڭكىنى كۆچۈرىۋاتاتتىڭ.ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.شۇڭا گەپ قىلمايلا ئورنۇمغا كەتتىم .
    سەن توغرۇلۇق خېلى ئويلاندىم ،دەرسلەرمۇ كاللامغا چۈشمەيتتى.نىمە ئۈچۈن مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدىڭ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ قوينىغا شۇنچە تېزلا ئۆزۈڭنى ئاتتىڭ ؟سەن بۇلاردىن نىمىگە ئېرىشمەكچى؟نىمە ئۈچۈن ئۆزۈڭ توغرۇلۇق ئوبدان ئويلىنىپ باقمايسەن؟... سەندىن سوئال سورىغىملا كېلىپ تۇراتتى. ZGZixIR  
        تەنەپپۇستا سەن يېنىمغا كەلدىڭ.مەن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم .سەن خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا:   f2!M9!uMyB  
_ماڭا بەك جىق گەپلىرىڭ بار دەيدىغان،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن.قېنى،قانداقلا گىپىڭ بولسا دەۋەرگىن ،مەن ئاخىرىغىچە ئاڭلايمەن،_دىدىڭ.   %'X*8h7  
_ئاڭلىسام يېقىندىن كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمايۋېتىپسەن،ياتاققىمۇ تاڭ ئاتقاندا ئۈنىدىكەنسەن ،نەلەردە ،نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىڭ ماڭا نامەلۇم ،ئەنسىرەيدىغىنىم ئۇنىڭغا ئالدىنىپلا قالمىساڭ بولاتتى.گىپىمنى چۈشەنگەنسەن؟_دىگىنىمدە، سەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ.   O ndSl h  
_ھا ھا ھا ھا ... ۋاي تاتلىق ئادىشىم ،مىنى ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالارمىكىن دەپ غېمىمنى يەپ يۈرۈپسەندە...خاتىرجەم بول ،ئۇ ھەرگىز مىنى ئالدىمايدۇ .ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ،ئەقىدىمىز چىڭ باغلانغان... سەن مىنى بوشاڭ،ئۆزىنى تۇتالمايدىغان قىزلارغا ئوخشىتپ قالدىڭمۇ يە؟ ماڭا ئىشىنە تاتلىق ئادىشىم،_دەپ ئەركىلەپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپىڭ تازا دىتىمغا ياقمىدى.   yJK8).N  
_ئاداش، جاھاندا ھەر قىسما ئادەملەر بولىدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئەقىل بىلەن ئويلاپ كۆرگۈلۈك .مەيلى ئۇ ساڭا قانچىلىك ۋەدىلەرنى بەرسۇن،ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن ئۆزۈڭنى تۇتقۇزۇپ قويما ..._گىپىم تۈگىمەستىلا چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كەتتى:   E/Q'~Z &  
_قارىغاندا ماڭا راستىنلا ئىشەنمەس بولۇپ قاپسەن،مەن دىدىمغۇ ساڭا ئۇ مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ،مېنى ئايايدۇ،ھەرگىز ئالدىمايدۇ. بۇنى سەن ئەلۋەتتە چۈشەنمەيسەن..._گىپىڭنى ئاڭلاپ زادىلا چىداپ تۇرالماي ئېيتتىم:   .<^V/s:'%  
_ئاداش،ساڭا ئوچۇقىنى دەۋېرەي،شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن بىردەملىك ئەقىلسىزلىق قىلىپ ئۆزۈڭگە ماس كەلمەيدىغان،بىرلىكتە ئىستىقبال يولى ئاچالمايدىغان بىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۈرمىگىن.ئۇ سېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە ،سېنى ھۆرمەتلەپ ،ئايىسا ھەرگىزمۇ كېچە-كېچىلەپ سىرتلاردا يۈرىشىڭگە يول قويمىغان،دەرس تاشلاپ كەچلىك مۇزاكىرىدىن قېچىشىڭغا تۈرتكە بولمىغان بولاتتى،بۇلارنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟_سەن يەنە مىنىڭ سۆزۈمگە رەددىيە بەردىڭ:   B=NC4*x7@  
_بولدى،بۇ تۇغرۇلۇق سەن دىمىسەڭمۇ مەن قانداق قىلىشنى بىلىمەن.ئۆزۈم ماڭغۇم كەلگەن يولدا ماڭسام بۇنىڭ نەرى خاتا؟شۇڭا ،پەندى -نەسىھەتلىرىڭنى سۆزلىمەيلا قوي.دەيدىغىنىم يەنىلا شۇ،ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، سۆزسىز ئىشىنىمەن. مانا بۇ مۇھەببەت!..._سەن شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا كېتىپ قالدىڭ ... aQ?DVu3#U,  
          بۇ سەنما ؟ سەن شۇنداق دېدىڭما ؟سىنى خاتا ئويلاپ يۈرۈپتىمەن.ئەسلىدە سەنمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆزگىرەلەيدىكەنسەن...ئەنە شۇندىن بۇيان بىزنىڭ ئالاقىمىز ،بىر-بىرىمىزگە تۇتقان قىزغىن مۇئامىلىلىرىمىز تەدرىجىي ئۆزگىرىپ كەتتى.سىنىپتا سۇسقىنە سالاملىشاتتۇق،مۇھىم ئىش بولمىسا ئارتۇق گەپ-سۆز قىلىشمايتتۇق.سېنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭمۇ ماڭا شۇنداق سىرلىق تۇيغۇ بېرەتتى.خەيىر، دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللا كۆڭلۈڭگە ئىنساب بەرسۇن!!!   (FAZC"6<7  
        كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىر خىل رېتىمدا ئۆتىۋاتاتتى.سەن ھېلىھەممۇ پۇرسەت بولسىلا ھەرگىز قولدىن بەرمەيتتىڭ. ساڭا بۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا يەنە نەسىھەت قىلىشنى ئويلاپ،نەچچە تەمشەلگەن بولساممۇ ،بىراق ئالدىنقى قېتىمدىكى كۆڭۈلسىز سۆھبەتنى ئويلاپ بۇ ئويۇمدىن يالتايدىم. بىر كۈنى ئەتىگەن مەكتەپكە كېلىپ ئورنۇڭغا قارىسام سەن يوق،دەرسكىمۇ كىردۇق.سەن تېخىچىلا سىنىپقا كىرمەيۋاتاتتىڭ.ئاغرىپ قالغانمىدۇ يا؟دەپ ئويلاپ ياتاقداشلىرىڭدىن سورىسام ،ئۇلار سېنىڭ ئاخشام يەنە كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىغىنىڭنى،كېچە ياتاققىمۇ كەلمىگىنىڭنى ئېيتتى. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ باراتتى.شۇ چاغدا سەندىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسەن؟مۇشۇنداق ئەنسىز ئولتۇرسام ،تۇيۇقسىز سىنىپ مەسئۇلىمىز چاقىرىپ قالدى: .g,o8:%y"  
_گۈلزىبا، مەن بىلەن ئىشخانىغا كىرىڭ...       Zx(@TC/ud  
         مەن سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردىم. مۇئەللىم مەندىن سېنىڭ يانفون نومۇرۇڭنى ،ئۆيۈڭنىڭ،داداڭ ۋە ئاپاڭنىڭ تېلىفون نومۇرلىرىنى سورىدى،ۋە ماڭا : k8N}1Bv  
_يېقىندىن بۇيان نەفىسە كەچلىك مۇزاكىرىلەرگە تولۇق قاتناشمايدىكەن،ياتاققىمۇ كېچىلەپ كىرمەيدىكەن. مەنمۇ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلاردىن بۈگۈن ئاڭلىدىم ،قايتا-قايتا سادىر بوپتۇ،ئاگاھلاندۇرسا بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە ئۆزسەنىمىگە دەسسەپتۇ . بۇ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋال. مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىنغانلارغا مۇۋاپىق چارە-تەدبىر كۆرۈلىدۇ .مەن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي،ئۇلار نەفىسەنىڭ بۇ ئىشىدىن خەۋەرسىز ،بالىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ،دەپ ئويلايدۇ.نەفىسە تۈنۈگۈن كەچتىمۇ يوق...مانا بۈگۈن دەرسكىمۇ قاتناشمىدى .سىزمۇ ئالاقىلىشىپ بېقىڭ..._دىدى. YdpIH?  
        مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدىن قانداق قايتىپ چىققىنىمنىمۇ بىلمەيمەن .كاللامنى خىلمۇخىل چىگىش خىياللار چىرمىۋالدى.بەزى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايتتىم. تېلىفونۇڭغا ئۇچۇر يوللىدىم،قايتۇرمىدىڭ...تېلىفون ئۇرسام ئىتىككەن ... بارغانسىرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم .زادى كىم بىلەن، نەلەردە يۈرىدىغانسەن؟  نىمىشقا بۇنداق تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىسەن؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟؟؟       =u 5 ! [KD  
         چۈشتىن كېيىن دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن سىنىپتىكى بالىلاردىن «نەفىسە قايتىپ كەپتۇ،ئاپىسى بىلەن مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئىكەن»دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ،كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى. بىر ئازدىن كېيىن سەن سىنىپقا كىرىپلا مېنىڭ يېنىمغا كەلدىڭ ۋە تۈنۈگۈن كەچ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تورخانىدا ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى ئېيتىڭ.بىراق سەن مۇئەللىمنى ۋە ئاتا-ئاناڭنى ئالدىدىڭ ،ئۇلارغا  باشقا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر دوستۇمنىڭكىدە قوندۇم،ئەتىگەن سەل بىئارام بولۇپ قېلىپ مەكتەپكە كىلەلمىدىم ،دەپسەن .«بۇ يالغانچىلىقىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارە بولماي قالارما؟ شۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا يەنە نىمە دەپ چۈشەندۈرمەكچىسەن؟»دىگەن خىياللار كاللامدىن كېچىپ ئۆتتى .   KBSq*6  
      شۇ بىر قېتىملىق ئىشتىن كېيىن سەن خېلىلا تۈزىلىپ قالغاندەك تۇراتتىڭ.مەن تېخى ئۆزۈمچە سېنى ئەمدى مۇشۇنىڭلىق بىلەن بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. نەدىكىنى ~! بۇلار پەقەت سېنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئىپادىلىرىڭكەن ئەمەسمۇ ؟! n\[9cS.`=  
       ئاشۇ كۈنى سەن تامدىن ئارتىلىپ يەنە قېچىپسەن.ئەجەبا،سەن قېچىشقا خۇمار بولۇپ قالدىڭمۇ ؟ئۇنىڭ ئۈچۈن «قۇربانلىق» بەرگىنىڭمۇ بۇ ياكى...؟شۇ كۈنى كەچ نېمىشقىدۇر قاپىقىم تارتىپلا تۇراتتى . ئادەتتە قاپىقىم تارتسا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگىنىم ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا كارىم بولمىدى .كىم بىلسۇن! شۇ كۈنى كەچ سەن ئاتالمىش «چىن ،پاك مۇھەببەت »نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپسەن ئەمەسمۇ ؟! yzxgn  
        تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ ئۇنىڭ بىلەن تورخانا ،قاۋاقخانا ،دىبا قاتارلىق جايلاردا بىللە يۈرۈپسەن. كەچ خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن سەن مەكتەپكە قايتماقچى ئىكەنلىكىڭنى ئېيتقان بولساڭمۇ ئۇ ،بۇ كەچتە مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقىۋەتسە بەرىبىر كىرەلمەيدىغىنىڭنى ،شۇڭا بۈگۈن كەچ ياتاق ئېچىپ بىللە تۈنەپ چىقىش«تەكلىپ»ىنى بېرىپتۇ. سەن ئويلانمايلا ماقۇل بوپسەن... شۇ بىر ئېغىز «ماقۇل» دىگەن سۆزۈڭ جىسمىڭنى،روھىڭنى قىلچىلىك قىممىتى يوق خەسىگە ئايلاندۇرۇپ،قىزلىق ۋىجدان غورۇرۇڭنى ،دەپسەندە قىلدى... _`+x:A@  
g1eF?9#  
1`w?X|o7\1  
            ...   Ai-FI$@?)  
          ئۇ مۇشۇ ئۈستىدە سەن بىلەن  سۆزلىشىۋاتقىلى بىرەر سائەتتىن ئاشتى.سەنمۇ توختىماستىن ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىڭنى چۈشەندۈرمەكچى بولاتتىڭ...   wnKxNx)wD  
_تاتلىقىم،بىز بىر-بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرىمىز،بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىمىز ۋە بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىپ كەلدۇق . بىراق بۇ قېتىم  ماڭا ئىشەنمەمسەن ؟مېنى شۇنچىلا ئىشەنچسىز دەپ قارامسەن؟سېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى ماڭىلا تەئەللۇق بولسىكەن ،دەيمەن... مېنى چۈشەنسەڭچۇ... [Gb4 8x3p  
_سېنى چۈشىنىمەن ،بىراق سەنمۇ مېنى چۈشىنىشىڭ كېرەكتە .ئويلاپ كۆرگىن ،بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرسەكمۇ كەلگۈسىمىزنىڭ قاراڭغۇلىقى ئۆزىمىزگە ئايان...   ''m9G)  
_ئۇنداق دىمە نەفىسە، ماڭا ئىشەنگىن، سېنى ئالىمەن~بۇنى ئىزچىل ساڭا دەپ كېلىۋاتىمەنغۇ ؟مەن ئوغۇل بالا ،دىگىنىمنى قىلالايمەن.   C}t]0&B  
_بىلىمەن،سەن قىلالايسەن،ھەم قىلىپ كېلىۋاتىسەن.شۇڭا سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىمەن،بىراق بۇ ئىشتا يەڭگىللىك قىلساق بولمايدۇ . سەن ئوغۇل بالا، سەن ئۈچۈن بەرىبىر،بىراق مەنچۇ؟ مەن شۇنىڭلىق بىلەن ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىمەن.    m@GF  
_ئۇنداق كۆپ ئويلاپ كەتمە ،مەنلا بولىدىكەنمەن ،سەن ھېچنىمىدىن ئايرىلىپ قالمايسەن،بىلدىڭمۇ ؟ مۇشۇ كەمگىچە سەن ئۈچۈن كۆپ ئۆزگەردىم،نۇرغۇن بەدەل تۆلىدىم ھەم يەنە قۇربانلىقلارنىمۇ بەردىم .سەن مەن ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك قۇربانلىقمۇ بېرەلمەمسەن؟ YV5CBiH]  
_سەنمۇ ئۇنداق دىمە،بولامدۇ؟مەن سەن ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشكە رازى...بۇنڭدىن باشقا نىمىلا بولسا مەيلى، بىراق بۇنىڭغا مەن قوشۇلالمايمەن.   q8+ J=VQ-  
_مەن ھېچ چۈشىنەلمىدىم،نىمىشقا شۇنچىلا كۆپ ئويلاپ كېتىدىغانسەن؟مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن گۇمانلىنىدىغان ئوخشىمامسەن؟   @u}Olysexa  
_ياق،گۇمانلانغىنىم ئەمەس،سەن يەنە خاتا چۈشىنىۋاتىسەن.ئويلاپ باققىن،ئەگەر كەلگۈسىدە مۇرادىمىزغا يىتەلمەي قالساق ھەر ئىككىمىزگە ئەلەم بولماسمۇ؟ [;I< pAb  
_ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ نەفىسە .مەن دىدىمغۇ~بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسەن. vH{u^X4c  
_كۆپ ئويلىمىساق بولمايدۇ، يەڭگىلتەكلىك قىلمايلى بولامدۇ؟   %]<_EG\  
_سەن بۇنداق جاھىللىق قىلما بولامدۇ؟ uUJVZd  
_مېنى زورلىما بولامدۇ؟   Lr~Oh  
_چۈشەندىم،سەن مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن...مەندەك بىر بىكارچى ساڭا بويلىشالايتتىممۇ؟سەندىن سۆيگۈ تەلەپ قىلىشقا سالاھىيىتىم توشاتتىمۇ؟! Oriv~+K'  
_ياق،مەن... b LjEBj/2  
_بولدى، سۆزلىمەيلا قوي نەفىسە،مەن چۈشەندىم ،دىدىمغۇ...   6'>Hk4  
_ياق،سەن چۈشەنمىدىڭ،چۈشەنگەن بولساڭ بۇنداق دىمىگەن بولاتتىڭ!   e 
_بولدى ،چۈشەندۈرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما .مەقسىتىڭ ماڭا ئايان بولدى،مەندىن قۇتۇلغۇڭ كېلىۋاتامدۇ؟ئۇنداقتا ئايرىلىپ كېتەيلى. up0'A{dcJ  
     سەن ئۇنى تۇنجى رەت كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن قارىدىڭ:   W^%E!:  
_نىمە دەۋاتىسەن؟بۇ گەپنى تىلغا ئالمايمىز دىيىشكەنغۇ ؟مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئايرىلىپ كېتەمدۇق؟ Vip'D' 9  
_بۇ گەپنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇر قىلغىن ئۆزۈڭ،مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولساڭ ھەرگىز بۇنداق قىلمىغان بولاتتىڭ.ھېلىمۇ شۇنچە گەپلەرنى قىلسام ھېچقايسىسىنى قىرىڭغىمۇ ئالمىدىڭ،ساڭا قانداق ئىشىنەي؟! lg z]lRd|  
_ سەن ئەمدىلىكتە بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىشىنىشنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆلچەۋاتامسەن؟   + wn[q:,  
_ھىھ ! (دىمىقىنى قېقىپ) بۇ ئۆلچەش - ئۆلچىمەسلىكتىكى گەپ ئەمەس .پەقەتلا سېنىڭ ماڭا ئىشەنمىگىنىڭ .   Ymv`h  
_سەنمۇ ماڭا ئىشەنمەيۋاتىسەنغۇ مانا... 5Ap 
_ۋاي بولدى قىلە ! سۆزلەۋېرىپ مېنىمۇ ئىلەشتۈرىۋەتتىڭ... -T`wjeA8N  
سەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەنىدى. دېرىزىدىن سرتقا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭ.ئارىنى خېلى بىر كەمگىچە جىمجىتلىق باستى ... كاللاڭغا خىلمۇخىل خىياللار كېلىپ تۇراتتى... بىردەمدىن كېيىن ھايا-پەردىشەپنى بۇزۇپ قىلغان بىر ئېغىز گېپىڭ جىمجىتلىقنى بۇزىۋەتتى،بەس - مۇنازىرە يەنە باشلاندى.ئۆز مەيدانىڭدا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالىغان بولساڭكەن كاشكى!ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس... C'Fy<;X  
_ساڭا راست گېپىمنى قىلاي، مەن بۇرۇن باشقىلار بىلەنمۇ بىرگە بولغان...سېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتتىم، كەچۈرگىن ... &z %=}f  
_شۇنچە ئۇزاق ئويلاپ تاپقان گىپىڭ مۇشۇما ؟ مېنىڭ رايىمنى قايتۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىسەن،كىچىك بالىمۇ مەن ،شۇ گىپىڭگە ئىشىنىدىغان. ?"eFU|Q  
_راست دەۋاتىمەن، ئىلگىرى ئۆز ھېسسىياتىم بويىچىلا يەڭگىللىك قىپتىكەنمەن ،بىراق ئەمدى ئۇنداق قىلغۇم يوق .   O [j$m6n  
_ئۇنىڭدىن سەن شۇنىڭچىلىكمۇ بولالمايسەن ،دىسەڭ بولمىدىمۇ؟!   CCBdO)![  
_ ...   8u.H}W  
_ھە ، گەپ قىلمايسەنغۇ؟  ئاقماس گەپلىرىڭنى قوي. مېنى شۇ گېپىڭگە ئىشىنىدۇ،دەپ ئويلىغان بولساڭ خاتالىشىپسەن .چاندۇرۇپلا قويدۇڭ،سېنىڭ ئۇ گېپىڭ يالغان... 7Z 
_بۇ توغرىلىق سۆزلەشمەيلىچۇ. Ja2[[gX  
_ئەمدى گەپتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرما ... گەپلىرىڭ بارغانسېرى قولاشمايۋاتىدۇ. (يەنە يالۋۇرۇشقا باشلىدى) سەندىن ئۆتۈنەي نەفىسە،مېنى قىينىما،ئىلگىرى ھېچكىمنى سەنچىلىك ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم، كۆڭلۈمنى ساڭا بەرگەندەك بېرىپ باقمىدىم . سەن ھاياتىمدىكى بىردىنبىر چىن مۇھەببىتىم، ماڭا ئىشەنگىن... $Q$2h 9j%=  
_مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ، بايامقىدەك " ئايرىلىپ كېتەيلى" دىگەن گەپنى قىلما بولامدۇ؟ مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىدىكەنمەن. ]5q,rXD  
_بۈگۈن مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمە ، مۇشۇ كەمگىچە كۆڭلۈم ھېچكىمدىن سەنچىلىك سۇ ئىچىپ باقمىدى. نۇرغۇن زەربىگە ئۇچراپلا كەلدىم . بەزىدە ھاياتىمدىن ئۈمىد ئۈزگەن چاغلىرىممۇ بولدى.سېنى دەپلا ھەممىگە چىداپ، بەرداشلىق بېرىپ كەلدىم. سېنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسەمدىن كېچىشكە رازىمەن ، جېنىم! مېنى رەت قىلما... D$h&k$*v  
_مەن ھەممىنى بىلىمەن .ھەم چۈشىنىمەن . بىز ئۇنىڭسىزمۇ بەختلىكقۇ ؟   *vph, Y-&3  
_شۇنداق، بىز بەختلىك . ئاشۇ بەخت پەقەت ئىككىمىزگىلا مەنسۇپ بولسىكەن،سېنىڭ بارلىقىڭ ماڭىلا تەۋە بولسىكەن دەيمەن .   Eb2my}x  
_مەن ئۇنىڭسىزمۇ ساڭا مەنسۇپ. v@e6(F-lvS  
_يەنە ئىشەنمەيۋېتىپسەندە . سېنىڭچە مەن سېنى ئوتقا ئتتىرىۋېتىپ كارىم بولماي تاشلىۋېتەرمەنمۇ؟مەن ساڭا ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىمەن~ كەلگۈسىدە سېنى چوقۇم ئالىمەن،بىزنىڭ بەختلىك ئائىلىمىز ،ئوماق بالىلىرىمىز بولىدۇ .تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ،كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ.بىز چوقۇم باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەختلىك بولالايمىز. مەن بۇلارنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ساڭا ۋەدە بېرەي... ياكى سەن مېنى قىلغىنىغا ئىگە بولالمايدىغان ۋىجدانسىز، سۇيۇقلارغا ئوخشىتىپ قالدىڭمۇ ؟   O &Tm#.TP  
           (سەن ئۇنىڭ ئاشۇ گېپىگە تولىمۇ مەمنۇن بولغاندەك قىلاتتىڭ...) :-8N|KWgw  
_ياق، سەن ئۇنداق قىلمايسەن. بۇنى چۈشىنىمەن ^{Y =$a  
_جېنىم نەفىسە ، ئىشەنگىنىڭ ،چۈشەنگىنىڭ ماڭا زور تەسەللىي ... بىراق مېنى رەت قىلمىغىن . سەندىن ئۆتۈنەي! AJA15t lF  
_ ...   k`vjYYYcr)  
          سەن يەنە خىيالغا چۆمۈپ كەتتىڭ ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز گىپىڭگە كىرگۈزۈپ رايىنى قايتۇرۇشنى ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭغا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقنى ئويلاۋاتاتتىڭ ... (سەن مۇشۇلارنى ماڭا دەپ بەرگەن ۋاقىتتا غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدۇم . ) ئۇ ساڭا تىكىلگىنىچە سەندىن جاۋاپ كۈتىۋاتاتتى . سەن نىمىلەرنى ئويلىدىڭ ،نىمىلەرنى دىمەكچى بولدۇڭ ... بۇلارنى دىيىشتىنمۇ ،ھەتتا ئويلاشتىنمۇ ئۇيىلىمەن ...   H k0V} lh  
_مەن سېنى پۈتۈن بارلىقىم بىلەن سۆيىمەن . ئويلاپ كۆرسەم، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئۆزىنى بېغىشلاشمۇ بىر بەختكەن . A7Z\T  
_دىمەكچى بولغىنىڭ؟ ? h :p@'B'  
_ ... =/o;L n  
_زادى نىمە ؟ -?gA* 7{7J  
_ۋاي... ئاشۇ ... دىمەيچۇ بولدى... H#D0Cti[#  
_ئەجەبا،سەن ماڭا قوشۇلدۇڭما ؟ ^@Jc:f  
_... p,#V}.:  
_گەپ قىلە ، بۇ راستما ؟_مۇشۇ سۆزنى قىلغاچ ،ئۇ ئاستا يېنىڭغا كەلدى،قۇلىقىڭغا شىۋىرلاپ دېدى،_گېپىڭ راستمۇ تاتلىقىم؟ H+QL!c j  
_... VwPhsfNr  
_سەن راست دەۋاتامسەن؟ u9X{0cQ^  
_ۋىيەي ، قېلىن ،چۈشەنسەڭلا بولمىدىمۇ؟ eSu aUqc  
    ... F#mznFh 5m  
_سېنى سۆيىمەن جېنىم... qP^bV{  
_مەنمۇ سېنى سۆيىمەن ...   bc<!< 0s  
    ...   [S*bsp  
          ئەتىسى ئەتىگەندە سەن دەرسكە كېچىكتىڭ . تېخى ئاخشىمى مەكتەپكە كەلمىگىنىڭنى باشقىلارغا ماڭا دىمەسلىك توغرىسىدا قايتا-قايتا تاپىلاپسەن. ئىش سەن ئويلىغاندەك بولمىدى. مەن  بۇنى بىلگەندىن كېيىن سەندىن يېنىش-يېنىشلاپ زادى نەگە بارغىنىڭنى،نىمە ئىش قىلغىنىڭنى، كىم بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى سوراپ تۇرىۋالدىم . سەن دىگىلى ئۇنىمىدىڭ . كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى . ئاخىرى سەن مېنىڭ بۇنداق كوچىلاپ سورىشىمغا چىدىيالماي ،ھېچكىمگە تىنماسلىق توغرىسىدا "كاپالەت"بەرگۈزگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ بىلەن دېيىشكەن گەپلەرنىڭ...ھەممىنى دەپ بەردىڭ . ئاشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىكى ھالىتىڭ پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ . تېخى ئاخىرىدا "ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولغاندىكىن پۇشايمىنىم يوق "دىگەن گەپنىمۇ "قىستۇرۇپ"ئۆتتۈڭ . مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بېرىپتۇ . شۇ ۋاقىتتىلا سېنىڭ ئۇ بىر كېچە قۇرغان قاپقىنىغا دەسسەپ مۇھەببەتنىڭ "قۇربان"ىغا ئايلىنىپ كەتكىنىڭنى جەزملەشتۈردۈم ...   \ t.[G  
_راستىنلا پۇشايمان قىلمامسەن ؟_دىدىم پۈتۈن غەزىپىمنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ. Ov1xR)r{  
_ياق ، پۇشايمان قىلمايمەن. ئۇ ئۇنداق ۋىجدانسىزلاردىن ئەمەس. مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ ،ئەمدى ئۇنىڭدىن ئاياپمۇ ئولتۇرمايمەن._دىدىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن. ئاشۇ ۋاقىتتىكى چىرايىڭ ماڭا شۇنچىلىك ناتونۇش كۆرۈنۈپ كەتتى ."قېنى كۆرەرمىز"دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.شۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ گەپ قىلمايلا يېنىڭدىن كەتتىم .ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۇ گەپلىرىڭ ،شۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن سېنى نەچچە تەستەك سېلىپ سەگىتىپ قويغۇم، ھاياتىڭدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغىنىڭغا سەندىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلگەنىدى. بىراق بۇ نىيىتىمدىن يالتايدىم . ئەنە شۇندىن بۇيان سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچە قېتىم "قۇربانلىق" بەردىڭ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . كەچلىك مۇزاكىرىدىن قېچىپ،ياتاققا كېچىلەپ كىرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن نەچچە قېتىم مەكتەپتىن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بەردى. مۇھەببەت سېنىڭ قۇلىقىڭنى "ئاڭلىماس"،كۆزۈڭنى "كۆرمەس" قىلىۋەتكەنىدى... UWawS285  
         سەن بىر  قېتىم ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپكە كەلمىدىڭ . نىمە سەۋەبتىن ئاغرىپ قالغىنىڭنى بىلەلمەي ،شۇنداق جىلە بولدۇم .سىنىپتا سەن توغرۇلۇق خىلمۇخىل سۆز- چۆچەكلەر تارقىلىپ تۇراتتى.مەن بۇلارنى توسۇۋېلىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىپ قالدىم... بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپكە كەلگىنىڭدە سورىسام ،زۇكامداپ قالغىنىڭنى ئېيتتىڭ . بىراق نېمىشقىدۇر كۆزلىرىڭنى مەندىن ئېلىپ قاچاتتىڭ ... بۇ ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ ئالتە ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغانىدى. شۇنداق جىددىي تەكرار قىلىۋاتاتتۇق . بىراق سەن يەنىلا ئۆز ئىشلىرىڭ بىلەن ئالدىراش يۈرەتتىڭ. بىر قانچە قېتىملىق مانىۋېر ئىمتىھانلاردىمۇ نەتىجەڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى .مۇئەللىم سېنى نەچچە قېتىم ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئايرىم پاراڭلىشىپمۇ باقتى.ساڭا بۇلار كار قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.مەن سەن ئۈچۈن تىت-تىت بولاتىىم ،بىراق نېمىشقىدۇر ،ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان باردەك ھېس قىلاتتىم...   VB c*VGj  
           ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى.  بۇ قېتىم يەنە ئاغرىپ قالدىڭ ، خەۋىرىڭنى ئالالماي پەقەت چىدىيالمىدىم ،ئاخىرى ھەدەڭگە تېلىفون قىلدىم . ھەدەڭنىڭ تېلىفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى!!! ئەسلى سەن ئىككى قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغاچقا ئاجىزلاپ كېتىپسەن ئەمەسمۇ؟! تۇنجى قېتىم قورققىنىڭدىن ھەدەڭنى ئىزدەپ بېرىپ راست ئەھۋالنى ئېيتىپسەن ،ھەدەڭ سېنىڭ بىچارە ھالىتىڭنى كۆرۈپ چىدىيالماي ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ ... ئىككىنچى قېتىم جەمئىيەتتە ئارىلىشىدىغان بىر نەچچە قىزلاردىن قەرز ئېلىپ ئۆزۈڭ دوختۇرخانىغا بېرىپسەن ... ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپ قاپسەن ... 6@Y GR8)  
          ئاھ  ... خۇدا!!! بۇ نىمە كەلگۈلۈك ئەمدى؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئايىمايسەن ؟ئۇ سېنى مۇشۇنداقلا تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا بارلىقىڭنى بغىشلاش بەدىلىگە سەن ئاخىرى نىمىگە ئېرىشتىڭ ؟ئىپپەت-نومۇسۇڭ، قەدىر-قىممىتىڭ... ھەممىسى ئاشۇ نائەھلىگە بولغان "چوڭقۇر" مۇھەببىتىڭ تەرىپىدىن مەزگىلسىز توزۇپ كەتتى . مەن ئۆكۈنمەكتىمەن ، سېنىڭ قىسمىتىڭگە ئېچىنىپ ئۆكۈنمەكتىمەن .شۇ تاپتا سېنى كۆرسەم قانداق ئەھۋال سوراشنى ،قانداق سۆزلەر بىلەن تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمىدىم ...   n6 qN  
         مانا ، دوختۇرخانىغىمۇ كەلدىم .سەن ياتقان بالنىستقىمۇ يېقىنلاپ قالدىم . ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئولىشىپلا تۇراتتى . ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتىم ...   :S|]ZG +  
       =8K2^A*  
      
__________________________________________________________
                                                 Rj{#,mktJ  
         `.fT,*+  
          قارىسام ياتاقتا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى . ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىغا كەلدىم .ئۇ يېنىك نەپەس ئېلىپ ئۇخلاۋاتاتتى .قولىغا ئاسما ئوكۇل سېلىنغان بولۇپ ،چىرايى ئۇزۇن يىل كېسەل تارتقان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەنىدى .ئىچىم سىيرىلىپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم . كۆز ياشلىرىم قولىغا تېمىپ كەتكەن بولسا كېرەك،ئۇ ئويغىنىپ كەتتى . WU>W.!WK_  
_قاچان كەلگەنىدىڭ ،بايام تېخى سېنى ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن .   )At%x.*  
_ھازىر كېلىشىم ، خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟_دىدىم ئۇنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ . `N bG^.  
_ھەئە ..._دىدى-دە، كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى ۋە بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋالدى.   f}4,Ka?L  
_ئەمدى باشقا ئىشلارنى ئويلىما ، ياخشى بولۇپ قالغاندىن كېيىن دەرسلەرنى بىللە تەكرار قىلايلى. ھە راست ، ئۇ... _دىيىشىمگىلا گېپىمنى تارتىۋالدى. m0| x0V  
_ئۇنى ئەمدى ھەرگىز تىلغا ئالما ،ھەممە ئىش تۈگىدى .ئەمدى بۇلارنى قايتا ئويلىغۇم يوق!_ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھەممىنى چۈشەنگەنىدىم.   -7da:I3Q  
      بىز بىرەر سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەشتۇق.ئىلگىرى دىيىشەلمىگەن نۇرغۇن گەپلەرنى دىيىشتۇق. مەن ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ: pG 6|}Z',#  
_سەن ئوبدان ئارام ئال ، سېنى كۆرگىلى يەنە كېلىمەن . زېرىكسەڭ كەچلىكى تېلىفون قىل ،بولامدۇ ؟_دىدىم . ئۇنىڭ مېنى كەتكۈزگىسى يوقتەك تۇراتتى: #i[q~~ib  
_ماقۇل،توختاپ تۇر،_دىدى ۋە ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن  بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ ماڭا تۇتقۇزدى:     }ixxC $  
_ماۋۇنى كۆرۈپ باق ، مېنىڭ خۇلاسەم _دېدى .مەن ئۇنىڭدىن ئالدىراپ خوشلاشتىم . ياتاقتىن چىقىپ ئۇ بەرگەن خەتنى ئاچتىم . شۇ مىنۇتتا قوللىرىمنىڭ سۇس تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ، قولۇمدىكى ۋاراققا تېمىپ كەتتى. يوغان بىر ۋاراققا پەقەت بىر قۇرلا خەت يېزىلغانىدى:   a'ga; R  
 ) 
                                                                                       o g}q$a=}  
                                                                     «   يوقال، ئىپپەتسىز مۇھەببەت!!!    » *.LV'cE w  
1 b\t  
>BP9O%&f_  
NW}T5 P  
                                                                       Y{NRxPn!6v  
w)ZhY<]a  
udDX>aO'j~  
rF(C:P}z  
  تامام~~~~~~~~~~~~
|!oQ!,*  
o[aEe;)N  
7m<0 B  
ujX\ oPn  
d  ae!&Q(  
مەنبە : ئۆز قەلىمىم.
^lYQzJj@  
lf[R+ fB  
  
[ بۇ يازمامېھرىزاتتەرپىدىن2009-03-08 00:35دە قايتا ت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : سەۋرې
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-27, 13:50
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+30(قۇندۇزە) ئېسىل   ..
  • ياخشى باھا:+30(دىلئاي) تەربىيىۋى ئە ..
  • پۇل :+1000(كـاپىتان) ئىسىل
  • شۆھرەت:+30(تارزان) تەربىيىۋى ئە ..
  • salkin mtv
    بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،
    يەرگە بىر چاڭ قوندى،كۆمۈلۈپ كەتتى.
    دۇنياغا كېلىشىڭ كېتىشىڭ نىمە،
    بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-27 21:40 |
    زەينەپ
    كۈلۈپ ياشايمەن
    يازما يوللاش ئۇستىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2065
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1371
    شۆھرەت: 1388 كىشىلىك
    پۇل : 4969 سوم
    تۆھپە: 80 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1515 نۇمۇر
    قوللاش: 1392 نومۇر
    ئالقىش: 1586 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كۈلكە
    توردىكى ۋاقتى : 1680(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىز بالا دىگەن بەك گول بولدۇ دىسە ئىشەنمەيتىم ئەمدى بارغاندىرى ئىشىنىپ قىلۋاتمەن . داۋامنى كۆرۈپ بولغاندا يازاي ئاخىرىنى
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تۈگەتتىم...
    salkin mtv
    كۈلۈپ ياشايمەن
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 22:01 |
    erk uzun
    ھېسلىرىم
    ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21316
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1273
    شۆھرەت: 869 كىشىلىك
    پۇل : 834226 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 480 نۇمۇر
    قوللاش: 464 نومۇر
    ئالقىش: 499 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئۆتكەندە مەنمۇ «مۇھەببەت ،سەن ئۆل !!! » دەپ كۆپ قىسىملىق «تىلىۋىزىيە تىياتىرى »  ئىشلىگەنىدىم ..سىزمۇ باشلاپسىزدە ؟  مەيلى .. بىز ساقلاشقا تاقەتلىك ... چۈنكى توردا ئەسەر ھەقىقەتەن تەس ...  سىز چوقۇم ئاخىرىغا بەرداشلىق بىرىڭ ... S*c*[u>Y  
    x4TUuE}$V  
      باشلىنىشىدىكى  «  دوختۇرخانىغا ،سېنىڭ يېنىڭغا قاراپ كېتىۋاتىمەن ... »  دىگەننى مەنچە بولسا  « شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە دوختۇرخانىغا قاراپ كىتىپ بارىمەن...» دەپ ئۆزگەرتسىڭىز ياخشى چىقىدۇ دەپ قارايمەن ، بۇ سەمىمىي تەكلىپىم . يەنە  ، پىسخىكا تەسۋىرىدىن باشقا ئانچە-مۇنچە مۇھىت تەسۋىرى ، قىياپەت تەسۋىرىلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتۈڭ ، ئەسىرىڭىز تىخىمۇ ئوبرازلىق چىقىدۇ . t(m2d91#"  
    سىز چوقۇم قىلالايسىز ..   /r u9%;i  
    hz$/AN:&&K  
      ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن ...
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزگە چوقۇم دىققەت قىلىمەن.سۆزلىرىڭىز ماڭا مەدەت،ئلھام بولدى ...مەن ئاخىرىغىچە تىرىشىمەن~! رەھمەت سىزگە !!!
    armaninkas4
        ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟  پەقەت ئۆزۈم.......
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 22:18 |
    شائىرئوغلى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11695
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1163
    شۆھرەت: 994 كىشىلىك
    پۇل : 5595 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 753 نۇمۇر
    قوللاش: 717 نومۇر
    ئالقىش: 845 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    پاھ  بارغانسىرى ئىلھامىڭىز ئۇرغۇپ تۇرۋاتىدۇ دىسە............... تېخىمۇ تىرشىڭ، ئاخىرىنى تېزراق يوللاڭ ھە
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    بولىدۇ . رەھمەت سىزگە ~!
    anayurtogli@yahoo.co
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 22:36 |
    جـەمشىت
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرەت: * كىشىلىك
    پۇل : * سوم
    تۆھپە: * ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
    قوللاش: 77 نومۇر
    ئالقىش: 230 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇ قىزلار تىما يوللىسىلا يېرىمىنى بۈگۈن يېرىمىنى ئىككى ئۈچ كۈندە يوللايدىكەن دىسە....
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ھىكايىنى تۈگەتتىم ... ئۈچ كۈندە~
    salkin mtv
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 22:42 | 新疆喀什地区
    www.nixan.cn
    كەررىفور
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 226
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 529
    شۆھرەت: 462 كىشىلىك
    پۇل : 1696 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 525 نۇمۇر
    قوللاش: 490 نومۇر
    ئالقىش: 339 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەمدى كەلەن ھىسىياتلار  ئاپتور بىلەن كىتىپ قالدىدە ~!~!~!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تۈگەتتىم ...
    salkin mtv
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 22:50 |
    www.nixan.cn
    نەرگىزە
    يىغلىمايدۇ كېپىنەككە گۈل.
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24841
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1608
    شۆھرەت: 3728 كىشىلىك
    پۇل : 937183 سوم
    تۆھپە: 426 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1888 نۇمۇر
    قوللاش: 1851 نومۇر
    ئالقىش: 1159 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 359(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى باشلاپسىز مېھرىزات،ھىكايەشۇنداق ئەركىن باشلىنىپتۇ.لېكىن« ناگىھان ھالەتتە پۇچىلانماقتا»دىگەن جۈملە تازاماسلاشمىغاندەك تۇيۇلدى ماڭا.ئاخىرنى ساخلاي ئەمسە تاتلىق،ياخشى ھىكايىدەك قىلىدۇ.مۇۋەپىقىيەتلىك يېزىپ تاماملىشىڭىزنى تىلەيمەن!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تاتلىق... ھېكايىنى تۈگەتتىم ...
    salkin mtv
    ئالەم ۋاپا قىلمايدىكەن ئادەمگە،
    لېكىن ئادەم تويماس ئاشۇ ئالەمگە.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 23:02 |
    www.nixan.cn
    دىلئاي
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 20916
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 922
    شۆھرەت: 946 كىشىلىك
    پۇل : 4743 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 661 نۇمۇر
    قوللاش: 706 نومۇر
    ئالقىش: 811 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: پال كۆز
    توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن ، تىزراق پۈتتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن ! ئەسىرىڭىزنى شۇنداق ياخشى باشلاپسز ئاخىرىمۇ ئۇتۇقلۇق چىققاي !!!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    رەھمەت سىزگە تاتلىق~!~!  چوقۇم ...
    salkin mtv
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 23:35 |
    ئىبنۇر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26681
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 261
    شۆھرەت: 108 كىشىلىك
    پۇل : 1096 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
    قوللاش: 93 نومۇر
    ئالقىش: 107 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەربىيۋى ئەھمىيتى بار ھىكايىكەن.دىمىسىمۇ ھازىر بەزىبىر قىزلىرىمىز ئاتالمىش <چىن مۇھەببەت> نى دەپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ،كىيىن پۇشايماندا نىمە قىلشىنى بىلەلمەي،بىراقلا يامان يولغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ. 5 #cPt po  
    مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،تىخىمۇ تىرشىڭ!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تۈگەتتىم ،ئوماق ~
    [ بۇ يازمائىبنۇرتەرپىدىن2009-03-05 00:02دە قايتا تەھ ]
    salkin mtv
    مەن كىم؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 23:42 |
    玛依努尔
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 42447
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 42
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 226 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى بوپتۇ ئاخىرنى كۈتۈۋاتىمەن ،تىزراق بۇلۇڭ جۇمۇ .
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ھېكايىنى تۈگەتتىم
    salkin mtv
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-27 23:56 |
    نـەشتەر
    يولدىن چىقما ! خاندىن قورقما..
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8835
    نادىر تېما : 19
    يازما سانى : 1908
    شۆھرەت: 4352 كىشىلىك
    پۇل : 30331 سوم
    تۆھپە: 2592 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3891 نۇمۇر
    قوللاش: 2301 نومۇر
    ئالقىش: 5073 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 671(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دوستۇم مېھىرىزات ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . w':#S  
    ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ !! ^yCo6.VW"\  
    مەن بولساممۇ بۇنچىلىك يازالمايتىم G9OL .]J{  
    tsJ7'QV!  
    تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم .. بۇ بىر ھەقىقەت شۇڭا ئاپتورنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ ئۇنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشقا تۈرتكە بولدى ........ -U3'<]y=6l  
    5W H(  
    نىمىلا بولمسۇن بۇئەسەر مىنى قايىل قىلىدى xCz?/eXHI  
    ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەر ئاۋۇپ قالدى 3Dp^'AGM  
    سىز دىگەندەك « ئىپەتسىز مۇھەببەت » لەر كۆپەيدى ...... 9/ I+t  
      غەربلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى . >:b]zTY`+  
    تەرەققى قىلدۇق دەپ توغرا تەرەققى قىلىشنى بىلمەي ، ئىتقادىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق *u79Sm)9   
    تېما ئىسمنى ياخشى قۇيۇپسىز ........ 4%%@/6_qM  
    تېما تۇلۇق پۈتكەندە يەنە ئىنكاس يازاي !!!!!!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تولۇق تۈگەتتىم...
    salkin mtv
    ********  نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ ياشايسەن!!! ********
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 00:02 |
    ~گۈزەلىم~
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 41654
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 150 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرنى تېز راى يازسىەىز بوپتىكەن``````````````````
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    يېزىپ بولدۇم ...
    salkin mtv
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 00:16 |
    تاغتېكىن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 24424
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2209
    شۆھرەت: 1640 كىشىلىك
    پۇل : 51 سوم
    تۆھپە: 11 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2114 نۇمۇر
    قوللاش: 1709 نومۇر
    ئالقىش: 2860 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 505(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماقۇل ئەمىسە مەن قايلاپ تۇراي
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ۋۇي ، ھېكايە تۈگىدى جۇمۇسىلا، ئارقىدا داۋامى بار.
    salkin mtv
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 01:00 |
    كاپىتان$
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39258
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 22
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 66 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىزراق بولۇڭ!! !RB3Cv}  
    ياخشى بوپتىكەن دىسە.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تۈگەتتىم ،داۋامى ئارقىدا...
    salkin mtv
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 01:16 |
    بالاڭزا19
    يەنە شۇ بالاڭزا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2933
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 287
    شۆھرەت: 306 كىشىلىك
    پۇل : 27289 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 309 نۇمۇر
    قوللاش: 274 نومۇر
    ئالقىش: 340 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىغا مۇناسىېۋەتسىز بىر ئىنكاس يوللاي~~~~ Q .pf9  
    7P=/G4.'XT  
        مەن سىزنىڭ مەزكۇر تېمىڭىزنىڭ نادىرلىقىغا قارىغاندا سىزنىڭ ئەستايىدىلىقىڭىزغا قول قويدۇم~~~~~ ھەر بىر تورداشنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرىغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئەستايىدىل ، بىر - بىردىن جاۋاپ قالدۇرۇپ مېڭىپسىز~~~~~ ماختاشقا تىگىشلىك~~~~~~~قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن~~~~ ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر كىشىگە داۋاملىق مۇشۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن~~~~ &7eo[QqF  
    Xa4$ cytM  
    تېمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ساقلايمەن~~~~~~~~
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ھېكايىنى يېزىپ تۈگەتتىم ... داۋامى ئارقىدا~
    salkin mtv
    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    « ئۇمۈت بورانلىق كىچىدىكى بىر تال يىڭىنە، لىكىن مەن ئۇنى تىپىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىمەن»!

    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-28 02:10 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر