http://salkin.cn/english/ سالقىن http://www.yadikar.com
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
يـاۋۇز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 13263
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 47
شۆھرەت: 144 كىشىلىك
پۇل : 2820 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 103 نۇمۇر
قوللاش: 71 نومۇر
ئالقىش: 1142 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2-قىسىم :[ئەركىن سىدىق] يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئۈمىد نادىرلىدى .(2009-02-22)
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (2) &Wku-YwI  
b hi m  
خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر نەزىرىدىكى يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل hDE ={>  
E2'P;83o  
2-قىسىم x3pR]T/   
!8"(v";i  
ئەركىن سىدىق L:h29#(A]  
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 15- كۈنى 9t#ehOP?  
YAIkT9*W  
   ?bz<3NjJ'  
(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.) F7/(RSC2  
`GF(Qk\2c  
مەن ئۇشبۇ يازمامدا Kangas خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (BDT) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.  بۇ يازمىنىڭ 1-قىسمى تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدە بار: :Hbtu{6t  
./read.php?tid-54612-fpage-0-toread--page-2.html   +(k}  
1999-يىلى BDT ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى 2000-يىلىدىن باشلاپ بۇ كۈننى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ.  بۇ ھەقتە ئانا-تىلىم blogbus نىڭ تۆۋەندىكى تور بېتىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار ئىكەن: bQyA#M:uX  
http://anatilim.blogbus.com/logs/35011024.html a=N)#.mT  
مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ئۇچۇرنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.  شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى يازغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئاشۇ كۈننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئۆز بىلىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ھەققىدە خەلققە پايدىلىق ماقالە ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ھازىر مۇشۇنداق بىر پائالىيەتكە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق. Cn"g`r^s  
   j,.^9@}A/  
يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۈنلىرىم ئىنتايىن تىت-تىتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ.  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەن ئانا تىلنىڭ يەرلىك مىللەت مائارىپىدىكى رولى ھەققىدە يېڭى ماتېرىياللارنى كۆرگەنسېرى، ئانا تىل مەسىلىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ نەقەدەر يامانلىغىنى، نەقەدەر خەتەرلىكلىگىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمەن.  مەن مۇشۇ خىلدىكى يازمىلارنى تېز-تېز تەييارلاپ تورغا يوللاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىزمىتىم باشقىچە جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىپ، بۇ ماقالىلەرنى تېز-تېز تەييارلاشقا ۋاقىت چىقىرىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمەن.  نۇرغۇن تورداشلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا «بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك» دەپ سوراپتۇ.  مەن بۇ سوئالغا ئالدىنقى يازمىلىرىمدا ئازراق جاۋاب بەردىم.  يەنى ئۇيغۇرلار يەھۇدىيلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ بىر كەسكىن مەسىلىنى قانۇنىي ۋاستىلار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشى كېرەك.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئاللىقاچان يېزىلىپ ۋە ماقۇللىنىپ بولغان، ئەمما ئىجرا قىلىنمايۋاتقان قانۇنلارنى ئىجرا قىلدۇرۇشتىن باشلاش كېرەك.  ئاندىن ناچار، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىز قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى ئەڭ يۇقىرى بالداقتىن باشلاپ ئۆزگەرتىش يولىدا ئىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.  پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر مەسىلىنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم ئىش ئېلىپ بېرىشى بىلەن ھەل قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.  چوقۇم كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇنىي يوللار بىلەن بىر تۇتاش ئىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.  مەن يۇقىرىقى سوئالنىڭ باشقا جاۋابلىرىنى تېپىش ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئويلىنىمەن.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەت ئەلدىكى باشقا بارلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ، بولۇپمۇ باشقا بارلىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە قاتتىق ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئۇيغۇر بىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن «بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش» روھىنى تىكلەش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش پەيتى ھازىر تولۇق يېتىپ كەلدى.  يەنە ئۇخلاپ يېتىۋەرمەيلى.  يەنە قاراپ ئولتۇرۇۋەرمەيلى.  ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىدىنمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەمۇرىي ۋە مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئىگە بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ئالدىغا قويۇلغان رەسىم بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەنزۇ تىلى ساۋاتىنى چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇر مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش.  لېكىن بۇ يەنىلا بىر پارچە رەسىم، بىر دانە گۈزەل ئارزۇ.  مەن كۆرگەن ئىلمىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆز دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مائارىپ تۈزۈمىگە تايىنىپ تۇرۇپ يۇقىرىقىدەك ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ھازىرقىدەك «قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى» داۋاملىق يولغا قويۇلۇۋەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئۇيغۇرلار يېرىم قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.  ئۇنىڭدىنمۇ يامان يېرى، ئۇيغۇرلار تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.  بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى جۇڭگودا 56 مىللەت بار ئىدى.  ھازىر ئۇنىڭدىن قانچىسى قالدى؟  قالغانلارغا نېمە بولدى؟  بولسا جىمجىت ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئويلىنىپ بېقىڭ.  ھازىر مېڭىۋاتقان يولىڭىز سىزنى قانداق بىر ئاقىۋەتكە، قانداق بىر تەقدىرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.  ئۇشبۇ يازمىدا يۇقىرىقى نۇقتىلار ھەققىدە بىر قىسىم مۇھىم ئىلمىي نەزەرىيىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، مەن ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بولىدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزدىن بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. [ya Yt!  
   L2OJ{" e"  
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ھازىر بارلىقىنى ئىشقا سېلىپ، باشقىلار بىلەن قاتتىق رىقابەتلىشىپ تۇرۇپ، بەس-بەس بىلەن كىچىك بالىلىرىنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئوقۇشقا ماڭدۇرۇۋاتىدۇ.  ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئاتا-ئانىنىڭ بىرسى بولسىڭىز، بالىڭىز كېلەر قېتىم سىزنى يوقلاپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ روھىي جەھەتتە قانداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنچىكىلەپ سوراپ بېقىڭ.  مەن بۇ گەپنى ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن خەتلەرگە ئاساسەن دەۋاتىمەن.  بۇنداق يولنى تاللىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ بالىسىنى تېخىمۇ ياخشىراق جان بېقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش، بالىسىنى بەختلىك قىلىش.  لېكىن قىلغان ئىشىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى بالىڭىزنىڭ نەزىرىدە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىش بولۇپ قالمىسۇن.  ئىنسانلارغا خۇشاللىق، قانائەتچانلىق ۋە بەختلىك ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشلار ئىنتايىن كوپ.  سىزگە بەختلىك بولۇپ تۇيۇلغان بىر ئىشنىڭ باشقىلارغىمۇ شۇنداق بولۇپ تۇيۇلۇشى ناتايىن.  بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر ئۇ بىر ۋىجدانلىق ۋە غۇرۇرلۇق ئادەم بولىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان، ئۆزى ئەڭ قەدىرلەيدىغان بىر نەرسىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزىنى داۋاملىق تۈردە بەختلىك دەپ ھېسابلىيالمايدۇ.  ئۆزىدە داۋاملىق تۈردە بەختلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.  ئۇشبۇ يازمىدا ئۆز ئائىلىسىدىن، ئۆزىنىڭ مىللىي جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان بالىلار دۇچ كېلىدىغان بىر قىسىم يامان ئاقىۋەتلەر بايان قىلىنىدۇ.  ئەگەر سىز ئاشۇنداق بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسىڭىز، بۇ يازمىنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ.   4<8<0 
   =,>$B_yh?c  
مىللەتنىڭ ھالى ياخشىلانماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ھالى مەڭگۈ ياخشىلانمايدۇ.  شۇڭا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يول تاللىغاندا، مىللەتنىڭ ھالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر يول تېپىشنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم، ھەتتا ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق كېرەك.  مانا بۇ يەھۇدىيلار يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ بىرسى.  مەن يېقىندا ئۆزىگە «تارىم722» دەپ تەخەللۇس قويۇۋالغان بىر ئۇكىمىزنىڭ «قوپە ئېشەك، ئويــغان، قۇياش كۆتۈرۈلدى» دېگەن ماۋزۇلۇق بىر يازمىسىنى ئوقۇپ چىقتىم.  ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەر ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىقلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن.  ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن.  مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.  ئۇ يازمىنىڭ بىلىكتىكى تور بەت ئادرېسى: =LVa*$j  
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21148   odAxPV  
مەن ئەمدى بۇ يازمىنىڭ رەسمىي مەزمۇنىنى باشلايمەن.   Y@UK0_/t  
   Hf|l4EU8  
2. ھۆكۈمران تىلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپنىڭ ماھىيىتى ۋە تەسىرى—ئىجتىمائىي ۋە تەلىم-تەربىيە جەھەتتىكى كۆرگەن- بىلگەنلىرىمىز p_t\ v3}z  
ye,-4qm=  
(1) تىلنىڭ مۇھىملىقى uWvK) _H  
   r=J@=ird  
بىز (ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ 4 ئاپتورىنى دېمەكچى) ماقالىمىزنىڭ بۇ قىسمىنى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى ۋە مىللىتىنىڭ يوقىتىلغىنىنى قانداق چۈشەنگەنلىكى، ھەمدە جىسمانىي جەھەتتىكى يوقىلىش بىلەن تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىلىشنى قانداق چۈشەنگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىسالدىن باشلايمىز. Qa,4OG$%  
   ?k mF7^  
كانادا Ontario ئۆلكىسى زەھەرسىزلەندۈرۈش مەركىزى (ئىنگلىزچە «detoxification center») نىڭ دىرېكتورى «Randy Councillor» ئۆزىنىڭ «زېمىننىڭ ئاۋازى بىزنىڭ تىلىمىزدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ تىلىمىز يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ ناچارلىشىشنىڭ بىرىنچى ئالامىتى.  بىزنىڭ مىللىي ھاياتىمىز مۇنداق تۆت ئېلېمېنتنىڭ ئاساسىدا مەۋجۇت بۆلىشى كېرەك: ئەنئەنە، مەدەنىيەت، قىممەت كۆز-قارىشى، ۋە تىل.  ئەگەر سىز بۇ تۆت ئاساسنىڭ بىرسىنى يوقىتىپ قويسىڭىز، بىزنىڭ مىللىي ھاياتىمىز چۇۋۇلۇشقا باشلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىز مۇشۇنداق چۇۋۇلۇشنىڭ ئالامىتى بولغان ھاراقكەشلىك ۋە باشقا ناچار ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز.» ikCH0!L0V5  
   o#h 33 0  
بىز قانۇنىي جەھەتتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، كېمەيتمە مائارىپتا زورلۇق كۈچى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى، ھەمدە ئاشۇنداق قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىكى يامان ئاقىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئوتىمىز.  كېمەيتمە مائارىپ دېگىنىمىز، بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمدار تىلنى ئۆگىتىش، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇلارنىڭ تىل بىلىمى ئىچىدىن چىقىرۋېتىشكە قارىتىلغان.  بۇ بىر ئاسمىلاتسىيىچىلىك بولۇپ، ئۇنداق قىلىش بىۋاسىتە تەن زەخمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ناھايىتى ئېغىر روھىي زەخمىلەرنى، ۋە ناھايىتى ئېغىر پىسخولوگىيىلىك، تىل، چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرى (ئىنگلىزچە "cognitive ability") جەھەتتىكى، ھەمدە ناھايىتى ئېغىر مائارىپ، تەن-سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي زەخمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بۇنداق زەخمىلەر مەڭگۈلۈك بولىدۇ: يەرلىك مىللەت خەلقلىرى بۇنداق زەخمىلەرنىڭ تەسىرىدىن بىر ئۆمۈر خالى بولالمايدۇ. 1aSet`  
   Z p L6z  
(2) يەرلىك مىللەت مائارىپىدا قوللىنىلىدىغان زوراۋانلىق كۈچلەر: «تاياق»، «سەۋزە» ۋە «ئىدىيە» `gra. b  
   ,_W#VU4!  
جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مائارىپشۇناسلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز تىنچلىق تەتقىقاتچىسى «Johan Galtung» 1980-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان زوراۋانلىق كۈچىنىڭ مۇنداق 3 خىل شەكلىنى تەسۋىرلەيمىز: ھۆكۈمدارلار بىر ئورتاق مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن «تاياق»، «سەۋزە» ۋە «ئىدىيە» دىن ئىبارەت 3 خىل كۈچتىن پايدىلىنىدۇ.   5v"I) =J  
   W$=~u+TQV  
«تاياق» ئىشلىتىشنىڭ مىساللىرىدىن مۇنداقلىرى بار: جىسمانىي زوراۋانلىق كۈچى ئىشلىتىش ئارقىلىق بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ئەكېتىش، بالىلارغا ئۆز ئانا-تىلىنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبى بىلەن تەن جازاسى بېرىش، ياكى ئۇلارغا تاماق بەرمەسلىك. e;j/i^_at  
   Zgg?(E@XG  
1851-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، نورۋېگىيىدىكى ئوقۇتقۇچىلار Saami ۋە Kven مىللىتىدىن بولغان بالىلارغا نورۋېگىيە تىلى ئۆگىتىشتە ياخشى نەتىجە قازانغان بولسا، ئۇلارغا مۇكاپات تەرىقىسىدە قوشۇمچە مائاش بېرىلگەن.  شۇنداقلا، ئەگەر كەمبەغەل بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆز ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بەدىلىگە نورۋېگىيە تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان بولسا، ئۇلار تاماق ۋە كىيىم-كېچەك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ خىل ئۇسۇل «سەۋزە» ئىشلىتىش، دەپ ئاتالغان. w^.LR|)  
«ئىدىيە» دىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇشۇ ماقالىنىڭ 3-قىسمىدا ئايرىم توختىلىمىز. %l.K|E\ (Y  
ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆزلۈكىدىن پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئايرىلىش، ھەمدە باشقا بىر تىل، مەدەنىيەت ۋە كىملىكتىكى ئادەمگە ئايلىنىش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆز مىللىتىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئايرىلىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.  بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلارنى مەجبۇرى يولغا قويۇشى، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئۆز ئويىدىن ۋە ئۆز جەمئىيىتىدىن ئايرىۋېتىش، ئۆز ئويى بىلەن ئۆز جەمئىيىتىدىن ناھايىتى يىراقتىكى ئورۇنغا يۆتكىۋېتىش، بەزىدە ھەتتا ھۆكۈمران مىللەت جەمئىيىتىدىكى ئائىلىلەردە تۇرغۇزۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش تۈزۈمى» (ئىنگلىزچە « submersion education») دىكى بالىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە ئوقۇش ئاخىرلاشقاندا ئۆز جەمئىيىتىگە جىسمانىي جەھەتتىن قايتىپ كېلىشىگە كۆپىنچە ئەھۋالدا يول قويۇلدى.  لېكىن، ھۆكۈمەت بۇنداق ئىشلارغا شەرتلىك يول قويىدىغان، بەزىدە بولسا بۇنداق ئىشلارنى مەڭگۈ چەكلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.  بالىلارنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغان ئىشلار تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق—بۇ جەھەتتىكى ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىساللار ئىنتايىن كوپ. tKV yg8  
   ,e-*N=b  
(3) «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش تۈزۈمى» نىڭ مائارىپشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، جىسمانىي ۋە پىسخولوگىيىلىك جەھەتلەردىكى يامان ئاقىۋەتلىرى 18gj2>%"Y  
   Y<FsmEDo  
ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش تۈزۈمى» مۇنداق بولىدۇ: مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن باشقا بىر مىللەت رايونىغا كۆچۈپ بارغان بالىلار ئاشۇ يات مىللەت بالىلىرىغا قوشۇلۇپ ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ بالىلارغا يات مىللەت تىلىدىن ئايرىم دەرس بېرىلمەيدۇ. (بۇ ئىزاھات تامام) ypY{EIV  
   {@T9]!$Zk  
جىسمانىي جەھەتتىكى ئايرىۋېتىش ۋە باشقا ئاسمىلاتسىيېىچىلىك «تاياق» لىرىنى ئىشلىتىشنىڭ پسىخولوگىيە، چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرى جەھەتتە، ھەمدە تىل ۋە مائارىپ جەھەتتە ئىنتايىن زىيانلىق تەسىرى بار بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  تۆۋەندە بىز مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلار ھەققىدىكى مىساللارنى تەسۋىرلەپ ئوتىمىز: fWHzlF  
   )a"[xx,Pz<  
[1] كېمەيتمە مائارىپتىن كېلىپ چىققان ئوقۇ-ئوقۇتۇش نەتىجىسى جەھەتتىكى يامان ئاقىۋەتلەر. b&@z+p6I  
[2] جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ئىجتىمائىي يامان ئاقىۋەتلەر، مەسىلەن، يەرلىك مىللەتتىكى يۇقىرى نىسبەتلىك ئىشسىزلىق، تۆۋەن كىرىم، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىشى، مىللىي خاسلىقتىن ياتلىشىشى ۋە روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى. m'6X^$ZB  
[3]  يۇقىرىقى ئىككىنچى ئاقىۋەتتىن كېلىپ چىققان يامان جىسمانىي ئاقىۋەتلەر، مەسىلەن، ھاراقكەشلىك، زىناخورلۇق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، زوراۋانلىق كۈچى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئادەم ئولتۇرۇش، ۋە باشقىلار. #S\g'ON  
[4] يامان پىسخولوگىيىلىك ئاقىۋەتلەر، بولۇپمۇ مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار. 7DS+! c  
   ONi?r)E  
ئەركىن سىدىقنىڭ ئىزاھاتى: ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىدا يۇقىرىقى بىر قانچە جەھەتلەردە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان مىساللار ئىنتايىن كوپ.  شۇڭلاشقا، ۋاقىت ۋە ماقالىنىڭ ھەجمىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسلىدىكى ماقالىدا بېرىلگەن مىساللارنى بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلمايمەن. (بۇ ئىزاھات تامام) 84Or,\x  
   O W3#zaB  
نۇرغۇن بالىلار كۈندۈزلۈك مەكتەپلەر ۋە مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان (ياكى ياتاقلىق) مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا ياكى ئاشۇنداق ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.  بۇنداق ئىشلار بەزىدە بىر ئەۋلاد دەۋرى ئىچىدىلا يۈز بېرىدۇ.  بۇ جەھەتتە دۇنيادا مىڭلىغان مىساللار بار.  بۇ يەردىكى مەسىلە بالىلار ئوقۇغان مەكتەپنىڭ قانداق مەكتەپ ئىكەنلىكىدە ئەمەس.  بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش نىشانى بالىلارغا ئانا تىل ئاساسىدا باشقا تىلنىمۇ ئۆگىتىشمۇ ياكى ئانا تىلنى ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارى قاتارىدىن كېمەيتىشمۇ، دېگەن نۇقتىدا.  بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر ئېنىق نىشان قىلغان ئاساستا ئۇلارنى يۇقىرى سەۋىيىلىك قوش تىللىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش-چىقماسلىقتا.  لېكىن، ئاسمىلاتسىيىچىلىك كېمەيتمە مائارىپ تۈزۈمى ھازىرغىچە ۋە ھازىرمۇ يەرلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان گاس ۋە قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ تۇرماقتا.  ئەنئەنىۋى مەكتەپلەر، ھەمدە بالىلار باشلانغۇچنى ئۆز ئانا تىلىدا باشلاپ، ھۆكۈمران تىلدىكى سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە ئاشۇ ھۆكۈمران تىل سىنىپىغا يۆتكىلىدىغان «ئۆتكۈنچى ئوقۇتۇش پروگراممىسى» نى يولغا قويغان مەكتەپلەردىمۇ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى سەۋىيىسى ئىنتايىن ناچار ھالەتتە تۇرماقتا.  شۇڭلاشقا ئۇلار ئانا تىلىنى ئۆز ئۆيىدە ئىشلىتەلمەيدۇ، ياكى بولمىسا ئانا تىلىنى ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ.  مائارىپ تۈزۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان تىل جەھەتتىكى ئاسمىلاتسىيىچىلىك دېگىنىمىز، مۇشۇنداق ئاسمىلاتسىيگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرى ئانا تىلنى ئۆگەنمەيدۇ، دېگەننى كۆرسىتىدۇ.  بۇنداق كىشىلەر تىل جەھەتتە باشقا بىر مىللەتكە مەجبۇرى ئۆزگەرتىلىدۇ.   LS@$;58n,  
   ;-ubNBm_1  
كېمەيتمە ھۆكۈمران تىلدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزگەن يەرلىك بالىلار بىلىم ئېلىش ۋە باشقا روھىي جەھەتلەردە ناھايىتى ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىدى.  بۇنداق زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسە دەل ئاشۇنداق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدۇر.  يەرلىك بالىلار كۆپىنچە ئەھۋالدا مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ دائىرىدىكى ناچار مۇئامىلىگە دۇچ كېلىدۇ. مائارىپشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، پسىخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بۇ نۇقتىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئىسپاتلىدى.  Maffi  تەھرىرلىگەن 2001-يىلىدىكى بىر كىتابتىكى نۇرغۇن ماقالىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تىلنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان بىر نەرسە كۆچمەن بولۇش، يەنە بىر نەرسە بولسا مەكتەپتىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت.  Tsui  بىلەن Tollefson تەھرىرلىگەن 2004-يىلدىكى بىر كىتابتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ئاساسىدا مۇنداق بىر يەكۈن خۇلاسىلەپ چىقىلغان:  بىر يات تىلدىكى ئاساسىي ئىپادىلەرنى تېخى تولۇق ئۆگىنىپ بولالمىغان بالىلارغا ئاشۇ يات تىلدا دەرس ئۆتۈلسە، يالغۇز بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنىڭ تولۇق يېتىلىشىگە دەخلى يېتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تونۇشى، غۇرۇرى، روھىي جەھەتتىكى تىنچلىقى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىش قابىلىيىتىگىمۇ دەخلى يېتىدۇ. k-Lb;  
   G:7Ja}] S  
نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن شۇ نەرسە ئىنتايىن ئېنىق بولدىكى، قوش تىللىق بالىلارنىڭ ئاكادېمىيىلىك مۇۋەپپەقىيىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەشتە، باشقا ھەر قانداق ئامىللارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دەرسلەر ئۆز ئانا تىلىدا ئوتىلىدىغان مەكتەپتە قانچە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقى ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بۇ ئامىل يەرلىك مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ، ھۆكۈمران قىلىنغان ياكى ئېزىلگەن يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.  ھازىر ئەڭ ناچار مائارىپ نەتىجىسى «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش پروگراممىسى» دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل يا زادىلا ئۆتۈلمەيدۇ، ياكى بولمىسا ئانا تىل پەقەت بىر قوشۇمچە دەرس تەرىقىسىدە ئازراقلا ئوتىلىدۇ. يېڭى زېللاندىيە مائارىپ مىنىستىرى ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت ھۆكۈمران تىلدىلا ئېلىپ بېرىلىدىغان «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش تۈزۈمى» ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۈنۈمى ئەڭ تۆۋەن بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىكەن.  Thomas بىلەن Collier 2002-يىلى 210،000 نەپەر ئىسپانىيىچە - ئىنگلىزچە قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان كەڭ - كۆلەملىك ئىلمىي تەتقىقاتىدىن مۇنداق بىر يەكۈن چىقارغان:  بىر يات تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ قانداق بۆلىشىنى ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دەرسلەر ئۆز ئانا تىلىدا ئوتىلىدىغان مەكتەپتە قانچە ئۇزاق ئوقۇغانلىقى بەلگىلەيدۇ.  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپتا مەغلۇپ بۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش تۈزۈمى» دىن ئىبارەت. F,ey[FV   
   \?{0ta],;.  
يەرلىك مىللەت خەلقلىرى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ستاتىستىكىلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلار ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈلگەن.  ئۇلارنىڭ بۇنداق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۆپلىگەن تارىخىي، جۇغراپىيىلىك، ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي، تىل ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆتمۈشتىكى ياكى ھازىرقى مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ بۈگۈن ئاشۇنداق تۆۋەن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتقان نەرسە يولغا قويۇلغان مائارىپ تۈزۈمى، بولۇپمۇ كېمەيتمە مائارىپ تۈزۈمى، يەنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى يەرلىك مىللەت مائارىپىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش تىلى قىلىپ ئىشلىتىش بولۇۋاتىدۇ. 9<!v]U  
   (FTA\Ry9  
پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، ھازىر يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقان، تامىقى كەمچىل بولۇۋاتقان، جىنسىي جەھەتتىن خارلىنىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقان مىساللار ئىنتايىن كوپ.  ناچار مائارىپ تۈزۈمى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي ئورۇننىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كېتىشى يەرلىك مىللەت بالىلىرىدا تەن-سالامەتلىك جەھەتتىكى ئېغىر جىسمانىي زەخمىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  مەسىلەن، بوۋاقلارنىڭ ئوبدان بېقىلماسلىقى، بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بۆلىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، خەتەرلىك ئىشلارغا سېلىنىشى، ئىشسىزلىق، بالا ئىشچىلىقى، ناچار ئوي شارائىتى ۋە ناچار داۋالىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار.  ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانىي زەخىملىنىشلەردىن يەنە مۇنداقلىرى بار: ھاراقكەشلىكتىن كېلىپ چىققان سالامەتلىك ۋە باشقا بەدەن مەسىلىلىرى، ئوي ئىچىدە ئاياللارنى ۋە بالىلارنى خارلاش، زىناخورلۇق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بۆلىشى قاتارلىقلار.  بىر قىسىم دۆلەتلەردە، مائارىپ سىستېمىسى، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەر، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلغۇچى بىۋاسىتە، ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. cXkp7C2  
   y)\BeF8  
كۆپىنچە ئەھۋالدا تەن ۋە روھىي جەھەتتىكى زەخمىلەرنى مائارىپ تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  Deirdre Jordan رەسمىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ مىللىي خاسلىققا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە كەڭ - كۆلەملىك ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 1988-يىلى تۆۋەندىكىلەرنى يەكۈنلەپ چىققان: «تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادىي ئاساسلاردىن قاڭقىپ چىققان كۈچلەرنىڭ تەسىرى، ھەمدە يەرلىك مىللەت خەلقىنى ئۆز ماكانى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ماددىي بايلىقلارنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ تاشلىدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېسىل مىللىي خاسلىقىنىڭ ئورنىغا ئاشۇ يەرلىك مىللەتلەرنى ناچار مىللەت قىلىپ كۆرسىتىدىغان سەلبىي ئوبرازنى دەسسەتتى.  يالغۇز بۇلارلا ئەمەس، يەرلىك مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى بىلەن مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقاتقان ئەڭ زور كۈچلەرنىڭ بىرسى مەكتەپتىن ئىبارەت بولدى.»  ئاشۇنداق مائارىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن بالىلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن، مىللىي مەدەنىيىتىدىن، ئۆز ئائىلىسىدىن ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي جەمئىيىتىدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. C7NE?a{  
   2DClvk8 c  
1800-يىللىرىنىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ 1900-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر يەرلىك مىللەت، يەرلىك دۆلەت، ياكى يەرلىك خەلقنى تەلتۆكۈس يوقىتىش مەقسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلغان مىساللار ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كوپ.  مەسىلەن، Milloy نىڭ 1999-يىلى بايان قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن كانادادىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي نىشانى «ئىندىئانلىقلار مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش» بولغان.  ئۇلار مۇنداق دېگەن: «كانادادىكى ھەر بىر ئىندىئانلىق دۆلەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ئىچىگە كىرىپ بولمىغۇچە، ئىندىئانلىقلار مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل بولۇپ بولمىغۇچە، ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىندىئانلىقلار باشقارمىسى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغىچە، بىز بۇنداق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ھەرگىزمۇ توختاتمايمىز.» Ge'"O }  
   y@';YV<N  
ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىر ھېچ قانداق دۆلەت ياكى مائارىپ ئورۇنلىرى مەلۇم بىر مىللەتنى يوقىتىش، ياكى ئۇنىڭغا زەخمە يەتكۈزۈش، ۋە ياكى ئۇنى باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش غەرىزىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.  لېكىن، ئاشۇ دۆلەت بىر مىللەتنى يوقىتىش، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئۇنى باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يولغا قويغان تۈزۈلمە، ئىدولوگىيىلىك ئامىللار ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇ دۆلەتنىڭ ئاشۇنداق بىر غەرىزى بارلىقىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ.  بۇرۇنقى بىر قەدەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بىز مۇشۇنداق بايقاشلارغا بىر قانچە ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئېرىشتۇق.  ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاساسلىق دەرس ئۆتۈش تىلى قىلىپ ئىشلەتكەندە ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىدۇ.  بۇ نۇقتا بۇرۇنقى كونكرېت، ئىلمىي تەجرىبىدىن ئوتكەن پاكىتلار ئارقىلىق تولۇق ئىسپاتلانغان، شۇنداقلا مۇكەممەل نەزەرىيىۋى ۋە ئەمىلى ئىلمىي تەتقىقات پاكىتلىرى ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلانغان (مەسىلەن، BDT نىڭ 1953-يىلىدىكى دوكلاتىغا ۋە Magga قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ 2004-يىلىدىكى «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» غا قاراڭ).  بىز (ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ 4 ئاپتورىنى دېمەكچى) شۇنى جاكارلايمىزكى، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ ئەمەلدارلىرى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلنى يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاساسلىق دەرس ئۆتۈش تىلى قىلىپ ئىشلىتىش مائارىپ سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن، بۇنداق سىياسەتنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق رەت قىلىدىكەن، ئانالىتىك، ئىجتىمائىي-تىلشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە سىياسەتشۇناسلىق، ۋە مائارىپ سىياسىتىنى ئانالىز قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراپ، ئۇلاردا بىر مىللەتنى يوقىتىش، ياكى ئۇنىڭغا زەخمە يەتكۈزۈش، ۋە ياكى ئۇنى باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش غەرىزىنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى كۈچلۈك ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. j ^~5Hz[Y2  
   GT}<,UNIJ0  
ئاشۇنداق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىسالى كانادا ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ “ئىندىئانلىقلار ئىشلىرى باشقارمىسى” بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە «ئىندىئانلىق بالىلارنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ياخشى تەربىيە كۆرۈشى ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بېرىش» باھانىسى ئاستىدا ئىندىئانلىقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بارغان.  بۇ باشقارما ئەڭ ئاخىرى 1986-يىلى تاقالغان. i,wU[J 
   0GXQ@bHNJ  
بۇ يازمىنىڭ ئۇشبۇ قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە داۋامى بار. ئۇنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەت ئۇستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەت» ھەققىدە بولىدۇ. <q$MM@  
   {iLM/z?P>  
تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى (http://www.orkhun.com) دىن ياۋۇز. VAx' TN  
   ;jZf0C%  
P)c<1]0  
بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تور ئادرېسلىرى توپلىمى: (mx;9"L B  
.Wx ?#Y  
1) ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان "مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى": .dVi#Ic\  
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf   /WZP{c2z  
2) بۇ يازمىنىڭ 1-قىسمى: (qMD?D A  
./read.php?tid-54612-fpage-0-toread--page-2.html   Y>TOa"QLA  
3) BDT نىڭ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكى (ئۇيغۇرچە): s,C 3QZg  
ht  tp://anatilim.blogbus.com/ logs/35011024.html brPs(-i  
http://anatilim.blogbus.com/logs/34715312.html   d*DT'C  
4) BDT نىڭ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكى (ئىنگلىزچە): $rhd^4W]RY  
h t tp:// ww w.un.org/depts/dhl/language/index.html ,Na,^ :$I)  
http://webworld.unesco.org/imld/   M)6!qPL  
5) «قوپە ئېشەك، ئويــغان، قۇياش كۆتۈرۈلدى»: ?c9L88aTU  
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21148
[ بۇ يازمائۈمىدتەرپىدىن2009-02-22 12:51دە قايتا تەھر ]
تېما تەستىقلىغۇچى : مۇنقەرىز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-21, 10:20
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+99(ئالىپتىكىن)
  • salkin mtv
    تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-21 18:10 |
    يەزر
    سەلكىن ئىمپىريىسى
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1587
    شۆھرەت: 1859 كىشىلىك
    پۇل : 4748957 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1451 نۇمۇر
    قوللاش: 1224 نومۇر
    ئالقىش: 1336 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇرۇن 56 مىللەت بار ئىدى ھازىر قانچىسى قالدى ؟ trJ]~TlP,  
    ?Tcj;  
    مۇنۇ گەپلەر ھەقىقەتتۇر ...مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە 37 خىل مىللەت بار .....( تىزىملىكتە شۇنداق )  ....ئەمەليەتتە ئۇيغۇر قازاق ,مۇڭغۇل ،تۇڭگان ۋە « خەنزۇ » لارلا بار .....يەنى كۆزىڭىز بىلەن كۆرىدىغىنىڭىز ئاران شۇ «تۆت» خىل مىللەتلا خالاس....... kUpk 
    hbQ[87|  
    بولدىلا ئارتۇق قاخشماي .....ئۆزۈمگە ئىش تېپىۋالماي يەنە .....
    [ بۇ يازمايەزرتەرپىدىن2009-02-22 18:50دە قايتا تەھرى ]
    ئىزدەش تورى
      ★ يەزر=ئۇيۇشۇش=ئۇيغۇر!!!
      ★ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق!
      ★يەر شارى بىلەن تەڭ  ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەلكىندە قانچىلىك؟
          ئالتە شەھەردە قانچىلىك؟ دۇنيادا قانچىلىك؟
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-21 18:36 |
    erk uzun
    يەزر
    سەلكىن ئىمپىريىسى
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1587
    شۆھرەت: 1859 كىشىلىك
    پۇل : 4748957 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1451 نۇمۇر
    قوللاش: 1224 نومۇر
    ئالقىش: 1336 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياۋۇز مۇئەللىم  سىز بۇ  مەسلىگە قانداق  قارايسىز؟
    سۈمەييە
      ★ يەزر=ئۇيۇشۇش=ئۇيغۇر!!!
      ★ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق!
      ★يەر شارى بىلەن تەڭ  ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەلكىندە قانچىلىك؟
          ئالتە شەھەردە قانچىلىك؟ دۇنيادا قانچىلىك؟
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-21 18:40 |
    ئويغاق2005
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12221
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 141
    شۆھرەت: 157 كىشىلىك
    پۇل : 409 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 34 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 49 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 863(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي  !!! باشقىلار  گەپ  قىلىڭلار  ،،،،كۆڭلۇم  يىرىم  بولۇپ قالدى،،،ھەممىسى  راسىت گەپلەر،،،رەخمەت ئەركىنكا ئاللا ئشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق،بەركەت  ئاتا قىلسۇن!!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-21 19:32 |
    بولاق ئۇزۇن
    arhan1
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 34555
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 401
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    پۇل : 4642 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۈگۈنكى بايرامغا ئاتالغان ياخشى تېما.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-21 20:09 |
    www.nixan.cn
    qoglan007
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20652
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    شۆھرەت: 11 كىشىلىك
    پۇل : 166 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 8 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز نىمە قىلىشمىز كىرەك؟؟؟  h#dk  
    http://idc.xj88.cn
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-21 21:09 |
    www.nixan.cn
    قالىغاچ
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 36731
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 38
    شۆھرەت: -4 كىشىلىك
    پۇل : 143 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: -4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىنىق چۈشۈنۈپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالماسلىقتىنىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بولماس.
    salkin mtv
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 00:03 |
    xjalexa.cn
    ئەزمەت520
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 31586
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 139
    شۆھرەت: -9 كىشىلىك
    پۇل : 639 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
    قوللاش: 4 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ، ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدە بۇ.
    salkin mtv
    http://azmat520.blogbus.com
    مەن سېنى، سەن ئۇنى ، ئۇ باشقىنى،
    شۇ ئەمەسمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئاداشقىنى.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 13:13 |
    (كەسكىن)
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 31640
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 87
    شۆھرەت: 9 كىشىلىك
    پۇل : 270 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
    قوللاش: 9 نومۇر
    ئالقىش: 9 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز بۇنداق تۇرىۋەرمەيلى ھېچ بولمىسا بۇ توغۇرلۇق بىرەر نامائىش ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەتنى قايىل قىلساق ماۋۇ قوش تىل دىگەن ئالۋاستىنى يوقاتساق بولاتتى
    salkin mtv
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 13:19 |
    dilhux003
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 244
    شۆھرەت: 100 كىشىلىك
    پۇل : 10552290 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 99 نۇمۇر
    قوللاش: 99 نومۇر
    ئالقىش: 128 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 147(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راستىنلا ئىچىنىشلىق -دە 9J(yx  
    ھەي
    salkin mtv
    بىلوگىمنى سەيلەقىلىڭ :http://dilhux003.salkin.cn

    دىلخۇش ئويغاق ئېچىىۋەتكەن كۆزىنى ،
    ئۇ تاپىدۇ چوقۇم يولنىڭ تۈزىنى .
    دىلخۇش غالىپ تونىتىدۇ ئۆزىنى ،
    دىلخۇش قەيسەر كۆتىردۇ يۈزىنى .

                   <دىلخۇش>


                                  دىلخۇش
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 14:01 |
    نۇرزىبا0998
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 40044
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 53
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 224 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راست ،تىلىمىز يوقاپ كىتەرمۇ؟مەن بالامنى ھەرگىز خەنزۇ مەكتەپكە بەرمەيمەن .
    salkin mtv
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 17:49 |
    ساياھەتچى80
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3431
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 80
    شۆھرەت: 18 كىشىلىك
    پۇل : 1413 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    قوللاش: 21 نومۇر
    ئالقىش: 26 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 416(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاپتونومىيە قانۇنىنى قانداق قىلغاندا ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟(دۆلىتىمىزدە جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دەيدىغان بىر گەپ بارغۇ دەيمەن) قاچان ھەقىقىي ئۇيغۇر مائارىپى بارلىققا كېلىدۇ؟ ... قوش تىل مائارىپىغا دۆلەت كۈچەپ مەبلەغ سېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس خىزمەتتىن ئايرىپ بىر-ئىككى يىل قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىدا تەربىيلەپ، قوش تىل مائارىپى(4تىن 3قىسىم ئەتراپىدىكى دەرسلەرنى خەنزۇتىلىدا ئۆتۈش < بىزنىڭ دىيارىمىزدا مۇزىكا ۋە گۈزەل-سەنئەت دەرسىمۇ خەنزۇتىلىدا ئۆتۈلۈشكە باشلىدى>) بارغانسىرى ئومۇملىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقتتا، ھەقىقى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى كەلمەسكە كەتكەنمىدۇ يا؟..................................
    salkin mtv
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 19:41 |
    sardar8877
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8670
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 200
    شۆھرەت: 182 كىشىلىك
    پۇل : 817 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 137 نۇمۇر
    قوللاش: 137 نومۇر
    ئالقىش: 137 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 556(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يوللانمىڭىزغا كوپ تەشەككۇر. uI2YI~8.  
    ساقلىۋىلىپ تەپسىلى كورەي.
    salkin mtv
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-22 20:15 |
    sukut
    يوقالسۇن سۈكۈت
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 32791
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1066
    شۆھرەت: 68 كىشىلىك
    پۇل : 11 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    قوللاش: 15 نومۇر
    ئالقىش: 2 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~مۇنقەرىز~
    توردىكى ۋاقتى : 221(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ساقلۋىلپ ئالدىرماي كۆرەي< يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل>
    salkin mtv
    يوقال سۈكۈت
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-23 01:05 |
    ph110
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1927
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 1082 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: 5 نومۇر
    ئالقىش: 12 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر مىللەتنى ئاسسىلمىلاتسىيە قىلىشتىكى ئەڭ قەبىھ  چارە  دەل شۇ مىللەتنىڭ مائارىپىنى يەنى تىل-يېزىقىنى يۇقىتىشتۇر.   [7GDg*'p]  
    قالغىنىنى دىمەي بولدىلا
    salkin mtv
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-23 04:56 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » ئوبزور- ماقالىلەر
    
    oy muluk