بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار دىققەت
سوخۇ تورىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىلەت تاشلاپ جەلىپكار چولپاننى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى ئەسلى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشماقچى ئىدى،لېكىن بۇنىڭ ئىچىگە نېمە غەرەز يوشۇرۇندى ماڭا نامەلۇم،بۈگۈن يەنە داۋاملىشىۋېتىپتۇ،بۇنىڭغا 1-ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرستىتىدىن قاتناشقان ئۇيغۇر ماھىر ئادىلجاننىڭ 2-ئورۇندىكى رىقابەتچىسى بىلەن بولغان پەرقى ناھايىتى ئاز قالدى،بەلكىم سىزنىڭ بىر تال بېلىتىڭىز ئۇنىڭغا ھالقىلىق ياردەم قىلىپ قېلىشى مۇمىكن،مۇكاپات سوممىسىمۇ 100000يۈەن ئىكەن،ئۇ موشۇ پۇلغا كېسەلچان ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتماقچى ئىكەن،شۇڭا تور ئالدىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ياكى باشقا قېرىنداشلار بۇ ئادېرىس ئارقىلىق تىزىملىتىپ بىلەت تاشلىساڭلار
بىلەت تاشلىغاندا مەلۇم بىر ئىسىمنى تاللاپ كېيىن شۇنىڭ كەينىگە 1،2،3،...دېگەندەك رەقەملەرنى قوشۇپ باشقا ئىسىمدا تىزىملاتسىڭز بولىدۇ،تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ،投票
دېگەن خەتنى تېز-تېز 3-قېتىم چەكسىڭىز ئىككى بىلەت تاشلىنىدۇ ،
بۇ ئىش يالغۇز ئادىلجاننىڭ يالغۇز مۇسابىقىدە يېڭىش-يېڭىلىشى ئەمەس بەلىكى پۈتۈن مىللەتنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك جىدىدىي ئىش بولۇپ قالدى .
شۇڭا بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەربىر توردىشىمىزنىڭ باشقا تورداشلارغا يوللاپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
تىزىملىتىش ئادېرىسى :
http://club.sohu.com/reg_sohu.php?back=1بىلەت تاشلاش ئادېرىسى :
http://vip.club.sohu.com/mlxs/list_s2.php?page=1بۇ تېمىغا تولۇقلىما :
بۈگۈن مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،بىلەت تاشلاش ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئۇزارتىپتۇ،نېمە سەۋەبتىن ئۇزارتقانلىقىنى ئۇلار گەرچە قىشلىق تەتىل سەۋەبىگە تاقىغان بولسىمۇ،لىكىن ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بەلىكىم سىزمۇ بىلىپ بولغانسىز،شۇڭا ھەربىر تورداش بۈگۈنكى قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىپ قويماي،3-ئاي 15-كۈنىگىچە ۋاقتىمىز بولسىلا بىلەت تاشلاپ قويساق.
ئاخىرىقى غەلبە چوقۇم ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ بولغۇسى ،ئىنشائاللاھ !
يەنىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بىلەت تاشلىشىغا قۇلايلىق بولۇشنى نەزەردە تۇتۇپ،تۆۋەندىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش قوشۇمچە قىلىپ يوللاندى.(بۇنى سىرلىق دالا بۇرۇن يوللىغان تېمىدىن پايدىلىنىپ ئالدىم )
تىزىملىتىش ئادېرىسىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
ئاشۇ ئورۇنلارنى خالىغانچە توشقۇزسىڭىز بولىدۇ يەنى ئىسىم توشقۇزغاندا،مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسىلا، ئاشۇ ئىسىمنى مائۇستا كۆچۈرۈۋېلىپ، پارول، ۋە باشقا بوش ئورۇنلارغا شۇنى چاپلىسىڭىز بولىۋىرىدۇ. ھەر خىل خەتلەردە توشقۇزۇش ھاجەتسىز.(لېكىن،ئىسىملىكنى توشقۇزغاندا،ماڭا ئوخشاش توشقۇزۇۋالماڭ.ئوخشاش ئىسىملىكلەر رەت قىلىنىدۇ)
تۆۋەندىكى رەسىمدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
كېيىن چىققان كۆزنەكتىن 以后再填 نى تاللىسىڭىز بىر باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز.
كېيىن ئەگەر بىلەت تاشلاش كۆزنىكى چىقسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
投票 دېگەن خەتنى تېز-تېز 3قېتىم چەكسىڭىز بىرلا قېتىمدا ئىككى دانە بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ.بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز-تېز5~6قېتىم چېكىۋەتسە ئۈچ تۆت دانە بىلەتنى بىرلا تاشلىغىلى بولغۇدەك.
ئەگەر بۇ كۆزنەك چىقمىسا،تۆۋەندىكى بىلەت تاشلاش ئادېرىسىغا كىرىپ بىلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
http://vip.club.sohu.com/mlxs/list_s2.php[ بۇ يازماtawpikتەرپىدىن2009-02-23 15:28دە قايتا تەھ ]