تۆۋەندىكى مەزمۇنلار تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى (ت ر ت رادىئوسى ) ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە سەلكىن مۇنبىرىدىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياخشىمۇ سىز؟
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ھەر خىل تۈرلەر بويىچە ئۆتكۈزىدىغان ئايلىق ۋە يىللىق مۇسابىقىلىرى بار بولۇپ، بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:
ئايلىق مۇسابىقە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى تەرىپىدىن ھەر ئاي ئۆزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايلىق مۇسابىقە سۇئالى بار. بۇ سوئالنى ۋە سوئالدىن كېيىنلا بېرىلگەن ئۈچ جاۋاب ئىچىدىن توغرا بولغان بىر جاۋابنى تاللاپ، تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ ئادرېسىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ. جاۋابىڭىزنى يوللىغاندا، ئىسمىڭىز ۋە ئادرېسىڭىزنى توغرا يېزىپ يوللاشنى ئۇنتۇماڭ. چۈنكى، ھەر ئاي مۇسابىقىگە قاتناشقان كىشىلەر ئىچىدىن چەك تاشلاش ئارقىلىق تاللانغان ئۈچ كىشىگە تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى تەرىپىدىن ھەدىيە ئەۋەتىلىدۇ.
يىللىق مۇسابىقە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ يىللىق مۇسابىقىسىنىڭ مۇئەييەن سوئالى يوق. تەلەپ قىلىنىدىغىنى رادىئونىڭ پروگراممىلىرى ھەققىدە ياكى تۈركىيە ھەققىدە يېزىلغان ئۈچ بەت ئەتراپىدىكى بىرەر پارچە ماقالە يېزىشتىن ئىبارەت. يوللانغان ماقالىلەر (تۈركىيە ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بولسىمۇ بولىدۇ) ئىچىدىن تاللانغان بىر پارچە ماقالىنىڭ ئاپتۇرى رادىئومىزنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە پۈتۈن خىراجەتلىرىنى رادىئو ئۈستىگە ئالغان ھالدا تۈركىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ. بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ قولىدا پاسپورتىنىڭ بار يوقلىقىنى يېزىپ قويۇشىمۇ مۇھىم.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:
uygur@trt.net.tr
Tel: 0090 312 463 33 78
تور بەت ئادرېسى:
ھۆرمەت بىلەن، ت ر ت رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى