مەزكۇر ئەسەرگە ئاددىي باھا )rjyEiX
(0\rnl2}
fKP
Q8
تەھرىرلەپ تولۇق يىزىلىپ بولغاندىكى نۇسخىسىنى ،يەنى پۈتۈن ئەسەرنى ئوقۇپ بولدۇم ! #Sbdg3
J0tsGxLD0
پاھ ! ھەقىقەتەن ئىسىل يارىتىلغان نادىر ئەسەركەن ! يىڭىچە ئۇسلۇب ! كۆرىنىش ،ۋەقەلىك ئايرىپ يىزىلىپ ، لىرىك تىللار ، رومانتىك ھەم ئىنچىكە ھىسىيات گەۋدىلەندۈرۈلگەن تەسىرلىك مۇھەببەت پوۋىسىتى ئىكەن ! يىزىلىش جەھەتتە ، ئىنچىكە ھەرىكەت تەسۋىرى، جانلىق ،ھىسىياتلىق دىئالوگلار ، ئۇقۇملۇق ، چۈشىنىشلىك ، تەپسىلىي بايانلار بىلەن ، ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى ، بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇپ ، كىتابخانلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاپ ، ئوقۇغان كىشىگە ھەقىقەتەن بەدىئىي زوق بىرىپ ، تۇرمۇشنىڭ يەنە بىر مۇرەككەپ كارتىنسىنى كۆرسىتىپ ، رېئاللىقتىكى ئادەملەرنىڭ مۇھتاجىنى، مۇرەككەپلىكىنى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپتۇ . Df9~ X
ئەسەردە <مۇھەببەت>نىڭ ئوقۇتقۇچىلىق جەريانىدا ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، ھەمدە <مۇھەببەت قىز> بىلەن بولغان تونۇشۇش ، مۇھەببەتلىشىش جەريانىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ئويبىكتى قىلىپ ، <مۇھەببەت>نىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ، سۈرىيە بىلەن بولغان مۇھەببەت تارىخى ،<سۈرىيە> نىڭ كىينكى تۇرمۇشى ئارقا كۆرىنىش قىلىپ تەسۋىرلەپ بىرىلگەن ، <مۇھەببەت>نىڭ <سۈرىيە>گە بولغان ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى ، ئاقكۆڭۈللىكى <سۈرىيە> تەرىپىدىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ، ئۇلۇغ ئارزۇ -ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ خاتا ھالدا ھىسىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ، ئاخىرىدا «ئەيدىز» ناملىق بۇ داۋاسى يوق نىجىس كىسەلگە بىراقلا گىرىپتار بولۇپ ، ئۆلۈم يولى ئارقىلىق ھەممىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقى بايان قىلىنىپ ، ئىچىنىشلىق تىراگىدىيە ئارقىلىق ئەسەرگە خاتىمە بەرگەن . [h^t)\^~
ئەسەرنىڭ باش ئىدىيسى (مىنىڭ شەخسەن ئويلىغانلىرىم) ، ياشلاردىكى پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئىشىنىپ ، پۇلنىڭ قىزىقتۇرىشى ئارقىسىدا يامان يوللارغا كىرىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ، ئاخىرىدا قۇتۇلدۇرغۇسىز ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىشى ، مۇھەببەت يولىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەر ، توسقۇنلار ۋە ئامىللار سەۋەبلىك ، مۇھەببەت شىرنىسىگە داخىل بولماي تۇرۇپلا بەختسىزلىككە يولۇقۇشى ،بۇنىڭ ئارىسىدا ، ھىسىياتنىڭ قۇربانى بولۇپ ، «چەكلەنگەن مىۋە »نى بالدۇر ئىستىمال قىلىپ قويۇپ ، ئاخىرىدا پۈتمەس پۇشايمانغا قىلىشى ، شۇنداقلا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى غەرىزى ، ئىنتىلى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىشىدەك سەلبىي ھادىسىلەر يورۇتۇپ بىرىلىپ ، ياشلارغا مۇھەببەت يولىدىكى «قىزىل سىگىنال» نى ياندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت جەريانىغا قارىتا توغرا ئاڭ-قاراش شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن . vEW3@
Um^t4
دوستۇمىزنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل ،نادىر ئەسەرنى بىزگە سۇنغىنىغا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈر ! دوستۇمىزغا ئەڭ ئالىي ھۈرمىتىمنى ، ۋە سالىمىمنى يوللايمەن ! ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە ، تور ئەدەبىيتىگە تىخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە تىلەكداشمەن ! رەھمەت ! ]{<*t5
&_/
Fp}_
&DP} ^. I,
( سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى ، ھازىرچە مۇشۇنداق ئاددىي باھا بىلەن كۆڭلۈمنى ئىزھار ئەيلىدىم ، چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ) !j>"yjPB,R
~Kc&'nVSbb
!n|1$](L
ھېسلىرىمدىن
[ بۇ يازماھېسلىرىمتەرپىدىن2009-02-20 15:21دە قايتا ت ]