»
سىز تېخى كىرمىدىڭىز
كىرىش
تىزىملىتىش
|
مۇلازىمەتلەر
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
كىيىم دۇكىنى
|
ياردەم
|
ۋەزىپە سېستىمىسى
|
ياردەم
مۇلازىمەتلەر
بانكا
دوستلۇق توپى
مىدال مەركىزى
قورال مەركىزى
نازارەت ئورنى
ئىسىم لايھىلەش
ئويۇن كۇلۇبى
ئۇسلۇپ
wind
قىسقا ئۇچۇر
قۇبۇل ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئىز قوغلاش
يېڭى ئۇچۇر يېزىش
تىزگىن تاختا
باش بەت
ماتىرىيال تەھرىرلەش
ماتىرىيال كۆرۈش
دوستلار قاتارى
ھوقوق كۆرۈش
سودا پۇلى باشقۇرۇش
سودا پۇلى باشقۇرۇش
نۇمۇر ئالماشتۇرۇش
ئەزا گۇرۇپىسى سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتىستىكا
ئاساسىي سىتاتىستىكا
IP سىتاتىستىكىسى
باشقۇرغۇچىلار
باشقۇرۇش ئەھۋالى
توردىكىلەر
ئەزا دەرىجىسى
سەھىپە دەرىجىسى
يازما دەرىجىسى
سەلكىن مۇنبىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەر
ھىكايە - پوۋسىتلار
ئىنساپ دېگەن نېمە؟
«
1
2
»
Pages: 1/2 Go
IE دا ساقلىۋېلىش
|
باش بەت قىلىش
|
تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
|
ئالدىنقى تېما
|
كىيىنكى تېما
بۇ تېما 3178 قېتىم كۆرۈلدى
ئالتۇن
گاداي
دەرىجىسى :
باشقۇرغۇچى
UID نۇمۇرى : 6553
نادىر تېما :
4
يازما سانى :
2215
شۆھرەت:
6461 كىشىلىك
پۇل :
1055193911 سوم
تۆھپە:
1320 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
1444 نۇمۇر
قوللاش:
1431 نومۇر
ئالقىش:
3087 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
ئوت يۇرتى.
توردىكى ۋاقتى : 2623(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنساپ دېگەن نېمە؟
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى باغۋەن نادىرلىدى .(2009-02-17)
بوۋامنىڭ ھېكايەتلېرى
بەزىدە بوۋامغا قاراپ توۋا دەپمۇ قالىمەن.تۈزۈك ساۋادى چىقمىغان ئادەم ھېكايە دېگەننى ئالامەت سۆزلەيتتى.ئەلۋەتتە چوڭلار ھېكايە سۆزلەشكە بەك ئۇستا.ئەمما بوۋامدەك ھىكايە سۆزلەيدىغان ئادەمدىن بىزنىڭ يېزىدىن پەقەت بىرسىلا بار.شۇڭلاشقىمىكىن ئىچى پۇشۇپ قالغان قالغان چوڭلار،نامازدىن يېنىپ مەسچىت ئالدىدا بىر پاراڭغا چۈشسە شۇ پاراڭ بىلەن يەنە بىر نامازنى ئۇلايتتى.بوۋام مەسچىتتىن باشقا جامائەتتىن كېيىنراق چىقاتتى.چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەپ ئۇزاق دۇئا قىلىدۇ.بالدۇر چىققان جامائەت بولسا تۆت-بەشەيلەن يىغىلىپ بۇرۇنقى ئىشلاردىن سۆزلەپ كېلىپ گېپىنى ئېراق،پەلەستىن،ئامىرىكىغا ئۇلاپ بولاتتى.ھەيران قالماڭ،سىز بىز مەملىكەت خەۋىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەرنى كۆرمىگەن بىلەن چوڭلار بەزىلېرى تېلۋىزور كۆرۈپ،يا بولمىسا ھېجىلەپ گېزىت ئوقۇپ بولسىمۇ بۇنداق خەۋەرلەرنى بىلىۋالاتتى دە،پاراڭغا چۈشكەندە قېتىپ-قوشۇپ بىلگىنىنى سۆزلەيتتى.بەزى كىشىلەر ناماز ئوقىمىسىمۇ شۇپاراڭلارغا مەھلىيا بولۇپ،جامائەت نامازدىن چۈشكىچە مەسچىت ئالدىدىكى يەرگە كېلىپ بولاتتى.مەسچىتنىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ بۇ پاراڭلار شۇنداق ئۇزۇنغا سوزىلسىمۇ ئىس-تۈتەكسىز پاراڭ بولاتتى.مەنمۇ كۆپ ھاللاردا مەسچىتنىڭ ئالدىغا جامائەتتىن بۇرۇن ئوينىغان بولۇپ ئۈنۈپ بولاتتىم.جامائەت نامازدىن چىقىشى ھامان يېنىغا بېرىۋالاتتىم.ئەمما گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىمەن.چۈنكى كىچىك بالىدە.گەرچە چوڭلارنىڭ دېگەن گەپلېرى مەن ئوقىغان گىزىتتىكىدەك تەپسىلىي بولمىسىمۇ ئەمما چوڭ ئىشلانى يەنىلا ئوخشاش سۆزلەيتتى.چوڭلار پارىڭىنى بىريەرگە ئۇلاپ بولغاندا بوۋام ئالدىرىماي چىقاتتى دە،توپقا قوشۇلۇپ ئولتۇراتتى.باشقىلار بوۋام چىققان ھامان پارىڭىنى توختىتىپ بوۋامغا قارايتتى يۇ،بوۋامدىن گەپ چىقمىغاندىن كېيىن يەنە باشقا پاراڭغا چۈشەتتى.بوۋام بولسا كېلىپلا پاراڭغا چۈشمەستىن ئاۋۋال نېمە تېمىدا پاراڭ بولىنىۋاتقانلىقىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى،ئاندىن پاراڭ تېمىسىغا ئائىت ھىكايە ھەققىدە باش قاتۇرۇپ بولۇپ،ئاندىن ئالدىرىماي سۆزلەيتتى.
ـ ئۈلۈشكۈن دەپ گەپ باشلىدى بىر ئۆمۈر تۆمۈر بىلەن ھەپىلەشكەن ھېزىم تۆمۈرچى،ئېشىكىمگە نا قاقتۇرغىلى(يەنى ئات-ئېشەكلەرنىڭ پۇتىغا تۆمۈردىن قىلىنىدىغان تاقا)ئاپىرىپ قارىسام ئەخمەت باركەن،شۇنۇڭغا قاقتۇرۇپ كېلىپ،تۆنۆگۈن بىركۈن ماڭغان ئېشىكىمنىڭ پۇتى بۈگۈن قارىسام قاناپ كېتىپتۇ،بىچچارە يەرگە تۈزۈك دەسسەپمۇ تۇرالمايدۇ.بۈگۈنكى ھۈنەرۋەنلەرگە ئىنساپ تىلىمىسەك بىكار بولۇپ كېتىپتۇ.ھەممىسى پۇل،پۇل دەپلا ئىشلەيدىكەن،ئاستا قاراپراق قاق دەپ تۇرسام يەنە قىڭغىر قېقىپ قويۇپتۇ تاقىنى.
ـ ئىنساپ؟ بۇزادى قانداق نېمە؟ سۆز باشلىدى بوۋام ـ ئىنسان پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئىنساپ،ئىنساپ دەپلا كېلىۋاتىمىز،ئەمما ئىنساپنىڭ زادى قانداق ئۇقۇملىقىنى بىز نېمىشقىمۇ ھازىرغىچە چۈشەنمەيدىغانمىز؟
مەن ئا كۈنى بىر كىتاپ كۆرسەم ئۇنۇڭدا مۇنداق بىر ھىكايە باركەن:بۇرۇن بىر دېڭىزغا يېقىن بىر مەملىكەتتە بىر تۆمۈرچى بار بولۇپ،ئۇنۇڭ سوققان تۆمۈرلېرى ھەممىدىن مۇستەھكەم ئىكەن.ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغاچقا ھەم ئاغزىدا گېپى بولمىغاچقا سودىسى تۈزۈك يۈرۈشمەيدىكەن.تاپقان پۇلى بولسا ئاران-ئارانلا ئۆيىنى باقالايدىكەن.باشقىلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ سەن بەك يوۋاش دەپتۇ،ئەمما ئۇ بۇنۇڭغا قىلچىلىك پىسەنت قىلماي،كۆرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلىپ،تۆمۈرنى بۇرۇن قانداق سوققان بولسا يەنىلا شۇنداق سوقىۋېرىپتۇ.بىر قېتىم ئۇ سوققان پاخوتقا ئىشلىتىغان يوغان تۆمۈر زەنجىر بىر پاراخوتقا ئاساسىي زەنجىر قىلىپ ئىشلىتلىپتۇ.ئەمما شۇنچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا بۇ زەنجىرنى رەسمىي ئىشلىتىدىغان پۇرسەت چىقماپتۇ.بىر كۈنى تۇيۇقسىز بۇ پاراخۇت دېڭىزدا بوراندا قاپتۇ،پاراخوتتىكىلەر نەچچە زەنجىرنى سۇغا تاشلاپ بېقىپتۇ،ئەمما بۇ زەنجىرلەر خۇددى قەغەزدىن ياسالغاندەك بوراندا ھەرقاياقلارغا ئۇچۇپ كېتىدىكەن.يەنە ئامال قىلمىغاندا بوران پاراخوتنى خادا تاشقا ئاپىرىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدىكەن،بۇ چاغدا قېرى پاراخۇت باشلىقى ھېلىقى ئاساسىي زەنجىرنى ئېسىگە ئېلىپ،دەرھال ئۇ زەنجىرنى سۇغا تاشلاشنى بۇيرۇپتۇ.پۈتۈن پاراخوتتىكى نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە پاراخوتتىكى يۈكلەر مۇشۇ زەنجىرگە قاراشلىق قاپتۇ.زەنجىر سۇغا تاشلانغاندىن كېيىن خۇددى دېڭىزدىكى قاتتىق تاشلاردەك مەزمۇت ھالدا پاراخوتنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.بوران ئۆتۈپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پاراخوتتىكىلەر خۇشاللىق ھەم تەسىرلەنگىنىدىن يىغلىۋېتىپتۇ. مانا بۇ ئىنساپ.ئويلاپ بېقىڭلار! شۇ زەنجىر بولمىغان بولسا نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ھاياتى بوراندا نابۇت بولاتتى.ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ قانچىلىك ساۋاپلارنى بۇ كىشىگە بەرگەنلىكىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ.بىز دەيمىز بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزسا جەننەتكە كىرىدۇ دەپ.تۇرمۇشتىكى شۇنچىلىك كىچىك ئىشلارنى ئىنسابىمىز بىلەن قىلساق ھەرگىزمۇ بىزنى يولدىن ئاداشتۇرمايدۇ.
ـ ھېزىماخۇن دېگەندەك ئېشەك گەرچە ھارام بولسىمۇ ئۇنۇڭغا ئارتۇقچە ئازار بېرىش بىزنى بەزىدە دوۋزاققا باشلايدۇـ بىر چىنە ئاچچىق دەملەنگەن چاينى ئىچىپ بولغان بوۋام گېپىنى داۋاملاشتۇردى.مەسىلەن ئېلىپ ئېيتايلۇق،بىر ئادەم شۇنداق ئوۋ ئوۋلاشقا ھەۋەس قىلىدىكەن،ھەرقېتىم بىكار بولسىلا باشقا جايلارغا ساياھەتكە چىققاچ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىدىكەن.بىزيىلى بۇ كىشى نەۋرە ئۇكىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنى ئەگشتۈرۈپ بىر ئىپتىدائىي ئورمانلىققا ئوۋ ئوۋلاشقا كەپتۇ.بۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىق ناھايىتى چوڭ بولۇپ،ئادەتتە كىشىلەر بۇ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرمەي،ئازراق كىرىپلا ئوۋ ئوۋلاپ يىنىپ چىقىدىكەن.بۇ ئاكا-ئۇكىمۇ ئورمانلىققا ئازراق كىرىپلا شۇ يەرگە چىدىر تىكىپ جايلىشىپتۇ.يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىشكە پېتىنالماپتۇ.چۈنكى بۇ ئورماندا دائىم يولۋاس،بۆرە قاتارلىق يىرىتقۇچ ھايۋانلار پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.بۇلار ئىككى كۈن تۇرۇپ ھېچنىمە ئوۋلىيالماپتۇ.ئۈچۈنچى كۈنى ئەتتىگەندە بىر تاغ توخوسىنى ئوۋقىلىپتۇ.بۇلار توخۇنى تازىلاۋاتسا نېرىراقتا بىر ياۋاتوشقان قاراپ تۇرغۇدەك،شۇنۇڭ بىلەن دەرھال مىلتىقى ئېلىپ ياۋاتوشقاننى قوغلاپتۇ.قوغلا-قوغلا بولماي ئاخىرى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بۇ ئاكا-ئۇكا شۇنچە ماڭسىمۇ چىدىرىغا يېتىپ كېلەلمەپتۇ.ئاخىرى ھېس قىپتۇكى يولدىن ئاداشقانىكەن.كومپاسنىمۇ چىدىرىدا ئۇنتۇپ قاللغان بولۇپ توشقاننى قوغلاپ ماڭغاندا پەقەت بىر سومكىلىنىلا ئېسىپ ماڭغانىكەن.شۇنۇڭ بىلەن بۇلار سومكىسى ئاختۇرۇپ ئېلىۋالغان ئىككى بوتۇلكا سۇنى تېپىپتۇ ۋە شۇنۇڭ بىلەن ئىككى كۈن مېڭىپتۇ،ئەمما بۇ ئورماننىڭ ھېچلا بىر بېشى چىقىدىغاندەك ئەمەس.شۇنۇڭ بىلەن ئۈچۈنچى كۈنى بۇلار سەھەر تۇرپ،قۇياشتىن جەنۇپنى پەرىق ئېتىپ،جەنۇپقا قاراپ مېڭىپتۇ.چۈنكى نىشان ئوچۇك بولمىسا بۇ ئورماندا ئۇلارنىڭ قالغىنى قالغان ئىكەن.ئۇلار ماڭا-ماڭا سۈيىمۇ ناھايىتى ئاز قاپتۇ،بۇ چاغدا دەرەخ تۈۋىدە يىقىلىپ قالغان بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپتۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئاكىسى ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا ئىنىسى ئۇنى توختىتىپ تۇرۇپ:
ـ سەن سۇنى بۇ كىشىگە بەرسەڭ بىز قانداق قىلىمىز؟ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ ئادەم ياخشى ئادەممۇ ياكى ئەسكى ئادەممۇ بىلگىلى بولمايدۇ،سەن دېھقان بىلەن يىلاننىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ ئەگەر بىز بۇئادەمنى قۇتقۇزىۋالساق بىزنى ئۆلتۈۋەتسىچۇ؟ شۇڭا ياخشىسى مېڭىۋېرەيلى دەپتۇ.
ئاكىسى ئويلاپ باقسا ئىنىسىنىڭ گېپىمۇ توغرا.شۇنۇڭ بىلەن بوۋاينى يەنە جايىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ،ئىنىسى بىلەن مېڭىپتۇ،مېڭىپتۇيۇ قەدىمى بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىپتۇ.ئىنىسى چۈشەنمەي بېشىنى بۇراپ قارىغىنىدا ئاكىسى:
-مەن ھەرقانچە خىيال قىلساممۇ يەنىلا شۇ بوۋاينى قۇتقۇزمىسام بولمىغۇدەك،بولمىسا بۇ ئورماندىن چىقىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ مېنىڭ ۋىجدانىم مېنى بىر ئۆمۈر ئازاپلايدۇ.
-ئەمىسە ئۆزۈڭ بېرىپ قۇتقۇز،مەن سۈيۈمنى ئېلىپ كېتىۋېرەي.مېنىڭ بىكاردىن-بىكارلا جېنىمنى سەپ بەرگىم يوق دەپ ئاكىسىغا قاراپمۇ قويماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ.
ئاكىسى كەينىگە قايتىپ ھېلىقى بوۋاي بار جاينى ئىزدەپ تېپىپ ئۇ بوۋايغا قۇتىسىدىكى سۇنى ئىچكۈزۈپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ.بوۋاي ھوشىغا كېلىپ بۇ بالىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ.بۇ بالىنىڭ بىر جاننى قۇتقۇزغانلىقى دېمەي تۇرايلى،بۇ بوۋاينىڭ دىيىشىچە ئۆزى بۇ ئورماندا كومپاس ئىشلەتمەي ماڭالايدىغان بىردىنبىر ئادەم ئىكەن.بۇ ئورماننىڭ ھەربىر تۈپ گىياسى بۇ بوۋايغا تونۇش بولۇپ،ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ۋە جۇغراپىيىۋى تەكشۈرۈش ئەترەتلېرىگە يول باشلىغانىكەن.شۇنۇڭ بىلەن بۇ بوۋاي بۇ يىگىتنى باشلاپ ئورماندىن ئەچىقىپ قويۇپتۇ.ئەمما بۇ يىگىت شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نەۋرە ئىنىسىنى ئۇچرىتىپ باقماپتۇ.
مانا قاراڭلار!ھەرقانداق كىشى ئىنساپ ۋە ۋىجدانىنى يوقاتماي،شۇ نى قىبلىنامە قىلىپ يول ماڭىدىكەن،ھەرگىزمۇ يولدىن ئاداشمايدۇ.ھازىر بىزدە ئىنساپ قالمىغىلى تۇرىۋاتىدۇ.ئىنساپ دېگەن خىلمۇخىل بولىدۇ.نېمىشقا؟ چۈنكى ئادەملەر ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىدىغان ئىنساپمۇ ھەرخىل بولىدۇ.ھەممە كىشى ئۆز خىلى ۋە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىنساپنى ھەرخىل يوللار،تۈرلۈك-تۈمەن ئۇسۇللار ئارقىلىق قىلىدۇ.مەسىلەن ئېلىپ ئېيتايلۇق سىلەرمۇ ئاڭلىغان ھېيتەم باي دەپ يېزىمىزدىكى بۇرۇن ئۆتكەن بىر باينى.بۇ بايزە ئاڭلىشىمچە شۇنداق سېخىي ئىكەن.پۇل تاپسا ئوندىن ئالتىسىنى كەمبەغەللەرنى قوللاش،مەكتەپ،مەسچىت سېلىش،يول ياساش،كۆۋرۈك سېلىش قاتارلىق ئىشلاغا ئىشلىتىدىكەن.ئەمما تاپقان پۇلىنى شۇنچە ئىشلىتىپ تۇرسىمۇ،يەنىلا كۈندىن-كۈنگە پۇلى كۆپىيىۋېرىدىكەن.بىر كۈنى بۇنۇڭغا ئەقلى يەتمىگەن خوشنىلېرى بايدىن سوراپتۇ:
ـ باي ئاكا!بىز كۆرمۈدۇق ئەمەس،نۇرغۇن ئىشلېرىڭىزنى كۆردۇق،بىزگە بىلدۈرمەيمۇ قىلىۋاتىسىز،بىلدۈرۈپمۇ قىلىۋاتىسىز ياخشى ئىشلارنى،پۇلنى شۇنچىلىك خەجلىسىڭىزمۇ ئازلايدىغاندەك ئەمەس پۇلىڭىز.قانداق ئامال ئىشلىتىۋاتىسىز؟
ھېيتەم باي دەپتۇكى:
-سىلەرمۇ قىززىق كەنسىلەر،مەن پۇل تاپسام توختىماي ئاللانىڭ خەزىنىسىگە توشۇدۇم،ئەمما ئاللاھ بايلىققا موھتاج بولمىغاچقا خەزىنىسىكى بايلىقنى يەنە ماڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار،مېنى مەرد دەيسىلەر مەن جىنىمدا ئاللانىڭ خەزىنىسىگە ھالىمغا چۇشلۇق جىڭلاپ مال-دۇنيا تۆكسەم،مەندەك مىليون ئادەمنىڭ مەرتلىكىگىمۇ سېلىشتۇرغۇلى بولمايدىغان سېخىي زات ئاللاھ ئەلۋەتتە ماڭا تاغار-تاغارلاپ جىڭلىماي مال دۇنيا بېرىدۇ.ئاللاھنىڭ پۈتمەس خەزىنىسىگە مەن ئېرىشكەچكە مانا مۇشۇنداق خەجلىسەممۇ تۈگىمەيدۇ.
خۇلاسە كالام!قېنى ئويلاپ باقايلى،ھازىرقى بايلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ پۇل تاپسا رېستىرامۇ رېستۇران،شەمۇشە ھاراق ئىچىپ ئوينايدۇ.ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھالى نېچۈك دەپ قويمايدۇ.دىققەت قىلدىڭلارمىكى ھەر قېتىم مەسچىتكە كۆمۈر لازىم بولغاندا بايلار نۆۋەتلىشىپ كۆمۈر ئەكىرىدۇ،ئەكىرىدىيۇ ئۆز خوشنىسىنىڭ كۆمۈر ئالالماي قىشتا ئوتۇن قالاپ ئولتۇرغىنىنى بىلسىمۇ پىسەنىت قىلمايدۇ.ئىنساپ بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى بىرخىل ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان ئاجايىپ بىر كۈچلۈك قورال.ئىشىنىمەنكى مەسچىتكە ئۆچۈرەتتە تۇرغاندىن مەسچىتكە بېرىدىغان كۆمۈرنى شۇ كۆمۈر ئالالمايۋاتقان خوشنىلارغا بەرسە ھەممىنى ئادىل ھەم كۆرۈپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ مەسچەتكە بەرگەن نەرسىسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاپ بېرەتتى.نېمىشقا مەكتەپلەرگە شۇنداق ئۆچىرەت بىلەن نەرسە بېرىدىغان ئادەم يوق؟
ئىنساپنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ.ھەممە ئادەمدە ئىنساپ بار.پەقەت بۇ ئىنساپنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك،قانچىلىك ئىشلىتىش،قانداق ئىشلىتىش جەھەتتىنلا ئوخشىماسلىق بار خالاس.كېشىلەردىكى ئىنساپنى نېمە بىلەن ئۆلچەيدۇ؟ئەلۋەتتە..................
بۇ چاغدا ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ھەممەيلەن نامازغا ئالدىراپ قوپۇشتى.
مەنبە:بۇ تېمىدىكى ھىكايىلەر ‹كىچىك ھىكايەتلەردىن چوڭ ھەقىقەتلەرنى چۈشۈنۈش›ناملىق كىتاپتىن ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىنغان.قالغان تەسۋىرلەر ئاساسەن يېزىمىزدىكى شۇ خىلدىكى كۆرۈنۈشلەردىن تاللاپ ئېلىنغان.
[ بۇ يازمائالتۇنتەرپىدىن2009-02-18 21:48دە قايتا تەھ ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل :+1(516134910)
شۆھرەت:+50(ھىجران) نادىر ئەسەر
[color=#FF0000]size=5]كىشى مېنى كىشى دېسەيانچۇقۇمدا كىشمىشىم،
كىشى مېنى كىشى دېمىسە كىشى بېلەن نىمە ئىشىم.[/color]
چوققا
[باش يازما]
ۋاقتى : 2009-02-17 17:37 |
بەرنا214
دەرىجىسى :
يېڭى ئەزا
UID نۇمۇرى : 32660
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
46
شۆھرەت:
1 كىشىلىك
پۇل :
244 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
1 نۇمۇر
قوللاش:
1 نومۇر
ئالقىش:
1 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
رەخمەت تىمىڭىزغا
خىزىر سۈپەت چوڭلىرىمىزنىڭ ئالتۇن بۇيى ئامان بولسون
ھەرقانداق كىشى ئۇچۈن ياش تۆكمە چۈنكى ئۇلار سېنڭ ياش تۆكشىڭگە ئەرمەيدۇ ،ياش تۆكشىڭگە ئەريىدىغان ئادەم سېنى يىغلاتمايدۇ.
چوققا
[1 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 17:46 |
6328
دەرىجىسى :
كۆنگەن ئەزا
UID نۇمۇرى : 28331
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
297
شۆھرەت:
79 كىشىلىك
پۇل :
1037 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
83 نۇمۇر
قوللاش:
81 نومۇر
ئالقىش:
88 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
پال كۆز
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
چۇڭلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرى ، گەپ سۆزلىرى ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق
ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۈزىنى جازالاشتۇر
چوققا
[2 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 18:08 |
ھېسلىرىم
ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
دەرىجىسى :
ئالىي ئەزا
UID نۇمۇرى : 21316
نادىر تېما :
3
يازما سانى :
1273
شۆھرەت:
869 كىشىلىك
پۇل :
834226 سوم
تۆھپە:
6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
480 نۇمۇر
قوللاش:
464 نومۇر
ئالقىش:
499 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنسابنىڭ نىمە ئىكەنلىكى شۇنداق ئاددىي مىساللار ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپتۇ ، دىمىسىمۇ ، ئىنساب بولغانسىرى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى ساپلىشىدۇ ، ئىمانى رۇسلىشىدۇ ، قەدىمى تىزلىشىدۇ ، قولى ئۇزۇرايدۇ .
بايلىق تىلىگىچە ئىنساب تىلە ....
ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟ پەقەت ئۆزۈم.......
چوققا
[3 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 18:19 |
ئاناقۇشئۇۋىسى
نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەل..
دەرىجىسى :
باشقۇرغۇچى
UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما :
12
يازما سانى :
1991
شۆھرەت:
651 كىشىلىك
پۇل :
363776 سوم
تۆھپە:
3182 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
2938 نۇمۇر
قوللاش:
2240 نومۇر
ئالقىش:
4772 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى : 1700(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-28
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنساپ:ئۇ ئىنسان روھىدىكى مۇكەممەللىكنىڭ،سەمىيمىيلىكنىڭ ئەمەللىرىدە چاقنىشى بولسا كىرەك،مەن ئۇنى يارالغۇچىنىڭ ياراتقۇچىغا بوللغان تەستىقى ۋە شۇ ئاساستا تەرتىپلىگەن تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى دەپ چۈشۈنىمەنكەن،ئەڭ مۇكەممەل ئىنساپ ئەشۇ بولسا كىرەك.........
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
پۇل :+50(ھىجران) قايىل
ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!
چوققا
[4 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 18:20 |
خۇما-0999
دەرىجىسى :
سەلكىنداش
UID نۇمۇرى : 16687
نادىر تېما :
1
يازما سانى :
565
شۆھرەت:
258 كىشىلىك
پۇل :
406559 سوم
تۆھپە:
1 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
349 نۇمۇر
قوللاش:
243 نومۇر
ئالقىش:
264 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 263(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
vajap payzi kirixturupsiz rahmat sizgga
ئەي ھاياتنىڭ گۇلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە ،
ئەڭ بۈيۇك پەزىلەت ــ ئىپپەتلىك بولۇشتۇر .
ۋە بىز ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى شەرمىي-ھايادۇر ~~~~~ !
چوققا
[5 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 18:47 |
كۆڭۈلچەك
دەرىجىسى :
يېڭى ئەزا
UID نۇمۇرى : 9288
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
24
شۆھرەت:
12 كىشىلىك
پۇل :
215 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
12 نۇمۇر
قوللاش:
12 نومۇر
ئالقىش:
12 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!<كىچىك ئىشلاردىن چوڭ قائىدىلەرنى چۈشۈنۈش >دىگەن كىتاپتا نۇرغۇن ياخشى ھىكايەتلەر سۆزلىنىدىغان ئوخشىمامدۇ،ھەقىقەتەن ياخشى ھىكايەتنى يوللاپسىز!
يەنە كىلىپ «ئانا قۇشى» ھەدىنىڭ تېمىلىرىنىىلا ئەمەس،ئىنكاسلىرىنى كۆرسىمۇ كىشىگە ئاجايىپ پاساھەتلىك،يىنىك تۇيغۇ بېرىدۇ دىسە..........
خۇدا كىمگە جاھىل خۇي بەرگەن بولسا،زامان ئوقى ئۇنى رەنجىـــتىدۇ.
ئاجىزلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى ئۆز خاراكتىرىدىن،كۈچلۈكلەرنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى كەڭ قورساقلىقىدىن كىلىدۇ.
چوققا
[6 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 18:58 |
utkal
دەرىجىسى :
يېڭى ئەزا
UID نۇمۇرى : 27467
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
4
شۆھرەت:
3 كىشىلىك
پۇل :
16 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
3 نۇمۇر
قوللاش:
3 نومۇر
ئالقىش:
3 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-09
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
مۇشۇنداق كىرىشتۇرۈپ نادىر ئەسەر يېزىشنى ماڭىمۇ ئۈگىتىپ قويمامسەن.
ياخشى يېزىلغان چاچما ماقالىكەن !
چوققا
[7 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 19:10 |
سەۋرې
ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺟﺪﯗﺭ!
دەرىجىسى :
باشقۇرغۇچى
UID نۇمۇرى : 12829
نادىر تېما :
2
يازما سانى :
1467
شۆھرەت:
1832 كىشىلىك
پۇل :
2791 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
1487 نۇمۇر
قوللاش:
1205 نومۇر
ئالقىش:
1626 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1525(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنساپ ھەققەتەن ئىنساننى پاكلاشتۇرىدىغان خىسلەت!..ھەممە خۇشاللىق ئاشۇ ئىنساپ -ھىدايەتتىن كىلىدۇ!.تىمىڭىزغا رەھمەت!.
ئاللاھنى ئويلىسام ئۆزۇمنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغىنىمنى ھىس قىلىمەن !!......
ئۇيغۇرۇم گۈلدۇر گۇيا ، مەن سايرىغان بۇلبۇلگۇيا .
ئۇيغۇرۇم مىسلى كەبى ئاي ، مەن بىر تال يۇلتۇزىمەن.
ئۇيغۇرۇم كۈلگەن قۇياش ، مەن ئۇنىڭ ئاپتاپىمەن.
ئۇيغۇرۇم بولسا ئەگەر ئوت ،مەن ئاڭا پەرۋانىمەن.
..........سەۋرې شىئىرلىرى.................
چوققا
[8 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 20:09 |
ھىجران
شۇنداق بىر كۈننى كۈتىۋاتىمەن..
دەرىجىسى :
ئالىي ئەزا
UID نۇمۇرى : 245
نادىر تېما :
1
يازما سانى :
883
شۆھرەت:
2165 كىشىلىك
پۇل :
683847 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
795 نۇمۇر
قوللاش:
798 نومۇر
ئالقىش:
1012 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
تەبەسسۇم
توردىكى ۋاقتى : 608(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنساپ-كۆپ قىسىم ئادەم ئىنتىلىدىغان لېكىن ئىجرا قىلمايدىغان خىسلەت....
ئۇزۇن بۇپتىكەن نادىر تىماڭلىنى كۆمىگىلى......كۆپ رەھمەت.
چوققا
[9 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 20:19 |
دۇرۇس
دەرىجىسى :
سەلكىنداش
UID نۇمۇرى : 22353
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
1019
شۆھرەت:
831 كىشىلىك
پۇل :
3565 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
713 نۇمۇر
قوللاش:
701 نومۇر
ئالقىش:
743 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 416(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئنساپ !
چوققا
[10 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 20:27 |
شىرىنىم
دەرىجىسى :
كۆنگەن ئەزا
UID نۇمۇرى : 37544
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
622
شۆھرەت:
366 كىشىلىك
پۇل :
2953 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
181 نۇمۇر
قوللاش:
338 نومۇر
ئالقىش:
331 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
بەھرام
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئەڭ ئاددى جاۋاپ ؛.
ئىنساپ _________اللا بەرگەنگە شۈكىرى قانائەت قىلىش ؛
اللاھنىڭ كۈچ قۇدىرتى ھەممدىن ئۇلۇغ !
چوققا
[11 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 21:19 |
گۇلىرەنا
دەرىجىسى :
سەلكىنداش
UID نۇمۇرى : 19160
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
604
شۆھرەت:
-13 كىشىلىك
پۇل :
5739 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
7 نۇمۇر
قوللاش:
-8 نومۇر
ئالقىش:
415 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنساپ----------بىز كىمگە ، ۋە قايسى جەھەتىن بۇلسۇن ئالدى بىلەن ئىنساپ ئاندىن ئىمان تىلەيمىز ئەمەسمۇ .................رەخمەت تىمىڭىزغا
bba6d28b973c340db05e467553ea29f9.gif
چوققا
[12 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-17 22:55 |
شائىرئوغلى
دەرىجىسى :
سەلكىنداش
UID نۇمۇرى : 11695
نادىر تېما :
0
يازما سانى :
1163
شۆھرەت:
994 كىشىلىك
پۇل :
5595 سوم
تۆھپە:
0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
753 نۇمۇر
قوللاش:
717 نومۇر
ئالقىش:
845 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
ئىنساپ ھەممىمىزگە ئاشۇ ئىنساپ تالىق بولسۇن.
anayurtogli@yahoo.co
چوققا
[13 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-18 04:09 |
قارلۇق
دەرىجىسى :
سەلكىنداش
UID نۇمۇرى : 23052
نادىر تېما :
1
يازما سانى :
289
شۆھرەت:
1222 كىشىلىك
پۇل :
2617 سوم
تۆھپە:
100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا:
126 نۇمۇر
قوللاش:
122 نومۇر
ئالقىش:
159 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 547(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى :
كىچىك
نورمال
چوڭ
«كىچىك ھېكايەتلەردىن چوڭ ھەقىقەتلەرنى چۈشۈنۈش»قۇ دەيمەن،كىتاب ئىسمى تازا ياخشى تەرجىمە قىلىنمىدىمۇ قانداق؟
تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
manmu xundak karaxta,amma muapik soz tapalmidim.
چوققا
[14 - قەۋەت]
ۋاقتى : 2009-02-18 10:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى
كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكەش
>> سەلكىن ئاخباراتى
|- دۇنياغا نەزەر
|- دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى
|- مەدەنىيەت - تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
|- پۇتبول دۇنياسى
|- ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
>> سەلكىن ئۇچۇر دۇنياسى
|- ئۆي - مۈلۈك ئۇچۇرلىرى
|- خىزمەت ۋە خىزمەتچى ئۇچۇرلىرى
|- ئىقتىساد– سودا ئۇچۇرلىرى
|- مائارىپ – ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى
>> ئۇنىۋېرسال سەھىپە
|- سىتودېنتلار سەھنىسى
|- كۆڭلۈمدىكى گەپلەر
|- بەس – مۇنازىرىلەر
|- تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى
>> سەلكىن ئەدەبىيات گۈلزارى
|- نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيەت رايۇنى
|- قەلىب ساداسى
|- ئەدەبىي ئەسەرلەر
|- شىئېرلار
|- ھىكايە - پوۋسىتلار
|- ئوبزور- ماقالىلەر
|- نەسىرلەر
|- ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر
|- تېپىشماقلار
|- تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
|- تەرجىمە ئەسەرلەر
|- يۇمۇر-چاخچاقلار
|- ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر
|- شىئېرلار
|- ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى
>> سەلكىن - ئۇيغۇر
|- ئۇيغۇرلار
|- ئۇيغۇر دىيارى
|- ئۇيغۇر شەخسلىرى
|- مۇھەممەدجان خاتىرىسى
|- تاھىرجان تاللانما ماقالىلىرى توپلىمى
>> ئاپتوموبىل دۇنياسى
|- يېڭى تىپلىق ئاپتوموبىللار ئۇچۇرلىرى
|- ھەرخىل ماركىدىكى ئاپتوموبىللار
|- نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرى
>> سەلكىن كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھى
|- كىنو تېلېۋىزىيە دۇنياسى
|- ئىتوتلار
|- كىنو چۈشۈرۈش
|- ناخشا-مۇزىكىلار
|- سۈرەتلىك ناخشىلار
|- Flashكارتونلار
|- ئويۇن چۈشۈرۈش
|- رەسىملەر
>> ساۋات ۋە بىلىملەر خەزىنىسى
|- ئۇيغۇرلاردا تىبابەت
|- بالىلار دۇنياسى
|- پروگىرامما تىلى
|- aspتىلى
|- phpتىلى
|- java,cssرايونى
|- سوئال - جاۋابلار
|- سەلكىن تەلەي يۇلتۇزى
|- ئىلىم – پەن
|- كومپىيۇتېر بىلىملىرى
|- يۇمشاق دىتال
|- قاتتىق دىتال
|- ئىنتىرنېت ۋە تور بىلىملىرى
|- قانۇن ساۋاتلىرى
|- تارىخ سەھنىسى
|- تىبابەت ۋە ساغلاملىق
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- ئاياللار
|- پىسخىكا ۋە سىز
|- تىل ئالتۇن ئاچقۇچ
|- فىلىم ئىشلەش ، كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى
>> سەلكىن تور ئىشخانىسى
|- سەلكىن تورى مۇدىرىيەت ئىشخانىسى
|- يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە كۆرسەتمىلەر
|- سەلكىن فوندى
|- سەلكىن مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار بۆلۈمى
|- سەلكىن چايخانىسى باشقۇرغۇچىلار بۆلۈمى
|- سەلكىن تورى پىكىر ساندۇقى
|- ئەرزىيەت ئىشخانىسى
«
1
2
»
Pages: 1/2 Go
سەلكىن مۇنبىرى
»
ھىكايە - پوۋسىتلار