سۈرەتلىك ناخشىلار SALKIN kino 1
پاڭزا
خوشال كۇلۇپ ياشاڭ تاتلىق قوزام
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 13466
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1166
شۆھرەت: 297 كىشىلىك
پۇل : 6818 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 429 نۇمۇر
قوللاش: 212 نومۇر
ئالقىش: 269 كىشلىك
دوستلۇق توپى: پال كۆز
توردىكى ۋاقتى : 1027(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھـەشـەمـەتـلىك ئـۆيـلـەردىـن ھـەسـرەتـلىك ئـويـلارغا

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى دوستۇم نادىرلىدى .(2009-02-16)
}@Z1I{;W  
wa0QVOi  
G25[ r S:  
*:kD}H  
ھـەشـەمـەتـلىك ئـۆيـلـەردىـن ھـەسـرەتـلىك ئـويـلارغا  HCfROK  
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ YC1U\T8z  
Iu/RmBf  
aq'l`D2P  
كۆكتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، ھەممىگە شاھىد ئاسمان - زېمىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئەمما تەرەققىيات چۆچەكلەردىكى «جاھاننەما ئەينەك»، «ئۇچار گىلەم» دەك نۇرغۇن ئاجايىباتنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. توپىدىن ئۈنۈپ چىققان ئىنسان ئۆز قىياسىدىكى سائادەتنىڭ زېمىندا چاقنىغان شولىلىرىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ شولىلار بەزىلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئېتىقاد ۋە مەرىپەت ئىدى؛ بەزىلەر ئۈچۈن مال - دۇنيا ۋە مەئىشەت ئىدى؛ يەنە بەزىلەر ئۈچۈن خۇددى كۆلەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنسەپ ۋە شان - شۆھرەت ئىدى. كرىزىس ۋە خىرىس چۇقانلىرىغا تولغان يەر شارىنىڭ روھىمىزدەك تىمتاس بۇ بۇلۇڭىدا بىز بۈگۈن قاياققا قاراپ كېتىۋاتىمىز؟ ohVdDpHmb2  
H{3Br!$   
تېلېۋىزورنى ئاچتىم. مەدەنىيەت نامىدىكى ئايرىمخانىلاردا ئىچىملىك، چېكىملىك كەيپىدىن ئېگىز  - پەس سەكرىشىۋاتقان قارا كۆز، قارا چاچلار بىردىنلا ماڭا ئوت ئىچىدىكى يالىڭاچ ئەر - ئاياللار توپىدەك كۆرإنۈپ كەتتى. يۈإرىكىم ئاغقان ھالدا دەرىزىنى ئاچتىم. كېچە ئاسمىنىدا جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار ماڭا سانسىز كۆزلەردەك بىلىنىپ كەتتى. ئىنسان نەدىن كەلدى؟ نەگە كېتىدۇ؟ بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ بولامدۇ؟ ئاقىۋىتى ھامان خۇلاسىلىنىدىغان ئىلاھىي يېشىم ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئەمەسمۇ؟ شۇ تاپتا بىز ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي پادىشاھلىقى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئېرىشكەنلىرىمىز قارشىسىغا قاراپ باقساق، ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى. بىنالار قانچە ئېگىز سېلىنغانسېرى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيلەرنى قانچە ھەشەمەتلىك بېزىگەنسېرى ئىچىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئېسىل كىيىنىش، ئوبدان يېييىش، قانغۇچە ئويناپ - كۈلۈپ راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزى بولغانسېرى ھاياتنىڭ يۈإكسەك مەنىلىرى يوقىلىۋاتىدۇ. گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەتلەر مەرۋايىتتەك چۆكۈإپ، كۆپإۈكتەك ئادەملەر ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەشەمخور شۆھرەتپەرەسلەر، ساختا شۆھرەتنىڭ قەغەز قانىتىدا ئۇچۇۋاتقانلار، پۇچۇق تىيىنغا ئەرزىمەس پايدا - مەنپەئەت، ھارامخور ئەمەل - مەنسەپ كويىدا قاتراپ دۇنياغا تويماي ئۆتىۋاتقانلار ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگۈچى ماغزاپلاردۇر. jSgF8=c   
!32q>>  
ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا دۇنيانى تىترەتكەن مەشھۇر ئىمپېراتور ئىسكەندەر ماكدونىسكىي ئۆلۈم ئالدىدا ۋەزىرلىرىگە شۇنداق نەسىھەت قىپتۇ: &L#.[^2NW  
  - كۆزۈإم يۇمۇلۇپ، جىنازامنى ئېلىپ ماڭغان چېغىڭلاردا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار. .4gteM5Z!  
ھەيران قالغان ۋەزىرلىرى سوراپتۇ: 3IT4ed\zB  
  - نېمىشقا؟ "5>BO R."  
ئىسكەندەر ئېيتىپتۇكى: HMJL6{  
  - كىشىلەر مەندەك شان - شۆھرىتى دۇنياغا تارالغان، ھېسابسىز بايلىققا ئىگە مەشھۇر ئىمپېراتورنىڭ بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول كېتىۋاتقىنىمنى كۆرإۈپ، ئىبرەت ئالسۇن. F~W3u/  
بۈگۈن ماددىي جەھەتتە توققۇزى تەل بولغان ئادەم راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرىإۋېتىپ، بىردىنلا بەختنىڭ ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. چإنكى روھىي نېمەتلەر بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىق ھالدىكى ئادىمىيلىك شەرىپىگە نائىل بولغان ئىنساندا ماددىي تەلپۈنۈش ئۈستۈنلۈإكنى ئىگىلىدى. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ماددىي ئېھتىياجغا بولغان ئېتىبار ۋە بېرىلگەن قىممەت مەنىۋىي زۆرۈإرىيەتتىن ئېشىپ كەتتى. مانا بۇ بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ «يارا ئېغىزى». ئادىمىيلىك قىممەت ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى پۇل مالدىن، يەپ - ئىچىش، ئويناپ كۈلۈشتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇشتىن ئىزدەش، شۆھرەتپەرەسلىك، ھەشەمخورلۇق، ئىسراپخورلۇق، شەكىلۋازلىق ئەنە ئاشۇ «يارا ئېغىزى» دىن سىرغىپ چىققان ئىللەتلەردۇر. راھەتكە ئىنتىلىش - ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى. «ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى جىلغا ئالتۇنى بولسا، ئۈچ جىلغا ئالتۇنۇم بولسىكەن، دەيدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ كۆزىنى توپىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ». ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ئۆز روھىنى ئەسلىي تەبىئىتى بويىچە مەيلىگە قويۇۋېتىشتە ئەمەس، ئېتىقاد ۋە ئالىي پەزىلەتلەر بىلەن يېتەكلەشتە، چېنىقتۇرۇشتا.
`'#(3  
T4b}C  
ھېسسىياتنى ئەمەس غالىبلارچە رىقابەتنى، ئىچ ئاغرىتىشنى ئەمەس رەھىمسىز شاللاشنى ھاياتىي شەرت قىلغان 21 - ئەسىر بىزنىڭ روھىمىزدا قاتتىق سىلكىنىش ۋە ئازابلىق ئويلىنىش پەيدا قىلدى. ئەمما بۇ سىلكىنىش ۋە ئويلىنىش شامال سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەندەك يېنىك دولقۇن ھاسىل قىلدى - يۇ، سەۋەب ۋە يېشىمگە ھامىل يىلتىز تارتالمىدى. پۇل - مەنپەئەت بورىنى ئۇچۇرۇپ، كەمتۈكلىشىپ، يىگىلەپ كېتىۋاتقان ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز بىزدە يېڭىدىن يېڭى كرىزىسلەرنى پەيدا قىلدى. ماھىيەتكە ئەمەس، ھادىسىگە، تاشقى شەكىللەرگە ھەددىدىن ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىش خاھىشى بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە شۇ ئاساستىكى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان كرىزىس. ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزگىلەرنىڭ باھاسىنى ئارتۇق بىلىدىغان ئەخمىقانىلىق شەخسنىڭ ئەقلىي كەمتۈإكلۈكى ۋە روھىي پۈچەكلىكىدىن دېرەك بەرسە، جاۋاھىراتتىن غەپلەتتە قېلىپ، كۆپۈك ئۈچۈن تىرمىشىپ داغدا قېلىۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىدىكى ئىللەتنى كۆرسىتىپ بەردى. ,1D?uZ  
a^iGq"s  
يېقىندا بىر ماتېرىيالدا، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مودا كىيىم - كېچەك ئىستېمال نىسبىتىنى تەكشۈرۈإش ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈإپ قالدىم. مېنى ھەيران قىلغىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە شەخسىي كىرىم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە كەينىدە تۇرىدىغان ئإۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 1 - دەرىجىگە تىزىلغانلىقى، شاڭخەي، بېيجىڭدەك يۇقىرى تەرەققىياتقا ئىگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ خېلىلا كەينىدە تۇرىدىغانلىقى بولدى. كىيىم - كېچەكتىكى بۇ خىل ھاماقەتلەرچە ئىستېمالنى قويۇپ تۇرايلى، ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي 20  - 30 يىللىق يۇقىرى ئۆسۈإملۈإك قەرز ھېسابىغا چوڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ھەممىدە يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش، ھېچقانداق زۆرإرىيىتى بولمىغان تۈإرلۈإك نام  - ئاتاقلاردىكى يىغىلىش - چاي ۋە ئۇلاردىكى ئىسراپچىلىق، چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ، قائىدە  - يوسۇنلىرى كۆپىيىپ، كۆلەم جەھەتتىن يوغىناپ كېتىۋاتقان مەرىكىلەر... ئۆزىمىزنىڭ تايىنلىق ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ئۆزىمىزگە ئايان، بۇلار بىزنىڭ زېھنىمىزنى، ۋاقتىمىزنى، ئىقتىساد ۋە ھاياتىي كۈإچىمىزنى خوراتماقتا. سوراش ھاجەتسىز، مۇشۇنچىۋالا ئىسراپچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ۋە نىشانى نېمە؟ دېگەن سۇئالغا شان  - شۆھرەت ۋە بەخت ئۈچۈن دەپ جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى ماڭا ئايان. ئەمما رېئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇ ھەشەمخورلۇق  - ئىسراپچىلىقلارنىڭ بىزگە ئەكەلگىنى ئابرۇي، بەخت ئەمەس، ئەر  - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تۈإگىمەس جەڭگى - جېدەل، ئازارچىلىق، ئۆچ - ئاداۋەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە تاشتىن قاتتىق مۇھتاجلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق. يەنە شۇنىمۇ كۆرإۈشىمىز كېرەككى، ئەنە شۇ مۇھتاجلىق جىنايەت - رەزىللىك ۋە زور ئاپەتكە ئايلانغان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز كېسىلىدەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تاشقى مەنبەسى بوپقالماقتا. ئادەم بۇ دۇنيادا يەۋالغىنى، ئوينىۋالغىنى بىلەنلا بەختلىك بولامدۇ؟ ھەشەمەتلىك، ياسىداق ئۆيى ۋە ئالىي دەرىجىلىك كىيىم  - كېچەكلىرى بولغانلىقى بىلەن ئابرۇيلۇق ھېسابلىنامدۇ؟ ھەممە نەرسە ئاۋۋال ئىدىيىدىن باشلىنىدۇ، قارىغاندا، بەخت ۋە شان - شۆھرەتكە توغرا تەبىر بېرىش، خىرەلەشكەن، مۈإجمەل ئۇقۇملاردىن قايمۇققان كاللىمىزنى سەگىتىپ، ئىللەتلىرىمىزنى تإۈزەشتىكى مۇھىم ھالقىدەك تۇرىدۇ. ھەقىقەت شۇنداق، ساناقسىز پادىشاھ، باي  - غوجاملارنىڭ ھېسابسىز ئالتۇن - كإۆمۈإشلىرى تارىخنىڭ قۇم  - بورانلىرىدا غايىپ بولدى. ئۇلارنىڭ شان - شەرىپىمۇ بايلىقىغا ئوخشاش نام  - نىشانسىز ئۇچۇپ كەتتى. ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاكا  - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئاتۇش دىيارىدا ياندۇرغان مائارىپ مەشئىلى ئۇلارنىڭ نامىنى تارىخ بەتلىرىدە چاقنىتىپ كەلدى. ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىيدەك ئۆلىما  - ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەل ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيگەن يۈرىكى ۋە ئەجىر  - مېھنىتى خەلق قەلبىگە چېكىلدى. جىسمى قارا تۇپراققا كۆمۈإلگەن ئاشۇ ئولۇغلىرىمىز يەۋالغىنى، كىيىۋالغىنى، ئوينىۋالغىنى ياكى توپلىغان ئالتۇن  - كۈإمۈإشلىرى سەۋەبىدىن ئەمەس، باغرىدا ئۆستۈرگەن ئانا زېمىننىڭ، تۇزىنى يېگەن ئانا خەلقنىڭ ھەققىنى ئالىي ھىممەت بىلەن ئادا قىلغىنى ئۈچۈن، نامى ئۆچمەس ھۆرمەت، شۆھرەت ساھىبقىرانلىرىغا ئايلاندى. مانا بۇ ھەقىقىي بەخت ۋە شان - شۆھرەتتۇر. ZQ&C\[f]\  
m 5/yU  
بىز بۈگۈن باشقا ھېچقانداق بىر دەۋرگە ئوخشىمايدىغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئارزۇ - ئارمانلىرىمىز، غەم - قايغۇمىز، كرىزىس ۋە ۋەھىمىلىرىمىز بىلەن مۆلچەرلىگۈإسىز رىقابەتكە يۈزلىنىۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇكەممەللەشتۈإرۈإشكە تېگىشلىك بىلىم - ساپايىمىز، ئەڭ ئەۋزەل مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بالىلىرىمىز، نامراتلىق - موھتاجلىقتىن بويۇن قىسىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز، دۇنيانىڭ قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر نۇرغۇن كىشىمىز... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىقتىساد كېرەك. ساناپمۇ تإۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ موھتاجلىقلار ئالدىدا ئۆزىنى ئەقىل ئىگىسى ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر تىيىننىمۇ ئورۇنسىز بۇزۇپ - چېچىشى راۋا ئەمەس. چۈنكى ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەللىرى، ۋاقتى، پۇل - مېلى ھەتتا ھەر بىر تىنىقى ئۈچۈنمۇ ھېساب بەرگۈإچىدۇر. بىزدە يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاچقا، ئېچىلىش ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان مائارىپ، مېدىتسىنا، مۇھىت ئاسراش، تەبىئىي پەنلەردەك نۇرغۇن ساھە بار. ھەر يىلى تۈإرلۈإك ھېيىت - بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىنىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكى، سەنئەت پروگراممىلىرى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن سەرپ ئېتىلىۋاتقانلىقى ئەقلى - ھوشى جايىدا ھەر قانداق ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا بىر خەلقتە چوقۇم بىر سەنئەت بولۇشى كېرەك، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى، سەنئەت ھەممە نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ بىزگە نىسبەتەن سەنئەت نۆۋەتتىكى زۆرإرىيەتلەر كإۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. بىز تېخىچە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئىجابىي تەرەپكە سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈإچ ۋە غالىبلارچە ئورۇنغا ئىگە قىلغىنىنى كۆرۈإپ باقمىدۇق. خۇددى مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇشإكۇإر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «خەلقىمىز بۈگۈنكى دۇنياۋى رىقابەتتە ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىسىغا دۇچ كەلگىنى يوق!» (مەسئۇل مۇھەررىردىن). ناۋادا شۇنچىۋالا مەبلەغ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ساھەلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنسا، بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك ئىش بولار ئىدى. BSfyA[!t  
cmzX,;v5 <  
خەلقىمىز ئەزەلدىن ئۆز تارىخىنى شاكىلىنى ئەمەس مېغىزىنى، ھادىسىنى ئەمەس ماھىيەتنى تارازىغا سالىدىغان مۇكەممەل ھايات مىزانلىرى بىلەن بېزەپ كەلگەن. ئاددىي - ساددىيلىق، ئىنساپ - دىيانەت، شەرم - ھايا، سەمىمىيلىك، باتۇرلۇق، ئىقتىسادچىللىق، ۋاپادارلىق، ئۆزئارا مېھىر - مۇھەببەت مانا بۇ خەزىنىدىن تامچىلار. ئەنە ئاشۇ تامچىلاردىن پإتكەن مۇكەممەل كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ئەخلاق، قىممەت ئۆلچەملىرى ئۇيغۇرنى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا، ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلىغان، زامانلار كۈلپىتىدىن، دۈإشمەن ئوقلىرىدىن ئامان قىلغان. ئىقتىسادنىڭ بىر شەخس، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە. sZw4P6}L  
ئۇنىڭسىزمۇ ئەڭ ئالىي غايىمىزدىن ئەڭ ئالىي ئېھتىياجىمىز  ئۈچۈن تىرمىشىش مۇساپىسىدە ھەر قەدەمدە ئۈسۈۋاتقان مىخ، دۇچ كېلىۋاتقان دوقاللار بىزگە ئىقتىسادنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرماقتا. قاياققىلا قارىساق، پۇل تېپىش قىزغىنلىقىدا پىتىراپ يۈرگەن ئادەملەر، دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلاپ باقساق، بىزگە تېخىمۇ كېرىكى، قانداق قىلىپ پۇل تېپىشقا قارىغاندا، تاپقان پۇلنى قانداق قىلىپ جايىدا، دۇرۇس خەجلەش. چۈنكى ئىلكىمىزدىكى چەكلىك ئىقتىسادنى قەيەرگە، قانداق خەجلەش ئۆزىمىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىدۇ، ياكى كىچىكلىتىدۇ.
U[TJJK(Q  
\2`~ge8h  
پەيغەمبەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن : «ھەربىر ئۈإممەتنىڭ تۈرلۈإك سىنىلىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى كەڭتاشا بېرىلگەن مال - دۇنيادۇر. مەن سىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭلاردىن ئەمەس، دۇنيانىڭ راھەت - پاراغەتلىرىگە بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». بۇ دانالارچە بېرىلگەن بىشارەت ماددىي ھەشەمەتچىلىككە چۆكۈإپ، قەلب بوشلۇقلىرىنى نۇر بىلەن تولدۇرۇشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق تىلەيمەن: دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن. (ئامىين!!!) («شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 5 - سانىدىن ئېلىندى)
9u AFN'  
v^Ivt|  
xf ^b\cn  
r}cU"UI  
F]+86 3  
_W"2.Fi  
vQ$^W  
w3JaB,4  
مۇھەممەد سالىھ داموللا _9qrkoG'  
.NmVTHMQ  
oUHn%-M  
   gz/5hDN  
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولسا، ئىككىنچىسى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەق 1000 يىلچە ئۆتكەن. (981- 1981). ئىسلام ھەر مىڭ يىلدا بىر گۈللىنەرمىش. قارىغاندا بۇ گەپمۇ توغرا بولسا كېرەك. تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈڭلار. .c?sn+1  
h&pgsv;`1  
جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2003- يىللىق 3-ساندىن {{qQ%tEB}w  
gY~_I3_ZQ  
ncxAe!8  
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئۇردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى. # 
1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىننى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىددىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى. p33sD\~  
يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋە«قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن )ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى( نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى. ماراكەشنىڭ دىننى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى. c 
شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. jw5eLwe]  
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى. D<  Aj  
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كىيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتىراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. ,\27j>#Sg  
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتوتىدا بەر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيىخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پىروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. <:&>  
«قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. u,+`[!  
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. 3;}J^W)  
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. )ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى مۇسكىۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى(. *^J2i 7  
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «ۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. 1@dI;>r  
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئ.ىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ttUJpr|  
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى». ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى. E2T DJsR  
مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. (?Hlu  
مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى. X I3rW}B  
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. Dx/Z* 2=  
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماترېيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئېگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسىلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى. ]tX|T~i  
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىتىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى. CmFb 
S1B  
WSV9r[mC  
مەنبە :شاھدىيار مۇنبىرى (5`Se 3n{V  
7e5><@mO  
~HA dA B$  
g8X@3_)RG  
M!\.@"js`  
T3)\  
تۆۋەندىكىلەرنى ساقلىۋېىڭ a6> N)i  
m E%z&  
7LcQ _.)V  
^Yz^U#-3  
QqKqbd%  
rI4ojy1;  
i5m`*:h6#  
?DE74(H{o  
o7(zGs7fsM  
dh&= ,~O  
[zMSi{6  
dmD*YFA  
 Vy%k-g  
 f:MvB/k  
>~TBAY+{h  
8c"[T  
q185aW+g/<  
Rggg6Fg~  
3Q )x] Y  
l 126J)}  
!)7%bF|GsI  
o+xv.Vqe  
uR^9-pH!N  
 7a0'i  
iRcfEs\@  
km9"I*  
! ih}lA~=F  
&0/K^{  
`Fi RX3'  
njNYPIpU  
8$\Rv|72  
 _;L(<-  
*D+J+pg-O  
^5.Svt  
[ بۇ يازماپاڭزاتەرپىدىن2009-02-18 00:45دە قايتا تەھر ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاناقۇشئۇۋىسى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-15, 17:12
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+999(خوتەنجان) ئېسىل
  • پۇل :+33(ئىستىغپار)
  • سەلكىننى قەدىرلىشى:+4(ئۇزخان)
  • پۇل :+188(قوزام) قايىل قىلارل ..
  • salkin mtv
    «سىمىز»لەپ كەتتىڭ دەپ مۇنبەردىن چەكلىۋېتىشىدىن  قورقىمەن ھاھاھا ~~~
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-16 00:28 |
    afiyfiy
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27910
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: -17 كىشىلىك
    پۇل : 8734 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 76 نۇمۇر
    قوللاش: 44 نومۇر
    ئالقىش: 93 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ ماقالىنى بۇرۇن ئوقۇپمۇ ھاياجانغا چۆمگەن....
    salkin mtv
    ھەقىقەت دەل مېنىڭ يۈرىكىمدىدۇر!

    «ئەفىيفىي ياغلىق دۇكىنى» سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ! دۇكاندا ماراكەشنىڭ، تۈركىيىنىڭ، ئىتالىيىنىڭ، خاڭجۇنىڭ ياغلىقلىرى سېتىلىدۇ. ئادرېس: ئابلىز سودا سارىيى 1127- دۇكان؛ تېلېفۇن: 13669922322
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 01:22 |
    erk uzun
    arhan1
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34555
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 380
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    پۇل : 1520 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي...................!
    armaninkas4
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 01:27 |
    پاڭزا
    خوشال كۇلۇپ ياشاڭ تاتلىق قوزام
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13466
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1166
    شۆھرەت: 297 كىشىلىك
    پۇل : 6818 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 429 نۇمۇر
    قوللاش: 212 نومۇر
    ئالقىش: 269 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: پال كۆز
    توردىكى ۋاقتى : 1027(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     قوشۇمچە


    [ بۇ يازماپاڭزاتەرپىدىن2009-02-16 01:39دە قايتا تەھر ]
    «سىمىز»لەپ كەتتىڭ دەپ مۇنبەردىن چەكلىۋېتىشىدىن  قورقىمەن ھاھاھا ~~~
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 01:33 |
    جەسۇر1
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 10413
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 562
    شۆھرەت: 574 كىشىلىك
    پۇل : 3827 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 580 نۇمۇر
    قوللاش: 572 نومۇر
    ئالقىش: 625 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 705(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن
    salkin mtv
    ئاللا زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس.
    بارلىقىم ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 01:42 |
    www.nixan.cn
    بابىر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39934
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 233
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 921 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 235(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يزىلىپتۇ مەن خىلى تەسىرلەندىم .
    salkin mtv
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 02:08 |
    www.nixan.cn
    ئالىپتوغرۇل
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 35068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    شۆھرەت: 33 كىشىلىك
    پۇل : 1595 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    قوللاش: -3 نومۇر
    ئالقىش: -15 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قېرىندىشىمىز پاڭزىنىڭ بۇ تېمىنى ئەۋەتكىنىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم!!! ^zU @WO  
    پەقەت ئىسمىڭىزنىڭ <خ> چە ئىسىم ئىكەنلىكىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ پاڭزا~!!!!
    salkin mtv
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 03:37 |
    www.nixan.cn
    شۇكران07
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 31137
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 451
    شۆھرەت: 66 كىشىلىك
    پۇل : 6019 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: -19 نومۇر
    ئالقىش: 8 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 774(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم ،ھازىرقى رىيال تۇرمۇشتىكى كىشلەرنىڭ كۆزقارشىنى ئېنىق يېزىپسىز، توغرا سىز دىگەندەك بىزنىڭ قانداق قىلساق پۇلنى كۆپ تاپارمىز دەيدىغان ئۇيمىز بار ، بىرە قېتىممۇ تاپقان پۇلنى قانداق خەجلەيمەن؟؟؟پۇلنى مەن نىمە ئۈچۈن تاپتىم؟؟؟مۇش تاپقان مالدۇنيانىڭ ھىسابىنى قانداق بىرەرمەن؟؟؟ دەيدىغان خىيال يوق.!!! ئىسراپچىلىق.ھەشەمەتچىلىك،مەنمەنچىلىك،بىر -بىرنى قوغلاپ ئۈتۋاتقان بۇكۈننىڭ ئادەملىرى بىر ئۆمۈر ئۆلمەي ياشايدىغاندەك ھېسياتقا كىلىپ قالدى.!!! بىز چوڭ بىلۋاتقان بۇ ھاياتنىڭ ھامىنى ئاخىرلىشدىغانلىقنى بىزگە ئۇنتۇلدۇرۇپ قويدى.!!! ":l0GD|oF  
    nHm~)\   
    كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ)، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن (دەرىجە جەھەتتە) ئۈستۈن تۇرىدۈ؛ اﷲ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[212]ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، اﷲ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى،(كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛(اﷲ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ[213]سىلەر تېخى ئىلگىركىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن)لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە، ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «اﷲ نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر[214](ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال-مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»[215]
    salkin mtv
    قىزىق قۇچلار جەننەتكە قىزىق سۇن...!!!
    <<زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،بىر -بىرگە ھەقنى، سەبرىنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقا ھەممە ئادەم، چۇقۇم زىيانكارلىق ئىچىدئدۇر.!>>..(سۈرە ئەسىر)
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 10:11 |
    ئاق-ئەتىرگۈل
    Cinderella
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 144
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2130
    شۆھرەت: 236 كىشىلىك
    پۇل : 281506 سوم
    تۆھپە: 127 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1934 نۇمۇر
    قوللاش: 1858 نومۇر
    ئالقىش: 347 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى : 1216(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ بۇ ھەدىمىزنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن!~! n[cLtmcQ.  
    NJmPA1#  
    پاڭزىكا...بۇرۇنقى ئىسىمىڭىزنى ئالماشتۇرۋېلىڭە...ياكى پاڭزا دىگەننى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ بېرەيمۇ؟
    salkin mtv
    ما فى قلبى غير اللە.......
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 10:20 |
    ئىپار0903
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 40029
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 39
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 160 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا  رەخمەت قىلسۇن  بەك  ياخشى  تىمىلار  ئىكەن   مەن  بەك ھاياجانلاندىم  رەخمەت  سىزگە   86H90 !  
    مۇمكىن  بولسا   نەزىرە  مۇھەممھت  سالىھ  بىلەن   ۋە   ئۇنىڭ  ئەسەرلىرى    بىلەن  كوپرەك   يۇز  كۇرۇشتۇرۇپ  تۇرسىڭىز
    salkin mtv
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 10:35 |
    سەۋرې
    ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺟﺪﯗﺭ!
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 12829
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1467
    شۆھرەت: 1832 كىشىلىك
    پۇل : 2791 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1487 نۇمۇر
    قوللاش: 1205 نومۇر
    ئالقىش: 1626 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1525(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىنى بىلگۇچى ئاللاھتۇر!پەقەت ئاللاھ ئۆزى ھەممىگە ئەڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ!!..گۇناھكار قەۋىمگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
    salkin mtv
    ئاللاھنى ئويلىسام ئۆزۇمنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغىنىمنى ھىس قىلىمەن !!......
    ئۇيغۇرۇم گۈلدۇر گۇيا ، مەن  سايرىغان بۇلبۇلگۇيا .
    ئۇيغۇرۇم مىسلى كەبى ئاي ، مەن بىر تال يۇلتۇزىمەن.
    ئۇيغۇرۇم كۈلگەن قۇياش ، مەن ئۇنىڭ ئاپتاپىمەن.
    ئۇيغۇرۇم بولسا ئەگەر ئوت ،مەن ئاڭا پەرۋانىمەن.
          ..........سەۋرې شىئىرلىرى.................
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 11:04 |
    مەرفىيە
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 40369
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 164 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە، ھارمىغايسىز! 
    salkin mtv
    كىشىدە ئالىي ھىممىت بولسا،مۇنداق ھىممەت ئۇنىڭغا بەخت-ئىستىقبالنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 11:27 |
    ئوغۇز-ئوغلى
    ئوزلۇكىمىزنى يۇقاتمايلى!
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13755
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 671
    شۆھرەت: 201 كىشىلىك
    پۇل : 236 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 224 نۇمۇر
    قوللاش: 312 نومۇر
    ئالقىش: 717 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2352(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بودەكچان نەزىرە ھەدىنىڭ يەنە بىر ئسل ئەسىرى بىلەن بىزنى تەڭ بەھىرلەندۇرگىنىڭلىغا تەشەككۇر.....!~
    salkin mtv
    باشقىلارنى ئىگز دەپ بىلىشىڭ،ئەمەلىيەتتە ئوزۇڭنىڭ ئولتۇرۋالغىنىڭدا،شۇڭا ھەر ۋاقىت دەس مەزمۇت تۇر...!~!
    تۇنۇگۇنكى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۇچۇن،ئەتىكى بەخىتكە ئىنتىلىش زورۇر!ئوغۇز-ئوغلى
    ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!

    In the election of a wife,as in project of war,to err but once is to be undone for ever。
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 12:08 |
    ahkaptar
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18246
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 251
    شۆھرەت: 216 كىشىلىك
    پۇل : 896 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 81 نۇمۇر
    قوللاش: 81 نومۇر
    ئالقىش: 81 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 313(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم:
    بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن ، نىمە دىگەن پاساھەتلىك سوز ئىبارىلەر بۇ قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن قىرىندىشىم ............... تەشەككۈر سىزگە.......
    salkin mtv
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 12:37 |
    مۇسھەب
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26173
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 99
    شۆھرەت: 53 كىشىلىك
    پۇل : 133 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
    قوللاش: 48 نومۇر
    ئالقىش: 51 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى مەسىللەرنى ئىنىق ،ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . >wjk\dP>;  
    بۇنداق ياخشى ئەسەر بىلەن بىزنى يۇز كۆرۇشتۇر گىنىڭىزگە  كۆپ رەخمەت!
    salkin mtv
    گۇللەن دىنىم !!!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-16 13:49 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر