ئافغانىستان ۋەزىيىتى قايتا دىققەت قوزغىماقتا 1@^Ek8C
-
SS r
F`0c?)
pzq;vMr
MJ*]fC3/
jD/7/G*
n2d8;B#
;مۇھەررىر بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سۆھبىتى
E8-fW\!F ^'&iYV 0^9:KZ.!
dGsS<@G مۇھەررىر:
ئوبامانىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئىراق ئۇرۇشىغا تۇتقان ئاساسىي پوزىتسىيىسى«بىرىگە كىرىش، بىرىدىن چېكىنىش»يەنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنى كۆپەيتىپ، ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا تۇتقان سىياسىتى توغرىسىدا كونكرېت سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ *:9 >W$0u 8Y\OCwO گۈەن كېجياڭ («خەلق»گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى):
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاچقان تۇنجى دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ئاساسلىقى ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئوباما سايلام رىقابىتىدە: ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 16 ئاي ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق بارلىق ئەسكىرىي كۈچىنى چېكىندۈرىمەن، دېدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراقنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىراق خەلقىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى ئاسان قولغا كەلمىگەن تىنچلىقنى مۇستەھكەملەيدۇ. U.RW4df%E
3zB|!pC6s
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئوباما ئافغانىستاندىكى ئەسكىرىي كۈچىنى كۆپەيتىدۇ، لېكىن ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەرلىك ئىتتىپاقداشلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى پېترىئۇس 20 – يانۋار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيىسى روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ش ئا ئە ت قىسىملىرىغا ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان يېڭى لىنىيە ئېچىپ، پاكىستانغا تايىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 1xO!w+J# U['JFLF مۇھەررىر:
شۋېتسىيە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولىدۇ، باش ۋەزىر فىرېدىرىك رەيىنفېلىت 19 – ۋە 20 – يانۋار تۇيۇقسىز ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى، كونكرېت ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئافغانىستان مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش قىلىپ بىرلىككە كېلەلمەيۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان توغرىسىدىكى سىياسىتى قانداق؟ @%OPy|=,{ x*me'?q لېي دا («خەلق» گېزىتىنىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى):
شۋېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرېدىرىك رەيىنفېلىت 19 – يانۋار مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازارى شەرىف شەھىرىگە بارغان ھەم شۇ يەردە تۇرۇشلۇق شۋېتسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، 20 – يانۋار يەرلىك ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. t/KcXM
"H>r-cyh
بۇلتۇر 11 – ئايدا شۋېتسىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، 2009 – يىلى ئافغانىستانغا 100 چە كوماندىر – جەڭچى ئەۋەتىپ، شۋېتسىيىنىڭ ئۇ يەردىكى ھەربىي كۈچىنى ھازىرقى تەخمىنەن 400 كىشىدىن تەخمىنەن 500 كىشىگە يەتكۈزمەكچى بولدى ھەم شۋېتسىيىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى ھازىرقى 600 كىشىدىن 855 كىشىگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. شۋېتسىيىدىكى بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ 20 – يانۋار ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: فىرېدىرىك رەيىنفېلىتنىڭ ئوباما قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنىنى تاللاپ شۋېتسىيىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىدىن ئوباماغا شۋېتسىيىنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولغان مەزگىلدە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پائال ماسلىشىدۇ، دېگەن ئۇچۇر بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭىنىڭ قاتتىق ئىناۋىتىنى قىلغانلىق ئەلۋەتتە. m7r j>X Y
'y4zBLY
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئوباما سايلام مەزگىلىدە ياۋروپادا زىيارەتتە بولغاندا، ياۋروپا ئەللىرىگە: «ئافغانىستان خەلقى تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتى ئۈستىدىن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ ھەم سىلەرنىڭ ھەربىي قىسىمىڭلارغا موھتاج بولۇۋاتىدۇ»، دېگەن مۇراجىئىتىنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدى. لېكىن شۇ چاغدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ مۇراجىئەتكە ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلە قىلدى، نۇرغۇن دۆلەت ئافغانىستانغا يەنە ئەسكەر ئەۋەتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا ۋەزىيىتى بىر قەدەر تىنچ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسىملىرىنى توقۇنۇش كەسكىن رايونغا يۆتكەشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى. EqD^/(,L2 URYZV8=B~ مۇھەررىر:
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى پېترىئۇس يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى، بۇ ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولۇشى. زىيارىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش. مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىش. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجىدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرىنىڭ يەر شارىدىكى يېڭى بازا تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دەپ قارالغانلىقى سەۋەب بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارىدى؟ K,f* SXM N[qA2+e$Z سۈن لى («خەلق»گېزىتىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى):
پېترىئۇس 14 – يانۋاردىن 19 – يانۋارغىچە قازاقىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى. قازاقىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭلىرى ۋە قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ۋە رايون خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن بىللە ئافغانىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش پېترىئۇسنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكىرىي كۈچىنى مەقسەتلىك كۆپەيتىشىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ «ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش» ۋە «ترانسپورت بازىسى» دەپ قارىلىشى ھەم ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلانغانلىقى سەۋەب بولغان. _urG_~q
ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى روسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى بىر مەيدان بازا تالىشىش«جېڭى»دىن خالىي بولالمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرغىب قىلغان«غەربچە دېموكراتىيە ئەندىزىسى»نى ياقتۇرمىغاچقا، ئامېرىكىنى بىر مەھەل«يەكلىدى»، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىش مۇراجىئىتى ئۈزۈلمىدى. شۇڭا پېترىئۇسنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مەقسىتى بار، دېيىشكە بولىدۇ. J>`v.8y
-$+,]t^GV
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە توشۇشنى كونترول قىلىش. روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى«تەبىئىي گاز تالاش – تارتىشى»دا، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيىسىنىڭ غەرب بازىرىغا روسىيىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەربىي مەۋجۇتلۇق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ دۆلەت تەڭپۇڭلۇقى دىپلوماتىيىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، شۇنداقلا دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداق بولغاندا ئامېرىكىنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ ۋە ئەشيا ياردىمىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، بىر دۆلەتنىڭلا چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنالايدۇ. N'I(P9@
T/[f5?p
مۇھەررىر: ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قانداق ؟ ئافغانىستاندا بۇ يىل زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سايلام ۋەزىيىتىنى قانداق تەھلىل قىلىۋاتىدۇ؟ 5;W\2yj
[6AHaOhR'
مېڭ شياڭلىن («خەلق» گېزىتىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى): 2008 – يىلىدىن بېرى ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە ناچارلاشتى، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى، چەت ئەللەرنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قاتارلىق نىشانلارغا ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋە يول بويىغا بومبا كۆمۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن زەربە بېرىپ تۇردى، ھازىرغا قەدەر 5000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 2000 چە پۇقرا ۋە 294 چەت ئەل ئەسكىرى بار. ھازىر ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ كۈچ تالىبان. ئەنگلىيە«خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات كېڭىشى»بۇلتۇر 12 – ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: تالىبانلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ مۈشكۈل مەزگىلدىن ئۆتۈۋالدى، قايتا باش كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چوڭ. تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى كونترول قىلغان كۆلىمى ۋە تەسىر دائىرىسى 2007 – يىلىدىكى %54 تىن 2008 – يىلى %72 كە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، بازار ۋە كەنتلەرنى ئەمەلىي كونتروللۇقىغا ئېلىپ، پايتەخت كابولغا قىستاپ كېلىۋاتىدۇ . tY/En-&t
sffhPX\I
بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا كەلسەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامما كارزائى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسىدىن دېگەندەك رازى بولمىغان بولسىمۇ، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تەسىر كۈچى تېخىمۇ چوڭ ئەرباب تاپماق تەس بولغاچقا، كارزائىنى«يامان ئەمەس نامزات»دېيىشكە بولىدۇ، كىشىلەرمۇ كارزائىغا يەنە بىر قېتىم ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن. ?4^};wDb2
0|g[o:;fl_
ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى
Pp,Um(
]k[x9,IU\y
فۇ شياۋچياڭ $=/rGpAk
hjkLVL
(جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى): ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان كارزائى ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تالىباننىڭ غەلىبىسى دېيىشكە بولىدۇ. بىر قانچە يىلدىن بېرى غەرب ئارمىيىسى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئەپيۈنگۈلنى يوقاتتى – يۇ، ئافغانىستان پۇقرالىرىغا باشقا تىرىكچىلىك يولى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، غەربنىڭ ياردىمى ۋە ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىمۇ ئافغانىستانلىقلارغا يېتەرلىك ئىش ئورنى ۋە تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ بېرەلمىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قالايمىقان بومباردىمان قىلىشى ھەمىشە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلدى، تالىبان بۇ ئامىللار پەيدا قىلغان ش ئا ئە ت، ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، پەيدىنپەي بىر قىسىم ئاممىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر ئافغانىستاندا تالىباننى قوللاش نىسبىتى قەبىلىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قوللاش ئاساسىدىن ئېشىپ، پەيدىنپەي مەملىكەت خاراكتېرلىك تەسىر ۋە مەلۇم «قانۇنىيلىق» قا ئېرىشىشكە باشلىدى. vX ?aB!nkw
ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن،«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ مەركىزىنى شەرققە يۆتكەش»چارىسىنى قوللىنىپ، تېررورلۇقتىن ئىبارەت بۇ «ۋابا» نى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ جەرياندا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىشى تۇرغان گەپ. wb
b*nL|P
6Lb{r4^
بىرىنچىدىن، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەسەۋۋۇرىغا تولۇق مايىل بولىدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا ئافغانىستانغا داۋاملىق ئەسكەر ئەۋەتكەن بىلەن، ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۆپەيتىشى ناتايىن. 4sTMgBzw
Z:!IX^q;}n
ئىككىنچىدىن، مەيلى ئافغانىستان مەسىلىسى ياكى پاكىستان، ئافغانىستان قەبىلە مەسىلىسى ۋە ياكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى بولسۇن، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى«بازا»تەشكىلاتى ئىلگىرى يەرلىكنىڭ خاس قەبىلە جەمئىيىتى ۋە دىنىي قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا پاكىستان ۋە پۈتكۈل رايون مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ. *ot>WVB
8) HBh7/
ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئۆزگەرتىشتە توپلىغان تەجرىبىلىرى تالىبانغا دېگەندەك ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ يىلقى ئافغانىستان ئومۇمىي سايلىمىدىن بۇرۇنقى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كىشىنى يەنىلا ئەندىشىگە سالىدۇ. S_6g~PHsr
ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدىكىدەك ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. 0LdJZP
5$kdgFq(
{Ur7#h5
"tUwo(K[
«خەلق گېزىتى»دىن