ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېيتىلىشچە،روسىيىنىڭ قۇرال ئىكىسپورتىدا جۇڭگونىڭ ئىگىلىگەن نېسبىتى داۋاملىق تېز چۈشۈۋاتماقتا ئىكەن.شۇنداق بولسىمۇ ئىككى دۆلەت 500مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق يېڭى ھەربى سودا توختىمى ئىمزالىغان،روسىيە جۇڭگونى قىرغۇچى 10-بەلگىلىك كۆرەشچى ئايرۇپىلانىنىڭ گېنىراتورى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.ئەمما تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە،جۇڭگو قوشۇنىنىڭ كۈنسىرى زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ،جۇڭگونىڭ قۇرال جابدۇقلارغا بولغان تەلىۋىمۇ بارغانسىرى يۇقىرى بولماقتا ئىكەن.روسىيە يەنىلا جۇڭگو ئىلغار قۇراللارغا ئېرىشىدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن. ئەمما روسىيە تېخىمۇ كۆپ قۇرال جابدۇقلارنى جۇڭگوغا سېتىپ بېرىشنى خالىمايدىكەن،چۈنكى روسىيە ھەربى تېخنىكا جەھەتتە جۇڭگودىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلايدىكەن.
Xh/av[Q bN&da
[K مەنبە:
http://www.stnn.cc/glb_military/200902/t20090211_976758.html