ئەرەپ ئەللىرى بىلەن ياۋرۇپادىكى 350دىن ئارتۇق تەشكىلات بىرلىكتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىسرائىلىيىنىڭ گازاغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇندى. بىرلەشمە ئەرزنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى ھەسەن.ماناي ئىسلام ئاۋازى مۇخبىرىغا:بىزنىڭ ئەرزنامىمىز پەلەستىندىكى بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى، دېدى.
I,-n[k\J ئەرزنامە 1-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەمەلدارى لوئىس.مورىنو.ئوكانبو ئەپەندىگە يەتكۈزۈلدى. ئۇلار جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاۋازغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
(i~UH04r>s خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى 2002-يىلى ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ،ئۇرۇش جىنايىتى،ئېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى،ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەتنى ئاشكارا سوتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
6}"%>9 ئوكانبو ئەپەندى يېقىندا ئەنگىلىيە تايمىس گىزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: گەرچە ئىسرائىلىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىمزا قويغۇچى دۆلەت بولمىسىمۇ ئەمما پەلەستىن ھوقۇقلۇق ئورگىنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان سىياسى گەۋدە.ئىسرائىلىيە 2006-يىلى ئىئىوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىن چېكىنگەندە پەلەستىن زىمىنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پەلەستىن قانۇنى دۆلەت تەشكىلاتى،ئۇ خەلقئارا قانۇننىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشىشى كېرەك.پەلەستىن زىمىنى قانۇنى ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولغان ھامان بۇ ئەرزنامە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىبىگە كىرىدۇ.
Z"`w>c. ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئەرەپ ئەللىرى مۇتەخخەسىسىلەر گۇرۇپپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەركەت قوللىنىشتىن بۇرۇنلا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان گازا رايۇنىغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى ۋە ئىسپات توپلىدى،بۇلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئىسرائىلىيەنى ئەيىپلەيدىغان ئىسپات بولىدۇ. ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىبى مۇسا مۇنداق دىدى:ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئۇقتۇردى، ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ ئىككى تەشكىلاتقا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدۇ.
%3z[;&*3O بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى پەن جىۋىن گازا رايۇنىدىكى ئۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
-CvmZ:n باش ئورگىنى لوندۇندا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش خەلقئاراسى تەشكىلاتلىرى: خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن،ھەر قانداق بىر دۆلەت ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن ۋە شەھەر كوچىلىرىغا بومبا تاشلىسا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بولىدۇ،دېدى. ئىسرائىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلدى. ئىسرائىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئېروسالىم سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇلارنىڭ باياناتىدا مۇنداق دىيىلدى:ئىسرائىلىيە گازا رايۇنىدىكى نۇرغۇن ھەربى نوقتىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما خەلقئارا قانۇننى ئۆلچەم قىلغاندا بۇ ھۇجۇم قىلىش نوقتىلىرى ھەربى نوقتىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
Nq8ON!<<
مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى[ بۇ يازمامۇھەممەد-2008تەرپىدىن2009-02-12 16:30دە قا ]