ئۇخلايدۇ بوۋاق
ئۇپەرۋاسىز ۋاراڭچۇرۇڭغا ،
ئېسىلغانچە كۈلەر قولۇمغا .
كۆزلىرىمگە كىرىپ تاشسا ياش ،
ئۇتەسەللى بىرەر دىلىمغا .
ئەۋىج ئالسا ۋارقىراش تىللاش،
كۈلەر يەنە يات ئاڭا يىغلاش.
ئۇبەختنى سىغىندى بەلكىم ،
كۈلكىسى شۇ بەخىتنى چىللاش .
چىقىلغاندا چىنەقاچىلار ،
جەڭگە چۈشسە ئاپا دادىلار .
ئويلانغاندەك گويا زىيادە ،
بىرنوقتىغا كۆزى قادىلار .
جەڭدىن يانسا بىرى بوپ مېيىپ ،
ۋەيابىرى ھالى بەك زەئىپ .
ئۆي بىرقايناپ بولغاندا تىنىچ ،
ئۇئۇيقىغا كۆزيۇمار ھىرىپ .
ئۇيقا ئاڭا بىردۇ ھوزۇر ،
ئۇھوزۇردا پۇتىنى سوزۇر .
بىلمىدى ئۇ يىتىملىشىشنى ،
بىر ئائىلە ۋاقىتسىز توزۇر .
دىلخۇش
مەنبە :دىلخۇش بىلوگى