100يۇەنلىك خەلق پۇلىدىكى كىچىككىنە سىر
$~5ax8u&!# g`\5!R1 IB\O[R$x }^tW's8 تۈگمىگە دىققەت قىلىڭ
بۇ--- 2005-يىلى بېسىلغان خەلق پۇلىدىكى تۈگمىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى
بۇ--- 1999-يىلى بېسىلغان خەلق پۇلىدىكى تۈگمىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى
1999-يىلى بېسىلغان 100يۇەنلىك خەلق پۇلىدىكى رەسىمدە كىيىمگە تۈگمە ئىككى يىپ پاراللىل ھالەتتە قادالغان، 2005-يىلى بېسىلغان 100يۇەنلىك خەلق پۇلىدىكى رەسىمدە تۈگمە ئىككى يىپ كېسىشمە ھالەتتە قادالغان. ھازىر ياسىلىۋاتقان «2005» نۇسخىدىكى 100يۇەنلىك ساختا پۇلنىڭ ھەممىسى «1999» نۇسخىسى ئاساسىدا ياسالغان. بۇ پەرقنى ھەتتا جۇڭگو خەلق بانكىسىمۇ ئېلان قىلمىغان، بەلكى بىر ئاددىي پۇقرا بايقىغان. سىز «2005» نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنى ئالغاندا، كىيىمنىڭ تۈگمىسىگە لوپا ئەينەك بىلەن قاراپ بېقىڭ (ئەمەلىيەتتە كۆز بىلەنمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن)، ئەگەر ئىككى يىپ پاراللىل ھالەتتە بولسا، ئۇ جەزمەن ساختا پۇل!