1982- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قىرغىزىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ توقماق شەھىرىگە غەربىي جەنۇبىدىن 8 كىلومېتىر كېلىدىغان قەدىمكى شەھەر ىارابىسى ئاق بېشىم ئەتراپىدىن شۇ جايدىكى دېھقانلار قىزىل گرانىي تاشتىن ياسالغان، خەنزۇچە خەت ئويۇلغان بىر ئابىدىنىڭ پارچىسىنى بايقاپ، ئۇنى شۇ جايدىكى مۇزېيغا ئاپىرىپ بەرگە. روسيىلىك خەنزۇشۇناس C.P سوبرونېنكونىڭ ئوقۇپ ئىزاھلىشى بىلەن بۇ ئابىدىنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ئەنشى باش قۇرۇقچىبېگى دۇخۇەيباۋغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندىن. 90- يىللارنىڭ بېشىدا ياپونيىلىك ئالىملاردىن لىن جۈنشيۈڭ، نېيتىڭ (مىدورى ناتىئو) ئەپەندىلەر بۇ ئابىدىنىڭ بېسىپ چۈشۈرۈلگەن نۇسخىسى، سۈرىتى ۋە ئۇنىڭغا دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇ يىل شىنجاڭدا ئەنشى بۈيۈك قورقچىبېەگ مەھكىمىسى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلىدىغانىلىقىدىن خوشاللىق ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ ئالىملارنىڭ تەتقىقاتتا ئىشلىتىشى، پايدىلىنىشى، ئۈچۈن، بۇ ئابىدىنى ۋە ياپونىيىلىك ئالىم نېيتڭنىڭ بىر قانچە تەتقىتات نەتىجىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلاق قىلدۇق.
rQ&F Gb (1) تاش ئابىدىنىڭ يۇچۇق پارچىسى ئاق بېشىم شەھىرىنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇ بۇت ياكى بۇدساتۋا ھەيكىلىنىڭ تەگلىكى بولۇپ، ئۈستى قىسمى پۇچۇلۇپ كەتكەن، شەكلى سەككلىك ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 32.6 سانتىمېتىر كەڭلىكى 13.5 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 11 سانتىمېتىر، بېغىشلىما قىسمىنىڭ ئاستى تەرپىدە يەرگە ئورنىتىلغان ئۇل تۆۋرۈك بار، ئابىدىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى خەتلەر ئۇچۇپ تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن (ئۇنىڭ بېسىپ چۈشۈرۈلگەن ۋە تەقلىدىي كۈچۈرۈۋېلىنغان سۈرىتىگە قاراڭ) تىك يېزىلغان خەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
<v$yXA ئەنشىنىڭ مۇئاۋىن قورۇقچىبېگى سوياپتا ئون جەمەت ئىسيانىنى باستۇرغان ئالىي دۆلەت ئەركانى دۇخۇەيبا، پەرۋەردىگارنىڭ چىن ھۆرمىتى بىلەن باقى ئالەمدىكى مەرھۇمنىڭ خاتىرجەملىكىنى تىلەپ مىڭفۇ ئۈچۈن بىر بۇ ئىككى بۇدساتۋا ھەيكىلى ياساتتىم.
M(.Up ئابىدىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنشى قۇرۇقچىبېگنىڭ ئورۇنباسارى، سۇياب شەھىرىدە ئون جەمەت ئىستانىنى باستۇرغان ئالىي دۆلەت ئەركانى دۇخۇەيباۋ مەرھۇم ئانىسى مىڭگۇنىڭ خاتىرسى ئۈچۈن بىر دانە بۇددا ھەيكىلى ۋە ئىككى دانە بۇدساتۋا ھەيكىلى تۇرغازغان ھەم بېغشلىما قالدۇرغان ( تەرجىماندىن: كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنىڭ 8- قۇردىكى خەتلەرنى ياپونىيە ئالىملىرى «جىن» دەپ ئوقىغان، ئەمما تەتقىتاتچى جيانىڭيى تەكشۈرۈپ، بۇ خەت «پو» دەپ ئوقۇلۇشى لازىم، بۇددا دىنىدىكى دۇئا تىلاۋەت سۆزىدە كۆپىنچە «پۇ» دېگەن خەت ئىشلىتىلەتتى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. لىن جۈنشيوڭ تەييارلىغان باسما نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بۇنىڭ ھەقىقەتەن «پۇ» دېگەن خەت ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ
gF&HJF 0x ئابىدىدىكى خەتلەر كەمتۈك بولۇپ، 1- 3- قۇرلاردىكى خەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ دەلىلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «سۇياپتىكى ئون جەمەت ئىسيانىنى باستۇرغۇچى» دېگەن سۆز نېيتىڭنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا «سۇياپنىڭ باشقاۋۇلى» ۋە «ئون جەمەت ئىستانىنى باستۇرغۇچى» ئىكەن، بۇنىڭغا ئساسلاراندا ئۇنىڭ مەنسىپى «ئەنشى مۇئاۋىن قورۇقچىبېگى، سۇياپتىكى ئون جەمەت ئىسيانىنى باسقۇرغۇچى، ئالىي دۆلەت ئەركانى» بولىدۇ.
qQe23,x@5 «ئون جەمەت ئىسيانىنى باستۇرغۇچى» دېگەن سۆزدىكى «ئون جەمەت» غەربىي تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىدىن بولغان تۇغلۇق خاقاننىڭ بەش قەبىلىسى ۋە ساداقلىلارنىڭ جەمەتىنىڭ بەش قەبىلىسى بولۇپ، جەمئىي ئون قەبىلىنىڭ ئومۇمىي ئامىنى كۆرىستىدۇ. غەربىي تۈركلەرنىڭ تاڭ خاندانلىقىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن تاڭ ىانلىقى غەربىي تۈركلەرنىڭ تاڭ خاندانلىقىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، تاڭ خانلىقى غەربىي تۈركلەرنىڭ ئەزەلدىن ئىككى پارچىغا بۆلۈنۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن ئىبارەت تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاشنا مىشنى شىڭشىۋاڭ خاقان، قوشۇمچە ئىسسىق كۆلنىڭ قورۇقچىبېگى قىلىپ تەيىنلەپ، ئوڭ قانات تەرىپى بولغان ساداقلىقلار قەبىلىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويدى. چيەنفېڭنىڭ 2- يىلى (667- يىلى) يۇقىرىدىكى ئىككى قورۇقچىبېگ ئالەمدىن ئۆتۈپ «ئون جەمەت سەركەردىسىز قالدى» («ئومۇمىي تارىخ، تۈركلەر تەزكىرسى» دىن) شيەنخېنىڭ 1- يىلى (670- يىلى) 4- ئايدا تاڭ خانلىقى غەربىي تۈركلەرنىڭ ئاتامانى ئاشنادوزنى چەپ قول ھىماتچى سانغۇنى، قوشۇمچە فۇيەن قورۇقچىبېگى قىلىپ بەلگىلىدى؛ ئاشنادۇز بولسا ئۆزىنى ئون جەمەتنىڭ خاقانى دەپ، تۈبۈتلەر بىلەن بىرلىشىپ، يىفىڭنىڭ 2- يىلى (677- يىلى) دىكى ئىسياننى پەيدا قىلدى. ۋاق فاڭجى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنشى قورۇقچىبىگى بولغان دۇخۇەيباۋنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئىسياننى تىنچىتتى، ئاشنادوزدىن كېيىن ئۆزىنى ئون قەبىلىنىڭ خاقانى دەپ ئېلىپ قىلىغىنى يوڭ چۇننىڭ 1- يىلى (682- يىلى) غەلىيان كۈتۈرگەن ئاشنا چىپ بولۇپ، بۇ توپىلاڭنىمۇ ۋەڭ فاڭجى تىنچىتتى. «ئون جەمەت ئاقساقىلى» دېگەن بۇ مەنسەپ توغرىسىدا تارىختا مۇنداق خاتىرە
o&kgRv[ جىڭيوننىڭ 112- يىلى (710-711) كۈن چىقىش تۈركلەر تۈركەش قارلۇق خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركەش- قارلۇق خانلىقىدىكى ساغى خان ھاكىمىيتىنى يوقاتقاندىن كېيىن تاڭ خانلىقى ئاشناشاننى «ئون ئۇرۇقنى ئەمىش تاپقۇزغۇچى، دالالەت بېگى، ئەمىن، جەمەتىنى تىنخىتىش، بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە ۋاقىتلىق مەنسەپ، بۇنى ئابىدىدىكى نامغا سېلىشتۇرساق ئۇنىڭ «ئون ئۇرۇقنى بويسۇندۇرغۈچى» ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. بۇ ئەمەل تارىخىت كىتابلاردا ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا ئۇ توپلاڭنى تىنجىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىغان ئەمەل ئىكەنلىكى ئېنىق.
W)2ZeH* «ئەدەبىيات جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 913- جىلدىدىكى «شىياجۇ ئايمىقىنىڭ ۋالىسى تەييۇەنلىك گوڭ ھەزىرەت ئابىدىسى» دە «ئۇنىڭ ئالدىدا مەنسەپكە ئولتۇرغان ئادەم دۇخۇەيباۋ بولۇپ، ئەندىشىگە يۆتكىلىپ بىر تۇتاش قۇماندانلىق قىلىپ، سۇيابنى ئىدارە قىلغان». دېگەن خاتىرە بار. بۇ ۋاڭ فاڭجىدىن ئىلگىرىكى ئەنشىگە قوماندانلىق قىلغان «سۇيابنىڭ باسقاۋۇلى بولغان» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
Q3aZB*$K (2)دۇخۇەيباۋ ھەققىدە تاڭ دەۋرى تارىخنامىلىرىدە ھېچنەرسە يېزىلمىغان، ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئىشلار ۋاڭ فاڭجىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر خاتىرىلەردىلار ئۇچرايدۇ. «يېڭى تاڭنامە نىڭ 111- جىلدىدىكى «ۋاڭ فاڭجى تەزكىرسى» دە مۇنداق خاتىرىلەر بار:
ux1SQ8C * «پېي شىڭجيەن لى شۇپۇ ئۈستىدىن جازا يۈرۈشى قىلغندا، ۋەزىپىسى ئۇرۇنباسار بولۇپ، قوشۇمچە ئەنشى قوتۇقچىبېگىنى نازارەت قىلاتتى. بۇرۇنقى قورۇقچىبەگ دۇخۇەيباۋ بېشباللىققا ئايماق بېگى بولۇپ يۆتكەلگەنىدى. ۋاڭ فاڭجى سوياب شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن شەھەرنى مۇستەھكەملەپ، ئۈچ قۇۋۇق سالدۇرغان، شەھەرنى ناھايىتى ئەپچىل ۋە ئەگرى- توقاي قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ كەلگەنىدى. غەربىي يۇرتتىكى غۇزلار بۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەڭ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا ئالەمدىكى ئېسىل نەرسىلەرنىڭ ھەمىمىسىنى سوۋغا قىلىشقانىدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاڭ فاڭجى بېشبالىقىنىڭ بەگلىكىگە يۆتكەلدى. دۇخۇەيباۋ بولسا ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچىبېگىلىكىدىن يەنە ئەندىشىگە قايتىپ كېلىپ، تۈبەتلەر بىلەن بولغان جەڭگە قاتناشتى».
*+>QKR7 بۇ يەردە ئېيتىلغان پېي شىڭجىيەننىڭ لى شۇپو ئۈستىدىن جازا يۈرۈشى قىلىش ۋەقەسى ئالدىدا ئېيتىلغان ئاشنادوزنىڭ ئىسيانىغا قارىشى جازا يۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. يىڭفىنىڭ 2- يىلى «ئاشنادوز ھەن ئۇنىڭ باشقاق سەركەردىسى لى شۇپو تۈبەتلەر بىلە تىل برىكتۈرۈپ، ئەنشىگە تېگىش قىلىدى»، بۇنىڭ بىلەن تۆت شەھەر قولدىن كەتتى. دىياۋلۇنىڭ 1- يىلى (679- يىلى) پېي شىڭجيەن بويرۇق بىلەن تەيىنلەنگەن پېرسىيە پادىشاھى ھەم ئەرەبلەرنى تىنچلاندۇرغۇچى دېگەن نامىدا تۈركلەرنىڭ غەربىي قانتىغا كىرىپ، تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق سوياپ ئوردىسىدىكى ئاشنادۇز ھەن ئۇنىڭ سول قانات خاقانى لىش شۇپونى ئەسىرگە ئېلىپ قايتتى، پېرسىيە خانىنىمۇ ئۆز ئىلىگە ئايتۇرۇۋەتەتتى»، «سوياپ شەھىرىدە ئابىدە تۇرغۇزۇپ، ئۆز تۆھپىسىنى خاتىرىلەپ قويدى. بۇ چاغدا پېي شىڭجىيەن ۋاڭ فاڭجىنى مۇئاۋىن باشچىلىققا، قوشۇمچە ئەنشى قورۇقچىبېگنىڭ نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن، ھەم غەربىي ئايماقتىكى مەردۇ- مەيدان ئوغلانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان، «غۇزلاردىن بولغان باتۇر- ئەزىمەتلەر ئۇنىڭغا بەسبەس بىلەن ئاۋاز قوشۇپ تۈمەنگە يېقىن ئادەم توپلىنىپ» ئاشنادۇز تۇرۇشلۇق سويابقا يۈرۈش قىلغان. «كونا تاڭنامە» نىڭ 185- يىلىدىكى «ۋاڭ فاڭجى تەزكىرسى » دىمۇ «مەنسەپ تۇتۇق پىرقىسىنىڭ يانداش بېجىى پىي شىڭجىيەن شوپۇغا جاز تۈرۈش قىلغاندا ۋاڭ فاڭجىنى ئۆزىگە ياردەمچى، قوشۇمچە ئەنشى قورۇقچىبېگىنىڭ نازارەتچىسى قىلغان»، «سۇياب شەھىرىدىمۇ تۇرغان»... دېيىلگەن، ئەمما بۇنىڭدا دۇخۇەيباۋ ھەققىدە ھېچنىمە دېيىلمىگەن.
hlBqcOpkKg «يېڭى تاڭنامە، ۋاڭ فاڭجى تەركىرسى» گە ئاساسلانغاندا، دىيالۇنىڭ 1- يىلى ۋاڭ فاڭجى ئەنشى قورۇقچىبگىنىڭ نازارەتچىسى بولۇپ تۇرغاندا، دۇخۇەيباۋ بېشبالىق ئايمىقىنىڭ بېگى (ۋالىسى) لىكىگە يۆتكەلگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئەنشىنىڭ قورۇقچىبېگى بولغان. دۇخۇەيباۋدىن ئىلگىرى ئەنشىگە پېي شىڭجىيەن قورۇقچىبېگى بولغان. كونا، يېڭى تاڭنامىدىكى (پېي شىڭجىيەن تەزكىرسى» دىمۇ لىن دېنىڭ 2- يىلى (665- يىلى) شىڭجىيەن ئەنشىنىڭ قورۇقچىبېگى ئىدى. دېگەن خاتىرە بار: ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە «چاڭ شوجژ ئەسەرلىرى» نىڭ 14- يىلىدىكى «مۇبارەك بېگىم پېي شىڭجىيەن ھەزرەت ئابىدىسى» دە شۇنداق خاتىرە بار:
AHdh]pfH «ھەزرىتى پېي شىڭجىيەن بىگىم... غەربىي كاتتا قورۇقچىبېگىمۇ بوغان، غەربىي يۇرتتا يەتتە يۇرت سوراپ، قاقاس چۆللەرنى ئۆزگەرتىپ، مول ھۇسۇللۇق بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرغان... چيەنفېڭ يىللىرىدا يانداش ئەدلىيە ۋەزىرلىكىگە كۆرسەتكەن».
E(0 [/N~ پېي شىڭجىيەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، غەربىي ئايماقنىڭ دورغۇسى، ئالتۇن تاغنىڭ ئورۇنباسار قورۇقچىبىگىگە دائىر خاتىرىلەر ئۇچرىمايدۇ. دۇخۇەيباۋنىڭ قايسى ۋاقىتتا قورۇقچىبەگلىككە تەيىنلەنگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. شاڭيۈەننىڭ 2- يىلى (665- يىلى) تاڭ خانلىقى تۈبۈتلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، كېنىگىت (قاراشەھەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت شەھەرنى قايتۇرۇپ ئالغاندا ئەنشىنىڭ قورۇقچىبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋە بېشبالىققا بېرىپ بولغان، بۇ چاغدا بېشبالىق ئالتۇن تاغ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق بولۇپ، دۇخۇەيباۋ بۇ ئىككى ۋەزىپىنى تەڭلا قوشۇمچە ئۆتىگەن بولسا كېرەك. مانا بونىڭدىن دۇىۇەيباۋنىڭ ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچىبېگىلىكىدىن يەنە ئەنشىنىڭ قورۇقچىبەگلىكىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ۋاڭ فاڭجىنىڭ بېشبالىقنىڭ ۋالىلىقى، ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچىبېگلىكىدىن يەنە ئەنشىنىڭ قورۇقچىبەگلىكىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ۋاڭ فاڭجىنىڭ بېشبالىقىنىڭ ۋالىلقى، ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچىبەگلىكىگە تەيىنلگەنلىكىدەك ئەھۋالنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئالتۇن تاغ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ نامى 702- يىلى بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ كۈن چىقىش بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، تەڭرى تاغنىڭ كۈن چىقىش بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىپ، تەڭرى تاغنىڭ كۈن پېتىش قىسمىنىڭ شىمالىدا سۇياب بىلەن تەڭ ئورۇندا تورىدىغان تاڭ خانلىقى ھۆكۈمرانىلىقىدىكى ۋە ئەنجىگودىكى غەربىي تۈرك قەبىلىسى قاتارلىق كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇپ قالغانىدى. بېشبالىق خانلىقى تەڭرىتاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قوجۇ ئايمىقى بىلەن بىرلەشكەن. سۇياب شەھىرىگە خەۋپ يەتكەندە ئەنشى قورۇقچىبېگى بېشبالىقىنىڭ ۋالىسى، ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچبېگى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرشكەن، پېي شىڭجىتان ئاشنا دوزغا ھەم ئاشنا جىپقا قارشى خازا تۈرۈشكە ئاتلانغاندا، پېي شىڭجىيەن تاللىۋالغان ياردەمچى سەركەردە دۇخۇەيباۋ ئەمەس، بەلكى ۋاڭ فاڭجى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ فاڭجى ۋە دۇخۇەيباۋ بېشبالىق ئايمىقىدا ئىدى. ۋاڭ فاڭجى سۇياب شەھىرىگە ئۇرۇنلاشقاندىن كېيىن يەنە بېسشبالىق ئايمىقىنىڭ ۋاللىقىنى ئۆتىگەن، دۇخۇەيباۋ بولسا يەنە بىر قېتىم ئەنشىگە قايتىپ كەلگەن.
«يېڭى تاڭنامە، ۋاڭ فاڭجى تەركىرسى» دىكى مەزمۇبغا يېقىنراق كېلىدىغان يەنە بىر خاتىرە بار، «ئەدەبىيات جەۋھەرلىرى» نىڭ 913- يىلىدىكى «شياجۇ ئايمىقىنىڭ تۇتۇق بېگى تەييىۈەنلىك ۋاڭ غۇجام ھەزرەت ئابىدىسى» دەپ مۇندا دېيىلگەن: H05U{vR
«قورۇقچىبەگ پېي شىڭجىيەن پېرسىيە جانىنى خانلىق ئورنىغا چىقىرىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، لى شۇپونى قولغا چۈشۈردى، بۈيۈك ھەزرىتىم بۇنى كۈرۈپ تېزلىك بىلەن خانغا مەكتۈپ يوللاپ، پېي شىڭجىيەننى پېرسىيە لەشكەرلىرىنىڭ ياردەمچى سەركەردىلىكىگە، قوشۇمچە ئەنشىنىڭ قورۇقچىبېگى، ئالىي دۆلەت ئەركانلىقىغا سايە قىلىدى. ئەنشىنىڭ قورۇقچىبېگى دۇجۇىيباۋنى بېشبالىق ئايمىقىنىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلىدى. سۇياب شەھىرىنىڭ كوچا- كويلىرى، شەھەر سېپىللىرى ئەگرى- توقاي بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن يات ئادەملەر ئاسانلىقچە ئىچىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. 36 بەگلىك ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ، مەڭگۈ سادىق بولۇشقا ئەھدى قىلدى، شۇڭا خانىمىز ھېچ سەۋەبسىزلا يارلىق چۈشۈرۈپ، بېشبالىق ۋالىسىنى پېرسىيە ئەلچىسى سۈپىتىدە ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچىبېگىلىكىنى ئكتكۈزۈۋېلىشقا ئەمىر قىلىدى. بۇرۇنقى ۋالى دۇخۇەيباۋنى ئەنشى باشقۇرۇپ، سۇيابنى قوغداشقا بەلگىلىدى. خانلىق دەسلەپتە شەھەرنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ئىشىنىپ، تۈبۈتلەردىن مۇداپىئە كۆرمىدى ۋە پېي سىڭجىيەن ھەزرەتنى دۇخۇەيباۋنىڭ ئورنىغا ئەپكېلىپ قويدى. مانا بۇنىڭدىن خاننىڭ تۈنۈتلەرگە نىسبەتەن ئىككىلىنىپ تورغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ». 0uS6F8x@
يوقىرىقىلاردىن ۋاڭ فاڭجى، دۇخۇىيباۋلارنى ئەنشىنىڭ قورۇقچىبەگلىكىگە تەيىنلەش ھەن دۇخۇيباۋنى يەنە ئەنشىنى بىر توتاش باشقۇرۇشىغا قويۇپ، ۋاڭ فاڭجىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ. 9-، 10 ئايلاردا ۋاڭ فاڭجى سۇياب شەھىرىگە كېلىدۇ، «ۋاڭ فاڭجى تەركىرسى» دەپ تىلغا ئېلىنغان «ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا» دېگەن گەپ دىياۋلۇنىڭ 1- يىلىنىڭ ئاخىردىن ئىككىنچى يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىتنى (680- يىل) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ چاغدىكى دۇخۇەيباۋ ئالدىنقى قېتىمدا ئەنشى قورۇقچىبېگى بولغان چاغدىكىگە ئوخشىمايتتى، بۇ چاغدا ئۇ سۇيابنى قورۇغداشقا مەسئۇل بولۇپ، بەلكىم «سۇيانىڭ باسقاۋۇلى» بولغان بلۇشى مۇمكىن، دىياۋلۇنىڭ 1- يىلىدىن ئىلگىرى، دۇخۇەيباۋ ئەنشىنىڭ قورۇقچىبېگى بولۇپ تۇرغاندا، سۇياب تېخى تۈبۈتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان ئاشنادۇزنىڭ قولىدا بولۇپ، چيەنفېنىڭ 1- يىلى (670- يىلى) تۈبۈتلەر ئىگىلىۋالغان ئەنشىدىكى تۆت شەھەر ھەم كېيىن شياڭيۈەننىڭ 2- يىلى (675- يىلى) قايتۇرۇۋالىنغان تۆت شەھەر ئىچىدە قاراشەھەر (گىنگىت) لار بار بولۇپ، سۇياب شەھىرى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا ئاشنادوزنىڭ توپىلىڭى بولىۋاتقانلىقى ئۈچۈن دۇخۇەيباۋنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنشى قورۇقچىبېگى زامانىسىدا سۇياب شەھىرىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. K)TMr"j\
يۇڭچۈننىڭ 1- يىلى (682- يىلى) ئاشنا جىپ غەلىيان كۆتۈرگەندە پېي شىڭجىيەن ئالتۇن چىش بولىدىكى چوڭ لەشكەر قوشۇنىنىڭ ئالىي باش بوغى سۈپىتىدە جازا يۈرۈشكە قاتناشتى، 4- ئاينىڭ 25- كۈنى پېي شىڭجىيەن كېسەل بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن جازا يۈرۈشنى ۋاڭ ااڭجىنى مەزكەر قىلغان ھالدا ئېىپ بېرىلىدى، ئاشنا جىم قوشۇنلىرى قورشىۋالغان كۈنەس قەلئەسىنى قۇتۇلدۇرۇشتا ئۇ ئۈچ قەۋمدىن بولغان يەنميەن، ئوغۇز، تۈركەش قاتارلىقلار بىلەن ئىسسق كۆل ئەتراپىدا قاتتىق جەڭ قىلدى. تەزكىرسى» دە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋاڭ فاڭجىنىڭ ئەمەل- مەنسىپى خاتىرىلەنمىگەن. ماقالىدە بېرىلگەن بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ جەڭ يەنىلا ئەنشى قورۇقچىبېگى ئەنكەنلىكى ئېنىق، شۇڭا «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» نىڭ 2003- يىلىدىكى «تاڭ سۇلالىسى خاتىرىلىرى» دە يۇڭچۈننىڭ 1- يىلى ئەتىياز 4- ئاي قىسمىدا «ئەنشى قورۇقچىبېگى ۋاڭ فاڭجى» دېگەن سۆز بار. j4!oBSp
(3) ۋاڭ فاڭجى توغرىسىدا، «ئەنشىنىڭ مۇئاۋىن قورۇقچىبېگى» گە دائىر تارىخى ماتېرىياللاردا مۇندا دېيىلگەن:«كۇنا تاڭنامە گاۋۇزۇڭ يىلنامىسى» دا: «يۇڭچۇنىڭ 1- يىلى... 4- ئايدا ... پېي شىڭجىيەن ئالتۇن چىش يولىدىكى چوڭ قوشۇننىڭ ئالىي باش بوغى سۈپىتىدە يەنخۇەيدەن قاتارلىق سانغۇنلار باشچىلىقىدىكى ئۈچ تارام قوشۇننى باشلاپ ۋە ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، ئون جەمەت تۈركلىرىدىن ئاشنا جىپقا قارشى ئاتلاندى. سەپەرنىڭ ئايىغى چىماقماي تۇرۇپلا پېي شىڭجىيەن قازا قىلدى. ئەنشىنىڭ مۇئاۋىن قورۇقچىبېگى ۋاڭ فاڭجى ئاشنا چىپنى، يەنمەينى مەغلۇب قىلدى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرت تىنچلاندى» دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە گاۋزوڭ يىلنامىسى» نىڭ «تىزىمىدىكى مەھكىمىلەر ئىشلىرى» نىڭ 986- يىلىدىكى سىرتتا تورۇشلۇق سەركەردىلەرنىڭ خازا يۈرۈشكە قاتنىشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى بەش پارچە ماقالىدىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش خاتىرىلەر بار:«يوڭچۇننىڭ 1- يىلى... 4- ئايدا شىڭجىيىن ئالتۇن چىش يولىدىكى چوڭ قوشۇننىڭ ئالىي باش بوغى سۈپىتىدە ئۈچ تارام قوشۇنىنى باشلاپ تۈركلەرگە قارشى ئاتلاندى. ئەنشىنىڭ مۇئاۋىن قورۇقچىبېگى ۋاڭ فاڭجى ئاشنا جىپ، يەنميلەر بىلەن ئىسسىق كۆل بويىدا جەڭ قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى». xJF}6yPm@
ئەگەر يىلنامىلەردە كۆرسىتىلگەندەك ئاشنا جىپ غەلىيان كۆتۈرگەن مەزگىلدە ۋاڭ فاڭجى ئەنشىنىڭ مۇئاۋىن قورۇقچىبېگى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بېشبالىق ئايمىقىنىڭ ۋالىسى، ئالتۇن تاغنىڭ قورۇقچىبېگى دېگەندەك مەنسەپ- ئەمەلدارلارنىڭ دەرىجىسى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىلگەن بولىدۇ. KmaMS(A(3
«بۈيۈك تاڭ دەۋرىنىڭ ئالتە قانۇنى» نىڭ 30- يىلىدا: #~:@H&f790
«باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىدە بىر نەپەر بش قورۇقچىبەگ بولىدۇ. مەنسىپى 2- دەرىجىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ. مۇئاۋىن باش قورۇقچىبەگ بىر كىشى، 3- دەرىجىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ، ئورۇنباسار قورۇقچىبەگ ئىككى كىشى، 4- دەرىجىدىن يوقىرىراق بولىدۇ. TZ]o6B b
پادىشاھ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىدە بىر نەپەر قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىندى... ^RE("'+
يۇقىرى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىدە بىر نەپەر قورۇقچىبەگ بولىدۇ، مەنسىپى 3- دەرىجىلىك بولىدۇ.
cj9