ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
شۇكران07
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 31137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 66 كىشىلىك
پۇل : 4605 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: -9 نومۇر
ئالقىش: 25 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 470(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەيغەمبىەرنىڭ مۇئەزىنى ھەزىرتى بىلال(رەزيەللاھۇ ئەنھۇ)


پەيغەمبەرنىڭ مۇئەززىنى ھەزرىتى بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)

ئىمان ۋە مۇھەببەتكە تولغان بىر ھېكايە



(ئەرەبچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: نۇمان يازىجى)


تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇنەۋۋەر نىياز ئۇيغۇرى


www.islamyoli.net



                                                                                      قۇل

كېچە، جىمجىت، پۈتۈنلەي جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. قاراڭغۇلۇق ئۆزىنىڭ قارا پەردىسىنى يايغان بولۇپ، ھەر نەرسىنىڭ ئۈستىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىدى. مەككە ئەھلى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان، قورقۇنچلۇق چۈشلىرىمۇ بۇزالمايدىغان شېرىن ئۇيقۇ قوينىغا غەرق بولغانىدى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئويۇن ـ تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، ھاراق ـ شاراپ، ئاياللار، مۇزىكا  ۋە ناخشا ـ قوشاقلار بىلەن ھەپلىشىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيا ھايات كەچۈرۈش ۋە ياشاشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ نە بىر دۇنيالىقتىن،  نە بىر ئاخىرەتتىن، نە بىر ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشتىن، نە بىر مەھشەردىكى يىغىلىش ۋە ھېساپتىن خەۋىرى بولسۇن دەيسىز. ئۇلار ئۇيقىدىن ئويغانغان ھامان لەززەت ھېس قىلغان نەرسىلىرىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈش ئۈچۈن ۋە كۆڭلى خالىغاننى قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشاتتى.  كېچە  كېلىپ تۆشەكلىرىگە كەلگەندە بولسا ھېرىپ - چارچاشتىن ھالى قالمىغان ھايۋانلاردەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئېغىر ئۇيقۇغا غەرق بولۇشاتتى.
كېچە ئاخىرلىشىپ خورازلارنىڭ چىللاشلىرى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ كۈننىڭ كۆتىرىلىشكە باشلىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. قۇياشمۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. ئۆز ئوربىتىسىغا يەرلەشكەن ھامان دەسلەپكى نۇرلىرىنى ئاجىز ۋە سولغۇن بىر شەكىلدە يەر يۈزىگە قارىتىپ يولغا سالدى. بۇ قۇياش نۇرى ئىنسانلارنى تاتلىق بىر شەكىلدە ئويغىتىشقا، شۇ كۈنلۈك ھاياتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزۇشقا ۋە ھايات كېمىسىدىكى ساياھىتىنى تەكرار باشلاشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئۆيلەرنىڭ، باغچىلارنىڭ ئارىسىدا ئاستا - ئاستا جىلۋە قىلىشقا باشلىدى.


     مەككىدە ھايات ئاستا ـ ئاستا جانلىنىشقا باشلىدى. كىشىلەر ئىلىم ـ سېتىم ئىشلىرىنى قىلىش سەۋەبى بىلەن بىمالال ۋە تىنچ، ئۇنىڭدىن  بۇنىڭدىن سۆزلەشكەن ھالدا ھەر تەرەپكە قاراپ تارقىلىشقا باشلىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى، يەنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئوخشىشى كۆرۈلمىگەن ناھايىتى چوڭ بىر كۈرەشكە مۇبارەك مەككىنىڭ شاھىت بولىدىغانلىقىنى ئەقىللىرى ھېچ قوبۇل قىلالمايتتى. بۇ  كۈرەش ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ كۈرىشى بولۇپ، بەزى ئىنسانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۈتەرسە بەزىلىرىنى يەرنىڭ قەرىگىچە پاتۇرىدىغان بىر كۈرەش ... ناۋادا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يېقىن كەلگۈسىنىڭ پەردىسىنى قايرىپ تاشلىيالغىنىدا بۇنداق شەكىلدىكى جىمجىت يۈرۈشلىرىنىڭ  ئورنىنى ئەلۋەتتە پەرياد ۋە پىغان ئۇرۇشلار قاپلاپ كەتكەن بولاتتى.
ئۈمەييە ئىبنى خەلەف ئارقىسىدا چاچلىرى قويۇق، يۈز شەكلى كىچىكرەك، ئورۇق قارا تەنلىك بىر قۇلى بىلەن قەدەملىرىنى چوڭ - چوڭ ئېلىپ تېز كېلىۋاتاتتى. كەبىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن قەدەم ئېلىشىنى كىچىكلىتىپ ئاستا - ئاستا مېڭىشقا باشلىدى ۋە قۇلىغا قاراپ مۇنداق دېدى:
ئى بىلال! مەن سېنىڭ خۇددى ئۆتكەن يىلىدىكىدەكلا نەتىجە قازىنىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن. سېنىڭ كارۋانلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىشىڭدىكى ئۇتۇقلىرىڭ، قەبىلىلىرىمىزنىڭ ماللىرىنى سېنىڭ باشچىلىقىڭدىكى سودا ئۆمىكىگە تاپشۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بىلال ... ئەگەر سەن ئۇتۇق قازانمىغان بولساڭ ئىدىڭ...
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا پۇرسەت بەرمەستىن:     - بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ خوجايىن، دېدى.
ئەتە قۇرەيشنىڭ كارۋىنى يولغا چىقماقچى، ئى بىلال! بىزنىڭ تىجارەت گۇرۇپپىمىزنى كارۋاندىن قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈشىڭنى  ئۈمىت قىلىمەن.
- تەييار بولىدۇ، خوخايىن.
- ئوغلۇم ئەلى بۇ، بۇ سەپەرگە چىقالمىغىدەك بۇ گۇرۇپپىغا پەقەت سەنلا مەسئۇل بولىسەن.
ئۇلار ئاستا قەدەملىرى بىلەن كەبە تەرەپكە قاراپ يۈرۈشىنى داۋام قىلدى. ئۇمەييە ئىبنى خەلەف قۇرەيىش كاتىۋاشلىرىنىڭ ئۇ يەردە توپلىشىپ سۆزلىشىپ  تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ قۇلى تەرەپكە بۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭغا (ئۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) مۇنداق دېدى:
- بىلال! قۇربانلىقلىرىمىزنى ھۇبەلگە تەقدىم قىلىپ، سەپىرىمىز ھەققىدە   ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئېلىش ئىشىنى تۈگەتكىنىڭگە قەدەر مەن سېنى بۇ يەردە ساقلايمەن.
ئۈمەييە ئۇ كىشىلەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بولسا چوڭ بۇتلاردىن بىرى بولغان ھۇبەل تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ھۇبەل بولسا قوللىرى ئالتۇندىن، بەدىنى قىزىل ھېقىق تېشىدىن ئىنسان شەكلىدە قىلىپ ياسالغان بىر بۇت ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچىگە پال سالىدىغان ئوقلار سېلىنغان يەتتە دانە قەدەھ بار ئىدى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بۇتنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىۋېتىپ بۇتنىڭ ئالدىدا بىر ئادەم بىلەن قۇچىغىدا بوۋىقىنى كۈتۈرىۋالغان بىر ئايالنى،  ھۇبەلگە قاراشقا مەسئۇل بولغان كاھىننىڭ پال ئوقلىرى بىلەن ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ناھايىتىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىپ تۇرۇشقانلىقىنى كۆردى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇلارنىڭ، ئاتىسىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلىنىلگەن بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ھۇبەلگە ئىلتىجا قىلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئاشۇ بىر توپ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساقلاشقا باشلىدى. پال ئوقلىرى ئۆرۈلدى. كىشىلەر نەپەسلىرىنى ئىچىگە يۇتقان ھالدا ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بوينىلىرىنى ئالدىغا سوزۇشاتتى. ھېلىقى ئايال بىلەن ئەر كىشىنىڭ يۈزىنى ئەندىشە قاپلىغان ئىدى.  ئايالدىكى روھىي بېسىم ۋە تىتتىتلىق تېخىمۇ بەكرەك ئاشكارا بىلىنىپ تۇراتتى. قورقۇش ۋە دەھشەتلىك بىر ئىزتىراپ ئىچىدە تەڭرىسىنىڭ قانداق ھۆكۈمدە بولىدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتاتتى.
ئاخىرىدا، ئىچىدە بولۇش مەنىسىدە كەلگەن " سارىھ" يېزىقى يېزىلغان ئوق چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنىڭ يۈزىدىكى بارلىق غەم ـ ئەندىشىلەر يوقىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى سۆيۈنۈش ۋە بەختىيارلىق ئىپادىلىرى قاپلىدى. ئۇ بوۋىقىنى باغرىغا مەھكەم باستى. ئاندىن ئېرىگە نارازىلىق ۋە ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن شۇنداق بىر قارىدىكى ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىغاندىمۇ بۇ قاراش ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىدىن ئۆتە تەسىر قىلغىدەك قاتتىق ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنى ئاز كۆرگەندەك:
- كۆردۈڭمۇ؟ ئىلاھ بۇ ھەقتە كەسكىن بىر ھۆكۈمنى چىقاردى، دېدى.
ئۇ يەردىكى كىشىلەر توپى تارقىلىپ كېتىپ بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۆزى يالغۇزلا قالدى. ئۇ كاھىنغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن تەئەرىزدە يېقىنلاشتى ـ دە، كېكەچلىگەن ھالدا:
- ياردىمىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى، بىزنى ھىمايە قىلىپ مۇھاپىزەت قىلىشىنى ۋە بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنى بىزگە بەرىكەت  ئېلىپ كېلىدىغان بىر سەپەر قىلىپ بېرىشىنى تىلىگەن ھالدا بۇ ئاددىي قۇربانلىقلىرىمىزنى ئۇلۇغ ئىلاھىمىز ھۇبەلگە تەقدىم قىلىمىز، دېدى.
كاھىن ئىلاھغا سۇنۇلغان بۇ ھەدىيەلەرنى ئالدى، بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ تىلىگەنلىرىگە ئىشارەت بېرىشى ئۈچۈن پال ئوقلىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بولسا ئۇلۇغ ئىلاھ ھۇبەلنىڭ جاۋابىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ئاخىرىدا سەپەرگە چىقماسلىقنى كۆرسىتىدىغان ئوق چىقتى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ كۆڭلىنى ئېغىر بىر غەم چۇلغىۋالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى. ئۇ:  
- بىز سەپىرىمىز ئۈچۈن پۈتۈن تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەپەرگە چىقماسلىقىمىزغا ئىشارەت قىلىۋاتامدۇ؟...  دېگەن سۆزلەرنى ئېغىزىدىن پىچىرلىغان ھالدا چىقاردى.
كاھىن، بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ مۇنداق دېدى:
- ئۇنىڭغا باشقا بىر قۇربانلىق بەر، بەلكىم سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ سەپەرگە چىقىشىڭلارغا رازى بولۇپ قالار.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بۇنداق قىلىشتىن بىرەر نەتىجە چىقىش ـ چىقماسلىقىنى ئويلاپمۇ ئولتۇرماستىن كاھىننىڭ دېگىنىدەك قىلدى. ئوقلار قايتىدىن ئايلاندۇرىلدى ۋە ئۈستىدە سەپەرگە رازىلىق بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان " سافىر" خېتى يېزىلغان ئوق چىقتى. ئەمما بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئىلاھنىڭ رازى بولغانلىقىغا كۆڭلى تولۇق ئەمىن بولىشى ئۈچۈن كاھىندىن يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشنى ئۆتۈندى. كاھىن يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆردى. ھۇبەل سەل بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ سەپەرگە چىقسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىشارەتنى بەرگەن بولۇپ چىقتى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ كۆڭلى خۇددى قىلىچ قېنىغا يانغىنىدەك ئارامىغا چۈشكەنىدى. ئۇ سۆيۈنۈش ئىچىدە ئۇمەييەنىڭ يېنىغا قايتتى.
مەككە خەلقى ئىگە بولغان نەرسىلىرىنىڭ ئەڭ ئەرزىيدىغانلىرىنى، ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىرىنى،  ماللىرىنى ۋە يۈرەك پارىلىرىنى شامغا ئېلىپ ماڭىدىغان سودا ئۆمىكىنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چىقىشقانىدى. خوشلىشىدىغان ۋاقىتمۇ يېتىپ كەلدى. كارۋاننىڭ قوزغىلىشىغا يول بېرىلىپ، كارۋان يولغا چىقتى. تۆگىلەر ئۇچى كۆرۈنمىگىدەك ئۇزۇن سەپ شەكلىدە يولىغا ئاتلاندى. مۇھاپىزەتچىلەر خۇددى قېنىدىن سىيرىلىپ چۈشكەن تۈز قېلىچلاردەك ئارغىماقلىرى ئۈستىگە جايلىشىپ بولۇپ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان خىزمەتلىرىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كارۋان ئەتراپىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) " بەنى جۇماھ " ئۆمىكىنىڭ بېشىدا يەر ئالغان ئىدى. كارۋان ئاستا ـ ئاستا يىراقلىشىشقا  ۋە ئۇزاتقۇچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن بارغانسېرى يۈتۈشكە باشلىدى. ئاخىرىدا ئۇپۇقتا كۆزلەردىن غايىپ بولۇپ، ئاخىرسى پەرق ئەتكۈسىز بىر پەردە بىلەن پۈركەندى.
كارۋان بەزىدە تۆپىلىكلەردىن ئارتىلىپ ئۆتسە بەزىدە ئويمانلىقلاردىن يامىشىپ چىقىپ دېگەندەك يوللىرىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كېچە بىلەن كۈندۈز بىر ـ بىرىنى قوغلاشسا، ئاي بىلەن قۇياش ئاسماندا ئورۇنلىرىنى بىر-بىرىگە بىكارلاپ بېرىشەتتى. ناھايەت، شامنىڭ قەسىر تاملىرى يىراقتىن كۆزگە تاشلانغىلى باشلىدى. ھېرىپ ـ چارچاش ئىنسانلارنى ۋە تۆگىلەرنى جېنىدىن جاق تويغۇزغانىدى. تۈگىلەرنىڭ قەدەملىرى ئاستىلاشقان بولسا ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئىنسانلارنىڭ باشلىرى ساڭگىلاپ كېتىشكەنىدى.
    بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇلارنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا باشلىۋەتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق، سۈزۈك خۇش ئاۋازى ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرۈپ كارۋاندىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىدا چېلىندى. بۇ ئاۋاز ئۇلارنىڭ كۆڭلىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرەك رېتىملىرىنى تېزلاشتۇرىۋەتتى ۋە كەيپىياتنى جانلاندۇرىۋەتتى. بۇ خۇش ئاۋازلىق ناخشا ئۇلارنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. ئۇلار ھارغىنلىقلىرىنى ئۇنتۇپ ئۇلاغلىرى ئۈستىدە تەۋرەنگىنىچە يولىنى داۋام قىلىشقا ۋە ناخشىغا جۆر بولۇشقا باشلىدى. كارۋان سېپى قايتىدىن جانلىنىپ، تۆگىلەرمۇ تېز ـ تېز قەدەم ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. كارۋان شۇ شەكىلدە يۈرۈپ كۈن ئولتۈرۇش بىلەن شامغا يېتىپ بارغان بولدى.
كېچە كېلىپ قاراڭغۇ پەردىسىنى ئەتراپقا يايدى. قۇرەيىش سودىگەرلىرىدىن ئالدىنقى قاتاردا سانالغان كىشىلەر پاراڭلاشماق ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلىشتى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئولتۇرغۇزىۋالدى. ئۇ كىشىلەر ئىچىدىن ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ قۇھەفە  (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا قاراپ:
- ئى بىلال! (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)  ئاۋازىڭ نېمە دېگەن ياڭراق، نېمە دېگەن يېقىملىق سېنىڭ، بىزگە يول ئازابىنى ئۇنۇتتۇردى ۋە مۇساپىمىزنى قىسقارتتى، دېدى.
بۇ يەردىكىلەر تاكى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن تارقىلىشتى.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاشقىنىچە ئۆتىۋەردى. قۇرەيشنىڭ تىجارىتى مەنپەئەتلىك بولغانىدى. بۇ جەرياندا بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىلەن ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كۆپ قېتىم ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرىشىشلار ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇغلىرىنى بىخلاندۇرۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. كارۋان مەككىگە قايتىش ئۈچۈن تەييارلانغان كۈنى بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئەبۇ بەكرىنىڭ بىر تەرەپكە قاراپ تېز قەدەم بىلەن كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرگىنىچە بېرىپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى ۋە:
- قەيەرگە ماڭدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئەبۇ بەكرى:
- ئاۋۇ يەردىكى راھىپنىڭ يېنىغا، دېدى.
- ئۇنىڭ قېشىغا نېمىشقا بارماقچىسەن؟
- كۆرگەن بىر چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى سوراش ئۈچۈن. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭغا قاراپ:
- مەن بىلەن بىرگە كەلمەمسەن؟ دېدى.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ماناستىرغا باردى. كىرىشكە رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن ئۇ ئىككىسى ئىچكىرىگە كىردى. راھىب كۆزلىرىنى يەرگە تىككىنىچە، بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بولسا  ئاڭلىغانلىرىدىن تەسىر ئالغان بىر چۈشىنى قىياپەتتە تۇرغىنىدا ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كۆرگەن راھىپقا بايان قىلىپ بېرىشكە باشلىدى. ئەبۇ بەكرىنىڭ بايانى تۆگە ـ تۆگىمەستىن راھىب بېشىنى كۆتۈردى ۋە ئۇنىڭدىن سوراشقا باشلىدى:
- نەدىن كەلدىڭ؟
- مەككىدىن.
- قايسى قەبىلىدىن؟
- قۇرەيىش قەبىلىسىدىن.
- كەسپىىڭ نېمە؟
- سودىگەر.
- ئەگەر ئاللاھ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ روياپقا چىقارسا سېنىڭ قەۋمىڭدىن بىر نەبى ( پەيغەمبەر) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ ھايات چېغىدا سەن ئۇنىڭ ۋەزىرى، ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ خەلىپىسى بولىسەن. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) سورىدى:
- نەبى دېگەن نېمە؟
- ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر ئەلچى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۆز ـ ئۆزىگە پىچىرلىغاندەك:
- ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى؟ دېدى. راھىب:
- شۇنداق، ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارغا بىر رەھبەر، بىر يول كۆرسەتكۈچى  قىلىپ ئەۋەتىدۇ، دېدى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ):
- ئۇنى ھۆبەل، لات، ئۇززا ئەۋەتتەمدۇ ياكى ئۇسافە، نائىلە  ۋە ياكى كەبىدىكى باشقا نۇرغۇن ئىلاھلاردىن باشقا بىرى ئەۋەتەمدۇ؟ راھىب:
- ئاسمان ـ زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ ئەۋەتىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئىنسانلارنى يالغۇش، ھېچ ئوخشىشى ۋە شېرىكى بولمىغان ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، بۇتلارنى چېقىشقا بۇيرۇيدۇ. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) قورققان ھالدا سورىدى.
- بۇتلارنى چېقىشقا بۇيرۇمدۇ؟ راھىب:
- شۇنداق، ھەممىسىنىڭ چېقىلىشىنى بۇيرۇيدۇ.
شام سەپىرى ئاخىرلىشىپ كارۋان مەككىگە قايتىپ كەلگەنىدى. ئەرلەر ئۆيلىرىگە قايتماستىن ۋە ئۆز ئايالىرىغىمۇ يېقىن يولىماسستىن ئۇدۇل كەبىگە قاراپ يول ئالدى ۋە كەبىنى تاۋاپ قېلىشقا باشلىدى. سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن پايدا ئالغان ۋە چۆنتەكلىرىنى لىق تولدۇرۇپ قايتىشقان بۇ كىشىلەر كەبە ئەتراپىدىكى بۇتلارغا يۈزلەندى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇ ئۇلار بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ شۈكۈرلىرىنى بىلدۈرگۈچىلەر قاتارىدا كېتىۋاتاتتى. ئەمما ئۆزىمۇ چۈشەنمىگەن يېرى شۇ بولدىكى ئۇنىڭ كەبىنى ھەر بىر ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغاندا قەلبىدە پەيدا بولغان ھۇزۇرنى بۇتلىرىنىڭ ئالدىدا ھەر قېتىم تۇرغىنىدا ھېس قىلالمايۋاتاتتى.  ئۇ شۈكۈرلىرىنى بۇتلار ئالدىدا كېكەچلىگەن ھالدا بىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە ئېنىق ئىدىكى بۇ بىر چىن دىلىدىن چىقمىغان رەھمەت ـ تەشەككۈر ئىدى. ئۇ بۇندىن بۇرۇن بۇتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سۆز قىلغاندىكىدەك سەمىمىي ۋە چوڭقۇر بىر تۇيغۇغا چۆمگەن سۆزلەرنىڭ ۋە تىلەكلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۆزىنى ـ ئۆزىگە ناتۇنۇشتەك ھېس قىلدى. ئۇ بۇرۇنقى تۇيغۇ ۋە سۈكۈناتقا ئېرىشمەكچى بولدى. ئەمما ئۇنداق قىلالمايۋاتاتتى. دىققىتىنى يىغالمىدى. ئۇ ئۆز ـ ئۆزىدىن: " نېمە ئۈچۈن بۇتلارغا قۇللۇق بىلدۈرگەن، نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا بويۇن ئېگىپ، ئۇلارغا ئۇلۇغلۇق ۋە مۇھەببەت كۆرسۈتۈشنى لايىق كۆرۈپ يۈرگەن بولغىيدىم " دەپ سوراشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىگىنى بىلەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە سوئال قويۇشنى داۋاملاشتۇردى: " ئۇ بۇ بۇتلارنىڭ قايسى بىر ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەن بولغىيدى؟ ... ئۇلارنىڭ كۈچىدىن ئۆزىگە قانچىلىك بىر پايدا يەتكەن بولغىيدى؟ ... شۇنداق ئۇلاردىن ھېچنېمە كۆرمىگەن، ھېچ بىر ياخشىلىققا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى. ئۇنداقتا نېمە دەپ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بولغىيدى؟ ئۇ بۇ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ قوۋمىنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغانىدى. قوۋمى ئۇ بۇتلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن، بۇتلارغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن بىر قوۋم ئىچىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ئادەتلەنگەنىدى. ئويلاپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەبەشلەرنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئېسىگە كەلدى. ئاتىسى بىلەن ئانىسى ھەبەشىستاندىن مەككىگە ئېلىپ كېلىنىپ سېتىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە تۇغۇلۇپ بۇ بۇتلاردىن باشقا ئىلاھلارنى بىلمەي چوڭ بولغانىدى.  ناۋادا ھەبەشىستاندا تۇغۇلغان بولسا ئىدى، باشقا ئىلاھلارنىمۇ تونىغان، ئۇلارغا قۇللۇق قىلغان، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن، ئۇلارغا بوي سۇنغان، ھۆكۈمى بويىچە ئىش قىلغانمۇ بولاتتى. ئۇنىڭ خىياللىرى بىر- بىرىگە ئۇلۇشۇپ كېتىۋەردى، ئەقلى قالايماقانلىشىپ ئويلىغانلىرى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئارىسىدا بىر سۈركۈلۈش يۈز بەرگەن ۋە ئىشەنچى تەۋرىنىشكە باشلىغان ئىدى.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بەنى جۇماھ مەھەللىسىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇمەييە ئىبنى ھەلەب بىلەن قەبىلىسىدىكىلەر بار يەرگە بېرىپ تۇردى. شامدىن پايدا ئېلىپ قايتقانلىقى  ۋە سەپەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىپادە، بىرەر تەشەككۈرگە ئېرىشىپ قېلىش ئۈمۈدىدە ئۆرە تۇرغىنىچە تۇرۇۋەردى. ئەمما ئۇلار بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ شامدىن ئېلىپ كەلگەن ماللىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن سەپەر داۋامىدا تارتقان جاپالارنى ئۇنتۇلدۇرغىدەك ۋە ياكى سەرپ قىلغان ئەجرىگە چۇشلۇق مۇكاپات بولغۇدەك بىرەر ئېغىز سۆز چىقاي دېمەيتتى. ئۇنىڭ ئىچىنى ئاچچىق بىر ھەسرەت كۆيدۈرۈپ ئۆتتى. بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئېغىر قەدەملەر بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلدى. ئۆز ھالى ھەققىدە ئويلىنىۋېلىشى ئۈچۈن كۆزلەردىن يىراق بولغان بىر يەرگە كېلىپ توختىدى. ئۇ قۇللۇق ھاياتنى ياشاشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەس ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمەكتە ئىدى.
ناۋادا ئۇ ھۆر ئادەملەردىن بولغىنىدا خوجايىنىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرگەن، قىسقا بىر مۇددەت تۇرۇش ئۈچۈن ئىجازەت بېرىلگەن يەرلەرگە ئەمەس بەلكى ئۆزى خالىغان يەرلەرگە كەتكەن بولاتتى، دېگەنلىرىنى كۆڭلىدىن كەچۈردى. بۇ خىياللار بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىر كۆڭۈلسىزلىك كەيپىياتى ئىچىگە سۆرەپ كىردى. ئۇنىڭ خىياللىرى بەختسىزلىكىنى ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭايتىپ كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئۇ ئۆز كېلەچىگىنى قاراڭغۇ كېچىدىنمۇ بەكرەك قاراڭغۇدەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئۈمۈدسىزلىكىنى تېترەڭگۈ ئاۋازدا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بايان قىلىشقا باشلىدى:" قۇل بولۇپ ياشاپ، قۇل بولۇپ ئۆلۈش پىشانەمگە يېزىلغان ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىلىرى بىلەن سۆز قىلىپ پەقەت ۋە پەقەت ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغىلا باش ئۇرماقتىمەن."
ئۇ بۇ خىياللار بىلەن تۇرغاندا ھاياتنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگىمۇ نەزەر سېلىشقا ئۈندۈگەن تۇيغۇلار ئۇنىڭغا شىۋىرلاپ: بۇ روھىي ئازاب، بۇ ئۈمۈدسىزلىنىش نەدىن كەلدى ساڭا  ئى نانكور قۇل؟... خوجايىنىڭنىڭ سېنى باشقا قۇللاردىن ئەۋزەل كۆرگىنى، ئۆزى يېگەننى يىگىزۈپ، ئۆزى كىيگەننى كىيگۈزگىنى يەتمىدىمۇ؟ ... يېقىن دوستلىرى ئارىسىغا سېنى قېتىپ مۈلۈكلىرىدە ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا ساڭا ئىشەنمىدىمۇ؟ قەبىلىنىڭ ياشلىرى سېنى ياخشى كۆرۈپ ساڭا بولغان ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىنى  ساڭا قىلمىدىمۇ؟ ھەم سېنى ھۆرمەتكە لايىق بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) قىلمىدىمۇ؟ ئى بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ )! بۇنچىلىك قەدىرلىنىپ تۇرۇپ يەنە ساڭا نېمە كەم؟ بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) سەل پەسكويغا چۈشۈپ ھالىغا شۈكۈر ئېيتماقچى بولۇۋىدى ئىچىدىكى بىر پىغان ئۇنىڭغا ۋاقىراشقا باشلىدى:" ئى كالۋا قۇل! ئۆزەڭنىڭ خىياللىرىڭغا ئىشىنىپ ئۆزۈڭ بىلەن ئۇمەييە ئوتۇرسىدىكى پەرقنى بىرلا سۆزدىن ئىبارەت پەرقنى كۆرمىگەندەك ۋە ئۆزۈڭنى قۇلى يوق خوجايىن ئورنىغا قويغىدەك ھالغا كەلدىڭمۇ؟.... خيالپەرەس! ... ئاسارە- ئەتىقە لوڭقۇلىرى ماختىلىش ئۈچۈنلا قوللارغا ئېلىنىدۇ. دەز چىقماي ساق تۇرغان مۇددىتىگىچىلا قەدىرلىنىدۇ ۋە مۇئەييەن قىممىتى بىلەن ئەتىۋارلىنىدۇ. ئۇ خىل نەرسىلەر قىممەتلىك ۋە چىرايلىق تۇرغان مۇددەتكىچە مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ. سۇنغان ھامان ئاددىي  بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ ـ دە ئەسلەردىن كۆتۈرۈلىدۇ. سېنى خوجايىنىڭغا يېقىنلاشتۇرغان، دوستلار ئارىسىدا ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلغان نەرسە پەقەتلا سېنىڭ خوش ئاۋازىڭدۇر، خالاس. بۇ ئاۋازىڭ يوقالغاندا سەن ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بىچارە بولۇپ قالىدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ قېرىغىنىڭچە سېنى كۆتىدىغىنى پەقەتلا بىر بەختسىزلىكتۇر. شۇنداق  قىلىپ بىر بۇلۇڭغا تاشلىنىپ قالىسەن ۋە باشقا قۇللارنىڭ تەغدىرىدىن ھېچبىر پەرقىڭ بولمايدۇ. سەن ئۈچۈن يېڭى كىيىم ۋە ياخشى تاماقلارغا ئېرىشىش بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ياشلىقىڭ قولدىن كېتىدۇ، تىجارات، سودا ـ سېتىق ئىشلىرىغا بېرىپ ـ كېلەلمەيسەن، سېنىڭ ئورنۇڭغا كۈچ ـ قۇۋۋىتى بار  ياشلار كېتىدۇ... " بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) خۇددى ھەممە نەرسە تۈگەشكەندەك بىر تۇيغۇدا بېشىنى ئەگدى ۋە ئېغىر ئۇھسىندى. ئۇنىڭ تەگسىز خىياللىرى ئۇنى روھىي ئازاب ۋە بەختسىزلىككە تولغان بىر قاراڭغۇ دۇنيا قوينىدا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئەسنادا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭلىرى ئۇنى خىيال دۇنياسىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئەتراپىغا ئولاشقان ھالدا تۇرۇشقانلىقلىرىنى كۆردى. ياشلار بىر ئېغىزدىن:
بىزگە ناخشا ئېيتىپ بەرگىن، ئى بىلال! (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) يېقىملىق ئاۋازىڭ بىلەن بىزنى خوش قىل، كۆڭلىمىزنى ئاچ! بىزنى ئۇزاق ۋاقىت تاشلاپ كېتىپ يېقىملىق ئاۋازىڭدىن بىزنى مەھرۇم قىلغان ئىدىڭ. ناخشا ئېيتىپ بەر، بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىزگە ناخشا ئېيتىپ بەر!...
ياق، بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ياق دېيەلمەيدۇ، ئۆزۈر تىلىيەلمەيدۇ، رەتمۇ قىلالمايدۇ. بىر قۇل قاچانمۇ ئۆزۈر تىلىيەلىگەن ۋە ياكى" شۇ تاپتا ئۇنىڭغا رايىم يوق" دەپ باشقىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالىغان؟! باشقىلارنىڭ قويغان تەلەپلىرى گەرچە ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدىغان تەقدىردىمۇ خوجايىنلىرىنىڭ چاقىرىقىغا:" لەببەي، خوجايىن" دېمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى. ئۆزىگە تەسەللى بېرىدىغان، ھەسرەتلىرىنىڭ ۋە بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ يەڭگىللەتكىدەك بىرىگە مۇھتاج بولغان تەقدىردىمۇ بۇ كىشىلەرنى خوش قىلماق، مەستخۇش قىلماق ئۈچۈن يەنىلا ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇر ئىدى.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ناخشا ئەمەس دىلىدىكى ھەسرەتلىرىنى ئۇلارغا بايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەسرەتلىرى باشقىلار ئۈچۈن ھېس تۇيغۇلىرىنى جانلاندۇرىدىغان تەسىرلىك نەغمىلەردىن ئىبارەت بولۇپ چۈشىنىلدى. ئۇ ھەسرەتلىك نەغمىلىرىنى ياڭرىتىشنى داۋام قىلاتتى. ئۇلارنى پەقەتلا ئۇ نەغمىلەردىن مەستخۇش بولۇپ ئولتۇرۇپ قالغان ھالدا تاشلاپ كېتەلىدى.




                                                                                ھۆر ۋە  قۇل

بىر كۈنى كېچە ۋاقتى. ھەممە ئادەم قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. بەنى تەيم قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئىشىكتىن يۈزلىرى ئورۇق، بوي تۇرقى ۋىجىكرەك، پاچاقلىرى ئىنچىكىرەك كەلگەن، چاپىنىنىڭ ئالدى تەرىپى بىلەن بېلىنى ئۆتۈشتۈرۈپ چىرمىۋالغان بىر ئادەم چىقتى ۋە ئىشىكنى ئاستا ياپتى. ئاي نۇرى تەرلەپ كەتكەن ئاق يۈزىنى يورۇتتى. ئۇنىڭ مەڭزىلىرى ئازراق تومپىيىپ چىققان، كۆزلىرى چوڭقۇرراق ئىدى. ئۇ كىشى خۇددى قورققاندەك ئېھتىيات بىلەن ئەتراپقا دىققەت قىلغاچ ئىلگىرىلەيتتى. ئۇنىڭ ھە دەپ ئارقا ـ ئالدىغا قارىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئاخىرىدا بەنى جۇمەھ مەھەللىسىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ، بۇ يەردىن ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنىڭ ئۆيىگە باردى. قۇللارنىڭ ئۆيىگە تۇتاشقان بىر دېرىزىگە بارغىچە ئۆي ئەتراپىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتى ۋە ئەتراپتىن خاتىرجەم بولغان ھالدا دېرىزىگە يېقىنلىشىپ پەس ئاۋازدا:
" بىلال... بىلال... " دەپ چاقىردى.
بۇ چاغدا بەدىنىگە ئولاشقان بىر تىترەكنى ھېس قىلدى. ھېچ ئويلىمىغان بۇ كېچە سائەتلىرىدە بولۇپمۇ شۈبھىلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان بۇ ۋاقىتلىرىدا بىرەرسى تۇيۇقسىز كېلىپ قالسا ئۇنىڭغا نېمىمۇ دېگۈلۈك؟ ... قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇنىڭ كاللىسىغا ھېچنېمە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇ كەينىگە قايتىپ كەتمەكچىمۇ بولدى ۋە مەخپىي سىرىنى بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا يەتكۈزۈش ئىستىكى ئەندىشىلىرىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئۇ قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن يەنە بىر چاقىرىپ كۆرمەكچى بولۇپ ئاۋازىنى بىر ئاز كۆتۈرۈپ:
" بىلال... بىلال" ... دەپ چاقىردى.
ئۇ ئەندىشە ئىچىدە ساقلاۋاتقاندا بىر ئىشىكنىڭ غىچىرلاپ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى ۋە بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئاۋاز چىقارغۇچىنى ئىزدەپ ئۇياق-بۇياققا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇنى: "بىلال" دەپ چاقىردى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) قاراڭغۇلۇقتا ئۆرە تۇرغان سايىنى نىشانلاپ ماڭدى. يۈزىنى يېقىن ئېلىپ كېلىشى بىلەن قارشىدىكى ئادەمنى تونىدى ۋە:
- كىم؟ ... ئەبۇ بەكرى، سەن... سەن بۇ سائەتتە بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ؟
- مۇھىم بىر خەۋەر.
- كېچىدە بۇنچىلىك قىينىلىپ يۈرگۈچە  ئۇ ئىشنى ئەتىگە قالدۇرساڭ بولماسمىدى؟
-ياق بىلال، سەن خوجايىنىڭنىڭ كۆزى ۋە قۇلىغى، سەن  خوجايىنىڭنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا بۇ خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزەمتىم، ئەسلىدىمۇ سېنى خوجايىنىڭغا چېقىشتۇرۇپ قويغىدەك بىرەر كىشىنىڭ قۇلىغىغا يېتىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايمەن.
- بۇ مۇھىم خەۋەر نېمە ئىدى؟
- بۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرى ئوتتۇرىغا چىقتى ...
- بۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىمۇ؟
- شۇنداق، بىلال.
- كىم ئۇ؟
- ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم)
- بۇنى سەن قانداق بىلدىڭ؟
مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاللاھغا ئىشىنىشكە يوشۇرۇن تۈردە چاقىرىۋاتىدۇ، دېگەن پىچىرلاشلارنى ئاڭلىدىم، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە ئۇنىڭغا: ئى قاسىمنىڭ ئاتىسى! سېنىڭ ھەققىڭدە ئاڭلىغانلىرىم نېمە ئىش؟ دېدىم. ئۇ: "ئى ئەبۇ بەكرى! مېنىڭ ھەققىمدە قانداق سۆزلەرنى ئاڭلىدىڭ؟" دېدى. مەن: ئاڭلىشىمچە بىر ئىلاھقا ئىشىنىشكە چاقىرىۋېتىپسەن، شۇنداق پەرەز قىلىمەنكى، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىسەن، دېدىم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا: "ئى ئەبۇ  بەكرى! ئۇلۇغ ۋە جەلى  جەلالى بولغان رەببىم مېنى ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش بىشارەت بەرگۈچى قىلدى. ماڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى بەردى ۋە مېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى" دېدى. مەن ئۇنىڭغا: ئاللاھغا قەسەمكى! ھازىرغا قەدەر سەندىن ھېچبىر يالغانچىلىق كۆرمىدىم، ئەلۋەتتە سەن پەيغەمبەرلىككە ئەڭ لايىق بىرىسەن، ئامانەتكە رىئايە قىلىسەن، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىسەن، قولۇڭنى ماڭا ئۇزات، مەن ساڭا بەيئەت قىلىمەن، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى ماڭا ئۇزاتتى مەن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدىم.
- ئۇنى تەستىقلىدىڭمۇ؟
-شۇنداق، بىلال.
- بۇنىڭ كەينىدىن بىرەر مەرتىۋە ياكى مال تەلىپى چىقمىسۇن يەنە.
- ياق بىلال، مەن ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى ياخشى تونۇيمەن، شۈبھىسىزكى ئۇ بۇنىڭ ئارقىسىدىن مەرتىۋە ياكى مال تەلەپ قىلمايدۇ، خەدىچەنىڭ مال- دۇنياسى ئۇنىڭغا نەچچە ئەسىر موھتاجلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ، مۇھەممەدنىڭ قۇرەيش ئىچىدىكى نەسەبى بولسا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندادۇر.
- ئۇ نېمىگە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ؟
بۇ ئاڭلىماس، سۆزلىمەس تاشلارغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىش ۋە شۇنداقلا بىپايان چۆللەرنىڭ، چاقنىغان يۇلتۇزلارنىڭ، نۇر چاچقان قۇياشنىڭ، بۇ باغلار، ھاۋا ۋە ئورمانلارنىڭ ياراتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئۇنىڭ چاقىرىقى قۇل بىلەن خوجايىن ئارىسىدا پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىمان ۋە ئەمەل پەرقىدىن باشقا ھېچقانداق پەرق قالدۇرماي، قۇل بىلەن ئۇنى ياراتقان پەرۋەردىگارى ئارىسىدا بىۋاسىتە بىر يول ئاچىدۇ. بىر قۇل ھېچبىر توسالغۇسىز رەببى كۆرسەتكەن يولدا مېڭىش ئىختىيارلىقىغا ئېرىشىدۇ. مەرھەمەت قىلىشىشقا، دوستلۇققا، ياخشىلىققا ۋە ئاللاھدىن ھەققى بىلەن قورقۇشقا چاقىرىدۇ. قىز بالىلارنى تىرىك كۆمۈشتىن، ئۇرۇق ـ تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلماي تاشلاپ قويۇشتىن نەپرەتلىنىدۇ. ئى بىلال! ئۇنىڭ چاقىرىقى دۇنيانىڭ ھۇزۇرى ۋە ئاخىرەت بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقىدۇر.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) خىيالغا چۆمگەن ھالدا بېشىنى پەس قىلىپ تۇرغاندا ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭ يۈزىگە دىققەت بىلەن زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇ قىلغان سۆزلىرىنىڭ بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا قانچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. ئارىدا بىردەملىك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ھەر ئىككىسىگىلا ھۆكۈمدار بولىۋالغان بۇ جىمجىتلىقنى ئالدى بىلەن بۇزۇپ:
- سېنىڭ پىكرىڭ قانداق؟ بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دېدى.  
- راستتىن ئېيتقاندا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ئى ئەبۇ بەكرى!
- نېمە دېيىشىڭنى بىلەلمەيۋاتامسەن؟ ئۆزۈڭگە كەل بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)، مەن سېنى تېخى بۇ دىننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن مېنىڭ سۆيىنگىنىمدەك بەكرەك سۆيىنىپ كېتەر دەپ  پەرەز قىلغان ئىدىم، ياخشىراق ئويلان بىلال! (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بۇ دىن بىلەن سەن مېنىڭ سۆيۈنۈشىمدىن بەكرەك بەختلىك بولىسەن، بۇ دىن خوجايىنىڭلار بىلەن سىلەرنى باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرنى ئۇلار بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ. كېيىن... كېيىن.... يەنە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، دەيسەنغۇ؟ بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ )، ئەقلىڭ قوبۇل قىلالمايۋاتقان قۇرەيشنىڭ دىنى نەدە؟ ۋە بۇ توغرا ۋە دۇرۇست بولغان دىن نەدە؟ ... ھېچبىر ھەرىكەت قىلالمايدىغان ۋە  تۈرلۈك ـ تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن چاقىرىلغان قۇرەيشنىڭ بۇتلىرى نەدە؟ ئۆزىگە قۇللۇق قىلىشى ئۈچۈن مۇھەممەد دەۋەت قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ نەدە؟ ... بۇتلار بولسا ئاڭلىمايدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان، ھېسسىياتسىز تاشلاردىن ئىبارەت. شانى - شەۋكىتى ئۇلۇغ ئاللاھ بولسا ھەمىشە ھاياتتۇر، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغىدۇر. ئەزەلى ۋە ئەبەدىي بىر غالىپ زاتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستۈنلىكىنىڭ چېكى يوقتۇر. ئۇ ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە تىرىلدۈرەلەيدۇ. ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر.
- ئى ئەبۇ بەكرى! مەن قۇرەيشنىڭ دىنى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىم يوق،  مەنمۇ شامدىن قايتقاندىن بېرى بارلىق بۇتلارنىڭ كۈچىدىن شۈبھىلىنىشكە باشلىغان ئىدىم، چۈنكى سەنمۇ بىلىسەن، ئىنساننىڭ نەپسى ئىشىنىپ كەلگەن نەرسىسىنى تاشلىشى ياكى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدىلا يېڭى بىر دىنغا كىرىشى بىرئاز تەسكە توختايدىكەن. بۇ يېڭى دىن ئەڭ ئۈستۈن ۋە ئەڭ توغرا  بىر دىن بولغان تەقدىردىمۇ...
- بەلكى بۇ سۆز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ چۈشلىرىنى بۇزۇپ قويۇشتىن قورققان قۇرەيشلەر تەرىپىدىن سۆزلەنسە ھەيران قالمايتتىم. سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقىشى غەلىتە بىر ئىش بولدى. قۇرەيشنىڭ بۇتلىرى سېنىڭ ئاتاڭنىڭ بۇتلىرى ئەمەسقۇ؟ ئۇلاردىن شۈبھىلەنمىسەڭ ئۇلارنى چېقىشتىن نېمىشقا قورقۇسەن؟
- ھەممىنى چاقامسەن؟
- بۇنىڭغا ئىككىلىنىش كېتەمدۇ؟ بولدىلا بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىمەن، دېگىن.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مەلۇم بىر مۇددەتكىچە سۈكۈتكە چۆمدى، ئاندىن تىترەك بىر ئاۋازدا:
- شۇنداق! ئاللاھدىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىمەن، دېدى. ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مەمنۇن ۋە خۇشال بولغان تەئەرىزدە بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا:
- ئەتە ئاخشام سېنى ئۆيۈمدە ساقلايمەن، بەيئەت قىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ ئۆيىگە بارىمىز، دېدى.
ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ قايتتى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)  سايىسىنىڭ قاراڭغۇدا يوق بولىشىغىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى، ئاندىن دىلىغا يېڭى دىننىڭ روھىنى تولدۇرغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كەتتى. ئۇ، شۇ تاپتا بۇ دىننىڭ سەۋەبىدىن زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ئىمتىھان قىلىنىدىغانلارنىڭ ئۇستازى، سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى قىلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان قورقۇنچلۇق، ئاجايىپ قاتتىق بىر ئىمتىھانغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيتتى، ئەلۋەتتە.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. يېڭى دىن ئۇنىڭدا يېڭىچە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتاتتى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتتى... بەزى چاغلاردا ھېچكىمگە كۆرۈنمەستىن كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ  مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەتتى.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ يېڭى دىننىڭ پرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىشكە، ئۇنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس بۇلىقىدىن قانغۇچە ئىچىشكە باشلىغان ئىدى. مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ جەسۇر روھى ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان، ئۇنى خار ۋە تۆۋەن كۆرىلىدىغان بىر قۇل بولۇشتىن پۈتۈنلەي ھۆر ئىنسان بولۇش يولىغا ئېلىپ چىققان ئىدى. ئەمدى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، بۇ يولدا قەد كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان بىر نىشان بار بولغانىدى. ھېچقانداق بىر زورلۇق ئۇنى باش ئەگدۈرەلمەيتتى، ھېچقانداق بىر تەھدىت ئۇنى بۇ يولدىن قايتۇرالمايتتى.
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مەككىدە ھايات جانلىنىشتىن ۋە كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقماستىن بۇرۇن مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدى. خوخايىنىنىڭ ئۆيىگە قايتىشتىن بۇرۇن تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەبىگە قاراپ ماڭدى. كەبىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ يوقلىغىنى كۆردى. ئۇ بۇتلارغا سەپسېلىپ قارىغاچ ئۇلارغا قارىتا كاللىسىدىكى سوئاللارنى سورىغاچ ئۇلار ئارىسىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇندىن بۇرۇن بۇ ئاڭلىماس، سۆزلىمەس بۇتلارغا قانداقمۇ ئىبادەت قىلغان بولغىيدى؟... بۇ بۇتلارنىڭ ئۆزىدە بىر ياخشىلىق بولمىغان يەردە ئۇلاردىن ياخشىلىق كەلسۇن دەپ ئۇلارغا قانداقمۇ يېقىنلىق قىلغان بولغىيدى؟... بۇتلار خۇشاللىق ۋە غەزەپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ھالدا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشتىن قانداقمۇ سۆيۈنگەن ۋە غەزەپلىنىشلىرىدىن قانداقمۇ كۆڭلى يېرىم بولغان بولغىيدى؟... ئۇلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى ۋە ياكى بىرەر تىلەكنى ئىجابەت قىلىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى قانداقمۇ بىلمىگەن بولغىيتى؟ ... ئۇ ئاخىرىدا ئۆز- ئۆزىگە مۇنداق دېيىشكە باشلىدى:
- بۇ بۇتلارغا يالۋۇرغان چاغلىرىمدا كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا يىغلىغان ئەمەسمىدىم؟  مەن نېمە دېگەن ئەخمەق- ھە! خىياللارنى سېھىرلەپ ھەقىقەت شەكلىدە كۆرسىتىلگەن بىر ئالدامچى تۇزاق!... بۇ خۇددى كىچىك چۈجىگە كەڭ بىر كىيىم كىيدۈرۈپ ئۇنى تۆگە قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغانلىق،  تاشقا چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ئۇنى ھەر ئىشقا قادىر بولغان ئىلاھلار ھالىغا ئېلىپ كېلىشمەكچى بولغانلىق ئەمەسمۇ؟ نەقەدەر ئالدىغۇچى بىر ۋەھىمە بۇ؟! كىشىلەر بۇ قىلمىشلىرى بىلەن تېخى ئۆزلىرىنى توغرا يولدا مېڭىۋاتىمىز، دەپ ھېسابلىشىدۇ ۋە بۇنىڭ سىراتىل مۇستەقىم ئىكەنلىكىگە قايىل بولىشىدۇ... ئازغۇنلۇقنىڭ قېلىن پەردىسى بىلەن چۈمكەپ قويۇپ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ، ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى يوققا چىقارماقچى بولغان بۇ چوڭ ئالدامچىلىققا قارىمامدىغان!...  
ئۇ بۇلارنى ئويلىغاچ ھۆبەل ئىسىملىك بۇتنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇنىڭغا ياخشى زەن سېلىپ قارىغاندىن كېيىن:
- سەن بىچارە بۇت، قولۇڭ سۇنۇپ كەتكەن كۈنى نەدە ئىدىڭ؟ نېمىشقا قولۇڭنىڭ سۇنۇق پېتى قېلىشىغا رازى بولدۇڭ؟ سۇنغان قولۇڭنىڭ ئورنىغا كىشىلەرنىڭ ساڭا ئالتۇندىن قول قىلىپ بېرىشىنى، يەنە بىر قولۇڭنىڭ شۇ ھالەتتە قېلىشىنى سېنىڭ ئۇلۇغلۇق سۈپىتىڭ قانداقمۇ قوبۇل قىلالىدى؟ ئەسلىدە بىرمۇ قولى بولمىغان ئىككى قوللۇق ئى ئىلاھ! مەن سېنىڭ يۈزۈڭگە ئۇرغۇنىمدا ۋە بىر ئۇرۇشتا يەرگە چۈشۈرگىنىمدە ۋە ياكى يۈزۈڭگە تۈكۈرگىنىمدە، سەن مېنى قانداق قىلالايسەن؟
بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى ۋە: ئېنىقكى سەن، سېنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ھاياتىمغا لايىق بىرى ئەمەسسەن، بىچارە!... قولۇڭنى بوينىڭغا ئېسىپ قويىدىغان كۈن كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ساڭا قول ياساپ بېرىدىغان بىرىنىمۇ تاپالمايسەن، دېدى. ۋە ئۆزىنى نازارەت قىلىپ تۇرغان، بۇتلارغا قىلغانلىرىغا يوشۇرۇن دىققەت قىلىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئۇ يەردىن ئايرىلدى.

<<ئاخىرى بار>>
تېما تەستىقلىغۇچى : مۇھەممەد-2008
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-12, 07:33
قىزىق قۇچلار جەننەتكە قىزىق سۇن...!!!
<<زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،بىر -بىرگە ھەقنى، سەبرىنى تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن باشقا ھەممە ئادەم، چۇقۇم زىيانكارلىق ئىچىدئدۇر.!>>..(سۈرە ئەسىر)
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-12 11:53 |
بۈغراخان0998
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 37934
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 182 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللارەھمەت قىلسۇن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 16:23 |
erk uzun
مۇستەئىد
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 18 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاۋال ساقلىۋالاي..
armaninkas4
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 18:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە - پوۋسىتلار