ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
نۇرلۇق ئادەم
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2970
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 1712
شۆھرەت: 5475 كىشىلىك
پۇل : 18745 سوم
تۆھپە: 103 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2401 نۇمۇر
قوللاش: 1941 نومۇر
ئالقىش: 2932 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 650(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پەلسەپە خاراكتېرىدىكى سوئاللارغا ئىسلام دىننىڭ جاۋابى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاناقۇشئۇۋىسى ئىلگىرلەتتى .(2009-02-11)
پەلسەپە خاراكتېرىدىكى سوئاللارغا ئىسلام دىننىڭ جاۋابى AoL4#.r3H  
&IM;Yl  
پەيلاسۇپلارنى بىر يەرگە توپلىغان نەرسە ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئەمەس، بەلكى ھەل قىلماقچى بولغان قىيىنچىلىقلار دېگەن قاراش توغرا بولسا كېرەك. شۇڭا بىرەر مەسىلىگە پەلسەپە خاراكتېرلىك جاۋاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، پەلسەپە خاراكتېرلىك جاۋاپلارنىڭ سانى ئومۇمىي پەيلاسۇپلارنىڭ، ھېچبولمىغاندىمۇ پەلسەپە مەدرىسلىرىنىڭ سانىغا توغرا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. _rXTHo7P  
;wIpch e  
شۇنىڭغا ئاساسەن ھەقىقىي ئىسلام پەلسەپىسى (ئەگەر پەلسەپىنى ئىسلامغا باغلاش زۆرۈر دەپ قارالسا) يوقىرىقىدەك پەلسەپىۋى سۇئاللارغا ئىسلامنىڭ ئاساسىي دەستۇرلىرى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپلارنى تاپالايمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەقىقىي ئىسلام پەيلاسۇپى پەلسەپە خاراكتېرىدىكى جاۋاپلىرىدا يوقىرىقى مەنبەلەرگە تايىنىشى لازىم؛ ئۇ شۇ خىل پەلسەپىۋى جاۋاپلارنى ئىزدەپ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە چۆككەن، ئۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلغان، گۇڭگا تەرەپلىرىنى يەشكەن، ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى قوغدىغان، قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن ئىلمىي يۇسۇندا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق لايىھەدە ئىلگىرلىگەن ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ كىشىلىرى كۈچىمەي چۈشىنەلەيدىغان تىلدا سۆزلىگەن، يازغان كىشىدۇر. 9 hEIf,\  
v!T%xUb0  
ھەقىقىي ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ مەنبەلىرى مۇسۇلمان پەيلاسۇپلار دەپ تونۇلغان ئىبن سىنا، ئەلفارابىي ۋە ئەلكىندىغا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلارنىڭ يازمىلىرى ئەمەس، چۈنكى، ئۇلار گەرچە ئاندا- ساندا ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئالغان ئىلھاملىرى ئارقىسىدا يونان پەلسەپىسىگە زىت قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، يونان پەلسەپە دالاسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىدىيەلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە پىكىر يۈرگۈزەتتى. =vMFCp;mv  
n5A0E2!  
ئىسلامچە ساغلام پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلار يەنىلا قۇرئان- سۈننەتكە چوڭقۇر چۆككەن فىقھىشۇناس ئۆلىمالار ئېدى. بۇلار، پەيلاسۇپلارنىڭ قۇرئان، سۇننەت ۋە سەلەف ئالىملار تەرىپىدىن ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى دەپ تونۇلغان پرىنسىپلىرىغا قارشى سۆزلىرىنى ئاشكارىلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەيلاسۇپلارنىڭ ئەڭ يىرىك رەقىبلىرىدىن سانىلاتتى. g4(B=G\j  
s@K)RhTY  
چۈنكى، ئۇ دەۋرلەردە پەلسەپە يوناننىڭ كۆپ ئىلاھلىق پىكرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىدىيىنىلا ياقلايتتى. بىز ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدىن ئۇلارنى ئەيىپلىگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئۇچىرىتىمىز. q?g4**C  
zE5%l`@|o  
ئەمما، پەلسەپىنى ۋۇجۇد، ئەقىل، ئەخلاق، مەرىپەت ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاسالىق سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىشقا ئۇرىنىدىغان ئومۇمىي ئوقۇمىي بويىچە بولغاندا، بۇ مەسىلىلەرگە بەرگەن ئىسلام دىننىڭ جاۋاپلىرىنى ئىسلام پەلسەپىسى دەپ ئاتىسا ھېچ گەپ بولماس دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەنا يۇرىتىلغان يەردە سۆز قوغلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. * F%Wf  
l=U@j T  
تۈۋەندە، يىللار مابەينىدە نۇرغۇن قېتىملىق ئىلمىي يىغىلىشلاردا سۆزلىگەن لىكسىيەلىرىم ۋە كىتابلارنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا تەييارلىغان ئاشۇ جاۋاپلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مېنى ئىسلامنىڭ پەلسەپىگە قارىتا مەيدانىنى بايان قىلىپ بىرىش توغرىسىدا قىلىشقان تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن قىلدىم. ئەلۋەتتە بۇ، بىر ئىنساننىڭ بىر سائەت مۇددىتىدىكى لىكسىيە بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلىشى قېيىن مەسىلە. لېكىن، ئالىملىرىمىز ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ھەممىنى قويۇپ قويماسلىققا چاقىرىشقان ئىكەن. شۇڭا يىتەرلىك بولمىسىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي: qc\]~]H]r  
"S.5_@?  
بىلىش نەزىرىيىسى " l vPge  
*,X;4?:,  
پەلسەپىدىكى ئەڭ نوقتىلىق مەسىلە يەنىلا بىلىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەشۇ سۇئاللاردىن ئىبارەت بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپلار بىلىش نەزىرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ساھەدە سورىلىدىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك سوئاللار: sL|*0,#K  
"2q}G16K  
ئىلىمنىڭ تەرىپى نېمە؟ Ql^I$5&  
J3gJSRT@P  
ئىلىم ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىمۇ؟ oBiJiPE=`  
ec+&K?T  
ئىنساندا توغۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئىلىم بۇلامدۇ؟ ياكى بوۋاق ئاق قەغەزدەك تۇغۇلامدۇ؟ #4iSQ$0  
hu0z):>y  
قانداق بىلىمىز؟ .Nz2K[  
Z8*E-y0  
L#mf[a@pCn  
^N#B( F  
ئىلىم دېگەن نىمە؟ 2\80S[f  
AL@8v=  
قۇرئان كەرىمدىكى بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئىسلام ئۇيغۇنلىشىش نەزىرىيىسىنى، يەنى ئىلىم دېگەن سۆز ياكى تەسەۋۋۇر رىئاللىققا ئۇيغۇن كىلىدۇ دەپ قارايدىغان نەزىرىيىنى قوللايدىغاندەك كۆرىنىدۇ. بىر قىسىم ئەرەبلەر زىرەك ئادەملەرنىڭ ئىككى يۆرىكى بار دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇلاردىن ئەگەر ئايالىدىن ئاچچىقلىنىپ قالسا، ئۇنىڭغا سەن ئانامغا ئوخشاش دەيتتى، ئۇنىڭدىن ئۇنى ئانىسىدەك كۆرەتتى. ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزمەيتتى. يەنە بىرلىرى باشقىلارنىڭ قىز- ئوغۇللىرىنى ئۆزىگە نىسبەت بىرىپ، ئۆزىنىڭ بالىسىدەك مۇئامىلە قىلاتتى، گويا ھازىرقى غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋاللارغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ خىل بىلجىرلاشلارنىڭ پەقەت تىلدىكى سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنداق قىلىش ھەقىقەت روھىغا خىلاپ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « اﷲ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار([1]) قىلغان ئاياللىرىڭلارنى اﷲ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ اﷲ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش)پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، اﷲ ھەق (سۆز)نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ»[2] 69ZGdN  
ئىلىم ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىمۇ؟ <] 
4H'\nsM  
بىز بۇ سۇئالنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىساق، ئۇنىڭ بىر- بىرىگە زىت سۆز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئىلىمنىڭ ئېرىشىش مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان چېغىدا ئۇنىڭ ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. ئەمما، ئىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ بىر نەرسە بىلگەن بولىدۇ. لېكىن، بۇ سۇئالنىڭ ئەسلىسى بىزنىڭ ھەقىقىي ئىلىم دەپ ئېتىقاد قىلىۋاتقىنىمىزنىڭ رىئاللىققا ئويغۇن ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا بولسا، ئۇ ھالدا بىز شۇنداق، رىئاللىققا ئويغۇن دەپ جاۋاپ بىرىمىز، يەنى ئۇ خىيال ياكى تەسەۋۋۇر ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن، قۇرئان كەرىم ئىلىمنىڭ ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بار نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ. بۇ شۇكۇر ئېيتىشنى تەقەززا قىلىدىغان نېمەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « اللە سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، اللە سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى»[3] Z6C!-a  
c-1,((p  
بۇ سۇئالغا يوقىرىقى ئايەت كەسكىن ھالدا ”ياق“ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇنداقتا ئىلىمنىڭ ھەممىسى توغۇلغاندىن كېيىن، ئېرىشىلىدۇ. ئەمما، بۇنداق دېگەنلىك ئەقىل ئاق قەغەزدەك بولىدۇ، سەن خالىغان نەرسەڭنى يازىسەن دېگەنلىكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن «ھەرقانداق بىر بوۋاق فىترەتكە( ئىسلامغا) توغۇلىدۇ. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەرقانداق بوۋاق فىترەتكە(ئىسلام) توغۇلىدۇ. ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدى ياكى ناسارا ياكى مەجۇسى قىلىۋېتىدۇ.» دېگەن ھەدىسىنى ئوقۇپ تۇرىمىز- مۇسلىم رىۋايىتى. j<|I@0  
&iR3]FNI  
بۇ ھەدىس شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىنسان بىر نەرسىنى بىلىپ توغۇلمىغىنى بىلەن ئەقىلسىزمۇ توغۇلمايدۇ. ئۇ توغۇلغان چاغدا ئەقىلىدە ئىلىمنىڭ ئورۇقى بولىدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ يىتىلىشى بىلەن يىتىلىپ بارىدۇ. ئەمما بۇ ئورۇق سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. T40&a(hXQ  
nk=+6r6  
بۇنداق قەلەمچىسى ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە جايلاشتۇرۇلغىنى قانداق ئىلىم؟ يوقىرىقى ھەدىس ئىنساننىڭ فىترىتىنى يەھودى، ناسارا ۋە مەجۇسىلاردىن پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ يەردىكى فىترەت ئىسلامدۇر. روشەنكى، يوقىرىقىلاردىن مەقسەت ئىنساننىڭ ئەقلى تەرەققىي قىلغانچە ئۆزىنى ئىسلامنىڭ ھەممە بىلىملىرىنى بىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭدىن مۇنداق ئىككى ئىش مەقسەت قىلىنىدۇ: &[71~.Od  
0?c2= Y   
بىرىنچىسى: ئىنسان توغۇلغاندا ئەقلىدە تەۋھىدنىڭ ئاساسى بولىدۇ. يەنى يىگانە، ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ئىلاھ يوق دېگەننى تەستىقلاپ توغۇلىدۇ. &%eWCe+ +  
G*;?&;*  
ئىككىنچىسى: ئىنسان مەيلى ئېتىقادى ياكى سولۈك جەھەتتىن بولسۇن، ئىسلام تەكىتلەۋاتقان ھۆكۈم ۋە ھەقىقەتلەردىن باشقىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان بىر خىل فىترەتتە تۇغۇلىدۇ. IBfLb(I  
k*XI/k5Vc  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان دىننى فىترەت دەپ سۈپەتلىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، اﷲ نىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) اﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، اﷲ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»[4]  W^dk:  
ئىنساننىڭ ئېڭى ياكى فىترىتى ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىدىن باشقىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان شەكىلدە يارىتىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ مۇسۇلمان، يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشى بولماي تۇرۇپ روھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»[5] >?3yVE  
قانداق ئۆگىنىمىز؟ GZ=7)eJ~<  
 vVvx g0  
بۇ يەردە مۇشۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش تىرىشچانلىقى جەريانىدا كۆپىنچە كىشىلەر ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئۈچ خىل مەسىلە بار. ئوقۇرمەن بۇنى پەرقلەندۈرىۋېلىشى لازىم. ئۇ سۇئاللار: ئىلىمنىڭ مەنبەسى، ئىلىم ئېلىش جەريانىدا تايىنىدىغان ۋاستىلەر ۋە ئىلم ئېلىش ئۈچۈن تۇتۇپ ماڭىدىغان يول... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. v=m!$~  
DA=#T2)p  
مەنبە - ئۇنى ئىسمىدىنلا ئىلىم بار ماكان. ۋاسىتە- ئىلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزگە ھازىرلاپ بەرگەن كۈچ ۋە جابدۇقلاردىن ئىبارەت. ئەمما، تۇتۇپ ماڭىدىغان يول- بىزنىڭ ئىلىم ئېلىش جەريانىدا يوقىرىقى ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىلىمنى مەنبەسىدىن ئېلىشنى بەلگىلەپ بېرىدىغان يول. c_V^~hq  
Ygeg[S!7  
مۇسۇلمانلاردا ئىلىمنىڭ مەنبەسى كائىنات ۋە ۋەھيى، ۋاستىلىرى ئىدراك ۋە ئەقىل، ئەمما تۇتۇپ ماڭىدىغان يول ياكى ئۇسۇل مەنبە ۋە ئىلىمنىڭ تۈرىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىر قىسىم دىندارلار دېيىشىۋاتقاندەك ئىلىمنىڭ مەنبەسى ئىدراك ۋە ۋەھيى ياكى ئىلمىي ئۇسۇل پەقەت تەبىئىي پەنلەرگىلا خاستۇر دېيىش خاتا. D;?cf+6$  
\NZ(Xk  
بىلىش ۋاستىلىرى Fw{:fFZC[  
b@v_db]|t.  
بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا زىكىر قىلغان ئايەت ئىنساننىڭ نادان توغۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاڭلاشنى، كۆرۈشنى ۋە ئەقىلنى ئاتا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىنساننىڭ مەيلى دىنىي ياكى دۇنيالىق ئىلىم بولسۇن، پەقەت ئىدراك ۋە ئەقىل بىلەنلا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. "mk@p=d  
;- 0 d2Z  
ئايەتتە ئاڭلاش ۋە كۆرۈشتىن باشقا نەرسە زىكىر قىلىنمىغان تۇرسا، نېمىشقا ئىدراكنىمۇ قوشىۋالىمىز؟ چۈنكى، ئىدراكنىڭ بايانى باشقا ئايەتلەردە زىكىر قىلىنىدۇ, ئەمما بۇ ئايەت بىلىشكە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم نوقىتىلارغا مەركەزلەشكەن. -G'U\EXT  
 EKgY  
ئىنساندىكى ھىس قىلغۇچ ئەزالارنىڭ ھەممىسى مېڭە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەقىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەقىل بولسا ھىس قىلغۇچى ئەزالار ئارقىلىق يىتىپ كەلگەن ماددىلارنى ئۆزگەرتىپ، ئىنسانغا نىسبەتەن مەناسى بار شەيئىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەقىل بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار ھىس قىلغۇچى ئەزا قۇلاق، يەنى ئاڭلاش. چۈنكى، ئىنسان چاقماق، شامال، قۇشلار، ھايۋانلار، ھاشارەتلەردىن سادىر بولىدىغان تەبىئىي ئاۋازلارنى ئاڭلىغىنىغا ئوخشاش، سۆز يەنى مەناغا دالالەت قىلىدىغان ئاۋازنىمۇ ئاڭلايدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ئاڭلاش كۆپىنچە كېيىنكى مەنادا قوللىنىلىندۇ؛ ئەمما سۆز چۈشەنمەيدىغان، ئۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولمايدىغانلارنى قۇرئان كەرىم ئاۋازدىن باشقىنى ئاڭلىمايدىغان ھايۋانلارغا ئوخشىتىدۇ. ئاڭلاشنىڭ ئەقىل بىلەن يەنە باشقا بىر خىل مۇناسىۋىتىمۇ بار؛ ئۇ بولسا، سۆزنىڭ ھەقلىرىمۇ، باتىللىرىمۇ بار, ئۇلارنى يالغۇز ھىس بىلەنلا بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئەقىل ھەمدەم بولۇپ، سۆزنىڭ بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ياكى قارىمۇ قارشىمۇ بۇنىڭغا قارار بىرىشى كېرەك. ئەگەر، قارىمۇ قارشى بولسا، ئۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بولسا، ئۇنىڭ مەنىسىگە قاراپ، ئۆزى ئىشارەت قىلغان رىئاللىققا ئويغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا قارار بىرىدۇ.  ھەقىقەت ياكى باتىل دەپ باھا بىرىش ئىنتايىن ئاسان ئىشلارنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قۇياش ئۆرلەۋاتىدۇ دېگەن چاغدا، ئىنسان ئاسمانغا قاراپ، قوياشنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ-دە، ئۇ گەپنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ، ئۇنداق بولمىغان بولسا، باتىل ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەمما بىر سۆزنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ناھايىتى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بىر جەرياننى تەلەپ قىلىشىمۇ مۇمكىن، گويا نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ ساغلاملىقىنى تەكىتلىگەندەك. I3I1<}>]Z  
CE5A^,EsB  
بىلىشنىڭ مەنبەسى 0#G@F5; <  
A4~- {.w=  
ھەقىقەتلەر تۈرىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پەقەت ئىككى خىللا مەنبەگە ئىگىدۇر. ئۇ بولسىمۇ كائىنات ۋە ۋەھيى ياكى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەھيىسى دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان بىر ئىشنى داۋا قىلىپ، بۇ ئىككىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرىدىن دەلىل- ئىسپات كۆرسەتمىسە ياكى كۆرسىتەلمىسە، ئۇنىڭ داۋاسى يالغان بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار (نېمە بىلەن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى اﷲ  بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر - بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ»[6] ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغان ئىبادەتلىرى ”ئۇلار ئىلاھلاردۇر“ دېگەن دەۋانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلاھ بولۇش ئۈچۈن ياراتقۇچى بولۇش لازىم. ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۇنىڭ كائىناتتا ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى كۆرۈش بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا نازىل قىلغان ۋەھيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. ئەگەر بۇ خىل بىلجىرلاشلارغا كۆز ئالدىمىزدىكى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن ياكى ياراتقۇچى زاتنىڭ كالامىدىن بىرەر پاكىت بولمايدىكەن، بۇ سۆزنىڭ باتىل ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر. J#'8]p3E  
.IU\wN  
مەرىپەتنىڭ مەنبەسىگە نىسبەتەن ئىسلام دىننىڭ قارىشى كائىناتنىلا مەرىپەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدىغان، بۇ ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭلا ھەقىقىتىنىلا بىلىشكە بولىدىغان  بىر ئىلمىي ئۇسۇلدىن باشقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، ماتىرىيالىستلارنىڭ قارىشىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ يەنە باشقا دىنى تەسەۋۋۇرلار ۋە مىتافىزىكىلىق قاراشلاردىنمۇ ئاسمان ـ زېمىن پەرقلىنىدۇ. \V(w=   
H*H~~yQ  
بۇ ئىككىسى بىلەن بولغان پەرقنىڭ نىگىزى، ئىسلامنىڭ مەرىپەتنىڭ مەنبەسىگە بولغان تەسەۋۋۇرى كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كائىناتتىن ئۆزىنىڭ دەۋاسىغا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىشتىن باشقا، يەنە بىر مەنبە- ۋەھيىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىدە گەۋدىلىنىدۇ. ماتىرىيالىستلارنىڭ بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىۋاتقان چاغدا ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغان مەنبە ئۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ-دە، بۇ ئىككىسى بىر- بىرى بىلەن قارىمۇ قارشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. باشقا دىنىي ۋە مىتافىزىكىلىق تەسەۋۋۇرلارنىڭ ساھىبلىرى ساغلاملىقىغا ھېچقانداق دەلىل- ئىسپات يوق مەنبەلەرگە ئىشىنىدۇ. ]qd$rX   
En9>onJ  
ۋەھيىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەر c4f3Dr'xw  
7gc?7TM  
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەبلەرگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى دېگەن چاغدا، ئۇ ئەرەبلەر شۇنچە زىرەك بولغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولغان بارلىق ۋاستىلەر بىلەن قارشى تۇردى. ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ قارشى تۇرىشى ئۈچۈن يېڭى ھۆججەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىغۇدەك ھېچقانداق نەرسە قالدۇرمىدى. ئەمما، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ شۇ خىل ئېتىرازلىرىنىڭ ھەممىسىگە مەۋجۇد بولغان بارلىق ئىلمىي، ئەقلىي ھۆججەت ۋە بۇرھانلار بىلەن جاۋاپ بەردى. مىسال ئۈچۈن: ئۇ ئەرەبلەرنىڭ بەزىلىرى «كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بارلىقىغا ئىشەنمىگەنكەن، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى دېيىشتى». جاۋاپ: قانداق بارلىققا كەلدىڭلار؟ پەقەت يوقلۇقتىنمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس ياكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ياراتتىڭلارمۇ؟ بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەمدى، توغمىغان، توغۇلمىغان، يارىتىلمىغان پەقەت بىر ياراتقۇچىدىن باشقا ھېچقانداق تالاش- تارتىشقا يول يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 1j*E/L  
'" 4;;(  
«ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ»[7]  
6}cN7wnm j  
ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسىمۇ، قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى. ئۇنىڭ جاۋابى: ئەگەر سەن ئىنساننى يوق يەردىن بار قىلغان ئاللاھقا ئىشىنىدىغان بولساڭ، قانداقسىگە ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيسەن؟ بۇ يوق يەردىن ياراتقانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟ سەن كۆز ئالدىڭدىكى بۇ كائىناتتا ئاللاھ تائالانىڭ زېمىننى ئۈسۈملۈكلەر بىلەن جانلاندۇرۇپ، يەنە ئۇنى قۇرىتىۋەتكەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى يەنە قايتا جانلاندۇرغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ قۇرۇپ كەتكەن زىمىننى ياشناتقان ئاللاھ قانداقسىگە ئىنساننى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: I~ 1Rt+:  
V7"^.W*  
«مۇشرىكلار: «بىز قۇرۇق سۆڭەك ۋە چىرىپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېين چوقۇم قايتا تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېيىشىدۇ*  سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قېيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان اﷲ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن» [8] JKz]fgOd$  
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ نىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»[9] `%/w0,0  
سىز ئەگەر ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسىڭىز، شەكسىزكى، ئۇنىڭ بارلىق كامالەت سۈپەتلىرىگىمۇ مۇتلەق ئىشىنىسىز. ئۇنىڭ ھەكىيم سۈپىتىگە ئىشىنىسىز -دە، ئۇنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا شەرتسىز باش ئىگىسىز.  مانا مۇشۇنداق ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، كىشىلەرنى ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. كىشىلەرنىڭ بىر قىسىمى ئۇلارغا ئىشىنىپ، ياخشىلىق تەرەپكە ماڭغان بولسا، يەنە بىر قىسمى ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ، ھالاكەت يولىغا قەدەم باستى. سىزچە، ئەشۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار گوروھىنىڭ تەقدىرى قىسمەتلىرى ئوخشاش بولسا بۇ يەردە ھېكمەت بولغان بولامدۇ؟  لېكىن، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا، بىزگە مەلۇم بولغاندەك جازالاش مەيدانى ئەمەس. قانچىلىغان ياخشى كىشىلەر ئىنتايىن ئېغىر تۇرمۇش كەچۈردى، مەزلۇملارچە قەتىل قىلىندى؟ قانچىلىغان يامان غەرەز، يامان پىئىللىق كىشلەر بەخىتلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى؟ ئەگەر بۇ بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىن كېيىن، ياخشىلار ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتىنى، يامانلار ئۆز شۇملۇقلىرىنىڭ جازا- ئازاپلىرىنى تېتىمسىا، كىشىلەرنى يارىتىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ ئۆزى بىر تۇترۇقسىز ئىش ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزەڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزەڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟* ھەق - پادىشاھ اﷲ  ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ  ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[10] R=J5L36F  
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!*اﷲ  ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»[11] $DlO<  
بىر قىسىم يەھۇدىلار ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى، ئەمما، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىسىگە ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ، دەپ قارىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى دېيىشتى. ئۇلارغا بىرىلگەن جاۋاپ مۇنداق بولدى: ئاللاھ تائالانى پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دەپ قارىغانلار، ئۇنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىغان بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانى ئۆزىگە مۇناسىپ رەۋىشتە تونىغانلارنىڭ كىشىلەرنى يارىتىپ، ئۇلارغا ھاياتى دۇنيادا لازىم بولىدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ھازىرلاپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسى ئىنتايىن ئىھتىياجلىق بولغان ھىدايەتنى بەرمەي، ھالاكەت يولىدا تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز رىسالىسىنى ئىنسان ئارقىلىق ئەۋەتىشىگە ئىشەنمىسەڭلار، قانداق بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتتىڭلار؟ مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى كىم ئەۋەتتى؟  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار اﷲ نى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى، ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە - پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزەڭلار ۋە ئاتا -بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى، (بۇ قۇرئاننى) اﷲ (نازىل قىلدى)». ئاندىن ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن»[12] =[:pm)   
يەنە بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، بىراق، نېمىشقا ئاللاھ ئىنسانلارغا پەرىشتىلەرنى ئەمەس، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلىشىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلىدى: پەرىشتىلەر پەرىشتىلەرگە ئەۋەتىلىدۇ. ئىنسانلارغا مۇناسىپ كېلىدىغىنى يەنىلا شۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان، ئۇلارغا نەمۇنە بولىدىغان ئىنسانلاردۇر. ئەگەر، ئۇلارغا پەرىشتىلەردىن ئەلچىلەر ئەۋەتىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلسا، باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئىجرا قىلىشقا بويرىسا، ئۇلار ، ئۇ دېگەن پەرىشتە، بىز قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ، دەپ داۋراڭ سېلىشقان بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: >} E  
hb<cyn Y  
«(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ  چۈشۈرەتتۇق»[13] gtnu/ Q  
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىكىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئۆزىنىڭ تەرجىمەھالى ئارقىلىق دەلىللەرنى كۆرسەتتى. ئۇلار ئىشەنچلىك، سەمىمىي كىشى دەپ تونۇشقان ئىدى. 40 يېشىغا قەدەر كىشىلەرگە يالغان ئېيتىشتىن ھەزەر ئەيلەپ كەلگەن ئۇ زات ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتامدۇ؟  ئۇنىڭ ئوقۇش، يېزىشنى بىلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدىغۇ؟!  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: W) 
[]$L"?]0uk  
«ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى»[14] T0{X,  
ئۇ ئۆزى چاقىرغان نەرسىنى تۈنجى تەتبىقلايدىغان، سۆزىنى ھەركىتى دائىم تەستىقلايدىغان زات ئىدى. K: |-s4=  
d2?#&d'aq  
ئۆزى چاقىرغان دەۋەت ئۈچۈن كىشىلەردىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا نامرات، لېكىن، كەرەملىك، مىھرىبان ۋە كەمتەر ھالدا ياشىدى. ھاياتىدا ھەممىدىن كۆپ قۇربانلىق بەرگىنىمۇ يەنىلا شۇ زات بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 6Nws>(Ij  
&I:ZJuQ4  
«سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلغان نەرسىنى ئۆزەممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت اﷲ نىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) اﷲ غا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن»[15] Z7NR%u_|[  
يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ قانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر»[16] )O2IEwPd.  
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كىتابتىن دەلىللەرنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ سۆزىدە مەۋجۇد بولىشى مۇمكىن بولمىغان دەرىجىدە مەزمۇن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) اﷲ دىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى»[17] H*P[tyz$  
قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ يىگانە ئۇسلۇبى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۇنى تەقلىد قىلىشى ياكى ئەرەبلەردەك بالاغەت ۋە پاساھەت ئىگىلىرىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرىشىگە چاقىردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: KE6 XNG3  
{rwT4]4  
«ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، اﷲ دىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرىنى ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار» * ئەگەر ئۇلار (بۇ چاقىرىقىڭلارغا) ئاۋاز قوشمىسا،بىلىڭلاركى، قۇرئان اﷲ نىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن نازىل قىلىنغان. اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر (اﷲ غا) بويسۇنامسىلەر؟»[18] <.2jQ#So  
كىشىلەرگە پەرۋەردىگارىنى تونۇشقا چاقىرغان ھىدايەت بابىدا، ئاشۇ ھەقىقىي پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ، ئۆز ئارا مۇئامىلە قىلىشقاندا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقلارنى بايان قىلغاندا،ئۇ (قۇرئان) شۇنداق سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىكى، ئۇنى ھەرگىزمۇ پەيلاسۇپلارنىڭ، باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ كىتابلىرىدىن تېپىش مۇمكىن ئەمەس. =!G{+& j  
B1A:}#  
ئۇ (قۇرئان) ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ئەخلاققا قارىتا تەسەۋۋۇر، شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈم، غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت ئەخلاقى قاتارلىق ھاياتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل كارتىنىسى بولغان بىر لايىھە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەقلى، جىسمى ۋە روھى ئېھتىياجلارنى ئورتاق قاندۇرىدىغان ئىلاھىي كىتابتۇر. شۇڭا، ئىمان - كائىناتتىكى شەيئىلەردىن باشقا- مەرىپەتنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭغا ئىلمىي دەلىللەر ئىشارە قىلىدۇ، دىيەلەيمىز. ھەرقانداق بىر دەۋا قىلغۇچى ئۈچۈن غەيبنى مەنبە قىلىش ئۇنىڭ ھەقىقىي شۇنداق ئىكەنلىكىگە ئەقىلگە مۇۋاپىق، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان پاكىت بولمىغۇچە قوبۇل قىلىنمايدۇ. غەربنىڭ كۆپىنچە يازغۇچىلىرى بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە، بارلىق غەيبكە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بىر ياققا تاشلاپ، باتىل دىنلار، كاھىنلار، سېھىرگەرلەر بىلەن ھەقىقىي ئىلاھى كۆرسەتمىنىڭ نىگىزىنى پەرقلەندۈرەلمەي قالىدۇ. كۆز ئالدىدىكى كائىناتتا ئىسپاتلانغان دەلىللەرنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىسلام دىنى بۇ خىل مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆرىدىغان بىلىشنىڭ مەنبەلىرىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى باتىل دەپ سانايدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكنىڭ تايانچى قىلىۋېلىشنى ئاللاھنىڭ جازاسىغا لايىق گۇناھ دەپ ھېساپلايدۇ. pqTaN=R8  
+sV~#%%  
D"2bgw  
]:;dJc'  
[2]  ئەھزاب سۈرىسى 4- ئايەت.[3]  نەھىل سۈرىسى 78- ئايەت.[4]  رۇم سۈرىسى 30- ئايەت.[5]  رەئد سۈرىسى 28- ئايەت.[6]  فاتىر سۈرىسى 40- ئايەت.[7]  تۇر سۈرىسى 35-، 36- ئايەتلەر.[8]  ئىسرا سۈرىسى 49،50،51- ئايەتلەر.[9]  رۇم سۈرىسى 50- ئايەت.[10]  مۇئمىنۇن سۈرىسى 15، 16- ئايەتلەر.[11]  جاسىيە سۈرىسى 21، 22- ئايەتلەر.[12]  ئەنئام سۈرىسى 91- ئايەت.[13]  ئىسرا سۈرىسى 95- ئايەت.[14]  ئەنكەبۇت سۈرىسى 48- ئايەت.[15]  ھۇد سۈرىسى 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[16]  ئەنئام سۈرىسى 90- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[17]  نىسا سۈرىسى 82- ئايەت.[18]  ھۇد سۈرىسى 13، 14- ئايەتلەر.   tH~>uOZW  
http://www.takwa.cn/new/showart.asp?art_id=308&cat_id=
[ بۇ يازمائاناقۇشئۇۋىسىتەرپىدىن2009-02-11 14:29دە قا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاناقۇشئۇۋىسى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-11, 03:26
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+40(يولۋاسجان) ئىسىل تىما
  • شۆھرەت:+30(يەزر) نادىر تېما!!
  • پۇل :+999(taklimakan) رەھمەت، ئالل ..
  • پۇل :+99(رەنا) ئىسىل
  • ئىسلامدا ھەرقانداق ئىش ھۆكۈم بويىچە بولىدۇ.قالغان ئىشلار ئىككىنجى مەسىلە !!!پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:كىمىكى قايسى مىللەتنى دورايدىكەن قىيامەت كۈنى شۇ مىللەتنىڭ قاتارىدىن قوپىدۇدىگەن.مۇسۇلمانلارباشقىلارنىڭ ماددى جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنى قۇبۇل قىلشابولىدۇ،لىكىن مەنىۋى جەھەتتىكىنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ،مۇسۇلماننىڭ مەنىۋىيىتى ھەرقانداق مىللەتنىڭ ھەم ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن باي چۈنكى ئىسلام دىنى ھەق دىن،ئۇ ئىلاھى تەرتىپلەش بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى كامالەتكە يەتكۈزگەن.بىزبۇجەھەتتە ھەرقانداق ئادەمدىن ئىلغاربۇجەھەتتە بىزباشقىلارغا مۇھتاج ئەمەس.(كېمرېج ئونۋىرسىتىنىڭ پىروپپىسورى مۇنداق دىگەن:بىزيانا2000يىلدىن كىيىن مۇھەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ قانۇنىغايىتەلىسەك تۇق كاشكى.....
    شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا دىندىكىلەرنىڭ ماددى جەھەتتىكى يەنى تېخنىكا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن مەنىۋى(يەنى ھەزارەتنى)قۇبۇل قىلىش ئىككىسى ئىككى ئىش چۈنكى ماددى(يەنى تېخنىكا)جەھەتتىكى ئارتۇق چىلىقلار دىگەن ئەقىل ئارقىلىق مەيدانغاكىلىدۇ.لىكىن مەنىۋىييەت(يەنى ھەزارەت)شۇخەلقلەرنىڭ دىنى(يەنى ئەقىدىسى)ئارقىلىق مەيدانغاكىلىدۇئىسلام تەۋھىد
    ئەقىدىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان نەرسىنى تەرىك ئىتىدۇ.
    ائاللاھدىن ھەممىمىزگە ھىدايەت،رەھمەت،ۋەمەغپىرەت قىلىشىنى ھەقىقى توغرا بولغان«سىراتەلمۇستەقىم»نىڭ يولىدامېڭىشقا نىسىپ قىلىشنى تىلەيمەن.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-11 04:19 |
    ئايجامال0996
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 30946
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 28 كىشىلىك
    پۇل : 161 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 28 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    گەر چە تەپسىلى ئوقۇپ چىققان بولساممۇ بەزىيەرلىرىنى چۈشىنەلمىدىم.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 11:41 |
    erk uzun
    duel
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 35025
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 549
    شۆھرەت: -20 كىشىلىك
    پۇل : 3764 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -20 نۇمۇر
    قوللاش: -20 نومۇر
    ئالقىش: -20 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 294(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىر ساقلاپ قۇياي ،،،، سەل تۇرۇپ بىرمۇ بىر ئوقۇيمەن ،،،،
    armaninkas4
    ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانەتلىرىنى ياخشى ساقلايلى ...
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 11:46 |
    نۇرۇللاھ
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 3180
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 321
    شۆھرەت: 200 كىشىلىك
    پۇل : 2846 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
    قوللاش: 62 نومۇر
    ئالقىش: 114 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 504(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 13:24 |
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    ئى رەببىم،سەبىر ئاتا قىلغىن...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 1858
    شۆھرەت: 523 كىشىلىك
    پۇل : 359394 سوم
    تۆھپە: 2982 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2774 نۇمۇر
    قوللاش: 2225 نومۇر
    ئالقىش: 4688 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 1696(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىما ئادەمنى بەكلا ئويلاندۇرىدىكەن ....نادىر تىما................
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!
    ...............................
    پاراغەت ئىلكىدە ئىشرەتتە ،سەلتەنەت تاجى چىكەمدە ھەم،
    نىچۈن دەۋران سۈرەلمەيدۇ ،غېرىپ كۆڭلۈم يەنە ئۆكسۈپ!!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 14:50 |
    ئەندەلىب
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13298
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 592
    شۆھرەت: 382 كىشىلىك
    پۇل : 6116144 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 283 نۇمۇر
    قوللاش: 337 نومۇر
    ئالقىش: 526 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 185(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋال ساقلىۋالاي . 3HtM 
    تىما ساقلىغۇچتا نىمە ئۈچۈن ساقلىۋالغىلى بولمايدۇ ؟ bgE]Wk0  
    ئۇنداقتا بۇنداق ئېنكاس يېزىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتى .
    مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك ،   رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان .   كېتەر ئۆتۈپ ھەممە بىر پەستە  ،   ئۆتكەنلىرى بولۇر قەدىردان  .              -- پۇشكېن    
    ئەنسىرمەڭلار نامەردلەر ،
      ئۇستۈڭلاردىن كۈلمەيمەن ،
      دۇنيا بىلەن خوشلاشتىم ،
      ئەمدى ھەرگىز ئۆلمەيمەن .
                      -- ئىسىت
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 16:41 |
    taklimakan
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 253
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1225
    شۆھرەت: 2250 كىشىلىك
    پۇل : 12 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 993 نۇمۇر
    قوللاش: 1112 نومۇر
    ئالقىش: 986 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1034(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    چېچىلىپ كەتكەن تەپەككۇر كۈچىنى بىر جايغا جەم قىلىپ، ئىنسان ۋە ياراتقۇچى ئوتتۇرسىدىكى سىرلىق ئەمما ھەق بولغان مەۋقەدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسەك، ئادەمنى ئويلاندۇرغۇدەك ئسىل تىما ئىكەن! تىما ئېگىسىگە تەشەككۇر!!!
    ئاللاھ قىيامەتتە ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ ئشىلىردىن ھىساپ ئالمايدۇ:
    نارسىدە بالا، تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچە؛
    ئويقۇدىكى ئادەم، تاكى ئۇ ئويغانغۇچە؛
    ساراڭ، تاكى ئۇ ئەقلىنى تاپقۇچە؛
    ئۇندىن باشقا، ھەر-بىر بىرىمىز ھەر-بىر تىنىقىمىزدىن ھىساپ بىرىمىز!!!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 16:42 |
    خوتەن تىۋىپى
    85 خالتا  
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 10489
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1530
    شۆھرەت: 2411 كىشىلىك
    پۇل : 32375874 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1527 نۇمۇر
    قوللاش: 1415 نومۇر
    ئالقىش: 1704 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىر تېما !!!
                          مۇفەررىھ ئەبرىشىم ئىچىملىكى
    ئۆلچىمى:ھەر بىر ئامپۇلغا 10 مىللىتىردىن قاچىلىنىدۇ . قاچىلىنىشى : 10 مىللىلىتىردىن/10 ئامپۇل/قاپ ئەينەك قۇتىغا قاچىلىنىدۇ .
    تەركىۋى: پىلە،گاۋزىبان،سۇنبۇل،بىدەمىشكى،ئىپار،زەپە،بادىرەنجى بۇيا،ئۆشنە،گۈلى گاۋزىبان،لاچىندانە،ئۈستىقۇددۇس،قىزىل گۇل،قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىلىرىدىن تەركىپ تاپقان .
    تەسىرى:مىجەزنى تەڭشەپ ،خىلىتلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ،توسالغۇلارنى ئىچىپ ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ،يۇرەكنى كۇچلەندۇرۇپ مىڭىنى قۇۋەتلەيدۇ ،ئاساسلىقى تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىش،يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يىتىشمەسلىك،يۈرەك رىتىمسىزلىقى،يۈرەك سانجىقى،نېرۋا ئاجىزلىق،ئۇيقۇسىزلىق ،قان ئازلىق قاتارلىق كىسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى:كۈندە3ۋاخ،ھەرقىتىمدا بىر ئامپۇلدىن ئىچىلىدۇ.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 16:47 |
    يەزر
    ئۇيغۇر ئىمپىريىسى
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1508
    شۆھرەت: 1889 كىشىلىك
    پۇل : 42889 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1451 نۇمۇر
    قوللاش: 1224 نومۇر
    ئالقىش: 1336 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 244(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىنگە سەل ئالدىراشچىلىقتا كىرىپ قالغان ئىدىم ...بۇ تېمىنى چۇقۇم ئۇقۇيمەن KIuj;|!q  
    7]5+%[Dg!  
    مىنىڭ  ئەزەلدىن شۇ  دەرسلىكلەردىكى پەلسەپەنى ئېتىراپ  قىلغۇم كەلمەيتتى ...كاللامدا ھامان بىركۈنى سۇئاللىرىمغا ئىسلام  پەلسەپىسىدىن جاۋاب تاپىمەن دىگەن خيىاللار بار ئىدى .... w5-^Py  
    ):+^893)  
    ئەمدى ياخشى بولدى .... [=-,i#4  
    ga1b%5]v.  
    بولسا  داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ...
      ★ يەزر=ئۇيۇشۇش=ئۇيغۇر!!!
      ★ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق!
      ★يەر شارى بىلەن تەڭ  ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەلكىندە قانچىلىك؟
          ئالتە شەھەردە قانچىلىك؟ دۇنيادا قانچىلىك؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 17:11 |
    تەھيام
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19927
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    شۆھرەت: 286 كىشىلىك
    پۇل : 1389 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 196 نۇمۇر
    قوللاش: 196 نومۇر
    ئالقىش: 196 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 307(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.......... رەھمەت داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 18:23 |
    1983
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 22653
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 60 كىشىلىك
    پۇل : 427 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    قوللاش: 33 نومۇر
    ئالقىش: 33 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەل تۇرۇپ ئۇقايچۇ..............
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 18:46 |
    پەخىركام
    يىڭى ھايات  !!!
    ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 151
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 5881
    شۆھرەت: 9617 كىشىلىك
    پۇل : 212306074 سوم
    تۆھپە: 4681 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8908 نۇمۇر
    قوللاش: 6218 نومۇر
    ئالقىش: 7228 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
    توردىكى ۋاقتى : 1768(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ھەممەيلەن ئالدىراشلا كىرىپ قالدىمۇ نىمە ... ؟   R2[ }  
    مەنمۇ سەلتۇرۇپ ئوقايچۇ .. بەزى سوئاللىرىمغا جاۋاب چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ ...
    ئۆتمۈش ...كەلگۈسىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس !!!
    تۆنۈگۈنكى«مەن» بۈگۈنكى مەن ئەمەس ...
    ئەتىكى «مەن» چوقۇم بىرىنجى !
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 19:17 |
    كۆلتىگېن
    چارلىز چاپلىن
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 14033
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3684
    شۆھرەت: 2463 كىشىلىك
    پۇل : 9747852 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2094 نۇمۇر
    قوللاش: 1721 نومۇر
    ئالقىش: 2957 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دىل كۈيى
    توردىكى ۋاقتى : 237(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىمىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ،ئىيتىڭە مىتافىزىكا دىگەن نىمە ؟بۇ ھەقتە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 20:27 |
    sardar8877
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8670
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    شۆھرەت: 182 كىشىلىك
    پۇل : 952 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 137 نۇمۇر
    قوللاش: 137 نومۇر
    ئالقىش: 137 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يوللانمىڭىزغا  كوپ تەشەككۇر. ~;Xkt G:  
    m-!z(vcn  
    ساقلىۋالاي.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 21:21 |
    خىيالچان
    نىشانىم ئۈچۈن.........
    يازما يوللاش ئۇستىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 2798
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1198
    شۆھرەت: 272 كىشىلىك
    پۇل : 859059 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1132 نۇمۇر
    قوللاش: 822 نومۇر
    ئالقىش: 496 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 704(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىمىنى  ئىككى  قېتىم  ئوقۇۋەتتىم  ،........ e"|9%AW@<  
    ------------------ +o/;bm*U 
    ھەقىقەتلەر تۈرىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پەقەت ئىككى خىللا مەنبەگە ئىگىدۇر. ئۇ بولسىمۇ كائىنات ۋە ۋەھيى ياكى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەھيىسى دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان بىر ئىشنى داۋا قىلىپ، بۇ ئىككىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرىدىن دەلىل- ئىسپات كۆرسەتمىسە ياكى كۆرسىتەلمىسە، ئۇنىڭ داۋاسى يالغان بولغان بولىدۇ. [* > @hx  
    -------------------- X>|.BvY|  
    دىمەك  ،ئىنسان  دەلىل- ئىسپاتسىز ھېچقانداق  نەرسىگە  ئىشىنەلمەيدۇ  ،دەلىل-ئىسپاتسىز ،ئىشىنىش مەيدانغا  كەلمەيدۇ ، R/O_*XY  
    دەلىل  ئىسپاتسز ئىشەندىم  دىگەن  تەقدىردىمۇ  ئۇ  گۇماندىن  باشقا  نەرسە  ئەمەس  . Z?hBn`.  
    ۋەھىيدىن  دەلىل كەلتۇرۇش  ئۇچۇن  ۋەھىي  قىلغۇچىنىڭ  ،يەنى  بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا  كۇچلۇك  دەلىلى  بۇلىشى  كىرەك  ،شۇنىڭ  ئۇچۇن  دەلىلنى  ئاۋۋال كائىناتتىن  ئېلىش  كىرەك  .چۇنكى  كائىناتتىكى  ھەرقانداق  نەرسىدە  بىرياراتقۇچىنىڭ  بارلىقىغا  نۇرغۇن  دەلىللەر  بار . t7A.b~#  
    ئۇلۇغ اللە سۇرە بەقەرەنىڭ 164- ئايىتىدە مۇنداق دىگەن ؛ d*>M<6b-  
    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن km<~H w>Z  
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىمىلەردە، اﷲ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زىمىننى تىرىلدۈردىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يـۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان-زىمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە(اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر(164).
    [ بۇ يازماخىيالچانتەرپىدىن2009-02-11 22:49دە قايتا ت ]
    روھىنى  پاكلىغان  ئادەم  نىجات  تاپتى  ،.......
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 21:50 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر