ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم سەلكىن مۇنبىرىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ، ھەممىڭلارغا سەلكىن تورى نامىدىن سالام !
2009 - يىلى 2- ئاينىڭ 10 - كۈنى سەلكىن تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەلكىن شىركىتى ۋە سەلكىن تور بېكىتى ئۇزۇندىن بىرى خىزمىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ، خوشاللىق ۋە قايغۇلاردا بىز بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ، سەلكىننىڭ تەرەققىياتى ، جۈملىدىن سەلكىن مۇنبىرىنىڭ ئاۋاتلىقى ، سەھىپىلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ، كەيپىياتىنىڭ يوقۇرى بولۇشىنى ئويلاپ مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن مۇنبەر باشلىقى، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 5 نەپەردىن باھالاپ چىقىلدى.
مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەلئارا
مۇھەممەد-2008
قوزام
ئىدرىسجان
قاينام
يوقارقىلاردىن باشقا مۇنبىرىمىزدىكى ئالىي ئەزا، تەكلىپلىك ئەزا ۋە ئادەتتىكى ئەزالار ئارىسىدىن مۇنبەر تەرەققىياتىغا بەلگىلىك كۈچ قوشقان ، ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى مەزمۇنلارنى ۋە جانلىق ئىنكاسلارنى يوللاپ ، مۇنبىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يوقۇرى كۈتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان ، مۇنبىرىمىزنى تەشۋىق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى سېپىمىزگە قوشقان بەش نەپەر مۇنەۋۋەر ئەزالار
بەش نەپەر مۇنەۋۋەر ئەزالار تۆۋەندىكىچە:
پەخىركام
نەرگىزە
ئۈزۈمچى
نەشتەر
wolf_man
مۇكاپات بويۇمى :
1- « سەلكىن » ماركىسى ئېلىنغان 2G سىغىملىق بارماق دىسكا بىر دانە .
2- بىلقۇت شىركىتى تەمىنلىگەن « بىلقۇت خەزىنىسى » ئەڭ يېڭى نۇسقىسى بىر دانە .
3- شىنجاڭ گۈليۈرەك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن « ئۆزەمنىڭ چېيى » ۋە باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىر يۈرۈش .
مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر ئالاقېلېشىش ئادېرسىنى ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرسە بولدۇ، مۇكاپات پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ .
سان چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن مۇنبەر باشلىقى ، باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالىرىمىزغا يەنىلا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ، سىلەر بولغاچقىلا سەلكىننىڭ بۈگۈنى بولغان، سىلەر بولغاچقىلا سەلكىننىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى !!!
ئەسكەرتىش: بۇيەردە مۇنبەر باشلىقى دوستۇم ئۆزنىڭ مۇكاپاتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەچكە باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە بوپ قاپتۇ شۇڭا توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
سەلكىن شىركىتى - سەلكىن تورى
2009 - يىلى 2- ئاينىڭ 10 - كۈنى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مۇنبىرىمىزدىكى جاپاكەش مۇنبەر باشلىقى ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ داۋاملىق ئەزالارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشۋاتقان تۆھپىكار ئەزا دوستۇم . باھالىنىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى .