ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
ئسلاھات
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 20080
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 636 كىشىلىك
پۇل : 2633 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
قوللاش: 175 نومۇر
ئالقىش: 266 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋاقتى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى سەلكىن نادىرلىدى .(2009-02-08)
                                                           تاھىر ئىمىن:ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋاقتى
                                                             Uyghur Times No.1.


                                                                        تاھىر ئىمىن
                                                ‹‹ئۇيغۇر ۋاقتى››ئنگىلىزچە تورى
                                                        www.uyghurtimes.net

                                                          مىلادى 2009-يىلى 2-ئاي
ئەسكەرتىش:
مەن بىر ئاددى ئىزلەنگۇچى،ھىچكىمگە خىتاب قىلىش ئورنىدا ئەمەسمەن.دەۋىرنىڭ نۆۋەتتە تۇرىۋاتقان شارائىتىمىزدىكى بىزدىن تەلەپ قىلىدىغانلىرىنى تۇرلۇك شەكىلدە بايان قىلىشقا بولىدۇ. ئىيتقانلىرىم مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقىمىزنىڭ بۇگۇنكى دەۋىردە پات-پات قۇلاققا سەگىتىپ تۇرۇشى پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان يىغمىلاردىن ئىبارەت.پىرىنسپ جەھەتتە خاتا دەپ قارالمىسا،ئىپادىلەش ئۇسۇلۇمنى قوبۇل قىلش تەس ئەمەس. بىر جۇملىنىڭ تەقەززاسى ئەمەلگە ئاشسا، بىر قەدەم ئالغا بىسىۋاتىمىز دىگەنلىكتۇر!(ھەر بىر سۆزنىڭ ئاخىرقى ئىزاھلاش ھوقۇقى ئاپتوردا،زورۇقۇپ مەنە چىقىرىش -غەرەزلىكلەرگە نەتىجە بەرمەيدىغان بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر!)


ئىتىقات
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئورتاق قىممەت قاراش بەرپا قىلىشقا تىرىشمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قەتئى بۆلۇنىدىغان ،ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىپ،بىردىن-بىردىن تۇگەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر دىنى ئىتقاتقا يەنە ئىزچىل پەرۋاسىز قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھەممە خىل كۆز-قاراشنى قارىقويۇق قوبۇل قىلىۋىرىدىغان ياكى ئۆز قارىشدا تەرەپبازلىق ۋە جاھىللىق بىلەن  يىتىم قالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئوخشىمىغان بىر نەچچە خىل دىنى ئىتىقاتلارغا بۆلۇنىدىغان،خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن بۆلۈپ ۋەيران قىلىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر دىننىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل مەزھەپلەرگە بۆلۇنۇپ،تارماق مەسىللەر ئۇچۇن  ئىختىلاپ قىلىپ،بىرلىكنى بۇزىدىغان ،تارىختىكى قانلىق،ئىچىنىشلىق  دىنى ئىختىلاپقا قايتىپ خەلىقنىڭ رايىنى دىندىن پۇتۇنلەي قايتۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

بىرلىك
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر تەقۋادارلار بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئوتتۇرسىدا ھاڭ پەيدا قىلىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتتە ئشلەيدىغانلار بىلەن ئىشلىمەيدىغانلار ئىككى سىنىپقا بۆلۇنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئالتە شەلىك ۋە  شىماللىق دەپ  بۆلۇنىدىغان، يەنەئاق تاغلىق ،قارا تاغلىق جىدىلى ئوينايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زىيالىيلارنى يىتىم قالدۇرىدىغان،مەشھۇرلارنى سسىتىدىغان،ئالدىدا ماڭغانلارنى پۇتلايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر كەينىدە قالغانلارنى  مەسخىرە قىلىدىغان،ئاجىزلارنى تاشلىۋىتىدىغان،بىشغا كۇن چۇشكەنلەرگە قارىمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر شەخسى مەنپەئەت ،ھوقۇق،شۆھرەت ئۇچۇن بىر پۇتۇن خەلقنىڭ تەقدىرىگە،مەنپەئىتىگە،ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان ۋاقتى ئەمەس!
ئۇيغۇرنىڭ ھازىربىر-بىرىگە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

تەرەققىيات
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئشلارنىڭ قانۇنىيتگە،تەرەققىيات يۆنىلىشگە سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىرىنسىپ ،تۇزۇم، ۋاقىت،مەسئۇلىيەت دىگەنلەرگە سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر -ئۆتمۇشتىكى شان- شەرەپ ئۇچۇن مەسىت-خۇش بولۇپ .رىئاللىقنى قولدىن بىرىپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-قولدىن بىرىپ قويغانلىرى ئۇچۇن قاخشايدىغان ،ئاغرىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز دەردىنى ھەسرەت ۋە تەسەللى  بىلەن ئالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەقنى دوراپ ،مۇستەقىل ئىجات قىلماي كىتىۋىرىدىغان ۋاقتى  ئەمەس،
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سانائەتلەشمەيدىغان،ئۆزى قول سىلىپ ياسىمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەق بىلەن ئۆزىنى سىلىشتۇرمايدىغان،‹‹ خەقتىن ئىشپ كەتسە بولمايدۇ››دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھورۇنلۇق،لايغەزەللىك قىلىدىغان،ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر ئشنى چالا قىلىدىغان،يىرىم يولدا تاشلاپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس،

ئىقتىسات
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر گەپ بىلەنلا جاھاندارچىلىق قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى سودا-سىتىق بىلەنلا جان بىقىپ كىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ،ئالاقە ئۇسكۇنىلىرىگە بىقىنمايمەن دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەرلەرنى تاشلاپ بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ‹‹مەن ئاجىز ،مەن ئىقتىدارسىز ،مەن نامرات›› دەپ ئۈمۈتسىزلىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆتمۇشتىن ساۋاق ئالمايدىغان ،ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتمايدىغان،كەلگۇسگە سىتراتىگىيە بىلەن باقمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەقنىڭ ھىسداشلىقى بىلەن، ھەسرەتلىك ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەسەللى ئىزلەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پۇل-مۇئامىلە ئشلىرىدىن خەۋەرسىز ياشاۋرىدىغان،پەقەت قوپال ۋاستىلەر بىلەنلا جان باقىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن،ئىلغار ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىدىن مەھرۇم قالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.




تەپەككۇر ۋە ئادەت

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزىنى رىئاللىقىتىن قاچۇرىدىغان،ئۆزىنى ئالدايدىغان ۋاقتى ئەمەس
چۇشكۇنلۇك،ئۇمۇتسىزلىك،ۋاز كىچىشكە يول قويىدىغان ۋاقىت ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پەقەت كۆڭۈل خوشلۇقى ئۇچۇنلا پىكىر قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەتراپىدىكى كىچىك ،ئاددى ئشلارنى تەرك ئىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىلانلىق ،ئىدىتلىق،سىتىسمىلىق مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلاشمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆگىنىش ياكى پۇل تىپىشتا ئىككىلىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر غايىۋىزىملىق بىلەن كۆپ قۇتۇپلۇق ئىدىيە ،ھورۇنلۇق بىلەن ھەمكارلىشالماسلىق ئارلىقىدا داۋاملىشايلايدىغان ۋاقتى ئەمەس.



ئۇيغۇر مەدەنىيتى
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھەر بىر شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر پۇتۇن مىللى سالاھيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇۋىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيەتنى زامانىۋىلىق ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق قاينىمىدا يوقتىپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللى خاسلىق –شەخسى سالاھىيەتكە تاقاشتى دەپ باھانە كۆرسىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشمە دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللى كىيم-كىچەكلىرىمىزنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى قالمىدى دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللى مەدەنىيەتنى پەقەت سەنئەت بىلەنلا چەكلەپ ئۆتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئنسانپەرۋەرلىك،ئادىمگەرچىلىك ،مىھماندوستلۇقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سەمىمىيەتنىڭ ،پىداكارلىقنىڭ قىممىتى يوق دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر توغرا بولغان تۇققاندارچىلىق ،خوشنىدارچىلىق،يۇرتداشلىق مىھرىنى ئۇزۇۋىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ياخشى سۆز ،توغرا ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلسا بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.





ئاياللار ۋە بالىلار
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-بىزنىڭ غورۇرىمىز،بىزنىڭ كەلگۇسىمىز،بىزنىڭ بارلىقىمىز بولغان ئانىلار،ئاچا-سىڭللار،ھەمشىرىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ‹‹ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى››شەكىللەندۇرمەيدىغان  ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۈرنىڭ ھازىر خوتۇن-قىزلار ۋە بالىلارنى تەربىيلىمەيدىغان،جەمىئەتكە تاشلاپ بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خوتۇن-قىزلارنى ئىززەتلىمەيدىغان،ئۇلارغا پەقەت ھىسيات نۇقتىسدىنلا مۇئامىلە قىلىدىغان ،ئۇلارنىڭ رولىغا سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەرلەر ئاياللاردىن ئىقتىدارلىق دىيىشگە ئسپات كۆرسەتمىسمۇ بولىدىغان ۋاقتى ئەمەس.



دىپلوماتىيە

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر جاھاندىكى ئشلارغا ،ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە بىشنى تىقىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزىگە ئش تاپىدىغان ئەسەبى تار مىللەتچىلىك تۇپەيلى زىيان تارتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر كىمنىڭ ئۆزى ئۇچۇن پايدىلىق ياكى دوسىت ،كىمنىڭ ئۆزى ئۇچۇن زىيانلىق ياكى دۇشمەن ئىكەنلىكىگە ئويلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر –قەستەن ئۆزىگە ئۆزى دۇشمەن تاپىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىچكى جەھەتتە بۆلۇنۇش،تاشقى جەھەتتە يىتىم قالدۇرۇلۇشقا پۇرسەت بىرىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىرمەدەنىيەت توقۇنۇشى  ،ئىدىئولوگىيە سۇيقەستىلىرىگە ئەگىشىدىغان ،يوشۇرۇن دۇشمەن كۆپەيتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇنىڭ ھازىر قىرىنداش خەلقلەردىن ئەيىپ ئىزلەيدىغان،ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭ ھەم ھالقىلىق ئۇمۇتنى باشقىلاردىن كۇتىدىغان،خەقنىڭ ھىسداشلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان  ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر باشقىلارغا بىرىدىغان مىھرى-شەپقەت،ئادىمگەرچىلىك،ياردەمنى ئۇزۇپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مەدەنىيەت جەھەتتە يىتىم قىلىشى كىرەك ،مەدەنىيەت دىئالوگى ئۆتكۇزسە بولمايدۇ دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.



مائارىپ
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-مائارىپتىن ئۇمۇتىسزلىنىدىغان،پۇتۇنلەي تاشلاپ بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس!
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىلغارلاردىن ئۆگەنسە بولمايدىغان ،باشقىلاردىن قوبۇل قىلسا بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا سەنئەت ۋە ئىجتىمائى پەنلەرگىلا ئىسىلىۋالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر  ئۇيغۇر تىلى بولماي تۇرۇپ،توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا مائارىپنى ئۆزلۇكتىن ئايرىۋتىدىغان ،ئوقۇغاندىن ئەمەلىي ۋە ئۇنۇملۇك  پايدىلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ ،ۋەتننىڭ تارىخى،ئۆز جەمەت نەسبى  ھەققىدە بىلمەي ئۆتسە بولىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى،ئەقلى ،ۋاقتىگە پەرۋاسىزيۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پەقەت مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرى ،كىتابتا ئوقۇغانلىرى بىلەن بىلىپ كىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مۇشۇ خىل شارائىت ئىچىدىن ئۆزگىچە مائارىپ ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزلەيمەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.



قانۇن ۋە سىياسەت

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزى ئۇچۇن سايلانغان،ئۆزى بىقىۋاتقان رەھبەرلەر بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان ،ئۇلاردىن پايدىلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز كۆز-قارىشنى ،دەردىنى ھۆكۇمەتكە تۆكمەيدىغان ،ئىچىگە ئىلىپ ئۆتۇپ كىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قانۇننى بىلمەسىلىكى،ھۆكۇمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشى كىرەك دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۆددسىدىن چىقالمايدىغان گەپ قىلىپ بالاغا قالىدىغان،ۋەزىيەتنى كۇزەتمەي ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان  ۋاقتى  ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەمەلى ئۇنۇم ياراتمايدىغان ياكى كىينكىلەرگە پايدىسى بولمايدىغان ئەھۋالدا بىھۇدە قاراملىق قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا جاھاننڭ ئشلىرىدىن بىخەۋەر يۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،رىئال قىممىتى بولمىغان جاھان ئشلىرى ئۇچۇن زىھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەق دىگەن ھەممە گەپكە ئىشىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر نىمىنىڭ راسىت ،نىمىنىڭ تەشۋىقات ئىكەنلىكى،نىمە مەقستى بارلىقى ھەققىدە ئويلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.



ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئومۇميۇزلۇك‹‹ ئسلاھات ››ئىلىپ بارىدىغان ۋاقتى !!! ئۇيغۇرنىڭ ئاقىللىرى سىستىمىلىق بىر يول ئۇستىدە ئىزلىنىدىغان ۋاقىت.
‹‹ئۇيغۇر ئسلاھات پىلانى››لايىھسنى تۇزىدىغان ،باش قوشۇپ ئىجرا قىلىدىغان،ياشلارغا مۇۋاپىق توغرا يول كۆرستىدىغان ۋاقتى.
ھەر بىر شەخس ئۆزىنى ئسلاھ قىلىدىغان ،ئۆزىنى كۇچەيتىدىغان ،ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋاقتى.ھەر بىر كىشى ھەممىنى ئۆزىدىن باشلايدىغان ۋاقتى.
زىيالىيلار قوشۇنى ،ئەمەلدارلار،ئىلغار تىجارەتچىلەر،دىنى ئالىملار،ياش ئوقۇغۇچىلار ئورتاق قىممەت قاراش، ئىتىقات ،ئنسانپەرۋەرلىك، ،مىللى مەدەنىيەت  ئاساسدا ئسلاھات ئىلىپ بارىدىغان ۋاقتى !!!










بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • قوللاش:+20(سىرلىق قىز) قايىل قىلارل ..
  • پۇل :+10(يىشىلتۇغ) مەن بۇيىل ئە ..
  • ئالقىش:+1(مېسران) نادىر-تېما
  • پۇل :+30(دەستارگۈل) ياقتۇردۇم !
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-08 20:43 |
    sahrabalsi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32342
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 6 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالامەت كەن  مەن تۈزەمنى تۈزتىشكە تىرشىمەن    
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:46 |
    erk uzun
    sahrabalsi
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32342
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 6 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۈ زەمنى ھە  
    armaninkas4
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:47 |
    پۇرچاق
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30312
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 14 كىشىلىك
    پۇل : 96 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
    قوللاش: 14 نومۇر
    ئالقىش: 14 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسمى نوچى يىزىلىپـتۇ مەنمۇ تۇزۇمنى تۇزتىشكە تىرشىمەن.............       
    ئاللا ئۇلۇغ
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:49 |
    قۇتلۇق
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3484
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 350
    شۆھرەت: 308 كىشىلىك
    پۇل : 1117 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 353 نۇمۇر
    قوللاش: 284 نومۇر
    ئالقىش: 462 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىسقىسى ھەممىگە دادىل يۈزلىنىش كىرەك، بولمىسا بۇ دەۋىر بىزگە رەھىم قىلمايدۇ!!
    http://kutluk.salkin.cn
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:53 |
    يۈكسەكى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 8710
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 281
    شۆھرەت: 248 كىشىلىك
    پۇل : 1305 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 166 نۇمۇر
    قوللاش: 162 نومۇر
    ئالقىش: 181 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1812(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنى ساقلاپ قويۇپ كەچتە تەپسىلىي ئوقايچۇ.
    ئادەم ئالەمگە ئۆزى بىلەن بازارنى، ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:56 |
    istanbol
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 483
    شۆھرەت: 150 كىشىلىك
    پۇل : 1950 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
    قوللاش: 110 نومۇر
    ئالقىش: 160 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تۈزۈملەر ، ئۆزەمدىن باشلايمەن !
    ئەڭ يىڭى خەلىقئارا ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى www.ulinnix.com
    تور بېتىڭىزنىڭ ھەربىر سەھىپىسىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ !
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:58 |
    ئارمىيە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35182
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 179
    شۆھرەت: -12 كىشىلىك
    پۇل : 2548 سوم
    تۆھپە: 2 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    قوللاش: 4 نومۇر
    ئالقىش: -7 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يازمىڭىزنى ئوقۇپ ، قانچىلىك ۋاقىت سۈكۈت ئىچىدە تۈرۈپ قالغانلىقىمنى ئىيتىپ بېرەلمەيمەن ، قېرىندىشىم . . . ھېسلىرىمدا ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان ، جىددىيلىك پەيدا بولدى . . . ھەقىقەتەن ئىچىمىزدىكى رىئال مەسىلىلەرنى ، شۇنداقلا ئۆزگەتىشكە ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئىسلاھ ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تولىمۇ ئۈستىلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپسىز . . . خۇدا بۇيرۇسا ئارىمىزدا سىزگەئوخشاش زىيالىلىرىمىز قانچە كۆپەيگەنسىرى ، كەلگۈسىمىز شۇنچە نۇرانە بولىدۇ . . . رەھمەت سىزگە ! قېرىندىشىم . . .
    تورغا چىقىڭ ، لىكىن تورغا چۈشۈپ قالماڭ !
    617743071
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 20:59 |
    ئارمىيە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35182
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 179
    شۆھرەت: -12 كىشىلىك
    پۇل : 2548 سوم
    تۆھپە: 2 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    قوللاش: 4 نومۇر
    ئالقىش: -7 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىقۇتلۇقنىڭ2009-02-08 20:53دە يوللىغان يازمىسى  :
    قىسقىسى ھەممىگە دادىل يۈزلىنىش كىرەك، بولمىسا بۇ دەۋىر بىزگە رەھىم قىلمايدۇ!!


    ھەممىگە دادىل يۈزلىنىۋەرسەك چاتاق چىقىپ قىلىشى مۈمكىن ، بۇرادر  ئەلۋەتتە ، خەلقىمىزدە تاللاش ۋە شاللاش ئېڭى بولۇشى كېرەك . . .  . .
    تورغا چىقىڭ ، لىكىن تورغا چۈشۈپ قالماڭ !
    617743071
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:02 |
    تۇركىيار
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12142
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 111
    شۆھرەت: 109 كىشىلىك
    پۇل : 2562 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 252 نۇمۇر
    قوللاش: 177 نومۇر
    ئالقىش: 443 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 645(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمىدىگەن پاساھەتلىك ئەھمىيەتلىك سۆزلەر بۇ  
    3-ئەۋلاد ۋارىسلاردورىخانىسى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:07 |
    ناجىيە222
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12888
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 165
    شۆھرەت: 127 كىشىلىك
    پۇل : 1072 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 174 نۇمۇر
    قوللاش: 146 نومۇر
    ئالقىش: 247 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 199(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئارمىيەگە ئوخشاش ھىسياتتا بولىۋاتىمەن.
    http://www.agranum.cn/bbs
    ~~~
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:09 |
    قۇندۇزە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 383
    شۆھرەت: -8 كىشىلىك
    پۇل : 1195 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -8 نۇمۇر
    قوللاش: -3 نومۇر
    ئالقىش: -6 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: بەھرام
    توردىكى ۋاقتى : 382(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق  تېمىلارنى  دەپلا   كىرىمەن  ئەمەسمۇ   سەلكىنگە...
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:12 |
    خالتا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 38431
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 561 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەنمۇ  بەك ياخشى  يېزلىپتۇ. ھازىر دەل ئۇيغۇرنىڭ ئۆزنىڭ ئەسلى بولغان دىندىن ئايرىلماي،قۇرالى بولغان پەننى تاشلىماي  تەڭ ئلگىرلەيدىغان ۋاقتى.رەسۇلىللاھ (س.ئە ۋ) مۇنداق دىگەن:  دىن يۈرەك، پەن مېڭىدۇر.  ئنسان بۇنىڭ قايسىسىدىن ئايرىلىپ قالسا ،ئوخشاشلا ياشيالمايدۇ.
    تۇرمۇشنىڭ مەنىسى : ئۆرە تۇرۇپ مۇش  يىيىش  دىگەنلىكتۇر. يىقىلسىڭىز  يېڭىلىسىز، يىقىلماي  تۇرالىسىڭىز  يېڭسىز .يىقىلسىڭىزمۇقوپماي  يېتۋالماڭ  .   خاتىرەمدىن
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:15 |
    amirkazongtong
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27395
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 164
    شۆھرەت: 23 كىشىلىك
    پۇل : 664 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    قوللاش: 23 نومۇر
    ئالقىش: 23 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سەلكىندىن ئايرىلىدىغان ۋاختى ئەمەس.                       
    ياش ئىدۇق يېڭى خىزمەتكە چىققاندا بىز،
    ئەمدى تۇيىنى قىلغۇدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:21 |
    مۇجتەھىد
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36742
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    شۆھرەت: -4 كىشىلىك
    پۇل : 266 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: -4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    buasarni ukuphayatyulumni baxkiqirak mulahiza kilsam bolgidak kopbilimgs  igaboldum rahmat         
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-08 21:22 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » تاھىرجان تاللانما ماقالىلىرى توپلىمى