ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
bilikyar
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 15117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 712 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
قوللاش: 54 نومۇر
ئالقىش: 173 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىنكاسلارغا قارىسام بەزى ئىنكاسچىلار ، ئەسلى تېما ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن قىلچە خەۋەرسىز تۇرۇپ  ، خۇددى قۇدۇقتىكى پاقدەكلا  مەزمۇننىكۆرمەستىنلا تېمىغىلا  قاراپ ، قارىغۇلارچە مەسئۇلىيەتسىز ۋە تولىمۇ نادانلارچە ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ. ياكى بولمىسا ساددا ھالدىكى ھىسياتى بىلەنلا  بۇنى دىنغا باغلاپ قويۇپتۇ. بىراق    مەن چۈشەنگەن ئۇلۇغ "قۇرئان"كەرىمدە  ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيانىڭ سىرلىرى ،ئاللاھنىڭ ھىكمەتلىرىنى بىلىش ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ،ئىنسانلارنى ئەقىل -ئىدراكلىق بولۇپ ياشاشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلىمەن. ۋاھالنكى،تەڭرىنىڭ بەندىلەرنى ئۆزىدىن قالسىلا بۇ دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ سەرخىلى - ئۇلۇغى قىلىپ يارىتىشى ،ھەمدە  بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى قىلىپ تەئىنلىشىنىڭ سەۋەبى دەل بۇ ئىنساندا ئەقىل ۋە بىلىش- تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا . مۇبادا ئىنساندا ئەقىل ۋە تەپەككۇر قىلشى ئىقتىدارى بولمىسا ئىدى ،ئۇ چاغدا بۇ بۈيۈك ئىنساننىڭ مەخلۇقتىن قىلچە پەرقى بولماي قالارىدى.  مىنىڭ<ئادەم> دىگەن نىمە دىگەن سۇئالغا بىرىدىغان جاۋابىم: بەلگۈلىك بىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ، مۇئەييەن ئىدىۋىلىككە ئىگە بولغان ئالى دەرىجىلىك ھايۋان ئادەم دىمەكتۇر  . دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئادەم دىگەن بۇ مەخلۇقنىڭ بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىۋىلىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىشنى ئۇنىڭ خاراكتىرى بەلگۈلىگەن ۋە ئۇلۇغ تەڭرىم شۇنداق بۇيرىغان .ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئىنسان دىگەن نەرسىنى ئاللاھمۇ ھەرگۈزمۇ بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى سۈپىتىدە ئۆزىدىن قالسىلا بۇ دۇنيادىكى ھەممىدىن ئۈستىن يارىتمىغان بولار ئىدى . ئەل قىسسە، مىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىممۇ  دەل  شۇ سەۋەبتىن بولغان بولغان دەپلا چۈشۈنىشىڭىزلارنى ئۆتۈنەمەن.  ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك  ھاياتلىق ئىلمى،ئىرسىيەت ئىلمى  دىگەن ئىلىملار گەرچە ھازىر مىنىڭ بىۋاستە كەسپىم بولمىسىمۇ،بلىم پارتىلاۋاتقان ھازىرقى زامان  بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە  بارلىق پەنلەرنىڭ شاھىن شاھى ۋە سەركىسى دەپ قارالماقتا. شۇنداقلا مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قىززىقىدىغان   ئىلىملەردىن. كۆڭلىمدىكىنى دىسەم ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇش مۈمكىنچىلىكى بولسا مەن ئالى مەكتەپكە قايتىدىن كىرىپ بۇ ئىلىملەرنى يىڭى باشتىن سېستىمىلىق تەتقىق قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ شۇ تاپتا،ئەمما...... 9R@abm,I  
   نۆۋەتتىكى مۇھاكىمە تېمىسىغا كەلسەك، مەنمۇ سىز دىگەندەك ئاللاھ 1430يىل بۇرۇن ئۇلۇغ قۇرئان دا ھەممىنى دەپ بولغان،بىزنى ئاللاھ ياراتقان دىيىشنى مەن ھەم سىزدىن بىر ئاز بالدۇرراقلا ئۈگەنگەن، بۇنىمۇ ئوبدان بىلىمەن. بىراق ،بىز ھەممىگە شۇنداق تومتاقلا قىلىپ بىزنى ئاللاھ ياراتقان دەپلا جاۋاب بەرسەك ،ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسىنى چۈشەندۈرمىسەك ، ئىلمى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىساق سىزچە  بۇنىڭلىق بىلەن <<باشقىلار>>نى قايىل قىلغىلى بولارمدۇ؟  مىنىڭچە ناتايىن. دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن مەن بۇنىڭ ئىلمى دەلىلىنى تىپىش يولىدا ئشىتىن سىرتقى ئىزدىنىۋاتقانمەن.ئەمىلىيەتتە بولسا مەن يۇقىردا ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ قىسىم مۇھاكىمە سۇئاللىرىغا مىنىڭدە  ئۆزۈمچە تەييار جاۋابلارمۇ ھەم بار. بىراق سۇئاللارنى ئۆزۈم قويۇپ جاۋابىنى ئۆزۈم سۇنسام  بۇ مۇھاكىمە بولماي لىكسىيە ياكى يازما يىغىن  بولۇپ قالمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭمۇ سىزدەك ئىلىمدار ئۇستازلارنىڭ  ئەڭ يىڭى قاراشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ ئۈگەنگۈم ۋە ئۆز بىلىمىمنى تولۇقلاپ كۇچايتىش ئويۇم بار . يەنە بىر تالاي ئىلمى ئۇچۇرلارنى  ئوتتۇرىغا قويۇشۇم بىر قتىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن،مەيلى بۇ نەزەريەگە قارشى تۇرىدىغانلار ۋە ياكى قوللايدىغانلار بولسۇن ئىش قىلىپ ئۇلارغا  بۇ نەزەريەنىڭ   ئەڭ  گەۋدىلىك تەرەپلىرى ۋە نىگىزلىك قاراشلىرى ھەم شۇنداقلا بۇ نەزەريەنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرى ۋە نۇخسانلىرىنى تونۇتۇپ قويۇش ئارقىلىق، قارشى پىكىردىكىلەرمۇ نىمە ئۈچۈن قارشى تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىلمى ئاساسىنى بىلىۋالسۇن، قوللايدىغانلارمۇ ئۇنىڭ زىددىيەتلىك- ئىختىلاپلىق تەرەپلىرىنى، ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى بىلىۋىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى مۇپەتتىش قىلىپ كۆرسۇن ۋە شۇ ئارقىلىق ھەقنى تونۇپ توغرا بولغان ئىلمى قاراش ئاساسىدكى ئىدراكى ئېيتىقادىنى تۇرغۇزۇۋىلىشغا ياردەم قىلىش ئىستىكىدە بولىۋاتقان ئىلمىي ئىزدىنىشمنىڭ بىر قىسمىدۇر.   ھەر قانداق ئىشتا مۇستەھكەم بولغان ئىلمى ئېيتىقاد  بولماي تۇرۇپ قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر بىدئەت ۋە خۇراپاتلىقتىن باشقا  نەرسە ئەمەس. نادان ۋە تەلۋىلەرچە قىلىنغان ئىبادەتلەرنى تەڭىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلۇغ مۇقەددەس  ساماۋىي كىتاب"قۇرئان" دا: ھىكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى)خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگەكۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند- نەسىھەت ئالىدۇ (سۈرە بەقەر269 -ئايەت)؛ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، اﷲ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، اﷲ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە  يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار .(سۈرە مۇجادىلە[58-سۈرە]، 11 ـ ئايەت )؛ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان- زېمىن ) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى  كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟ (سۈرە فۇسىلەت[41-سۈرە]، 53 ـ ئايەت)؛ئىئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار(گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار ، بىز سىلەرگە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن)  ئابىمەنىدىن، ئاندىن لەختى قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا- ئاستا كۈچ- قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامەلەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (اﷲ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرۈلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زىمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جاللىنىدۇ ۋە كۆپىشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. (سۈرە ھەج[22-سۈرە]، 5 ـ ئايەت؛.........) سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرشۇڭلار مومكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نىمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر (شۇنىڭ ئۈچۈن) اﷲ بۇيرىغانغا ئالدىراڭلار)سۈرە بەقەر[2-سۈرە]216 -ئايەت)؛پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز- نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھېدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ (。سۈرە نەھىل[16- سۈرە] ،125 ـ ئايەت)؛ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن(1). ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى (2). ئوقۇغىن،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3). ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى(4). ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.(5) (سۈرە ئەلەق: [96-سۈرە] ،1-5- ئايەتلەر)؛ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ .( سۈرە  مۈلك[67-سۈرە]، 10 ـ ئايەت ) ؛ (اﷲ غا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ،پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟ )<<. ئېيتقىنكى، >>بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ (سۈرە زۇمەر[39-سۈرە]، 9 ـ ئايەت) ؛ ﷲ(زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھيىسىنىڭ تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا   ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغۇچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم!ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن  !» دېگىن(سۈرەتاھا[20-سۈرە]، 114ـ ئايەت)؛شۇنىڭدەك  ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇ-خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى،اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ دىن پەقەت ئالىملارلا  قورقىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (سۈرە فاتىر[35-سۈرە]، 28 ـ ئايەت ).ئۇندىن باشقا ھەزرەتى رەسۇلۇللا مۇنداق دەيدۇ :ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر ئەر ئايال مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس بۇرچى؛  بۆشۈكتىن تۆشۈككە بارغۇچە ئىل؛ىم تەلەپ قىلىڭلار؛ ئالىمنىڭ قەلىمنىڭ سېياسى ئاخىرەتتە قەھرىماننىڭ رومۇرىدا ئاققان قان بىلەن باراۋەر؛كىمىكى بىلىم ئىگەللىسە، ئۇ ھەقىقى بەختلىك كىشىدۇر؛ ئاللاھ ماڭا شۇنداق ۋەھى قىلدىكى، كىمىكى ئىلىم يولىدا ئىزدەنسە مەن شۇنى ئۇدۇل جەننەتكە باشلايمەن؛ ئاللاھقا سېغىنىش ۋە قورقۇش- چوقۇنۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى ئىلىم تەھسىل قىلىشتۇر؛ ئالىملارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش،باشقىلارغا ئىلىم تارقىتىش دىنى تىلاۋەتتىن ئۈستۈندۇر؛ئىلىم تەھسىل قىلىڭلار!بىلىملا سىلەرنىڭ ھەق-ناھاقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشۇڭلارغا ياردەم بىرەلەيدۇ؛ پەقەت بىلىملا سىلەرنىڭ جەننەتكە ماڭىدىغان يولڭلارنى يورۇتۇپ بىرەلەيدۇ؛بىلىم سىلەرنىڭ تەنھالىقتىكى قەدىناس دوستۇڭلار؛ بىلىم سىلەرنىڭ يىقىن ھەمراھىڭلار. بىلىم بەخىت يولى؛بىلىم مۈشكىلاتقا يولۇققاندا سىلەرگە كۈچ قۇدىرەت بىغىشلىغۇچىدۇر؛ بىلىم بىلەن ئۆزۈڭلارنى زىننەتلەڭلار؛ بىلىم سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا تاقابىلتۇرۇشتىكى قورالىڭلاردۇر؛ بىلىم ئىگەللڭلار ۋە ئەقىل ئىدراكلىق قابىلىيەتلىك بولۇڭلار! شۇنداق قىلالىساڭلار بوران چاپقۇندا قالساڭلارمۇ ئېزىپ قالمايسىلەر؛ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇھەممەد ئەلىكسالامنىڭ : <ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ بىرىپ ئۈگۈنىڭلار>!   دىگەن،ھەدىسىدىن تولىمۇھەيرانلىق بىلەن قايىل بولۇشماقتا. ۋاھالەنكى ،ئەينى زاماندا ئەرەب دۇنياسى ئۈچۈن جۇڭگو دىمەك ئىھتىمال ھازىرقى كىشىلەر نەزىرىدىكى يەر شارىدىكى  ئىنسانلارنىڭ مارىسقا چىقىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەكلا ئىش بولسا كىرەك. بىراق مارىستا مۇسۇلان يوقدە! رەسۇللانىڭ بۇ كەڭ قورساقلىق ۋە بىلىمگە بولغا ئىنتىلىشى ھەم ئادەتتىكىدىن تاشقىرى چۈشەنچىسىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەس؛ دىمەك، بىلىمنىڭ دۆلەت ۋە رايۇن چىگىرسى، مىللىتى ، ئىرقى، دىنى ئايرىمىسى ۋە چەك چىگىرسى بولماستىن، بىلىم دىگەن ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان شەپقىتى ۋە ئورتاق بايلىقى، دىمەك بىلىم ھەر جايدا بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىپ ئىگەللەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇريىتى بار............ بۇ ھەقتە يەنە  نۇرغۇن ئەقىدە ۋە تەلىماتلار بار ئەلۋەتتە.... &*aer5?`  
ھەزرەتى رەسۇلۇللا يەنە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىرەرسىگە(ئادەم ياكى شەيئىگە) بولغان خۇسۇسى ئۆچمەنكىڭلار  ئۇنىڭغا بولغان ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن؛ ھەر قانداق كىشى بىلەن ھەتتا دۈشمەنلىرىڭلار بىلەنمۇچىرايلىق باراۋەر سۆزلىشىڭلار (رەسۇلۇللامۇ ئەينى زامانلاردا يەھۇدىلار بىلەنمۇ چىرايلىق مۇرەسسە قىلغان،شۇڭا  ئۇنىڭۇغا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ئۇنىڭدىن قۇسۇر تاپالماي ئادەملەرنىڭ سەرخىلى ۋە ئۇلۇغى يەنىلا شۇ مۇھەممەت دەپ ھۆرمەت بىلەن مۇبارەك ئىمسنى تىلغا ئالغان. (بۈگۈنكى دەۋىر جاھىلىيەت دەۋرى ئەمەس،ئىلىم پەن گۈللەنگەن ھۆر زامان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنى ئەقلىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلىم پەننى چەتكە قاقمايدىغان خاسىيەتلىك ۋە ھىكمەتلىك بىر دىن. ھەممە كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، ئۇنى ئىلمى دەلىللەشكە ھوقۇقلۇق. ئاللاھ قۇرئاندا نىمە ئۈچۈن<<بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغان باراۋەر بولمايدۇ>> دەپ نىدا قىلدى؟ رەسۇلۇللا نىمە ئۈچۈن<<<قىممەت جەھەتتىن ئالغاندا ئالىمنىڭ خەت يازغان قەلىمىنىڭ سېياسى ئاخىرەتتە شېھىتلەرنىڭ تومۇرىدا ئاققان قان بىلەن باراۋەر>> دەيدۇ؟  سەۋەبى پەقەت ئىككىلا . بىرى، ئۇلار ھەقنى ئەجدات مىراسى دەپ تونۇماستىن ئۇنى ئەقلى بىلەن چۈشۈنىپ تۇرۇپ قەلبىدىن قايىل بولۇپ دىللىرىدىن تەستىقلايدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ؛ ئۇنداقلارنىڭ ئېيتىقادى مۇستەھكەم ئىلمى ئاساسقا تۇرغۇزۇلغان بولىدۇ؛ يەنە بىرى ئۇلاردا بىلمىگەننى ئۆگۈنىش،بىلگەننى بىلمەيدىغانلارغا ئۆگۈتىشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك  بىر ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت بولغانلىقىدا.  بۇ ھەقتە بۈيۈك ئىسلام ئۆلۈماسى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە، شەرق مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى مىڭ يىللىق شاھانە ئەسەر،مول بىلىم غەزىنىسى بولغان <<قۇتاتقۇ بىلىك>>نىڭ مۈئەللىپى  ئۇلۇق بوۋۇمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، "بىلىمسىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىدىن بىلىملىكنىڭ يىتىپ ئۇخلىغىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرىدۇر"(-3225نەزمە)، دەيدۇ. I[=Wmxa?r  
        قارىمامسىزلەر! مەن 150يىلدىن بىرى تۈگۈمەي كىۋاتقان بۇ دۇنياۋىي زور ئىلىم پەن تالاش تارتىشىنى مۇھاكمە قىلىشقا ئاتلىنىپ راستىنلا خاتا قىپتىمەنمۇ؟ بۇ راستىنلا پايدىسى يوق ئىش مىدۇ؟!  بىز تولىمۇ ئاددى كاللىمىز  ۋە تار مەنادىكى ساددا دىنى  ھىسياتىمىز بىلەن ھەممىنى دىنغا ۋە ئيتىقادقا باغلىۋىلىپ، باشقىلارنىڭ قارشى پىكىرىنى ئاڭلاشنى تېخى خالىمىساق، ئۆز كىشىلىرىمىزنىڭ ئىدراكى تەپەككۇرىنى تېخى بوغۇپ چەك قويساق( ئېيتىقاد تىن چەتنىمەسلىك ئ.الدىنقى شەرتى ئاستىدا ئەركىن ئىدراكى  پىكىر قىلىشنىڭ پايدىسى كۆپكى  ھەرگۈز زەرەسى يوقتۇر)، ھەممىنى شۇ "قۇران" بار دەپ بىراقلا  رەت قىلىپ، ئىلمى دەلىل ئىسپات كۆرسەتمەستىن تومتاق ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە  تورۇۋالساق باشقىلار بىزنى تەرسا ۋە زامانىۋىي نادان ئىكەن دەپ مازاق قىلماسمۇ؟! ?UZ$bz  
       مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن،مەن ئۆزۈمنىڭ مۇندان ئىككى كەچۈرمىشىمنى سىزلەرگە دوكىلات قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم، بىرى مەن ئۆز ئىيتىقادىمنى ئەقلىلىق ۋە ئىلمىلىك ئاساسىغا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېيتىقادىمىز ۋە مەدەنىيەت ئاساسىمىز بولغان دۇنياۋى چوڭ دىن __ ئىسلام دىنىنىڭ  كىلاسسىكلىرىنى ئوقۇغاندىن باشقا، يەنە خىرىستىيان دىنى ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىمۇ تەققىدى ۋە سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئوقۇپ باقتىم. مەخسىدىم بىلىم ئىلىش ۋە ئېيتىقادىمنى مۈستەھكەملەش ئۈچۈن،يەنى مەن  مەيلى ئىتراپ قىلاي ۋە ياكى ئىنكار قىلاي، مىنىڭ قاراشلىرىم جەزمەن بىر ئىلمىلىك ،ئەقلىلىق ئاساسىغا قۇرۇلسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم.ئاخرقى ھىساپتا مەن ئەڭ ئىلمى ۋە توغرا بولغان ھەق يولىنى تىپىۋىلىپلا   قالماستىن ئېيتىقادىم سىز ئويلىغاندىنمۇ مۇستەھكەملىشىپ چىڭىپ كەتتى! ئىككىجىسى ،مەن 1998-يىلى10-ئاينىڭ4-كۈنى خىبېي يېزا ئىگىلىك داشۈسىى خەلىقئارا ئىلم ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە ئىچىلغان بىر قىتىملىك مەملىكەتلىك  ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا بىرىۋىدىم، كەچلىك تاماق مەزگىلىدە مەن بىلەن غىزالىنىۋاتقان  غەيرى مۇسۇلمان ھەم شىنجاڭغا كىلىپ باقمىغان بىر ئالىم مەندىن: سىزلەر شىنجاڭلىقلار ( گىپىنىڭ ئورامىدىن سىز بىزلەرنى دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغانىدىم) نىمە ئۈچۈن چۇشقا گۆشىنى يىمەيسىزلەر؟ دەپ تولىمۇ ئەدەپ بىلەن سورىدى. مەن ئاۋال ئۇنىڭغا خۇددى سىز ماڭا تەكىتلىگەندەكلا ئاددى كاللام بىلەن،بىز شىنجاڭلىقلار ئىسلام دىنىغا ئېيتىقاد قىلىمىز، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى" قۇرئان"دا چۇشقا گۆشى ئىستىمال قىلىش ھارام قىلىنغان، شۇنىڭغا يىمەيمىز دىۋىدىم ، ئۇ ئالىم قايىل بولاستىن، زادى نىمە ئۈچۈن شۇ" قۇرئان"دا چەكلەنگەن؟سەۋەبىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويالارسىزمۇ؟ دەپ قايتا سورىۋىدى.مەن ئۇنىڭغا  ، بۇ ھەقتە مەنمۇ كۆپ بىرنەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيمەن، بىراق مىنىڭ بىلىشىمچە  چوشقا ئائىلىدە بىقىلىدىغان ھايۋانلار ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ پوق سۈدۈكىگە مىلىنىپ تۇرۇپ ياشايدىغان ،ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى يەيدىغان ئەڭ مەينەت ھايۋان تىپىدىن دەپ قارالغانلىقتىن بۇنىڭ گۆشىنى ئادەم يېسە ئادەمنىڭ ئەقلىنى بۇلغاپلا قالماستىن مۇبارەك تەنلىرىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ بەلگۈلۈك تەسىر يەتكۈزىشى مۈمكىن دەپ قاراپ ، بۇ خىل چارۋىنىڭ گۆۆشنى  ئىستىمال قىلىشنى ھارام دەپ چەكلىگەن بولىشى مۈمكىن؛ قارىماسىز ئىسلام دىنى پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ پاكىزلىق يوق يەردە ئېمانمۇ بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئاددىسى  توخۇ گۆشى ھالال يېسە بولىدۇ، بىراق مۇسۇلمانلار دالىدا باققان توخۇ مەينەت نەرسىلەر ،جۈملىدىن پوق سۈيدۈك دىگەنلەرنى يەپ قالغان بولسا ئادەم ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن دەپ ئۇ توخىنى يېمەكچى بولسا 3كۈن بۇرۇن كاتەككە سولاپ (ئايرىپ) پاكىزە سۇ ۋە دان بىرىپ  بىقىپ ، ئۇنىڭ ئىچ ئەزاسىنى فىزىلوگىيەلىك تازىلاش ئىلىپ بارغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ ئەمەسمۇ؟! دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم.ئۇ كىشى ھە راست شۇنداق دەڭ ، ئۇنداقتا سىلەرنىڭ چۇشقا گۆشى يېمەسلىكىڭلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىلمى ئاساسى بارىكەن، ئەجەبلىنەرلىك يىرى يوقكەن ،دەپ قايىل بولدى ۋە ماڭا بىر ئىستاكان ھۆرمەت چېيى تۇتتى. بىز ئۇنىڭ بىلەن دوس بولۇشتۇق تاكى ھازىرغىچە دوسلۇقىمىز بار. سىزچە مەن يۇقارقى 2تۈرلۈك ئىشتا دىنىمىزدا شۇنداق دەپ چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز دەپلا جاۋاب بەرسەم سىزلەرچە دۇرۇس بولارمىدى؟ باشقىلار قايىل بولارمىدى؟ مىنىڭچە ناتايىن. WbQhl sc:  
بىز  بىررەر ئېيتىقادقا چېتىلىدىغان،بىراق كۈچلۇق ئىلمىلىك تەلەپ قىلىدىغان ئىشنى مۇ ھاكىمە قىلىشنى خالىماي ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ نادانلارچە رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتساق  ياخشىمۇ ياكى ئۇنى ئىلمىلىك نۇختىسىدىن تۇرۇپ چىقرايلىق رەت قىلش ياكى قوللاش ئەۋزەلمۇ؟  بۈگۈنكىدەك ئىلىم-پەننىڭ سۈھبى دەۋرىدىمۇ مۇشۇنداق تەرسا ۋە نادانلارچە ياشاش بىز ئۈچۈن نومۇس ئەم،ەسمۇ؟  ئاخرىدا  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،ئىش قىلىپ بۇ تېما ئۈستەدە ئىدراكى پىكىر قىلغان ئەزىزلەرگە كۆپ رەھمەت. i'!jx.  
ئاللاھ ھەممىمىزگە تېخمۇ ساپ ۋە پاكىزە ئەقىل، ھۆر قەلىب، مول تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاتا قىلغاي! بىرلىكتە ئۆگۈنەيلى~!
[ بۇ يازماbilikyarتەرپىدىن2009-02-13 18:54دە قايتا ت ]
مەڭگۈلىك  ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى____ . بىلىكيار
چوققا [60 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 13:22 |
da_nish
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26484
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 119 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راست ئېيتىسىز، نۇرغۇن كىشىلەر  ئۆزلىرى ئىنكاس يېزىۋاتقان تېمىلار ھەققىدە ھىچ قانداق ئەقلى بىلىشكە ئىگە بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ،ئىنكاس قالدۇرماقچى بولغان مەزمۇننى تەپسىلى ۋە ئەستايىدىل ھالدا  بىرەر قۇر  ئوقۇپمۇ قويماستىنلا ئىنكاس قالدۇرىدىكەن. مىنىڭچە ئۇنداقلار  زېھنى ۋە ۋاختىنى ئىسراپ قىلىپ تورنى ئەخلەت ئىنكاسلار بىلەن توللدۇرپ يۈرگىچە ئاز تولا بىر نىمە ئۈگۈنىۋالساچۇ  كاشكى.
چوققا [61 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 15:26 |
erk uzun
da_nish
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26484
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 119 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ نەزەريە گەرچە زىددىيەتلىك ۋە ئىختىلاپ ئىغىر بولسىمۇ ،بىراق ئىنسانىيەت دۇيناسىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن نەزەريە دەپ قارىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بىراقبۇ نەزەريەگە ئىلاھشۇناسلارلا قارشى بولۇپ قلاماستىن ھەر قايسى پەن ئالىملىرى رەت قىلىش ياكى قارشى پوزىتسىيە تۇتىدىغنالارمۇ ئاز ئەمەس . بىراق  شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇ  نەزەريە يەنىلا كۈچلۇق قوللاشقا ئىگە بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى يۇقىردا بىلىكيار ئەپەندىم ۋە تارىم722 قاتارلىق تورداشلار ئىنكاسلىرىدا بايان قىلغاندەك بىر تالاي سەۋەبلەردىنمەيلى ئىلاھشۇناسلار ۋە ياكى پەنشۇناسلار بولمىسۇن ئىش قىلىپ باشقا موھىمى بۇ نەزەريەنى تۈپ يىلتىزىدىن ئىنكار قىلالىغۇدەك نادىر ۋە پۈت تىرەپ تۇرالىغۇدەك  تولۇق پاكىتلىق ۋە كۈچلۇق قايىل قىلارلىققا ئىگە يىڭى بىر ئىلمى سېستىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چقالمىغانلىقى ئەڭ تۈپكى سەۋەب بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا بۇ تېما ئۈستىدە پاراڭ قىلشىتىن بۇرۇن جەزمەن ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ئىدرالكى تەپەككۇر قىلىپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چوڭقۇر قاتلاملىق پىكىر قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
armaninkas4
چوققا [62 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 16:26 |
bilikyar
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 15117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 712 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
قوللاش: 54 نومۇر
ئالقىش: 173 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن   ئەسلىدە بەزى يىڭى ئۇچۇر ۋە قاراشلارنى يوللىماقچىدىم. ئالدىراش بولۇپ قىلىپ پىرىسلاپ، رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ يوللىغىلى  ۋاختىم بولماي قالدى. پات ئارىدا بەزى ئەڭ نادىر   يىڭى قاراشلارنى يوللىشىم مۈمىكىن. |x d@M-ln  
ئامىرىكىدا بۇندىن بۇرۇن ئېلىپ بىرىلغان بىر قىتىملىق پەۋقۇللادە ئەل رايى سىناشتىمۇ 60%دىن كۆپرەك كىشىنىڭ تەدرىجى تەتەققىيات نەزەريەسىنى قوللىمايدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.بىراق ،بۇ مەسىلىدە ئادەتتىكى ئاۋامنىڭ قانداق قارىشىدىن كۆرە  ئىلىم ساھاسىدىكىلەرنىڭ قاندان قارايدىغانلىقى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى بۇ ئاۋامپۇخرا ئورتاق بىلەت تاشلايدىغان پىزىدنېت سايلامى ياكى دىنى تالاش تارتىش بولماستىن،ئەكسىچە كۈچلۇق ئىلمىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان تالاش تارتىش ئەڭ ئىغىر ئىلى مۇھاكىمە تېمىسى، شۇنداقلا زور بىر ئىلىم-پەن مەسىلىسى ۋاھالەنكى. يۇقىردىمۇ بەزقىرىنداشلىرىم بۇ نەزىرىيىسىنىڭ ختالىقىنى  پەننىي نۇقتىدىن تەبىر بىرىپ رەددىيە بىرىش ۋە دەلىللەشكە ئۇرۇنۇش ئاقىلانىلىك ، خاتا ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈنمۇ يەنە شۇ ئىلىم -پەننىڭ جاۋابىنى ئىلىش كىرەك ، دەپ تولىمۇ دانا پىكىر قلىپتۇ.  مىنىڭچە بارلىق مۇنبەرداشلار مۇشۇ خىل روھ بىلەنئىزدىنىغىان بولسا چوقۇمكى 3ئەسىرگە سوزۇلغان بۇ زور دۇنياۋىي ئىلىم-پەن تالاش-تارتىشىنىڭ 21-ئەسىردە ئاخرى چىقىشىدىن ئۈمىت تۇغۇلىدۇ. rD0k%-{{  
بۇ ئۇچۇرلارنى مىنىڭ بۇندىن بۇرۇن بەرقىدىكى شۇنىڭغا ئالاقىدار تېمىغا يوللىغان ئىنكاسلىرىمنى تەپسىلى ئوقۇغانلار بولسا بۇنىڭدىن  خەۋەردار بولغانغۇ دەيمە!
[ بۇ يازماbilikyarتەرپىدىن2009-02-13 14:59دە قايتا ت ]
مەڭگۈلىك  ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى____ . بىلىكيار
چوققا [63 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 20:25 |
bilikyar
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 15117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 712 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
قوللاش: 54 نومۇر
ئالقىش: 173 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بەزى قىرىنداشلار بۇ تېما ھەققىدە ئىلمى مۇنازىرە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقانلىقىنى ،سەۋەبى ئۇلار باشقىلارنىڭ بۇنى ئېيتىقاد ياكى دىن مەسىلىسىگە تاقاپ ئۆزىنى ئەيىپلەشلىرىدىن  قورقىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى.مىنىڭچە بۇ ھەقتىكى يىڭىچە ئىلمى  قارشلار بولسا داۋاملىق ئېرىنمەي يوللاۋەرسە بولىدۇ. بىراق ئىلمى مۇنازىرىنى ھەدىسىلا  دىنغا باغلىۋالماسلىق كىرەك. گەرچە  بۇ نەزەريەبىزچە  خاتا دەپ ققارالغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى دىنى نۇختىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلم-پەن نۇختىسىدىن  تۇرۇپ ئىسپاتلىاغاندىلا  ئاندىن بىزنىڭ پىكىرىمىز  جاھان ئەھلىنىڭ قوللىشىغاا ۋە  ئىتراپ قىلىشغا ئېرىشەلەيدۇ.
مەڭگۈلىك  ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى____ . بىلىكيار
چوققا [64 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 20:40 |
bilikyar
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 15117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 712 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
قوللاش: 54 نومۇر
ئالقىش: 173 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەمنڭ ناھايىتىمۇ سىرلىق ۋە مول ئىقتىدارلىق  چوڭ مىڭىسى زادى نىمىنىڭ مەھسۇلى؟ ئەنگىلىيەلىك چارلىز  روبېرت دارۋىن ئۆزىنىڭ<<تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى>> ناملىق ئەنە شۇ مەشھۇر ئەسىرىدە:<<مەن جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن، ئەشۇ بىر قىسىم جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى  باشقا بىر خىل جانلىق تۈرۈنىڭ يوقالغاندىن كىيىنكى ئەۋلادى(پۇشتى)، بۇ خۇددى ھەر قانداق بىر جانلىق تۈرى جامائەت ئورتاق ئىتراپ قىلغىنىدەك يەنە بىر خىل جانلىقنىڭ نەسلى قۇرىغاندىن كىيىنكى ئەۋلادى بولغىنىغا ئوخشاش. مەن ھەم تەبىئى تاللاشنىڭ بارلىق تەرەققىيات ۋە  ئۆزگىرىشلەردە ئىنتايىن  موھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىغا تولۇق  ئىشىنىمەن، ئەلۋەتتە بۇ بىردىن بىر تاللاش ۋە بىردىن بىر تەرەققىيات يول بولمىسىمۇ.>> دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە،<< جانلىقلار ئارا تەبىئى تاللاش ۋە رىقابەت كۇچلۇق  بولىدۇ، ماسلاشقانلىرىلا ساقلىنىپ قالىدۇ ماسىلىشالمىغانلىرى ھالەك بولىدۇ. >>دىگەن قاراشنى كۈچلۇق ئىلگىرى سۈرىدۇ.  مىنىڭچە ،دارۋىن ئۆز كىتابىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرگەن ۋە كۈچاپ تەكىتلىگەن  << تەدرىجى تەرەققىيات >> نەزەريەسى ۋە ئاتالمىش دارۋىنىزىمنىڭ  ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى شۇ بولدىكى : ئۇ  كىشىلەرگە جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجى تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرما  تەبىئەتشۇناسلىق ۋە ھاياتلىق ئىلمى نۇختىسىدىن تۇنجى قىتىم سېستىمىلىق شەرھىرلەپ، ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا دەسلاپقى ئۇل سىلىش ۋ ە باشقا ئالاقىدار يىڭى پەنلەرنىڭ شەكىللىنىشى ھەم  گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ماركىسىزىم تەلىماتلىرىغا تەبىئى پەن نۇختىسىدىن ئىلمى ئاساس تېپىپ بەردى. دارۋىنىزىمنىڭ   ئەڭ زور زېيىنى شۇ بولدىكى :  ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئەسىبىلىكىنى ئاقلايدىغانغا مەلۇم ئىلمى دەلىل ۋە ئاساس بىلەن  تەمىنلەپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتىمۇ دەل شۇ مەخلۇقتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئادەمنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئۇنىڭ تەبىئىتى(گېىنى) بەلگۈلىگەن دەيدىغان قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن ئىلمى باھانە تېپىپ بىرىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئېيتىقاد ۋە ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلىپ، ئىنسانىيەتنى ئۆز مەۋجۇتلىقى- تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنى قۇربانلىق قىلىشتىن ئېرىنمەيدىغان بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى زامانىۋىي مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويدى.  بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پەن دائىرسىدىن ھالقىپ كەڭ تارقىلىشى ۋە ھەممى كىشى ئورتاق كۆكۈل بۆلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك. درۋىننىڭ بۇ تەلىماتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلاردىنئوكىسفورت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ھەركەت ئىكىلوگىيەشۇناسلىق پىرۇفىسورى رىچارد داۋكىنس ئۆزىنىڭ << شەخسىيەتچى گېنلەر>> ناملىق ئەسىرىدە ھەرقانداق جانلىق ئۆز گېنىنىڭ مەھسۇلاتى، يۈكسەك رىقابەتبىلەن تولغان  دۇنيادا بىر ياخشى گېننىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكى <شەخسىيەتچىلىك>، مۇپپەقىيەت قازانغان بىر گېنننىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى رەھىمسىزلەرچە شەخسىيەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.نىمە ئۈچۈن گېننى شەخسىيەتچى دەيمىز ؟دىگەن سۇئالنىڭ جفۋابى شۇكى، چۈنكى گېنلار ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىميادۇ.>> دىگەننى  تەكىتلەيدۇ. _kh>Z  
لىكىن بۇ يەردە ئالاھىدە  ئەسكەرتىشكا تىگىشلىك بىر موھىم نۇختا شۇكى ھايۋاناتلار تەبىئى كۈچتىن ئىنىرگېيە قوبۇل قىلىپ ھەركەتلەنسە، ئادەم بولسا نۇقۇل ھالدا تەبىئى ئىنېرسىيە كۈچىدىن ئىنېرگىيە قوبۇل قىلىپ ھەركەتلەنگەندىن باشقا يەنە موھىمى ئاڭدىن  ئىنېرگىيە قوبۇل قىلىپ ھەركەت  قىلىدۇ،بۇ ھايۋانات بىلەن ئادەمنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىدىكى ماھايەتلىك پەرقىدىن ئىبارەت. ZR1+ O 8  
ئامىرىكىنىڭ داڭلىق تەدرىجى تەرەققىيات مۇتەخەسىسى ئىنسالر ھەركىتى ۋە تەدرىجى تەرەققىيات  جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى راندو  م. نېسسې ئۆزىنىڭ<< بىز نىمە ئۈچۈن كىسەل بولىمىز ؟>> دىگەن كىتابىدا،تەدرىجى تەرەققىياتنى مۇھاكىمە  قىلىپ:<<تەدرىجى  تەرەققىيات(تەبىئى تاللاش) توغۇرسىدا توختىلىپ،تەبىئە تاللاش دىگەننىڭ ھىچ قانداق پىلانى،مەخسىدى ۋە قايسى تەرەپكا تەرەققى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قىلچە نىشانى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەم ھىچ قانداق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرى بولمايدۇ؛شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش مەغلۇبىيەت بىلەن توشقان بولىدۇ؛ ھەر قىتىملىق كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر ھاياتلىقتىكى تاللىنىش جىڭىدە توپلىشىدۇ ۋە ياكى شاللىنىپ كېتىدۇ...... بۇ بىر ناھايىتىمۇ ئۇزاق ۋە تولىمۇ ئاستا   ھەم قارىغۇلارچە بولغان بىر جەريان بولۇپ بۇ جەرياننىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىشى ياكى ھەر قانداق نورمالسىزلىقلارنىڭ يۈز بىرىش  ئېھتىمالغا تولىمۇ يىقىن.>>دەيدۇ.  بۇ قاراشنى ئازراقلا  تەبىئى پەندىن خەۋىرى بار  ئىدراكلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەستىقلىماي قالمايدۇ. بىز بۇقاراشنىڭ توغرالىقى ئىتراپ قىلىدىكەنمىز ،ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ ھازىرقىدەك  مۇتلەق مۇقىم ھەم سىجىل تەرەققى قىلىش جەريانىنى قانداق چۈشەندۈرۈشكىرەك؟ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسى بويىچە بولغاندا ئىنساننىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئۆتمىشى ھەم كەلگۈسىسىنى يەنە قانداق چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؟ Qqp)@uM^  
  دارۋىن ۋە فرانس كرىك قاتارلىق ئالىملار ئادەم تەبىئى تاللاش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەسۇلى دەپ قاراشلىرىنى ھازىرقى زامان گېنىتىكا ۋە ئېرسىيەت ئىلمى بۇ قاراشنى  قوللاپ كەتمەيدۇ.مەسىلەن: دارۋىن ۋە فرانس كرىك<< ئادەم چوڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە تەبىئى تاللاشنىڭ مەسۇلى>> دەپ قارايدۇ.  ئەمىلىيەتتە ئادەم ۋە چوڭ مىنىڭىنىڭ تەرەققىياتى ھەرگۈز   ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە تەبىئى تاللاشنىڭ مەسۇلى بولماستىن گېننىڭ مەسۇلى. بۇ يەردىكى يادولۇق مەسىلىسە  چوقۇمكى ئادەمدىكى ئالاھىدە گېن ئامىلى.ھىچ بولمىغاندا90% تەرەققىيات ۋەئۆز گىرىش گېن ئامىلىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.  ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ ياشاش موھىت شارائىتى ۋە تەربىيەلىنىش سەۋىيىسى قاتارلىقلارنىڭ  رولىنىڭ نەتىجىسىنىمۇ  ھەرگۈز چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. بىراق بۇنىڭ رولى ئاران  شۇ 10%ئىچىدە بولىدۇ. %h0D)6 j  
<E"*)Oi  
بارلىق جانلىق ئورگانىملارنىڭ گېنىدا قىسمەن <<شەخسىيەتچىلىك>> بولغاندىن باشقا تېخىمۇ موھىمى ئۇنىڭدا تۈپكى خاراكتىرلىك تەبىئى گۇرۇپپىلىنىش ۋە سەرخىل پار كىلىش قانۇنىيىتى بولىدۇ.يەنى بارلىق جانلىقلارنىڭ گېنىدا تەبىئى گۇرۇپپىلىنىپ  سەرخىللار جىپسىلىنىشتەك مەلۇم تەبىئى قانۇنىيەت ۋە نىسبەت بويىچە سەرخىللىرىنىڭ ئۆزئارا پار كىلىش ھەم مۇۋاپىق ماس كىلىش   ئاساسىدىكى ئەلالىرى سەرخىل گۇرۇپپىلىنىش قانۇنىيىتى بولىدۇ. مۇبادا ئۇنداق بولمايدىكەن دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقى ۋە سىجىل تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس. ,MRvuw0P  
YjFWC!Qj$  
ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دەيدىغان بولساق، شۇنچە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجى تەرەققىيات ۋە ئۆزگخرىشنى مەسۇلى دەپ قارىلىدىغان  ئادەم سىمان مايمۇنلا نىمە  ئۈچ1ۈن گەپ قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئۈگۈنەلمەۇدۇ؟ دىمەك مىنىڭچە قانداقتۇر تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسنى بويىچە<< تەدرىجى تەرەققىيات (تەبىئى تاللاش) ۋە ياكى تاساددىبى ئۆزگىرىشنىڭ مەسۇلى>> دەپ قارالغان دەپ قاراش ئىرسىيەت ئىلمى تەرەققى قىلمىغان شارائىتتا پۇت دىرەپ تۇرالىسىمۇ  بۈگۈنكى كۈندە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. _~ v-:w  
دارۋىننىڭ نەزەريەسىدە جانلىقلار نىڭ يەككە تەنىچىلىرى ئۆزگخرىپلا قالماستىن  ،ئومۇمى جانلىقلار توپى ئىچىدىكى ئومۇمى تەنىچىلەرمۇ ئۆزگخرىدۇ دەپ قارايدۇ.يەنى مەلۇم جانلىق توپىنىڭ گېنلىرى ۋە ئۇلاردىكى ئېرسى ئالامەتلەرنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات بىردەكلىكنى ساقلاپ قىلىشى مۈمكىن ئەمەس، پەقەت ئۆز ئارا مۇرەككەپ شالغۇتلىنىش جەريانىدىكى قايتا گۇرۇپپىلىنىش باسقۇچىدىلا  مۈڭگۈلۈك بولغان گېن ئامبىرىدا شۇ جانلىق توپىنىڭ ئومۇمى گېن گۋدىسى ساقلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ.  بۇنىڭدىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىدىكى تەرەققىيات يەككە تەنىچىدە بولماستىن ئومۇمى تەنىچىدە بولىدۇ ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى سىجىل تەرەققىيات مەڭگۈلىك ۋە مۇقىم بولىدۇ، تەبىئى تاللاش ۋە تاساددىبى ئۆز گىرىش ۋاقىتلىق ھەم قىسمەن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا  جانلىقلار دۇنياسىنىڭ بۇ مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى. m6-76ma,hi  
ئاۋىستىتيەلىك نەزەريە فىزىكا ئالىمى ئېۋىن سكىردىنگېر ئۆزنىڭ <<ھاياتلىق دىگەن نىمە؟>>  دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق بىر كەلىم ە ھىكمەتلىك سۆز بولۇپ :<< مۇبادا ئىنسانلار گېن نىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىتراپ قىلىدىكەن، بۇ ئاللىبۇرۇنلا   كىشىلەرنىڭ(  جانلىقلار دىكى ) ئۆزگەرمەسلىكنىڭ ئاساسەن مۇتلەق بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.>> دەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئەسىرىدە، ھاياتلىق دىگىنىمىز ماددىلارنىڭ تەرتىپلىك قانۇنىيەتلىك ئىلىپ بارىدىغان ھەركىتى دەيدۇ. دىمەك، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجخ تەرەققىياتى مەڭگۈلۈك ۋە مۇتلەق مۇقىم بولىدۇ ، بۇ خىل مۇقىم ۋە تەرەققىيات تەرتىپلىك ۋە قانۇنۇىيەتلىك بولىدۇ؛ تاللاش ۋە توساتتىنئۆزگىرىش ھامان قىسمەن ۋە تەرتىپسىز، قانۇنىيەتسىز بولىدۇ. QS\Uq(Ja\  
ئامىرىكا پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى لېۋىس توماس دوكتور ئۆزىنىڭ مول ئىلمى ۋە كۇچلۇق كۈزۈتىش ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا  تايىنىپ ھاياتلىق(جانلىقلار)نىڭ شەكىللىنىش  شەكلى ۋە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكلىنى ئىگەللەش ئاساسىدا مۇنداق دەيدۇ:ھەر قانداق جانلىقئۆزىنىڭ مۈرەككەپلىكىدىن قارىغاندا ئپخشاش بولمىغانتۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلاردىن ئورتاق شەكىللەنگەن  بىر پۈتۈن ئىكىلوگخيەلىك سېستىما. بۇنىڭلىق بىلەن توماسنىڭ بۇ قاراشلىرى 19-ئەسىردىن بۇيان ھاياتلىق ئىلمى ساھاسى، مۇتەپەككۇرلا ۋە ئىنسانشۇناسلىق ساھالىرىدە ھۆكۈمىرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. _~PO  
ئۇندىن باشقا،  سىلىشتۇرما پاتالوگڭيە، تۆرەلمە شۇناسلىق ۋە ئارخىبىئولوگىيە ئىلىملىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەدرىجى تەرەققىياتى نەزەريەسىنىڭ دەلىل ئىسپاتىنىڭ يىتەرلىك ئەمەس، ئىلمى ئانالىز ۋە پىكىر يولىنىڭ لوگىيكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، قويغان پەرەز ۋە قاراشلارنى قايتىلاش ۋە تەكرار لاش مۈمكىنچىلى  يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماقتا.گىرمانىيەلىك ئېرىچ بلېكسمىد(Erich Blechschmidt) ئۆزنىڭ << ئادەم ھاياتلقىنىڭ باشلىنىشى>>(The Beginnings of Human Life ) دىگەن كىتابىدا ، ادەم تۆرەلمىسىنىڭ ئەسلىدىنلا ھەقىقتەنمۇ ئادەمنىڭ تۆرەلمە قۇرۇلمىسىن تۈزۈلگەنلىكىنى ھەمدەتۆرەلمىنىڭ 9م م ئەتراپىدا كىلىدىغانلىقىنى، تۆرەلمىنىڭ  تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ھالىتى قارىماققا قۇيرۇققا ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى بىراق ھەرگۈزمۇ ھىچ قانداق قۇيرۇق بولايدىغانلىقىنى، يىتىلىشىنىڭ تولىمۇ تىز بولۇپ پاتلا تەكشىلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشىدە موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى شەرھىيلەيدۇ. n -d:O\]  
?k"0w)8  
2006-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامىرىكىدا 514 نەپەر دوكتور (بۇلار ئىچىدە67نەپەر  ھاياتلىق ئىلمى دوكتورى بار)بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ  تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى دەرىسلىكتىن چىقىرۋىتىش ۋە بىكار قىلىش توغۇرسىدا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ يەنە 60نەچچە دۆلەتتىكى ئىلىم -پەن ئاپىراتلىرى بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈردى. ۋاھالەنكى تەدرىجخ تەرەققىيات نەزەريەسىنى قوللايدىغان ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دىگۈدەك دارۋىن ۋە ئۇنىڭ  تەدرىجخ تەرەققىيات نەسەزريەسى ھەم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن دارۋىنىزىمنىڭ كۈچلۇق تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىلىم-پەن ئورتاق گەۋدىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئاپاراتلاردىكى  كۇچلۇق قوللاۋاتقان شۇ بىئو بىلگىنلەر دىگۈەدك  دەل شۇ نەزەريەنىڭ  جارچىلىرىدىندۇر. بۈگۈنكى دەۋىردىكى  ئىلىم -پەن تەرەققىياتى ۋە يىڭى مۇۋەپپىقىيەتلەر شۇ تىپتىكى بىلگىنلەرنىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇناسىپ ئىسلاھ قىلىپ كۆز قاراش ۋە ئىدىيەۋىي تپونۇشتا يىڭىلىنىش بولۇشنى كۇچلۇق تەقەززا قىلماقتا!
[ بۇ يازماbilikyarتەرپىدىن2009-02-13 23:00دە قايتا ت ]
مەڭگۈلىك  ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى____ . بىلىكيار
چوققا [65 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 12:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئىلىم – پەن