ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ خەلىپە ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ ،ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯧﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯗﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﺳﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ ، ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥخەلىپە بۇ ئۈرۈمچىلىكنى گەپتە مات قىلىپ قەشقەرلىكنى بىر تونۇتۇپ قوياي دەپ ئويلاپ:
-ﮔﯩﻤﺮﻭﻱ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﻛۆﻳۈﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ،
-ﻛﻪﭼۈﺭۈﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ تىزىملىكى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑۇﻳرۇتىڭ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺑوﻳﺮﯗﺗﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﻰ
ھىيىت كىلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن بىزنىڭ بىر تۇققىنىمىز بارلىق ئوقۇغۇچى تۇققانلىرىنى كۈتۋىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆيگە چاقىردى. ئارسىدا بىر باشلىق تۇققىنمىزنىڭ 4 ياشلىق ئوغلى بارتى. بەك كەپسىز ئۇ شۇم. بىردەم كولادىن بىرنى كۆتىرۋالىدۇ، بىردەم قىزىل چايدىن بىرنى، ئەمدى باشلىقنىڭ بالىسى بولغاندىكىن ھەممىسى ماختايدىغان گەپكەن. ئۇ ماختاپ بۇ ماختاپ، بالىنىڭ ئانىسى بولغان خوتۇنمۇ ماختاپ چۈشتى، «ۋاي بالام بەك ياخشى چوڭ بولدى، ئۆيدە ئۇنى قىلىپ بەر،بۇنى قىلىپ بەر دىسەم كۈچى يەتسە قىلىپ بىرىدۇ، پەقەت خاپا قىلمايدۇ»دەپ تۇرىشىغا ، ھىلىقى شۇم ھەممىنى تەڭ ئىچىپ قىستاپ كەتتىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا يەرگە سىلىنغان گۈللۈك گىلەمنىڭ ئۈستىگىلا سىيگىلى تۇردى.
ئاپىسى «ۋاي بالام، نېمە ئىش قىلۋاتىسەن»دەپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ، باياتىن ياقى ئىچىم سىقىلىپ ئاران تۇرغاندا ، ئاغىزىم قىچىشىپ دەپ ساپتىمەن « ھىچ ئىش قىلمدى ئاچا، بالىڭىز گۈللەرگە سۇ قۇيۋاتىدۇ».
بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن بىر پولاخانىغا كىردۇق، پولاخانىدا ئادەم بەك جىق بولۇپ ئاران تۆت كىشىلىك ئۈستەلدىن بىرسى قاپتۇ،
بىرىپ ئولتۇردۇق، ئولتۇردۇق قارىساق مۇلازىمەتچى يا كەلمەيدۇ ،توۋلىدۇق كەلدى ،يىرىم پولادىن ئىككى دەپلە بۇيرۇدۇق،
شۇنچە ساقلىساقمۇ چىقمايدا ، گەپ قىلايلى دىسەك ئادەم جىق ،شۇڭا سەۋرى قىلدۇق،
بىر چاغدا ئىككى خەنزۇ كىلىپ باشقا ئورۇن بولمىغاندىكىن ئالدىمىزدىلا ئولتۇردى، مۇلازىمەتچى ئۇلارغا چاي ئەكەلدى،
بىردەمدىن كىيىنلا ئۇ خەنزۇلارنىڭ پولاسى چىقتى، يەنە بىزنىڭ يوق،بىردەمدىن كىيىن بىزنىڭمۇ چىقتى ، قارىساق بىزنىڭ پولادا ساپلا ياغ يەنە كىلىپ سۆڭەك ،خەنزۇلارنىڭ پولاسىدا لوخ قارا گۆش،
شۇنىڭ بىلەن ئاچچىغىم كىلىپ ، ۋارقىرىدىم، ئۇستام بىزگىمۇ خەنزۇچە پولادىن ئىككىنى...............
[ بۇ يازمائىدىرىسجانتەرپىدىن2009-02-07 17:31دە قايتا ]