ئۆمەر بىننى خەتتاب-ئەل فارۇق
ئەفىيفىي ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەتتىن 42 يىل بۇرۇن مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بەنىي ئادى قەبىلىسىدىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندە ئۇ 29 ياشتا ئىدى. ئۇ، ۋەھىي كېلىپ ئالتە يىلغىچىلىك جاھىلىيەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاندىن ئىمان ئېيتقان.
ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇز بەش يىلىدا گەرچە بۇدپەرەسلىك دىنىدا مۇستەھكەم بولۇپ، مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرگە قاتتىق قول بولغان، بۇدپەرەسلىكىدە قاتتىق تۇرغان بولسىمۇ، قۇرەيشلەر ئارىسىدا ھېچقانداق نام-نىشانسىز ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭمۇ قۇرەيشلەر ئارىسىدا نوپۇزى يوق ئىدى. ئۆزىمۇ ئۆز ئائىلىسىدە قەدىرلەنمەيتتى. قەبىلىسىمۇ نامسىز، كەمبەغەل ئىدى. ئۆمەرنىڭ كىچىككىنە ئەمىلى بولغان ئەلچىلىكىمۇ پەقەت تەسىرى بولمىغان ئائىلىسى ئۈچۈنلا ئىدى.
كېيىنچە ئىسلام نۇرى پارلاپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىنمۇ بىر قانچە كىشى ئىمان ئېيتتى. بىراق، ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇددى دادىسىدەكلا مىجەزى چۇس، كەسكىن، جاھىل ئادەم بولغاچقا ئىمان ئېيتماستىن ئۇلارغا قارشى ئەبۇ جەھىلنىڭ يانتايىقى بولغان. ئۆمەرنىڭ ئانىسى ئەبۇ جەھىلنىڭ ئايال بىر تۇغقىنى بولغان ھەنتەمە بىنتى ھىشام ئىدى. مانا شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆمەر مۇسۇلمان بولغان ئائىلىسىدىكىلەرگە تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسدە قۇرئان ئۆگىتىش ئىشلىرىنىڭ مەخپىي ئورۇندالغانلىقىغا قاتتىق قورسىقى كۆپكەن . ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا، مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىكەنكى، ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلماي، مەخپىي دەۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەبۇبەكرى، ئەلى، ھەمزە... قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئۇلار تەرەپكە ئاتلانغان. ئۇ كۆزلىرى قانغا تولۇپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن مېڭىۋاتقاندا، يولدا نۇئەيم ئىبنى ئابدۇللا ئۇچراپ قالغان. نۇئەيم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، «نەگە ماڭدىڭ؟» دېگەن سوئالىغا، «مۇھەممەدنى ئۆلتۈرگىلى!» دەپ جاۋاب بەرگەن، نۇئەيم ئۇنىڭ مەقسىتىنى بۇ سۇيقەستتىن بۇرۇۋېتىش مەقسىتىدە «سەن ئالدى بىلەن ئائىلەڭدىكىلەرنى باشقۇرىۋال» دەپ ئۇنىڭ يولىنى بۇرۇۋەتكەن...
ئۆمەر كەسكىن، قوپال، قاتتىق قول بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنتايىن ھېسسىياتچان كىشى بولۇپ، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى، يۈرۈش- تۇرۇشى ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامىر بىلەن ئايالى لەيلانىڭ ھىجرەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، لەيلا مۇشرىكلارنىڭ ياۋۇزلۇقلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن، بۇنى ئاڭلاپ ئۆمەر غەمكىن بولۇپ كەتكەن، بۇنى ئامىرغا دەپ بەرگەندە، ئامىر ئايالى لەيلاغا:
-سەن ئۇنى مۇسۇلمان بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن؟... خەتتابنىڭ ئېشىكى مۇسۇلمان بولسا بولىدۇكى، بۇ ئادەم ھەرگىز مۇسۇلمان بولمايدۇ!- دېگەن.
ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇنداق بولغان: رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئۆمەرنىڭ يولىنى نۇئەيم بۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ،«سىڭلىم ۋە يېزنەم راستىنلا ئىمان ئېيتقاندىمۇ؟» دېگەن دەر گۇمان بىلەن قىلىچ ئېسىپ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە يول ئالغان، ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا سىڭلىسى ئۆز ئۆيىدە «سۈرە تاھا»نىڭ ئايەتلىرى يېزىلغان ۋەرەقىنى ئوقۇۋاتاتتى، بۇنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاڭلاپ قالغان، ئۇلار دەرھال يىغىشتۇرۇۋالغان ئىدى.
ئۆمەر:
-باياتىندىن بېرى كۇسۇلدىشىپ نېمىلەرنى ئوقۇۋاتاتتىڭلار؟- دەپ تەھدىت سالغان. ئۇلار دەپ بەرگىلى ئۇنىمىغاندا، ئۆمەر ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەرگەن ھەمدە يېزىنىسىنى ئۇراي دەۋاتسا سىڭلىسى ئارىغا كىرگەن، سىڭلىسىنى ئۇرۇپ تاشلىغان ئۆمەر ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇلار ئوقۇغان سۈرىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن سىڭلىسى «سەن پاكلانماي تۇرۇپ بۇنى كۆرەلمەيسەن!» دېگەن، ئۆمەر پاكلىنىپ كەلگەندىن كېيىن ساۋاتلىق بولغاچقا «تاھا سۈرىسى»نى ئوقۇغان: ئۆمەر قۇرئاننىڭ گۈزەللىكتە تەڭداشسىز سۆزلىرىنى ئوقۇۋېتىپ «ۋاھ، نېمىدېگەن ئېسىل سۆزلەر! نېمە دېگەن گۈزەل سۆزلەر!» دەپ توۋلاپ كەتكەن، ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولغان، ھالبۇكى، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇسۇلمانلارنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلىۋەتكەن ئىدى.
ھەزىرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن تۆت ئايالغا ئۆيلەنگەن:
بىرىنچىسى، ئوسمان بىننى مەزئۇننىڭ سىڭلىسى زەينەپ بىنتى مەزئۇن: بۇ ئايال ئۇممۇل مۇئمىنىين ( مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ھەفسەنىڭ ئانىسى بولۇپ، بۇ ئايال ئۆمەردىن تۇغقان بۇ قىزدىن باشقا يەنە ئابدۇراھمان ئەل ئەكبەردىن ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئوغۇلنى تۇغقان؛
ئىككىنچىسى، سەبىيئە: ئۇ ئۆمەرگە تۇغۇپ بەرمىگەن؛
ئۈچىنچىسى، ئۇممۇ كۇلسۇم مەلىكە بىنتى ئەمر خۇزەي: بۇ ئايال قۇرەيش پەھلىۋانى ئابدۇللاھنى تۇغقان؛ ھەزىرىتى ئۆمەر خەلىپە ۋاقتىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مەجۇسىي ئەبۇ لۇئلۇئەنى كۈشكۈرتكەن ھەم سۇيقەستنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە پىلانلىغان ئىرانلىق ھۇرمۇزاننى ئابدۇللاھ ئۆلتۈرگەنىدى؛
تۆتىنچىسى، قەرىبە بىنتى ئەبۇ ئۇممەي مەخزۇمىي: بۇ ئايال ئۇممۇل مۇئمىنىين ئۇممۇ سەلەمەنىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۆمەر بۇ ئايالدىنمۇ بالىلىق بولمىغان .
ئۆمەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ كەسكىنلىكى، جاسارىتى بىلەن بولغان، ئۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرىمەن، دەپ مەيداندا كىشىلەردىن تاياق يېگەن، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەڭ بەك خاپا بولىدىغان ئادەمنى قەستەن تېرىكتۈرىمەن دەپ ئەبۇ جەھىلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى دېگەندە ئەبۇ جەھىل ئىشىكنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېپىپ كىرىپ كەتكەن.
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر بىز ھەرگىز كەئبىدە ناماز ئوقۇيالمايتتۇق. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، قۇرەيشلەرگە بوي بەرمەي، كەئبىدە ناماز ئوقۇيالايدىغان بولدى، بىزمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە كەئبىدە ناماز ئوقۇيدىغان بولدۇق. ھەزىرىتى ئۆمەر ساھابىلەرنىڭ بىرمۇنچىسى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانىدى.»
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھەزىرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كاتتا فەتھ ئېلىپ بېرىلغاندەك بولدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى- زەپەر، خەلىپىلىككە تەيىنلىنىشى- رەھمەت ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن كەئبىدە ناماز ئوقۇيالمايتتۇق. ئەمما مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇ قۇرەيشلەرگە بوي بەرمەي كەئبىدە ناماز ئوقۇيدىغان بولدى، بىزمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە كەئبىدە ناماز ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولدۇق.»
ئۆمەر ئىسلام دىنىغا ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئاشكارا دەۋەتكە رۇخسەت قىلغاندا مۇسۇلمانلار ئىككى سەپ بولۇپ، بىرىگە ھەمزە، بىرىگە ئۆمەر باش بولۇپ ئاشكارا دەۋەتكە چىققان. شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ ئۇنى «ئەل-فارۇق»دەپ ئاتىغان، بۇ نام ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك تارتۇقلانغان ئۇلۇغ نام بولۇپ قالغان.
قۇرەيش كاتتىلىرى ئۆمەرگە چېقىلمايتتى، لېكىن مۇسۇلمانلارنى بەكمۇ خورلايتتى. بۇنىڭغا ئۆمەرنىڭ ئىچى سىقىلاتتى. ئۇ قۇرەيش كاتتىلىرىنىڭ يۈزىگە بىۋاسىتە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى دەيتتى، ئۇ بىر قېتىم ئۇتبە ئىبنى رەبىيئەنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كۆزىگە بارماقلىرىنى تەڭلەپ تۇرۇپ راسا دۇمبالىغان. ئاۋام بولسا ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن پىتىراپ قېچىپ كەتكەن.
مۇسۇلمانلارغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغاندىمۇ، ھەممە كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىنتايىن مەخپىي، سەگەك ھالدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقان، لېكىن ئۆمەر قىلىچ-ئوقيالىرىنى ئاسقان ھالدا كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ، ناماز ئوقۇپ، مۇشرىكلارغا ھەيۋىسىنى كۆرستىپ قويۇپ مەدىنىگە قاراپ يول ئالغان، ئۇنى بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ئۇزىتىپ قويغان.
ھەزىرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا مەسلىھەت سورايدىغان ئۇلۇغ، يېقىن ساھابىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ پىكىرلىرى بەزىدە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەر بىلەن بىردەك چىقىپ قالغان. ئۇ ساھابىلەر ئارىسىدا ھەزىرىتى ئەبۇ بەكرىدىن كېيىن قالسىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ھەممە جەڭلەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قالقان بولاتتى، مەسلىھەت بېرەتتى، ئۇنى قوغدايتتى. باتۇرلۇق بىلەن تونۇلغانىدى. رەسۇلۇللاھنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرەتتى، دۈشمەنلەرگە بەكمۇ قاتتىق قول ئىدى. ئۆز پىكرى بويىچە ئەمەس، بەلكى، رەسۇللاھنىڭ كۆز قارىشىنى پۈتۈن جېنى بىلەن ئورۇنلايتتى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن خالىغانچە مەسىلە سورىيالايتتى.
ھەزىرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تاغىسى زەيىد بىننى ئامىرنىڭ قىزى ئاتىكەگە ئۆيلەنگەن. ئاتىكە ئۆمەردىن ئەيياد ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغقان. ئاندىن ئۇ مەخزۇم ئائىلىسىدىن ھارىس بىننى ھىشامنىڭ قىزى ئۇممۇ ھاكىمغا ئۆيلەنگەن- بۇ ئايال ئۆمەردىن بۇرۇن ئەبۇ جەھىلنىڭ ئوغلى ئىكرەمە بىلەن توي قىلغان ئىدى-ئۇممۇ ھاكىم ئۆمەردىن فاتىمە ئىسىملىك بىر قىز تۇغقان. ئۇندىن باشقا ئۆمەر جەمىلە بىنتى سابىتقا ئۆيلەنگەن، ئۇ ئايال ئاسىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغقان. ئاسىم ئۇمەييەلەرنىڭ جاھانغا مەشھۇر ئادىل خەلىپىسى ئۆمەر بىننى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى ئىدى. ئاسىم ھىجرەتنىڭ ئالتىنچى يىلى تۇغۇلۇپ، يەتمىشىنچى يىلى ۋاپات بولغان.
كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزىرىتى ئەلىنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمغا ئۆيلەنگەن، ئۇممۇ كۇلسۇم ئۆمەردىن زەينەپ، ئابدۇراھمان ئەلئەۋسەت، رۇقىيە، ئابدۇراھمان ئەلئەسغەرنى تۇغقان.
ھەزىرىتى ئۆمەر جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ھاراق ئىچىدىغان، مەيخانىدا يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنى خالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىن ئاللا ھاراقنى تەدرىجىي ھارام قىلىپ بېكىتىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلغان.
شۇنىڭدەك ئۆمەر ئاياللارنىڭ ھىجاپ ئىچىدە يۈرىشىنى بەكمۇ خالايتتى، بۇ ھەقتە ئىلاھىي ئەمىرنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېتەتتى. رەسۇلۇللاغا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قارىشىنىمۇ ئېنىق دېگەن. كېيىن بۇ ھەقتىمۇ ئايەت نازىل بولغان.
ئابدۇللا دادىسىدىن، ئۇنىڭ دادىسى ھۇشەيمدىن، ھۇشەيم ھەمىيد بىننى ئەنەستىن رىۋايەت قىلىپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئۈچ ئىشتا پەرۋەردىگارىم بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولدۇم : رەسۇلۇللاغا، مەقامى ئىبراھىمدا بىر نامازگاھ قىلساق، دىۋىدىم، « مەقامى ئىبراھىمدىن نامازگاھ تۇتۇڭلار...»دېگەن ئايات نازىل بولدى؛ ئى رەسۇلۇللاھ، ئاياللىرىڭنىڭ يېنىغا ياخشىمۇ، يامانمۇ كىرىدۇ، سەن ھىجابلىق يۈرۈشكە ئەمىر قىلساڭ، دېۋىدىم، ھىجاب ئايىتى نازىل بولدى؛ رەسۇلۇللاھنى ئاياللىرى كۈنلىگەندە، مەن ئۇلارغا : ئەگەر ئۇ سىلەرنى تالاق قىلىپ قالسا پەرۋەردىگارى سىلەردىنمۇ ياخشى ئاياللارنى ئۇنىڭغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، دېۋىدىم، شۇ مەزمۇندا ئايەت نازىل بولدى.( بۇ ھەدىس ئەھمەد بىننى ھەنبەلنىڭ «مۇسنەد» ناملىق كىتابىدا زىكىر قىلىنغان).
ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەرقانداق دىنىي مەسىلىدە پىكرى ناھايىتى روشەن-ئېنىق بولۇپ، خۇراپىيلىققا، پىكرىي بىر تەرەپلىمىلىككە قەتئىي يول قويمايتتى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رىزۋان بەيئىتىدە كىشىلەر ئۇنىڭ سايىسىدا رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغان خورما دەرىخىنى كەستۈرۈۋەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە ھەم مۇنداق دېيىلىدۇ: ئابدۇللا دادىسىدىن، دادىسى ئابدۇرراززاقتىن، ئابدۇرراززاق ئابدۇللا بىننى ئۆمەردىن، ئۇ نافىئتىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاشنى (يەنى، ھەجەرۇل ئەسۋەد)نى سۆيدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: «مەن بىلىمەن، سەن بىر تاش! ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ سېنى سۆيگىنىنى كۆرمىگەن بولسام سۆيمەتتىم.»( ئەھمەد بىننى ھەنبەل «مۇسنەد»دە زىكىر قىلغان.)
ئابدۇللا دادىسىدىن، ئۇ ئەبۇ مۇئاۋىيەدىن، ئۇ ئاسىم ئەخۋەلدىن، ئۇ ئابدۇللا بىننى سىرجىستىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: مەن ئۆمەرنىڭ تاشنى سۆيۈپ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم: «مەن سېنى ئەلۋەتتە سۆيىمەن، شۈبھىسىزكى سېنىڭ پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن ! ئەگەر مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سېنى سۆيۈۋاتقىنىنى كۆرمىگەن بولسام ھەرگىزمۇ سۆيمىگەن بولارىدىم.»
(ئەھمەد بىننى ھەنبەل «مۇسنەد»دە زىكىر قىلغان.)
ئەلۋەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ مەشھۇر ساھابىسى بولغان ئۆمەر بىننى خەتتاب ئەل-فارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ياخشى ئىش- ئىزلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ...
ئۆمەر بىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلىپىلىككە تەيىنلەندى. ئۇ ھەربىي-ئىجتىمائىي ئىشلارغىمۇ ماھىر ئىدى. ئۇ مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئادەملەرنى قوماندانلىققا قويۇپ، نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە شەرقتىكى پارىس- ساسانىيلار ئېمپىرىيىسى پۈتۈنلەي، غەربتىكى رۇم-ۋىزانتىيە (بىزانتىس) ئېمپىرىيىسى ئاساسەن يېمىرىلگەن، شۇنداقلا، ئوسمان بىننى ئەففان زامانىسىدىكى مىسىر، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئاق دېڭىز ئاراللىرىغا يۈرۈش قىلىشقا ئۇل سېلىنغانىدى. يەنى، مۇسۇلمانلار يەرمۇك جېڭىدە ۋىزانتىيىلىكلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك تۇتۇشقان،شۇنداقلا ئۇلارنى مەغلۇب قىلغانىدى. ئارقىدىن ئۇلار ئارقىمۇ-ئارقا فىھىل، دەمەشىق، ھىمىس، قىننەسرى، قەيسەرىيە، قۇددۇس شەرىفلەرنى ئىشغال قىلغان. ئۆمەر دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى ھەر ئىككى سەپتە-شەرقتە ساسانىيلارغا قارشى سەپتە، غەربتە ۋىزانتىيەگە قارشى سەپتە تەڭ ئۇرۇش ئېلىپ بارغانىدى. ئۆمەر قۇددۇس شەرىف فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تەكلىپ بىلەن بېرىپ، رەسۇلۇللاھ مىراجغا ئۆرلىگەندە كىرگەن ئىشىكتىن كىرىپ ناماز ئوقۇپ بېرىپ مەدىنىگە قايتقان. ئارقىدىن مۇسۇلمانلار قوشۇنى جەزىرە (جىزرە) قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەر-قەلئەلەرنى ئىشغال قىلغان. ئۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلارنى قىلغان، يەنى ساسانىيلار بىلەن ئومۇمى يۈزلۈك جەڭ قىلغان، ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى بولغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىنى قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ( ئۆمەر ئۆزىمۇ دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان) ئۇلار بىلەن دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلانغان، ئەمما قۇرۇقلۇقتىكى شەھەرلىرىنى تارتىۋالغان. كېيىن قوماندانلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارنى مىسىرنى فەتىھ قىلىشقا ئەۋەتكەن، مىسىر تەلتۆكۈس مۇسۇلمانلانىڭ قولىغا ئۆتكەن.
مانا بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى «قادىسىييە ئۇرۇشى» بولۇپ، بۇ قۇشۇننى ساسانىيلارنىڭ يېڭى ئېمپىراتورى يەزىد جەرىد 12 تۈمەن لەشكەرگە رۇستەمنى قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن، شۇنداقلا ئارقىدىن يەنە شۇنچىلىك لەشكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. بۇ ئۇرۇشقا دۈشمەن پىللىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن مۇنتىزم دۈشمەنگە دۇچ كەلگەنىدى. ئۆمەر ئۆز قوشۇنىغا سەئىد بىننى ئەبى ۋەققاسنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. مۇسۇلمانلار سۆھبەتتە ئۈچ كۈنگىچە يا ئۇرۇش قىلىش، يا جىزيە تۆلەش، يا مۇسۇلمان بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ پارىسلار بولسا بىز سىلەرگە پۇل بېرەيلى، سىلەر نامراتلىقتىن شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، پارىس زېمىنىدا تىجارەت قىلىشىڭلارغا رۇخسەت قىلايلى.... دېگەندەك گەپ بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن توسىماقچى بولدى... ئاقىۋەت، سەئىد بىننى ئەبى ۋەققاس ئاغرىق بولسىمۇ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ رۇستەمنىڭ ئون ئىككى تۈمەن قوشۇنىنى تارمار قىلىدى، شۇنداقلا، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ساسانىيلارنىڭ پايتەختى مەدائىنغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇ شەھەرنى فەتىھ قىلدى. بۇ، ھىجرىيەنىڭ ئون ئالتىنچى يىلى سەپەر ئېيى بولۇپ، ئارقىدىن سەئىد بىننى ئەبى ۋەققاس «ئېمپىراتور سارىيى»نى مەسجىدكە ئۆزگەرتىپ، جەلۇلەگە قاچقان ئېمپىراتورغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلغان...
ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن خەلىپە-مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىسى بولغان ئۆمەر بىننى خەتتاب-ئەلفارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا نە قوغدىغۇچىسى يوق، نە ئالىي تەخت-ئوردىسى يوق، كىيىملىرىمۇ ئاددى-ساددا بىر ئادەم ئىدى. ئۇ گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ، قوماندانلىققا-ئەمەللەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنى قوياتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن ھۇرمۇزان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالغانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە يېپەك رەختلەرگە ئورۇنۇپ، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تەختلەردە ئولتۇرىدىغان ساسانىيلار ئېمپىراتورلىرى سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۆمەر بىننى خەتتاب نۇرغۇنلىغان قوماندانلارنى پارىس زېمىنىغا ئەۋەتىپ، پارس زېمىنىنى تەلتۆكۈس مۇھاسىرىگە ئالدى.
ئۆمەربىننى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەمدىكى ئەندىشىسى، كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىۋاتقان ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى قوشۇلغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى ئاستىدا ئىسلام دۇنياسىنى پاراكەندە قىلىشى ئىدى. ئىراننىڭ زېمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىلغانلىقى ئۈچۈن پارىسلار رۇملۇقلارغا قارىغاندا مۇسۇلمانلارغا كۆپرەك ئۆچمەنلىك قىلاتتى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ بارىدىغان مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىن باشقا پاناھگاھى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان قىياپىتىدە دۆلەتكە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش تەس ئىدى، ئەمما رۇملۇقلارنىڭ ئىپادىسى ئۇنداق بولمىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغۇسى كەلمىسە، قېچىپ بارالايدىغان كىچىك دۆلەتلىرى-تېخى ئىشغال قىلىنمىغان كىچىك دۆلەتلىرى بار ئىدى. ئۇلار مۇسۇلمان بولمىسا شۇ يەرلەرگە قېچىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنى خالىمغانىلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشى تاكى ھىجرىيە توققۇزىنچى ئەسىردە كونىستانتىنپول ئىشغال قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئىستانبۇل نامى بېرىلگەنگە قەدەر داۋاملاشقان.
ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلارمۇ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلار سەلتەنىتى ئالدىدىكى ئامالسىزلىقى ئاستىدا يالغاندىن مۇسۇلمان بولۇپ، ھەر ۋاقىت مۇسۇلمانلارغا خەۋپ يەتكۈزۈشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
كۇۋفە ۋالىسى مۇغىيرە بىننى شەئبە ئۇستا ياغاچچى، تۆمۈرچى، نەققاشچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەبۇ لۇئلۇئە (ئەسلى ئىسمى فەيرۇز) نى مۇسۇلمانلارنىڭ پايتەختىكە كىرگۈزۈشكە ئىجازەت سورايدۇ(ھالبۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پايتەخت مەدىنىگە كىرىشىگە بەكمۇ سەزگۈر مۇئامىلىدە ئىدى). ئەمما بۇ ئادەم مەجۇسىيلىقنى، ئىرقچىلىقنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىدە ساقلاپ كەلسىمۇ، سىرىتقى جەھەتتە مۇسۇلماندارچىلىقتا چاندۇرمايدۇ. ئەمما ئۇ : «ئۆمەر ئىچ-باغرىمنى يەپ كەتتى!» دەپ پات-پات ئاھ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۈيقەستتە بولۇشنىڭ مۇۋاپىق پەيتىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىدۇ. ئۇ كۆپ كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتىنىڭ ناماز ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۆمەر نامازنى بېرىلىپ ئوقۇيدىغان ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىش ئاسان بولاتتى. ھىجرىيە 23-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 23-كۈنى سەھەر ۋاقتى ھەزىرىتى ئۆمەر بامدات نامىزىغا تەكبىر ئېيتىلغاندىن كېيىن نامازغا تۇرىدۇ. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئەبۇ لۇئلۇئە ئۇنىڭغا ئالتە قېتىم خەنجەر ئۇرىدۇ. شۇنداقلا ئەتراپىدا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىلەردىن ئون ئۈچنى يارىدار قىلىدۇ. ئابدۇراھمان بىننى ئەۋف ئۇنىڭغا سەللىسىنى ئېتىپ توختىۋالغاندا، تۇتۇلۇپ قالغاندا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ،ئۆزىگە قىلىچ ئۇرۇپ ئۆلۈۋالىدۇ، ئابدۇراھمان نامازنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئىشنى كېيىنكى سەپتىكىلەر بىلەلمەيدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتىزامىدا نامازغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھوشىغا كېلىپلا نامازنىڭ دۇرۇس ئادا بولغان-بولمىغانلىقىنى سورايدۇ...
ھەزىرىتى ئۆمەر سەكراتتا يېتىۋاتقان بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئەبۇ بەكرىدەك بىر ئادەمنىلا خەلىپىلىككە سايلىماستىن( ئەبۇبەكرى ئۆمەرنى سايلاپ ۋاپات بولغان، رەسۇلۇللاھ بىرىنى كۆرسەتمىگەن ئىدى)، ئۇلاردىن ئالتە كىشى(ئۇلار جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بېرىلگەن، رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدا رازى بولغان ساھابىلەر)نى تاللاپ، شۇلاردىن بىرىنىڭ سايلىنىشىنى ئۆزلىرى بېكىتىشىنى، ئۇلار سايلىنىپ بولغۇچە قوماندانلارنىڭ ئۇلارنى قوغدىشىنى، يولباشچىسىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈنمۇ تۇرۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ...
ھەزىرىتى ئۆمەر سۇيقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاران ئۈچ كۈنلا ياشىيالايدۇ. تۆتىنچى كۈنى، يەنى ھىجرىيىنىڭ 23-يىلى زۇلھەججە ئېيى تۈگەيدىغانغا تۆت كۈن قالغاندا- چارشەنبە كۈنى- ۋاپات بولىدۇ. ئوغلى ئابدۇللا بىننى ئۆمەر ئۇنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى سۇھەيب چۈشۈرىدۇ.
ئۆمەر بىننى خەتتابنىڭ خەلىپىلىك دەۋرى ئىسلام ئادالىتىنىڭ دۇنياغا مىسلىسىز نۇر چاچقان دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆمەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى، مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئورنى مەڭگۈ ئەھلى ئىسلامنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەيدۇ!
2008-يىل، 16-ئاۋغۇست
[ بۇ يازمائاناقۇشئۇۋىسىتەرپىدىن2009-02-04 03:12دە قا ]