ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
ئەزىزيانغىن
يانغىن
ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27990
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 376
شۆھرەت: 899 كىشىلىك
پۇل : 414264 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 340 نومۇر
ئالقىش: 1256 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇمانلىق قەلب (ھىكايە)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئىدىرىسجان نادىرلىدى .(2009-02-03)
UJ_E&7,L  
تۇمانلىق قەلب
A`4j=OF\  
(ھىكايە ) (DCC4%w"  
ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
\ qc 8;"@  
}MDuQP]  
   ئىھ ،گۈزەل ياشلىق ! ئۇ ھايات ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ،لىرىك پوئىزىيسى ، ئۇنىڭ قۇياش نۇرىدەك يالقۇنلۇق مىسرالىرى يۈرەكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تاۋلىنىپ ، سۆيگۈ ۋىسالىنىڭ كۈي نەزمىسىدە ئۆزىنىڭ چەكسىز ئۇلۇغ ھاياتى ۋە كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ ! z F'{{7o  
  مەن ياشلىق بۇسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم بېسىشىمغا ،گۈزەل ياشلىقنىڭ رەڭمۇ-رەڭ نۇر جۇلالىرى ئەقىل كۈزۈمنى قاماشتۇرۇپ ، مىنى ئاجايىپ بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى . [EDw 0e  
   مۇھەببەت -ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ نازۇك ، ئەڭ شېرىن ھىسسىياتتۇر.ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى ھېچقانداق بىر كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. 5r qjqfFa  
مۇھەببەت شېرىن،  شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئىنتىلىمىز،خۇددى پەرۋانە نۇرغا ئىنتىلگەندەك ...... #_}lF 
مۇھەببەت نازۇك،شۇنىڭ ئۈچۈن قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا كىشى بىلمەس سىرلاردەك يۇشۇرۇپ ساقلايمىز.نىگاردەك،ئوتتەك كۆيسەكمۇ تىلىمىزدىن چىقىرالماي يىراقلاردىن قىيا باقىمىز.مانا بۇ ۋۇجۇدىمىزنى شىرىن لەرزىگە سا لىدىغان مۇھەببەت... %Ysu613mz  
ئۇنىڭ ئىسمى نەبى ئىدى ، پاراللىل ئوقۇيتتۇق . ئۇ ئىنتايىن شوخ ھەم تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدى . مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەيتتى . مەن ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن ئاشىق بۇلۇپ ، ھىجران يامغۇرىدا چەكسىز ئۇپۇققا مەيۈس تىكىلگەن مىنۇتلىرىمدا ، نەبى مىنىڭ سۆيگۈمدىن بىخەۋەر بۇرۇنقى ئۇيۇنىنى ئويناپ ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ ...كىتىپ باراتتى . قوشنا سىنىپتا ئۆزى ئۈچۈن كۈل بۇلۇپ كۈيىۋاتقان بىر قىزنىڭ بارلىقىنى ئۇخلاپمۇ چۈشىگە كىرگۈزمەيتتى . MEbx{XC  
  ئالىي مەكتەپكە چاقىرىق كەلگەن كۈنى ... Cd.pMoS  
ئاھ ! ئۇ كۈننى مەن مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن ، شۇۋاقىتتا خۇشاللىقىمدىن يۈرەكلىرىم يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى . نەبى بىلەن ئىككىمىزگە بىر مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەن ، ئۇ ماتىماتىكا فاكۇلتىدا ، مەن ئەدەبىيات فاكۇلتىدا ئىدىم .  بىز بارا -بارا تۇنۇشۇپ ياخشى ئۈتۈشكە باشلىدۇق . ئۇ مىنى بەك ھۆرمەت قىلاتتى ، بۇنىڭدىن مەن ئاللىقانداق بىر يېقىملىق تۇيغۇنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ئوت بۇلۇپ يېنىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانمايتتىم . .9WJ/RKZ\D  
  شەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ بىلەن تانسا ، كىنوخانىلارغا كىرىپ قالسام ، ئۆزەمنى ئۇنىڭ سۆيگۈنىدەك ، ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ ، كۈچلۈك ھاياجانغا چۆمەتتىم . پەقەت قىزلىق غۇرۇرۇملا <<سىنى سۆيىمەن >>دىگەن تۈزلۈشى ئاددىي ، ئەمما ئەڭ ئوتلۇق بولغان ھىسىياتنى لەۋلىرىمدىن ئىبارەت بۇ مۇستەھكەم قورغاننىڭ سىرتىغا مەڭگۈ چىقارمايدىغاندەك قىلاتتى . بولمىسا بىر قانچە قېتىم كىنو ، تانسىلاردىن بىرگە قايتىپ كىتىۋىتىپ ، يۈرۈگۈمنى ئېچىۋىتىشكە تاسلا قالغان ئىدىم . بۇنداق چاغلاردا يېنىمدا قىزىق پاراڭلىرى بىلەن ئىرەنسىز كىتىپ بارغان نەبىگە قاراپ ، ئاچچىق كۆز ياشلىرىمنى پىغان بىلەن يۈتىۋەتكەن ئاشۇ دەقىقىلەر قانچىلىك ئازابلىق تۇيغۇلار بىلەن تولغان -ھە! !JjB,1  
  ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىدا نەبى مىنى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئىزدەپ كەلمەيدىغان ، كەلسىمۇ كىنوغا ، تانسىلارغا تەكلىپ قىلماي ، ئازراق ۋاقىت بىللە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپلا قايتىپ كىتىدىغان بولدى ، يۈرۈگۈم نىمىنىدۇر تەشۋىشلىنىپ ، گۇمانىي تۇيغۇلار نىرۋامنى تىنىچسىزلاندۇراتتى . .!Kdi|a)  
  شەنبە ، بىر ھەپتىلىك ھارغىنلىقتىن كىينكى بوش ۋاقىت ، گۇگۇم پەردىسى يېيىلدى ، قىزلار ئاللىقاچان تانسا ياكى كىنولارغا كىتىشكەنىدى . ياتاقتا يەنە يالغۇز قالدىم ، خىيالىمدا بولسا يەنە شۇ نەبى . '+NmHu:q  
  ئازابلىق خىياللار ئىلكىدە باراقسان قار ياغاچلىقنى ئىچكىرلەپ كىرىپ كىتىۋىرىپتىمەن . دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇندۇقلاردا جۈپ -جۈپ گەۋدىلەر . مەن ئىچكىررەك پىنھان بىر جايغا كىلىپ خىياللارغا بەند بۇلۇپ ئولتۇردۇم . بۇلۇتلار قوينىدىن ئۈزۈپ چىققان ئاي سۈتتەك نۇرلىرىنى ئورمانلىققا چاچاتتى . ئۈزەممۇ بىلمەي ئەتراپىمغا نەزەر سالدىم ، سەل نېرىدا بىر جۈپ قىز -يىگىت ئولتۇرىدۇ ، ئۇلار بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن . ئاي نۇرىنىڭ يۇرىتىشى بىلەن ،قىز ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايغا باقتى ۋە يىگىتنى يىنىككىنە ئىتتتىرىپ ، ئاينى شەرەتلەپ ئاغزىنى ئىتىپ كۈلدى ، قىزغا قاراپ شۇنداق مەستلىكىم كەلدى ، گويا يېنىمدا نەبى ئولتۇرغاندەك تاتلىق ھىسلارغا چۈمۈلدۈم ،ھەم ئۇلارغا چىن كۆڭلىمدىن بەخت تىلەپ ،يىراقلارغا بېرىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئورنىمدىن قوزغالدىم . دەل شۇچاغدا يىگىتنىڭ تۇنۇش ئاۋازى ، مىنى ئورنۇمدا قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرغۇزۇپ قويدى . 2f>lgZ!  
- ئاي كۈرۈپ قالسا بىزگە بەخت تىلەيدۇ . *A`hKx  
ئاھ ! بۇ نەبىنىڭ ئاۋازى ئىدى ، يۈرەكنى شىرىن تۇيغۇغا چۆمدۈرىدىغان مۇزىكىدەك يېقىملىق ، تاتلىق ئاۋازى ! Pv{ {zyc  
نەبى قېنىكىنە ؟! ئۇ ھازىرلا گەپ قىلغان ئىدىغۇ ؟ ياكى مىنىڭ خىيالى تۇيغۇلىرىم مىنى ئالداۋاتامدۇ يا ؟! دەل شۇ چاغدا قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : JY#IeNL  
- ئاي كۆرسە يامان بۇلىدۇ . L@w|2  
- ياق جېنىم ، ئاي كۆرسە سىزدىن خىجىل بۇلىدۇ . سىز ئايدىنمۇ گۈزەل ، قاراڭ ! ئاي سىزنىڭ چېھرىڭىزگە ھەسەت قىلىپ يەنە مۈكىۋالدى . w-R >g dm  
بۇ ئاۋاز ! ... قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . نىمىسىنى ئېيتاي ، بۇ مەن چىن قەلبىمدىن سۆيگەن ، كىچىلەردە ئۇيقۇسىز يېتىپ ۋىسالىغا ئىنتىلگەن ، مىنى مەۋجۇتلىغىمدىن ئايرىپ ،ئىشىق ئوتىدا كۈل قىلىپ ،ھىجران دەشتىدە زار يىغلاتقان ئاشىقىمنىڭ ئاۋازى ئىدى . ئاھ ، خۇدا ! J[;c}  
زىمىن تىترىمەكتە ، يۈرۈگۈم شېخىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان كۈز يۇپۇرمىقىدەك ئاجىز پۇلاڭلىماقتا . $BG4M? Y  
- بۇ گەپلەرنى سىز ئۈچۈن مەجنۇن بۇلۇپ يۈرگەن يۇرتلىقىڭىز نىگارغىمۇ نەچچە قېتىم دىگەنسىز ؟ L 4'@f  
-ھەي ...سىزمۇزە ! نەدىكى يوق گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز . نىگار بىلەن مەن بىر يۇرتتىن ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ ۋەجىدىنلا سالام -سائەت قىلىشىپ قويغىنىمغا كۈندەشلىكىڭىز كىلىۋاتامدۇ ؟ umYq56dw  
-ۋاي ئەخمەق ! قىزلار سىز ئۈچۈن كۈيۈپ كۈل بۇلىۋاتسا ھېچنىمىدىن خەۋەرىڭىز يوقتەك گەپ قىلىسىزغۇ . يىگىتلەرمۇ ئەزەلدىن تاش يۈرەك كىلىسىلەر . قىزلاردا بار ھىسىياتنىڭ ئون ئۈلۈشىنىڭ يېرىمى يوق سىلەردە . 8Vv"'CU#  
- بولدى ماھىرە ، ئەمدى نىگارغا يان بېسىپلا كەتتىڭىزغۇ ، نىگارمۇ ياخشى قىز ، لىكىن مۇھەببەت سەدىقە قىلغىلى بۇلىدىغان نەرسە ئەمەستە . مەن گۈزەللىكنىڭ ھەقىقىي بىر پۈتۈن گەۋدە بۇلىشىنى ياخشى كۆرىمەن . سىزنىڭ قەلبىڭىزمۇ ، ھۆسنىڭىزمۇ گۈزەل . شۇڭا پەقەت سىزلا مىنىڭ ھەقىقىي نىگارىم . لىكىن بۇلار نىگاردا يوق ....  mQBq-;  
- شۇ ئەمەسمۇ ، نىگار نىمىسىگە تايىنىپ سىزنى مەندىن تالىشىدۇ . oJR0sbikP  
ئاھ ، خۇدا ! مىنىڭ قايسى گۇناھلىرىم ئۈچۈن بۇ جازانى راۋا كۆردۈڭ .نىمە ئۈچۈن يۈرۈگۈمگە بۇ ئۈمۈدسىز سۆيگۈ ئۇرۇقىنى تاشلىدىڭ ، مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي تەبىرى ھىجران ۋە ئازابمىدۇر ؟! ئاھ ، گاس ، پالەچ ،كور يارىتىلىپ قالسام نىمە بۇلاتتى . ئەگەر شۇنداق يارىتىلىپ قالغان بولسام ، بۇ مۇدھىش ماكانغا ئۆمۈرۋايەت قەدەم باسمىغان ، چىرايىمنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلمىگەن ، نەبىنىڭ ئۇ قىزنى باغرىغا بېسىپ سۈيۈشىنى كۆرمىگەن بۇلاتتىم . D,dmlv  
دۇنيادىكى ساراڭلار ئەڭ بەختلىك ئادەم ئوخشايدۇ ، ئۇلار ھېچنىمە ئۈچۈن كاللا قاتتۇرمايدۇ ، نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ ، يىغلىغۇسى كەلسە يىغلايدۇ ، كۈلگۈسى كەلسە كۈلىدۇ . بىراق ،نورمال ئادەملەرچۇ ؟ ئۇلار يىغلىماي دىسىمۇ ھايات ئۇلارنى يىغلىتىدۇ . شۇنىڭغا قارىغاندا نىرۋىسى ئاجىز كىشىلەرگە ئوخشاش دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاشمۇ بىر ھىسابتا ياخشىكەن . xj)*K%re  
يۈرۈگۈم ئاچچىق ھەسرەتتىن ئۆكسۈپ يىغلىماقتا ، مەڭزىمنى نىمىنىدۇر سۆيدى ، ئاغزىم قىرتاق تەمدىن ئاچچىقلاشتى ، ئۇ نىمىكىنە ؟! جانسىز قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈزۈمنى سىلىدىم ، ياشكەنغۇ ! يىغلاپتىمەن ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئاچچىق -ئاچچىق ئۆكسىمەكتە . ياراتقۇچى ئىگەم باشقا بەندىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىنى تۇپراقتىن يارىتىپ ، مىنىڭكىنىلا سۇ ،ياشتىن بىنا قىلغانمىكىن ، قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا يۈزۈمگە بىر نەرسە تىرىسلاپ تەككەندەك قىلدى ، كۈزۈمنى تەستە ئاچتىم . ئاي ئاللىقاچان بۇلۇت كەينىگە مۆككەن ، ئورمانلىق قاراڭغۇلۇق قوينىغا شۇڭغۇپ ، باغرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يۈتۈپ كەتكەن ئىدى . s"p}>BjMIC  
<<كۈيۈك ئوتىغا ئۆلمەيدۇ كىشى >>دىگىنى شۇمىكىن . يامغۇر تېخىمۇ قاتتىق يېغىشقا باشلىدى . ھالسىز گەۋدەمنى تەستە كۆتۈرۈپ ، سەنتۈرلىگىنىمچە ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم . سىتولبىلاردىكى چىراقلار غۇۋا نۇر چېچىپ تۇراتتى . چاچلىرىم پىشانەمگە چاپلىشىپ ، ئېقىپ چۈشكەن يامغۇر سۇلىرى كۆز ياشلىرىمغا قۇشۇلۇپ مەڭزىمنى يۇيماقتا . قولياغلىق ئىزدەپ يانچۇقىمغا سېلىنغان قۇلۇمغا بىر كىچىك ئەينەك ئۇرۇندى . ئەينەكنى ئېلىپ غۇۋا چىراق يۇرۇقىدا جانسىز كۆزلىرىم بىلەن قارىدىم . ئەينەكتە يۇمۇلاق يۈز ، شالاڭ سارغۇچ قاش ، نىپىز لەۋ ...ئىشقىلىپ يوغانغىنا كەلگەن چىرايلىق قارا كۆزنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ، ئاددىيلا بىر چىراي ، ئاھ ... مەن ھەقىقەتەن سەتكەنمەن ، سەتلا بىر قىز ئىكەنمەن ! =U!'v X d  
  مەن ئۈزەمنىڭ سەتلىكىمنى بۈگۈنلا ھىس قىلىۋاتاتتىم . ئىلگىرى چىرايىمغا  نەبىنىڭ سۈرەتلىرىگە سىنچىلاپ قارىغانچىلىكمۇ ئىنىچكىلەپ سەپ -سېلىپ باقماپتىمەن .  بۈگۈنلا پەقەت تاللاش ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىمدىلا چىرايىمنىڭ ئوغۇللار ئىنتىلىدىغان گۈزەل قىزلارنىڭ ئوماق چىرايى ئالدىدا قانچىلىك  دەرىجىدە ئىتىبارسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئاللانىڭ بۇ تەڭسىزلىكىدىن ئاچچىق تولغاندىم ، ئىھ ، پەرۋەردىگار ! ئىنسانلارغا بىرىدىغان گۈزەل نىمەتلىرىڭنى ئادىل تەقسىم قىلماپسەنغۇ ، نىمە ئۈچۈن ؟ زادى نىمە ئۈچۈن ؟!  ئۈزەممۇ تۇيمايلا مۇھەببەت تىلەمچىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتىم ، راست مەن كىمگە يىغلايمەن ؟ كىمگە يېلىنىۋاتىمەن ؟ نەبى ئۈچۈنمۇ ؟ مۇھەببىتىڭنى ماڭا بەرمىدىڭ دەپ ئۇنى ئەيىبلەۋاتىمەنمۇ ؟ مەندىكى غۇرۇر ، ۋىجدان نەگە كەتتى ؟! x SF#ys4v  
  شۇ يامغۇرلۇق تۈندىن باشلاپ ،ھىجران ناخشىسىنى توۋلاپ پۈتكەن ئاۋازىم ، رەھىمسىز سۆيگۈ خەنجىرىدە يارىلانغان يۈرۈكۈم ، ئۈمۈدسىز ۋىسال تەشنالىقىدا ئۆكسىگەن سۆيگۈم ...قانداقتۇر بىر مۇڭلۇق كۈينى جاراڭلىتىشقا باشلىدى .  ئوتلۇق مۇھەببىتىمگە ئۇرۇلغان قاتتىق بىر تەستەكنىڭ ئازابى بىلەن ھاقارەتلەنگەن قىزلىق غۇرۇرۇمنى قايتىدىن تىكلەشكە بەل باغلىدىم .لىكىن  ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا ھۆرمەت بىلەن تىكىلگەن مىھرىبان كۆزلەر ئارىسىدىكى ئوت چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز مىنى ھۇدۇقتۇراتتى . ئۇ ساۋاقدىشىم ئەنۋەر ئىدى ، ئۇ بەس -مۇنازىرلەردىكى زىرەكلىكى ، ئىجادىيەتتىكى كۆزگە كۈرۈنگەن نەتىجىلىرى بىلەن قەلبىمدە ئوغۇللارغا نىسبەتەن قوزغالغان نەپرەت ھېسلىرىمنى ئاستا -ئاستا سۇسلاشتۇرماقتا ئىدى . بىراق ، مەن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشتىن قورقاتتىم ، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئوغۇللار بىلەن ئارلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيتتىم . ئەنۋەر بۇ غەلىتە خارەكتىرىمگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ ،مىنى بىر قەدەم -بىر قەدەمدىن چېكىندۈرمەكتە ، ھالسىزلاندۇرماقتا ئىدى . Z&@X4X"q  
   يەكشەنبە . ياتاقتا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرىمەن ، ياتاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بازارغا چىقىپ كەتكەن ، قەلبىمنى بولسا يەنە شۇ مۇدھىش ،قارغىش تەككۈر يالغۇزلۇق قاپلىغان ... ~!&WK,k6  
تاك..تاك...تاك... 2BBGJE  
ئىشىك يىنىك چىكىلدى ، ئىشىكنى ئاچتىم . ئەنۋەر كۈلۈمسىرگىنىچە بىر ژۇرنالنى تۇتۇپ تۇراتتى . QKYIBX  
- كىرسەم بۇلامدۇ ؟ K5z*DYT  
- قېنى كىرىڭ . )?joF)  
ئەنۋەر ياتاققا كىرىپ ژۇرنالنى ماڭا ئۇزاتتى ۋە مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ : uI@:\Rss  
- نىگار ، ھىكايىڭىز ئېلان قىلىنپتۇ . <<ئۆكسىگەن سۆيگۈ >>كۈلۈپتۇ ...-دەپ چاقچاق قىلدى . C[gCwDwl  
- راستمۇ ؟     قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ژۇرنالنى قۇلۇمغا ئېلىپ ، مۇندەرىجىگە كۆز يۈگۈرۈتتۇم ، راستكەن ! راستىنلا ھىكايەم ئېلان قىلىنپتۇ . قاتتىق تەستەك يىگەن قىزلىق غۇرۇرىمدىن پۈتكەن ھىكايەم ئېلان قىلىنپتۇ ! !`hjvJryw  
  ژۇرنالنى باغرىمغا بېسىپ يۈرۈگۈمدىن چىقىرىپ قاقاقلاپ كۈلدۈم ، كۈلكە ئېتىلىپ چىققان يۈرۈگۈم تىنىمسىز تىپچەكلەپ سەكرەيتتى . ئەنۋەر گويا مىنى ئەمدىلا كۆرىۋاتقاندەك ،كۈلۈشنى بىلىدىغان ھىسىياتلىق ئىنسان ئىكەنلىكىمگە ئەمدىلا ئىشىنىۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن كۈلۈپ قارايتتى . كۆزلىرىمدىن نىمىنىدۇر ئىزلىگەندەك تىكىلىپ قارايتتى . بىر ھازادىن كىيىن ئۇ ئاستا يېنىمغا كىلىپ ئوڭ قۇلىنى كۆتۈرۈپ ،مەڭزىمنى يىنىككىنە سۈرۈتتى . نىمە بولغاندىمەن ؟ ئىتتىك كۈزۈمنى تۇتتۇم ، ئاھ ، ياشقۇ ! يەنە يىغلاپتىمەن ، نىمىشقا يىغلىغاندىمەن ؟!  ئەسلىدە خۇشال بۇلۇشۇم كىرەك ئىدى ، ياق ! مەن خۇشاللىقتىن يىغلىدىم . مەن نىمىدىگەن بوشاڭ -ھە ، يىغلاشقا ئارانلا تۇرىمەن ، ئەنۋەر ياش يۇقى كۆزلىرىمگە مىھرى بىلەن تىكىلدى . بۇ كۆزلەرنى باشقا بىرسىنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشىتىپ قالدىم ، كىمنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشىغان بولغىيتتى ، ئۇ ...ئۇ ...نەبىنىڭ كۆزلىرى! نىمىدىگەن ئوتلۇق كۆز ، نىمىدىگەن مۇھەببەتلىك قاراش ، ئاھ ، ئۇ كۆزلەر كۆزلىرىمنى قۇچاقلاۋاتىدۇ . ئاھ ، نەبى ...كۆزلىرىڭ ماڭا مەڭگۈ تەئەللۇق ئەمەس ، ئاھ ، سۈيۈش نەقەدەر لەززەتلىك سىزىم . ~4'e)g.hG  
   بىھۇشلانغان كۆرۈش سەزگۈلىرىم چاقماق تىزلىكىدە ھەركەتكە كەلدى . ئۇنىڭ ئېزىقتۇرغۇچى ئوتلۇق كۆزلىرىگە قاراشقا ماجالىم 7gfNe kr~W  
يەتمىدى . كارۋاتقا ئۆزەمنى ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلىدىم ، مۇھەببەت يەنە مىنى ساراڭ قىلغان ئىدى ، قانچىلىك يىغلىدىم  بىلمەيمەن ... PQ<""_S||  
- نىگار ، <<ئۆكسىگەن سۆيگۈ >>سىزنىڭ كۆز يېشىڭىزنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى ، دەردىڭىزنى قوزغاتتى ، شۇنداقمۇ ؟ مەن ئەسلىدە ژۇرنالنى سىزگە كۆرسەتمىگەن بولسام بوپتىكەن ،-ئەنۋەر قۇلۇمدىكى ژۇرنالنى ئېلىپ ، پۇرلاپ جوزىغا تاشلىۋەتتى . nV,qC .z  
مەن ژۇرنالنى ئېلىپ پۇرلاشقان يەرلىرىنى  بارماقلىرىمدا بېسىپ تۈزلىدىم ۋە ئەنۋەرگە قاراپ ھەسرەت بىلەن پىچىرلىدىم : )TFaG[tj  
- ئۇنداق دىمەڭ ئەنۋەر ، غەلبەمنى قۇتلۇقلىغان تۇنجى كىشى سىز بولدىڭىز ، گەرچە كۆز يېشىم قۇرۇمىغان بولسىمۇ ، مەن قايتا تىكلەنگەن قىزلىق غۇرۇرۇمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن . mEv 
- نىگار ،سىزنىڭ كۆز يېشىڭىز نىمە دىگەن كۆپ ھە ! <<ئۇ >>ئەسلىدە سىز ئىكەنسىز دە! ZOK2BCoW  
ئەنۋەر ئەسىرىمدىكى باش قەھرىمان قىزنى دەۋاتاتتى .  مەن سەل ئىككىلىنىپراق جاۋاب بەردىم : ) 7Gm 
-سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزەمنى ئاقلىغىنىممۇ يوق ، يالغان گەپ قىلغۇممۇ يوق . <<ئۇ >>قىز مەن بۇلىمەن ، ئەسەردىكى مىنىڭ سۆيگۈنۈم مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ، ماتىماتىكا فاكۇلتىدا ، سىز ئۇنى تۇنۇيسىز . kq8:h  
ئەنۋەر كۆزلىرىنى كۆزۈمدىن قاچۇردى ۋە بىر دەقىقىلىق سۈكۈتتىن كىيىن جىمجىتقىنا چىقىپ كەتتى .ئۇنى سۇلغۇن نەزىرىم بىلەن ئۇزىتىپ قالدىم ، ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۈزۈمنىڭ يەنە بىمەنە ئىش قىلغانلىقىمنى سەزدىم . ئەسىرىم ئارقىلىق ھەممىگە چۈشەندۈرۈپتىمەن ، ساۋاقداشلىرىممۇ غەلىتىلىكىمنىڭ سىرىنى بىلىپ كىتىپتۇ . }L>}_NV\  
  چۈشتە ياتاقدىشىم رىزۋان ، ئەنۋەرنىڭ بىر پارچە خېتىنى ئەكىرىپ بەردى . قانداقتۇر بىر قىزىقىش بىلەن تېزلىكتە خەتكە كۆز يۈگۈرۈتتۇم . m"<0sqD;  
   نىگار : C$SuFL(pb  
مەن گەپنى تومتاقلا باشلاۋىرەي . چۈنكى گىپىمنى دىيىشكە ئالدىراپ كەتتىم ، مەن سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تەنھا ياشاشقا ئامراقلىقىڭىزنى چۈشەندىم . سىز سۆيگۈ ئالدىدا يېڭىلدىم ، ھايات مىنى ئالدىدى ،دەپ رىئاللىققا نەپرەت بىلەن قارىدىڭىز ، ھەممە گۈزەل نەرسىلەرگە كۆز يۇمۇپ ،ئۇلارنى ئۆزىڭىزدىن قاچۇردىڭىز . =21$U [  
<<ئۆكسىگەن سۆيگۈ >>دىكى باش پىرسۇناژ رەئىسە چىراي گۈزەللىكىلا ئەمەس ، قەلب گۈزەللىكىنىڭمۇ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىپ ، ھاياتقا قايتىدن ئىشتىياق باغلايدۇ -يۇ ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسلى پىروتوپى رىئال ھاياتقا ئىشەنچىسىزلىك بىلەن تىكىلىپ يۈرمەكتە . مەن سىزنى خېلى بۇرۇنلا ھايات سەپىرىمنى بىللە بېسىشقا ، ئىشەنچ بىلەن تاللىغان ، خاتالاشماپتىمەن . ئەمما سىز مەندىن قېچىپ يۈردىڭىز ، سىز جاپالىق مېھنىتىڭىز ئارقىلىق ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردىڭىز . سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ كۈچەيدى ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن نىگار ، ياشلىق ئاسمىنىدىكى چولپان يۇلتۇزى بۇلۇشنى خالامسىز ؟ GL_YT.(!  
     مۇھەببىتىڭىزگە ئىنتىزار :             ئەنۋەر . Q4Zuz)r*  
خەتنى ئوقۇپ تىترىدىم ، كۆز ياشلىرىم مۇھەببەتلىك قۇرلارنى سۆيدى . سەل سۇزۇنچاق يۈزىدە ھاياتقا ئىشەنچ تۇلۇپ تاشقان مىھرى بىلەن قارايدىغان ئۆتكۈر ساۋاقدىشىم ئەنۋەرنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى ، شوخلۇق بىلەن مەندىكى ئاجايىپ گۈزەل ، ئەمما ئېيتىش تۇلىمۇ تەس ، قىيىن بولغان بىر لىرىكىنى بىللە ئېيتىشنى ئۆتۈنىۋاتاتتى . ' 7+x,TszI  
  ئاچچىق كۈلدۈم ، تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە ئۆكۈندۈم .مۇھەببەت ئاشۇنداق نەرسىكەن ، سەن سۆيگەننى سۆيدۈرمەيدىكەن ، باشقىلارنى سىنىڭ ئۈچۈن مەجنۇن قىلىدىكەن ... qc2j }D0  
ئاھ ...ئەنۋەرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىگە نىمە دەپ جاۋاب بىرەي ؟! بىر ھەپتە بولدى ، ئەنۋەرنىڭ خېتىگە تېخىچە جاۋاب بەرمىدىم . ST5L O#5  
سىنىپتا ئوتلۇق كۆزلىرىدىن ئۈزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرىمەن ، ئۇنىڭ جىمغۇرلىقىدىن ، ماڭا يەر ئاستىدىن ئىسەنكىرەپ قاراشلىرىدىن قەلبىمدىكى تەشۋىش ، ئەندىشە ۋە كۈچلۈك مۇھەببەت گىرەلەشكەن ئىزتىراپنى سىزىمەن . ئەمما ئوتلۇق سۆيگۈسىگە بىرىدىغان جاۋابنى ئويلىساملا تىترەيمەن . ئالقىنىمغا تۇتقۇزغان لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان يۈرەكنى يەرگە ئۇرۇشقا چىدىيالمايمەن . C=IT`iom1C  
  يەنە شۇ شەنبە ، ياتاقداشلىرىم بىلەن تانسىغا كەلدىم ، ئەنۋەر تۇيۇقسىز مىنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى ، ئۇ قەلبىمدىكى ئورنىنى دەڭسەپ باقماقچى بۇلىۋاتاتتى ، ئازابلانساممۇ ئەنۋەرگە كۆڭلۈمدىكىنى ئېنىق دىيىش قارارىغا كەلدىم ، ۋاقت ئۇزارغانسىرى ئۇمۇ ، مەنمۇ ئازاب چىكەتتۇق . D+P(  
  غۇۋا يانغان چىراق تانسىخانىغا رومانتىك تۈس بىرىپ تۇراتتى ، تانسا ئويناۋاتىمىز ، كۆزلىرىمىز پات -پات تۇقۇنۇشۇپ قالىدۇ ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيمەن ،ئەنۋەرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىدىن كۈزۈمنى ئېلىپ قېچىپ ئەتراپىمغا قارىۋالدىم ، يېنىمىزدىلا تانسا ئويناۋاتقان قىز ماڭا تۇنۇشتەكلا بىلىندى ، كىمدۇ ئۇ ؟ ھە ...ئۇ ...ھەيران قالدىم ، قاڭشارلىق بۇرۇن ، تال -تال كىرپىكلەر ، بۇلاقتەك كۆزلەر ، ماھىرەگىلا تەئەللۇق ئىدى . ئۇ بىر تۇتام چېچى كۆزلىرىگە چۈشىۋالغان ، ئېگىز بوي بىر يىگىت بىلەن چاپلىشىپ دېگۈدەك تانسا ئويناۋاتاتتى . نەبى كەلمىگەنمىكىنە ؟ توۋا ماھىرە -نەبىنىڭ گۈزەل مەشۇقى بۈگۈن باشقا يىگىتلەرنىڭ قوينىغا سىڭىپ كىتىپتىغۇ ، بىردىنلا ماھىرەنىڭ يىگىتنىڭ كۈچلۈك بۇيۇنلىرىغا ئېسىلىپ تۇرغان نازۇك بىلەكلىرى بىراۋ تەرىپىدىن سىلكىپ چۈشۈرۈلدى . ماھىرە چېقىراپ كەتتى ، ئېگىز بوي يىگىت دەرھال رەقىبىگە گۆلەيدى ، ماھىرەنى تارتقان يىگىت مەستتەك قىلاتتى . مەست يىگىت ئېگىز بوي يىگىتتىن نەزىرىنى يۆتكەپ ماھىرەگە مىختەك تىكىلگەندە ھەيران بولغىنىمدىن ۋارقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم ، بۇ مەست يىگىت نەبى ئىدى . }pdn-#  
  توۋا ، خۇددى تەقدىر ئالدىنئالا ئۇرۇنلاشتۇرغاندەك بۇ ئۇچرىشىش شۇنداق تۇيۇقسىز بولدىكى ...ھەيرانلىقىمدىن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتمەسكە تىرىشاتتىم ، تانسىخانىدا بىر مەيدان ئالا -توپىلاڭ بۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى . لىكىن نەبى ماھىرەنى تىللىمىدى . سىرتقا تارتىپ مەن بىلەن ماڭمۇ دىمىدى ، پەقەت ئاچچىق ئازاب ، ئەلەم ، غەزەپ كۆلەڭگىلىرى ئەگىپ يۈرگەن كۆزلىرىدىن نەپرەت ئۇچقۇننى چاچرىتىپ ماھىرەگە مىختەك تىكىلدىدە ئارقىدىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تانسىخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئېگىز بوي يىگىت ماھىرەنىڭ قۇلىدىن تارتقىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى . كۆپچىلىك گويا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك يەنە تانسا ئويناشقا باشلىدى ، بۇ ئىشلار گويا چۈشتەك بىر دەقىقە ئىچىدىلا رەڭدار تۇمانلار ئارىسىدا غايىب بولدى . zflfV!vAg  
-نىگار نىمە بولدىڭىز ؟ dKTyh:_{  
ئەنۋەر ماڭا ھەسرەت بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى . ئۇ ھەممىنى چۈشىنىپ بولغانىدى. zsFzF`[k  
-ھېچنىمە بولمىدىم ، كىلىڭ تانسا ئوينايلى ئەنۋەر ...قاراڭ ۋالىس مۇزىكىسى ، ئەجەپ ياخشى بولدى . ھا...ھا...ھا... a\>+!Vq  
ئەنۋەرنىڭ قۇلىنى تۇتتۇم ، ۋىلىقلاپ كۈلگىنىمچە كىپىنەكتەك پىرقىراشقا باشلىدىم . ئەنۋەر كۈلكەمگە ئاچچىق ئۇھ تارتىش بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ، بىراق مەن كۈلىۋەردىم ، مۇھەببەت شۇنداق دۇنيا ...توختىماي كۈلىۋاتىمەن . ئۇنىڭ ئازابى ئۈچۈن ، ھاياتىمدىكى تۇنجى سۆيۈملۈك ئاشىغىمنىڭ مەغلۇبىيتى ئۈچۈن غالىبلارچە قاقاقلاپ كۈلىۋاتىمەن . JFH3)Q  
كۈلكەمنىڭ يەنە ئاچچىق يىغىغا ئايلانماسلىقى ئۈچۈن مۇزىكا تۈگىشىلا سىرتقا قاراپ ماڭدىم ، ئەنۋەرمۇ ئارقامدىن ئەگەشتى . $nF|n+m  
  يۇلتۇزلۇق ئاسمان ۋەھىمە بىلەن قارىيىپ تۇراتتى ، ياتاققا كەلگۈچە گەپ قىلىشماي جىمجىت ماڭدۇق ، ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا <<خوش >>دەپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم ، شۇ تاپتا ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن ئازابلىرىم ئۈچۈن خىجىل بۇلىۋاتاتتىم . ئىشىك يېنىغا بېرىپ ئارقامغا قارىدىم ، ئەنۋەر يەنىلا جايىدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇراتتى ، ئاستا ئارقامغا قايتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم . ئۇ <<نىگار >>دىگىنىچە مۇزلىغان قوللىرىمنى تۇتتى . بىر دەقىقە جىمجىتلىقتىن كىيىن ئىسىمگە كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى ئاستا ئىتتىردىم . F M;NA{  
- كەچۈر ئەنۋەر ، سۆيگۈڭگە كۈتكىنىڭدەك جاۋاب بىرەلمىگىنىم ئۈچۈن خىجىلمەن  ،-دېدىم ھەسرەتلىنىپ ،-سەن بەكمۇ ياخشى يىگىت ، سىنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيمەن ، ئەمما ھۆرمەتلەش مۇھەببەت ئەمەس ،گۈزەللىكنى بايقاش سىنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭ ، سىنى چىن قەلبىمدىن سۆيەلىگەن بولسام نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ، ئەپسۇس ...بەكمۇ كىچىكىپ تۇنۇشتۇق ، مەن ئاللىقاچان ئېيتىپ بولغان مۇڭلۇق ناخشىلار ئەمدى سىنىڭ يۈرۈكۈڭنى تىترىتەلمەيدۇ ، ھازىر يۈرۈگۈم كۆل سۈيىدەك دولقۇنسىز ، ئۆلگەن مۇھەببىتىمنىڭ قارلىرى ئۇچقۇنداپ تۇرۇپتۇ. مۇھەببەتسىز كۆڭۈلنى ساڭا بىرىپ مۇھەببىتىڭگە ئاسىيلىق قىلغۇم يوق ، بەلكىم كەلگۈسىدە تۇنجى مۇھەببىتىم ئۇنتۇلغاندا سىنى ئەسلەپ قېلىشىم ، يۈرۈگۈمدىن سۆيۈپ قېلىشىم مۇمكىن ، بۇنىڭغا بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كىتەر ، شۇ چاغلاردا سىنى ئىزدەپ بارغاندا تېخىمۇ كىچىككەن بۇلارمەن ، بىراق كىچىكىش تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى ئەنۋەر . خوش ، سەن مەڭگۈ مىنىڭ يېقىن دوستۇم ! 45. -P  
   بىر نەچچە كۈن ناھايىتى تېزلا ئۈتۈپ كەتتى . كۇتۇپخانىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتىم .ناتۇنۇشلا بىر قىز كىچىك بىر باغاقچىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ، گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى .ھەيرانلىق ئارلاشقان كۆزلىرىمنى خەتكە تىكتىم : 4&X D  
  نىگار ،كەچتە مەكتەپ باغچىسىنىڭ ئارقىسىغا بارسىڭىز ، سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار ئىدى ، سائەت 10لاردا سىزنى ساقلايمەن . WfpQ   
                                                                                                                   ______نەبى . J!Er%QUR  
باغاقچى تۇتقان قوللىرىم تىترىدى ، يۈرۈگۈم ئاغدى . ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن نېرۋىلىرىمدىن ۋاششىدە ئاچچىق بىر ئاغرىق ئۈتۈپ كەتتى . نەبى ، ئاھ نەبى ! سەن مىنى يەنە پاراكەندە قىلماقچىمۇ ؟! سەن نىمە دەپ مىنىڭ تىنىچ كۆڭلۈمگە ھۇجۇم قىلىسەن ؟! سالغان شۇ ئازابلىرىڭ يەتمەسمىدى ؟! ... VK*Dm:G0  
كاللامدا ئۆتمۈش سايىلىرى ئەگىپ يۈرەتتى . بېشىم پارتلاپ كىتىدىغاندەك چىڭقىلىپ نېرۋا تالالىرىم چاراسلاشقا باشلىدى . قەتئىي چىقماسلىق قارارىغا كەلدىم .نىمە دەپ چىققۇدەكمەن ، ئۇ ماڭا ھاقارەتلەنگەن غۇرۇرۇمنى قايتۇرۇپ بىرەلەيتىمۇ ؟ ئۈمۈدسىز سۆيگۈ ئۈچۈن ھەسرەت چىكىپ ئىزسىز يوقالغان ئاشۇ يىللارنى ياندۇرۇپ بىرەلەيتىمۇ ؟بىراق...سائەت 10 بولاي دىگەنسىرى نىمىگىدۇر ئولتۇرالماي قالدىم . 5{Q5?M]  
ياق ! چۇقۇم بېرىشىم كىرەك ، قېنى ئۇ ماڭا نىمىلەرنى دەيدىكىن ؟!... M2H +1ic  
ئەتراپ قاراڭغۇلىققا ئايلاندى ، بەلگىلەنگەن جايدا ئۇچراشتۇق .قاراڭغۇدا ھېچقايسىمىز بىر -بىرىمىزنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمەيتتۇق . نەبى مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، ئىختىيارسىز بىر تۈرتكىنىڭ تەسىرىدە ئاستا قېشىغا بېرىپ ئولتۇردۇم. لىكىن ئۇنىڭدىن ھېچ زۇۋان چىقمايتتى . كۈتۈپ تاقەتسىزلەندىم . 7OAM  
-قېنى گىپىڭىزنى دىمەمسىز ؟ ،-ئاچچىق ئارلاش سوغۇققىنا تەلەپپۇزدا ئۇنىڭدىن سورىدىم . لىكىن يۈرۈگۈم جىغغىدە قىلىپ قالدى ، ئۇنىڭغا قىلغان قاتتىقلىقىمغا چىدىمايلا قالدىم . ئۇزۇن سۈكۈتتىن كىيىن ئۇنىڭ يىغا ئارلاش تىترەك ئاۋازى ئاڭلاندى : b .I_  
-نىگار ...مەن ...مەن ... -]el_:H  
ئۇ گويا سۆزدىن قالغان سەكراتتىكى بىماردەك دەرھال گىپىنى توختاتتى . ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچە مىسكىن ئىدى . تۇيۇقسىز ئۇ قۇلۇمنى كاپپىدە تۇتىۋىلىپ كۆزلىرىگە سۈرۈتتى . K&ZN!VN/p  
- نىگار ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ! ياق ...گىپىمنى بۆلمەڭ . ئۈتۈنۈپ قالاي ، قوللىرىڭىزنى  تارتىۋالما ڭ، <<ئۆكسىگەن سۆيگۈ >>ناملىق ئەسىرىڭىز ماڭا سىزنى ھەم گۈزەللىكىڭىزنى تۇنۇتتى . ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى .مەن ھەقىقىي مۇھەببەتنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن ، گۈزەللەرنى سۆيدۈم ، گۈزەللەرنىڭ ئىشقىدا سەۋدايى بولدۇم ، بىراق گۈزەللەرنىڭ ۋاپاسىزلىقى ماڭا ھاياتنى ، گۈزەللىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ... ?M!Mb-C[  
مەن ئۇنىڭ گەپلىرنى ئاڭلاپ ئۆزەممۇ بىلمەي قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتىم ھەم كىنايە قىلدىم . GsIVx !  
-دىمەك مۇھەببەت گۈزەللەرگىلا خاس ، ئاشۇ گۈزەللەرگىلا مەنسۇپكەندە ! 4> k"$l/:  
-نىگار توغرا دەيسىز ، مۇھەببەت گۈزەللەرگىلا خاس ، بىراق كىشى ھەقىقىي گۈزەللەرنى تۇلىمۇ كىچىكىپ چۈشىنىدىكەن ، سىرتقى قىياپىتى چىرايلىق نەرسىلەر بەزىدە كاۋاك بۇلۇپ چىقىدىكەن ، ھېچكىمنىڭ نەزىرىنى تارتالمايدىغان ئادەتتىكى نەرسىلەرنىڭ ئىچى ئېسىل شەربەتلەر بىلەن تولغان بۇلىدىكەن ، بۇ ھەقىقەتنى ۋاقتىدا بايقىيالمىساممۇ ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىم . جېنىم ، نىگار ، سىزدىن ئۆتۈنەي ، مەن سىزنى سۆيىمەن ! چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن ، مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلىڭ بۇلامدۇ ؟! fF6bEJl3  
ئۇنىڭ باش -ئاخىرى يوقلا ئۆكسۈش ئارا پىچىرلىغان قەلب سۆزلىرى يۈرۈگۈمدە ئاللىقاچان كۈمۈلگەن بىر ئۇچقۇننى پاللىدە ياندۇرۋەتتى . !LI6_Oq  
<<مەن سىزنى سۆيىمەن ! >> "5<:Dj/W  
ئاھ ، نىمىدىگەن تاتلىق سۆز ، مەن مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلاشنى قانچىلىك تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ئىدىم ،ھە!   $7h]A$$Fv  
دەرھال ھۇشۇمنى يىغدىم ، كاللامدا ئاشۇ يامغۇرلۇق تۈننىڭ چاقماقلىرى چاقنايتتى : m`i_O0T  
   ئەنە نەبى ، ماھىرەنىڭ گىلاستەك لەۋلىرىگە قىزغىن سۆيۈشلەرنى ئاتا قىلماقتا ، مەن ئامراق ئوتلۇق كۆزلەر ماھىرەگە مۇھەببەت نۇرىنى تۆكمەكتە . نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق ! بەرباد بولغان سۆيگۈنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان تۇمۇرلىرىمدىكى ئەسەبىي قىزىغان قانلار   ئاستا -ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى . &Va="HNKt  
- نىگار ، مەن سىزنى سۆيىمەن ! ماڭا ئىشىنىڭ . q QcQnd2K  
نەبى گىپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى ، ئۇ ئۆكسىۋاتاتتى . مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت . سەن نىمانچە يىغىغا ئامراق ، سەن مەن -مەن دىگەن يىگىتلەرنىمۇ ياش تۆككۈزەلەيسەن . ئاھ ، خۇدا ! مۇھەببەتنى ياراتتىڭ يۇ ، نىمە ئۈچۈن ۋىسالنى راۋا قىلمىدىڭ ؟ يۈرۈگۈم ئېچىشتى ، ئۈزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ پۇشايمانلىق كۆز يېشىنى كۈرۈش نىمە دىگەن ئازابلىق ،ھە ! ئەپسۇس ، يۈرۈگۈمدە پەقەت تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ ، ئاشۇ باشقىلار ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلىشىدىغان تۇنجى سۆيگۈنۈمنىڭ قەبرىسى مۇڭلىنىپ تۇراتتى . قۇلۇمنى ئاستاغىنا تارتىۋالدىم ۋە ھالسىزغىنا پىچىرلىدىم : z h{,.c  
- نەبى ، بولدى قىل ئەمدى ! بەك كىچىكتىڭ . ۋاقىت مەن پەرەز قىلغاندىنمۇ بەك ئۇزىراپ كەتتى . ھاياتتا ئېرىشىدىغان بارلىق خۇشاللىقلىرىمنى سەندىن ئىزدىگەن ، سىنى بارلىقىم بىلەن سۆيگەنىدىم ، ئەپسۇسكى سەن مىنى بەكمۇ ئۇزۇن كۈتكۈزدۈڭ . ئەڭ دەھشەتلىكى - مۇھەببىتىمنى ھاقارەتلىدىڭ . سۆيگۈمنى رەھىمسىزلەرچە ۋەيران قىلدىڭ ، مەن سۆيگەندە سۆيەلمىدىڭ ، سەن سۆيگەندە يۈرۈگۈم ئاللىبۇرۇن كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى . مەن بەختىمنى مۇھەببەتتىن ئىزدىگەن ئىكەنمەن ، باشقا قىزلاردەك چىرايلىق بولمىغىنىمغا ھەسرەت چىكىپتىمەن . راست ، سۆيۈش ۋە سۈيۈلۈش ئاجايىپ بەخت . ئەمما ھەقىقىي ئادەملىكىڭنى ئىپادىلەش ، مېھنەت تەرىڭدىن گۈل ئېچىلدۇرۇشمۇ ئاجايىپ زور بەخت ئەمەسمۇ ؟! بىز قىزلاردىمۇ بىر يىتەرسىزلىك بار ، ئوغۇللار بىلەن باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىمىزيۇ ، نەتىجە يارىتىشتا ، ئەرلەر بىلەن باراۋەرلىك تالىشىشتا تىرىشمايمىز ، ئەگەر شۇ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىمىزنى يەنىمۇ يۇقۇرراق تىكسەك ، مېھنەت باغچىسىدا تېخىمۇ يۈكسەك باراۋەرلىككە ، مۇھەببەتكە ئېرىشكەن بۇلاتتۇق . مەن شۇ بەخت ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن ، ئەمدى مىنى پاراكەندە قىلما ! %k%%3L,  
- نىگار ، مىنى زادىلا كەچۈرەلمەمسەن ؟ ماڭا بىر نۆۋەت پۇرسەت بىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەسمۇ ؟! mR|L'[l  
ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىتىگە ، يېلىنىش ئاھاڭى چىقىپ تۇرغان سۆزلىرىگە كۈلگۈم كەلدى ، لىكىن ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم . QPX&P{!g  
- ياق ، مۇمكىن ئەمەس نەبى ، ئەمدى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس ، يۈرۈگۈمدە ساڭا بەرگۈدەكلا نەرسە بولسا سەندىن ئايىماس ئىدىم . قالمىدى ، ھېچ نەرسە قالمىدى . ئۆلگەن مۇھەببىتىمنى تىرىلدۈرۈشكە ئامالسىزمەن ، سەن دىگەنغۇ ! مۇھەببەت سەدىقە قىلغىلى بۇلىدىغان نەرسە ئەمەس دەپ ... مەن باشقىلارغا يالۋۇرغانلارغا ئۆچ ! ئۇلار ئۆزگىگە يالۋۇرۇپ ئۆزىنىڭ قەدرىنى پەسلەشتۈرىدۇ . مىنىڭ ساڭا بەرگۈدەك بىرلا نەرسەم بار . ئۇ بولسىمۇ ، سىنىڭ مۇھەببەتتە چىن ئەقىدە باغلىغان باشقا بىر قىزنى مەڭگۈ سۈيۈپ ، ئۇنى قەدىرلىشىڭنى ، ئۈمۈدسىزلىككە باش ئەگمەي قايتىدىن ھەقىقىي بەخىتنى ئىزدىشىڭنى تىلەشتىن ئىبارەت ئاددىيلا تىلەك . 6VUs:iO1j5  
    ئۇرۇندۇق غىچىرلىدى ...ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمەستىن غالىپلارچە يۈرۈپ كەتتىم .بىردىنلا ئۆزەمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم ، ئۇنىڭ ھەسرەتلىك خۇرسىنىشلىرىدىن يىراقلاشتىم . تۇنجى سۆيگۈم ئۈچۈن ئاتالغان ئەڭ ئاخىرقى مەرسىيەم ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلىدى : r[?GO"ej5  
   - خەير-خوش بەرباد بولغان تۇنجى مۇھەببەت . مەندەك بىر مەجنۇننى كەچۈر !
BP4xXdG  
rp9?p%  
F f{,zfN+3  
2009-يىل 2-فېۋرال ئاۋات . K| dI'TnW  
[ بۇ يازمائەزىزيانغىنتەرپىدىن2009-02-03 20:59دە قايت ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • قوللاش:+1(زىلۋا) ئىلھامىڭىزغ ..
  • پۇل :+500(نەرگىزە) بەك تەسىرلىك ..
  • ياخشى باھا:+100(سۈبھىدىكى ياپراق) لىرىك
  • پۇل :+5(يـاساۋۇل) بارىكاللا !
  • كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ ،
    جاھان تۇرماق ھەتتاكى ئاسمان سىغىدۇ .
    ئەگەردە رەشىك ھەسرەت قاپلىسا ئۇنى ،
    تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ .
            __ئا. ئۆتكۈر
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-03 05:31 |
    قەلەمخان01
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30508
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 48
    شۆھرەت: 18 كىشىلىك
    پۇل : 1414 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    قوللاش: 20 نومۇر
    ئالقىش: 27 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەتىگەن سەھەردىلا نادىر ئەسەردىن بىرنى كۆرگىنىمدىن شۇنداق خۇشالمەن . ^Q6?T(%$  
    يانغىن قەلىمىڭىزگە بارىكاللا ..ئىجادىيەت ئاسمىنىدا تېخىمۇ پارلاق نۇرلار چاچقايسىز ...سىزنىڭ ھەربىر ئىشلىرىڭىزغا ھەم قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ...سىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم ...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 08:26 |
    erk uzun
    يۈرەكتاغ
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36206
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 127 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ شۇ،ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،بىزگە دائىم مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم ئىتىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
    armaninkas4
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:41 |
    ئەنىدەم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16620
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 191
    شۆھرەت: 185 كىشىلىك
    پۇل : 1564 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
    قوللاش: 217 نومۇر
    ئالقىش: 329 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 552(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت ،ھارمىغايسىز!!!
      -ھەممە ئىشتا قەدىرلىك ئىنسان ئۆز سۆيگننىڭ ئالدىدا قەدىرسىز بولىدۇ! 
        قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىىكنى!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:44 |
    زىلۋا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 21309
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    پۇل : 419 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    قوللاش: 5 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزگە قول قويدۇم جۇمۇ يانغىن ................. l_^OdQ9D  
    قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ، تېخىمۇ نادىر بولغان ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشمەن................
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:52 |
    تۇمارېس
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 11892
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 650
    شۆھرەت: 547 كىشىلىك
    پۇل : 64094 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 598 نۇمۇر
    قوللاش: 576 نومۇر
    ئالقىش: 578 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1593(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    گەرچە مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈم ئۇ  قىزدەك ئەھۋالغا  ئۇچرىمىغان  بولسىمۇ لېكىن ئاقىۋىتى  ئوخشاش  ئىكەن . ,;g%/6X  
      ئالى مەكتەپكە  نېمە  ئۈچۈن  كەلگەنلىكىنى  ئۇنتۇپ ۋەيران  بولۇش گىردابىغا كىلىپ  قالغان  بىر  يېگىتنى ئۆزەمنىڭ ساپ  مۇھەببىتىم ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ،ھەم  ئۇنىڭمۇ  شۇنداق  قەدىرلىشىگە ئىرىششىپ ،ئۆزەمنى ئاجايىپ بەختلىك ھىس قىلغان  ئىدىم  بىر  چاغلاردا ..... NHd@s#@  
       ئەپسۇس ئەمدى  شۇنداق  ياخشى  بىر  يىگىتكە ئايلانغاندا باشقا  بىرسىگە  تەئەللۇق  بولۇپ  كېتىشىنى  ئويلىماپتىمەنمەن ، aCG rS{  
    قەلبىم  ئازاپلاندى .كۆز  ياشلىرىم  قۇرىدى ،كۆز  ياشلىرىم  بىلەن  بىرگە مەندىكى سۆيگۈلەرمۇ قۇرىدى قەلبىمدە مۇھەببەتتىن  ئەسەر  قالمىدى ،بىر  ئۆمۈر  تەنھا  ئۆتۈشنى  نىيەت  قىلدىم ، $Rm~ VwY#  
    بۇ  ھىكايە  ئەتتىگەندىلە  يۈرۈك  يارامنى  قوزغاپ  قويدى ،شۇنداق  قاتتىق  بىر  يىغلىغۇم  بار لېكىن  يىغلىيالمايمەن ،ھازىر  پەقەت يۈرۈكۈم يىغلايدۇ . t1']q"  
    مېنىڭ  تۇنجى  سۆيگۈم  تۇنجۇققان سۆيگۈ........
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(ئەزىزيانغىن) ياخشى ئىنكاس ..
  • شاماللارغا سڭگەن مېنىڭ ھسياتلىرىم            ئۇقۇم ھۆكۈم تېئورما
    تاغ سۇيىنىڭ شا ۋقۇنىدەك پەرياتلىرىم            بىزگە تونۇش بىر ئۇقۇم
    بەختىم گويا تاغنى كەزگەن قىران بۇركۇت    ئىشىنىمىزكى سىقىلغان يۈرەك
    نەلەرگىدور يوشۇرۇنغان دىل  شاتلىقىم            رادىكالدىن چىقىدۇ چوقۇم
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:57 |
    تىمتاس،
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 28099
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 229
    شۆھرەت: 430 كىشىلىك
    پۇل : 20001083 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    قوللاش: 134 نومۇر
    ئالقىش: 155 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تاخشى  يېزىپسىز  رەخمەت، مىنىڭچە تۇنجىي مۇھەببىتىگە ئېرىشەلىگەنلە بەك ئازمىكىن دەيمەن،
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 12:14 |
    sat^xum
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 33857
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 82
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 373 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يىغلامسىراپ سۆيگۈ تەلەپ قىلىدىغان تىمىلاردىن جاق تويغان ئىدىم، بۇ تىمىڭىزنى ئوقۇغىنىمدىن شۇنچىلىك رازى بولدۇم، ماڭا كىينىكى قەدەمنى قانداق بېسىش كىرەكلىكىنى تونتۇپ قويدىڭىز.
    ھايات سان ساناقسىز غەم غۇسسلەردىن تۈزۈلگەن تەسۋىيگە ئوخشايدۇ، ئەقىللىق كىشلەر ئۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ سىرىيدۇ....
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 12:27 |
    مارجان
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30015
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 585
    شۆھرەت: 437 كىشىلىك
    پۇل : 3824 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 339 نۇمۇر
    قوللاش: 281 نومۇر
    ئالقىش: 414 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخىشى  يېزپسىز  ،،،،ئىجادىيتىڭىز گە  مۇۋاپقىيەتلەر   يار  بولغاي  !!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 12:47 |
    جاللات~بۆرە
    غەمسىز كۇنلەر.
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 15719
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 407
    شۆھرەت: 186 كىشىلىك
    پۇل : 2248 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 382 نۇمۇر
    قوللاش: 364 نومۇر
    ئالقىش: 433 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 681(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى : (ناز)
    سەل ئەھمىيەتسىزمۇ نىمە بۇ ئىنكاس ؟؟؟
    سىزمۇ ئاۋاتتىنمۇ ؟
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 12:51 |
    ناز
    كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1645
    شۆھرەت: 2222 كىشىلىك
    پۇل : 224162 سوم
    تۆھپە: 453 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2600 نۇمۇر
    قوللاش: 2382 نومۇر
    ئالقىش: 2517 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتنىڭ سىرلىق كوچىسىغا قەدەم بىسىپ باقىدىغانلار بەك كۆپ، ئەمما ھەقىقى مۇھەببەتتتىن شاتلىنىپ،يۇرىكىدىن كۈلەلەيدىغانلار يەنىلا ئاز ..... <,Gjo]z  
    7gtaI3   
    سىزنىڭ يىزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىزگە قول قويماي تۇرالمىدىم ....
    [ بۇ يازمانازتەرپىدىن2009-02-03 13:39دە قايتا تەھرىر ]
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.....
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 13:05 |
    lobi316ai
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9718
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 340
    شۆھرەت: 265 كىشىلىك
    پۇل : 1160 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 310 نۇمۇر
    قوللاش: 273 نومۇر
    ئالقىش: 414 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 362(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوبدان ھىكايىكەن .
    بۆلۈنگەننى بۆرە يەر ، ئايرىغاننى ئىيىق يەر .
    ھالىمىز بەك خەتەرلىك . بەك خەتەرلىك .
    مىڭ ئىغىز قۇرۇق گەپتىن ، بىر چامدام ماڭغان ئەۋزەل.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 13:12 |
    ئەنسىيە
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 36361
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 292 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن  ياخشى  يېزىلىپتۇ .   مەن  بەكمۇ    تەسىرلەندىم   .    تېما  ئىگىسىگە    رەخمەت.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 13:57 |
    جۇدالىق520
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27587
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    شۆھرەت: 41 كىشىلىك
    پۇل : 251 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    قوللاش: 23 نومۇر
    ئالقىش: 23 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم:
    ناھايتى ياخشى يىزىپسىز ،،  ھارمىغايسىز ، يانغىن ئەپەندى،، قەلىمىڭىز سۇلمىىسۇن ،، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 14:14 |
    باھارشامىلى0903
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 35019
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 132
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 596 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھىكايە يېزىشتا سىزنى ئۇستاز تۇتسام بولغۇدەك. ياخشى ھىكايىكەن، رەھمەت
    تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا نېمە دەي.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 15:00 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر