باشلىدىم ئەمسە .
بىر كۈنى بىر موزدوز يىڭى تىكىلگەن ئۆتۈكنى بالىسىغا بېرىپ بازارغا ئاپېرىپ 15 يۇەنگە سېتىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن بالا ئۆتۈكنى بازارغا ئاپىرىپ خىرىدار ساقلاپ تۇرسا ئوك پۇتى يوق بىر تۇكۇر ئادەم كېلىپ ئۆتۈكنىڭ بىر پېيىنى 10 يۈەنگە سېتىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ . بالا بىر پاينى ساتمايدىغانلىقىنى دەپ تۇرسا سول پۇتى يوق يەنە بىر توكۇر ئادەم كېلىپ ئۇمۇ ئۆتۈكنىڭ يەنە بىر پېيىنى 10 يۈەنگە ئالماقچى بولۇپتۇ .
شۇنداق قىلىپ بالا ئۆتۈكنى ئىككى توكۇر ئادەمگە بىرىگە 10 يۈەندىن 20 يۈەنگە سېتىپتۇ . ئۆيىگە قايتىپ 20 يۈەن پۇلنى دادىسىغا بېرىپ بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنىكەن ، دادىسى ئوغلىغا دەرھال 5 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ ھېلىقى ئىككى كىشىگە 2.5 يۈەندىن قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىپ ئوغلىنى يەنە بازارغا يولغا ساپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئوغلى يولدا كېتىپ بېرىپ خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ 3 يۈەن پۇلغا تاماكىدىن بىر قاپ سېتىۋېلىپ چېكىپتۇ . بازاردا ھېلىقى ئىككى توكۇر كىشىنى تېپىپ يانچۇقىدا قېلىپ قالغان 2 يۈەننى بىرىگە بىر يۈەندىن قايتۇرۇپتۇ .
خوش ! جەريان مۇشۇ يەردە تۈگىدى . ئەمدى بىز يوقارقى پۇللارنىڭ ھېسابىنى بىر چىقىرىپ باقايلى .
ئەسلى :
1. ئىككى توكۇر ئادەم بىرى 10 يۈەندىن خەجلەپ بىردىن ئۆتۈك ئالغان . شۇنداقما ؟ بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن .
2. ئوغلى 3 يۈەنگە بىر قاپ تاماكا ئالدى . بۇمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن .
3. ئاشقان ئىككى يۈەننى بىرىگە بىر يۈەندىن قايتۇردى . بۇ دېگەنلىك ئۇ ئىككى توكۇر ئادەم ئۆتۈكنى بىرى 9 يۈەندىن سېتىۋالدى دېگەن گەپ .
ئۇنداقدا پۇلنىڭ ھېسابى 9+9+3=21 بولىدۇ .
ئەمما بۇيەردىكى ئەسلى بار پۇل 20 يۈەن .
سىز قانداق ھېسابلايسىزكىن ؟؟؟
[ بۇ يازمائالتۇنتەرپىدىن2009-02-03 14:23دە قايتا تەھ ]