چۈشكە باغلانغان توي
<ھىكايە>
مۇقەددىمە
چۈشكە ئىشىنەمسىز؟ بەزىدە كۆرگەن چۈشلىرىڭىز بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئالدىڭىزدىن ئەمەلىيەت بولۇپ ئۆتۈپمۇ قالامدۇ؟ مانا مەن چۈشكە ئىشىنىمەن. يېرىم كېچىدە كۆرگەن چۈشكە ئەمەس، ئەزان ۋاقتى بىلەن كۆرگەن چۈشكە ئىشىنىمەن.ئەشۇ چۈشنى كۆرۈپ 15كۈن ئىچىدە ئۆزۈم ئويلاپمۇ باقمىغان بىرى بىلەن توي قىلىپ، تۇرمۇش قۇرۇپ قالغىنىمغىمۇ چەكسىز ئىشىنىمەن. g;</ |Z مەن بۈگۈن يەنە چۈش كۆردۈم. چۈشلىرىم ھۇرۇن خوتۇننىڭ قازان بېشىدەك قالايمىقا، ساراڭنىڭ چېچىدەك چېگىش، مەجنۇننىڭ گەپ سۆزىدەك تاققا- تۇققا ئەمەس بەلكى، سۇدەك سۈپ-سۈزۈك، ھال رەڭ ئاسماندەك ئوچۇق، شۇنداق رېتىملىق ئىدى...... ئۆزۈم ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ يىگىت قاياقلاردىن سوقۇنۇپ چۈشلىرمدە ئۈزۈپ يۈرگەندۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم. يەنە كىلىپ ئۇ يىگىتنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايتتىم.
ئەتتىگەندە دادام ماشىنىلىق ئىشقا ئەكىلىپ قويدى، ئاق بوغچامنى يۈتكىنىمچە ئالدىراپ تىنەپ ئىككىنجى قەۋەتكە چىقتىم. لاھىيەلەش بۆلۈمىدە مەن ياقتۇرمايدىغان شۇ يىگىت رېھىم يالغۇز كومپىيوتېرغا قاراپ نېمەلىندۇر ئىشلەپ ئولتۇراتتى. ئۇ مىنى كۆرۈپ مەنسىتمىگەندەك بېشىنى ئازراق ئىگىپ قويدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. كومپىيوتېرىمنى ئەمدى قوزغىتاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ يەنە مىنى ئىشقا بۇيرىدى.
__ ئەسما! ئىشخانىنى بىر تازىلىۋىتىپ ئولتۇرۇڭ.__ ئىچىمدە ئۇنى نەچچىنى تىللغاچ ئىشخانىنى تازىلىدىم. ئۇ داۋاملىق شۇنداق قىلاتتى. كىيىمىمنى پاكىز يەڭگۈشلەپ يىڭىدىن تارىنىپ كەلگىنىمدە مىنى چوقۇم چاڭ توزاڭغا بىر تويغۇز مىسا كۆڭلى ئونىمايتتى.
ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا كۆنۈپ كېتەي دىسەممۇ، پەقەت كۆنەلمىدىم. ناۋادا مۇۋاۋىن باشلىق بولماي زۇڭ باشلىق بولغان بولسا مىنى ھاجەتخانىنى تازىلاتتۇرۇشتىنمۇ يانمايتتى، مىنىڭ يېڭى كەلگىنىمنى پەش قىلىپ مىنى قاتارغىمۇ ئالمايتتى. شۇڭا بۇ ھاكاۋۇر، مەنمەنچى يىگىتنى ئىچى-ئىچىمدىن بەكمۇ ئۆچ كۆرەتتىم. ئامال يوق بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلىدىم. چۈنكى ئۇ باشلىق ئەمەسمۇ؟
چۈشتە لاھىيلەيدىغان ئىشلار بەكمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى. ئامالسىز تاماقنى ئىشخانىغا بۇيرۇتتۇق، مەن بىلەن بىرگە ھەنىپە ئىسىملىك قىزمۇ بار ئىدى. رېھىم قوشۇلۇپ ئۈچىمىز بىر ئۈستەلنى بىكارلاپ قىززىق چۆچۈرنى ئۈستەلگە تىزدۇق. بۇ مەن ئەڭ ياقتۇردىغان تاماق ئىدى.
رېھىم پات-پات ھېنىپەنىڭ قاچىسىغا چۆچىرە بۆلۈپ قوياتتى. مەنمۇ ئۇ ئىككىسىگە مەنىلىك قاراپ قوياتتىم. ھەنىپەنىڭ رېھىمنى ئۇزۇندىن بىرى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىنى، شىركەتتىكى ھەممىمىز بىلەتتۇق. چۆچىرنى ئىچىپ بولاي دىگەندە ئۇ ماڭىمۇ بىرتال چۆچىرە بۆلۈپ قويدى. ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن قارىدىم. شىركەتكە كىلىپ ئۇ ھاكاۋۇر ماڭا تونجى قېتىم ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى.
ئۇ مەن ئۇنى چۈشۈمدە كۆرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتتى، مىنى كۈندە دىگۈدەك تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى.
ھەيران قالساممۇ ئۇنىڭغا ئەگىشەتتىم. ئۇ تاماق يىيىشتىن باشقا ماڭا ئارتۇق گەپمۇ قىلمايتتى.
بىركۈنى شىركەتتە 7-8مىز بىر بولۇپ چۈش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدۇق، بەزىلەر قورقۇنۇشلۇق چۈشلىرىنى ئېيتسا بەزىلىرىمىز نەچچە كۈننىڭ يانى كۆرگەن چۈشلىرىمىزنى ئېيتىشىۋاتاتتۇق، مەنمۇ جۈرئەتكە كىلىپ كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتتىم.
__رېھىم! ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن.__ ئۇ يۈزىنى كومپىيوتىردىن ماڭا قاراتتى،__ سىز چوقۇم مىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز.__ ئۇ شۇنداق دىگەچ كۆزلىرىمگە مەنىلىك قارىدى...__ ئىچىمدە يەنە ئۇنى تىللاۋاتاتتىم،<ئۆزىنى بىلمەيدىغان ھاكاۋۇر ئەبىلەخ، بۇدۇنيادا ياخشى كۆرگىدەك ئادەم بولمىسىمۇ سىنى ياخشى كۆرۈپ قالماسمەن.> ئاچچىقىمدا قانداق چۈش كۆرگىنىمنىمۇ دىمىدىم. ئۆز ئىشىمغا كىرىشىپ كەتتىم. لىكىن لاھىيلەشتە بىلمەيدىغان يەرلىرىمنى ئۇنىڭدىن سورايتتىم، مەنلا ئەمەس، شىركەتتىكى ھەممىسى سوراپ كۆنۈپ قالغان ئىدى. چۈشتىن كېيىن ئۇ ئاستا يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى.
__ئەسما! مىنى قانداق چۈشەپ قاپسىز؟__ ئۇ تونجى قېتىم ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەۋاتاتتى. __ ئۇ چۈشنى دىمەي بولدى، بولمىسا مىنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىز دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ.__ مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئۆز ئىشمنى قىلىۋەردىم.
__ چاقچاق قىلىپ قويدۇم سىزگە، دەپ بېقىڭە قانداق چۈشەپ قاپسىز؟ قىززىقىپ قېلىۋاتىمەن.__ ئۇنىڭ ماڭا قاراپ كۈلگىننى يەنە تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتاتتىم. __ بوپتۇ ئەمىسە دەيمەن، مازاق قىلماڭ.
چۈشۈمدە ھېچقانداق تېمى يوق بىر دەرۋازا ئالدىغا كەپ قاپتىمەن... دەرۋازىنى ئاستا ئېچىپ كىرىپتىمەن.... ئۇ بىر رەڭگا-رەڭ گۈل ئېچىلغان كۆز يەتكۈسىز باغ ئىكەن. مەن گۈللەرنى ئۈزۈشكە تەمشىلىپ تۇرۇشۇمغا، سىز گۈللەر ئارىسىدن چىقىپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بوپسىز. مەن سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپتىمەن...بىراق يەنە ئەشۇ گۈل ئېچىلغان باغدىن چىقالماپتىمەن... سىز ئاخرى مىنى قوغلاپ تۇتىۋالدىڭىز... بىلىكىمدىن تارتقان ئىدىڭىز...، قورقۇپ ئۇرۇدىغان بولدى دەپ تۇرشىمغا مىنى باغرىڭىزغا تېڭىۋالدىڭىز... ئويغۇنۇپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئەزەلدىن ماڭا ئۆچلۈك قىلىپ مىنى قاتارغىمۇ ئالمايدىغان بۇ بالىنى نېمە دەپ چۈشەپ قالغاندىمەن دەپ ئويلىدىم. كۆرگەن چۈشۈمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ، بۇ راست چۈش.
__ رەھمەت سىزگە چۈشىڭىزگە بولسىمۇ كىرىپتىمەن.__ ئۇ خۇشال بولغىنىچە ئىش ئورنىغا كەتتى. لىكىن يېقىننىڭ يانى ئۇ داۋاملىق ماڭا ئەگىتىپ گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغاندى، مەن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز ئىدىم. چۈنكى مەن باشقا بىرىنى سۆيەتتىم...
كىيىن ئۇ تاماققا تەكلىپ قىلسمۇ بىرگە چىقمايدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىدىن ماڭا بولغان كۆڭلى ئاشكارلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ يېنىمدىكى خىزمەت دېشىم مەرداندىن كۆللەپ ئۇنى باشقا ناھىيەدىكى تارماق شىركەتكە ئەۋەتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىغىدىن تېخىمۇ رەنجىدىم، مەردان بىلەن ئىش ئورنىمىز بىر يەردە بولغاچقا، داۋاملىق چاقچاقلىشىپ، ناخشا ئاڭلىغاچ ئىشلەيتتۇق... لىكىن مەردان ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا ناھىيەگە كىتىپ قالغىدىن خەۋەرسىز ئىدى. رېھىمنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، كىچىككىنە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشىغا قاراپ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكم تېخىمۇ ئۆرلىدى. ئۇ گەپ قىلسىمۇ گەپ قىلماس بولدۇم.
__ ئەسما! توختاپ تۇرساڭچۇ؟__ بىرىنجى قەۋەتتىن مىنى قوغلاپ چۈشكەن ھەنىپە مىنى ئاران توختاتتى.__ نېمە ئىشىڭ بارئىدى؟
__ رېھىم ساڭا گەپ ئەۋەتكەنتى، راست گەپ قىلە؟ رېھىمنى ياخشى كۆرەمسەن؟__ ھەنىپە جىددى كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.
__ سەن نېمە دەۋاتىسەن؟ مەن ئۇنى ئەزەلدىن ياخش كۆرۈپ باقمىدىم. مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار.__ ھەنىپە يۈرىكىنى تۇتقىنچە خۇشال بولۇپ كەتتى.__ راست دەۋاتامسەن؟ رەھمەت ساڭا، مەن رېھىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. __ ھەنىپە شۇنداق دىگەچ ئىككىنجى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى،
ئەتىسى ئىشقا كەلسەم. رېھىم كومپىيۇتېر ئالدىدا مەيدىسىنى ئۈستەلگە چاپلاپ ياتاتتى. بوغالتىردىن كاسسىرغىچە ھەممىسى يېنىمغا كېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
__ ئەسما ئۇنداق باغرى تاشلىق قىلماڭ، ئاز تولا گەپ قىپ قويۇڭ ئۇ بىچارىگە، ئۇ بولمىسا شىركەتتە ئىش توختايدۇ.__ ئۇنىڭغا نېمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ ئىش تاشلىشىغا <ياخشى كۆرمەيمەن>دىگەن سۆزۈم سەۋەب بولغاندى. مۇھەببەت شەخسىيەتچى، ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا گەپ قىلمىسام بولمايتتى. ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
__ رېھىم بۇنداق قىلماڭ، ئىشتىن چۈشكەندە پاراڭلىشايلى. مىنى باشقىلار ئالدىدا تەڭلىككە سالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟__ مەن شۇلارنى ئاران دىيەلىم. ئۇمۇ گەپ سۆز قىلماي بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشلەپ كەتتى. شەخسى ئىشنى خىزمەتكە ئارلاشتۇرغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يەنە ئاغىرىنىۋاتاتتىم. ئىشنىڭ كۆپلىگىدىن سائەت 9-بىلەن ئىشتىن چۈشتۇق. ئۆيدىكىلەرگە تېلىغۇندا شىركەتتىن ئاپىرىپ قويىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭلا دىگەن ئىدىم. شىركەت داۋاملىق كەچ ئىشلەپ قالساقلا ئاپىرىپ قوياتتى. ئۆيى يىراقتىن مەنلا بار ئىدىم. ئاۋال ئۆيى يېقىنلارنى ئاپارغاندىن كېيىن ماڭا نۆۋەت كىلەتتى. رېھىم ماشىنا كېلىپ بولغىچە ماڭغاچ پاراڭلىشىشىمىزنى ئېيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇ توختىماي كۆڭلىنى ئىزھار قىلماقتا ئىدى. مەن بولسام سۆيگۈنۈمنى ئەسلەپ ماڭماقتا ئىدىم. بۇ يولدا شۇ سۆيگۈنۈم بىلەن تالاي قېتىم بىرگە ماڭغانتىم... بۈگۈندىن باشلاپ بىرگە ماڭالمايدىغىنىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. لىكىن تەقدىر ئەشۇ كۆرگەن چۈشۈم مىنى سۆيگۈنۈمدىن ئايرىپ تاشلىدى. توساتتىن بىرىنىڭ توختا ۋې دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. رېھىم بىلەن ئىككىمىز كەينىمىزگە قارىدۇق. ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان، جېنىمدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغان سۆيگۈنۈم تۇرسۇن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بولغىچە ئۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ ماڭا بىر شاپىلاق سالدى.
__ تۇرسۇن ساراڭ بولدىڭمۇ؟ مەن ساڭا چۈشەندۈرەي.__ تۇرسۇن گېپىمنىمۇ ئاڭلىماي بىلىكىمدىن سۆرەپ ماڭدى. بىر قولۇمغا بولسا رېھىم چىڭ ئېسىلغان ئىدى. __ رېھىم قولۇمنى قويۋىتىپ تۇرۇڭ.__ يۈرىكىم سوقۇپ ئېغىزىمغا تىقىلىپ قېلىۋاتاتتى. تۇرسۇن ئاچچىقىدا رېھىمنىڭ كانىيىدىن سىقىپ بىر چەتكە تارتتى. رېھىممۇ ئۇنى ئىتىرىپ كەينىگە سىلجىتتى. بار كۈچۈم بىلەن تولا ۋاتاتتىم...ئەتىراپ يول چىرىقى ئاستىدا خىرە يۇرۇپ تۇراتتى. ئالدىراش ماشىنلار ئۇچقاندەك كېلىپ قاياققىدۇر غايىپ بولۇشاتتى. ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئۇلارنى ئايرىشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتم. تۇرسۇنغا قايتا-قايتا ئۇمىنىڭ باشلىغىم، خىزمەت دېشىم، توغرا چۈشەن، بۈگۈن كەچ قېلىپ شىركەتتىن ماشىنلىق ئاپىرىپ قويماقچى ئىدى. ماشىنا كەپ بولغىچە ماڭغاچ تۇرايلى دىگەن دىسەممۇ ئاڭلىمىدى. بۇندىن نەچچە ھەپتە ئالدىدا ئۇنىڭ مەكتەپتە بىر خانىم بىلەن ئانچە-مۇنچە ئارلىشىپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ، قېيداپ ئايرىلىپ كېتەيلى دىسەم. يانچۇقىدىن ئىككىلەنمەي پىچىقىنى ئېلىپ يوتىسىغا سانجىغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن ھەممىنى خاتا چۈشۈنۈپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا مىڭ يالۋۇرساممۇ ئۇنىمىدى. ئۇلار ئىتىرىشكەندىن كېيىن مۇشت ئېتىشقا باشلىدى. لىۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ <تۇرسۇن سىنى ياخشى كۆرمەيمەن. بولدى كەت دەپ ۋاقىردىم.> ئۇ يېلى چىققاندەك بوشىغاندىن كېيىن قاققان قوزۇقتەك مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈمۈدسىزلىككە تولغان مەندىن قاتتىق رەنجىگەن كۆزلىرىنى شۇ كۈنى كۆرگەنچە كۆرۈپ باقمىدىم.
ئۆيگە كىلىپ ئۇنىڭغا قايتا-قايتا تېلىفۇن قىلغان بولساممۇ، تېلىفۇنىنى ئېتىۋەتتى. ماڭا چۈشەندۈرۈشكە بىرقېتىم پۇرسەتمۇ بەرمىدى. ئىشخاندا كاللامغا خىزمەتمۇ كىرمەيۋاتاتتى. ئۇنى ئەسلىسەم، قۇشقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگۈم كىلەتتى. كېيىن ئۇ تېلىفۇن نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىۋالدى. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم.
ئاردىن نەچچە كۈن ئۆتمەي رېھىم ماڭا توي قىلىش تەلىپى قويدى. مەن قايتا-قايتا رەت قىلدىم چۈنكى مەن تۇرسۇن ئۈچۈن ئازاپ چىكىپ يۈرەتتىم.
ئاخىرىنى مۇشۇ بەتكە يوللايمەن