مەزكۇر ئەسەر ئاپتۇرنىڭ بىۋاستە تورغا يوللىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، ئەسەرنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئاپتۇغا تەۋە. مەزكۇر ئەسەرنى كەمىنە ئازغۇن سەلكىن تورىدىن رەتلەپ چىققان بۇلۇپ، كەمىنە ئازغۇننىڭ ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئەسەرنىڭ تەربىيىۋى كۈچىنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئەسەرنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قايتا تەھرىرلەپ، بەزى ئىملا خاتالىىقلىرى تۈزۈتىلگەندىن كىيىن ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەندى.
تۆۋەندە مەزكۇر ئەسەردىن ئۈزۈندە بېرىلدى:
ئايرىدورومدا فېي فېينى كۈتۈۋاتىمەن ، ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقىم نەتىنجىسىدە ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ باش شىركەتنىڭ تارمىقى قۇرۇلدى، ئۆز قۇلۇم بىلەن ئىگىلىك تىكلىدىم ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ قىزىنىڭ كىچىككىنە تۇرۇپ «دىرىكتور» دەپ چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەستلىگىم كەلگەنىدى ، مانا ئەمدى مەنمۇ ئاشۇ ئاتاققا مۇيەسسەر بولدۇم ، شېركىتىم ئىككى كۈندىن كىيىن رەسمىي تىجارەت باشلايدۇ ، فېي فېي ئىشخانا باشلىقى بۇلىدۇ ، كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغانغا ئۈزۈم ئۇقۇشۇپ ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى خىزمەتكە ئالدىم ، ياردەمگە مۇھتاج ئۇ قىزلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىلا ياردەم قىلالىسام ئەمەس ، ئۇلارغا ھەقىقى چېنىقىش پۇرسىتى، جاپانى يېڭىشنى ئۆگىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرەلىسەم دەپ ئويلايمەن . كۆزلىرى بەختتىن كۈلۈپ تۇرغان قىزلارنى كۆرسەم ئۈچ كۈندەك ئۆتكەن ئۈچ يىلىم ئىسىمگە كىلىدۇ ... ئوڭ قۇلۇم بىلەن سول تەرىپىمنى بېسىپ بىردەم جىمغىنە تۇرىۋالىمەن ،بەزىدە «ئەنزەر!» دەپ ئاستا شىۋىرلاپمۇ قۇيىمەن، ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئۇ ھازىر ناھايىتى بەختلىككەن ... ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىم ، ئىگىلىك تىكلەش خۇددى زەھەر تاشلىغانغا ئوخشايدىكەن... ئىنتايىن جاپالىق ، سىزنىڭ ھەر ۋاقىت بەل قۇيىۋېتىشكە ئۈندەيدىكەن ، غەيرەتلىك ، ئىرادىلىك بولسىڭىزلا بۇ يولدا غەلبە قىلالايدىكەنسىز...
ئېلكىتاب نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
كومپىيوتىر نۇسخىسى
http://dewir.blogbus.com/files/12335474973.pdfبېسىپ چىقىرىش نۇسخىسى
http://dewir.blogbus.com/files/12335474972.pdfئەسلى يازما ئادىرىسى:
http://dewir.blogbus.com/logs/34535971.html[ بۇ يازماكـاپىتانتەرپىدىن2009-02-02 22:49دە قايتا ت ]