mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
بۇ بەتتىكى تېما:(ئەفىيفىي)  ھاياتنىڭ ئىككى تەرىپىدە... IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1119 قېتىم كۆرۈلدى
afiyfiy
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 27910
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 4416 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
قوللاش: 40 نومۇر
ئالقىش: 98 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 (ئەفىيفىي)  ھاياتنىڭ ئىككى تەرىپىدە...

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئۇيغۇرجان نادىرلىدى .(2009-02-02)
ھاياتنىڭ ئىككى تەرىپىدە...
(ھېكايە)


مۇقەددىمە

...يېگىتنىڭ ئون–ئون بىر ياش  ۋاقتى ئىدى. ئۇ ئاستا ئۆيىدىكىلەرنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىدىن قاچتى. ئورمانلىققا باردى. قۇشلار سايراپ، چېكەتكىلەر تاقلاپ يۈرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قاچالىغانلىقىدىن-باتۇرلۇقىدىن سۆيۈندى. ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۇنى تاپقاندىكى ئەيىپلەشلىرى، ئاپىسىنىڭ سەت دۈشكەلەشلىرىنى ئېسىگە ئالغىنىدا ئازراق ئەنسېرەپ قالسىمۇ،  ئۇنىڭ قەلبىدە  ئالەمچە ئەركىنلىك، ھېچ نەرسىگە موھتاج بولماسلىقتىن ئىبارەت ئەركىنلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇ بۇ خىل روھىي ھالەتتە كەچنىڭ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلمىدى. بىردەم لايغا رەسىم سىزىپ باقتى. ياغاچتىن ئوقيا ياساپ باقتى، قۇشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، جىگدە تېرىپ يېدى، قوناقلىقنىڭ ئارىسىدا، نەم يەردە سوزۇلۇپ يېتىپ ئاسمانغا قارىدى، قوناقلار شۇنچىلىك پاكار، ئاسمان شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدى. ئۇشتۇمتۇت كەچ بولۇپ قالدى. ئۇ نەدە تۈنەشنى ئويلىدى:« مۇشۇ قوناقلىق.  ياق، بولمايدۇ، ھاشارەتلەر قۇلۇقۇمغا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن...ئاكامنىڭ يېڭى سالغان جايى مۇۋاپىق...» ئۇ تامام قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغاندا، ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئارىلىقتا بىر مازارلىق بار ئىدى. بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئۇ ھېچنېمىدىن قورقمايۋاتقاندەك، بىۋاسىتە پەرۋەردىگارىنىڭ يېنىغا كېتىپ بارغاندەك قەلبىي سۈزۈك ئىدى. جاي ئەمدىلا قوپۇرۇلغان بولسىمۇ، تېخى ئۈستى يېپىلمىغان ئىدى. ئۇ دالان ئۆيلەردىن ئاتلاپ، قازناق ئۆيگە كىردى. سىرىتتىن شاخ-شۇمبىلارنى سۇندۇرۇپ ئەكىردى، بىر كېسەكنى قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرپىدەك قىلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يېيىتىشقا باشلىدى... ئۇ خىيال سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمىگەن بولسا كېرەك،  ئۇ ئويغىنىپ كەتتى. ھاۋا بىر قارىسا تاڭ ئاتقاندەك ،بىر قارىسا ئاينىڭ يورۇقىدا شۇنداق كۆرىنىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇنىڭ قورسىقى كورىلدىدى. ناننى ئويلىدى. تۈنۈگۈنلا قېتىپ قېلىپ، سوقۇپ تەييارلاپ قويغان ناننى يانچۇقىغا ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆگەي ئاپىسىنىڭ پىشانىسىگە نوقۇشلاپ، تۈكۈرۈپ قويغىنىنى ئويلاپ ناننى ئويلاشتىن ۋاز كەچتى...ئارقىدىن ئانىسىنى ئويلىدى.  بىر ۋاقىتلاردا ئانىسى بىتاپ ئىدى، ئۇنىڭ بۇرنى ئېقىپ قالغان بولسا كېرەك، ئانىسى شۇنداق جاپادا قىينىلىپ تۇرۇپ،پۇتىنى كۆتۈرۈپ پۇتى بىلەن  ئۇنىڭ بۇرنىنى ئېرتىپ قويغان... ئۇ ئانىسىنى چۈشىدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەن : باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى يىللىقلىرى بولسا كېرەك، ئانىسى قوياشنىڭ ئىچىدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن چىكىتتەك پەيدا بولۇپ، بارا- بارا يوغىناپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن، ئاندىن ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، گەپمۇ قىلماي يەنە بارا-بارا كىچىكلەپ قوياشقا سىڭىپ كەتكەن ئىدى... بىردىنلا زېمىن سىلكىنگەندەك بولدى، تاملار لەلەڭشىدى، قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چاقماق شۇنداق چاقتىكى، ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى. ئارقىدىن يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتتى.... ئۇ ئاللىبۇرۇن ئوچۇقچىلىققا چىقىپ بولغان ئىدى. كېيىملىرى بىردەمدىلا ھۆل بولۇپ كەتكەن، چاقماق، يەر تەۋرەش، گۈلدۈرماما، شىددەتلىك يامغۇر ئۇنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭدىكى روھىي ئۈستۈنلۈك ئاۋۋالقىدەكلا، ئازاب ھېس قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. يۈرىكىدە شۇنداق بىر خوشلۇق-بوشلۇق بار ئىدىكى، ئۇ شۇ پېتى ئۆلۈپ كېتىشكە رازى ئىدى. ئۇ ئاستا ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، يەنە شۇ مازارلىقتىن ئۆتتى، يامغۇر توپىغا مىلىنىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى ئاپئاق پارقىرىتىۋەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر كۈنلەردە شۇنداق بىر سۆڭەك بولىدىغانلىقىنى ئويلىسىمۇ، قەلبىدە ئارتۇقچە قورقۇنۇچ يوق ئىدى...ئۇ ئۆزىدە ھېچ نەرسىنىڭ يوقلىقىنى، ئاشۇ سۆڭەكتەكلا يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى، ئاشۇ يالىڭاچلىقنىڭلا ئۆزىنى بەختلىك قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى...

1


...كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىدا جىق ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇنىۋېرسىتېتنىمۇ ئەلا پۈتتۈرۈۋالدى، ئىلىم ئۇنىڭغا يېڭىچە ھەۋەسلەرنى قوشقانىدى. ئوقۇش ھاياتى شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك بىر جەريان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئازراق ئەلەمنىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆرلەپ ئوقۇيالماي ئىچى پۇشاتتى. ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى ئوقۇش، بىلىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇ ئوقۇشنى، بىلىمنى مۇشۇنداقلا تاشلىۋېتەمدۇ؟ بۇنى خىيالىدا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتى. ئۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان نەرسىلەر رېئاللىقىدا توغرىدىن توغرا يۈز بېرىۋېرەتتى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭدەك ئويلىمايدۇ-دە؟!  ئۇ غەزەبلەندى، ئاچچىقىدا بارلىق كۈندىلىك خاتىرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. بۇ ئارقىلىق كۆڭلى بوشاپ قالغاندەك بولدى. يۈرىكى يەنە بىر قېتىم يالىڭاچلاندەك بولدى. ئۇ كۆيۈۋاتقان كۈندىلىك خاتىرىلىرىگە  قاراپ ئۆزىنىڭ يەنە  نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەھەللىسىگە يېنىپ كەلدى. ئۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىر چۈش ياكى ئۆزىنىڭ رېئاللىققا نىسبەتەن بىر چۈشتەك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. تەڭتۇشلىرى، ھەتتا چوڭلار بىلەنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلەلمەيتتى.  ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئاللىبۇرۇنلا  رەسۋالىق مەقامىغا يېتىپ بولغانلىقىنى بىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ روھىغا بەك ئىشىنەتتى، ئۆزىنىڭ روھىنىڭ مۇكەممەل بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەنە شۇ پاك تۇيغۇلار ئۇنى پاك ياشاشقا قەسەمياد قىلدۇردى.  ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك  خىزمەت بىلەن رېئاللىق؛ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئۇنىڭ ئىچىنى بىر مەزگىل سىقىپ تۇردى...ئۇ بۇ يۈرەك ساقىندىلىرىنى خاتىرىلىرىگە سىقاتتى...

* * *

قىز بولسا بىر مىليونېرنىڭ قىزى ئىدى. ھەرقايسى مەكتەپلەردە دادىسىنىڭ ھېممىتى ۋە تەسىرىدە ناھايىتى ياخشى ئوقىدى. ئۆزىمۇ تىرىشچان، چېچەن قىز ئىدى. دادىسى ئۇنى ماشىنىسى بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.  ئۆيىدە شەخسىي ماشىنىلىرىدىن نەچچىسى بار ئىدى. كېيىنچە قىزىغا  ئىككى كىشىلىك سوناتا ماركىلىق قىزىل ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى. قىز شۇنداق ئەركىن ياشايتتى. ھەر ۋاقىت جۇشقۇن، تېتىك يۈرەتتى. بالىلارچە شوخلۇقلىرىنى چوڭ بولغىچىمۇ تاشلىمىغاندەك ئىدى. كېيىن ئۇ سىنگاپۇرغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن جېنىنىمۇ بېرەتتى، قىزمۇ ھەم دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشاتتى. دادىسى ئۇنىڭغا يۇرتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سالغاچ، يەرلىك ژۇرنالدىنمۇ بىر-ئىككىنى قوشۇپ قوياتتى. تۇيۇقسىز ئۇ ژۇرناللارنى ۋاراقلاۋېتىپ بىر ھېكايىگە قىزىقىپ قالدى ۋە ئۇنى يېنىدىكى ساۋاقدىشىغا سۆزلەپ بەردى. ساۋاقدىشى ئاپتورنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىنى، تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغانلىقىنى دەپ بېرىۋېدى، قىز كوچىلاپ سوراپ، ئۇنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. ساۋاقدىشى خوش ياقماي مۇنداقلا دەپ قويۇۋاتقان گەپلەر ئۇنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سېلىپ مېڭىۋاتاتتى. ساۋاقدىشىنىڭ گېپى تۈگىگەندە ئۇنىڭ كۆزى نەملىشىىپ قالغانىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ھېچ نەرسىگە موھتاج بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئاتا-ئانىسى «يالغۇز قىزىم» دەپ ئۇنىڭغا قىلمىغىنى قالمايتتى. ھەتتا كىچىككىنە قىزىغا ماشىنىمۇ ئېلىپ بەرگەن ئىدى. دادىسى ئۇنى جېنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرەتتى. ئۇ ئەسلا جاپا دېگەننى كۆرۈپ باقمىغان. بىردىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنى سەزدى؛ روھىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنى سەزدى.
ئۇ ساۋاقدىشىغا بىلدۈرمەي، يېگىت بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى تاپتى ھەم مۇۋاپىق بىر پەيتتە ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىشنى ئويلىدى.

2

يېگىتنىڭ خىياللىرى چېگىشلىشىپ كەتتى. ئۇنى ئەڭ ھاردۇرۇۋەتكەن نەرسە جاپا-مۇشەققەت ئەمەس، بەلكى رېئاللىق بىلەن قەلبىدىكى توقۇنۇش ئىدى. رېئاللىقتىكى ھەر نەرسىنى قوبۇل قىلىۋەرگىلى بولمايتتى، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ «ئىدىيە ۋاكوئومى»دا ھەم ياشىغىلى بولمايتتى. ھاياتلىق رېئال ئىدى، كۆپىنچە رېئاللىق چېقىر تىكەندەك نەشتىرىنى ئۇدۇل كەلگەندە سانجىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، رەنجىشىپ قالغان ئىدى. ۋاقىت تاپسىلا ئۆيىدىن يېنىپ چىقىپ، كىچىك ۋاقتىدا بارغان ئورمانلىقلارنى ئارىلاپ باقاتتى، ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىن ئالالمىغان تەسەللىينى مۇشۇ تارلىشىپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ يەتكەن تەبىئەتتىن ئالالايدىغاندەك ئىدى. تەبىئەت ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى، سۇلار شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدى. ناۋادا سۇنىڭ ئاستىغا قۇرئان چۈشۈپ كەتسە ئوقۇغىلى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزەتتى، رېئاللىق ئۇنىڭ پىلانلىرىنى بۇزاتتى، ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ئۆمۈچۈككە، ئاجىز ئۆي ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھاياتىنى مەبلەغ سېلىۋاتقان ئۆمۈچۈككە ئەمەس، بەلكى، بوران ئۆز ئۆيىنى قايتا-قايتا بۇزۇۋاتسا، ئۇنى يەنە توقۇپ تەييارلاۋاتقان ئۆمۈچۈككە ئوخشاتتى. بىردىنلا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتتى، ئىكراندا ئۇ بىلمەيدىغان نامەلۇم، ئالدىغا(+) قوشۇلغان سانلار تۇراتتى. تېلېفۇننى ئالدى.
-ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ.
قىز ئۇنىڭغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يىراقلاردىن گەپ باشلىدى. مەكتەپ ھاياتىنى، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى، دىن، ئەدەبىيات، پەلسەپە...نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلىدى. گەپ ئارىلىقىدا يېگىتنىڭ ھېكايىسىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. يېگىتنىڭ روھىي مۇرەككەپ ھالەتتە ئىدى: «تېلېفۇن پاراڭلاشسا بولامدىغاندۇ؟ قويۇۋەتسەم رەنجىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ھېكايەمنى قانداق ئوقۇپ قالغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئىزدىمەكچى بولغاندۇ؟ ئوغۇلبالىلارغا جۈرئەت قىلىپ تېلېفۇن قىلالىغانغا قارىغاندا شوخراق قىز بولسا كېرەك. بەلكىم مېنىڭ خىيالىم بۇنداق بولغان بىلەن بۇ ‹رېئاللىق›تىكى ئادەتتىكى بىر ئىشتۇر...» يېگىت ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق جۈرئەت قىلىپ قىزلارغا تېلېفۇن ئۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاۋاتقاندا، قىزنىڭ گەپلىرىنىڭ داۋامى ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، ئوي-خىياللىرىنىڭ باش-ئاخىرىنى ئۇلىيالمىدى. قىز ئۇنىڭغا ئۆزى توغرىلىق شۇنچە جىق گەپلەرنى دەپ تېلېفۇننى قويۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىر مىليونېرنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىكەنلىكىنى دېمىگەنىدى.
قىز ئەتىسى يەنە تېلېفۇن قىلدى. ئۆزىنىڭ قىممەت باھالىق قول سائىتىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى، سىنگاپۇرنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى، خالىسا رەسىملەرنى ئۇنىڭ ئېمەيل ساندۇقىغا ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يېگىت بىلەن تونۇشقۇسى بارلىقىنى دېگەندە، يېگىت ئەمدى بۇ مەسىلىگە كەسكىن بىر قارارغا كەلمىسە بولمايدىغانلىقىنى، سۆزلىشىش تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتسە، ئۆزىنى «گۇناھكار» ھېسابلايدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئارقىدىن:«بولدى، بۇندىن كېيىن پاراڭلاشمىساق...» دېمەكچى بولدى. لېكىن، قىزنىڭ مۇنۇ گەپلىرى ئۇنىڭ خىيالىنى يەنە ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى:
-مېنىڭ ئاتا-ئانام دىننى ئۇنچە بەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئىدىم. ئەمدى سەل قىزىقىۋاتىمەن. مەن ساۋاقداشلىرىم تەرىپىدىن بەك يەكلىنىمەن، چۈنكى مەن بىر مېيىپ، بەدىنىمنىڭ ئاستى مىدىرلىيالمايدىغان بىر  مېيىپ...
يېگىت قىزنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلىماي، «مېيىپ»دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا، قەلبىنىڭ بىر يەرلىرى زىلزىلىگە كەلدى، ئۇ بايىلا بىر چېكەتكىنىڭ پۇتىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇندۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ پۇتى قانداق ئاغرىيدىغاندۇ، بىزنىڭكىدەك ئاغرىمدىغاندۇ، دەپ ئازابلانغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە بىمار، سەكراتتىكى كىشى، ئاشىقنى( ھەقىقى ئاشىقنى) ئاللاھقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى. «مېيىپ بىر  قىز چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋاتقان بولسۇن، قەلبى ئاللاھقا ئىنتىلىۋاتقان بولسۇن...» ئۇ سۈزۈلۈپ چىقىۋاتقان تاڭنى، بۇلاقنىڭ زېمىننى ئەمدى يېرىپ چىققاندىكى ھالىتىنى ئويلىدى: « بەلكىم ئۇنىڭ روھى ساق خېلى-خېلى ئادەملەرنىڭكدىن كۈچلۈكتۇر...! »
قىز ئۇدا بىر ھەپتە تېلېفۇن قىلدى. يېگىت ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى، ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئادەم تېپىۋالغاندەك ئىدى. ئۇ دائىم شۇنداق ئىدى: باشقىلار ئۇنى كەمسۆز دەيتتى، ئۇ باشقىلار بىلەن ئۇنچە كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمەيتتى. لېكىن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن بىر يەرگە كېلىپ قالغاندا بولسا، ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك سۆزمەنلىكىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ دىن، ئەدەبىيات، پاكلىك چۈشەنچىلىرىنى تەلتۆكۈسى بىلەن قىزغا دەپ تاشلىدى...
قىز ھاياجانلاندى. ئۇ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى. ئۇ ئۆز قەلبىنىڭ زىلزىلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق  زىلزىلىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. تۇيۇقسىز يېگىتكە مۇنداق دېدى:
-كەچۈرۈڭ، مەن سىزنىڭ ئالىدىڭىزدا ئىنتايىن ئوڭايسىزلىنىۋاتىمەن، ئەسلى سىزگە بۇنداق دېمەسلىكىم كېرەك ئىدى. مەن ئەسلى مېيىپ قىز ئەمەس ئىدىم...شۇ ...سىزنى سىناپ باقاي دەپ ...
يېگىتنىڭ تېلېفۇنى ئۈزۈلۈپ بولدى. قىز قولىدىكى « تۇت، تۇت، تۇت »دەپ قالغان تېلېفۇنغا قاراپ قالدى. ئەمدىلىكتە بولسا يېگىتنىڭ قەلبى زىلزىلىدە ئىدى: « نېمانداق قىزىق؟ مېنى نېمىشقا ئالدىغاندۇ؟  بۇ نېمىگە زۆرۈر؟ ...... بولدىلا، ئارتۇقچە ئىشلارنى ئويلىماي......» شۇندىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەخمەق»لىكىگە ئىچى سىقىلدى. ئۆزىنى ئەيىپلەشكە باشلىدى. يۈرىكى راستىنلا بىئارام بولدى.

3


قىز ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدى. يېگىتنىڭ خەت ساندۇقىغا نۇرغۇن رەسىملەرنى يوللىدى. بۇ ئۇنىڭ سىنگاپۇردا چۈشكەن سۈرەتلىرى ئىدى. بازارغا بېرىپ، كىچىك ئىسكىرىپكىدىن بىرنى ، ئۇنچە چوڭ بولمىغان ئايەت يېزىلغان لەۋھەلەردىن بىر-ئىككىنى سېتىۋالدى. ئۇ ساۋاقدىشىدىن يېگىتنىڭ ئوپچە چۈشكەن رەسىمىنى سوراپ ئېلىۋالغان ئىدى، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ بىر رەسسامغا سىزدۇردى. بىر كارتون قەغەزگە نۇرغۇنلىغان گۈللەرنى قىيىپ چاپلىدى. ئەلشىر نەۋائىينىڭ بىر نەزمىسىنى بىر خەتتاتقا يازغۇزدى. ئاندىن ئۇلارنى پوچتىدىن سېلىۋەتتى. كۆڭلى بىر نەچچە كۈن دەككە-دۈككىدە ئۆتتى. ئىلگىرىكىدەك ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئايلىنىشنىڭ ئورنىغا، خانىسىگە بېكىنىۋېلىپ لىرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىدى. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە خەت يېزىشنى ئويلىدى، ئۇنىڭ ئېنگلىزچە خېتى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. خەت يازىدىغان ۋاراقنىمۇ ئىككى سائەتتە ئاران تاللىدى. ئىككى بەت خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تۈجۈپىلەپ چىرايلىق قاتلاپ كونۋېرتقا سېلىپ، پوچتىدىن سېلىۋەتتى.
يېگىت ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنى ئوقۇپ تۇراتتى. پوچتالىيون ئاچىقىپ بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۆزى بىۋاسىتە ئالغىلى كىرەتتى. شۇ سەۋەبتىن پوچتالىيون بىلەن چىقىشىپ قالغانىدى. پوچتالىيون نېمىشقىدۇر يېگىتنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئەمەس، دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىۋالاتتى. دائىم تۈزىتىپ قويسىمۇ، يەنە دادىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ سالاتتى. ئۇ كۈنىمۇ ھاۋا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك نەمخۇش، يامغۇر ئاز-ئاز ئارامبەخش يېغىۋاتاتتى. ئۇ موتۇسكلىتىنى مېنىپ، ھاۋادىن قانغۇدەك نەپەسلەنگەچ پوچتىخانىغا بېرىپ، ئۆزىگە كەلگەن نەرسىلەرنىڭ كۆپلىكىگە ھەيران قالدى. خانىسىدە ھەر بىر نەرسىنى ئايرىم –ئايرىم ئېچىپ كۆردى: نەۋائىينىڭ مىسرالىرى... چىرايلىق ئىسكرىپكا...گۈللەر بىلەن بېزەلگەن كارتون قەغەز...لەۋھەلەر...ئۆزىنىڭ رەسىمىنىڭ قېرىنداش سىزمىسى... ئىككى كۈندىن كېيىن پوچتالىيۇن ئۇنىڭغا مەنىلىك تەبەسسۇم قىلغان ھالدا ئىككى پارچە خەتنى تۇتقۇزدى. ئۇ ئېچىپ ئىنتايىن نەپىس، ئەتىر ھىدى كېلىپ تۇرۇدىغان قەغەزدىكى خەتلەرنى ئوقۇپ چىقتى. ئېنگلىزچە خەتلەرنىڭ ئاستىغا مەنىسى بېرىلگەنىدى. خەتتىن مۇزىكىلار لەيلەپ چۈشەتتى...
يېگىت ھەممىنى چۈشەندى. بۇ قىز ھەقىقەتەن بەك رومانتىك ئىدى. ئۇ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك، قىزلارنىڭ رومانتىك بولۇشى ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك ئويلاپ قالدى. رەسىمىگە قاراپ زوقلاندى؛ ئارقىدىن رەسىم سىزىشنىڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلكىنى ئېسىگە ئالدى. ئادەم دېگەن ئەنە شۇنداق ئاسان خاتالىشامدىغاندۇ؟ يېگىت تورغا كىرىپ ئۇنىڭ يوللىغان رەسىملىرىنى كۆردى. قىز ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى. ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان گۈلگە ئوخشايتتى. لېكىن سەل شوخراق، مودىراق كۆرۈندى. ياق، خېلىلا مودا ئىدى.  كىچىك كەپكىلەرنى، شىلەپىلەرنى كېيىپ رەسىمگە چۈشكەنىدى. بۇنى يېگىت ئەسلا ياقتۇرمايتتى. ئۇ بۇنداق قىزلارنى يامان دەپ تونۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ، ئۇنىڭغا بىر يېشىم بەردى. ئۇ بۇنى باھانە قىلماقچى بولدى. بۇ ئەڭ ياخشى چارە-ئۇسۇل ئىدى.
قىز يېگىتنىڭ تېلېفۇنىنى قويۇۋېتىشىگە تاقەت قىلالمىدى. بىر تەرەپتىن غورۇرى يول قويمىسىمۇ، يەنە تېلېفۇن قىلدى. يېگىت يەنە قويۇۋەتتى. يەنە قىلدى، يېگىتمۇ قويۇۋەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. ھاياتىدا كۆڭلى بۈگۈنكىدەك يېرىم بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى يېگىتكە كۈنىگە بىردىن خەت يېزىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ ھازىر بۈگۈنكى ئىككىنچى پارچە خېتىنى يازماقچى بولدى. ئېلخەت ساندۇقىنى ئېچىپ، يېگىتتىن خەت كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ قارارىنى مۇستەھكەملىدى:
« ئاشۇ بىر خاتالىقىم ئۈچۈن بۇنچە قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس ئىدى دەپ قارايمەن. ياكى مېنىڭ ياقتۇرمايدىغان بىرەر كەمچىلىكلىرىمنى دېمىدىڭىز. ھېچ بولمىغاندا شۇنچىلىك بولسىمۇ ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىڭىز خۇش بولغان بولاتتىم. كەچۈرۈڭ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم. مەن سىزدىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمىغان ھەم قىلمايمەن. مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈم: سىزگە، تېلېفۇنىڭىزغا ھەر كۈنى ئىككى پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ تۇرسام....»
يېگىت توردا بار ئىدى. ئۆزىگە يېزىلغان خەتنى كۆردى. ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپ چىقىپ كەتتى: « مەن خەتلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم، ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرىڭىزنى كۆردۈم. رەسىمىڭىزنىمۇ كۆردۈم. مەن ئىككىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى ئىككى خىل بولسا كېرەك ،دەپ ئويلاپ قالدىم . شۇڭا مېنى كەچۈرۈڭ،  بۇ يەردە بولسىڭىز، نەرسىلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشىم مۇمكىن ئىدى. مېنىڭ ھازىر قىلالايدىغىنىم ، يازغان خەتلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە رەسىمىمنى كۆيدۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ،خالاس... »
بۇ خەتلەرنى قىز كۆردى. تۇنجى قېتىم ئېسەدەپ يىغلىدى. يىغلىغىنىنى  يېگىت كۆرەلمىدى. يېگىت پەقەت بۇ قىلىۋاتقانلىرىنى توغرا دەپ ئويلايتتى.
يېگىت ئوي-خىياللارغا غەرق بولدى. ئون ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئىشلارنى، سىنىپىدىكى بىر قىزنى، ئۇنىڭغا بېغىدىكى تۇنجى ئالما مېۋىسىنى بېرىشلىرىنى، ئۇ قىزنىڭ شۇ كۈنى تۇنجى ئېچىلغان قىزىلگۈل گۈلىنى بېرىشىنىڭ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلىرىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بولسا قىممەت باھالىق قەلەمدىن بىرنى ئېلىپ، قىزغا بېرىپلا يۈگرەپ قېچىپ كەتكەنلىكلىرىنى ...ئويلىدى. ئۇ بۇ ئەخمەقلىقلىرىگە كۈلدى.
ئۇ توم كىتابتىن بىرنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدى... تېلېفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى: «خەيرىلىك كەچ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ!»


4


« خەيرىلىك سەھەر !»
يېگىتنىڭ ھەر بىر كۈنى ئاشۇ قىسقا ئۇچۇر بىلەن باشلىناتتى. بۇ خەت، بۇ ئۇچۇرلار ئۇنىڭغا ئۇدا بىر يېرىم يىلغا قەدەر كەلدى. قىز بىر كۈننىمۇ ئاداشتۇرمايتتى. سىنگاپۇردا بولسىمۇ يوللاپ تۇراتتى. يېگىت بۇنىڭغا پەرۋاسىز يۈرەتتى، ھەيران قالاتتى، يەنە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلاتتى.

يېگىت ئۆزىنى ئىپادە قىلغۇدەك بىرمۇ دوستىنىڭ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگۈدەك بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بىلەتتى. شۇ مەھەللىدە ئۇنىڭ دېھقان بولۇپ، ئوقۇيالماي قالغان بىر ساۋاقدىشى بار ئىدى. ئۇمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى: ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش... قاتارلىقلارنى توغرا چۈشىنىپ بولغان ئىدى. ئۇ بۇ دېھقان سۈپەت  ساۋاقدىشى بىلەن پاراڭلاشقاندا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشىدۇ، دەپ خاتا ئويلىغانىدى. بىراق ئۇنىڭ نۇرغۇن گەپلىرى ئۇنىڭغا يالغان گەپلەرنى دەپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. «ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداق بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟»...ساۋاقدىشىنىڭ يەنە بىر گېپى ئۇنى تېخىمۇ ئەندېكتۈردى:« بىزنىڭ ھېلىقى قىز ساۋاقدىشىمىزمۇ بارغۇ( يېگىت بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئەسلىگەن قىزنى دەۋاتاتتى) پۇستانى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ...»
يېگىت بۇ دۇنيادا چورتلا ئۈمىدنىڭ قالمىغانلىقىغا چىنپۈتتى. ئۇ نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئۈمىدلەرنى كۈتكەن؟ نېمىشقا ئۇنى سەبىي ھالىتىدىلا چوڭ بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان؟ ياكى نېمىشقا ئۇنى دۇنيانىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى سۈپىتىدە قەلب تۆرىگە ئېلىۋالغان؟ بۇلارنى يېشەلمەيتتى. ئاندىن ئۇ ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلغانلىقلىرىنى، ئۇنىڭ:« ۋاي، سەن چوڭ بولمىغاندەكلا چوڭ بوپسەنغۇ، خۇددى سەبىي ھالىتىڭدىلا قالغاندەك...... بىر بالا ماڭا بىر ئاي بۇرۇن بىر گەپنى دېگەن دېگىنە، ئويلاپ باقسام، مەن ئۇنى ياقتۇرمايدىكەنمەن، دۇنيا قارىشىمىز ئوخشىمايدىكەن، ۋاي، سەن نېمانداق سەبىي، مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىپ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم، مەن بەختلىككەنمەن... سەن نېمە دېسەڭ مەن رازى...»دېگەنلىكلىرىنى، كېيىن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ، «ئەخمەق»لەرچە بىر مەزگىل دىننى ياقتۇرغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بىر قىزنىڭ  ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلىقلىرىنى توغرا چۈشەنگەنلىكلىرىنى، ئۇنىڭغا ئىلىم، دىن، ئەدەبىيات ھەققىدە تېتىقسىزلارچە سۆزلەپ كەتكەنلىكلىرىنى، كېيىن ئۇنىڭ بىردىنلا يۈز ئۆرۈپ بىر يېرىم يىل بىللە يۈرگەن يېگىتىنى دەپ ئۆزىنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسىگەنلىكلىرىنى ئەسلىدى. كېيىنكى ئۇنىڭ سوغاق مۇئامىلىلىرىنى، «تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئۈزۈك ئەۋەتمەي، قونچاق ئەۋەتىپسەن؟» دېگەنلىكلىرىنى، ئۈزۈك ئەۋەتكىنىدە «ساختىكەن»دېگىنىنى ئويلاپ ئاچچىق بولدى. يېگىت بىر تۇرۇپ «دۆت»لىكىگە ئىچى پۇشاتتى. ئۆزىنىڭ باشقىلارنى «يامان» دەپ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىغا ئىچى پۇشاتتى. بۇ قېتىممۇ ئەنە شۇنداق بولغان ئىدى. قىزنىڭ بىر يېرىم يىل بىرى بىلەن يۈرگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان«ھايات ھېكايىلىرى»نى يازغانلىقلىرىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى ئەيىپلەيتتى...  قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟ ئادەملەرگە يالغان گەپ نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ يېگىت بۇلاردىن تەئەججۇپلىنەتتى. ئەمما قەلبىنىڭ ئىنتايىن يالىڭاچلىقىدىن ھۇزۇرلاندى، مانا بۇ يوقلۇق، قەلبىدىكى بوشلۇق- يالىڭاچلىق ئۇنىڭ بىردىنبىر بەختى ئىدى...

تاڭ سەھەردە يېگىتنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتتى: « ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، خەيرىلىك سەھەر!» يېگىت قىزنىڭ نېمىشقا «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم»نى قوشۇپ قويغانلىقىنى بىلمىدى. ئۇ قىزنى ئەسلەپ باقتى، بىر يېرىم يىل بۇرۇنلا رەسىملىرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىدى. « يەنە شۇ كەپكىلىرى، شىلەپىلىرى بىلەن يۈرىدىغاندۇ ؟!...» قىز بىر يېرىم يىلدىن بېرى مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، مەيلى سىنگاپۇردا بولسۇن كۈندە ئىككى قېتىم قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى. ئۇ ھېلىقى كۈنى يىغلىغاندىن كېيىن: « ئۇ نېمىشقا شۇنچە روھى ئۈستۈنلۈكتە تۇرالايدۇ؟» دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ بىردىنلا مەلۇم نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك   شوخلۇقلىرىنى تاشلىدى. چوڭ سۈپەت بولۇپ كەتتى. بىر يېرىم يىل- توپتوغرا بىر يېرىم يىل ئۆگەندى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق «ھېكايىلىرى»نى ئوقۇدى، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىكى يازمىلىرىنى تېپىپ يۈرۈپ كۆردى.  بۇنىڭغا يېگىتنىڭ ھېلىقى بىر ھەپتىدىكى سۆزلىرى سەۋەب بولغان ئىدى. قىز ئەنە شۇ «روھى ئۈستۈنلۈك»كە يېتىش ئۈچۈن ئۆگىنەتتى. ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ دىننى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، دىننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي روھى ئۈستۈنلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بۇرۇن ئوقۇشقا خوش ياقمىغان نەرسىلەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىۋاتاتتى. قىياپىتى يەنە ئاۋۋالقىدەك بولسىمۇ، يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتلەردە جىق ئۆزگىرىپ، خاراكتېرى باشقىچىلا بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇنى كۆرۈپ باشقىلارمۇ ھەيران قالاتتى. دادىسى بەك خۇش بولۇپ كەتتى. مومىسى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى: « قىزىم- بالام، مۇشۇ ياغلىقلىرىمنى بىر ئارتىپ باققىنە قېنى؟ مۇشۇنداق يۈرگەن بولساڭ قانچە خۇش بولۇپ كېتەر ئىدىم...» قىز ياغلىقنى رەسىملەردە كۆرگىنى بويىچە ئارتىپ، ئەينەككە قاراپ زوقلىنىپ كۈلدى. مومىسىمۇ كۈلۈپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى. ئۇ مومىسىنىڭ باغرىغا بېشىنى يۆلەپ تۇرۇپ، قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا باشلىدى: « ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى چۈش كۆرۈڭ!»
قىز كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلايتتى: «سىز قانداقلا بولمىسۇن، ھاياتىمدا بىر قېتىملىق ئويلىنىشىمغا تۈرتكە بولدىڭىز، ئەگەر سىزنى بەختلىك قىلالىغان بولسام بۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ ئىشقا ئايلانغان بولاتتى. ھېلىھەممۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئاللاھ سىزنى ھەر جايدا بەختلىك قىلسۇن! مۇراد-مەقسەدلىرىڭىزگە يەتكۈزسۇن!» قىز مومىسى بىلەن بىللە ئۇخلاپ تاتلىق چۈشلەرنى كۆردى.


5


يېگىت سودا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى، بىردەم ئۇ شەھەردە بولسا، بىردەم بۇ شەھەردە يۈرەتتى. ئىلگىرى مۇنداق ھاياتقا ھەۋەس قىلاتتى، ئەمدى مۇساپىرچىلىققا كۆنۈپمۇ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەگىلا بارسا ياشىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئاكىسىغا ئەگىشپ يۈرۈپ ئۈچ-تۆت يىلدا مىليون پۇل تاپقانىدى.  ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا  ئويلاشقا تېگىشلىك بىر سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھاياتىنىڭ بىر خىل رېتىمدا ئۆتمەستىن، مەلۇم بىر ئىشنىڭ، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغۇچى بىر ئالاھىدە ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئىلگىرى ياشاش ئۈچۈن پۇل قەتئىي بولمىسا بولمايدىكەن دەپ ئويلايتتى، ئەمدى مەقسەد پۇل تېپىش، پۇل يىغىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن كېلىدىغان روھى ئوزۇق دەپ ئويلايدىغان بولدى. ئۇ بۇ خىل پۇلدىن كېلىدىغان روھى ئوزۇقنى تاپالمىغانسېرى، كۈنلىرىنىڭ مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. ھاياتقا قانداق مەنە بېرىش مۇمكىن؟ ھاياتنى قانداق بېزەش مۇمكىن؟ ھاياتنىڭ چوڭقۇرلۇقى نەدە؟ ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي سودا ئىشلىرىغا تەۋە دەپ ئويلىيالمايتتى. يېگىتلەرگىغۇ شۇنداق بىر جەريان كېرەك، لېكىن، ئۇ ئەنە شۇ ئەمەلىي جەريان بىلەن بىللە روھىنىڭ تەڭ ئوزۇقلىنىشىنى، كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى، بىلىمىنىڭ ئۆرلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن رېئال تۇرمۇش ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراق ئىدى؛ قۇرغاق ئىدى. ئۇ تاپقان پۇللىرىغا دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل كىتابنى سېتىۋالغۇسى، ئەڭ ئېسىل كىتابلارنى قاتار تىزىپ قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇغۇسى كېلەتتى.  ئادەملەر كۈندىلىك ئۇششاق تۇرمۇشىغا قانچىلىغان خەجلىسە كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ، كىتاب سېتىۋېلىش بولسا ئۇلارنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئاكىسى پات-پات قايناپ قوياتتى: كىتاب ئوقۇپ نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ ئوقۇغانلار نېمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ؟ دادىسىمۇ دائىم نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى: «بالام، كىتابنى ئاز ئوقۇ! كۆزۈڭ مېنىڭكىدەك ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇغانلارنىڭ قەدرىنى پەقەت ئوقوغان كىشىلەرلا بىلىدۇ، جىق ئادەم قەدرىنى بىلمەيدۇ...»( ئەمەلىيەتتە دادىسىنىڭ كۆزى ئۇنچە ئاجىز ئەمەس ئىدى). ئۇ ئۆز ئىشلىرىدىن شۇنچىلىك قورۇناتتى. باشقىلار يامان ئىشلارنى شۇنچىلىك بىمالال قىلالايتتى. لېكىن ئۇ ياخشى ئىشنى قىلىشتىن شۇنچىلىك قورۇناتتى. باشقىلارنىڭ ئەمەس، يېقىنلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن شۇنچىلىك قورۇناتتى. باشقىلار يامانلىقىدىن قورقمايتتى، ئۇ ياخشىلىقىدىن ئەنسېرەيتتى. باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزەردە قارىشىدىن ئەنسېرەيتتى. بۇ، ئادەملەرنىڭ يامانلىقلاردىن ئەمەس، ياخشىلىقلاردىن ئەنسېرەيدىغان پىسخىكىسىنىڭ ھەممە جايدا يامراپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولغان بىنورمال پىسخىك ھالەت ئىدى.
ئۇ ئۇ قىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ئۇنى ئەجەب گۈزەلكەن، ئەجەب ئەخلاقلىقكەن، ئەجەب بىلىملىككەن دەپ ئويلايدىغان بولدى. ئۇنىڭغا راستىنلا  قايىل بولغانىدى. ئەگەر ئۇ ماقۇل كۆرسە ئۇنىڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى لايىق كۆردى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنى بېغىشلايدىغان بىر نەرسىسى- ئىلىم دۇنياسى بار ئىدى. مانا ئەمدى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن، باشقا نەرسىگە ئۆزىنى بېغىشلىماقچى. ئۇ مۇھەببەتنى ( ئاھ، ئاشۇ ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىشقا قورۇنۇۋاتىمەن ) بۇنداق ئاددى دەپ ئويلىمايتتى، لېكىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ قىزدىن زادىلا گۇمانلانمىدى، ئۇنىڭ ماڭا لايىق دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىماقچى بولدى. قىزمۇ يېگىتنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ«بەختلىك بولىمەن» دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا قوشۇلدى. يېگىت شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان بىر نەرسىگە ئېرىشتى. ئۇ بۇ ھالەتنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەتتى، ئۇنى مەڭگۈلۈك، قانچە يۈكسەك بولسا شۇنچە ئۈستۈن دەپ قارايتتى. ئۇ بۇ يولدا ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ كىرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدە شۇنچىلىك بىر روھنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئۆزىدە شۇنداق بىر بەدەل تۆلەش روھىنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇنىڭچە، بۇ خىل روھ ھەممىلا ئادەمدە بولمايتتى. يېگىت كېيىنكى بىر يېرىم يىلدا  ئۇ قىزغا ئالتە يۈز پارچە خەت يازدى. ئالتە مىڭ قېتىم تېلېفۇن قىلدى. ئايدا ئالتە يۈزدىن ئارتۇق قىسقا ئۇچۇر يوللىدى. ئۇنىڭ يۇرتىغا ئالتە قېتىم ئىزدەپ باردى. ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق ئالتە نەرسە سوۋغا قىلدى.خالىسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتمىش يىل ئازابلىنالايتتى.   قىز دەسلەپ ماقۇللۇقىنى بىلدۈرگەن، ئامال بار تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ئەمما  ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالاتتى. بۇلار يېگىتكە  بەرىبىر ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنى ئىپادىلىسىلا بولاتتى. ئۇ نۇرغۇنلىغان قېتىم دەھشەتلىك «ئازاب دەۋرى»نى ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزدى. شۇندىلا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا قانچىلىك دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئىنسان ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى. ئەمما ئۇلار بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى يېپىشقا تىرىشىپ ياشايدۇ.  ئۇ ھەر قېتىم ئاشۇ«ئازاب»نى باشتىن كەچۈرگىنىدە بولسا:« كاشكى مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ئۇنتۇلۇپ ئەرزىمىگەن بىر نەرسە بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ»( سۈرە مەريەم)  دەپ تاشلايتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۆلۈمنى ئويلاپ باقمىغان، مانا ئەمدى ئۆلۈمنى ئويلاۋاتاتتى. قانداقتۇر ئۆلۈۋېلىشنى ئەمەس، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلاۋاتتى. ئۇ ئىلگىرى بۇنىڭدىن خېلى يىراق ئوي خىيالنىمۇ ئويلىيالمايتتى. «مۇھەببەت»نىڭ ئاشۇلارنى ئويلاتقۇزالىغىنىغا قارىغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەڭ رەزىل نەرسە ئىدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىزلار كۆز تاشلىدى، ئۇلاردىن يىرگەندى، بەزىلەر خەت يازدى، بىۋاسىتە ئوچۇق گېپىنى دېدى. ئۇ «مۇھەببەت»دېگەن نەرسىنى ئاڭلىسا يىرگىنىدىغاندەك ئىدى. ئۇ دائىم بىر تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يەيتتى. خۇددى بېلىكوفتەك، چاپاننى يۆگەپ كېيىپ، پوسمىسىنى چۆكۈرۈپ ئاستا تامىقىنى يەپلا چىقىپ كېتەتتى. ئۇ كۈنىمۇ شۇنداق كېيىنگەنىدى، قار ياغقانىدى.  بىر چىرايلىق ئۆزبەك قىزى (16ياشلاردا) كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتى. « بىر گېپىم بار ئىدى» دەپ توختاتتى. چۈچۈك تىللىرى بىلەن ھودۇقۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
-...ئەكە، ئورتاقىڭىز سېۋگەن قىزىڭىز يوغلىغىنى ئايتۇۋدى، مەن...مەن ...ئايتەلمىيەپمەن، خىجالەت بولىيەپمەن...- قىز يۈزىنى يېپىۋالدى.
يېگىت ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندى. ئۇ ئىلگىرى قىزلارغا قاتتىق تەگكەنىدى. بۇ قېتىم ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. ئاھۇ كۆزلۈك قىز ئۇنىڭ ئالدىدا ھۇدۇقۇپ تۇراتتى. بەكلا سەبىي ئىدى. ئۇنىڭغا  ئازراق گەپ قىلىپ قويۇپ كەتمەكچى بولدى،« لەيلا، سىز بۇ يولغا ماڭماسلىقىڭىز كېرەك» دېمەكچى بولدى،  لېكىن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ ئاشخانىغا ئىككىنچى كەلمىدى. ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەردە گاڭگىراپلا كەتتى. ئىشلارنىڭ باش-ئاخىرىنى ئۇلىيالمىدى...كەچتە تېلېفۇن يەنە سايراپ كەتتى: « ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم. خەيرىلىك كەچ!»
ھايات ئۇنىڭغا راستىنلا بىر بېسىم بولدى. ماددىي جەھەتتە ئۇ ھەقىقەتەن بەزى ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىدى. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ قاچانمۇ بۇ بېسىملاردىن خالاس بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى ئىرغىتىپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىپ باراتتى. دائىملا غەمناك ئىدى. ئۆزىدىكى (مەنىۋىي)  يۈكسىلىشنىڭ  كەملىكى ئۇنى شۇنداق قىلىپ قوياتتى. ئۇ ئۆزىنى ئىلگىرىكى ھالىتىگە تولا سېلىشتۇرۇپ ھېرىپ كېتەتتى. ئۆتمۈشىنى، شۇنچە روھلۇق، ئۈستۈن روھىي ھالىتىنى سېغىناتتى. ئۇ ئۆزىنى باغلاقتىكى ئارسىلاندەك، كىملەردۇر ئۇنى مەنىۋىي زەنجىرلەر بىلەن قاتمۇ-قات ئورۇۋەتكەندەك، ئۇ بۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىيالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئۇ نېمىگىدۇر ئاھ ئۇراتتى، تۇرۇپ ماغدۇرسىزلىناتتى. ھاياتىدا بىر بۆسۈش، چوقان بولۇشىنى بەك-بەك ئۈمىد قىلىپ كېتەتتى. ئاشۇنداق قىلماي، روھىيىتىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرمەي تۇرۇپ، ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايتتى.


6

قىز شۇندىن بېرى، يەنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىسى بويىچە «ھەقىقەت بايقىشى»دىن  كېيىن شۇنچىلىك روھلۇق بولۇپ كەتتى، بۇ خۇددى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەركە، شوخ قىياپىتىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىدىكى داۋامى ئىدى. روھى ئۈستۈن ئادەملا خۇشال ياشاشقا لايىق ئىدى. ئۇنىڭ سەۋىيىسى ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئۆسۈپ كەتتى. ئىنگلىزچىدە قىينالمايتتى. ھەممىدىن بەكرەك ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن بەك خۇش ئىدى. ئۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ «غايىب» بولۇپ كەتكەن يېگىتنى، ياق «يىگىتى»نى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارمايتتى، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا بىر «بېسىم» ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن روھى كۈچ بولۇپ تۇيۇلاتتى. ئەمدى قىز راۋۇرۇسلا ئۆزگىرىپ كەتتى، پۈتۈنلەي ئورۇنۇپ ياشايتتى. كۆزىدىن باشقا ھەممە يېرىنى يۆگەيتتى. بۇ ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۈكسەكلىكنى، پەرىشتىلەرگە خاس يۈكسەكلىكنى ھېس قىلدۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق بۇرچىنى تونۇپ يەتتى. كەلگۈسىدىكى ئانىلىق بۇرچىنى تونۇپ يەتتى. ئالدى بىلەن بارلىق تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىشتىن باشلىدى. مومىسى ئۇنىڭغا ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇشنى ئۆگەتتى. دادىسى بۇنى كۆرۈپ، خۇشلۇقىدىن قىزىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە خېمىر ئىشلىرىنى قىلىشىپ كېتەتتى. قىز بىر ۋاقىتلاردىكى يېگىتنىڭ« مەن قازان نېنىغا بەك ئامراق» دېگەن گېپىنى ئەسلىدى. ئۇنىمۇ بېرىلىپ ئۆگەندى. تەتىلدە ئۆيىدىكىلىرىگە ئۇدا ئاتمىش كۈن تاماق ئەتتى. ئۇ ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ تولىلىقىدىن بىر قامۇسقا ئايلىنىپ قالاي دېگەنىدى. شۇنچىلىك تېرەن مەسىلىلەرنى ئويلايتتى. نۇرغۇن خاتىرىلەرنى توشقۇزدى. مۇسۇلمانلارنىڭ شەكىللەنگەن چاغدىكى، ۋايىغا يەتكەندىكى ۋە بۈگۈنكى ھالىتىنى تەتقىق قىلاتتى. سەۋەب-نەتىجىلەرنى ئۇلايتتى، قوراشتۇراتتى، چۇۋۇيتتى. چىرايى ئېچىلىپ كېتەتتى؛ تۇتۇلۇپ كېتەتتى...
ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە ئۆز پەرزەنتلىرىدىن ماختىنىشقا ئامراق. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ-سۆزلىرى قۇلاقتىن -قۇلاققا ئاڭلىنىپ،  نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ، چوڭلارنىڭ ئوغۇللىرى بۇ قىزنى «رىۋايەتتىكى پەرىشتە» دەپ ئويلايدىغان بولدى. تاقەت قىلالمىغانلىرى بولسا ئەلچىلەرنى تېنىپ تاپماي ئارقىمۇ-ئارقا كىرگۈزەتتى. قىز غەمسىز ئىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىدا غەم تولا ئىدى. قانداق قىلغۇلۇق؟! ھەممىنى قايتۇرۇۋەرگىلى بولسۇنمۇ؟  ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا مەسىلىنى سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرگەندە قىز كەسكىنلىك بىلەن شۇنى قارار قىلدى:
-سىلەر مېنى بېقىپ چوڭ قىلدىڭلار. نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردىڭلار. مەن بۇنىڭدىن رازى. مۇشۇ بىر ئىشتا مېنىڭ دېگىنىمنى قىلساڭلار، ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا سىلەردىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم... مېنىڭمۇ ئۆز ئويلىغانلىرىم بار، مەنمۇ ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدۇم...
دادىسى سۆيۈندى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ قىزىدىن ئايرىلىشنى خالىمايتتى. گەرچە بۇرۇنقىدەك قىزىنى باغرىغا باسالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلىيەلمەيتتى. دادا  كۆزىگە ياش ئالغان  ھالدا قىزىنى يېرىم قۇچاقلاپ، پىشانىسىگە سۆيدى:
-خۇدا بەختىڭىزنى بەرسۇن قىزىم، سىز مېنىڭ بارلىقىم!
قىز ھامان بىر كۈنى ئۇ يېگىتنىڭ ئۆز يېنىغا يېنىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇنىڭغا يازغان بىر خېتىدىمۇ شۇنداق دېگەنىدى:« بىلىمەن، سىزنى مەن كەبىي ھېچبىراۋ ياخشى كۆرمەيدۇ، مەن سۆيگۈمنى ئارتۇقچە ئىسپاتلاپ ئولتۇرمايمەن، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىملا ئۇنى ھەقىقىي بىلىدۇ...ھامان مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىز، مەن ئۆگىنىۋاتقان ھەقىقەتلەردەكلا ئايدىڭ...» لېكىن يېگىت ئۇ خەتنى كۆرەلمىگەن ئىدى. قىز ئاشۇ كۈننى كۈتەتتى. ئۇ كۈن يېقىن ئىدى. ھاياتلىق قىسقا، كۈنلەر تېز ئۆتەتتى. دېمەك ئۇ كۈن ھامىنى كېلەتتى. قىز ئوي-خىياللىرىنى قويۇپ رومانتىك ئۈستەل چىرىغىنىڭ يېنىدا كىتابىنى كۆرۈشكە باشلىدى. ماشىنىسىنى بولسا سېتىۋېتىپ، پۇلىنى ئىئانە قىلىۋەتكەن ئىدى.
يېگىت بولسا ئاشۇ چوقان كۆتۈرىدىغان كۈنىنى كۈتەتتى. ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى قەلبىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ئۈستىدىن «ئېسيان» كۆتۈرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنداقلا ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئاخىرى ئېسيان كۆتۈردى. مانا بۇ قېتىملىق ئېسيان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېگىتنى قانچىلىغان بەدەل تۆلەتكەن ئېسيان، ئۆز ۋاقتىدا چىقالمىغان، بېسىلىپ قالغان ئېسيان ھەقىقەتەن شىددەتلىك بولدى، تۇيۇقسىز بولدى، قاتتىق بولدى. ئالدى بىلەن ئۇ تىجارىتىنى ئىككىلەنمەي تاشلىۋەتتى. قىزغا تېلېفۇن قىلىپ ۋاپاسىزلىقىنى راسا سۆكتى، قىزنىڭ مۇھەببىتى ئۈستىدىنمۇ ئېسيان كۆتۈردى. ئۇ ئاللىبۇرۇن خاتا يولدا مېڭىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ بولغانىدى. ئەمدى ئۇ يولنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى. ئۇ بىر قېتىم، يەنى ئۈچىنچى قېتىم يالىڭاچلانماقچى بولدى: تىجارەتنى تاشلىدى، قىزنىڭ ئۇنىڭ روھىنى تار رامكىلارغا سولىماقچى بولغان«مۇھەببەت»ىنى پاچاقلاپ تاشلىدى! پەچەق-پەچەق قىلىۋەتتى! ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا يالىڭاچ بولدى. خۇددى كىچىك ۋاقتىدىكىدەك، ھېلىقى چاقماق چاققان، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن، يەر تەۋرىگەن، شىددەتلىك يامغۇر ياغقان كۈندىكىدەك يالىڭاچ بولدى...  ھېلىقى ئاپئاق پارقىراپ كەتكەن سۆڭەكنى، سەبىي قەلبىگە سىڭىپ ئورناپ قالغان سۆڭەكنى ئويلىدى. روھىنىڭ يەنە ئاۋۋالقىدەك روھىي ئۈستۈنلۈككە ئۆرلىگەنلىكىنى سەزدى. قانداق بەخت-ھە! قانداق راھەت-ھە! قانداق لەززەت-ھە! ئۇ ئۆزى تونۇپ بولغان نەرسىنى قايتا تونۇشقا باشلىدى. بۇ ئىلگىرىكى تونۇشتىن مۇئەييەن پەرقلىنەتتى. قايتىدىن ئۆزىنى تونۇش قانداق بەخت-ھە! ئۇ ئۆزىنىڭ قۇشتەك يەڭگىللەپ قالغىنىنى ھېس قىلدى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئەسلىگە كەلدى. ئالتە كۈنلۈك ئىشى ئالتە ئايلىق ئىشىنى بېسىپ چۈشتى. ئۇ ئەمدى ھېچ نېمىدىن غەم قىلمايتتى. كەلگۈسى دېگەنلەرنى ئويلىمايتتى. قەلبىنىڭ پاكىزلىنىشى، پاكلىقىدىن باشقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى. شۇ تۇرقىدا ئۇ قىلىچقىمۇ تىك بارالايتتى.
ئەمما يەنە بىر غەلىتە ئىش، ئويلاپ باقمىغان بىر خىل ئىش ئۇنىڭ خىيالىنى بىرلا چالغىتىپ ئۆتۈپ كەتتى: ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان، كېيىن يېگىتكە ئۇ قىزنىڭ يۇرتدىشى ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ شۇ يۇرت مۆتىۋىرى ئىكەنلىكىنى، خالىسا ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. يېگىت قوشۇلمىدى، ئاللىبۇرۇن باشقا يولغا مېڭىپ بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ ساۋاقدىشى جاھىللىق قىلدى.  ئۇ قىزنى كۆردى، سۈرۈشتۈردى، بولىدىكەن، ھەقىقەتەن سىزگە لايىقكەن، ھەر جەھەتتىن، ئەخلاق، بىلىم، ئېتىقاد ...ھەر جەھەتتىن كىشىنى قايىل قىلىدۇ، دېدى. ئەمما  ئۇنىڭ بىر ھەپتىدىن كېيىنكى گېپى پۈتۈنلەي ئويلىمىغان يەردىن چىقتى:
-قارىمامسىز، مەنمۇ قايمۇقۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، سىز ئۇنى ھەقىقى چۈشەنمەيدىكەنسىز ( بىر يۇرتتىن بولمىغاچقا)، ئۇ سىزگە لايىق ئەمەسكەن، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن، سىزگە ھەممىنى ئوچۇقلا دېيەلمەيمەن، پەقەت شۇنچىلىكلا دېيەلەيمەن: ئۇ قىز سىزگە لايىق ئەمەسكەن، قانچىلىك يامان ئويلىيالىسىڭىز شۇنچىلىككەن...
يېگىت تەئەججۇپ ھېس قىلدى، ئىلگىرىكى، «ئېسيان»دىن بۇرۇنقى ھالىتى بولسا چوقۇم قايتا «ئاتمىش يىللىق ئازاب»نى باشتىن كەچۈرگەن بولاتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى. بىر خىل يەڭگىللىك ھېس قىلدى؛ غەيرىلىك ھېس قىلدى. ئۇ «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق روماندا شۇنداق غەلىتە بايانلارنى ئۇچراتقان ئىدى: روماندا ئون يەتتە قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بىر قىرىق ياشلىق  پولكوۋنىك يەتتە ياشلىق بىر قىزغا كۆيۈپ قالىدۇ، ئۇ قىز ئۆلۈپ كەتكەندە، پۈتۈن ئارمىيە ئۇ يەتتە ياشلىق قىزنىڭ رەسىمىنى نەگە بارسا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ...
يېگىت مىيىقىدا كۈلدى . ئۆزىنى ئۆمۈچۈككە، ئۆيىنى قايتا-قايتا بوران بۇزۇۋاتسا، يەنە ئۇنى قۇرۇۋاتقان ئۆمۈچۈككە ئەمەس، بەلكى، ئاجىز بىر ئۆي توقۇش ئۈچۈن  پۈتۈن بىر ئۆمرىنى مەبلەغ سېلىۋاتقان ئۆمۈچۈككە ئوخشاتتى. تېلېفۇنىنىڭ ئىكرانىدا سىنگاپۇردا ئوقۇۋاتقان ھېلىقى قىزنىڭ قىسقا ئۇچۇرى تۇراتتى:  «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، خەيرىلىك كەچ! سىزنى كۆرىدىغان كۈنلەرمۇ بولارمۇ؟»
7

يېگىت بېيجىڭغا كەلگىلى ئىككى كۈن بولدى. شەھەرنى چۆگلىدى. ئۇ ئىلگىرى بۇنداق شەھەرلەرنى كۆپ كۆرگەنىدى. كەچتە پىيادىلەر كوچىسىدا كېتىپ بېرىپ سىڭلىسىنى كۆرمىگىلى ئىككى يىل بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىدى. ۋۇجۇدىنى ئاكىلارچە سېغىنىش ھېسسىياتى قاپلىدى. شۇ تاپتا سىڭلىسى بالىسىنى پەپىلەۋاتامدىكىن؟! ئاتا-ئانىسى سىڭلىسىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان، ئاندىن دىندىمۇ تۈزۈك ئوقۇتماي ئۆي ئىشلىرىنى سالغان، ئەمدى 18 ياشقا كىرگەن قىزنى ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بىر ئەرگە ياتلىق قىلىۋەتكەنىدى. دادىسى سىڭلىسىنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا دېگەندە:«قوشۇلمايمەن، قوشۇلمايمەن!»دېگەنىدى، ئۇ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش كەلدى. ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن نومۇس قىلىپ چەتكە قارىۋالدى. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بىلىملىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ ئەتراپنى ئايلىنىشتىن زېرىكىپ، ئاچمىغىلى بىر قانچە يىل بولۇپ قالغان خەت ساندۇقىنى ئاچتى.  خەت ساندۇقى توشۇپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر باشتىن ئەمەس، ئوتتۇرىدىنلا بىر خەتنى چەكتى، بىر ئىككى جۈملىنىلا ئوقۇپ: «تېتىقسىزلىق، تېتىقسىزلىق! مېنى، مۇشۇ مېنى بىراۋ ياخشى كۆرەمىش... نەقەدەر ئالدامچىلىق، نەقەدەر رەزىللىك!...‹مۇھەببەت›دېگەن نەرسە ئەمەلىيەتتە بارچە رەزىللىكلەرنىڭ ئانىسى، بارچە رەزىللىكلەرنىڭ نىقابى! شۇ ھەققىدە يېزىلغان بارچە كىتابلار ئالدامچىلىق رىسالىلىرىدىن ئىبارەت، خالاس!»دەپ كەتتى. ئارقىدىن يەنە بىر  خەتنى چەكتى، رەسىملەرنى كۆردى. بۇ قېتىم ئۇ سىنگاپۇردا ئوقۇۋاتقان قىزنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى: قىز قاپقارا ئابايى كېيگەن، ياغلىقنى يۆگەپ ئارتقان، كۆزىنىلا ئوچۇق قويۇۋالغان ئىدى... ئۇ بىر پەس جىم تۇرۇۋالدى، ئىككى يىل بۇرۇنقى رەسىملەرنى، ئۇ قىزنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكچى بولدى، كەلتۈرەلمىدى. شەكلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇ بۇلارنى خىيالىدا بىر يەرگە ئەكەلمەكچى بولدى؛ ئەكىلەلمىدى... قىزىق...راستىنلا ئۆزگەرگەنمىدۇ؟!...
يېگىت قىز يازغان خەتلەرنى توپتوغرا ئون كېچە-كۈندۈزدە ئاران ئوقۇپ بولدى، كۆزىدىن ياش چىقتى، قاقاھلاپ كۈلدى، پەرۋەردىگارىغا سەجدىلەر قىلدى، ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆزىنى ئەيىپلەپ كەتتى، «مەن نېمە قىلىپ يۈرىمەن، مەن نېمە قىلىپ يۈرىمەن؟!» دەپ ئۇياق-بۇياق مېڭىپ كەتتى، ئاپىرىن ئېيتتى، تەسىرلەندى، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندى... ...«بەلكىم بۇ بىر ئالدامچىلىقتۇ؟» دېدى ئۇ يەنە، «مەن خاتا كۆرۈۋېلىپ بارىدىغاندىمەن، بۇ خەتلەر، بۇ رەسىملەر مېنى ئالداۋاتىدىغاندۇ؟ مېنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم تۆۋەنلەپ كەتكەن كەبىي، بەلكىم كۆزۈممۇ كاردىن چىقىپ مۇنۇ خەتلەرنى ، بەلكى دەل تەتۈرىسىچە يېزىلغان خەتلەرنى ئوڭ كۆرۈۋېلىپ بارىدىغاندۇ؟» شۇندىلا ئۇ ئۆزىدىن روھىيەت دۇنياسىنىڭ نېمىلەرنى تارتىۋالغانلىقىنى سەزدى. ئۇ ئۆزىگە، كۆزىگە ئىشىنەلمىگەن ھالدا خەتلەرگە قايتا-قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئېقى ئاق،قارىسى قارا بەت ئۇنىڭ ئالدانمىغانلىقىنى جاكارلاۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ سىرلىرى كۆپ ئىدى. ئۇ ئادەملەرنى ھەرخىل مەقامدا، ھەرخىل ھالەتتە قىلىپ ياراتقان ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ روھىيىتىگە ھەرخىل، بىر-بىرىنىڭكىگە قىلچە ئوخشىمايدىغان روھىي ھالەتلەرنى تەقدىر قىلىپ پۈتكەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ يېتۈك سەنئىتى ئۆز مەخلۇقلىرىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ئوخشىماسلىقلا ئەمەس( قارايدىغان بولساق، ئوخشاش ئىككى تاشنى  تاپالمىغىنىمىزدەك، ئوخشاش چىراي ئىككى ئادەمنىمۇ تاپالمايمىز)، بەلكى ئۇلارنىڭ روھىيەت دۇنياسىدىكى ئەگرى-توقايلىقلار ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگارىغا يېنىش-يېنىشلاپ ھەمدۇ-سانالار ئوقۇدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلدى.
يېگىت«بىسمىللاھ...»دەپ پەرۋەردىگارىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇ قىزغا خەت يېزىشنى باشلىدى. «... سىزگە ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىۋاتىمەن. سىزگە مەڭگۈ ئاشۇ خىل روھى ھالەتنى تىلەيمەن!» دېگەنلەرنى يازدى.   بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى بىر يېرىم يىلدىكى تۇنجى قېتىم جاۋاب قايتۇرۇشى ئىدى. ئۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا قىزغا سالامەتلىك تىلەپ، چىسىلا بىلەن «شەھىرى بېيجىڭ»دېگەننى قوشۇپ قويدى.
«بېيجىڭ» دېگەن خەتنى كۆرۈپ قىزنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلاشتى، ھاياجانلاندى. ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. كۆڭلىدە:« ئۇ كەپتۇ، ئۇ راستىنلا كەپتۇ !» دېگەن بىرلا سادا جاراڭلايتتى. ئۇ تۇيغۇسىغا، تۇيغۇسىنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى. ئەينەككە قارىدى، چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوقۇش ئىشلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپلا، شۇ كۈنىنىڭ ئەتىسىنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدى. بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇنلا يېگىتكە بېيجىڭغا بارىدىغانلىقى ھەققىدە خەت يېزىۋەتكەنىدى. يېگىتمۇ كۆڭلىدە بىر كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ خۇددى ھەر كۈنى ئاخشىمى بارلىق «ئەخمەق»لىقلىرىنى، دۆتلۈكلىرىنى ئەسكە ئېلىپ ئۆزىنى بىر قېتىم «ئازابلاش» ئارقىلىق قايتىدىن ئىرادىگە كەلگەندەك، ئۇ قىز بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرۈشكەندىكى سېلىشتۇرما ھالىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم «ئازابلىنىپ» ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتماقچى بولدى ۋە خېتىدە ئۇچرىشىدىغان يەرنىڭمۇ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدى.
يېگىت سىرىتقا چىقىپ باھارنىڭ سەلكىنىنى بويلاپ ماڭغاچ، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدى، نەگىلا قارىسا يۇلتۇزلار بىر خىل ئىدى: يەنى، ئادەملەرنىڭ روھىي ھالىتى كەبىي چوڭ-كىچىك، دېمەك، ھەر خىل ئىدى. نورۇز كۈنلىرى يېقىنلاپ قالغانىدى، ئۇ دەرەخلەرنىڭ بىخ سۈرۈشلىرىگە ئىنچىكىلەپ قاراپ باقتى. ماشىنىلارمۇ سېسىق گازلىرىنى چىقىرىۋېرەتتى، دەرەخلەرمۇ بىخلىرىنى سۈرۈۋېرەتتى.
«كۆرۈشمەيمۇ، يا؟» ئۇ بىردىن شۇنداق ئويلاپ، ئۆزىگە رەددىيە بەردى: «شۇنچە يىراقتىن سەن بىلەن كۆرىشىمەن دەپ كېلىۋاتسا، ئۇنداق قىلساڭ  ئەدەبسىزلىك قىلغان بولىسەن!»
8

قىز ئەينەككە يېنىش-يېنىشلاپ قارىدى. خىجىللىقتىن يۈزلىرى ئوتتەك قىزىرىپ كەتتى. ئۇ «غايىب» بولغان ئۇ يېگىتنى ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، يۈرىكىنى بېسىپ قەتئىي نىيەتكە كەلدى. ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق بىر سوۋغا ئالدى. ئاندىن چىرايلىق ئورۇنۇپ سىرتقا چىقتى.
يېگىت ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئاۋاق، ۋىجىك ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئەقىلگە سىغدۇرالمايتتى. ئۇ يېقىندىن بېرى راستىنلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدا شۇنداق بىر قەتئىي نىيەتمۇ، كەسكىنلىكمۇ بار ئىدىكى، بۇ كەسكىنلىك ھېلىقى قېتىملىق «ئېسيان»دىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزىنى تاپقانىدى. ئۇ   ئۇچرىشىدىغان كافىخانىغا ئالدىن كېلىپ، ئىتالىيە قەھۋەسىنى بۇيرۇپ ژۇرنال كۆرۈشكە باشلىدى. بىر ئاز ساقلىدى.  قىز ئۇنىڭ كەينىدىن كەلدى.  يېگىت كۆرمەي تۇرۇپمۇ بۇنى سەزدى، شۇنداقلا قارىدى، پۈتۈنلەي (بۇ قېتىم قىز يۈزىنى ئورىمىغانىدى) ئورۇنغان بىر قىز سالاپەتلىك قەدەملەر بىلەن سەلكىن شامالدەك يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېنىككىنە سالاملاشتى. قىز قارشى تەرەپتە ئولتۇردى. يېگىتنىڭ ۋۇجۇدى ئىزتىراپتا ئىدى: « رەسىمىدە كىچىك كۆرۈنگەن، خېلى ئېگىزكەن، بۇنداق كېيىنىش ئۇنى ئەجەب سالاپەتلىك ۋە كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان قىلىۋېتىپتۇ؟ مەن ئۇنى بۇنچىلىك بولالايدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن.»
قىز گەپنى يەنە كونا ئىشلاردىن باشلىدى، يېگىتنىڭ ئۆزىنى بىر قېتىملىق ئويلىنىشقا سالغانلىقىدىن باشلىدى. بۇ، يېگىتكە گوياكى بىر تەنقىدتەك بىلىندى، لېكىن قىز سەمىمىي دەۋاتاتتى. قىز شۇنچىلىك جىق سۆزلىدىكى يېگىت ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالدى، ياق، ئۇنىڭغا ئەيمىنىپ قارىيالمايتتى، پەقەت شۇنداق قارىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى. قىز ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، دادىسىنىڭ مىليونىرلىقىنى... نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلىدى. يېگىت ئۇنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبىدىنلا بىلىمدە  ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ياق، ئىلگىرىكى ھالىتى بولسا ھەرگىز بۇنداق ھېس قىلمىغان بولاتتى. ئۇ شۇندىلا ئۆزىدىن شۇ تۇيغۇنى تارتىۋالغان جەمئىيەتكە لەنەتلەرنى ئوقۇدى. ئۇ قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇنى ھامان ئۆزىگە سېلىشتۇراتتى؛ ئاخىردا ئۆزىنى يەنە يارىماسقا چىقىرىشقا باشلايتتى. قىزنىڭ گېپى ئاخىرلاشقۇچىلىك ئۇ نەچچە قېتىم بۇ خىل تۇيغۇدا تاسقالدى؛ تالدى.
- سىزنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىڭىزنى ھېچ نېمىگە تەڭ قىلمايمەن،-دېدى قىز،- بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي...
ئۇ شۇندىلا قىزغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، قىزنىڭ ئاھۇ كۆزلىرى قەتئىي ئىدى. ئۇ «سونىي» ماركىلىق كىتاب كۆرگۈچنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ باقتى:
-    بۇ ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سىز كۆرەمسىز؟ خەنزۇچە سەۋىيىڭىزمۇ خېلى ئۈستۈن سىزنىڭ...- دېدى يېگىت. قىز جىلمىيىپ قويدى:
-مەن ئاشۇ بىر قېتىملىق ئويلىنىشتىن كېيىن ھەممىنى ئۆگەندىم...ئەڭ مۇھىمى، داداملار مەندىن تولىمۇ خۇرسەن، مەن ماشىنامنىمۇ سېتىۋەتتىم (پۇلىنى ئىئانە قىلىۋەتتىم دېگەننى دېمىدى)، مېنىڭ ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھېچ نەرسە ئەمەسكەن، مەن يالغۇز قىز، ئىلگىرىمۇ ئاتا-ئانام نېمىنى خالىسام شۇنى قىلىپ بېرەتتى، لېكىن مەن ھازىر تامامەن باشقا بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمەنكى، ئۇ مەن ئىلگىرى ياشىغان داچا، ماشىنا، ئېسىل زىبۇ –زىننەتلەر، كرېسلو...يەنە ئاللىنېمىلەر تولغان ماددىي دۇنيادىن نەچچە مىليون ھەسسە ئۈستۈن... ئۇلار مەندىن تولىمۇ رازى، ئۇلارنىڭ پەقەت بىرلا ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ كېيىنلىك بەختىم...
قىز يېگىتكە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى، ئۈچ يىل بۇرۇن بولغان بولسا چوقۇم ئىپادىلىيەلىگەن بولاتتى؛ ھەم ئىپادىلىيەلىگەنىدى. مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك قەلبىنى قانداق بىلدۈرىدۇ؟
-سىز ھەر جەھەتتە كامالەتكە يېتىپسىز،-دېدى يېگىت،-سىزگە ھەرقانداق بىر يېگىت جېنىنى بېرەلەيدۇ...سىزنى بەختلىك قىلىدىغانلار چوقۇم جىق...
-لېكىن...-قىز، شۇندىلا ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. « لېكىن مېنىڭ سىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆردىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ بىلەمسىز؟؟؟ » دېگۈسى بار  ئىدى، نومۇس كۈچىدىن ئۇنى يۇتۇۋەتتى.
لېكىن ئەنە شۇ «لېكىن...»دېگەن سۆزمۇ يېگىتنى ئويلاندۇرۇپ قويدى: « ئەجىبا ئۇ مېنى راستىنلا ياخشى كۆرەمدىكىن؟ ئاھ، پەرۋەردىگار، مەن ئاللىبۇرۇنلا پەقەت پەرۋەردىگار بىلەن ئىنسان، ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىلا مۇھەببەت بولىدۇ، باشقا يەردە بولمايدۇ دەپ يەكۈن چىقىرىپ بولغان ئىدىمغۇ؟» ئۇ قىزنىڭ بارلىق خەتلىرىنى ئەسلىدى، ئۇنى ئوقۇپ بولۇش ئۈچۈن ئون كېچە-كۈندۈز كەتكەن ئىدى. ئالدىدىكى قىزغا قارىدى، قىزنىڭ گۈزەللىكى، بىلىمىنىڭ ئۆزىلا ئۇنى پەرىشتىلەر قاتارىغا كۆتۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ماددىي ئىمتىيازىمۇ ئۈستۈن ئىدى.  «بۇ بىر تېتىقسىزلىق، بۇ بىر تېتىقسىزلىق !  مېنى، مۇشۇ ئاۋاق بىر ۋۇجۇدنى مۇشۇنداق سالاپەتلىك، بىلىملىك بىر قىز ياخشى كۆرەرمىش...» دەپ ئويلىدى يېگىت، ئۇ ئارقىدىن كۆڭلىدە مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
-مەن، نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى تۇيۇپ تۇرۇپتىمەن،-دەپ سۆز باشلىدى يېگىت.
ئۇ بىر باشتىن سۆزلەيتتى. قىزغا ئۆزىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولاتتى. ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق، خۇددى قىزغا ئوخشاش بىر قېتىملىق ئويلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلىرىنىڭ چورتلا يوقلىقىنى، بىلىمىنىڭمۇ تايىنلىقلا ئىكەنلىكىنى چوڭ دەستەك قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا قىز كۆڭلىدە:« ئۇلار ماڭا نېمە؟ ئۇلار ماڭا زادى نېمە ؟!» دەۋاتاتتى. يېگىت كۆڭلىنى قىزغا تۆكتى، ئاخىرىغا كەلگەندە قىزنىڭ ئۆكسۈشلىرى پەريادقا ئايلاندى. قاتتىق يىغلاپ تاشلىدى! يېگىت ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىنى ئاران باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى پەمىلەپ بوش ئاۋازدا «خوش! بەختلىك بولۇڭ!»دەپلا چىقىپ كەتتى. قىز ئۇنىڭ«خوش!» دېگەن بوش ئاۋازىنىلا ئاڭقىرالىدى؛ «بەختلىك بولۇڭ» دېگەن گېپى ئۇنىڭ قۇلۇقىغا كىرمىدى. ئۇ ياشلىرى تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆزىنى ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان سايىغا تىكتى. بىردىن ئۇنىڭ كۆز ئالدى روشەنلەشتى: سونىي ماركىلىق  كىتاب كۆرگۈچ ئىستاكاننىڭ ئالدىدا تۇراتتى!...
«توپتوغرا ئۈچ يىل، بۇ قىز دەل ئۈچ يىل بۇرۇن نورۇزدا خەت يازغانىدى» دەپ خىيال سۈردى يېگىت كېتىۋېتىپ. ئۇ ئەتراپقا قارىدى، نورۇز كۈنلىرى بولغاچقىمۇ كۈن تولىمۇ ئىللىق ئىدى. ئۇ قېنىپ بىر نەپەس ئالدى. تۈنۈگۈنكى بىخنى يەنە كۆزەتتى. ئۇنىڭ ئازراق ئۇزىراپ قالغانىلىقىنى تۇيدى.
قىز ئۇ كەتكەندىن كېيىن بىر پەس تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ يېگىتتىن ئاغرىنمىدى، جەمئىيەت، رەزىل جەمئىيەت ئۇنى شۇنداق قىلىۋەتكەنىدى. ئاندىن ئۇ قەتئىي قارارغا كەلدى، ۋەتەنگە قايتا يېنىپ كەلمەسلىك نىيىتىدە كاناداغا ئۇچۇپ كەتتى !...

خاتىمە

يېگىت كىچىك بىر دۇكان ئېچىۋالغان ئىدى، ئۇ بۈگۈن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلدى. ئۇ سودا قىلغاچ قەلبىگە بىر تۈپ كۆچەت تىكىۋاتاتتى. ئۇ كۆچەت تۇتتى، كۆكلىدى، باراقسان بولدى. ئۇ خېرىدارلارغا كۈلۈمسېرەپ باقاتتى. ئۇ بۈگۈن ئۈچ يۈز كوي تاپتى. ئۇ ئىلگىرى بۇنداق پۇلنى جىق كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۈگۈنكىسىنىڭ مېھرىنىڭ باشقىچىلا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تەمى ئالدىدا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ بىكار ئىكەنلكىنى ھېس قىلدى.  
ئۆيىگە كەچ سائەت سەككىزلەردە يېنىپ كىردى. ئۇنىڭ كىتاب كۆرۈشىگە  يەنە تۆت سائەت ۋاقىت بار ئىدى. قازناققا كىرىپ كۆرمىگىلى بىر نەچچە يىل بولغان قېلىن كۆن مۇقاۋىلىق كىتابلىرىنى قولىغا ئېلىپ، يەڭلىرى بىلەن سۈرتتى. بۇرۇنقى قول يازمىلىرىنى ۋاراقلىدى. مەلۇم بىر كىتابنى ئاچىقىپ، سائەت ئون ئىككىلەرگىچە كۆردى. بۈگۈنكى سودا ئۇنى خېلى چارچاتقان ئىدى. ئۇ مۈگدەشكە باشلىدى. چارچىغاندىن كېيىنكى ئۇخلاشنىڭ ئەڭ لەززەتلىك ئۇخلاش ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان بولدى. ئۇ دۇرۇد ئوقۇپ تاتلىق ئۇخلاپ كەتتى. نۇرغۇن چۈشلەرنى كۆردى، ئۇ بۇ قېتىم ئانىسىنى ئەمەس بەلكى سىڭلىسىنى كۆردى: سىڭلىسى بىلەن ئىككىسى كىچىك ۋاقتىدا ئىمىش، سىڭلىسى ئۇنىڭ يېڭىنى تارتقۇشلاپ: «ئاكا، ئاكا، مېنى بازارغا ئاپىرىسەن-ھە! ماڭا كىتاب ئېلىپ بېرىسەن-ھە!» دەۋاتقانمىش، ئۇنىڭ تىللىرى شۇنداق چۈچۈك ئىمىش، ئۇ سىڭلىسىغا: « بولىدۇ، ئۇكام، بۈگۈن بازارغا جىق كىتاب كەپتۇ، ھەممىسى بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان كىتابلار ئىكەن، مەن ساڭا بىر ئۆي توشقۇچىلىك كىتاب ئېلىپ بېرىمەن،   ھەممە كىتابلىرىمنى ساڭا بېرىمەن، مەن ئەمدى كۆپ كىتاب ئوقۇماي پۇل تاپىمەن، سەن  ھەممە كىتابنى ئوقۇيسەن، ماڭە، ئالدى بىلەن ساڭا ئۆرۈك ئېلىپ بېرەي...»دەپ، سىڭلىسىنى باغقا ئەكىرگەنمىش، «ھېلىقى ئۆرۈك»نىڭ يېنىغا ئەكەلگەنمىش، ئۇ ئۆرۈكلەرنى يىغقانمىش، سىڭلىسى ئۈچكىلەرنى يىغقانمىش، ئىككىسى بىر-بېرىگە بېرىشكەنمىش، ئۇ ئۈچكىلەردىن بىرنى چېقىپ يەي دەۋاتسا سىڭلىسى يۈگرەپ كېلىپ: « ياق ئاكا، ئۇنى يېمە، ئۇ ئاچچىق، ئۇ ئاچچىق! » دەپ ۋارقىرىغانمىش...ئۇخلاۋاتقان يېگىتنىڭ كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ چۈشتى!...ئۇ پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇ-سانالارنى ئوقىدى!...
شۇنىڭدىن كېيىن يېگىتنىڭ ھاياتى تۈپتىن ئۆزگەردى...

2008-يىل 3-ئاپرېل، شەھىرى بېيجىڭ، ۋېيگۇڭسۈن.
[ بۇ يازماafiyfiyتەرپىدىن2009-02-02 17:58دە قايتا تە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاناقۇشئۇۋىسى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-02, 08:48
ھەقىقەت دەل مېنىڭ يۈرىكىمدىدۇر!

«ئەفىيفىي ياغلىق دۇكىنى» سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ! دۇكاندا ماراكەشنىڭ، تۈركىيىنىڭ، ئىتالىيىنىڭ، خاڭجۇنىڭ ياغلىقلىرى سېتىلىدۇ. ئادرېس: ئابلىز سودا سارىيى 1127- دۇكان؛ تېلېفۇن: 13669922322
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-02 16:38 |
سەلكىنلىك
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 37713
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 181 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:(ئەفىيفىي)  ھاياتنىڭ ئىككى تەرىپىدە...

قەلەمىڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن ئاپىرىن !
دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ ، چوڭقۇر مۇھەببەت بار دېيىلسە ، ئۇ چوقۇم ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 16:52 |
erk uzun
لەزىنەئاي
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 29402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 216
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
پۇل : 921 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
قوللاش: 61 نومۇر
ئالقىش: 73 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 345(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشكەن  ....    
armaninkas4
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 17:15 |
afiyfiy
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 27910
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 4416 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
قوللاش: 40 نومۇر
ئالقىش: 98 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەنقىدىي پىكىر بېرىڭە...
ھەقىقەت دەل مېنىڭ يۈرىكىمدىدۇر!

«ئەفىيفىي ياغلىق دۇكىنى» سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ! دۇكاندا ماراكەشنىڭ، تۈركىيىنىڭ، ئىتالىيىنىڭ، خاڭجۇنىڭ ياغلىقلىرى سېتىلىدۇ. ئادرېس: ئابلىز سودا سارىيى 1127- دۇكان؛ تېلېفۇن: 13669922322
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 17:35 |
مۇپەتتىش
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2107
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 42 كىشىلىك
پۇل : 229 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇمۇر
قوللاش: 44 نومۇر
ئالقىش: 51 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ئەسەركەن ........ ئادەم مەلۇم يەرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققاندەك ھىس قىلدىكەن ..............
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 17:37 |
ئەرك
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 89
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 103 كىشىلىك
پۇل : 1003 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
قوللاش: 62 نومۇر
ئالقىش: 130 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 285(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەفىيفىي يازمىڭىزدىن تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم.
izdax.com
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 18:08 |
مەھۋىيە
ئۇ مەن ئەمەس
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 18445
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 783
شۆھرەت: 477 كىشىلىك
پۇل : 11911 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 707 نۇمۇر
قوللاش: 713 نومۇر
ئالقىش: 800 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1609(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاۋال ساقلىۋلاي، ئوقۇپ بولۇپ قايتا ئىنكاس يازىمەن
سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى،
ئالتۇن بېرىپ ئىلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 18:08 |
1983
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 22653
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
پۇل : 412 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
قوللاش: 33 نومۇر
ئالقىش: 33 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىيىن ئۇقاي ساقلاپ قۇيۇپ.....
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 18:32 |
باھارشامىلى0903
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 35019
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 320 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك تەسىرلىككەن بۇ ھىكايە، ئوقۇپ بولغىچە ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن...... كۆزلىرىممۇ تېلىپ،پۇت-قوللۇرۇم ئۇيۇشۇپ كەتتى. رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز.....
مۇھەببەت راستلا دانا كەن. ئاشۇنداق ئەركە نايناق بىر قىزنى چىرايلىق روپاچ قىلىپ تەربىيلەپتۇ.
بىچارە قىز ئۈچ يىل كۆيگەن بولسىمۇ، شۇ يىگىتنى دەپ ئۆز گەرگەن بولسىمۇ ئۇ يىگىت يەنىلا تاشلاپ كىتىپتۇ. بەكلا ئەپسۇسلاندىم.........
ئاللاھ سۆيگۈسى ھەممدىن ئولۇغدۇر. ئاللاھقا ئىتائەتمەن كىشىلەردىلا ئاشۇنداق روھى ئۈستۈنلۈك بولىدۇ.
بىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ قايتا تېپىشىشى ئۈچۈن تىلەك تىلەيمەن.
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى دائىم يوللاپ تۇرغايسىز..... پىششىق قەلىمىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.
ئاسىگۈل ئېزىز

تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا نېمە دەي.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 19:08 |
پەخىركام
يىڭى ھايات  !!!
ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 151
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 5791
شۆھرەت: 9617 كىشىلىك
پۇل : 211411907 سوم
تۆھپە: 4681 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7888 نۇمۇر
قوللاش: 6178 نومۇر
ئالقىش: 7228 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
توردىكى ۋاقتى : 1740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسەردە ئوغۇل بالىنى بەك يۈكسەكلەشتۈرۋەتتىمۇ قانداق ؟ ياكى رىئال شەخىسمۇ ؟
http://www.agranum.cn/bbs
ئۆتمۈش ...كەلگۈسىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس !!!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 19:14 |
afiyfiy
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 27910
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
پۇل : 4416 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
قوللاش: 40 نومۇر
ئالقىش: 98 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

asarda kiz yuksaklaxturuldi
http://www.agranum.cn/bbs
ھەقىقەت دەل مېنىڭ يۈرىكىمدىدۇر!

«ئەفىيفىي ياغلىق دۇكىنى» سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ! دۇكاندا ماراكەشنىڭ، تۈركىيىنىڭ، ئىتالىيىنىڭ، خاڭجۇنىڭ ياغلىقلىرى سېتىلىدۇ. ئادرېس: ئابلىز سودا سارىيى 1127- دۇكان؛ تېلېفۇن: 13669922322
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 19:28 |
پەخىركام
يىڭى ھايات  !!!
ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 151
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 5791
شۆھرەت: 9617 كىشىلىك
پۇل : 211411907 سوم
تۆھپە: 4681 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7888 نۇمۇر
قوللاش: 6178 نومۇر
ئالقىش: 7228 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
توردىكى ۋاقتى : 1740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنە بىر سوئالىمغا جاۋاب بەرمەپسىزغۇ ؟  

مەن ... يىگىتنىڭ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزغا پەرۋا قىپ قويمىغانلىقىنى ...كۆزدە تۇتماقچى ئىدىم ... چۈنكى ئۇ قىز يىگىت ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى ...  ئەمما ئۇ بالا ئانچە  پەرۋا قىلمىدى ...  
ئۆتمۈش ...كەلگۈسىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس !!!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-02 19:36 |
ھېس
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 29462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 43 كىشىلىك
پۇل : 369 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
قوللاش: 42 نومۇر
ئالقىش: 70 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سۇبھانەللا          


ئەجەپ  ئۇ    يىىگىتنىڭ      ھىس   تۇيغۇلىرى   مىنىڭكى   بىلەن   ئوخشايدىكەن    


مۇمكىن    بولسا   پىكىر    ئالماشتۇرساخ        بوپتىكەن    چ چ   512701771

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 01:30 |
halise
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 31355
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
پۇل : 987 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
قوللاش: 7 نومۇر
ئالقىش: 14 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
ئاخىرنى تازا چۈشەنمىدىم.يىگىت تۈپتىن قانداق ئۆزگەردى؟
بۇ رىىئاللىق بولۇپ قالغان بولسا ھىلىقى قىزنى  مەن كانادادا ئۇچىرتىپ قالامتىم تېخى؟!
تولىمۇ ئىچى كۈچلۈك يىگتكەن،جىق ئوي ئويلايدىغان. غورورلۇقكەن.
نىمىشقا ئۇ يا قىزنى ئىلىشنى ئويلىماي يا ۋاز كەچمەي يۈرىيدىغاندۇ؟
قىزغا نىمە دىسەم بولار؟
......قىز ئۇ يىگىتكە بەك ئەقىدە باغلاپتۇ.ئىسلامنى چۈشەنگەندىكىن  بەزى ئىشلاردىن ۋاز كىچىش كېرەك.يۈزىنى ئاللا رازىلقىنى كۆزلەپ يۆگىگەندىن كىيىن  يات يىگىت ئالدىدا ئىچىپ نىمە قىلار؟  قىلغان ياخشى ئەمەللەر يىگىت ئۈچۈن ئەمەس،ئاللا ئۈچۈن بولشى كېرىكتە،گەرچە يىگىت ھەقنى چۈشىنىشكە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ھىدايەتكە باشلىغۇچى ئاللا!بويسۇندىغىنىمىز ئاللا بولغاندىكىن.بۇ ھىكايە ياخشى يىزلىپتۇ،لىكىن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم بىر يەرلىردىن غەش بولۇپ قالدى دىسە؟!
ئويلىغىنىم بەلكىم قىز،يىگىتنىڭ   ئىسلامىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنشدۇ؟         
[ بۇ يازماhaliseتەرپىدىن2009-02-03 03:09دە قايتا تەھ ]
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 03:03 |
مەجنۇنيار
تەشۋىقات ئەلچىسى
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 145
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 313
شۆھرەت: 479 كىشىلىك
پۇل : 2839 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
قوللاش: 215 نومۇر
ئالقىش: 307 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچىمۇ قىز يۇكسەكلەشتۇرۇپتۇ. قىزغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. ئوغۇل بولسا بىر خىل خىيالى دۇنيا ئىچىدە ياشايدىكەن. ئۇ تىخىچە ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشغا ئىگە بولالماپتۇ.
بۇ ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى يزىلىپتۇ. ھىكايىنى ئوقۇغاچ ئۆزۇمنىڭ قەلىب دۇنيارىمنى ئاقتۇرۇپ باقتىم. راسىت، بۇ ھىكايە ئادەمنى ئۆزىنىڭ قەلبىگە قول سىلىپ بىقىشقا مەجبۇرلايدىكەن، راستىنلا ياخشى يىزىلىپتۇ.
باھاردىكى تاڭ سىياقى قىلدى مىنى مەپتۇن يار،
تاڭنى كۈتۈپ يار ئىشقىدا مەن ئاتالدىم مەجنۇنيار.
---------------------------------------------------------
مىنىڭ بىلوگىمنى زىيارەت قىلىڭ؛
http://majnunyar.salkin.cn
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-03 11:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە - پوۋسىتلار