يېقىندا داۋوسقا يەر شارىدىكى سىياسىيۇنلار يىغىلغاندا بىرازىلىيىدىكى دېڭىز ساھىلى شەھىرى بىروندا دۇنيا جامائەت مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا جامائەت مۇنبىرى جۇڭگودىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئانچە دىققىتىنى جەلپ قىلمىدى.بۇ قېتىمقى مۇنبەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100مىڭدىن ئارتۇق ئىجدىمائى خىزمەتچى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خادىمى مۇھاكىمە ئىلىپ باردى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا جامائەت مۇنبىرىدە جۇڭگو ئەڭ كەسكىن مۇنازىرە تېمىسى بولغان ئىدى. ئافرىقىدىن كەلگەن ئىجدىمائى خىزمەتچىلەر جۇڭگونى ياۋرۇپادىكى كونا جاھانگىرلارنىڭ كونا ئىزىدا ماڭماقتا،جۇڭگو ئافرىقىدىكى چوڭ كارخانىلارنى سېتىۋىلىپ،ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەتتا ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەرنىمۇ خىزمەتكە ئالمىدى،جۇڭگونىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپا جاھانگىرلىرىدىنمۇ ئىشىپ كەتتى دېيىشتى. ئۇنداقتا جۇڭگو ئافرىقىدا زادى نېمە ئىش قىلدى؟ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو يەر شارىلىشىش دولقۇنىداچوقۇم تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە ھسياتىنى ئويلىشى كېرەك.
3)W_^6>bM (kY0< مەنبە:ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن
[ بۇ يازمامۇھەممەد-2008تەرپىدىن2009-02-02 15:46دە قا ]