
aBF
jaTCRn3|<
Erl@]P4
مەن بۈگۈن يىغلىدىم.راسىت،بىز ئاياللار كۈپىنچە ئشلاردا ئۈزىمىزنى يىغىغا زورلايمىز،شاتلىق ئۈچۈنمۇ يىغلايمىز،تارتقان ئەلەم ھەسرەتلىرىمىز ئۈچۈنمۇ يىغلايمىز.كۆز ياش بەلكىم ئاللا تەئاللا ئىگەمنىڭ بىزنى ھەسرەت_نادامەتتن يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىلتىپات قىلغان خاس سوۋغىسى بولسا كېرەك.مانا بۈگۈنمۇ ھەممە ئشلارنى كۆز يېشىمغا زورلىدۇم.تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىز 3 يىللىق توي خاتىرە كۈنىمىزنى ئۈتكۈزگەن ئىدۇق،شۇ كۈنى ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:«جېنىم خوتۇنۇم،سېنى ئۆز جېنىمدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىمەن،سەندەك كۆيۈمچان خوتۇنۇم بولغانلىغىدىن پەخىرلىنىمەن» دىگەن ئىدى.يەنە تېخى يان تەرىپىگە ئىككمىزنىڭ ئسمىنڭ باش ھەرىپى ئويۇلغان ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكنى قولۇمغا سېلىپ قويغاچ«مەڭگۈلۈك مۇھاببتىمىزنىڭ يالدامىسى بولسۇن»دىگەنتى...مەن ھېلىھەم ئاشۇ كۈندىكى تاتلىق تۇيغۇلاردا ئەللەيلىنىپ شىرىن ئەسلىمىلەر ئىچىدە مەسىتخۇش بولۇپ يۈرگەنتىم.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس ، باياتىن ھۇجرا ئۈي ئالدىدىن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ كومپىيوتۇردىن تاسادبىي كۈرۈپ قالغان چ چ پاراڭلىرى مېنى ئىگىز ئاسماندىن پېقىرتىپ تاشلىۋېتىلگەندەك قىلپ قويدى.....ئاھ خۇدا،شۇ خەتلەرنى كۆرۈشتىن بۇرۇن كور بوپ قالسام بولماسمىدى،مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن،دوزاققمۇ بىرگە كىرىشكە قەسەم قىلىشقان«ئىشەنچىلىك»ئېرىمنى كىممۇ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلىسۇن...ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئەسلىمگە كەلدىم،ۋاي راسىت ئېسىم قۇرۇسۇن،بۇگۇن قېيناناملار ئۆيگە كەلمەكچىتى ئەمەسمۇ،يۇزۇمدىكى ياش يۇقىنى ئالدىراش-تېنەش سۈرتۈپ ئىشىكنى ئاچتىم،تىنىچ ئەھۋاللىق سوراشقاندىن كېيىن چاي دەملەش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىردىم،كۆزئالدىمدا تېخچە باياتىنقى خەتلەر ...چەينەكنىڭ ئاغزى تۇيۇقسىز يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بوپ كەتتى،ياق،بۇ ئىشنى ھازىرچە چوڭلارغا دىمەي تۇراي،يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئازراق پەسەيگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قېشىغا چقتىم.كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىرگە ئولتۇرۇپ كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلۋېزيە تىياتىرنى كۈردۇق،ئۇمۇ قېينانامنىڭ قايتا-قايتا چاقىرشى بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا كومپىيوتور ئالدىدىن قوپۇپ يېنىمىزغا چىقتى،بىر ئازدىن كېيىن قېيناتام ئىككىسى خىزمەت توغرۇلۇق قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى،مەن كىيىم يۆتكەشنى باھانە قىلىپ ھوجىرغا كىردىمدە ئىشىكنىئىچىدىن تاقىۋالدىم،كومپېيوتور ئۈچۈرۈلمىگەن ئىكەن، چ چ سىمۇ ئۇچۇقكەن، مەن ئۇنىڭ «دوسىتلار» تىزىملىگىدىن بايا غىل_پال كۆرۈپ قالغان«شېرىن»دىگەن ئىسىمنى ئىزلەپ تاپتىم ۋە ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرسىنى ئاچتىم. F,5}3$
شېرىن: كۆڭلۈم بەك يېرىم،ھازىرلا سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار. KbRKPA`
ئۇ : بولماسمىكى،ئاپام-داداملار كەلگەن. KrECAc
شېرىن: ئەمىسە ئۇلارنى يولغا سېلىپ بولۇپ كەلسڭىز بولىدىغۇ.كەچ بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى سىزنى ساقلايمەن. Zfr?(y+3
ئۇ : بۈگۈنچە ئامال يوق،ئەتە ئىدارىغا بېرىپ تېلفۇن قىلاي،كەچلىك تاماقنى بىرگە يەرمىز . /Hc0~D4|x
شېرىن: بالىنى راستىنلا ئالدۇرۋىتەمدۇق، سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز؟ \AR3DDm
ئۇ : ئۆيدە ئايالىم بار، قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دىيىشەيلى. 0xutG/-&N
...................................................... XG6UV('
يەنە داۋاملىق كۆرگىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى،شۇ تاپتا ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە ھىس قلدىم،گويا چۈشۈمدە قارا باسقاندەك ۋە بۇ چۈشۈمدە ئۆلگەندەك ھىسياتقا كەپ قالدىم،تويىمىزدىن تا بۈگۈنگىچەمەن ئۇنىڭدىن بىرەر قېتىممۇ گۇمانلىنىپ باقمىغان،ئۇنىڭ مېنى سۆيىدىغانلغقا شەكسىز ئشىنىپ كەلگەن ئىدىم،ئەپسۇس،ئەپسۇس...يۈزمىڭلىغان ئەپسۇس......... #KSB%
___ نىمە قىلىۋاتىسەن،نىمانداق چىقالمايسەن ئوغىردەك تىمسىقلاپ،ئاپاملار ماڭىمىز دەيدۇ .___چىرايىمغا زورلاپ كۈلكە يۈگۈرتۈپ مېھمانخانغا چىقتىم ، ئۇلارمۇ ھىچنىمىنى سەزمىدى. CV,[x[L#{
___ بۈگۈن بالدۇرراخ ياتايلىچۇ خوتۇن،ئەتە ئەتىگەندە يېرىم يىللق خۇلاسىلەش يىغىنى بارتى.___ دىدى ئۇ چوڭلارنى ئۇزۇتۇپ كىرگەندىن كېين.ئورۇننى سېلىپ چىراقنى ئۈچەردىم ، بۈگۈنچە ئۇنڭغا ھىچنىمە دىمەسلىك قارارىغا كەلدىم،ئەمما بەدەنلىرىم قارارىمغا بويسۇنماستىن جاقىلداپ تىترەپ كېتۋاتاتتى. QeAkuqT'[
___ توڭلاۋاتامسەن؟نىمانداق تىترەيسەن؟مىجەزىڭ يوقمۇ يا؟ ___ ئۇ ئۆرۈلۈپ مېنى قۇچاقلىدى، ھەر قانچە قىلساممۇ فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى توختىتتۋالالمىدىم،ئۇ جىددىلشىپ چىراقنى ياندۇردى، ئۇنى خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈمدەك تىكىلىپ قاراپ كەتتىم،شۇ تاپتا ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ناتۇنۇش بىلىندى،...قەلبىمدىكى غەزەپ بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ ئاخىرى پارتىلاپ چىقتى . dv\oVD
___ شېرىن دىگەن كىم ؟ ___ ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى ۋە لەۋلىرنى چىشلىگىنچە خېلى ئۇزاق زۇۋان سۈرمىدى . b+}*@xhl
___ ھەممىنى بىلىپ بوپسەن _ دە !___ مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاخلاپ بىر نەرسە دىيىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئىدىم،بىراق ئۇ شۇنداق ئىتتك ئىقرار بولدى.جىمجىتلىق ئىچىدە ئۇنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھىچ نەرسە ئاڭلانمايتتى...كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ قۇلاقلىرىم پاڭ بولۇپ قالدى. d3C*]|gQ
u"n~9!G

k}Vu!+c z
.
ئېسىمگە كەلسەم ھۇجردىكى ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا تۇرۇپتۇ،ئۇنىڭ كۆزلىرگە ياش ئالغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇرغانلىغىنى كۆردۈم. __ مېنى قورقۇتما جېنىم،ساڭا ھەممىنى چۈشەندۈرەي__.مېنىڭ شۇ تاپتا ھىچنىمىنى ئاڭلىغۇم كەلمىدى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتم.قانچىلىك ئولتۇرغىنمنى بىلمەيمەن،ياشقا تولغان كۆزلىرىم دەرىزىگە چۈشتى،كۆك يۈزىدە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ ئاي پېتىپ كېتۋاتاتتى،دىمەك تاڭ ئاتقاندى.كىرىپ قارىسام ئۇ كارۋاتقا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.يۈزلىرىمنى چالابۇلا يۇيۇپ ئىدارىگە كەتتم.پۈتۈن بىركۈن ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ئالمىدىم . خىزمەتداشلىرىمنڭ ھەممىسى ئشتىن چۈشۈپ ئشخاندا ئۆزەم يالغۇز قالدىم.ماڭلىيىمنى دەرىزە ئەينىگىگە يېقىپ نۇرسىز كۆزلىرىم بىلەن ئۇزاقلارغا قارىدىم...خىياللىرىم مېنى تۇمانلىق ئۇپۇقلارنىڭ ئۇ تەرپىگە ، ناھايتتى يىراقلارغا ئەپ قاچاتتى...تېلفونۇم ئەنسىز سايرىدى. K31rt-IIt
___ مەن ئىدارەڭنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتىمەن.___ گەپ_سۆز قىلمايلا پەسكە چۈشتۈم.ئۇ ماشىنىسىدا ئولتۇراتتى،مېنى كۆرۈپ چۈشۈپ ماشنىنىڭ ئىشىگىنى ئاچتى،تۇيۇقسىزلا بۇ ماشىنىغا چىققۇم كەلمىدى،بەلكىم ھېلىقى«شېرىن»جانى تالاي رەت مۇشۇ ماشىنىدا،يەنە كېلىپ مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرغاندۇ،كىم بىلىدۇ ئۇئىككىسىنىڭ ماشىنا ئىچىدە نىمە ئىشلارنى قىلىشقننى...مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم. SY
2B\TV
___ ئۇنداق قىلما جېنىم،ئالدىدا ماشىنىغا چىق،بىز ئۆيگە بېرىپ پاراڭلىشايلى.
v4<x 4
___ ئۇ ئۆي ئەمدى مېنىڭ ئەمەس،بىز ئاجىرشىپ كېتەيلى. 86@@j*c(@k
___ ئۆتۈنۈپ قالاي،ماڭا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە پۇرسەت بەرگىن بولامدۇ....__ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كېلىپ مېنى كۆتۈرۈپ دىگىدەك ماشىنىغا ئاچىقتى.يول بويى ئۇنىڭ تېلفونى توختىماي سايرىدى،لېكىن ئۇ ھەممىسىنى بېسىۋەتتى،ئادەتتە مەن ئۇنىڭ تېلفون، ئۇچۇر دىگەندەك نەرسىلىرگە قاراپمۇ قويمايتىم،لېكىن بۈگۈن پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم. f&>Q6 {*]
___ئىشىڭىز بولسا تارتىنماي كېتىۋېرىڭ،بەرىبىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھۆرلۈككە چىقىسىز.__ VuW&CnZ
___ئدارىدىكى مۇراتكەن، ھاراق ئىچەيلى دەپ چاقىردۇ شۇ،شۇڭا ئالمىدىم. __ vi>V6IC4v
ئۆيگىمۇ يېتىپ كەلدۇق،مەن سافادا ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشنى ساخلاپ ئولتۇراتتىم. C31SXQ
___ئۆيدە يىگىدەك بىر نەرسە يوقكەن،مەن پەسكە چۈشۈپ سەن ياخشى كۆرىدىغان توخۇ قوردىقى بۇيرۇتۇپ چىقاي.__ ئۇ شۇنداق دىگىنچە مېنڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن چىقىپ كەتتى.توۋا،مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرۇپمۇ گېلىدىن تاماق ئۆتىدىكىنا بۇ قېلىن بىر نىمىنڭ.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ تېلفونى يەنە سايرىدى،قارىسام تېلفون ئېكرانىدا«مۇرات »دىگەن خەت چىقىپ تۇرۇپتۇ،قايتا_قايتا بىر نەچچە قېتىم ئۇردى.ئارقىدىن قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتتى،بەرىبىر ئۇ ئۆيدە بولمىغاندىكىن ئېچىپ كۆردۈم.«بىلىمەن،مەندىن قېچىپ يۈرۈۋاتىسىز،خاتىرجەم بولۇڭ، مېنىڭ ھەرگىزمۇ بالىنى باھانە قىلىپ ئائىلىڭزنى بۇزۇش نيتىم يوق،سىز بىلىسز مەن ئۇنچىلىك ناچار قىزمۇ ئەمەس،سىزنى كۆرگۈم كېلىپ چىدالمىدىم شۇ،سزگە ئاۋارچىلىق تېپىپ بەرگەن بولسام كەچۇرۈڭ». بېشىم قېيىپ كەتتى. تۇيۇقسىز مېنىڭ بەختىمگە چاڭگال سالغان بۇ بۇزۇقنىڭ كىملىگىنى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ نامىدىن قىسقا ئۇچۇر قايتۇردۇم.«بايا يېنىمد ا ئايالىم بار ئىدى، تېلفوننى شۇڭا ئالالمىدىم.بىز 1سائەتتىن كېيىن يەنئەن يولىدىكى ئىنتىزار چايخانىسىدا كۆرۈشەيلى»توۋا. ئۇ مېنى شۇنچە ۋاقتتىن بۇيان ئالداپ يۈرسىمۇ مەن ئۇنىڭغا ساراڭلاردەك ئىشىنىپ يۈرۈۋېرىپتىمەن،ئۇ ھەتتا تېلفونىغا«شېرىن»نىنىڭ ئىسمىنى«مۇرات»دەپ كىرگۈزۋېلىپ ھەركۈنى مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم سۆزلىشىپ يۈرۈپتۇ...ياش يۇقى يۇزلىرىمنى يۇيۇپ كىيىملىرىمنى يۆتكىدىم،ئانچە_مۇنچە گىرىممۇ قىلۋالدىم،رەقىبىمنىڭ ئالدىدا بىچارە چىراي كۆرۈرۈنسەم بولماس،ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرسام ئۇ بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. Hca)5$yL
___ سىرىتقا چىقامسىز؟__ 7b T5-=.
___ ھىم،مېنى ساخلىماڭ ،ئىشىم تۈگىگەندە سىزنى ئۆزەم ئىزدەيمەن.__ TM':G9n
___ نەگە بارىسىز ،سۆزلىشەيلى دىيىشكەنتۇققۇ؟__مەن گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتىتىم. S?=2GY
G\IH
b
|

T ,gMc
z{^XU"yB
چايخاندا ئادەم كۆپ ئىدى،ئۇ كەلگەنمىدۇ؟ كەلگەن تەغدىردىمۇ بەرىبىر ئۇنى تونۇمايمەن __ دە! كۈتكۈچىنىڭ باشلىشى بىلەن ئايرىمخانلارنىڭ بىرسىگە كىرىپ ئولتۇردۇم .ئۆيدىن چىقىدىغان چاغدا ئۇنى تاپالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ئېرىمنىڭ تېلفونىنى ئېلۋالغان ئىدىم،مۇشۇ تېلفوندا ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم:«مەن 2 __نومۇرلۇق ئايرىمخاندا سىزنى ساخلاۋاتىمەن ».كۆزلىرىم ئىشىكتە،يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك دەھشەتلىك سوقۇپ كېتۋاتاتتى،بۇزۇقچىلىقنى ئۇ ئىككىسى قىلسا مېنىڭ جىددىلىشىپ كەتكىنىم قىزىقتە.ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلىپ ئۇ كىردى، ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى،كۆز ئالدىمدا ئالى مەكتەپتىكى ساۋاغدىشىم، يىل بىر ياتاقتا ياتقان ياتاقدېشىم نۇسرەت تۇراتتى.ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، نۇسرەتنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن،ئالى مەكتەپتىكى چاغدا نۇسرەت بىلەن خېلى ياخشى ئۆتەتتۇق،ئېرىم شۇ چاغدا بىزدىن بىر قارار يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇيتتى،بىز ئالى مەكتەپتىلا مۇھاببەتلەشكەنتۇق،ئۈچىمىز نەچچە قېتىم بىرگە تاماقمۇ يىيىشكەن،تويىمىزدىمۇ ساھىپخانلىق قىلىپ ئىشلىشىپ بەرگەن،ئېرىمنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىغمنمۇ ئوبدان بىلىدۇ،بۇ ئىككىسىنىڭ تېپىشىپ قېلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ....ئويلىغانسېرى كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى.ئۇ چىرايى تامدەك تاتارغان ھالدا ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى. F:M3^I
___ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە تېنۋالغىنىمنڭ پايدىسى يوق،بۈگۈنكى كۈننىڭ ھامىنى بېشىمغا كېلىشىنى بىلەتتىم،بىلىمەن،مەن سېنڭ ئالدىڭدا كەچۈرگىسىز گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، بىر_ئىككى ئېغېز«مېنى كەچۈر»دىگەن گەپ بىلەن گۇناھىمنى يۇيۇپ بولالمايمەن،لېكىن مۇھاببەت بەزىدە ئادەمنى مۇشۇنداق قارغۇ ھەم ئەقىلسىز قىلىپ قويىدىكەن.___ {N;XjV1x
___نومۇس قىلماي مۇھاببەتتن ئېغىز ئېچىپ كەتكنىڭدىن ئۆرگىلەي،ئېيىت...نىمەئۈچۈن ئاللىقاچان تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان بىر ئەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلاشتىڭ؟ئۇنىڭدىن نىمە كۈتتۈڭ ۋە نىمىلەرنى كۈتمەكچى بولۇۋاتىسەن ؟....___قاتتىق غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم،مۇمكىن بولسا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئالدىمدا ئولتۇرغان مۇنۇ پەسنىڭ يۈرىگىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئۇنىڭدىكى ئاتالمىش مۇھاببەت ھۈجەيرىلىرنى قىرىپ تاشلىغۇم كەلدى. GYv2^IB:
__ئۆزەڭمۇ بىلىسەن،مەن ئاتا_ئانامدىن كىچىكلا يىتىم قالغان.چوڭ ئانام تەربىلەپ قاتارغا قوشتى،ئۆيمىزدە3 جان ئادەم بىر چوڭ ئانامنڭ مائاشىغا قاراشلىق بولغاچقا مەن سىلەردەك چىرايلىق كيىنىپ،خالىغىنىمنى يەپ يۈرەلمەيتىم،ھەر قاچان ئۆزەمنى باشقىلاردىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇردىغاندەك ھىس قىلاتتم.___ w
>rglm&
___بىچارە قىياپەتكە كىرۋېلىپ ئىچىمنى ئاغىرتىمەن دىمە،مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى ئاڭلىغىم يوق.__ قوپاللىق بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتم.ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى. G(4:yK0
___خىزمەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىدارىدىكى بىر خىزمەتدېشىم بىلەن يۈرۈ قالدى ،ئۇنىڭ ئاتا_ئانىسى مېنى نامراتكەن، ئائىلە كېلىپ چىقىشىنىڭ تايىنى يوقكەن دەپ بىزنىڭ توي ئىشىمىزغا قارشى تۇردى،كېيىن ئۇ ئۆيدىكىلىرى تونۇشتۇرغان بىرقىز بىلەن توي قىلدى،ئۇنىڭ تويىغا مەنمۇ باردىم،ئاپپاق توي كۆينىگىنى كىيىپ يېقىملىق تەبەسسۇم ئىلكىدە ئولتۇرغان كېلىنچەككە قاراپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىمىزدىكى ئۈستەلگە ياڭزا ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان قىزىل ھاراقنى قىزلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئوغۇرلۇقچە ئىچىۋەتتم،ئاندىن زالدىن يېنىپ چىقىپ يولدا تاكس توستۇم،دەلدەڭشىپ تۇزۇكمۇ تۇرالمىغاچقا قۇرۇق تاكسىلارمۇ توختىمايۋاتاتت .بىر ۋاقىتتا بىر ماشىنا ئالدىمدا توختىدى.مەسلىگىمدە دىققەت قىلمايلا چىقىپتىمەن. f=J#mmHw$
___ نۇسرەتمۇ سىز ؟ قىز بالىمۇ مۇشۇ كەچتە كوچىدا مەس يۈرەمدا! ماشىنغا چىقىڭە، ئۆيىڭىز نەدە؟___مەن يۇمۇلۇپ كېتۋاتقان كۆزلىرىمنى زورلاپ ئېچىپ گەپ قىلۋاتقان كىشىنىڭ كىملىگىنى بىلمەكچى بولدۇم،لېكىن ئۇنىڭ كىملىگىنى ئەسلىيەلمىدىم، ئۆزەممۇ ھەيران،ئادەتتە مېنى ھەممڭلار كەمسۆز دەيتىڭلار،ئۇ كۈنى ھاراقنى تەسىردە ماشىنىغا چىقىپلا دەردىمنى تۆكۈپ كېتىپتىمەن، سۆزلەپ،يىغلاپ ھارغان ۋاختىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن،بىر ۋاقىتلاردا مەسلىگىمدىن يېشىلىپ كۆزۈمنى ئاچسام يېنىمدا سېنڭ يولدۇشۇڭ تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپتۇ. بولغان ئىشلارنى شۇنىڭدىن ئاڭلىدىم. /)y~%0
___ئادرىسىڭىزنى تولۇق دىمەيلا ئۇخلاپ قالدىڭىز ، شۇڭا ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ ئويغىنىشىڭىزنى ساقلاپ ئولتاردىم___ دىدى ئۇ.ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كېتەي دىدىم ۋە ئۆزەم تاكسى توسۇپ كېتەي دەپ ماشىنىدىن چۈشۈۋالدىم.قېرىشقاندەك ئاشۇ كۈنى ماشىنىدا تېلفونۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەتىسى ئۇ باشقىلاردىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ ئىدارەمگە ئەكەپتۇ،مەن ئۇنىڭ ئۇنمىغىنغا قويماي رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تاماققا تەكلىپ قىلدىم....شۇنداق قىلىپ بىز پات_پات كۆرۈشۈپ تۇردىغان بولدۇق ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزەممۇ سەزمەيلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن،ھەر قېتم ساڭا يۈز كېلەلمەيۋاتقانلىغىمنى ئويلىسام ۋىجدانىم ئازاپلىنىپ كېتەتتى، لېكن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، خۇددى سۇغا چۆكۈپ كېتەي دىگەن ئادەم بىرەر تال ياغاچ پارچىسىنى تېپىۋالسا قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇۋالغاندەك مەنمۇ ئۇنڭغا چىڭ ئېسىلۋالدىم،.....مېنى كەچۈر دوستۇم،ساڭا قارا يۈزلۈك قىلدىم،سېنىڭ تۇرمۇش خاتىرجەملىگىڭنى بۇزۇۋەتتىم، ئەسلىدە بىز ئالدىنقى قېتىم ئەمدى كۆرۈشمەيمىز دەپ قەسەم ئىچكەن،كېيىن ھامىلدار بولۇپ قالغىنىمنى بىلدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پات ئارىدا ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يېزىغا بىر يىللىق چېنىقىشقا بارىمەن،شۇڭا مېڭىش ئالدىدا ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۋالاي دىگەن،مەن بىلىمەن مەن ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم بىلەن ئۇ يەنىلا سېنى ياخشى كۆرىدۇ،سەندىن ئايرىلالمايدۇ،ساڭا ۋەدە بېرەي بۇندىن كېيىن مەن تۇرمۇشىڭلاردىن غايىپ بولىمەن،بالىنىڭ ئىشىنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىمەن....___ئۇ گېپنى تۈگىتىپلا يۈزلىرىنى ئالقانلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ يىغلاشقا باشلىدى،شۇ تاپتا گەپ قىلغۇدەك ماغدۇرۇممۇ قالمىغان ئىدى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتم ، كاللام قۇپقۇرۇق،نەگە بېرىشىمنىمۇ بىلمەيمەن، قەدەملىرىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتتىدىكى قىزىلكۆل بويىغا كەلدىم. يۈرۈۋاتقان ۋاختمىزدىمۇ بۇ يەرگە داۋاملىق كېلەتتۇق ، ئاي قاراڭغۇسى ، لېكىن يۇلتۇزلۇق كېچە ئىدى ، مەيىن شامال يەلپۈپ تۇراتتى ، كۆلمۇ جىمجىت ئۇيقۇغا چۆمگەندى. مەن ئىككىمىز تالاي رەت ئولتۇرغان تاش ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردۇم، خىياللرىم ئۆتكەن كۈنلەرگە يۆتكەلدى ، بەخىت مەستانىلىغى ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قەلبىمىزنىڭ ئاتەشلىرىنى تىڭشىغان مىنۇتلار ، يۈرەكلەردە ۋولقان پارتىلاتقان شىرىن سۆيۈشۈشلەر.....نىمە دىگەن غەم_قايغۇسىز ھەم بەخىتلىك ۋاقىتلار ئىدى ئۇ-ھە ! ئۆتكەن كۈنلەر ھەقىقەتەن بىر چۈشكە ئايلانغان ئىدى ، لېكىن ئۇ شۇنداق ساپ ، گۈزەل ۋە شىرىن چۈش! نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق، شۇنداق گۈزەل ئەستىلىكلەر قانداق بولۇپ بۈگۈنكى پاجىئەگە ئايلىنىپ قالدى؟ .... 88)0Xi|]KP
|g4!Yd

^#%$?w>wI
ZT_ EpT=1
ھالسىرغان قەدەملىرىمنى سۆرەپ مەھەللىگە كەلدىم.بىنا ئالدىدا خوشنىمىزنىڭ كىچىك ئوغلى ئويناۋېتىپتىكەن،ئۇنىڭ تېلفونىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئاچىقىپ بېرىشىنى تاپىلاپ كەينىمگە ياندىم.ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى، ئەمدىكى چارە بۇ ئۆيدىن يوقۇلۇش ئىدى.ئاخىرقى قېتىم ئۆيىمىزنىڭ غۇۋا يورۇپ تۇرغان دەرىزىسىگە قارىدىم، ئۇ شۇ تاپتا نىمە قىلۋاتقاندۇ؟ تېلفون ئۇرۇپ مېنى تاپالماي(چايخانىدىكى ۋاقىتتىلا تېلفوننى ئېتىۋەتكەن ئىدىم)جىلى بولۇپ ئولتۇرغاندۇر بەلكىم....يەنە بىر ئاز تۇرسام كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلىغىنى بىلىپ دەرھال كەينىمگە ئۆرۈلدۈم__دە، تاكسىغا ئولتۇرۇپ چوڭ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئىشىكتىن كىرە__كىرمەي ئاپام سوئال دىگەنگە كۆمۈۋەتتى: G m
___ بۇنچە كەچتە ئۆزەڭ يالغۇز كەپسەنغۇ؟ ئېرىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قالمىغانسەن؟ چىرايىڭ بۆلەكچىلا تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟ بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟.......___ گەپ قىلماي بېرىپ ئاپامغا يۆلىنىپ ئولتۇردۇم. بېشىم قىزىپ كۆزلىرىم چىڭقىلىپ تۇراتتى، چىشىمنى چىشلىۋالدىم، كۆزلىرىمدىن ئختىيارسىز ياشلىرىم تۆكۈلدى.قەلبىمدىكى تۈگىمەس ئازاپلار مەڭزىمنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىم بىلەن يۇيۇلاتتى....ئاپامنىڭ بارلىق سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ يۇگۈرۈپ چڭققانچە كېچە قاراڭغۇلىغى ھۆكۈم سۈرگەن ھوجرامغا كىردىم. بۇ رىياللىقنى تەن ئېلىش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كېلۋاتاتتى. كۆزلىرىمنى ئويۇپ، ۋۇجۇدۇمنى چوغدەك زىخلار بىلەن داغلاپ،گۆشلىرىمنى قىيما__چىيما قىلىپ توغرىسىمۇ ئۇنىڭ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغىنىدەك ئازاپلانماس ئىدىم........ Jp5~iC2d
ئەي خۇدا ! ...ئىنسانلارغا بەرگەن سەۋىر__تاقىتىڭ نىمىدىگەن چەكسىز__ھە ! P RX:*0
xb_35'$M

^X0<ZI
&g@?{5FP ئاخشام قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن . كۆزۈمنى ئاچسام كۈن يورۇپ كېتىپتۇ. كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى، كاللاممۇ ئىشلىمەيتتى، ۋۇجۇدۇم قىزىق بىر ھارارەت ئىچىدە كۆيەتتى. ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ ئىشقا ماڭدىم. "W:'cIw
____ مۇشۇنداق مىجەزىڭ يوق تۇرۇپ يەنە ئىشقا بارامسەن؟ ئىدارىغا تېلفون ئۇرۇپ قويساڭ بولمامدۇ؟ سەن بىرەر كۈن بولمىغانغا ئىدارەڭدە ئىش توختاپ قالامتى؟____ ئاپام سۆزلىگىنىچە كېلىپ ئالدىمنى توستى. شۇنداق، مەن بولسام__بولمىسام قۇياش يەنىلا ئۆز ئوبىتىسىدا ئايلىنىۋېرىدۇ، لېكىن مەن چوقۇم رىياللىققا يۈزلىنىشىم كېرەك، بۇنداق مۆكۈپ يۈرۈش بىلەن ھىچ ئىش ھەل بولمايدۇ___دە! تەلىيىمگە بۈگۈن ئىشخانىدا تۈزۈك ئىش يوق ئىكەن. چ چ رمنى ئاچتىم . ئۇ ماڭا بىر مۇنچە سۆز قالدۇرۇپ قويۇپتۇ..___ مەن سېنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن جېنىم، سەندىن ئايرىلىشنى زادىلا ئويلاپ باقمىدىم. بىلىمەن ، مەن ئالدىڭدا ئېغىر گۇناھكار، مۇھاببىتىمىزگە خىيانەت قىلغانلىغىم ئۈچۈن ئالدىڭدا ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىم، مەن سېنىڭ غۇرۇرۇڭ بىلەن ئويناشتىم، مۇھابىبتىڭنى يەرگە ئۇردۇم، مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە مەن تۇرمۇشتا ناھايتتى چوڭ بىر نەرسىنى قولدىن چىقىرىپ قويغانلىغىمنى سەزدىم ، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ئوغۇرلاتقان مۇھاببىتىمىز. نۇسرەت بالىنىڭ ئىشىنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالدى، مېنىڭ ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىشىمغىمۇ قوشۇلمىدى، ئۇ ئىشلارمۇ ئاخىرلاشتى، مېنىڭ بۇلارنى دىيىشىم ھەرگىزمۇ جىنايەتتىن ئۆزەمنى ئاخلىغىنىم ئەمەس، مەيلى مەن نىمىلا دىمەي ھىچقايسسى مېنڭ گۇناھسىزلىغىمغا دەللل بولالمايدۇ، ماڭا بىر پۇرسەت بېرىشىڭنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن___. مەن ئۇ يازغان خەتلەرگە قاراپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتىم، قەلبىمدىكى غەزەپ شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدىكى ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇنى نەزىرىمدىكى گۇناھلىرىدىن خالاس قىلىشنىڭ ئورنىغا ، پۈتۈنلەي گۇناھقا مەھكۇم قىلاتتى. يەر يۈزىدە ياخشى كۆرۈش دىگەن سۆزنىڭ دەل مەنىسى بىلەن ياخشى كۆرىدىغان،پۈتۈن جان ۋە تەن بىلەن سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان نىمە بار؟.....ماڭا تۇرمۇشنى، ئەڭ ساپ ۋە ئېسىل ھىسياتلارنى شۇ مۇھاببەت بەخىش ئەتكەندى، مەن كۈتكەن پۈتۈن ئارزۇلىرىمنى ئۇنىڭدىن تاپتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن خاتالىشىپتىمەن..... ناھايتتى چوڭ ئالدىنىپتىمەن...... 860sj
t]"3vE>

U4zyhj
b\VY)=U
ئىككى كۈندىن بېرى يامغۇر توختىماي ياغماقتا، تاشقىرغا چىقالماي دەرىزىدىن كۆڭۈلسىز مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدىم. دەرەخلەرنىڭ سۇ تامچىلاپ تۇرغان سولغۇن يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرۈان ئاسمان قارا بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان ئىدى. تەبىئەت قارامتۇل تون قىيگەن، پۈتۈن مەۋجۇدات يوشۇرۇن بىر ئاپەت ئىچىدە تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى....... ~c3!,C
____ ھەدە، سىزنى بىرەيلەن چاقىرۋاتىدۇ! ____ خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتكەن سىڭلىم ئىدى. P*R`3Y,
____ كىم ؟ ____ دىدىم دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ. i6(y Bn
____ چىقىپ باقسىڭىز بىلىسىز .____ ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ سىرىتقا چىقتىم، ئوڭۇممۇ__ چۈشۈممۇ دەپ قالدىم، ئۇ ئىشىككە يۆلىنىپ تۇراتتى، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان يېرىمدە قېتىپلا قالدىم. ئۇنىڭ قاراشلىرىدا ھارغىنلىق ۋە ھەسرەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاھ ! بۇ تونۇش چىراينى ئاجىرىشىپ كەتكەندىن بۇيان كۆرمىگىنىمگە توپتوغرا 4 ئاي بوپتۇ. ئۆزەمنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى كۈتتۈم. *]O[ZjyOY
____ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ____ دىدى ئۇ بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن سالماق سۆزلەپ، ____ نىمىلا بولمىسۇن ساڭا دەپ قويۇشنى توغرا تاپتىم ، مەن ئەتە بۇ يەردىن ئايرىلىمەن، ئاكام بىلەن تۈركىيەگە چىقىپ سودا قىلماقچى بولۇۋاتىمىز ، ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن سەندىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايمەن، سېنى قىينىغان، كۆڭلۈڭگە ئازار بەرگەن ئادەم ئەمدى كۆز ئالدىڭدىن غايىپ بولىدۇ، سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ۋاقىت ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىمدۇر، ساڭا كۆپ قەرىزدارمەن، سېنىڭمۇ بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ خوشال ياشىشىڭنى ئۈمۇت قىلىمەن.____ كۆزلىرىمدىكى چوڭقۇر ھەسرەت مەلۇم بولۇپ قالمىسۇن دەپ باشقا ياققا قارىۋېلىشقا تىرىشتىم. ئۇ چۈشىنىكسىز بىر خىل كۈلۈمسىرەش بىلەن قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: =1yU&
PJ
____ خۇداغا ئامانەت ، ئۆلمىسەك كۆرۈشەرمىز ! ____ دىدى. g;eMsoJG
____ خەيىر_خوش !........ئاق يول تىلەيمەن ! ____ دىدىم ئاستاغىنە.مەن كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم،ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىغۇم، بارلىق كۈچۈم بىلەن ۋاقىرغۇم كېلەتتى....... ماشىننىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازىدىن ئېسىمگە كېلىپ كۆزلىرىمنى ئاچتىم، ئۇ ماشىننىڭ ئەينىگىدىن قوللىرىنى پۇللاڭلاتتى ۋە ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن كۈلۈشكە تىرىشاتتى. بۇ كۆزدىن شۇنى كۆردۈمكى !...... ياق، خاتا ئەمەس.........ئۇ جەزمەن قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە كۆيمەكتە ! جۇدالىق ھەسرىتى ئىچىمنى قورقۇنىچ بىلەن قاپلىدى........كۆزلىرىمدىن ھەسرەتلىك ياشلىرىم تامچىلىدى............. ShHm7+fV
ئاھ ! مېنىڭ قۇرۇماس كۆز يېشىم ! 3MiNJi#=2
e [3sWv ___نەرگىزە