ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
مېھرىئاي
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36296
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
پۇل : 274 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
قوللاش: 10 نومۇر
ئالقىش: 10 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر قىزى غەربىي ئافرىقىدا بىر يىل ( نېگىرىيە، 2007-يىلى)  

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئالتۇن نادىرلىدى .(2009-02-06)
رەسىم:
رەسىم:
    0< !BzG  
                                                             < 1 >   LY7'wONx  
 10- فېۋرال شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودۇرومىدىن ئۇچقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى ھاۋا لېنىيىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئايرۇپىلانى تاكى دۇبەي خەلقئارا ئايرودۇرومىغا يېتىپ كەلگۇچە ئەتراپىمدا خەنزۇلار، ئەرەب ۋە باشقا ئاق تەنلىك كىشىلەر بولغاچقىمىكىن ئۆزەم خۇددى جۇڭگودا ئولتۇرغاندەك ئالدىمدىكى ئېكراندىن ناخشا تاللاپ ئاڭلىغاچ تولىمۇ بەھۇزۇر ئولتۇردۇم. نېگىرىيە پايتەخىت شەھىرى لاگوسقا بارىدىغان ئايرۇپىلانغا ئالماشقاندىن كېيىنلا بىر ئاز جىددىيلىشىپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن كىشىلەرگە سەپسالدىم. ئەمىلىيەتتە بۇ ئادەملەرنىڭ تېرە رەڭگى بىز كىنولاردىن كۆرىدىغان ئامېرىكا نېگىرلىرىدىن خېلى بەكلا قارا ئىدى.ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچ ئەرلىرىمۇ سېرىق،كۆك رەڭلىك نىپىز رەخىتلەردىن كەڭتاشا كىيىملەرنى كىيىۋېلىشقان، ئاياللار ياقىسى تۆۋەن ئويۇلغان پاسۇنلۇق كۆينەكلىرىگە ماس قىلىپ رەخىتلەردىن بېشىغا سەللىدەك ئورىۋېلىشقان ئىدى. كەسىپىنىڭ ئېھتىياجى تۇپەيلىدىن بولۇشىغا كۇلۇمسىرەپ ئەڭ يىنىك قەدەملىرى بىلەن ئايلىنىپ يۇرۇۋاتقان شاكىلات رەڭلىك ئايرۇپىلان خادىمى خانقىزمۇ، ۋەياكى مۇنۇ يېنىمدا ماڭا مىنۇت توختىماي گەپ قىلىۋاتقان شاڭخەيلىك ئايال خىزمەتدىشىممۇ ماڭا ئىنتايىن يات تۇيۇلدى. ئائىلەمدىكىلەر،بولۇپمۇ ئاپام بۇ نامى تاغدىن يىراق ئافرىقا دۆلىتىدە ئىشلەيمەن دىگىنىمگە قەتئىي قوشۇلمىغان، نېگىرىيەدە پۇل ئۇچۇن تۇتقۇن قىلىنغان بەش نەپەر جۇڭگۇلۇق توغرىسىدىكى دۇنياۋى خەۋەر تېلىۋىزور، توردا ئۇچۇپ يۇرۇۋاتقان شۇنداق بىر كۇندە ئىچ-ئچىمدىكى تەۋەككۇلچىلىك،جاپانى يېڭىشكە بولغان (سەل چېكىدىن ئاشقان) بىر ئىشەنچنىڭ تۇرتكىسىدە، شىركەت نېگىرىيەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى مەمۇرىي باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى بىلەن ئىككى يىللىق توختامغا قول قويىۋەتكەن ئىدىم. شۇ تاپتا ئايرۇپىلاندىن چۇشكەندىن كېيىن مېنى نىمە قىسمەتلەر كۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۆزوممۇ بىلمەيتتىم... 5_PD ?lg  
u+N[Cgh  
                                                           < 2 > D n^RZLRhy  
 كالابا شەھىرى دېڭىزغا يېقىن، ئەتراپى ياۋا ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان كىچىكرەك شەھەر بولۇپ،ئاھالە شالاڭ، تۆت قەۋەتلىك بىرلا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن سىرت ھەرقانداق بىنادىن مۇستەسىنا، پاكار-پاكار سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا ئىشىك-دەرىزىمۇ بېكىتىلمىگەن،يول-يوللاردا قىزىل چىراقمۇ يوق ئىپتىدائىيراق بىر ھالدا كۆزگە چېلىقاتتى. مەن ئىشلەيدىغان شىركەت بۇ شەھەردىكى ھۆكۇمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئالاھىدە سودا رايونىغا جايلاشقانكەن. ئادەتتە بۇ رايونغا كىرىپ-چىقىقۇچە بويلىرى قاۋۇل،سۇرلۇك نېگېر ساقچىلار قوراللىرىنى ھەريان پۇلاڭلىتىپ ھەر بىر ماشىنىنى قاتتىق تەكشۇرۇپ چىقاتتى، تا بىز يانچۇقلىرىمىزنى كولىشىپ ئۇلارغا << تېگىشلىك>> رەھمىتىمىزنى بىلدۇرگەندىن كېيىنلا چىرايىدىن كۇلكە ياغدۇرۇپ بىزنى ئۇزىتىپ قالاتتى. شىركەتتە شاڭخەيلىك باش لېدىرنى چۆرىدىگەن ئېنگىلىزچە تەرجىمان، دېرىكتور ياردەمچىسى دىگەندەك بىرنەچچەيلەن، يەنە جوڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن كەلگەن پولات-تۆمۇر تاۋلاش تېخنىكلىرى ۋە يەرلىك قارا ئىشچىلاردىن باشقا ئادەملەرنى ئاز ئۇچراتتىم . ئىشخانا،ياتاقتىكى جاھازلار ئاساسەن پاراخۇت بىلەن جوڭگودىن يۆتكەپ كېلىنگەن، بەزىدە خەنزۇ خىزمەتداشلار ئىشىخانىلار ئارىلاپ يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىشىپ كەتسە ئۆزوم خۇددى جۇڭگودىدەك بىر ھىسسىياتتا بولىمەن ، ئەمما ھاۋارايىدىكى زور پەرق، يەنە گاھىدا پۇتلىرىم ئاستىدا ئۆمىلەپ گاھىدا  تامدىكى پىرەزىدېنت ئابوسانجو نىڭ رەسىمىگە قىلچە قورۇنمايلا چىقىۋالىدىغان ھەر خىل رەڭلىك, مۇشتۇمدىن چوڭراق كېلىدىغان كەسلەنچۇكلەر، تاماق سېۋىتىنى خۇددى قولدا كۆتۇرسە بولمايدىغاندەك بېشىغا قويۇۋېلىپ مىسىلداپ مېڭىپ تاماق توشۇيدىغان كاتىپىم قىز ئەيىرىن، تولغىسا كۆپ ھاللاردا ھىچنىمە چىقمايدىغان سۇ تۇرۇبىلىرى ماڭا يەنىلا ئۆزۇمنىڭ دۇنيانىڭ قەيەرىدە ئىكەنلىكىمنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. giv cq'L  
ئۇرۇمچىدىكى قەھرىتان سوغوق كۇنلەرنىڭ بىرىدە < ئاھ خۇدا، مېنى پەقەت قىش بولمايدىغان جايغا ئېلىپ كەتكىن> دەپ قاقشاپ سالغانمەن. مانا كۆرۇڭ، خۇدا ئىلتىپات قىلىپ مۇرادىمغا يەتكۇزدى بولغاي، چىدىغۇسىز ئىسسسىق بولىدىغان ياز پەسلى ۋە كۇنۇ-تۇن توختىماي شالاقلاپ يامغۇر ياغىدىغان يامغۇر پەسلىدىن ئىبارەت ئىككىلا پەسلى بار بىر قىتئەگە ئەكىلىپ تاشلىدى. نەچچە ئايلاپ ئايىقى ئۇزۇلمەيدىغان گۇلدۇرمامىنىڭ قاتتىقلىىدىن تېلىفۇن، تور سىملىرى كۆيۇپ، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىكى بۇگۇنى بار دەرەخ ئەتىسى غۇلاپ كەتكەن ئەھۋالمۇ كۆرۇلدى. دەسلىپىدە كېچىلىرى ياتاق دەرىزەم تۇۋىدىلا چاراسلاپ يانغان دەھشەتلىك چاقماقتىن قورقۇپ كارۋىتىمنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىشقا تاسلا قالاتتىم. تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىلىرىگەبۇ يەردە باشقىلار قانداق كۆنگەن بولسا مەنمۇ شۇنداق كۆنۇپ قالدىم. hP #>`)aNY  
ئەسلى-ۋەسلىمگە مۇناسىپ ھالدا مېنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى يەنىلا بۇ جايدىكى ئادەملەر بولدى. مەن ئۇچراتقان يەرلىك كىشىلەر  تولىمۇ ساددا، ئەمگەكچان، ئەمما ھەقىقەتەن نامراتكەن.  كۆپ قىسمى ئوقۇمىغان، ئايدا بىزدىن مۇئاش ئالغىلى كەلگەن ئىشچىلار  ئىمزاسىنىمۇ يازالماي جۇڭگولۇق كاسسىر قىزدىن دەككىسىنى يەيتتى. بۇنداق چاغلاردا ئىختىيارسىز ئۇلارغا قاراپ تەسەللىي يۇزىسىدە كۇلۇمسىرەپ قوياتتىم. قورۇنمايدىغانراقلىرى مەندىن نىمە ئۇچۇن مېنىڭ تۇرقۇم، گەپ-سۆزلىرىم باشقا جوڭگۇلۇق ماستېر ( ئىگەم، غوجام دىگەن مەنىدە) لارغا ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى سورىدى. مەن باشقا مىللەت، ئۇيغۇر بولىمەن دىدىم. ئۇلار ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلەشكەن بىلەن بۇ سىز ئۆمرىڭىزدە ئاڭلاپ باقمايدىغان شۇنداق بىر ئېنگىلىز تىلىكى ، دەسلىپىدە بۇلارنىڭ ساپ قەبىلە تىلى بولسا كېرەك دەپتىمەن. ئافرىقا ئېنگىلىزچىسى دەپ ئايرىم ئاتالغۇسى بارلىقى بىكار ئەمەسكەن. خىزمىتىم بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. پولات-تۆمۇر زاۋۇتىدىكى يارىلانغان ئىشچىلار، يەنى بارماقلىرىنى تۆمۇر ئېزىۋەتكەن، ئىككى مىڭ گىرادۇس قىزىتىلغان تۆمۇر سۇيىدە تېرىلىرى كۆيۇپ قالغان يارىدارلار گەپ-سۆزسىز مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەرتىلەتتى.قولىنىڭ بەش بارمىقى ئېغىر يارىلىنىپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان جۇڭگولۇق تېخنىك ئېنگىلىزچىنى بىلمىگەچكە مەن ئامالسىز ئوپىراتسىيە ئۇستىدە بولدۇم. دورىلىرى ئۆلچەمگە يەتمەمدۇ قانداق، مەست قىلىش دورىسىدا تۇزۇك مەست بولمىغان سىچۇەنلىك بۇ ياش جاننى تۆت-بەش بەسىتلىك نېگېر دوختۇر ئاستىغا  بېسىپلا مەجبۇرىي ھالدا بارمىقىنى ھەرىدەپ ئېلىۋەتكەن شۇ كۆرۇنۇش ھىلىمۇ ئون يىل ئۆمرۇمنى قىسقارتىدۇ دەپ قارايمەن. قانغا قاراپ جاق-جاق تىترەپ تەرگە چۆمۇپ تۇرۇپمۇ ۋەزىپەمنى ئاخىرىغىچە ھۇشۇمدىن كەتمەستىن ئورۇندىغانىدىم... sXAXHZ{  
  بوش ۋاقتىنى كومپىيوتىر ئالدىدا ئىسراپ قىلىدۇ دەپ مەندىن رەنجىيدىغان سۆيۇملۇك ئاپام بولسا ئەمدى دادامنىڭ بولدى كۆزۇڭلىنى ئاسراڭلا دىگىنىگىمۇ كۆنمەستىن كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدىكى<گەپ ئاڭلىماس قىزى> بىلەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشنى، تېلىكامىرادا قول پۇلاڭلىتىپ ئامانلىق يەتكۇزۇشلەرنى ئۇگىنىۋالدى. يېرىم يىل تېنچ ئامانلىق ئىچىدە ئۇزۇن دىسە ئۇزۇن، قىسقا دىسە قىسقا قىلىپ تۇگىگەنمۇ بولدى.   FXIQS'  
H}d&>!\}F  
(%".=x-  
                                                        < 3 > N( Cfv3{  
  ئايدا بىرەر قېتىم ئالاھىدە رايوندىن سىرتقا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىقاتتۇق. ماشىنا ئەينەكلىرىنى تېشىدىكىلەر ئىچىنى كۆرەلمەيدىغان قارا رەڭلىك ئەينەكلەرگە ئالماشتۇرۇۋالدۇق. بۇنداق قىلغاندا ماشىنىدا قانداق تەنلىكلەر ( بۇ قارىۋايلار سېرىق تەنلىك جۇڭگۇقلارنىمۇ ئاق تەنلىك دەپ قارايتتى) ئولتۇرغانلىقىمىز كۆرۇنمەيتتى-دە بۇلاڭچىلارنىڭ تويۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىناتتۇق. شىركەتتىكى شوپۇر يىگىتلەر ماشىنا ھەيدەش بىلەن بىرگە يەنە مۇھاپىزەتچىلىك رولىنى ئۆتەيتتى. بۇ يىل دۆلەتتە زوڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۇزۇلىۋاتقاچقىمۇ ياكى ئەسلىدىنلا ۋەزىيەت شۇنداقراقمۇ، ئەتراپىمىزدا قوراللىق ئۇنسۇرلار چەتئەللىكلەرنى گۆرۇگە ئېلىۋالىدىغان، خالىغانچە بۇلايدىغان، ئازراقلا قارشىلىق قىلغانلارنى ئېتىپ تاشلايدىغان ئىشلار كۆپ ئىكەن . ھەر قايسىمىز سىرتقا چىققاندا چوقۇم يانغۇن ۋە پۇل قاپچۇقىدىن شۇ بولىغۇچىلارغا ئاتاپ زاپاس ئېلىىۋالاتتۇق. ئاڭلىشىمچە ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ ئادەمگە چېقىلمايتتى. جۇڭگودىكى قانۇننىڭ مۇكەممەللىگى، ئەۋزەللىكىنى ئۆمرۇمدە تۇنجى قېتىم ھىس قىلىپ قالدىم. نىمىلا دىگەنبىلەن ئاللاھ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى خېلى تېنىچ ماكانغا تەئەللۇت قىلغانكەن.  نېگىرىيە مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ، مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردە بۇنىڭ ئىسپاتى سۇپىتىدە سەل كونىراق بىر نەچچە مەسچىد ، كالا گۆشىدە بىزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇلدا كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان ۋە ياكى كوچا قىرىدىكى داق يەردىلا ناماز ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمانلارنى كۆرگىلى بولاتتى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى يۇرتىمىزدا ناماز كۇن پېتىشقا قاراپ ئوقۇلسا بۇ يەردا كۇن چىقىشقا قاراپ ئوقىلىدىكەن. چۇنكى مۇقەددەس جاي مەككەھ نېگىرىيەنىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدىكەن. =6ojkTk  
M!,WU[mP  
روزا ئېيى كىردى. خەنزۇ خىزمەتداشلىرىم روزا تۇتقىنىمنى چۇشىنەلمەستىن ئۇسسىمىدىڭمۇ، قورسىقىڭ ئاچمىدىمۇ دەپ كۆڭۇل بولۇپ كېتەتتىيۇ ئەمما شاڭخەيدە قول قويغان توختامدىكى باشقىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەتلەش تۇرىگە ئاساسەن ئەمەل قىلدى.  قوشنا شىركەتتىكى لېۋانلىق ياشانغان مويسىپىت ئادىل ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ پەرەنجىلىك خانىمى مېنى داچىسىغا ئىغتارغا چاقىرىشتى. ( چاتاق يېرى بۇ كۇنى روزا تۇتالمىغان ئىدىم. بۇنى ئۇلارغا بىلدۇرۇشكە قەتئىي بولمايتتى، چۇنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەنىگە داغ كەلتۇرۇشتەك ئېغىر گۇناھنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايتتىم. ئاللاھ شۇ كۇندىكى روزا تۇتماي ئىغتار قىلىپ كەتكىنىمنى كەچۇرەرسەن). قوي گۆشى شورپا، ئەرەب ئۇسلۇبىدا ئېتىلگەن پولو، سامبوسا، كوكتات سالا ۋە تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق-تۇرۇم پېچىنىلەر، ھەرەمدىن يېڭى كەلتۇرۇلگەن خومىلار شۇنچىلىك تېتىدىكى، بۇ تاماقلارنى ئون ئايدىن بېرى يىگۇم كەلدى دىگەندىن كۆرە كۆزلىرىمگە سۇرتكۇم كەلدى دىگىنىم مۇۋاپىق بولار (شىركەت ئاشخانىسىدىكى جۇڭگولۇق ئۇستام ماڭا زېرىكمەي ئېتىپ بېرىۋاتقان توخۇم بىلەن ئاق گۇرۇچ تامىقىنى كۆرسەملا ئاشقازىنىم تېشىغا ئۆرۇلەتتى). تاماقتىن كېيىن تارتىنىپ يۇرمەيلا ئاشقان تاماقنى مەن ئېلىپ كېتەي دىدىم. مەزھىپىمىز باشقا بولسىمۇ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمگە خوش بولغان بۇ لېۋانلىق ئاقكۆڭۇللەر قارىماققا ھىچنىمىگە ھاجىتى چۇشمەيدىغاندەك كۆرۇنىدىغان بۇ مەغرۇر تۇرق خانقىزنىڭ بۇ يۇرتتا ئاچ ئىكەنلىگىنى جەزملەشتۇردى بولغاي شۇندىن كېيىن كۇندە دىگۇدەك مەززىلىك، پاكىزە مۇسۇلمانچە تاماقلىرىدىن ماڭا ئايىماي ئەۋەرتىپ تۇردى. Nt/>RCh  
  ھەر يۇرتتا ياخشى-يامانلار بار، گۇزەللىك-سەتلىكلەر بار. بۇ تەرىپى ئوخشاشلىىق دىيىلسە ، مەن بايقىغان بىر پەرق شۇ بولدىكى ئادەملەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى. بەلكىم ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە كىشىلەر دۇنيا ئېقىمىغا ماس ھالدا ئىلغار پىكىرلىرى بىلەن توھپە ياراتقۇچىغا ئايلىنىپ كەتكەندۇ. لېكىن مەن ئۇچراتقان نۇرغۇن نېگىرلاردا يەنىلا ئاق تەنلىكلەرنى خوجايىن ئورنىدا كۆرۇشتەك قۇللۇق ئىدىيىسى مەۋجۇت ئىكەن. كۆز ئالدىمدا يۇز بەرگەن بىر مۇشۇك ۋەقەسىدىن كۆڭلۇم غەش بولغانىدى. ياتاق رايونىمىزدىكى گۇللۇكتە نەچچە يىلدىن بېرى تۆت-بەش مۇشۇك ماكانلىشىپ قالغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە قاپ-قارا، بىر كۆزى قويۇلۇپ كېتىپ قان ئويۇپ قالغان، كۆرۇمسىز بىر مۇشۇك بار ئىدى. بىر ھەپتىدىن بېرى بۇ قورقۇنچلۇق مەخلۇق كېچىسى ياتىقىمنىڭ ئىشىكى ئالدىدا چېكىتتەك قاراپ ئولتۇرىدىغان،كۇندۇزى ئۇيان-بۇيانغا ماڭسام كەينىمدىن قالمايدىغان يامان ئادەتنى چىقىرىۋالدى. ئەسلىدىنلا مۇشۇكتىن قورقاتتىم. بۇ ئىش خۇددى بالادەك ھىچ ھالىمنى قويمىدى.ئايدۇدۇرۇمغا بىرىنى ئۇزۇتۇشقا كېتىۋېتىپ،شوپۇرغا (ئۇنىڭ ئىسمى ساندېي، يەكشەنبە دىگەن مەنىدە) بۇ توغرىدا مۇنداقلا قاخشاپ قويۇپتىمەن. كاتىپ يىگىت فەستېسمۇ بىللە ئىدى. شۇ كېچىسى بىر نەچچە قېتىم ئىشىكىمنى ئېچىپ قارىسام ئۇ مۇشۇك ئاقتىمۇ-كۆكتىمۇ يوق. ئەتىسى مۇشۇك مېنى ئەمەس مەن ئۇنى ئىزدەشكە چۇشتۇم. ئىككى كۇندىن كېيىن جۇڭگولۇق ئاشپەز ئۇنى بىرى ئۆلتۇرۇپ يۇندا ئازگىلىغا تاشلىۋەتكەنلىكىنى دىگەندە قورقۇنچتىن تۇرۇپلا قالدىم. مەن ئۇنىڭ ئۆلۇپ كېتىشى ئەمەس يوقاپ كېتىشىنىمۇ ئويلىمىغان ئىدىم . بۇئىنسانلاردىكى قانداق سادىقلىق ئەمدى...  ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان بىر نەچچە ئىشلار مۇشۇ ئىدى. 4e* rBTl  
   جوسىف ئىسىملىك بىر ئىشچىمىز ئايالى يەڭگىگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئىشقا كېچىككەن، دېرىكتوردىن بويرۇق كېلىپ ئۇنى ئىشخانامغا چاقىردىم -دە، ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى يەتكۇزۇپ قويۇپلا ئالدىراش ئۆز ئىشىمغا بەنت بولدۇم. ئۇنىڭ ئاغزىنى ئومەللىتىپ بىر نەرسىلەرنى دىمەكچى بولغىنىغا ئانچە پەرۋا قىلمىغانىدىم. بىر ئازدىن كېيىن توك كېتىپ ھاۋا تەڭشىگۇچ توختاپ قالدى. نىمانداق توك قىينچىلىقىدۇ دىگىنىمچە دەرىزىنى ئېچىش ئۇچۇن باردىم. چىڭقى چۇش پۇتۇن زىمىن ئوت بولۇپ كويۇۋاتقان، ھەممەيلەن ئىشىخانىلىرىنىڭ دەرىزە پەردىلىرىنىمۇ يېپىۋالغان مۇشۇ دەقىقىدە، دۇنيادا خۇددى شۇ بىرلا ئادەم قالغاندەك بايا ئىشخانامدىن ئېغىر قەدەملىرى بىلەن چىقىپ كەتكەن، قارا چېھرىنى چوڭقۇر قورۇقلار باسقان جوسىف مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بايراق ئاستىدا مۇكچىيىپ ئولتۇراتتى. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا رەسساممۇ تۇرمۇش ئازابىدا بۇنچە چوڭقۇر غەمگە پېتىپ ئولتۇرغان بۇ قەدەر بىچارە بىر  ئىنساننىڭ  ئوبرازىنى يارىتىشقا ئامالسىز ئىدى. ئىختىيارسىز بېشىم چۇشتى. دەرھال پۇل قاپچۇقۇمدا شۇ كۇندىكى بار پۇل مىڭ نارا ( ئاتمىش يۇەن جۇڭگو پۇلىغا تەڭ) نى ئۇنىڭغا چىقارتتىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ رەھمەت ئېيتقىلى كېلىپ، توپا باسقان ياغاچ ساپما كەشى بىلەن ئىشخانامدىكى گىلەمگە دەسسەشتىن قورۇنۇپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرمەسكە سېلىشتىنمۇ بەكرەك مۇنۇ ئۇمچىيىپ يىغلاپ كەتكەن كۇلكىلىك چىرايىمنى كۆرسەتمەسلىك ئۇچۇن دۇمبەمنى قىلىپ ئارخىپ ئىشكاۋىدىن ماتىرىيال ئىزدەۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغانىدىم.. ئىشتىن چۇشۇپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمغا دەرۋازىۋەننىڭ كىچىككىنە ئوغلى-ئۇچ ياشلىق فىرايدېي(خۇددى ھىندىستاننىڭ سەرگەردان فىلىمىدە راج كۆتۇرۇۋالىدىغان يالىڭاچ  قارا بالىنىڭ ئوزى ئىدى) قېشىمغا يۇگۇرۇپ كەلدى. قولۇمدىكى ئىچىپ يېرىمى قالغان كولانى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدىم، قەيەردىن پەيدا بولدى،بەش-ئالتە بالىلار چىۋىن ئولاشقاندەك قۇتىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى.... ئاھ ئافرىقا دەۋەتتىم بوش ئاۋازدا. V^"5cW  
wj5{f5 RWV  
  ئادەملەر دەل ئاشۇ پەرقلىق ئوي-خىياللىرى بىلەن شۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىدىكى، ھىچكىمنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ئىيتالمايتتىم. بىر دۆلەتنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا بولسا ھەرگىزمۇ سالاھىيىتىم توشمايتتى. نېگىرىيە_ ھامان پارقىراپ نۇر چىچىۋاتقان قۇياشى بىلەن، يالىڭاياق يۇگرەپ يۇرگەن سەبىي بالىلىرى بىلەن، ئەمگەك بىلەن تەرلىگەن ئاجايىپ ئىنسانلىرى بىلەن،يەنە مەن بايقىمىغان نۇرغۇن ئوخشاشلىق ۋە خاسلىقلىرى بىلەن ھەقىقەتەن گۇزەلكەن. مەن ئۇچۇن بولسا بۇگۇن يەنە شاڭخەيگە قەدەم قويغان بۇ يالقۇنلۇق مىنۇتتا چاچلىرىمنى سىپاپ ئۆتكەن لەرزان شامال پۇراتقان تونۇش ھىدلار،  ئەڭ ئەزىز كىشىلىرىم ياشاۋاتقان شۇ يۇرت بارلىق گۇزەللىك ياكى بىگۇزەللىكلىرى بىلەن ھەممىدىن يېقىملىق كۆرۇنگۇسى. ئىشىنىڭكى، ئانا ۋەتەندە سىز يامىشىپ چىقالمايدىغان تاغ يوق، سىز يېتىپ بولمايدىغان مەنزىل يوق. ئىرادىڭىز  بىرلە ئوز تۇپرىقىڭىزدا ئەزىزلەنگەيسىز ۋەتەنداش.    (تۇگىدى)  
[ بۇ يازمامېھرىئايتەرپىدىن2009-02-01 22:03دە قايتا ت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرجان
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-31, 14:45
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+50(ئـۇيغۇر) سىز ھازىرمۇ ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-31 22:42 |
    irpan123
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 413
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 92
    شۆھرەت: 74 كىشىلىك
    پۇل : 1674 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
    قوللاش: 75 نومۇر
    ئالقىش: 108 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 423(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئۇيغۇر قىزى غەربىي ئافرىقىدا بىر يىل ( نېگىرىيە، 2007-يىلى)  داۋامى

    مېھرىئاي-ئافرىقىدا
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:52 |
    erk uzun
    ئالتۇن0903
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11849
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 184
    شۆھرەت: 132 كىشىلىك
    پۇل : 1019 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
    قوللاش: 98 نومۇر
    ئالقىش: 173 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز بۇ يازمىنى ئافرىقىدا تۇرۇپ يوللاۋاتامسىز مىھراي .
    armaninkas4
    پەن بىلەن دىن ئارىسىدامۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت يوق.تېنىمىز بىلەن دىلىمىز ئوتتۇرىسىدا ھايات -ماماتلىق تاللاش بىھاجەت،تېخنىكا بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا<<سىەن تۇر،مەن تۇر>>دېگەن تلاشلارنىڭ بۇلۇشى ھاجەتسىز.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:56 |
    ئەكيرەم
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 29954
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    شۆھرەت: 24 كىشىلىك
    پۇل : 291 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    قوللاش: 15 نومۇر
    ئالقىش: 15 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز قاننى كۇرۇپ قوقمىد ڭىزمۇ  شۇنداق ئېشلار مۇبارما ؟ f~ P~%  
    =HHtLW.|,  
       .......ئادەمنىڭ  قورققىسى كېلدىكە .............................. #I}w$j i  
    +. tcEbFL  
    zXaA5rZO  
    .....................       
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:59 |
    turk1010
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 18096
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 84
    شۆھرەت: 17 كىشىلىك
    پۇل : 394 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
    قوللاش: 17 نومۇر
    ئالقىش: 17 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     مېھرىئاينىڭ باش يازمىسىغا ئىنكاس

    سىز  ھازىرمۇ  ئافرىقىدىمۇ ؟ ئۇ يەردىكى  ئىشلىرىڭىز  قانداقراق ؟
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:02 |
    تۇغرۇل
    ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ !
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 18964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1463
    شۆھرەت: 1263 كىشىلىك
    پۇل : 4242 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1415 نۇمۇر
    قوللاش: 1591 نومۇر
    ئالقىش: 2087 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 659(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزىنىڭ مۇبارەك قەدىمىمىز ئافرىقىنىڭ گۈزەل ھەم ھەر خىل ھايۋاناتلار بىلەن تولغان ، ئىنسانلارنىڭ بۇ قەدىمىي يۇرتىغا تىگىپتۇ ، بۇنى تەبرىكلەيمەن . kJ"}JRA<  
    مىنىڭمۇ شۇنداق بارغۇم بار بۇ تىرۇپىك قىتئەسىگە !!!
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،      
    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.  
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:04 |
    sardar.jalal
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21531
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 382
    شۆھرەت: 292 كىشىلىك
    پۇل : 1488 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 344 نۇمۇر
    قوللاش: 307 نومۇر
    ئالقىش: 438 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامىچۇ ؟
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:06 |
    سەمىر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 188 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇتېمىدىكى گەپلەر راس سىزنېڭ بىشڭېزدىن ئۆتكەن ما ~!!!!  ئافرىقا كانداراك تۇ مىنېڭ بىلگىم كىلېۋاتىدۇ~!~!~!
    رىيا تەقۋا بىلەن قۇزغۇن، گۇلشەن ئارا قىلار غۇلغۇن...
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:09 |
    manzil
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24784
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: 59 كىشىلىك
    پۇل : 583 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 51 نۇمۇر
    قوللاش: 51 نومۇر
    ئالقىش: 41 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز ھىلىھەم ئافرىقىدىمۇ ؟ /vAA]n8  
    مىنىڭغۇ بەك بارغۇم بار ئافرىقىغا  .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:12 |
    كۇلكەڭ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32781
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 140
    شۆھرەت: -4 كىشىلىك
    پۇل : 330 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: -4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 192(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئافرىقا بەك گۇزەل مۇ
    http://www.agranum.cn/bbs
    مىنىڭ خۇشاللىقىم~!~~!!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:13 |
    مېھرىئاي
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36296
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 20
    شۆھرەت: 1 كىشىلىك
    پۇل : 274 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېرپان ماقالىگە يېڭى ھەم ئىخچام تېمىدىن بىرنى قويۇپ بېرىپتۇ.  
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:15 |
    ئەلكۇنجان
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29489
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    شۆھرەت: 150 كىشىلىك
    پۇل : 861 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 146 نۇمۇر
    قوللاش: 154 نومۇر
    ئالقىش: 151 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 482(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت مېھرىئاي ! تېمىڭىزنى ئوقۇپ نىگىريەگە بىرىپ كەلگەندەك بولدۇم ! a29rD$  
    ھەممىدىن شۇيەردىكى نامراتچىلىققا ئىچىم سىرىلدى ، ئەمما سىزنىڭ ئۇلارغا قولىڭىزدىن كىلىشىچە قىلغان ياخشىلىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم !
    [ بۇ يازمائەلكۇنجانتەرپىدىن2009-02-02 02:12دە قايتا ]
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:17 |
    سوكمەن
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 37170
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 133 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزگە ئۇتۇق تڭليمەن،ۇيەىۇرۇم راۋاجتاپ.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:19 |
    ئەلتۈزەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    پۇل : 282 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    قوللاش: 16 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 42(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھارمىغايسىز
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:24 |
    مۇھەممەدنادىر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13522
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 319
    شۆھرەت: 429 كىشىلىك
    پۇل : 2011 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 333 نۇمۇر
    قوللاش: 311 نومۇر
    ئالقىش: 388 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىكۇلكەڭنىڭ2009-01-31 23:13دە يوللىغان يازمىسى  : gfY1:0  
    ئافرىقا بەك گۇزەل مۇ 44p?x8(z*  
    EO: VH  
    مېنىڭچەشۇنداق
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 23:36 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر