mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
بۇ بەتتىكى تېما:ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بىلەن سۆھبەت ( قەلىب ساداسى 2- سان ) IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 4895 قېتىم كۆرۈلدى
سەلكىن
سەلكىن تورى ، ئالغا!!!
ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 32
يازما سانى : 190
شۆھرەت: 17761 كىشىلىك
پۇل : 56554423 سوم
تۆھپە: 1012 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1076 نۇمۇر
قوللاش: 596 نومۇر
ئالقىش: 1273 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 1674(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بىلەن سۆھبەت ( قەلىب ساداسى 2- سان )

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەلقۇت نادىرلىدى .(2009-01-31)
رەسىم:
   ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم تورداشلار ، سەلكىن تور بېكىتى « قەلىب ساداسى » پروگراممىسىنىڭ 2- سانىنى كۆرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز ! |1i]L@&  
  سەلكىن تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش ، جەمىيىتىمىزدىكى داڭلىق شەخسلەر ، ئىلىم ئىگىلىرى ، ئىقتىساسلىق كىشىلەر ۋە جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ، سۆھبەت خاراكتىرىدىكى « قەلىب ساداسى » پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق ، بۇ پروگرامما ئىنتىرنېت تورىنىڭ ۋاقىت ، ئورۇن ۋە بوشلۇق چەكلىمىسى ئاز بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ، جەمىيەت كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر ، دوكتۇر ، ئالىملار، داڭلىق شەخسلەر ، باشقىلارغا يول كۆرسىتىش ، ئۈلگە بولۇش ، مەسلىھەت بېرىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە شەخس ۋە ئىش - پائالىيەتلەرنى نوقتىلىق ھالدا تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ ، تور ئارقىلىق تورداشلىرىمىز، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى توغرا يول ، ئىلغار ئىدىيىلەر بىلەن يىتەكلەش ۋە ئۇچراشتۇرۇشنى ئاساسى نىشان قىلغان ،.كەڭ تورداشلارنىڭ خىزمىتىمىزنى يېقىندىن قوللىشىنى ، بۇ پروگراممىغا تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بىرىپ ، بىز بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز . ;24'f-Eri  
s@ z{dmL  
بۇ قېتىمقى پروگراممىمىزنى يېقىندىن قوللىغان<< شىنجاڭ گۈليۈرەك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى>> ، <<شىنجاڭ گۈللەن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى>> ، <<مۇنتاژ مىدىيا تېخنىكا تورى>>،« چىن ماچىن ستۇدىيىسى » ، <<پەرىزە گىرىم قىلىش،ھۆسىن تۈزەش مەركىزى>> قاتارلىق ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز . KJ pj  
1XGG.+D  
تۆۋەندە «قەلىب ساداسى » پروگراممىسىنىڭ 2- سانىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. )"F5lOA6  
" SLvUzO>q  
بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان : eB7>t@ED  
ئاتاقلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ، شائېر ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى .
:Dt\:`(r'  
تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ سىنئالغۇ فىلىمى : []r T? -  
/_HwifRQ  
سەلكىن تورى مۇلازىمىتىرىدىن كۆرۈش ;n` $+g:>  
1- سان : w'|&5cS  
:;q>31:h  
?LR"hZ>  
jjX'_E  
1- ساننى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ . rQn{L{  
http://salkin.cn/kalipsadasi/2-san/A.wmv t1 8UDR{  
;FcExg|k  
7F=2t_2O  
2- سان : 'xQna+%h  
iwB8I^  
>6XDX=JVI  
g)X7FxS,z  
2- ساننى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ . y#&$ f  
http://salkin.cn/kalipsadasi/2-san/B.wmv
O<4Q$|=&?  
سوخۇ تورى مۇلازىمىتىرىدىن كۆرۈش 1!X1wCT  
1- بۆلەك : kV_#9z7%  
S^|$23}  
Xg,0/P~  
2- بۆلەك : MRjH40" 2  
S@9w'upd  
hyJ ded&D  
56 تورى مۇلازىمىتىرىدن كۆرۈش ,2RC|h^O,  
1- بۆلەك : umZlIH[7  
N-X VRuv  
wEBtr e7  
2- بۆلەك : "kcpA#uD|  
BPwI8\V  
NS7@8 #C  
$?[1#%  
's$A+8;L  
c_@XQ&DC`  
تۆۋەندىكىسى مەزكۇر سۆھبەتنىڭ يازما خاتىرىسى :
{z.[tvE8h  
LN@lrC7X  
قەلىپ ساداسى 2- سان
@PT`CK}  
بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە
8W19#?7>B  
x?%rx}h  
 رىياسەتچى : ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ، سەلكىن تور بېكىتى " قەلىب ساداسى " پروگراممىسىنىڭ ئىكىنچى سانى ئارقىلىق سىلەر بىلەن يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ، مەن بۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى پەرىدە ئەنىۋەر بولىمەن . IW5*9)N?  
بالىلار ئەدەبىياتى بالىلارنى تەربىيىلەش ، توغرا بولغان دۇنيا قارىشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يىتىلدۈرۈش ۋە يىتەكلەشتە ئىنتايىن زور رول ئوينايدۇ ، ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئەقىللىق ۋە ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشنى ئويلىسىمۇ، لىكىن كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەشتىكى رولىنى تازا تونۇپ يەتمەيدۇ ، بىز بۇ قېتىمقى پروگراممىمىزدا كۆپچىلىكنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاتاقلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ، شائېر، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنى پروگرامىمىزغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدۇق . @/CRIei  
ML=hKwCA  
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەخمەتجان ئاكا. T [T6  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. j~+[uzW98  
رىياسەتچى : ئالدى بىلەن سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،بىزنىڭ سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قەلىپ ساداسى پىروگىرامىمىزغا قاتىنىشىپ،بىر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغىنىڭىزغا تورداشلار نامىدىن،چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. @?  
1-ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولسىمۇ،لىكىن بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ،مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز يېقىندىن بۇيان ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يىزىلغان كۆپلىگەن بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىغا بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشتىڭىز.سىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە ئىشتىياق باغلىشىڭىزغا نىمە سەۋەپ بولدى؟
u~' m7  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى :  شۇنداق،مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ مۇشۇ ئەدەبىياتقا قىزىقىپ،ئەدەبىيات ئارقىلىق مىللىتىمگە ئاز-تولا خىزمەت قىلسام دەيدىغان بىر گۆدەك ھەۋىسىم بارتى.ئۆزەممۇ قورغاس ناھىيەسىنىڭ خىلۋەت دېھقانچىلىق مەيدانىدا چوڭ بولغان،ئۇ يەرلەردە يازغۇچى-شائىر دىگەنلەر يوق،ئىختىيارى مۇخبىرلار بولىدىغان.شۇ ۋاقىتتا بىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ،شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئاز-تولا ئىگە بولغان.ئۇ بىز باشلانغۇچتا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلار 60-يىللارنىڭ ئاخىرى،70-يىللارنىڭ باشلىرى بولغاچقا،ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ تاپقىلى بولمايدۇ.ئاشۇ ۋاقىتتىكى دەرىسلىكلىرىمىزگە كىرگۈزۈلگەن تىيىپجان ئىلىيوف قاتارلىق بەزى شائىر-يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ،بالىلىق ۋاقتىمدىلا يازغۇچى-شائىر بولسا قانداق بولار،بىرەر ئەسەر يىزىپ چىقساق شائىر بولالامىزمۇ،دەيدىغان گۆدەكلەرچە بىر ھەۋەس پەيدا بولغان.كىيىنكى ۋاقىتلاردا،يەنى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردىلا مەن ئانچە مۇنچە شېئىر،بالىلار قوشاقلىرى،بالىلار مەسەللىرىنى يازغان،ئۇ ۋاقىتتا بالىلار يازغۇچىسى بولىمەن دەيدىغان ھىسىيات بولمىسىمۇ،ئەدەبىياتقا كىرىشىپ قالغان.كىيىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن،ئۇ يەردىكى ئۇستازلارنىڭ تەربىيەلىرى،دەرىسلىرى بىلەن،ئەدەبىياتقا نەزىرىيە جەھەتتىن بىر چۈشەنچە پەيدا بولۇپ،مىنىڭدە مۇشۇ ئەدەبىيات-يازغۇچىلىقتىن ئىبارەت  ئۇلۇغ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىسى تىكلەنگەن.ئەمدى بۇرۇن يازغۇچىلىقنى شان-شەرەپ قازىنىدىغان،مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كۆرسىتىدىغان كەسىپ دەپ قىزىقىپ يۈرۈپتىكەنمىز. بۇنىڭ نەزىريىلىرىنى،ئىجادى،ئەمەلىي يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن،يازغۇچىلىقنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇق.يازغۇچىلىق ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئېغىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.ئەدەبىيات،يازغۇچى-شائىرلىق قانداقتۇر ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىردىغانلا خىزمەت ئەمەس،بۇ دەۋىرنىڭ،مىللەتنىڭ ۋىجدانى ئارقىلىق يەنە شۇ خەلىققە خىزمەت قىلىدىغان ئېغىر،مۇشەققەتلىك خىزمەت دەپ ئويلىدىم.مەن 80-يىللاردىن باشلاپ شېئىرىيەت ۋە باشقا ھەر قايسى ژانىرلىرىدا بىر مەزگىل ئەسەر يىزىش بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن،90-يىللارغا كەلگەن ۋاقتىمدا مۇشۇ تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىلىشلىرىدا،بەزى نەزەرىيىۋى ماقالىلاردا،ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بەزى ئىلتىجالىرىدا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى يەنىلا ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ،بۇنى كۈچەيتىش كېرەك.بۇ بالىلار ئەدەبىياتنىڭ رولى بىر مىللەتنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ،دىگەن چۈشەنچىلەرنى بىلگەندىن كىيىن،80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ،مەنمۇ مۇشۇ ئاجىز بولۇۋاتقان قۇشۇنغا كىرىپ،ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشسام بولىدىكەن،دەيدىغان ھىسىياتقا كىلىپ، مۇشۇ بالىلار ئەدەبىياتىنى قولۇمغا ئېلىپ،بۇ توغۇرلۇق ئىزدەندىم.90-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەن ۋاقىتلاردا ئۆزەمگە خاس يول تۇتۇش ئارقىلىق ،تارىم ژورنىلى ۋە باشقا ژورناللاردا {يالغانچى تۇسۇق}،{چوغلۇق ۋە ئۇنىڭ ئۇيۇنچۇقلىرى}،{كالتە قۇيرۇق چاشقاننىڭ سەرگۈزەشتىللىرى} قاتارلىق بىر يۈرۈش بالىلار چۆچەكلىرىنى يازدىم.مۇشۇ چۆچەكلەرنى يازغاندىن كىيىن،ژورناللاردا قايتا-قايتا ئېلان قىلىندى.ھەم مىنىڭكى ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا ياراتقان ئالاھىدىلىكلىرىم ئىچىدە بالىلارغا يازغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە ياراتقان خاس ئالاھىدىلىكلىرىم كۆپ بولدى.نۇرغۇن ئوبزورچىلار مەسىلەن ئابدۇللا مەتقۇربان،ئەنۋەر ئابدۇرېھىم،بالىلار ئەدەبىياتى نەزىرىيەتچىسى،ئۇستازىمىز تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبزورلىرىدا مىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمنى مۇئەييەنلەشتۈردى.ئۇستاز تۇرسۇن قۇربانمۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان،بالىلار ئەدەبىيات نەزەرىيىسى دىگەن كىتاۋىغا مەخسۇس مىنىڭ چۆچەكلىرىمنى تەھلىل قىلىپ كىرگۈزدى.دەرىسلىكلەرگىمۇ بەزى ئەسەرلىرىم كىرگەندىن كىيىن،مەندە باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى يىزىپ يۈرمەي،بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاز تولا كۈچ چىقارسام بولغۇدەك،مۇشۇ ئاجىز ھالقىنى تاشلىۋەتمىسەم بولغۇدەك دىگەن ئاساستا، مەن 90-يىللاردىن باشلاپ كەينى-كەينىدىن بالىلار ئۈچۈن چۆچەكلەر،بالىلار تېپىشماقلىرى،بالىلار قوشاقلىرى،بالىلار مەسەللىرى بولۇپ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازدىم.بۇرۇنمۇ مىنى گېزىت-ژورناللاردا ھەممە ژانىرغا قول تىققان ئەدىپ،ھەممە ژانىردا ئەسەر يازغان،دەپ تونۇشتۇرغان.ئۆزەممۇ ئويلاپ باقسام ھەممە ژانىرغا قول تىقىۋالساق،يازدۇق دىگەن بىلەنمۇ زېھنى-كۈچ چېچىلىپ كەتكەندىن كىيىن،نورمال بىرخىل ماڭىدىكەنمىز.ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى مەلۇم بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ قوشقان تۆھپىمىزمۇ زور بولىدىكەن،دەپ ئويلاپ، 90-يىللاردىن باشلاپ،بالىلار ئەدەبىياتىدەك ئاجىز بولغان قوشۇنغا كىردىم.بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىيات قوشۇنى ھازىرمۇ ئاجىز ھالقا.كۆپلىگەن يازغۇچىلىرىمىز ياش ۋاقىتلىرىدا بالىلار ئۈچۈن ئۇنى-بۇنى يىزىپ قويۇپ،نامى چىققاندىن كىيىنلا چوڭلارغا ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ مەۋجۇد.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا چوڭلار ئۈچۈن يازىدىغان ئالاھدىلىكىمنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە،بالىلار ئۈچۈن كۆپلەپ ئەسەر يازدىم.ھازىرغىچە بالىلار ئۈچۈن يازغانلىرىم چوڭ-كىچىك كىتاپ بولۇپ، نەشىر قىلىنغانلىرى 40 پارچىدىن ئاشتى.شۇڭا مىنىڭ بالىلار يازغۇچىلىق قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپلىرىمدىن بىرى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتىم،مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىزىقىشىم ئۈچۈن،مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بالىلار ئەدەبىياتى ئارقىلىق تۆھپە قوشاي،دىگەن نىيەت بىلەن،مۇشۇ قوشۇنغا كىرىپ،بالىلار يازغۇچىلىقىغا كىرىشىۋالدىم. }ZE fT]  
{toyQ)C7  
رىياسەتچى : بالىلار تەربىيىسىدە بالىلار ئەدەبىياتنىڭ قانداق رولى بار ؟ -D!#W%y8  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : بالىلارنى تەربىيلەش پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان،تەرەققىي قىلغان ياكى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرمۇ كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان،ئىنسانىيەتنىڭ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ھازىرقى ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر مەسىلە.بالىلار شۇ كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى.بىز تۈنۈگۈن بالىتۇق.بۈگۈن چوڭ بولدۇق.بۈگۈنكى بالىلار كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغان،پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى تەشكىللەيدىغانلار شۇ.بالىلارغا بىزنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىلا بەرگەن تەربىيىمىز ئىنتايىن مۇھىم بولۇۋاتىدۇ.بىز چوڭ بولۇپ ئۇتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقىتتا نەچچە خىل دەرىسلىك،پەن بولۇپ كەتكەن بىلەن،تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن،ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان گۆدەكلەر ئۈچۈن بالىلار ئەدەبىياتى ئەڭ مۇھىم تەربىيە بېرەلەيدۇ.پەقەت بالىلار ئەدەبىياتىلا تەربىيە بىرەلەيدۇ.چۈنكى بالىلارغا فىزىكا،خېمىيە،باشقا پەنلەرنى ئۆگىتىشكە بولمايدۇ.بالىلارنىڭ پىسخىكىسى جەھەتتىنمۇ ئۇلارغا پەقەت بىز دەۋاتقان بالىلار قوشاقلىرى،بالىلار چۆچەكلىرى،بالىلار مەسەللىرى،مۇشۇ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بالىلارغا دەسلەپكى بېرىدىغان تەسىرلىرى بالىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ.مەسىلەن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشتىمۇ بالىلار ئەدەبىياتى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.بالىلاردا دائىم چۆچەك ئېيتىپ بېرىپ،ئاندىن بالىلارغا شۇ چۆچەكنى ئېيىتقۇزغان ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتى ئاشىدۇ.بالىلارغا ھەرخىل،ئاڭلاپ باقمىغان، دۇنيادىكى غەيرى چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەرسەك،بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. بىز مەلۇم بىر دىۋە باركەن دەپ بىر چۆچەكنى باشلىغان ۋاقىتتا ،شۇ بالىلارنىڭ كاللىسىدا دىۋە دىگەن قانداق نىمىدۇ،دەپ ھەرخىل تەسەۋۋۇرلار پەيدا بولىدۇ.ئۆزلىرى كۆرگەن ھەر خىل قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرگە ئوخشاتقاندىن كىيىن،كاللا ئاستا-ئاستا تەسەۋۋۇرغا كۆنۈپ ماڭىدۇ.دىمەك بالىلار ئەدەبىياتى بالىلار مەكتەپكە كىرگۈچە بولغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.بالىلار چۆچەكلىرىنى ئېيتىپ بەرسە،بالىلارغا ئائىت ھەرخىل ژانىرلاردا سۆزلەپ بەرسە،بالىلاردا ئاستا-ئاستا مۇشۇنداق بىر نەرسىلەر باركەنغۇ،دەپ ئويلايدۇ،بالىلار مەكتەپكە كىرىپ ساۋاتلىق بولغاندىن كىيىن،ماڭا يەنە چۆچەك ئېيتىپ بەر دىسە،مانا ماۋۇ كىتاپتا بار دىسە،بالىلار شۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ،ھە ماۋۇ يەردە چۆچەكلەر باركەنغۇ دەپ،بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئاشىدۇ.ھەر قانداق بىر ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىتاپ ئوقۇمىسا بولمايدۇ،ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى كىتاپ ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ.كىتاپ ئوقۇمىغان مىللەت تەرەققىي قىلىپتۇ،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم.دىمەك،بالىلار ئەدەبىياتى دەسلەپكە قەدەمدە بالىلارغا بىلىم بېرىدۇ،كىتاپ ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ،شۇڭا مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭكى بالىلارنى تەربىيلەشتە،بولۇپمۇ ئىستىتىك جەھەتتىن تەربىيلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.ھازىر ئۇمۇمى تەتقىقاتتىمۇ بالىلارنى تەربىيلەشتە تۆت مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.بىرسى ئائىلە تەربىيىسى،مەكتەپ تەربىيىسى،جەمئىيەت تەربىيىسى،ئۇنىڭدىن قالسا مۇشۇ بالىلار ئەدەبىيات-سەنئىتى،بالىلار يازغۇچىللىرى بالىلارنى تەربىيلەش،مۇشۇ تۆت تەربىيلەش بىرلەشمىگەندە، بالىلارنى تەربىيلەش مۇكەممەل بولمايدۇ.دىمەك مۇشۇ چوڭ تۆت تەربىيلەش سېستىمىسىنىڭ بىرى بالىلار ئەدەبىياتى بولغانىكەن،بالىلارنى تەربىيلەشتە بالىلار ئەدەبىياتى كەم بولسا بالىلار تەربىيىسى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. }4bB7,j  
uznoyj6g  
رىياسەتچى :مەنچە سىزنىڭ نۇرغۇن چۆچەكلىرىڭىزنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىسە ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.ئەسەرلىرىڭىزنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟ pr0@sri@  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : مەنمۇ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان {يالغانچى تۇسۇق}،{چوغلۇق ۋە ئۇنىڭ ئۇيۇنچۇقلىرى}،{كالتە قۇيرۇق چاشقاننىڭ سەرگۈزەشتىللىرى} قاتارلىق چۆچەكلىرىمنى كارتون-فىلىم قىلىنىپ،ئىشلىنىپ قالسىكەن،كارتون-فىلىم قىلىپ ئىشلىسە بولىدىكەن دىگەن ئاساستا يازغانتىم.ئۆزەممۇ ھەم تىلىۋېزىيە ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بولغاچقا،مۇشۇ ئىمكانىيەت بولسا چۆچەكلىرىمنى كارتون-فىلىم قىلىپ ئىشلىسەك،ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كىلىدىغان كارتون دۇنياسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرسەك دەپ ئويلىغان.لىكىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.كارتون-فىلىملەر ناھايىتى يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا،ھازىر بىزنىڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسلىرىمىزدا كارتون ئىشلەيدىغان مەخسۇس تارماقلار يوق.بەزى ئۈن-سىن شىركەتلىرى بۇ جەھەتتە ئاز-تولا ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ،تېخنىكىسى بىر ئاز تۆۋەن بولغاچقا ،ھەقىقى كارتون ئۆلچەمگە يەتمەيۋاتىدۇ.بەزى ئۈن-سىن شىركەت ئورۇنلىرى، خەلق چۆچەكلىرى،خەلق مەسەللىرىنى كارتون قىلىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ،بىز كۆرۈۋاتىمىز. ئۇ كارتوندىكى مىدىراۋاتقان ھەرىكەتلەر سۈرەتلەردىن سەل پەرىقلىنىدۇ،ئەمما ھەقىقى دۇنيانىڭ كارتون سەۋىيەسىگە يىتەلمەيۋاتىدۇ.بۇ كارتون-فىلىملىرىنى ئىشلەشتە بىزدە يازما ماتىرياللار ئاساسى جەھەتتىن تۇلۇق،مەسىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان،ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى،ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى كارتون-فىلىم قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىگىلى بولىدۇ.لىكىن كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى يەتمىگەچكە ،بۇ جەھەتتىكى ئارزۇغا يىتەلمەيۋاتىمىز.مەنمۇ {يالغانچى تۇسۇق}دىگەن ئەسەرلىرىمنى كارتون قىلسىكەن دەپ ئۈمۈد قىلساممۇ ئۇنداق بولماي،شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسدا 20 قىسىملىق بالىلار دىراممىسى قىلىپ ئاڭلىتىلغاندىن كىيىن،خېلى خوش بولۇپ قالدىم.بۇنىڭدىن كىيىن تەرەققىيات خىلى تىز بولىۋاتىدۇ،كومپىيۇتېر،ئۈن-سىن ئىشلەش تەرەققىياتى تېخىمۇ كۈچەيسە مۇشۇنداق ئەسەرلىرىمىزنى كارتون-فىلىم قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. jOoIF/So  
رىياسەتچى :بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى قانداق بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ <.PPs:{8#  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزى 17،18-ئەسىردىن كىيىن ئۇمۇمى خەلىق ئەدەبىياتىدىن ئايرىلىپ چىققان.بۇ سوۋىت ئىتىپاقى،روسىيەدە دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.بالىلارغىمۇ ئايرىم بىر نەزىرىيە،ژانىر پەيدا بولسىكەن دەپ.ئۇنىڭ ئالدىدا بالىلارنى تەربىيلەيدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر بولسىمۇ ئۇلار بالىلار ئەدەبىياتى دەپ ئايرىلمىغان.يەنىلا ئەدەبىياتنىڭ بىر تۈرى.سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا،بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى بولىدىغانلارمۇ ئادەتتىكى يازغۇچى بولۇشتىن جېق پەرىقلەنمەيدۇ.ھەرقانداق بىر يازغۇچىنىڭ مىللەتنىڭ-خەلقنىڭ ئالدىدا بۇرچى بولىدۇ.خەلىقنى تەربىيلەيدىغان ئادەمدە ئالدى بىلەن پەزىلەت،قابىلىيەت،ئىقتىدار ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن قورىقمايدىغان روھ بولۇشى كېرەك.مىنىڭچە بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارمۇ باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزىدە يىزىقچىلىق ۋە ئەدەبىي جەھەتتىكى تالانىتنى يىتىلدۈرگەن باشقا،خەلىقنىڭ ئالىدىدا ۋىجدانى گەپ قىلالايدىغان،خەلىق مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلالايدىغان،خەلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان مۇشۇنداق بىر روھنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.يەنە بىر جەھەتتىن بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ باشقا يازغۇچىلاردىن پەرىق قىلىدىغان يېرى ئۇلار ھازىرقى زامان بالىلىرىنى چۈشۈنىشى كېرەك.بالىلىرىمىز نىمىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ بىلىشى كېرەك.بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسىنىڭ مەقسىتى بالىلارنى تەربىيلەشلا ئەمەس.بالىلارغا خوشاللىق بېرىش،بالىلارغا ئسىتىتىك زوق بېغىشلاش قاتارلىق تەرەپلىرى بولغاچقا ،بالىلارغا نۇقۇللا تەربىيە بېرىمەن دىسە بالىلار ئەدەبىيات ئەسەرلىرى بالىلارغا خوش ياقماي قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھىچبولمىغاندا،بالىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان،جەلىپ قىلالايدىغان ئۇيۇن خاراكتىرلىك نەرسىلەر بولۇشى كېرەك.شۇڭا مەن چۆچەكلەرنى يازغان ۋاقىتتا بالىلارنى قىزىقتۇرىدىغان تېما تەرەپكە تارتىپ تۇرىمەن.ئۇنداق باشقا بىزنىڭ خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن،بالىلار چۆچەكلىرىدە بۇرۇنقى زاماندىكى ئىشلار بەك تولا،بۇرۇنقى زاماندا پادىشاھ بوپتىكەن،دىۋە بوپتىكەن،جىن بوپتىكەن دىگەندەك.بۇ خىل نەرسىلەرنى بالىلار كۆرۈپ باقمىغان،ئەتىراپىدا يوق،مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا بالىلار ئانچە قىزىقمايدىكەن.شۇڭا مىنىڭ يازغان چۆچەكلىرىمدە مەن پىرسوناژلاردىن تارتىپ ھازىرقى زامانغا ئېلىپ كەلدىم.بىزنىڭ مەكتەپتە ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان تۇسۇنجان ئىسىملىك بالا باركەن،بۇ بالا مۇنداقكەن دەپ باشلىسىڭىز،بالىلار ئۆزىمۇ شۇنداق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىن كىيىن،ئۆزىنىڭ مۇھتىغا ئوخشاش كىتاپتىكى بالا چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كىتىپ بارغان،ئۇ بالىلار قىزىقىپ ئوقۇيدىكەن،مىنىڭ {ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى} دىگەن 5 قىسىملىك چۆچەك كىتاۋىمدا، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چۆچەكلەرنى ئۆزىمىزنىڭ مۇھىتىغا ئەپكىلىشكە تىرىشتىم.كىتاپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى 10،12 ياشلىق،مەھەللىلەردە ئويناۋاتقان بالىلار،شۇڭا بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى بالىلارنى تەربىيلەشلا ئەمەس.ئۇلارغا ئىستىتىك زوق بېرىش،ھوزۇر بېغىشلاش،ئۇلارغا تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىش،قابىلىيەت ئاتا قىلىشتەك ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. Bq$e|t)'  
Gt\ K Ln  
رىياسەتچى :ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا قايسى ژانىرلار ئاجىز ھالقا ھىساپلىنىدۇ؟ {Y3_I\H8{  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا ئەللىكىنجى يىللارنىڭ باشلىرىدا دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم بالىلار شېئىرلىرى،ئۇنىڭدىن كىيىنكى بالىلار ئۆزى يازغان بەزى قىسقا قوشاق،شېئىر،ماقالىلەر،80-يىللارغا كەلگەندە بالىلارغا ئاتاپ يىزىلغان بەزى ھىكايىلەر،بالىلار ھىكايىللىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،بىزنىڭ ئومۇمى بالىلار ئەدەبىياتى ژانىر جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى ئېلىپ ئېيتساق،ھەممە ژانىرلار دىگۈدەك ئاجىز،بىزدە بىر مەزگىل بالىلار شېئىرلىرى كۆپرەكتى.لىكىن بالىلار ھىكايىلىرى،بالىلار چۆچەكلىرى ۋە باشقا ژانىردىكىلەر ناھايىتى ئاز،بولۇپمۇ ئۆزىمىز يازغان،ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېلىپ يازغان ئەسەرلەر ئاز بولۇپ قالدى.ھازىر كىتاپخانىغا بارسىڭىزمۇ،بالىلارغا ناھايىتى جېق كىتاپ چىققاندەك ھىس قىلسىڭىزمۇ،ئۇنىڭ بىر قىسمىنى بىزنىڭ بۇرۇنقى چۆچەكلەردىن بالىلارغا ماس كەلگەنلەرنى باشقىدىن نەشىر قىلغان.يەنە كۆپ قىسىملىرى يەنە دۇنيادىكى مەشھۇر چۆچەكچىلەر،بالىلار ئەدەبىياتچىسى ئاندىرىسون،گىرىم قاتارلىقلارنىڭ چۆچەكلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىرى كۆپ.ئۆزىمىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ساناقلىقلا،بەش-ئالتە ئادەم دىسەك بولىدۇ.شۇڭلاشقا بىزدە بۇ بالىلار ئەدەبىيات ژانىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇنى كۆپەيتىش-كۈچەيتىش جەھەتلەردە بىر قسىم بالىلار يازغۇچىللىرى كۈچەۋاتىدۇ.بۇ جەھەتتە ئابلىكىم ھەسەن،پەرھات ئېلىياس،رىسالەت جاپپار قاتارلىق ياش بىر تۈركۈم بالىلار ئەدەبىيات يازغۇچىللىرى مەيدانغا چىقىپ،بالىلار چۆچەكلىرى،بالىلار رومانلىرى،بالىلار پوۋسىتلىرىنى يىزىۋاتىدۇ.بىزدىنمۇ كىچىك 30 نەچچە ياشلاردا بولسىمۇ،يېڭى باشلىنىشتا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.ئەمدى بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى چوڭلارنىڭ ئىچىدىنمۇ تۇرسۇن مۇھەممەت پەخىرىدىن،توختاش بەكرى،تۇرسۇن قۇربان قاتارلىق بىر نەچچە يازغۇچىلاردىن باشقا ئىزچىل تۈردە بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغانلارمۇ يوق دىيەرلىك.مۇشۇ تىلغا ئالغان ئۇستازلارنىڭمۇ تىنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئۇلار ھازىرمۇ يەتمىش-سەكسەن ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ،ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تېپىشماق،قوشاق ۋە باشقا ژانىرلاردا ئەسەر يىزىۋاتىدۇ.ئەمدى سىز دىگەندەك بىزدە بالىلار شېئىرلىرى بىر ئاز كۆپ بولسىمۇ قالغان ژانىرلارنىڭ ھەممىسى ئاجىز ھالقا بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ يىتىلىپ چىقىشى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىمۇ موللىشىدۇ،ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇيالايدۇ دەپ ئويلايمەن. Sb:zN'U  
eZN3H"H  
رىياسەتچى : بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر قايسى؟ O?C-nw6kP  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا ئاجىز ھالقا دىدۇق،بالىلار ئاتاپ يىزىلۋاتقان ئەسەرلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئەھۋال ئاستىدا،ھازىر بىزدە سۈپەت جەھەتتىن يۇقىرى تەلەپ قۇيۇشقىمۇ بولمايدىغان دەرىجىدە،بالىلار ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىمىزنىڭ بەزەنلىرى مەشىق ئەسەرلىرى،مۇشۇ باللىرىمىز ئۈچۈن ئەسەر يىزىۋاتقان يازغۇچىللىرىمىزنىڭكى شېئىر-ھىكايە ،پوۋسىت،رومان دىگەنلەر يوق دىيەرلىك.ئەمدى مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ،مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بالىلار ئەدەبىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرگە ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمى بىلەن قارىساق نۇرغۇن نۇقسانلار بار.شەخسەن مىنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىمدىمۇ نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەر،نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەر بار،چۈنكى بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا سان جەھەتتىن تۇلۇق سۈپەتكە كۆتۈرۈلمىگەن بولغاچقا،بىزدە ھازىر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بولسىلا ئېلان قىلىنىپ كىتىدىغان،بالىلارغا ئائىت ئەسەرلەر بولسىلا چىقىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋال بولغاچقا،بىزنىڭ بالىلارنى تەربىيلەيدىغان ئەسەرلىرىمىز سۈپەت جەھەتتىن يەنە تۆۋەن تۇرىدۇ.بۇنىڭىدا بىرى تىل جەھەتتە نۇرغۇن بالىلار ئەدەبىياتىدا يىزىلغان،ھەتتا باللىرىمىز ئۆزى يازغان بالىلار ئەدەبىياتىمىزغا مەنسۇپ ئەسەرلەرنىڭ تىلى شۇ بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولماي قالىدۇ.چوڭلار ۋە بالىلار چۈشەنمەيدىغان بىر خىل تېرمىلار،سۆزلەر كىرىپ قالىدىغان ،ئىپادىلەش شەكىللىرى جەھەتتىنمۇ ئېغىر،بالىلار قۇبۇل قىلالمايدىغان،بالىلار ئوقۇپ زىرىكىپ كىتىدىغان مۇشۇنداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ.ئەمدى بالىلار ئەدەبىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۋېتىشكە بولىدۇ.نىمىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ دىگەندە،يېڭىلا قولىغا قەلەم ئالغان ياش غۇنچىللىرىمىزنىڭمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۋالغانلىقىنى،ھەتتا مىنىڭمۇ بىر نەچچە ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئەينى ئۆزگەرتىپ ئۆزگەرتىپ،ئۆزىنىڭ قىلىۋالدىغانلىقىنى سىزىپ قالدىم،ئۇنىڭدىن باشقا خېلى چوڭ بالىلار ئەدەبىيات يازغۇچىسى دەپ ئاتالغان بەزى يازغۇچىللىرىمىزدىمۇ تەقلىد،دورامچىلىق ھەتتا كۆچۈرمىكەشلىككە ئوخشاش مەسىللەر سىزىلىپ قالدى.مىنىڭچە بۇنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ.قالغان ئىزدىنىش جەريانىدىكى ئۇنداق-بۇنداق نۇقسانلارنى كەچۈرۈشكە بولسىمۇ،لىكىن بۇ كۆچۈرمىكەشلىك،خەقنىڭ ئىجادى مىۋىللىرىنى ئوغۇرلىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلە بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىمىزدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇنى قەتتىي كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.يۇقىرىدا دىگەن مۇشۇ مەسىللەر ئىچىدە مۇشۇ كۆچۈرمىكەشلىك مەسىلىسىنى ئەڭ ئېغىر مەسىلە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.بۇنى بىزنىڭ گۆدەك ئۆسمۈرلىرىمىزمۇ ھەرگىز ئۆگىنىۋالمىسۇن،يازغۇچى-شائىر بولىمەن دىگەن مۇشۇ ئارماندا خەقنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىۋالىدىغان،مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى يېقىندىن بېرى بىر نەچچە يەردە سىزىپ قالدۇق.شۇڭا ئىمكانىيەت بولسا بالىلىرىمىز قانچىلىك يازالىسا شۇنچىلىك يازسا،يازالمىسا بىر نەرسىنى ئوغۇرلاپ يازغاندىن يازمىسىمۇ بولىدۇ.ئەدەبىيات دىگەنمۇ ئادەمدىن ئۆزىگە خاس بىر تالانت تەلەپ قىلىدۇ.ئۆزىدە شۇنىڭغا چۇشلۇق تالانت بولماي قالسا ،مەن يازغۇچى بولىتتىم،شائىر بولىتتىم دەپ ئۇنداق جاپا تارتىپ كۆچۈرۈپ،باشقىلارنىمۇ ئالداپ،ئۆزىنىمۇ ئالداپ،بالىلارنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزسە،بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ناھايىتى ناچار خاھىش بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا مەن سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا بالىلار ئەدەبىياتىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە كۆچۈرمىكەشلىك،تەقلىدچىلىك دەپ قارايمەن. )Dk0V!%N  
3PvZ_ !G  
رىياسەتچى :قوش تىللىق مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى ئۇيغۇرلاردا قوش تىللىق يازغۇچىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ RvyBg:Aj5  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭكى ئالاھىدىلىكى بويىچە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلىنى بىرلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتۈش يولغا قۇيۇلىۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇمۇ بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.ھازىرچە ئەمدى بۇنى مۇشۇ قوش تىللىق مائارىپ دىگەن قانداق يولغا قۇيۇلىدۇ،قوش تىللىق مائارىپ قانداق قىلغان ۋاقىتتا ھەقىقى بالىلارنى تەربىيلەشكە پايدىسى بولىدۇ،دىگەن مۇشۇ مەسىللەر ھەققىدە تەتقىقاتچىللىرىمىز ،مائارىپچىللىرىمىز ئىزدىنىۋاتىدۇ.پارتىيىمىزمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.ئەمدى مۇشۇنى قانداق يولغا قۇيۇش مەسىلىسى تېخى سىناق ئۈستىدە بولىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.چۈنكى بۇ بۇرۇن يولغا قۇيۇلۇپ باققان ئەمەس.بۇ يولغا قۇيۇلۇپ قايسى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا مۇشۇنىڭدىن توغرا بىر يول چىقىشى مۇمكىن.مەسىلەن قوش تىللىق مائارىپ بولغاندىن كىيىن قوش دىگەن گەپنىڭ ئۆزى ئىككى دىگەن گەپ،شۇنداق بولغاندىن كىيىن بۇنىڭدا چۇقۇم ئىككى تىلدا دەرس ئۆتۈلىشى كېرەك.قوش تىللىق مائارىپ دىگەن گەپ ئانا تىل ئۇيغۇر تىلىنى تاشلاپ قۇيۇپ خەنزۇتىلى دەرس ئۆتۈڭلار دىگەن گەپ ئەمەس.ياكى خەنزۇتىلىنى تاشلىۋېتىپ ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتۈڭلار دىگەن گەپ ئەمەس.بۇ قوش دىگەن گەپنىڭ ئۆزى ھەم ئۇيغۇرچە،ھەم خەنزۇچە بار،ئىككى خىلدا دەرس ئۆتۈڭلار،دىگەن گەپ.ھازىر بىزنىڭكى بەزى ئوقۇتقۇچىللىرىمىز بىلمەستىن،چۈشەنمەستىن ئۇيغۇر تىلىنى تاشلاپ قويۇپ خەنزۇتىلىغا ئۆتۈپ كىتىدىغان ئېغىشمۇ پەيدا بولىۋاتىدۇ.دۇنيانىڭ قوش تىللىق مائارىپ تەرەققىياتىدىن قارىغان چاغدىمۇ بۇ سەل خاتاكەن ئەمدى.پارتىيىمىزمۇ مىللى مائارىپ سىياسىتىدە ھىچقاچان ئانا تىلنى تاشلىۋېتىپ،خەنزۇتىلىدا دەرس ئۆتۈڭلار دىگەن سىياسەتنى چىقارغانمۇ ئەمەس.يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەزى مەكتەپلىرىدە سىناق تەرىقىسدە ئۆتۈلىۋاتىدۇ،ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن خەنزۇتىلى تەڭ ئۆگەنگەن ئاساستا تەرەققى قىلسۇن دەپ بىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا چىقارغان سىياسەت.شۇڭا بۇنى ئانا تىلنى ئاساس قىلغان ئاساستا خەنزۇتىلىدا دەرس ئۆتسە،مىنىڭچە بۇ بىزنىڭ ساپايىمىزنىڭ ئۆسىشىگە،مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.قوش تىللىق مائارىپ بىلەن بىرگە بىزدىمۇ قوش تىللىق يازغۇچىلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ دىگەندە مىنىڭچە،بۇنىڭدىن كىيىن بارلىققا كىلىدىغان يازغۇچىللىرىمىز مۇشۇنداق تەلەپنى ئۆزىدە تۇرغۇزىشى كېرەك.لىكىن تىل-ئەدەبىيات بولغانىكەن،ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئانا تىلدا يازالايدىغان ھەم خەنزۇتىلىدا يازالايدىغان يازغۇچى پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدا يازغان ئەسىرى ئانا تىلدا يازغان ئەسىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر بالىلىرىغا تەسىر بېرەلىشى ناتايىن.شۇڭا دۇنيادىمۇ ئىتىراپ قىلغان،بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى،خاسلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان پەنلەرنىڭ ئىچىدە تىل ۋە ئەدەبىياتتەك يەنە بىر پەن يوق.قالغان پەنلەر ھەممە مىللەتكە ئورتاق بولۇپ كەتسىمۇ بولىدۇ.ئەمما ئەدەبىياتنى ئورتاق قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.ئۇنىڭدا بىر مىللەتنىڭ خاسلىقى،بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى،بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قوش تىللىق يازغۇچىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىنى يەكلىمەسلىك كېرەك.شۇنداق چىقسا تېخىمۇ ياخشى.دۇنياغا تۇنۇلغان قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتىماتوف روس ۋە قىرغىز تىلىدا يازاتتى.ئۇ شۇ ئارقىلىق دۇنياغا تۇنۇلغان.بىزنىڭ قوش تىللىق يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئىچىدىمۇ بەزى يازغۇچىلار بار.ئۇلارمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن كىيىنمۇ قوش تىللىق ئەسەرلەرنى يىزىپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا ،مەملىكەتكە تونۇتساق بولىدۇ.لىكىن شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا ئەسەر يازىدىغانلار يوقىلىپ كەتسە بۇ پاجىئەگە ئايلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى،ئەدەبىياتىمىزنى قوغداش ئاساسىدا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلىدا ئەسەر يازالايدىغان بولساق تېخىمۇ ياخشى دەپ ئويلايمەن. a`EGx{q(  
1c 
رىياسەتچى : سىز بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقان يازغۇچى،بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە كىرىشكەنلەر ئالدى بىلەن قايسى شەرىتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ |"Xi%CQ2  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شوغۇللىندىغانلارنىڭ ئۆزىگە قانداق تەلەپ قۇيۇشىدا،بايا مەن ئېيىتقانغا ئوخشاش،ئالدى بىلەن يازغۇچىمۇ بىر ئادەم.بىر يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئۇ ئالدى بىلەن بىر پەزىلەتلىك،ئەخلاقلىق ئادەمگە ئايلىنىشى كېرەك.ھەممە جەھەتتىن ئەخلاقلىق،پەزىلەتلىك بولالمىغان ئادەم بىر مىللەتنىڭ باللىرىنى تەربىيلەيدىغان بالىلار يازغۇچىسى بولالمايدۇ.چۈنكى بالىلار ئەدەبىيات يازغۇچىسى شۇ مىللەتنىڭ باللىرىنى تەربىيلەيدىغان بىر ئۇستاز.ئۆزىنىڭ ئەمىلىيىتى،ھەربىر ئىشى،سۆزىدە شۇ بالىلارنى تەربىيلەيدىغان ئىش قىلالمىغان ئادەم،بالىلارنى تەربىيلەيدىغان،بالىلارغا ئىستىتىك زوق بېرەلەيدىغان ئەسەر يازالمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن،باللىرىمىز ئۈچۈن ئەسەر يازىمەن دىگەن ئادەم ئۆزىى ئالدى بىلەن پەزىلەتلىك،ساپ،ھەر تەرەپتىن ئۆزىگە تەلەپنى يۇقىرى قويالايدىغان ئادەمگە ئايلىنىشى كېرەك.ئىككىنجىسى،بالىلارنى چۈشۈنۈش كېرەك.بالىلار نىمىگە قىزىقىدۇ،قانداق ئەسەر يازساق بالىلار ئوقۇيدۇ دىگەن خىيالمۇ بەك مۇھىم.بۇ ئەسەرنى يىزىپ قويغان بىلەن بالىلارنى قىزىقتۇرالمىسا،بالىلار ئوقۇمىسا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار يازغۇچىللىرى بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ،باللىرىمىزنىڭ پىسخىكىسىنى بىلىشى كېرەك.بالىلار پىسخىكىسىنى بىلەلمىگەن يازغۇچى بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازالمايدۇ. RB lOTQjv  
ئۇنىڭدىن قالسا بالىلار ئەدەبىياتى ئادەمدىن مول تەسەۋۋۇر تەلەپ قىلىدۇ.مەيلى سىز چۆچەك يىزىڭ،مەيلى باشقا بالىلار رومان-ھىكايىللىرىنى يىزىڭ،سىز تەسەۋۋۇر ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى دەپ بېرەلەيسىز.چۈنكى بالىلار تەسەۋۋۇرغا ئامراق بولىدۇ.بالىلارنىڭ كۆرگەن نەرسىسى ئاز.ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ رەڭگارەڭ،مول بولىدۇ.شۇڭلاشقا بالىلار يازغۇچىسى بولۇشتا،بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاشتا تەسەۋۋۇرغا باي بولۇشى كېرەك.بولۇپمۇ بالىلارغا چۆچەك يازىدىغانلار ناھايىتى مول فانتازىيەگە ئىگە بولمىسا،بالىلارنى جەلىپ قىلالمايدۇ.دۇنياغا داڭلىق ئەسەر خاررى پوتتىرنىڭ ئاپتورىمۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەنگىلىيەنىڭ، ئامىرىكىنىڭ نۇرغۇن خەلىق چۆچەكلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق،مومىللىرىدىن چۆچەك ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزىدە ئاشۇنداق مول تەسەۋۋۇرنى بەرپا قىلالىغاچقا،ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدىمۇ ناھايىتى مول تەسەۇۋۋر بەرپا قىلغان.ھەممىسى رىئاللىقتا بولغان ئىش ئەمەس.نۇرغۇن نەرسىلەر يازغۇچىنىڭ كاللىسىدىكى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.شۇڭا ئۇ ئەسەر دۇنيانى تىتىرتەلىدى،پۈتۈن دۇنيا باللىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىدى.شۇڭا يازغۇچىلار يەنە بىر جەھەتتىن مۇشۇ تەسەۋۋۇرغا باي بولىشى كېرەك.ئاخىرىقى بىر تەلەپ ئىزچىل بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.بىزنىڭ بەزى يازغۇچىللىرىمىز بالىلار ئۈچۈن بىر مەزگىل يىزىپ قۇيۇپلا ،چوڭلار ئۈچۈن يىزىپ كىتىدىغان،بىز مەزگىل يىزىپ كىيىن قىلمىسام بولىدىكەن،بالىلار ئەسەرلىرى ئانداقكەن-مانداقكەن،ئاددىكەن دەپ بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازمايدىغان ئەھۋال بار ،ھەمدە تونۇلۇشنى خالاپ كەتكەنلەر بالىلارغا ئەسەر يازدىغانلارنى چوڭلار تونۇمايدىكەن ،ئۇنىڭدىن چوڭلار ئۈچۈن ئەسەر يازسام تونۇلىدىكەنمەن،ئۇششاق بالىلارغا ئەسەر يىزىپ يۈرگۈچە،چوڭلار ئۈچۈن ئەسەر يازسام دەپ يازىدىغانلارمۇ باركەن.شۇڭا بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە،ئۆزىنىڭ شۇ باللىرى ئۈچۈن ئەسەر يازالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.ئاخىرىدا يەنە بىر تەلەپ،ھەممە يازغۇچىلارغا ئورتاق بولغان:جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماسلىق كېرەك.يىزىقچىلىق ئىنتايىن جاپالىق خىزمەت.ئۇ نۇرغۇن ئۆگىنىشنى،سائەت سائەتلەپ ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۆگەنمەي تۇرۇپ،ئوقۇماي تۇرۇپ بىر نەرسە ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ.بىر كىتاپ يىزىش ئۈچۈن سىز يۈزلەپ كىتاپ ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ،تۇرمۇش ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ.ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارنى كۈزەتمىسىڭىز بولمايدۇ.مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىت كىتىدۇ،كۈچ كىتىدۇ،جاسارەت كىتىدۇ،نۇرغۇن ئۇيۇن-تاماشالاردىن ۋاز كىچىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.شۇڭلاشقا بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى بولماقچى بولغان ئادەم جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان،قىلغان ئىشىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.مۇشۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان ۋاقىتتا ،بىر ياراملىق بالىلار يازغۇچىسى بولغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تالانتمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئەگەر خۇدايىم بەرگەن تالانت بولمىسا قىلمىسۇن. ( l3UNP  
>?G|Yz*kEJ  
رىياسەتچى : ھازىرقى دۇنيا بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ يۈزلىنىشى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ lry& )G=5  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : دۇنيا بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسى ناھايىتى چوڭ ساھە،بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا،بۇ ھەقتە مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم ئانچە كۆپ ئەمەس.ئەمدى خەنزۇچە،ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى،بىزدە بېرىلىۋاتقان بالىلار ئەدەبىيات سەنئىتىگە مەنسۇپ بولغان نۇرغۇنلىغان كارتون فىلىملەر،ۋە باشقا بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ نەرسىلەردىن دۇنيا بالىلار ئەدەبىياتى بىر خىل زامانىۋېلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.بۇ زامانىۋېلىك قانداق ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ دىگەندە،بىرگە رەڭگارەڭ رەسىملىك كىتاپلار ئارقىلىق.كىتاپلارنىڭ ناھايىتى چىرايلىق نەشرى قىلىنىشى،بالىلارنى جەلىپ قىلالىغۇدەك شەكىللەر.مۇشۇ چەتئەللەردە بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلىۋاتقان كىتاپلار ئاساسەن رەسىمسىز بولمايدۇ.بۇ كىتاپلار ناھايىتى قىممەتكەن.رەسىم كىرگۈزۈش تەننەرقى ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قىممەتكەن.لىكىن شۇنداق قىممەت بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئېلىپ بېرىدىكەن.بۇ كىتاپلار ناھايىتى چىرايلىق چىقىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن كارتون-فىلىم ئىشلەش.بالىلار ئەدەبىياتدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى كارتون-فىلىمگە ئۆزگەرتىش،كىنو قىلىپ ئىشلەش،تىلىۋېزىيە-تىياتىرى قىلىپ ئىشلەشمۇ دۇنيادا داغدۇغىغا ئايلاندى.ئۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار،بايام گىپىنى قىلغان داڭلىق ئەسەر خاررى پوتتىرمۇ بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەر،ئەنگىلىيەلىك ئايال يازغۇچىسى يازغان مۇشۇ ئەسەر يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ،ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىدە ئاڭلىتىلغان ۋاقتىدا،نەچچە ئون سائەتلەرگىچە توختىتىپ قۇيۇشقىمۇ بولماي قالغان.پۈتۈن رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تەلەپ قىلىپ توختىتىپ قويمىساڭلار دىگەچكە،نەچچە دېكتور،رىياسەتچىلەر نۆۋەت بىلەن دەم ئالماي ئۇلاپ ئاڭلاتقان.مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى دۇنيا ئەدەبىياتىدا بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئورنىمۇ يۈكسەك دىيىشكە بولىدۇ. دۇنيادىكى بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بالىلار ئەدەبىياتىغا قىزىقىۋاتىدۇ.ياخشى يىزىلغان بالىلار ئەدەبىياتى بولسا دۇنيامۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.خاررى پوتتىرنىڭ كىتاۋىدەك دۇنيانى تىتىرتىۋەتكەن ئۇنداق يەنە بىر ئەسەر يوق.خاررى پوتتىرمۇ بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەر.مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى دۇنيا بالىلار ئەدەبىياتىمۇ بىر يۈكسىلىش،جانلىنىش باسقۇچىدا.ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكا،روسىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان ئەللەرمۇ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىللىرىنىڭكى ھەر خىل شارائىتلىرىنى،ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتتىن ياخشى تەمىناتلار بىلەن قوللاپ،بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇنقى كىلاسسىك بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان {ئاندىرسوننىڭ چۆچەكلىرى}،{گىرىمنىڭ چۆچەكلىرى}مۇ دۇنيادىكى نەچچە مىڭ خىلدا،نەچچە مىڭ ياڭزا نەشىر قىلىنىپ،دۇنيا بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.مەسىلەن تەرەققى قىلغان ئەللەر دىگىنىمىزدە،ئامىرىكا،ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلىكتىرونلۇق كومپىيۇتېر،تىلىۋېزىيە قاتارلىقلار شۇنداق تەرەققى قىلغان بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلىنغان كىتاپلىرى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.يەنىلا ئەڭ كۆپ.بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى زامانىۋىلاشقان باشقا ۋاستىلەرمۇ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ،بالىلار كىتاپلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىيەلمەيدۇ.دىمەك بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا،كىتاپخانىغا كىرسىڭىز كۆرىسىز،ھەر خىل شەكىلدە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى ناھايىتى چىرايلىق چىقىۋاتىدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ ھالەت تېخىمۇ گۈللىنىشى مۇمكىن.ھازىر بىزنىڭ كىتاپخانلىرىمىزغا،ئۇيغۇر كىتاپلىرى تىزىلغان يەرگە كىرسەكمۇ بۇرۇنقىدەك كىتاپ تاپالمايدىغان ئىش يوق،بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا،ئانا تىلىمىزدا چىقىۋاتقان مەيلى ئۆزىمىز يازغان ئەسەرلەر بولسۇن،تەرجىمە ئەسەرلەر بولسۇن،خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر بولسۇن بالىلىرىمىز ئوقۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئوقۇشلۇقلار چىرايلىق نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ.مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى دۇنيا،مەملىكەت ۋە خەلقىمىز بالىلار ئەدەبىياتىغا يەنىلا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. \4\\575zp'  
=& Tu`m  
رىياسەتچى : يېقىندا سىزنىڭ (ئەلقۇد نىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى ) ناملىق بالىلار رومانىڭىز نەشىردىن چىقتى،مۇشۇ رومانىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بېرەمسىز؟ r7Q:l ?F2  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : مەن بايا سىزگە دىگەندەك بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا ھەر قايسى ژانىرلاردا شېئىرىيەتتىن قالسىلا بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى باشقا ژانىرلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېيتتۇق.مەن 15.20 يىلدىن ياقى مۇشۇ بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولغاندىن كىيىن،مۇشۇ بالىلىرىمىزغىمۇ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ،ئۇيغۇرلاردا بىر بالىلار رومانى بارمۇ،دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ،بىرەر بالىلار رومانى يازساق بولىدىكەن،دىگەن ئارزۇنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگىلى خېلى بولدى.مۇشۇ جەرياندا مەن مۇشۇ ئىزدىنىش،تىرىشىش ئارقىلىق بىرەر بالىلار رومانى يىزىپ باقاي دەپ،(ئەلقۇدنىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى ) دىگەن روماننى يىزىشقا كىرىشكىلىمۇ بىر يەتتە-سەككىز يىل بولغان.ئۇنىڭدىن كىيىن مەندىن باشقا يەنە پەرھات ئېلىياس،جاسارەت جاپپار قاتارلىق بالىلار يازغۇچىللىرىنىڭمۇ بالىلار رومانى چىقتى.مىنىڭ (ئەلقۇدنىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى ) دىگەن بالىلار رومانىم ئۈچىنچى بالىلار رومانى بولۇپ نەشىردىن چىقتى.بۇ مىنىڭچە بالىلار ئەدەبىياتىدىكى بىر ياخشى باشلىنىشمىكىن دەيمەن.مەن مۇشۇنداق مەقسەت بىلەن يازغان ئەمدى.بۇرۇن بالىلار رومانى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يىزىپ.قالغان پەرھات ئېلىياس،جاسارەت جاپپالارنىڭمۇ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاۋۇ بالىلار رومانلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى مىنىمۇ خوشال قىلدى.بۇنى يىزىشتىكى مەقسىدىم مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىمۇ بالىلار رومانى بۇلۇش كېرەك دىگەن ئاساس قىلىپ يازغان.ماۋۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىگە كەلسەك،مەن مۇشۇ ئەسەر ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا مۇشۇ ھىكايە-چۆچەك ئىچىدە ئانا يۇرتىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنى،گۈزەل تاغۇ-دەريالارنى ئۇسلۇپ بىلەن تونۇشتۇرۇشنى مەقسەد قىلدىم.مىنىڭ مۇشۇ 46 باپلىق ئەسىرىمنى ئوقۇپ چىققان ھەر بىر بالا ھىكايە-چۆچەكلەر ئىچىدە،تا غۇلجىدىن تارتىپ،خوتەنگىچە بولغان،بىز بىلىشكە-كۆرۈشكە تىگىشلىك ئانا-يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن ھىكايە ئىچىدە تونۇشۇپ چىقىدۇ.روماندا ئەلقۇت،بىلال ۋە زىلال دەيدىغان ئون ياشلىق ئۈچ بالىلار خىزىرنىڭ بەرگەن ئالاھىدە تۇمارىنىڭ خاسىيىتى بىلەن پۈتۈن يەرلەرنى ئايلىنىدۇ.خاسىيەتلىك ئۇ تۇمار كۆزنى يۇمۇپلا ئۆزى ئۈرۈمچىدە بولۇپ قالسا،مەن ھازىر خوتەندە بولۇپ قالسامچۇ دەپ كۆزىنى ئاچسا خوتەندە بولۇپ قالىدىغان،ئەمدى ئۆيگە كىتەي دەپ خوتەندە تۇرۇپ كۆزىنى يۇمۇپلا ئاچسا ئۆيگە كىلىپ قالىدىغان.ئاشۇ تۇمارنىڭ كۈچى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ گۈزەل يەرلىرىنى ئايلىنىدۇ.ئۇنىڭدا نۇرغۇن چۆچەك-ھىكايىلەر،ئۇسلۇپلار كىرگۈزۈلۈپ 46 باپ روماندا 46 خىل ھىكايە،بالىلارنى قىزىقتۇرىدىغان رومان دەپ ئويلايمەن.بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن كۈچ چىقىرىپ باقتىم.نەشىر قىلىش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەر قايتا-قايتا ئىشلەشلەر ئارقىلىق مۇشۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۈم.بۇ ئەسىرىمنى ناھايىتى مۇكەممەل بىر ئەسەر دىيەلمەيمەن.تۇنجى قېتىم ئىزدىنىپ يازغان بالىلار رومانى بولغاچقا،بۇنىڭدىمۇ نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەر،يىتەرسىزلىكلەر بار.شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق بىر رومانىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ،نەشىردىن چىقىرالىغىنىمدىن مەن خوشال بولدۇم ئەمدى.ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئەجىر-ئەمگىكىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق خوشاللىق بولمايدىكەن.مۇشۇ ئارقىلىق مەن بالىلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ تەربىيە بېرەلىسەم دەيدىغان ئارزۇغا يەتكەنلىكىمدىن،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بالىلار رومانلىرىمۇ كۆپ بولاۋېتىپتۇ دەيدىغان مۇشۇنداق بىر ساھەگە ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرالىغىنىمدىن خوشال بولدۇم.باللىرىمىزنىڭكى (ئەلقۇدنىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى )دىگەن روماننى بىر ئوقۇپ،چوڭلارمۇ ئۆزى ئوقۇغاچ بالىلىرىغا ئوقۇپ بېرىپ،ئاز-تولا تەربىيە ئالسا مەن شۇنىڭغا خوشال. ~x0-iBF  
PBAz` y2  
رىياسەتچى : سىز بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەرنى يازغاندىن باشقا چوڭلارغىمۇ ئائىت خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازدىڭىز،چوڭلار ئۈچۈن يازغان ئەسەرلىرىڭىز ئىچىدە ئۆزىڭىزنى مەمنۇن قىلغان تەرەپلەر بارمۇ؟ *&hXJJ[+  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : مەن بايا ئېيىتقاندەك بالىلار ئەدەبىياتىغا 90-يىللاردىن كىيىن ئاساسى زېھنى كۈچۈمنى بەرگەن بولساممۇ مەن يەنىلا چوڭلار ئۈچۈنمۇ ئەسەر يىزىپ كەلدىم.مەسىلەن ئەمدى مىنىڭ ئۆ‍زەمنىڭ چوڭلار ئەدەبىياتى جەھەتتە ياراتقان نەتىجە دىسە،مەن بىرگە ناخشا تېكىستى يىزىش جەھەتلەردە بار،مەن ئۆ‍زەم تىلىۋېزىيە ساھەسىدە ئىشلىگەچكە نۇرغۇن تىلىۋېزىيە،ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ سىنارىيەلىرىنى مەن يازغان.ئۇنىڭدىن باشقىمۇ كۆپلىگەن ناخشا-تېكىستلىرىنى مەن يىزىپ،رادىئو-تىلىۋېزىيەلەردىمۇ ئاڭلىتىلغان ناخشا-تېكىستلىرىمنىڭ ئۆزىمۇ 100-150 لەرگىچە بارىدۇ.خەقلەر ياقتۇرۇپ كەلگەن ناخشىلارنىڭ ئىچىدە ئابلىز شاكىر بىلەن ئەبەيدۇللا تۇردىكام ئېيتقان قىممەتلىك ھايات.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېيىتقان يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى.ئەكرەم نىياز ئېيىتقان سىڭلىمغا،ئىززەت ئېلىياس ئېيىتقان قۇياشقا تۇتاشقان يوللار قاتارلىق ناخشىلار بار.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دەيلەردە ۋە باشقا يەرلەردە ئېيتىلغان بويتاق ناخشىسى،ئادەملەر قاتارلىق ناخشىلارنىمۇ مەن يىزىپ بەرگەن.ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى ئۈن-سىن يولغا قۇيۇلغان ،تېخى ئانچە كۆپ تىلىۋېزىيە-تىياتىرلىرى ئىشلەنمىگەن ۋاقىتلاردىمۇ مەن يازغان چاقىرغۇلۇق قىزلار،سۆيگۈ گۈلى بار،بالىلار ئۈچۈن سىرلىق ئۆڭكۈر قاتارلىق تىلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ يازغان.ئۇنىڭدىن باشقا مەن يازغان بىزنىڭ دۇكان،چاقىرغۇلۇق قىزلار،يالغۇز تام قاتارلىق پوۋسىتلىرىممۇ ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭلار ئۈچۈن يىزىلغان ئەسەرلىرىم.چوڭلار ئۈچۈن يازغان ئەسەرلىرىم ئىچىدە مىنىڭ مۇشۇ ئاياللارنىڭ تەغدىرى،ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسەرلىرىم مىنى بىر ئاز سۈيۈندۈرىدۇ.بولۇپمۇ مىنىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىردىن چىققان كۆك ئۆستەڭ ناملىق رومانىممۇ ئاياللىرىمىزنىڭكى تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇنىڭدا روزىگۈل،مەلىكە سەتەڭ،گۈلشەن بەش-ئالتە ئۇيغۇر ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى زامان سەرگۈزەشتىلىرى يىزىلىپ،ئاياللىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولمىسا،پۈتۈن بىر مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولمايدۇ ،مىللەتنىڭ تەرەققىيات،يۈكسىلىشىدە ئاياللار ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ،دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان دەپ ئويلايمەن.مۇشۇ جەھەتتىكى ئەسەرلىرىمدىن سۈيۈنىمەن،كۆك ئۆستەڭ دىگەن ئەسىرىمدىمۇ مەختۇمسۇلا،چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاساس قىلىپ يىزىلغان بىر چۆچەكلىك لىنىيە بۇ.بۇنىڭدىمۇ مەختۇمسۇلانىڭ ھەرخىل،پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى،چىن تۈمۈرنىڭ ئەسلى داستاندىكى كەچۈرمىشكە ئوخشىمايدىغان باشقىچە كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق بەزى بىر بەدىئىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا چوڭلار ئۈچۈنمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان.ئىجادىيەت دىگەن ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىش بولغاچقا ھەممىسىدە تۆھپە يارىتىپ كەتتىم،ئالامەت ئىش قىلىپ كەتتىم دىگىلى بولمايدىكەن.توختىماي ئەجىر قىلىپ يىزىۋاتىمەن.مەن ئۇنىڭغا بىر مەغرۇرلىنىپ كەتكىدەك،كارامەت ئىش قىلىۋەتتىم دىگۈدەك ئىش بولمىسىمۇ ،ئۆزەمنىڭ ئادىمىيلىكىگە نىسبەتەن ئۆزەمنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ بىر كۈچ قۇشۇۋاتقان ئاددى ئادەم دەپ ئويلايمەن ئۆزەمنى.ئەمدى ئىككى تال ئەسەر يىزىپ قۇيۇپلا مەن كارامەت ئادەم بولۇپ كەتتىم،مەن ئالامەت بولۇپ كەتتىم دەپ مىللەتكە مىننەت قىلساق بولمايدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئۇيغۇر مەدىنىيىتى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دىگەن ناھايىتى جېق ئادەمنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ،ھەر بىر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بولىدىغان ساھە.بىر-ئىككى ئادەمنىڭ ئەسەر يىزىشى،كىتاۋى چىقىشى،بىر نەچچە مەشھۇر ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئۇمۇمى مەدەنىيەت،ئەدەبى ھالەتلىرى يۈكسىلىپ كەتمەيدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم كۈچ چىقىرىشى كېرەك.شۇنىڭغا بىر نەچچە مەشھۇرلارنىلا ۋاي دەپ كىتىپ،قالغانلارنى سەن قىلمىساڭمۇ بولىدۇ دەيدىغان،يەكلەيدىغان مۇشۇنداق ئىشلار بىزدە بار.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەمدى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەسەر يىزىۋاتقان ياشلار چىقسىمۇ،ئۇلارغا بىز مەدەت بېرىشىمىز،ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك.ئۇلارنىڭ ھە دىگەندىلا ئارتۇقچىلىقنى كۆرمەي،نۇقساننىلا كۆرۈپ تۇرىۋالساق بولمايدۇ.نۇقسانسىز ئىش بولمايدۇ دۇنيادا،شۇڭا بىز يېڭىدىن يىتىلۋاتقان يازغۇچىللىرىمىز بولسۇن چوڭ يازغۇچىللىرىمىز بولسۇن ھەممەيلەننىڭ مۇشۇ جەرياندا ئىزدىنىپ،بىر كىتاپنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ يازغانلىقىنى،ئالدى بىلەن مۇبارەكلەشنى،تەبرىكلەشنى ،ماختاشنى ئۆگەنسەك بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.بىر گەپ بولسىلا پۇتاق چىقىرىپ،بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ،سەن يازغۇچى ئەمەستىڭ،مەن كارامەت يازغۇچى دەيدىغان،ئىككى –ئۈچ يازغۇچى بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشۇپ كىتىدىغان مۇشۇنداق ئىشلار يازغۇچىلارنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ ھەممە جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنىڭ بىرى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇنيا ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرغان بىر ئاجىز ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ.بۇنى ئىتىراپ قىلساق بولىدۇ.بىزنىڭ ئەدەبىي ھالىتىمىز ئالامەت.مىللىتىمىز كارامەت دىسەك كارامەت بولۇپ قالمايمىز.بىز باشقا مىللەتلەرگە ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرغان چاغدا يەنىلا تۆۋەن تۇرىمىز.بۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.بىز ھەممە مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كارامەت ئۇيغۇر بولۇپ كەتكىنىمىز يوق.بىزدە نۇرغۇن نۇقسانلار،تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلەر بار.بىز تەرەققى قىلىمىز،مىللەتنى يۈكسەلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىللىتىنى بىلىشىمىز،تونۇشىمىز كېرەك.ئۇنى ئىتىراپ قىلماي،ئۆزىمىزنى ماختاپ،كارامەت مىللەت دەپ بىردەم بولغاندا سۇقۇشۇپ يۈرسەك قانداق تەرەققى قىلىمىز؟.!.بىر-بىرىمىزنى يۆلىسەك،قوللىساق،سەمىمى مۇئامىلە قىلساق يۈكسەلگىلى بولىدۇ.بىر يازغۇچى يېڭىدىن ئەسەر يازغان بولسا ئۇنىڭ نۇقسانلىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.ئۇنى دۇمبالاپ،ئۇجۇقتۇرۇپ ئىككىنجى ئەسەر يازمايدىغان قىلىۋېتىمەن دىمەي،ئۇنىڭ يىتەرسزلىكلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىپ،تېخىمۇ ياخشى ئەسەر يازىدىغانغا يىتەكلەش كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندىلا ئەدەبىياتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم چوڭلار ئۈچۈن مەنمۇ خېلى ئەسەرلەرنى يىزىپ باقتىم.بۇ جەھەتتىن نۇرغۇن ئوبزورلار،مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئوبزورلار چىقتى،خوش بولدۇم.بىر ئادەم بىزنى ماختىسا،مىنىڭ ئەسىرىمنى ماختىماي تەنقىدلىسە خوش بولىمەن،مەن تەنقىدكە مۇھتاجمەن دەپ قويغىنىمىز بىلەن شەخسەن تەنقىدنى ياقتۇردىغان ئادەم ئاساسەن يوق.يازغۇچىلار ئىنساننىڭ تەبئىتىنى بىلىپ تۇرۇپ،مەن ماختاشقا قارىغاندا تەنقىدنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يالغان سۆزلىسەك بولمايدۇ.ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە،خەق ماختىسىكەن دەيدۇ،ئۇنداق بولغاندىن كىيىن،چوڭ بىر نۇقسانلار بولمىسا،بايا دىگەندەك بالىلار ئەدەبىياتىدا چوڭ نۇقسان كۆچۈرۈش،خەقنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش،ئاشۇنداق بولمىسا يېڭىدىن يىزىۋاتقان ئەسەرلەر بولسا ،چوڭ خاتالىق بولمىسا مۇئەييەنلەشتۈرسەك،ئىلھام بەرسەك،مەدەت بەرسەك دەيمەن. r_g\_y7ua  
?G>5 D`V  
رىياسەتچى : سىزنىڭ يازغۇچىلىقتىن باشقا شىئېرىيەتتىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلىرىڭىز بار ئىكەن ، بولۇپمۇ كىشىلەرياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە مودا بولغان بىرقىسىم ناخشىلارنىڭ تىكىستلىرى سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز ئىكەن ، بۇ ھەقتە تەپسىلىرەك مەلۇمات بېرىپ باقامسىز؟ YA;8uMqh;  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : مەن بالىلىق ۋاقتىلىرىمدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا كىرىشكەندە شېئىر ئارقىلىق كىرىشكەن.بىزنىڭ دەسلەپتە تونۇپ،قۇلىمىزغا ئالغان ئەسىرىمىزمۇ مۇشۇ شېئىرىيەت.مىنىڭمۇ تۇنجى ئەسىرىم مۇشۇ شېئىر.دەسلەپتە يازغان ئەسەرلىرىممۇ مۇشۇ شېئىر بولغاچقا شېئىرغا چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببىتىم بار.بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ شېئىرىيەت مۇھىتى ئىنتايىن كۈچلۈك.شۇنىڭغا بىر نۇرغۇن يازغۇچىللىرىمىز تۇنجى ئەسەرلىرىنى شېئىرىيەتتىن باشلايدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش مەنمۇ تۇنجى ئەسىرىمنى شېئىردىن باشلاپ،شېئىر يىزىشتىن كىرىشكەن.شۇڭا ھازىرغا قەدەر مەن شېئىر يىزىشنى توختىتىپ قويمىدىم.مىنىڭ شېئىرلىرىم بەك ئالاھىدە بولۇپ كەتمىسىمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن،ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن.شۇڭلاشقا مەن بۇ جەھەتتە توختانماي ئىزدەندىم،نۇرغۇن شېئىرلارنى يازدىم.بالىلار ئەدەبىياتىغا كىرىشكەندىن كىيىنمۇ مەن مۇشۇ شېئىر يىزىش ئۇسلۇبىم بىلەن بالىلار ئۈچۈن نۇرغۇن شېئىر-قوشاقلارنى يازدىم.مىنىڭكى مۇشۇ شېئىرىيەت ئۇسلۇبى ئارقىلىق يازغان ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى دەيدىغان بەش قىسىملىق كىتاۋىممۇ بار.بۇ مىنىڭ شېئىرىيەتتە ئىزدىنۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر ئالاھىدىلىكىم بولمىسا ئۇنى يازالمايتىم.شۇڭا بەش قىسىملىق ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرىنى يىزىپ چىقتىم.ئۇنىڭدىن كىيىن شېئىر بىلەن يىزىلغان نۇرغۇن چۆچەكلىرىم بار.مەسەللىرىم بار.ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى دەيدىغان بەش قىسىملىق كىتاۋىمنىڭ ئىچىدىمۇ 15-20 شېئىرى چۆچەكلەر بار.بەش قىسىملىق ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى دىگەن كىتاۋىمنىڭ ئىچىدىمۇ 20-30 شېئىرى مەسەللەر بار.مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتە ئىزدىنۋاتقانلىقىمنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايمەن.سىز دىگەندەك ناخشا تېكىستى يىزىش قانداق يىزىلىپ قالغان دىگەندە،بىزگە مەن مۇشۇ شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلىدىم.مەخسۇس پىروگىرامما بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ۋاقتىمدىمۇ نۇرغۇن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىنى بىز ئىشلىدۇق،مۇشۇ جەرياندا مەن شۇ سەنئەت-كېچىلىكلىرىنىڭ ئاپتورى بولدۇم.بەزەنلىرى زۆرۈرىيەتتىن تېكىسىت كېرەك بولۇپ قالدى دىگەن بولغاچقا يىزىلىپ قالغانلىرىمۇ بار.بەزەنلىرىنى مۇشۇ ناخشا،بىر شېئىر گېزىتكە چىقىپ قالسا ئۇنى ئوقۇيدىغان ئادەملەرمۇ چەكلىك بولىدىكەن.ناخشا قىلىپ ئېيتىلسا خەلىققە بېرىدىغان زوقىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن،دەپ مەن مۇشۇ كومپۇزوتورلار بىلەن بىرلىشىپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدىم.ئەمدى مۇشۇ ناخشىلارنىڭ يىزىلىش جەريانىدا مەسىلەن،ئەكرەم نىياز ئېيتقان سىڭلىمغا دىگەن ناخشىنى مەن 92-يىلى قەشقەرگە بارغان ۋاقتىمدا يازغان.قەشقەردە ئاغىنىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ،مۇشۇ ئۆزلىرىنىڭ نەۋرە سىڭىللىرى،يېزىدىكى تاغىللىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ 14-15 ياشتىلا توي قىلىپ كىتىپ قالغانلىقى،ئاتا قىزىل قەغەز بېرىدىغان يەرلەرنى ئالداپ،ئىسىم-ياشلىرىنى ئۆزگەرتىپ،مەكتەپ يۈزىنى كۆرە-كۆرمەي ئەرگە تىگىپ،بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ ئولتۇرغان قىزلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم،كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.مۇشۇنى كۆرۈپ مىللىتىمىز مۇشۇنداق كىتىۋېرىدىغان بولسا،بىرگە ئاشۇ سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆزىگىمۇ بىر قەپەستىكى كۈنكەن بۇ.بىز نىمىشقا يۈكسىلىش ئۈچۈن مۇشۇلارنى بىر ئوقۇتۇپ،بۇلار چوڭ بولغاندا جاھاننىڭ ئىشلىرىنى كۆرسە،ئەمدى تېخى بالىلىقتىن ئارىلا-ئايرىلمايلا ئانا بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟،دىگەن خىيال كاللامغا كىرىپ قالغاچقا مەن شۇ سىڭلىمغا دەيدىغان ئالتە كۇبلىتلىق بىر شېئىرنى خاتىرەمگە يىزىپ قويغان.كىيىن ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ بىر فىلىم ئىشلەپ قالدۇق دۇنيا ۋە ئاياللار دەپ،شۇ ۋاقتىدا جەنۇبى شىنجاڭدا قىزلار توي يېشىغا توشمايلا تويىنى قىلىۋېتىدىغان ئىشلار بار،مۇشۇنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ناخشا ئىشلىسەڭلار دەپ تەلەپ قىلىپ قالدى.مەن ئۇ تېكىستنى يىزىپ ئاتاقلىق كومپۇزۇتىرىمىز ياسىن مۇخپىلغا ئاپاردىم.ياسىن مۇخپىل ئىشلىسەك بولىدىكەن دەپ قۇشۇلدى،شۇ ۋاقىتتا ئەكرەم نىياز دىگەن ياش ناخشىچىمىز يېڭىدىن تۇرپاندىن كىلىپ ياسىنكامنى ئىزدەپ،مەن بىر ناخشا ئېيىتسام،سىز ماڭا بىر ناخشا ئىشلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،دەپ يۈرگەن ۋاقتى بولغاچقا،سەن ئېيتىپ باقساڭ مۇشۇ ناخشىنى دەپ ئاشۇ بالىغا ئېيتقۇزساق ئۇ بالىمۇ ناھايىتى ياخشى ئېيىتتى.باشقىلارنىڭ ئىسىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن،مىنىڭچىمۇ ئۇ ناخشا ناھايىتى ياخشى چىققان.مۇشۇنداق بىر يىزىلىپ قالغان.كىيىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېيىتقان يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى دىگەن ناخشىمۇ،ما خەنزۇلاردىمۇ چاغانلاردا ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئاناڭنى يوقلىساڭ بولمامدۇ،دىگەن بىر ناخشا چىقتى،بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بولسا بوپتىكەن دىگەن تەلەپ قۇيۇلۇپ قالدى.دىمىسىمۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدىمۇ ئاتا-ئانىلارنى يوقلاش تېخىمۇ كۈچلۈك.شۇنداق بولغانىكەن مۇشۇنى بىر ئىشلەپ باقايلى دەپ كومپۇزۇتور ئابلەت ئابلىكىم بىلەن بىرلىشىپ،ئابلەت مۇزىكىسىنى ئىشلەپ،ئاتاقلىق ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئېيتقاندىن كىيىن خېلى ۋاقىتلارغىچە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئىرىشتى.قىممەتلىك ھايات دىگەن ناخشىغا كەلسەك، بۇ ناخشا ئەسلى ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ ئەينى چاغلاردا جۇ زۇڭلىنى ئەسلەپ يازغان بىر ناخشىسىكەنتۇق.مۇزىكىسى ناھايىتى ياخشى ئەمما ھازىرقى سىياسىغا تازا ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا ،مۇشۇنىڭغا بىر ئۆلمەيدىغان تېكىسىت يىزىپ،قايتىدىن ئېيتساق مۇشۇ ناخشا تىرىلەتتى،دەپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن بولىدۇ دەپ مۇشۇ ئەسلى تېكىستنىڭ ۋەزىنلىرى بويىچە ھايات ھەققىدە بىر ناخشا تېكىست يازايلى دەپ ئابلىز شاكىرلار بىلەن دىيىشىپ يازدىم.بۇنىمۇ ئاشۇ ناخشىغا سالساق بۇمۇ ياخشى ناخشا بولۇپ قالدى.دىمەك ناخشا تېكىستلىرىنى ئۆزەمنىڭ كەسپىنىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن،بەزىدە ئۆزەمنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىم بىلەن يىزىپ كەلدىم،كۆپ يازغان بولساممۇ لىكىن تاماشىبىنلار ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشىلاردىن 4-5 چىقتى.مەن مۇشۇنىڭدىن سۈيۈنىمەن،بىر ناخشىڭىز بولسىمۇ خەلىققە ياقسا بۇ ئادەمنى سۈيۈندۈردىكەن. -aH?7HV}  
Ghq'k:K,  
رىياسەتچى : سىز بىر شائېر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە مودا ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىگە بولغان باھايىڭىز قانداق ؟ ناخشا تىكىستىنى يېزىش ياكى بېكىتىشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك ؟ F"m}mf  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى زامانغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بۇرۇنقى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش چەكلىمىللىرىدىن قۇتۇلۇپ،ھازىر مۇشۇ ئۈن-سىن شىركەتلىرى،بازالارنىڭ روناق تېپىشى بىلەن بۇ جەھەتتىكى تەشنالىقىمىز قېنىۋاتىدۇ.بۇرۇن تىلىۋىزور،ئۈنئالغۇلاردا ئاڭلاش ئىمكانىيتىگە ئىگە ئىدۇق،ناخشا-ئۇسۇللار سانىمۇ چەكلىك ئىدى.ھازىر ئۈن-سىن شىركەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى كۆپلىگەن ناخشىچىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ ھەم ناخشىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ،بۇ بازار شەكىللەندۈرگەندىن كىيىن بازارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ياخشى ناخشىلار تاللىنىۋاتىدۇ ۋە بەزى ياخشى بولمىغان نەرسىلەرمۇ چىقىپ قېلىۋاتىدۇ.ھازىر نۇرغۇن شائىرلارنىڭ،ناخشا تېكىستى يازغۇچىلارنىڭ،يېڭىدىن يىتىلۋاتقانلارنىڭ يىزىۋاتقان ناخشا تېكسىتلىرى بىزنىڭ تەلىۋېمىزنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ناخشا تېكىستى ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان،بەدىئىي سەۋىيەسى ناھايىتى تۆۋەن ناخشىلارمۇ چىقىپ قېلىۋاتىدۇ،بۇ قىسمەنلىك بولسىمۇ بىز دەۋاتقان مۇشۇ ئۇمۇمىي ياخشى ۋەزىيەتكە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.ناخشا ئېيىتىلۋاتقاندا ياخشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ،تېكىستىنى كۆچۈرۋېلىپ قارىسا ھىچقانداق پىكىرمۇ يوق.كۆيدۈم-پىشتىم،ئۇ-بۇ دەيدىغان قۇرۇق گەپ جېقراق.بۇنىڭ كىلىپ چىقىشى يەنىلا ئىجادىيەتكە بولغان تەلەپنىڭ ئاجىزلىقىدىن.ئۈن-سىن شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۆزبەك،تۈرىكلەرنىڭ ئۇيغۇرغا يېقىن كىلىدىغان تېكىستلارنى ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد.تېكىستىنى ئۆزگەرتكەن ۋاقتىدا مەنىسى يوق سۆزلەرنى قاپىيە تىزىپلا كەلدى، دەپ ئېيتىدۇ.بىر قىسىم تېكىستقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ياشلىرىمىز قىزىقچىلىقتا ۋو ۋو دەپ ناخشا توۋلىغان بىلەن ،ئۇنىڭ سەل ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن قايتا قاراپ باقىدىغان بولساق،ئۇيغۇر شېئىرىيەتلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ھىس قىلىمىز.مىنىڭچە بۇ بىزنىڭ بۇ مەدەنىيەت ساھەرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بولۇپ قالىدىغان تەبئىي ئەھۋال.مەدەنىيەت تەرەققى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا نۇقسانسىز تەرەققى قىلىدۇ دىسە بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس.شۇڭا بۇ دىگەن ئەھۋاللار يەنىلا قىسمەنلىك.فىلىم ئىشلەۋاتقان تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى بولسۇن،ئۈن-سىن شىركەتلىرى بولسۇن بۇ جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ،ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇۋاتىدۇ.بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.ئاشۇنداق نۇقسانلار ئاممىنىڭ پىكرى بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن،بۇ جەھەتتىكى پىكىر-تەلەپنى قۇيۇش كېرەك.بۇ تەس ئىش ئەمەس.ئاشۇ شىركەتلەرمۇ ئەدەبىيات-سەنئەتتىن خەۋىرى بار بىرەر تەھرىرنى سەن مۇشۇ تېكىستقا مەسئۇل بولىسەن دەپ،ئۇنىڭغا ئازراق ھەق بېرەمدۇ،چىڭراق تۇتسىلا ھەل بولۇپ كىتىدىغان ئىشلار.ئەمما ئاشۇ تېكىستلەرگە تەلەپنى تۆۋەن قۇيۇپ چىقىرۋېتىپ قالسا،ناخشىنى ئاڭلايدىغانلارمۇ كۆپ.ئاڭلاپ بولۇپ پىكىر بېرىدىغانلارمۇ كۆپ.ئەمما بىزدە مۇشۇ ناخشىلارغا نىسبەتەن مۇنداق بولۇپ قاپتۇ دەپ ئوبزورلارنى گېزىت-ژورناللارغا ئەۋەتىدىغانلار ناھايىتى ئاز.ئانداق بوپتۇ-مانداق بوپتۇ دەيدىغان قۇرۇق گەپلەر كۆپ،نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولۇپ قاپتۇ،سەۋەپلىرى نىمە؟ قانداق قىلغاندا تۈزەتكىلى بولىدۇ،دەيدىغان جەھەتلەردە ئىزدەنسەك توغرا بولىدۇ.مەن بۇ جەھەتتە شىنجاڭ گېزىتىدە ئۈن-سىن بازىرىدىكى ئويلار دەپ بىر ماقالىنى يازغان.كىيىن بۇ جەھەتلەردە ئىزدىنەلمەي قالدىم.بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقان مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق شائىرلىرىمىز نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇ قەستەن بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس.بەزى ياشلىرىمىزنىڭ بىلىم-سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى ،بەزىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلساقمۇ بولىدىكەن دىگەن ئوي-سەۋەپلىرىدىن ئۇنداق-بۇنداق نۇقسانلار ساقلىنىۋاتىدۇ.ئەمما ھەرگىزمۇ قەستەن مۇشۇنداق قىلايچۇ دەۋاتقانلىق ئەمەس.بۇ ئۈن-سىن ساھەسى بىزگە نىسبەتەن سەل يېڭى بولغاچقا ھەم ئىشلەۋاتقان كۆپىنچە ياشلار بولغاچقا ئۇنداق-مۇنداق نۇقسانلاردىن ساقلانماق تەس.مەن ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىمۇ،باشقا رادىئو ئىستانسىسىدىمۇ بۇ نۇقسانلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ.داۋاملىق تۈزىتىپ مېڭىۋاتىمىز.مىنىڭچە شۇنداق نۇقسانلارغا ھەممىمىز ئورتاق پىكىر بېرىپ،تۈزىتىپ ماڭساق مۇشۇ ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشغا،گۈللىنىشىگە بىر مەدەت بولىدۇ.ئۇنداق-بۇنداق سەۋەپلەر بىلەن گۈللىنىۋاتقان ئۈن-سىن بازىرىنىڭ ئاۋاتلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ. > +; b>  
Ji}IV  
رىياسەتچى : ئاخىرىدا بىز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى پىلانلىرىڭىزنى بىر ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟ rCSG@D.  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : مەن باشتىمۇ دىدىم 90-يىللاردىن كىيىن بالىلار ئەدەبىياتىغا زېھنى كۈچۈمنى مەركەزلەشتۈرىۋاتىمەن.چوڭلار ئۈچۈن ئەسەر يازىمەن دەپ ھەر تەرەپكە زېھنى كۈچۈمنى چاچماستىن،بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان ئەسەرلەرنى يىزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.يېقىندا مەن يەنە بىر بالىلار رومانى {چېچەن قوشماقلار}نى يىزىپ نەشىرياتقا تاپشۇردۇم.ئۇنىڭدىن باشقا {يالغانچى تۇسۇقنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى}دىگەن يېڭى بىر كىتاپنى يىزىۋاتىمەن.بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بالىلار ئۈچۈن يەنە تېپىشماق،مەسەل،قوشاقلارنى يىزىشىم مۇمكىن.دىمەك مىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشىم بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن بولىدۇ. 0p>:r U~  
=iK6/ y`  
رىياسەتچى : رەھمەت سىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدا بىزنى ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىغىنىڭىزغا تورداشلار نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،شۇنداقلا سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تىنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول-ھوسۇللۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.رھمەت سىزگە. KEVy%AP=*h  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى :  سىزگىمۇ رەھمەت. w7t"&=pF7  
z7Rcn r;  
9y|&T  
_F|_C5A  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ تەرجىمھالى
KlqJ EtO_  
:V-}Sde  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. =|5bhwU]  
ئۇ 1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ،بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان. v"('_!  
ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە دىرامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ،ئۆزىمۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇچۇن ناخشا تېكىستى يازغان. s8_NN  
1985-يىلى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنچى قېتىملىق<< شىنجاڭنى سۆيىمەن >>دېگەن تېمىدامۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىشتائۇنىڭ ناخشاتېكىستىگە ئىشلەنگەن<< تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ>>،<< يۇلتۇزۇم>>،<< تولۇنئاي >>دېگەن ناخشىلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. > %cWTC  
h,6S$,UI  
ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ،ناخشا-ئۇسۇل،دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ،ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان. x< y[na  
X$h~d8@r  
ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پىروگىراممىلىرى،<< شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان. J!fc)h  
مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ،مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. FZ.z'3I  
ئۇ1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. p$o&dQ=n[  
ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكى<<تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى >>پرگۇراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدامۇخپىرلىق قىلىپ،500دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان<<يۈكسەل قورغاس>>،<<سېھىرلىك سىمپونىيە>>،<<پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار >> ، <<باغرىڭنى ئاچ باغراش>>،<<خسىلەتلىك بۇلاق>>،<<ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتاتغۇبىلىك>> قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان.ئۇ ھازىرغىچە<<ياشلىق ساداسى>>،<<نوزۇر ناۋاسى>>،<<ناۋالىق دىيار تۇرپان يۇزى>>،<<ناۋا ۋە جۇلا>>،<<نورۇز شادلىقى>>،<<دۇنيا ۋە ئاياللار>>،<<ئىللىق دۇنيا>>،<<غۇلجا ناھىيىسىدە مەشرەپ>>قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستىنى،ئېتوت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى،ھازىر ئۇ تېكىستىنى يازغان>>قىممەتلىك ھايات>>، <<يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-******* >>،<<كارۋان ھېكمىتى>>،<<سىڭلىمغا>>،<<جۈپ پەرزەنت>>،<<نورۇز ناۋاسى>>، <<تۇرنىلار>>،<<ھايات دېگەن سىرلىق تېپىشماق>>،<<دوستلۇق كۇيى>> قاتارلىق 150دىن ئوشۇق ناخشا رادىئو تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىلماقتا،ئۇنىڭ يەنە <<قىز بالا بولسا نېمە بولۇپتۇ>>، <<باجگىرنىڭ باش قېتىمچىلىقى>>،<<بالىلىرىنى كۈتۇش>>،<<ئانىسىز ئۆي>>،<<مېھىرى شەپقەت>>،<<يىراق يېزىدىكى مۇھەببەت>> قاتارلىق 90 نەچچە ئېتوتى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلگەن. R6@~   
ئۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ توختىتىپ قويمىغان.ئۇ بۇ جەرياندا<<مەخسۇس پروگراممىلار ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،<<تېلېۋىزىيە ئېكرانىنى رەڭدارلاشتۇرايلى>>،<<ئالتۇن كۆزنەك پىروگراممىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<<ئۇن-سىن بازىرىدىكى ئويلار>>،<<تېلىۋىزىيە سەنئەت فىلىمى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<< ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئىتوتچىلىقى ھەقىدە>>قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.ئەخمەتجان 2001-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۇمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا رىقابەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ،پروگرامما ئىسلاھاتى ۋە نادىر پروگرامما يارتىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە،ئۇ ھازىر <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>>،<<كۆڭۈلدىكى سۆز>>،<<قانۇن ۋە پۇقرا>>،<<مائارىپ گۈلزارى>>،<<مۈنبەت تۇپراق>>،<<پەن ۋەمائارىپ >> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ فىلىم مۇدىرلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە. GxBPEIim  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان <<<سىرلىق ئۆڭكۈر>>،<<سۆيگۈ گۈلى>>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>> ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكى<<يالغانچى تۇسۇق>>قا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دىراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ئەخمەتجان قۇربان سابىرى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق<< شېئىر >>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>>،<<يالغۇز تام>>،<<بىزنىڭ دۇكان>> قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە،<<تىڭىرقىغان ئەپسانىلەر>>،<<سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر>>،<<يىللار ۋە ئىنسانلار>> قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر،<<ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىتىدە شاراپ سۆزىنىڭ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە>>،<<ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا>>،<<ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>> قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى. X-r,>o:  
E4aCGg  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ھازىرغىچە چوڭلار ۋە بالىلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇردى . d!z).G  
1 . << كالتە قۇيرۇقلۇق چاشقان >> ناملىق چۆچەكلەر توپلىمى . (Rg!km%2T  
2. بالىلار يۇمۇرلىرى . Eno2<<  
3. بالىلار چاخچاقلىرى . B';> Hk  
4.تۇنۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر ( 3 قىسىم ) x7kg_ `\U  
5 . ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە بالىلار تېپىشماقلىرى ( 5 قىسىم ) !#gE'(J;c  
6.ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى (6 قىسىم) o-<_X&"a|5  
;Owu:}   
7.ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى (5 قىسىم) xI\s9_"Qy  
)MW}!U9G  
8.ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى (5 قىسىم)  glX2L ~  
k:@Ls  
9.ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (5 قىسىم) D!T4k]^  
8+cpNX  
10. كۈندە بىر كۈلكە (2 قىسىم) N4DDH^h  
&j@J<*k  
11. << كۆك ئۆستەڭ >> ناملىق رومان .. ~@?-|xLqQ  
ZBq* 
12.ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىزىقارلىق سۇئال-جاۋاپلار (10 قىسىم) J6Nw-qF  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ يېقىندا << ئۇيغۇر بالىلار ھېكايىلىرى >> توپلىمىي، << ئەلقۇدنىڭ ئانا يۇرتتىكى ساياھىتى >> ناملىق بالىلار رومانى نەشىردىن چىقتى. Jl4XE%0  
Q~!hr0 ZR  
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى يەنە << نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە يېڭى قىسسە >> ناملىق رومان ، << چېچەن قوشماقلار >> ناملىق بالىلار رومانىنى نەشىرگە بەردى .... =\7p0cq&*  
JwVC?m).  
يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، بىز يازغۇچىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمىز !!
(NN14   
سەن كۈلسەڭ پۈتۈن دۇنيا كۈلىدۇ، سەن يىغلىساڭ دۇنيادا بىر سەنلا يىغلايسەن . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى !!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-31 20:47 |
تاغتېكىن
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 24424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1865
شۆھرەت: 1630 كىشىلىك
پۇل : 2034 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2122 نۇمۇر
قوللاش: 1715 نومۇر
ئالقىش: 2859 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ سۆھبىتىڭىز بەك ئەھمىيەتلىك بۇلۇپتۇ، كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان بالىلار ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان بۇ ئۇستاز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەڭ سەلكىنداشلارنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم، ئەخمەتجان سابىرى ئاكىنىڭ بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 20:55 |
erk uzun
ھېسلىرىم
ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 21316
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 934
شۆھرەت: 871 كىشىلىك
پۇل : 5189 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 555 نۇمۇر
قوللاش: 466 نومۇر
ئالقىش: 501 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىزنىڭ ساپالىق ، ئەتراپلىق يىتىلىپ چىقىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولمىسا بولمايدۇ ، ئەخمەتجان ئاكىمىزنىڭ سەبىيلىرىمىزگە تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلىشىنى تىلەيمەن !
armaninkas4
    ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟  پەقەت ئۆزۈم.......
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 20:58 |
شائىر~ئەپەندى
ئەر ئىچىدە ئادەملەر . . .
ئالىي ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9380
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 717 كىشىلىك
پۇل : 1629 سوم
تۆھپە: 1104 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1116 نۇمۇر
قوللاش: 194 نومۇر
ئالقىش: 292 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1525(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

فىلىم ھالەتتىكى زىيارەت خاتىرىسى مېنىڭ كومپىيوتېرىمدا بىر پارچە سۈرەتتەكلا تۇرىدۇ ، پەقەتلا قۇيۇلمىدى ! 3~iIo&NZ  
    ئالدىنقى ساندىكى نورمال قۇيۇلغان ، ئىزدەپ باقسام ئۇمۇ شۇنداق بۇلۇپ قاپتۇ . WgF Xv@Jjt  
     بۇ بىرەر قويغۇچنىڭ يوقلىقىدىنمۇ ؟ كىم ياردەم قىلىدۇ ؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 21:06 |
پاڭزا
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 13466
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 278
شۆھرەت: 255 كىشىلىك
پۇل : 969 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 329 نۇمۇر
قوللاش: 201 نومۇر
ئالقىش: 229 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 501(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

%9Br  
  vs}_1o  
( lBgW z  
g(){wCI  
Yz4)Q1  
Q[+&n*  
«سىمىز»لەپ كەتتىڭ دەپ مۇنبەردىن چەكلىۋېتىشىدىن  قورقىمەن ھاھاھا ~~~
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 21:09 |
duel
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 35025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 347
شۆھرەت: -10 كىشىلىك
پۇل : 1173 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -10 نۇمۇر
قوللاش: -10 نومۇر
ئالقىش: -10 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 175(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ كالتە قۇيرۇق چاشقاننى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقىغان جۇمۇ مەن ...    
izdax.com
ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانەتلىرىنى ياخشى ساقلايلى ...
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 21:21 |
قوزام
ئەخلاقىڭ بىلەن ياشا !
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 18431
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1414
شۆھرەت: 2350 كىشىلىك
پۇل : 146172 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2061 نۇمۇر
قوللاش: 1567 نومۇر
ئالقىش: 2060 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يازغۇچىلار ئارسىدا بىراۋنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئاز تولا ئىشلەپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان نۇمۇسسىز قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن يەنە بىرى ئاشۇ مەن ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچىلىرىمىز ئارىسىدا بەزىبىر بىر - بىرىنى چۆكۈرىدىغان ، پۇتاق چىقىرىدىغان ، نام ئابروي قوغلىشىدىغان شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئىزنالىرىنىڭ بارلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى . CZE!rpl  
MZ" yjQA  
    
قىز بالا ھاياسىز بولسا،ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى ساقلىمىسا،مەڭگۈ ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ ئۆتىدۇ.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:08 |
شائىر~ئەپەندى
ئەر ئىچىدە ئادەملەر . . .
ئالىي ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9380
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 717 كىشىلىك
پۇل : 1629 سوم
تۆھپە: 1104 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1116 نۇمۇر
قوللاش: 194 نومۇر
ئالقىش: 292 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1525(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇف . . . سېستىمىنى قايتا يەڭگۈشلەپ يۈرۈپ ئاران ئەسلىگە كەلتۈردۈم ، فىلىم نورمال قۇيۇلۇۋاتىدۇ ! ( ئەمدى ئالدىرىماي كۆرەي ! )
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:39 |
تۇغرۇل
ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ !
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 18964
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1463
شۆھرەت: 1263 كىشىلىك
پۇل : 4242 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1415 نۇمۇر
قوللاش: 1591 نومۇر
ئالقىش: 2087 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 657(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىمىزنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەم ئىجادىيىتىگە قۇت بولغاي ھەم بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بالىلار ئەسىرى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئېسىل سوۋغىلارنى سۇنۇشىغا تىلەكداشمەن .
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،      
ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.  
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:53 |
ياسىر
ئالىي ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 21345
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 109 كىشىلىك
پۇل : 6412 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 617 نۇمۇر
قوللاش: 171 نومۇر
ئالقىش: 510 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 605(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تور زىيارىتى باشقا تور بىكەتلەر ئالدىن باشلاپ بولغان بىر تۈرلۈك تور پائالىيىتى بولسىمۇ بىراق تور زىيارىتىنى يېزىقچە ھەم سىنبار بويىچە تورغا يوللاشنى سەلكىن ئەڭ بالدۇر باشلىدى . بۇ جەھەتتە سەلكىندە يېڭىلىق بار دىيىشكە بولىدۇ . سەلكىن ئەپەندى باشلىق بارلىق سەلكىن خىزمەتچىلىرىنىڭ سەمەرىيلىك ئەمگىكىگە رەھمەت ! zk)9tm;i{  
] -  
f 
تەكلىپ : 8)(<U/  
كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتكە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى قۇربان مامۇتنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+9(كەچمەس) مەنمۇ قوشۇلى ..
  • http://www.agranum.cn/bbs
    فارابى ، ئىبىن سىنا قاتارلىق ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى يۇنان پەلسەپە مىراسلىرىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرىدىغان  «تەرجىمانى» بولغانلىقىدا ، ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى پەقەت «تەرجىمان» بوپقالغانلىقىدا ئىدى . ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى يۇنان پەلسەپىسىنى «تەنقىدىي» مەيداندا ئەمەس «تەقلىدىي» مەيداندا تۇرۇپ كۈزەتكەنلىكىدە ئىدى . ئۇلار ھەتتا يۇنانلىقلاردىنمۇ بەكرەك يۇنانلىشىپ كەتكەنىدى .
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-01 00:57 |
    سۈبھىدىكى ياپراق
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) موللا تاپقاق
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 948
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 2085
    شۆھرەت: 2734 كىشىلىك
    پۇل : 104616 سوم
    تۆھپە: 147 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
    قوللاش: 1541 نومۇر
    ئالقىش: 2260 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 461(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق باللىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشدە ئاتا-ئانا تەربىيەسىدىن باشقا باللار مائارىپى بەكمۇ مۇھىم رولنى ئوينايدۇ. باللىلارنى يەسلىگە بەرگەندىن تارتىپلار باللار تەربىيە ئاستىدا ئەدەپلىك، مەدەنىيەتلىك چوڭ بولدۇ. نۇرغۇن باللىلار، ئۆسمۈرلەر باللار قوشاقلىرنى چۇىۇرشۇپ ئوقۇشىدۇ، باللار ناخشىسىنى ئىيتىشىدۇ. باللار چۆچەكلىرنى ئوقۇشىدۇ دە ، زىھنى قۇۋتى ئىچىلىدۇ. [Xy^M3  
    كىيىنكى بىلىملىرگە ،قىزىقىش توپلاشلىرغا ئاساس يارتىپ بىردۇ. L%D:gy9o  
    باللار ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىيات تارىخدا تۇتقان ئورنى ناھايتى مۇھىم رولنى ئىگەللەيدۇ. aBV{Xr~#(  
    مەن ئەخمەتجان قۇربان ئاكىنىڭ باللار ئۈچۈن ،بىز ئۈچۈن ئومۇمەن خەلىق ئۈچۈن بۇندىن كىيىن تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ، چۆچەك ،ھىكايلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمەن.
    http://www.agranum.cn/bbs
     باغرى قان بولغان كىشىنىڭ دەردىنى دەرىدمەن بىلۇر،
    دەردى يوق بىدەرىد كىشىلەر بەلكى دەرىدمەندىن كۈلۇر.
    كۈلمىگەي ھىچكىم بىراۋدىن، ئۆتنە ئالەم بۇ زامان،
    ياخشىنى يامان دىگەن يامان ئۆزى قالماس ئامان.
    كۆرمەيىن باسما تىكەننى،تارىتما ھەرگىز دەردىنى،
    يۈرمىگىن ئاخىر كىيىپ مەندەك كۇلايۇ جەندىنى.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-01 01:02 |
    arhan1
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 34555
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 103
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    پۇل : 671 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    قوللاش: 10 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئەجىر قىلىۋاتقان بۇ ئۇستازنى ھۆرمەتلەيمەن. ئائىلىسىگە بەخىت، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تېلەيمەن.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-01 01:10 |
    كەچمەس
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24535
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 342
    شۆھرەت: 331 كىشىلىك
    پۇل : 140564 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 232 نۇمۇر
    قوللاش: 234 نومۇر
    ئالقىش: 230 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكا  سۆزىڭىزدە چىڭغىز ئايتماتوفنى تىلغا ئىلىپ« چىڭغىز ئايتماتوف رۇس يىزىقىدا ھەمدە ئۆز يىزىقىدا ئەسەر يازىدۇ» دەپسىز . ئەگەر سىزدىن بىرسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ يازغان ئەسەرلىرى رۇس ئەدەبىياتىغا تەۋەمۇ ياكى قىرغىز ئەدەبىياتىغا تەۋەمۇ دەپ سورىسا ، سىز نىمە دەپ جاۋاب بىرىىسىز ؟ سىز ئىككىلەنمەيلا رۇس ئەدەبىياتىغا تەۋە دەيسىز ، چۈنكى سىز بۇنى ئوبدان بىلىسىز . بىزدىنمۇ بىرسى ھەم ئۇيغۇر يىزىقىدا ھەم خەنزۇ يىزىقىدا ئەسەر يازسا ، ئۇنىڭ ئەسىرى قايسى ئەدەبىياتقا تەۋە بولىدۇ ؟
    ياش تۆككۈچە ،مۇش تۈگ .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-01 01:13 |
    قەلىپداش
    گوروھ   باشلىقى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 57
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2521
    شۆھرەت: 3300 كىشىلىك
    پۇل : 2212 سوم
    تۆھپە: 727 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2389 نۇمۇر
    قوللاش: 2628 نومۇر
    ئالقىش: 3044 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 3932(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    باللارنىڭ كەلگۈسى ۋە كىينكى ئۆسۈپ يىتلىشى ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك ئىلمى بىلىم ـ تەربىيە بولشى كېرەك. 9Vp|a&Ana  
    مانا بۇ ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكا ئەشۇ كەمچىللىكلەرنى تولۇقلاپ كېلۋاتدۇ. E|u#W3-:  
    مۇشۇنداق زاتلىرمىزنىڭ كۆپلەپ چىقشىغا تىلەكداشمەن.
    تىنىچلىق دەپ تەۋرەيدۇ قەلەم،
    تىنىچلىق ئۈچۈن قويمەن ئىمزا.
    تىنىچلىق دېگۈچى يالغۇز مەن ئەمەس،                بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا.............~~~!!!
    تىنىچلىق ئۈچۈن تەۋرەيدۇ دۇنيا.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-01 02:16 |
    تارىخىچى
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 27444
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 81
    شۆھرەت: 17 كىشىلىك
    پۇل : 389 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
    قوللاش: 17 نومۇر
    ئالقىش: 17 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتتى ياخشى زىيارەت بۇپتۇ، رەھمەت سزگە سەلىكىن ئەپەنىدىم.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-01 12:45 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » قەلىب ساداسى