نورۇز ئۇ، شۇنداق بىر بايرامكى بىرلىك، ئىناقلىق نامايەندىسى بىلەن ئەل ئارىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت، سوغاقچىلىق يوقىتىلىپ ئۆتكەنگە سالاۋات قىلىنىدۇ. ئۇرۇق-تۇققان دوست-يارەنلەر ئارىدىكى ئىناقسىزلىقنى تۈگىتىش يوقلاش پائالىيىتى سەيلە-مەشرەپ، زىرائىخەتمە ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى. شۇڭا ئۇ ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپلا قالماي، ئەمگەك بايرىمى، ساۋاپلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شاتلىق بايرىمى، ئۆملۈك بايرىمى بولغاچقا بۇ بايرام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايرامدۇر. نورۇز يالغۇز دېھقان- چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي پۇقرالارنىڭ بايرىمى. ئەلنىڭ قىش- زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىنلىرىنىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسپ-كارلىرىنى راۋاج تاپقۇزىشقا بولغان ئىجتىھاد-ئىنتىلىشلىرىنى، ئۆز-ئارا ھىممىتى-ساخاۋىتىنى، ئىتتىپاق-ئىناقلىقىنى، بەختلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى نىشان قىلىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر . دېمەك،نورۇزنى قەدىرلەش بىزنىڭ قەرزىمز ۋە بۇرچىمىزدۇر. بۇ بايرام پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى كۈن-تۈنىڭ تەڭلىشىشى بىلەن قەلىپلەرگە ئىللىقلىق رەت قىلىپ بولمايدىغان ھېسسىيات بىلەن بىزنى ئۈمىتكە، ئىشەنچكە، تولۇپ تاشقان چىدام، غەيرەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىپتىخار بايرىمىمىزدۇر ئۇنىڭ تەرىپىنى سۆزلەپ بولۇشقا قۇربىم يەتمەيدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز ئاتا- بوۋىلىرىمىز ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن نامايەندىلىرىنى كۆرۈپ ئۆز تارىخىمىز قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ ئىچكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى تۇيغۇلىرىڭىزنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ لەززەتلىنىپ بېقىڭ دۈنيادا ئۆز تومۇرىڭىزنىڭ قانداق سوقىۋاتقانلىغىنى، چۇشىنىۋېلىشتىن ئارتۇق شېرىن سېزىم بولمىسا كېرەك. پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى : ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقىغا قىززىقىدىغان، يېزىپ تۇرىدىغان ۋە دائىم يازىدىغان سەلكىنداشلارنىڭ ئىجادىي يېزىقچىلىقىغا ئىلھام بېرىش، ئىجادىيىتى ئۈچۈن قولايلىق بىر سورۇن ھازىرلاپ بېرىش بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ نادىر ئىجادىي ئەمگەكلەرنىڭ روياپقا چىقىشىنى قوللاش مەقىسىتىدە سەلكىن مۇنبىرى كەڭ دوستلارغا «نۇرۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئىجادىي ئەسەر مۇسابىقىسى» دىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى، ماھارىتى ۋە تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان كەڭ سورۇن ھازىرلاپ بەردى.
سەلكىن مۇنبىرىدىكى ئوت يۈرەك يېزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرنىڭ بۇنى ئۆز قەلەم قۇۋۋىتىنى چېنىقتۇرىدىغان ھەم سىنايدىغان پۇرسەت، كەڭ سەھنە دەپ بىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن نادىر ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرۇشىنى، پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ جانلىق ، ئۆزگىچە، مەزمۇنغا باي چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشنى خالىغۇچىلار بۈگۈندىن باشلاپ ئۆز ئىجادىي مىۋىلىرىنى «نۇرۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئىجادىي ئەسەر مۇسابىقىسى» دېگەن سەھىپىگە يوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر باھالىغۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا ئادىل باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇكاپاتلىنىدىغان ئەسەرلەر قاتارىغا يوللىنىدۇ. ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر پائالىيەت نازارەتچىلىرى ۋە باھالاشقا قاتناشقان باھالىغۇچىلارنىڭ قايتا كۆرۈپ چىقىشى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.
پائالىيەت ۋاقتى : 2009-يلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە . (بۇ مەزگىلدە توختماي يېڭى ئەسەر قۇبۇل قىلىندۇ . )
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە . (بۇ 10 كۈن ئىچىدە باھالىغۇچىلار گۈرىپىسى جىددىي تۈردە تىما باھالاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ . ) 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى پائالىيەت نەتىجىسى ئىلان قىلىنىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدۇ . تەييارلانغان مۇكاپاتلار ۋە مۇكاپات تۈرلىرى : 1. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 1 دانە . 300 يۇەن خەلىق پۇلى .10 مىليۇن مۇنبەر پۇلى ، 1 دانە ئىجاتچان ئەزا مىدالى، 1دانە ئالاھىدە تۆھپە مىدالى ، سەلكىن بىلوگ vip لىق ئىنۋانى ، 500 تۆھپە ، 500شۆھرەت ھەم تىما نادىرلىنىدۇ .
2 .ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 2 دانە .200 يۇەن خەلىق پۇلى .5 مىليۇن مۇنبەر پۇلى ، 1 دانە ئىجاتجان ئەزا مىدالى ، سەلكىن بىلوگ vip لىق ئىنۋانى ، 300 تۆھپە ، 300شۆھرەت ھەم تىما نادىرلىنىدۇ .
3.ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 3 دانە . 100يۇەن خەلىق پۇلى . 2 مىليۇن مۇنبەر پۇلى . 1دانە ئىجاتجان ئەزا مىدالى ، سەلكىن بىلوگ vip لىق ئىنۋانى ، 200 تۆھپە ، 200شۆھرەت ھەم تىما نادىرلىنىدۇ .
4. رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى 3 دانە ، 1 مىليۇن مۇنبەر پۇلى، 500 بىلوگ تەڭگىسى ، 100 تۆھپە ، 100شۆھرەت ھەم تىما نادىرلىنىدۇ .
سىرىتتىن مۇكاپاتلىنىدىغان ئەزالار :
پائالىيىتىمىزنى ئاكىتىپ قوللىغان-قۇۋۋەتلىگەن ، پىكىر - تەكلىپ خاراكتېرىدە ئىنكاس يوللىغان، سەھىپىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ . بۇلار بىردەك ئەڭ تۆۋىنى 5 تۈمەن سوم مۇنبەر پۇلى، ئەڭ يۇقىرىسى 50تۈمەن سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، پائالىيەت تەشكىللىگەن ئورۇن
سەلكىن شىركىتى
تەشكىللىگۈچىلەر : سەلكىن ___ سەلكىن شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، مۇنبەر باشلىقى
ئەلئارا ___ مۇنبەر باشلىقى
ئۇيغۇرجان ___مۇنبەر باشلىقى
پائالىيەت باشقۇرغۇچىلار : چۆل گۈلى___مۇنبەر باشلىقى
سەھرايى-تارىم___ باشقۇرغۇچى
قوزام___باشقۇرغۇچى
ناز___باشقۇرغۇچى
پائالىيەت نازارەتچىسى : ئىدىرىسجان ____ باشقۇرغۇچى .
ئۈزۈمچى ___ ئالىي ئەزا.
گۈلگۈن ___ ئالىي ئەزا
نەرگىزە___ ئالىي ئەزا
بەھرام___ئوت يۈرەك .
دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :
1. يوللانغان ئەسەر چوقۇم يېڭى بولۇشى، ئىجادىي بولۇشى كېرەك ، مەزمۇن جەھەتتىن ئالاھىدە چەك قويۇلمايدۇ . نۇرۇزنى كۈيلەپ يازغانلارنىڭ تىمىسى باھالاشتا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ . (ژانىرىغا چەك قويۇلمايدۇ . )
2. ئەسەر چوقۇم بېكىتىلگەن پائالىيەت كۈنى ئىچىدە يوللانغان بولۇشى،ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل ، ئاي، كۈن ۋاقتى تولۇق يېزىلىشى كېرەك؛ ( ئەسەرىڭىزنىڭ بىرىنچى بىكىتى سەلكىن بولشى كىرەك ، باشقا مۇنبەرگە يوللاشقا بولمايدۇ . )
3. يوللانغان ئەسەر تېمىسىنىڭ ئارقىسىغا «نۇرۇزلۇق نادىر تىما مۇسابقىىسى » دەپ ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇشىڭىز كېرەك، شۇنداقلا ئەسىرىڭىز چوقۇم نۇرۇزلۇق نادىر تىما ئىجادىيەت پائالىيىتى دىگەن سەھىپىگە يوللىنىشى كېرەك . 4. ئەسەرىڭىز باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ كىلىنگەن بولماسلىقى ھەم باشقا مۇنبەرگە يوللىنىپ قېلىنماسلىقى كېرەك. ئەگەر بايقىلىپ قېلىنسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىڭىز مەڭگۈ ئېلىپ تاشلىنىدۇ . بايقاپ ئەھۋال مەلۇم قىلغان ئەزالارغا بىردەك 30000 سوم مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
5. ئەسىرىڭىز چوقۇم پىشىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى، ئىملا، لايىھىسى، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئىملا خاتالىغى كۆپ بولسا ھەم قالايمىقان لايىھىلەنگەن بولسا، پائالىيەت باھالاشتا شاللاپ چىقىرىلىدۇ.
6. ئەزالارنىڭ بۇ پائالىيەتكە تېما يوللاش ۋە يوللانغان تېمىلارغا قارىتا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ، لېكىن تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا، چوقۇم سەلكىن مۇنبىرىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ۋە سەھىپە قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. زۆرۈر بولمىغان ئىنكاسلارنى يېزىش، تېما مەزمۇنىغا خىلاپ ۋە يات بولغان قالايمىقان ئىنكاسلارنى يېزىش قەتئىي چەكلىنىدۇ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا، ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، ئىنكاس يېزىش ھوقۇقىنى مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسز ئېلىپ تاشلاش چارىسى قوللىنىدۇ. تېما ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەنلەر بىردەك مۇكاپاتلىنىدۇ. پائالىيەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى :
يوللانغان ئەسەرلەرنى تەھرىرخانىدا تەستىقلاش ۋە تەھرىرلەش ، سەھىپىسى توغرا بولمىغان تىمىلارنى مەخسۇس مۇشۇ پائالىيەتكە ئاجىراتقان سەھىپىگە يۆتكەش ، بەلگىلەنگەن تېمىغا ۋە باھالىغۇچىلارغا يوللاپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ۋە ئۆز ئالدىغا پائالىيەتكە ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بار نازارەتچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى : ئەسەرلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن- نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار تور باشقۇرۇش سىياسەتلىرى، مۇنبەر قائىدە- تۈزۈملىرى، مەخسۇس سەھىپە قائىدىسى ۋە پائالىيەت لاھىيەسىگە خىلاپ بولغان- بولمىغانلىقى، باھالاش جەريانىنىڭ ئادىل بولغان- بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە پائالىيەتنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىنىڭ ساغلام ئىلىپ بېرىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۆز ئالىدىغا پائالىيەتكە ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بار . مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە ئاكتىپ پىكىر- تەكلىپ بېرىشىنى ھەمدە ھەر جەھەتتىن پائالىيەت جەريانىنى نازارەت قىلىپ باھالاش جەريانىنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ نورۇز نامى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغاچقا نەۋرۇز دەپ تەلەپپۇز قىلىنماي نورۇز دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشىنى،نورۇز دەپ ئۇمۇملاشتۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
سەلكىن مۇنبىرى مۇدىرىيەت ئىشخانىسى