mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
بۇ بەتتىكى تېما:ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەبلەر IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 3288 قېتىم كۆرۈلدى
تال
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 31449
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 542 كىشىلىك
پۇل : 1512 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
قوللاش: 40 نومۇر
ئالقىش: 141 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 142(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەبلەر

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى چايان-شاھ نادىرلىدى .(2009-01-30)
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەبلەر K-F@OSK'  
ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققىي قىلغان شەرق خەلقلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما يېقىنقى 3- 4 ئەسىردە تەرەققىياتى ئەڭ قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ &-W5 T?Sl  
AYHB?xOpR  
1 . تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تىنچلىق بولمىغان Fv=7~6~  
oomB/"Z  
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى 1600-يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ھەممە يەرنى قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمئىيەتكە ئايلانغان. سەىدىيە خانىدانلىقىنىڭ ئادىللىقى بىلەن داڭ چىقارغان سۇلتانى ئابدۇكېرىمخاننىڭ قەستكە ئۇچرىشى بىلەن خانىدانلىق خارابلىشىشقا يۈزلەندى. خانلىق داىرىسى خانزادىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك، بايلىق، خانلىق، تېررىتورىيە (زېمىن) تالىشىدىغان ئۇرۇش سەھنىسىگە ئايلاندى، بىر مەزگىل گۈللەنگەن بۇ دۆلەت ھالاكەتكە يۈزلەندى. سۇلتان سەىدخاندىن باشلانغان سوپىلارغا مۇرىت بۇلئۇش ئەۋجىگە چىقىپ پۈتكۈل خەلق بىرقانچە توپقا بۆلۈندى، ئەسلىدىن خانىقالاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقئان سوپىلار ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، مۇرىتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرەشلىرىدە ئاز بولمىغان قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىۋاسىتە سەۋئەپكارىغا ئايلاندى. ئاخىرقى ھېسابتا سوپىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە ھىيلە مىكىرلىرى، سەىدىيە ئەۋلادلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى تۈپەيلى 1680- يىلى ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلاردىن جوڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، سوپىلار جوڭغارلارنىڭ سادىق غالچىلىرىغا ئايلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولدى. سوپىلارنىڭ جۇڭغارلار ياردىمىدە تىكلەنگەن بۇ قورچاق ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بايلىق توپلاپ ئۇنى خوجايىنلىرىغا سوۋغا قىلىپ خەلقنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىققا گىرىپتار قىلدى. سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغارلار ئۈچۈن سئېلىق تۆلەپ، قۇل دېدەك تۇتۇپ بەردى. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى سوپىلارنىڭ”ئاق تاغلىق“ ۋە ”قارا تاغلئىق“ تىن ئىبارەت ئىككى مەژەپنىڭ ھاكىمىيەت، مۇرىت، بايلىق تالىشىدىغان، ئۆز- ئارا قىرغىنچىلىق قىلىسھىدىغان ھالاكەت مەيدانىغا ئايلاندى. ]uO 8  
qW[p .jN  
.f 4a+w  
   بۇ ئىككى مەژەپ قىرغىنچىلىق قىلىشقاندىن سىرت ئۆزلىرىنىڭ سوپىستىك ئىدىيىسى بويىچە مەدەنىيەتنى قاتتىق تەقىب قىلىپ مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىدىن ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن يوقاتماق بولدى، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنىمۇ قىرغىن قىلىپ يۇقاتتى. ھاكىمىيەت جۇڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىقىدىكئى سوپىلارنىڭ قولىدىن مانجۇ - چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ھۆكۈمرانلىرى بىر تۈركۈم يەرلىك فېوداللار بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە ئېغىر زۇلۇملارنى سالدى. نەتىجىدە پۇقرالار ئېغىر زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ قىلغان بولسىمۇ ئىنتايىن دەھشئەتلىك باستۇرۇلدى، ئۇچتۇرپان جىگدە يېغىلىقى ( پۈتۈن خەلق قىرغىن قىلىپ يوقۇتۇلغان دېگەن مەلۇماتلار بار ) ۋە ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن خەلقنىڭ يۇرت ماكانىنى تاسھلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچۈشى، شىمالى ئۇيغۇرىستاندا قىرغىن قىلىپ ئادەم قالمىغاندا ( جوڭگو تارىخ كىتابلىرىدا شىمالىي ئۇيغۇرىستان ۋە يەتتە سۇ رايونىنىڭ قەدىمدىن ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن تۇپراق ئىكەنلىكى شۇنچە كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، مەھمۇد كاشىغەرى ‹‹ تئۈركى تىللار دىۋانى ›› دا بۇ يەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن شەھەرلىرىنىڭ بولغانلىقىنى بايان قىلغان) جەنۇبتىن ئاھالە كۆچۈرۈشى شۇنىڭ مىسالىدۇر. " ,&#9  
7q?u`3l  
خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھە دېگەندىلا مەغلۇپ بولۇپ تۇردى، سەۋەبى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللەنمىگەن، تارىخ دانكو ياكى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال كەبى رەھبەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىگەنىدى، ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى پەقەت زۇلۇمنى يوقىتىش بولغىنى ئۈچۈن ئىنقىلابتىن خوجىلارمۇ پئايدىلىنىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەشكە تىرىشتى، خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىمۇ خەلقنىڭ تالاپەت تارتىشىغا سەۋەبچى بولۇپ زىيانلارنىمۇ كەلتۈردى. 8`}(N^=}  
%:oyHlz%  
19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە خەلق بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئازادلىق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خوتەن، قەشقەر، كۇچا ۋە غۇلجىلاردا ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى، لېكىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك باشچىلار بولمىغانلىقتىن خوتەندە ھەبىبۇللاھاجى، كۇچادا راشادىنخان كەبى سوپى- زاھىت ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەرسىزلەر رەھبەرلىك قىلىپ بۆلۈنمە ھالەتتە خانلىق قىلىشتى. ئۇلاردا ۋەتئەن، خەلق، مىللەت ئېڭى بولمىغانلىقتىن بىرلىشىپ ھاكىمىيەت قۇرۇپ خەلقچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە قئادىر بولالماي ئاقىۋەت خەلقنىڭ غالىبىيەت مېۋىسىنى قوقانلىق رەڭۋاز ياقۇپبەگنىڭ ھىيلە- مىكرى ئالدىدا تارتقۇزۇپ قويدى. x"h0Fe?J  
0:UK)t)3I  
ئىلى سۇلتانلىقى، ئۈرۈمچى- سانجى خۇيزۇ ھاكىمىيىتى، كۇچا راشىدىنخان خوجا ھاكىمىيىتى، خوتەن ھەبىبئۇللا خوجا ھاكىمىيىتى ۋە قەشقەر بۈزرۈك خوجا (ئەمەلىيەتتە بەدۆلەت ھاكىمىيىتى بولۇپ ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۈزرۈك خوجىدىن پايدىلانغئان)نىڭ ئۆز-ئارا ئىستىلا ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى ۋە ياقۇپبەگنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ ھەم تۇرپان، ئۈرۈمچىلەرنى ئىگىلەپ ئاتالمىش ” بەدۆلەت يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى“ نى قۇردى. 1878- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھەممېنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ نىسپى ھالدىكى تىنچلىق ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگىچە يەنىلا ئۇرۇش داۋام قىلىپ كەلدى. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقان، ئۇرۇسھ ۋەيرانچىلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تارىخچى ئالىمىمىز موللا مۇسا سايرامىنىنىڭ "تارىخى ھەمىدى" ،" تارىخى ئەمىنىيە" كىتابلىرىنى كۆرىدىغان بولساق بۇ ھەقتە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. مىسال: bG=CIa&@  
hWpn~q  
"ئاتىلىق غازى يىگىتلىرى، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى، قوللىرى قاپاردى. ئاتىلىق غازى قوشۇنىغا ئەگىشىپ كەلگەن قاسساپلارنى ۋە خوتەندىكى ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر قاسساپلارنى چاقىرىپ كېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. قاسساپلار خەندەك لېۋىدە تۇرۇپ ئادەملەرنى بوغۇزلاپ خەندەككە ئىتتىرىۋەردى.... شۇ قېتىم تۆت تۈمەن ئادەم ھالاك بولغان بولسا كېرەك." /l_ $1<c  
قەدىرلىك كىتابخانلىرىمىزغا بۇ خىل قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. چئۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن. قان ھىدى، ئادەم ئۇستىخانلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ئىدى. ” ئۇيۇشقاق، يەڭگۈچى، ئەقىللىق“ مەنالىرىغا ئىگە خئاسىيەتلىك نامى بار ئۇيغۇر خەلقىمۇ بىر ئۇچۇم مەژەپچى، بايلىقخۇمار، ھۇقۇقپەرەست، ئۇرۇشپئەرستلەر تەرىپىدىن ئۇرۇش قاينىمىغا مەجبۇرى سۆرەپ كىرىلدى. خەلق ئۆز ھاياتىغىمۇ كېپىللىك قىلالمايدىغان، ئەتىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاشۇ بىر ئۇچۇم رەزىل شەخسلەر ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى، پاراغەتلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىللەتنى، خەلقنى، ۋەتەننى، كەلگۈسىنى، ئەۋلادلارنى پۇچەك پۇلغا (ئەرزىمەس شەخسى مەنپەئەتىگە) سېتىۋەتتى، ئۇيغۇر دىيارى ھالاكەتكە يۈزلەندى. <y1V2Np  
X||Z>w}v  
1678 - يىلىدىن 1685- يىلىغىچە جوڭغارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشلىرى بولدى، ئاق تاغلئىقلارنىڭ داھىيسى ئاپئاق خوجا دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ مەدەت تىلىشى بىلەن پۇرسەت كۈتۈۋاتقان جۇڭغارلار سەىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلدى. ئاپئاق خوجىنىڭ ئاق تاغلىق مۇرىتلىرى ئىچىدىن ماسلاشتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭغارلار غەلىبە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالدى. -IhFPjQ  
1755 - يىلى چىڭ سۇلالىسى شىمالى شىنجاڭنى ئىستىلا قىلدى. .b>1u3  
_Ki aeVE  
1759 -يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ شىنجاڭنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالدى. قارا تاغلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاق تاغلىق دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى. JG&`l{c9  
1765- يىلى ئۇچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بۇ مەشھۇر جىگدە يېغىلىقى بولۇپ چىڭ سئۇلالىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بارلىق ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتتى. B%!z7AT  
1803- يىلى يۈسۈپ خوجىدىن پايدىلىنىپ قوقەنلىكلەر پاراكەندىچىلىك سالدى. |5)~WoV/G  
1820-يىلىدىن 1828-يىلىغىچە جاھانگىر خوجىنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلىڭى بولدى. h+F@apUS  
1845-يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر ۋە قىرغىز دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1\1a;Q3W%,  
1847-يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭى بولدى. ?l#9ydi?  
1852-يىلى ۋەلىخان تۆرە تۆت قېتىم بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە جاللاتلىق قىلىپ نەچھچە كاللا مۇنارى ياسىغان. [Z6]$$!#2  
1854-يىلى قەشقەردە دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 'Y3>+7bI  
1857-يىلى ئاتۇش مىس كان ئىشچىلىرى، مەمتىلى باشچىلىقىدا كۇچا دېھقانلىرى، خوتەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ قىلغان، ۋەلىخان تۆرىمۇ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. P{mV  
1858- يىلى قەشقەردە بىر قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. m&o}qzC'y  
1860 -يىلى يەكەندە، 1862-يىلى خوتەن، كۇچا، بايلاردا قوزغىلاڭ بولغان. *9e T#dH  
1864-يىلى كۇچا دېھقانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە راشىدىنخان ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن. +:1ay ^YI  
1864-يىلى خوتەن دېھقانلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ھەبىبۇللا ھاجى ھاكىمىيىتى تىكلئەنگەن. hkSpG{;7  
1864- يىلى ئىلى خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ئىلى سۇلتانلىقىنى قۇرغان. lM Gz"cym  
1864- يىلى سىدىق بەگ قەشقەرنى ئىشغال قىلغان. w~M5)b  
1865 -يىلى قوقەنتلىك قوشبېگى ياقۇپبەگ ئاق تاغلىقلاردىن بۈزرۈك خوجىنى ئۆزىگە قالقان قىلىپ قەشقەرگە كىردى ھەم ئاق تاغلىق خوجىلار بۈزرۈك خوجا ئۈچۈن ئۇلارنى قوللىدى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغىچە ھەر خىل ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلار بولۇپ تۇردى. {LTb-CB  
vFY/o,b \  
P$_Y:XI !  
\lHi=}0  
1871-يىلى چاررۇسىيە چىڭ سۇلالىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە ئىلى سۇلتانلىقىنى ئىشغال قىلدى. OO_{ o  
1875- يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن غەلئىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان رايونلىرىنى ئىشغال قىلدى. =:`1!W0I  
1881- يىلى چىڭ سۇلالىسى(قاراخان) چاررۇسىيە (ئاقخان)غا 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىن ۋە بەش مىليون 9000سەر كۆمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەپ ئىلىنى قايتۇرۇۋالدى. U,)Ngnd  
E>TD`  
6HpSZa  
-_'M *-  
يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك نۇرغۇن قوزغىلاڭ ھەم توپىلاڭلار بولدى، خەلقنىڭ غەلىبە قىلغان، مەغلۇپ بولغان دەۋرلىرىمۇ بولدى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھېچبىر مەنپەئەت نېسىپ بۇلمىدى. چۈنكى خەلق ئىنتايىن تۆۋەن ئاڭ سەۋىيىدە بولغىنى ئۈچۈن پەقەت چېرىك، مۇستەبىت ھاكىمىيئەتنى ئاغدۇرۇشنىلا مەقسەت قىلغان بولۇپ كونكرېت نىشان بولمىغان، ئۇلاردا مەخسۇس ھاكىميەتچىلىكنى چۈشەنگۈدەك سەۋىيە، سىياھى پېروگىرامما تۈزگىدەك ئىقتىدار بولمىغانلىقتىن غەلىبە مېۋىسى ھە دېگەندە بىر ئۇچۇم سوپى - زاھىت، خوجا- ئىشانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى ياكى شۇلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى، خەلق ئىككى سوپىلار مەژىپىنىڭ مۇرىتلىرىغا ئايلىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن بىر توپ قوزغىلاڭ قىلسا ئىككىنچى بىر تەرەپ ئۇلارغا قارشى تۇردى، نەتىجىدە ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ”ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورىدى“. M]!\X6<_  
&Th/Qv}[  
>4GhI65  
سەىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىن باشلاپ ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە ياكى ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلىسە ئىككىنچى بىرتەرەپنى قاتتىق قىرغىن قىلدى، ئەگەر بىر مەژەپ خەلق قوزگھىلىڭى بىلەن ھاكىمىيەت تىكلىسە ياكى قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلسا ئىككىنچى بىرى ئۇلارغا قارشى مەيداندا تۇردى، مەسىلەن: ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ رەھبىرى قارا تاغلىقلار تەسىرىدىكى سەىدىيە خانلىقىنى يئوقۇتۇش ئۈچۈن دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ جوڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ مۇرىتلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنى جۇڭغارلارغا قۇل قىلىپ بەردى. ]7zDdI|  
wRf_IBhCd  
قارا تاغلىق خوجىلار بولسا جۇڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئاق تاغلىق خوجىلار ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىگە يول باشلىدى (قارا تاغلىق خوجىلار شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر زېمىنىدا ۋاڭ، گۇڭ مەنسەپلىرىگە ئېرىشىپ بىر مەزگىل خەلقنى ئېزىپ پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچئۈردى، قۇمۇل ۋاڭلىرى، كۇچا ۋاڭلىرى، تۇرپان- ئىلى خوجىلىرى شۇلارنىڭ مىسالى) ۋە مۇرىتلىرى ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتى. گەرچە كۇچا ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھاكىمىيەت تىكلەنگەن بولسىمۇ خەلققئە نەپ ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ ھەقتە تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ئەپسۇسلانغان ھالدا ” ... كۇچا خئوجىلىرىدىن راشىدىن خوجام دېگەن مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىنىڭ مازىرىدا دۇئا تەلەپ بىلەن ياتقان، ھىچ كىشى بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە دەرۋىش تەرىقىسىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر ئادەم ئىدى ... ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، بۇرۇنقى سۇلتانلىق قاىدىسى بويىچە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزدى ... بۇ شئەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ خەزىنە- مۈلۈك، قورال- ياراقلارغا ئىگە بولدى، ناھايىتى كۆپ خەزىنە توپلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق مۇھەممەت ياقۇپ بېك ئاتىلىق غازىنىڭ قولىغا چۈشتى. VY 
2N)=fBF%-  
4nkH0dJQ  
ئۇلار شۇنچىلىك دۆلەت ھۆكۈمەتكە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن مال- مۈلۈك توپلىغان چاغلاردا يا ئۆزىنىڭ بىرەر ئۇرۇق- قاياشلارىغا رەھىم ۋە شەپقەت قىلىپ باقمىدى، يا بىرەر دۇاگۇي، ئەھلى پەزىل ۋئە ھۈنەرۋەنلەرگە كەڭرى ئىنئام ۋە ئېھسان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال دۇنياغا بولغان ئېھتىياجىدىن چئىقمىدى، يا بىرەر دەريا- ئۆستەڭگە كۆۋرۈك سالدۇرۇپ ياخشىلىق قىلمىدى، يا مەسچىت خانىقا بىنا قىلئىپ، كۆل قۇدۇقلارنى كولىتىپ ۋەخپە ئەشيالار توختاتمىدى .... نەمۇنە ئەسەر قالدۇرماي نام نىشانسئىز كەتتى. ئۇلاردىن ھېچبىر نەمۇنە يادىكار ياكى ياخشى ئىش باقى قالمىدى .... "دەپ لەنەت ئوقۇيدۇ. ئالىمنىڭ بايانىغا قارىغاندا بۇ خىل لەنەتكە يەنە خوتەن پادىشاھى ھەبىبۇللا ھاجىمۇ دۇچار بولۇپ ئۇمۇ خەلق ئىنقىلاب قىلىپ ھاكىمىيەتنى ئېلىپ پادىشاھلىققا ئولتۇرغۇزسا ئۇمۇ ئوخشاشلا خەلق ئۈچۈن قىلچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەستىن خەزىنىنى ئالدى بىلەن بەدۆلەتنىڭ كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئوشۇقى بىلەن چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولغان. ئىلى سۇلتانلىقىنى ئېيتساق 10 يىللىق ھاياتىدا قانچە سۇلتان ئالماشتى؟ شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. }r`!p5\$K0  
Jjik~[ 
ۋەلىخان تۆرىنىڭ قىلمىشىنى كۆرسەك:” ۋەلىخان تۆرەم كاشىغەرنى مۇھاسىرە قىلىپ، قىشلاق ۋە كەنتلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ .... تۆت كاللا مۇنارى ياساپتۇ. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئون ئىككى گەز مىقدارى كئېلەتتى دەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى بەڭ چېكىش، ھاياسىز ئىشلارنى قىلىش ۋە قان تۆكۈشتىن ھېچقاندئاق ئۆزىنى تارتىپ ئېھتىيات قىلمايدىكەن.“ خەلق ئېتىقاد قىلغان خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغئا قاچقىنىدا قىرغىنچىلىققا يەنىلا ئازادلىققا، باراۋەرلىككە ئىنتىلگەن، باراۋەرلىك، ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلق قانلىق قىرغىندا قالدى. ئىلى قايتۇرۇۋېلىنغاندا 50 نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ چاروسىيە داىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشى، رۇسىيىلىك ظئا.ن. كۇرپاتكىننىڭ" قەشقەرىيە "ناملىق كىتابىدا يازغان" جوڭگۇلۇقلار بۇ ۋەقەنى” خوجىلار يېغىلىقى“ دەپ ئاتايدۇ. T2Cdw\  
t-dN: 1  
بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىسىدە 20000تۈتۈن يەنى 100000 كىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقىنىدىن ، قەشقەر، يەكەن ۋە ئاقسۇلاردىكى يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، خوجىلارنىڭ كەينىدىن تاغقا چىقىپ كەتتى ... بۇ قېتىمقى قاچ- قاچ 1-ئايدا يۈز بەردى. شۇ كۈنلەردە شىۋىرغان ئارىلاش قاتتىق قار يېغىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاچ يالىڭاچ كەمبەغەللەرنىڭ كۆپچىلىكى ئىز دېرەكسىز يوقالغان"، بئۇ ۋاقىەلەر ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلار ھەم قوزغىلاڭلار مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى قاتتىق قىرغىنچىلىقلار بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەقىقەت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى گەرچە خەلق قوزغىلىپ مۇستەبىت ھەم چېرىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشنى كۆزلىسىمۇ ئۇلاردا ئاشۇ زۇلۇمنى يۇقۇتۇشتىن ئۆزگە نىشان بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياھى پېروگىرامما بولمىغان ھەم بولۇشىمۇ مئۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلقتە ئۇنچىلىك ئىقتىدار بولمىغان، ئۇلاردا بىرەر سىياھى نىشان ئورتاق ئېتىقئات بولمىغىنى ئۈچۈن قان تۆكۈپ ئىنقىلاب قىلسىمۇ بىرلىشەلمەستىن بۆلۈنۈپ ياشاپ بۆرىگە يەم بولغان. KQ?E]}rZ  
X55Eemg/  
ئۇلارنىڭ قىسقا ھاكىمىيەتلىرى، قوزغىلاڭلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خەلق يەنىمۇ قاتتىق دىشۋارچىلىققا دۇچار بولغان جۈملىدىن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. چاررئوسىيە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئاھالە رئوسىيە تېررىتورىيىسىگە كۆچتى. موللا مۇسا سايرامى "بۇ يەتتە شەھەرنى سەرەمجان قىلغاندىن كېيىن، يەتتە شەھەردە قىرىق مىڭ چېرىك تۇرغۇزۇشقا ھۆكۈم قىلدى. لېكىن ئىلىنى ئىگىلىگەن چاغدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ئىدى. نۇرغۇن ئادەم تەرەپ تەرەپكە قېچىپ ئىلئى ئەتراپىدا ئادەم گۇرۇھى ئاز قالدى... ، دېسە خاقان مەنسەپدارلىرى بۇ يەتتە شەھەردە تۆرەمگە يار بولغان ياكى تۆرەمنىڭ ئىشىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چھارۋا مال ۋە زېمىنلىرىنى ئولجا قىلىپ، ئونمىڭدىن كۆپرەك خوتۇن-قىز ۋە ئوغۇل رەسىدە- نارىسىدە بالىلارنى ئولجا ئەسىر قىلىپ ئۇ تەرەپ لەنجۇ ئۆلكىسى، بۇ تەرەپ ئىلى، چۆچەككە ئېلىپ بېرىپ، خەنزۇلارغا تاپشۇرۇپ ۋە خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردى, دەيدۇ. W f 13Ab  
N:0/8jmmO  
2. ئىسلامىيەتتىن چەتنىگەن سوپىستىك دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئېلىپ كەلگەن جاھالەتنىڭ ۋەيرانچىلىقى Um;ReJ8z  
sBS\S  
قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانۇپنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىنگ ئىككى گوروھىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچالاردا ئاق تاغلىقلار مەژىپىدىكى ئاھالە كۆپ بولسا، يېڭىسار، ياركەنت، خوتەنلەردە قارا تاغلىق خوجىلارغا مۇرىت بولغان ئاھالىلەر كئۆپ بولغان. ئۇلار ھەربىر شەھەر يۇرتلاردىمۇ مۇرىتلىرى ئارقىلىق خەلقنى پارچىلىغان بولۇپ ئۆز- ئارا ئالاقىمۇ قىلمايدىغان بولغان ( مىسال قىلساق قەشقەر شەھىرى ئاھالىسىنىڭ شەرقى شىمال تەرەپتىنكىلىرى ئىچىدە ئاق تاغلىقلار كۆپ ساننى، غەربى جەنۇب مەھەللە كەنتلىرىدە قارا تاغلىقلار كۆپ بولغئان)، ئۆز- ئارا پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاق ۋە قارا تاقى كىيگەن، ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق ناملىرىمۇ شۇندىن كەلگەن. ~6!=_"  
Slq=;TDp  
بىز تارىخى پاكىتلاردىن ئەينى ۋاقىتتا سوپىزىمنىڭ قانچىلىك يامراپ كەتكەنلىكىنى، نادان خەلقنىڭ سئوپىزىمنىڭ كىشەنلىرىدە مەنىۋىيەت جەھەتتىن قانداق خاراپلاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: ^w^cYM ,  
ئاللا خاسلىقى خوجاملارغا خاس ياكى ئاللا خوجام دەپ خوجاملارغا ھەددىدىن زىيادە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قئىلىپ، ئۇلارنى ھەممىدىن يۇقىرى مەرتىۋىلىك دەپ ھېسابلاپ، ئاللا بىلەن خوجاملار ئارىلىقىدا تۇرىدىغان ھېچقانداق بىرەر يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئىنسان ياكى جاننىڭ بۇلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن ۋە يول قويمايدىكەن ... ئۇلارغا ناھايىتى يۇقىرى ئەقىدە باغلاپ ، ئاتلىرىنى يىلقا ئۇيۇرى بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن ۋە قىزلىرىنى قىزلىق ئىپپەتلىرى بىلەن، سېكىلەك بولسا سېكىلەكلىكى بىلەن ئېلىپ كېلىپ خوجاملارغا تارتۇقلاپ، نەزىر ھەدىيە قىلىپ ئەمدى بىزگە ھېچقانداق نەرسە لازىم ئەمەس‘ دەپ ئۇلارنىڭ دۇاسىنى ئېلىپ ئاللا خوجئام دەپ تونۇغان ئىدى. Qz{:m  
8l>/ZZ.NXi  
بۇندىن باشقا يەنە تەزكىرەى ھىدايەت قاتارلىق ئەسەرلەردىنمۇ سوپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا مۇخالىپ، كۇپرىلىق بىلەن ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيۇپ تەرغىب قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بىز گەرچە پۇقرالارنى سوپىزىمغا ھەممىسى بۇ دەرىجىدە ئىخلاس قىلىدۇ دەپ قارىمىساقمۇ ، سوپئىزىمنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. "<3PyW?zt  
z i2hi9A  
.zlUN0oe  
ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان بۇ سوپىلار نېمىنى تەرغىب قىلىدۇ؟ دوتسېنت ئىبراھىم نىياز بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: {\`#,[  
D!J ("~[3  
سوپىزىمنىڭ تۈپ غايىسى ئىنسانلارنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ، رېئال دۇنيادىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتئىن يۈز ئۆرۈپ خىيالى دۇنيادا كۆرىدىغان <راھەت> غېمىنى قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت PAH; +  
خەلقىمىز ئەقىدە قىلغان ئۆزلىرىنى دىنى ئىسلامغا بېغىشلىغان خۇدانىڭ ئاشىقلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ بولغان قىلمىش ئەتمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى سەىد- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى دىيېشىپ ساپ ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلارنى ئالداپ، خەلقنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بولغان ئەقىدىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى نىقابلاپ خەلقنى تەركى دۇنيالىققا باشلاپ ئۆزلىرىگە ئىخلاس قىلغۇچىلارنى جەننەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خەلقنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشتى، بۇ دۇنيانىڭ ياخشىلىقىغا مۇيەسسەر بولالمىغان خەلقىمىز ئۇ دۇنيادا جەننەتتە بولسىمۇ راھەت كۆرۈشنى، ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئادەمدەك ياشاشنى ئىزدىدى، شۇڭا خوجىلارغا ئىشىنىپ ئۇلارغا مۇرىت بولدى. !K'kk n,h  
oQ8W0`bZa  
سوپىزىمنىڭ بۇنچە كۈچىيىپ كېتىشىدە ئەينى دەۋرنىڭ قەلەمدە ھەم ئەلەمدە يېتىلگەن پادىشئاھلىرى سۇلتان سەىدخان ۋە سۇلتان ئابدۇرەشىتخانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت - مۇخلىس بولغانلىقىمۇ سەۋەبچى بولغان ئىدى، ئۇلار خان- سۇلتانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇرىت بولغان پۇرسەتتە سىياھى جەھەتتىنمئۇ پايدىلىنىپ (مەسىلەن، مۇرىتلىرىنىڭ باج- سېلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىش) ئۆز مۇرىتلىرىنى كۆپەيتكەن دېگەن قاراشلارمۇ بار. = B*,S#r  
0Vh|UJ'&7  
خوجا ئىشانلار ئۆزلىرىنى ھەق كۆرسىتىش ئۈچۈن سۇدا ماڭالايمىز، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيمىز، ئاسماندا ئۇچالايمىز، توپىنى يېمەك ئىچمەك، ئالتۇن كۆمۈشكە ئايلاندۇرالايمىز، يامغۇر ياغدۇرالايمىز، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە جايدا زاھىر بولالايمىز، سۈپكۆچلەپ كېسەل داۋالايمىز، غايىپنى بېلىمىز، قول تەككۈزمەستىن نەرسىلەرنى يۆتكىيەلەيمىز، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار بىلەن سۆزلىشەلەيمىز《 دئەپ ساختا كارامەتلىرىنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، ھەرخىل ھىيلە- مىكىرلەرنى قوللىنىپ خەلقنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدە- ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ ماددىي - مەنىۋى دۇنياسىغئا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇرۇپ چاقتى، بۇزدى، ئوت قويدى، ۋەيران قىلدى. مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى سوپىلىق پائالىيەت سورۇنلىرى خانىقالارغا ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرى - مەكتەپ، مەدرىسە، كۇتۇپخانىلار سوپىلارنىنگ ئاياغ ئاستىدا ۋەيران بولدى. pb$U~TvzhM  
65=i`!f  
ئاۋامنى مەدەنىيەتتىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ مەدەنىيەتنى مەنئى قىلدى. كىمىكى سوپىلار بىلەن قارسھىلاشسا خۇددى خوجا جاھان ئەرشى، بابا رەھىم مەشرەپ ۋە مىرزا شاھ مەھمۇت جوراس كەبى قەستكە ئۇچراپ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتە "جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا ناملىق ئەسەردە يېزىلغاندەك:ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار (بىز بۇ يەردە ئاق تاغلىق خوجىلارنىلا ئەمەس، قارا تاغلىق خوجىلارنئىمۇ بىر قاتاردا تونۇشىمىز لازىم) زامانىسىدا قەشقەرىيىدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسۇل، گۈزەل- سەنئەت، تىياتىر، سېركچىلىك، تېبابەتچىلىك، مەتبەچئىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق ... قاتارلىق بارلىق ئىلمىي پاالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كاپىر ، جادۇگەر، مۇرتەدلەر ھېسابلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. 6T"[M  
pHni"i T  
ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن- كۈلكە، خوتۇن-قىزلار پەرەنجىسىز ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگئەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلئەر، خاتىرە، نەمۇنىلەر، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم- مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتئىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسسىتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيئەتتە دۇئا- تىلاۋەت، خەتمە، ئىستىغپار ئۇقۇش (ئاللاھتىن گۇناھىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائىي مەستھغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان. >LFhu6T  
x V~`sqf  
"تەزكىرەى ئەزىزان" قاتارلىق ئەسەرلەردىن مەلۇمكى ” ئاق تاغلىق“، ”قارا تاغلىق“ خوجىلارنىڭ دەسلەپكى باشچىلىرى بىر تۇغقان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا نوپۇز تىكلەش ئۈچۈن كۆز قاراشلىرىدا ماھىيئەتلىك پەرق بولمىسىمۇ خەلقنى ئىككىگە بۆلۈپ مەژەپچىلىك قىلغان. ئۇلار ئۆز- ئارا نىزاھ قىلىشىپ، خەلقنى ئۇرۇش جېدەلگە سېلىپ قان تۆكۈپ مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز تارىخى جىنايەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارلىق پاجىەلىرى، يامان كۈنلەرگە قېلىشى پۈتۈنلەي سوپىلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن بولغان. پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى جاھالەت قاپلاپ پۈتۈن خەلق قاراڭغۇلۇق دۇنياسىغا غەرق بولدى. DWHl,w;[z`  
P`Anf_  
3. ئېغىر زۇلۇم خەلقنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن B:&/*HU  
d.% Vm&3  
ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان ھەرقانداق ھۆكۈمران ئۆز ھۆكۈمىنى قول ئاستىدىكى ئەمىر ئەكابىرلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ، ھۆكۈمران قانچە چېرىك، خىيانەتچى ۋە پارىخور بولسا قول ئاستىدىكىلەرمۇ شۇنچە چېرىك، پارىخور ۋە خىيانەتچى بولىدۇ. تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق ئەنە شۇنداق چېرىك، پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ ئۆتكىنىنى بىلەلەيمىز. ھۆكۈمران ۋە قولچۇماقلىرىنىڭ چېرىكلىكى، پارىخورلۇقى تۈپەيلىدىن خەلق ئۈستىدىكى باج سېلىق كۆپىيىپ كەتكەن، خەلق قاتمۇ-قات زۇلۇم دەستىدىن ياشاشقىمۇ ئامالسىز قالغان. بىر تەرەپتىن خان ۋە ئۇنىڭ ئامبال، دوتەيلىرى زۇلۇم قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن، ناىنساپ بەگلەر، خوجىلار، شەرىەتنى دەستەك قىلىۋالغان موللىلار ھەرخىل ئالۋاڭ- ياساق، باج- سېلىق، ئۆشرە- زاكات، پىترە يىغىپ زۇلۇم سالغان. JdfjOlEb  
M!,$i  
)e4nKh],  
چىڭ سۇلالىسىنىڭ سادىق قۇل غالچىلىرى بەگلەر بولسا باج ۋە سېلىقنى ھەسسىلەپ يىغىپ ئۆزىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە ئامبال، دوتەيلەرگە سوغا - سالام ، پارا بېرىپ تېخىمۇ چوڭ ئىمتىيازلار ئۈچۈن (توغرىسى خەلقنىڭ قېنىنى تېخىمۇ بەك شوراش ئۈچۈن) ھەرىكەت قىلدى، خەلق قاڭغىر قاقشاپ جان تەسلىم قىلىۋاتسا ئامبال، دوتەي، بەگ-غوجاملار ئۆزلىرىنىڭ پاراغەتلىك تۇرمۇش پەيزىنى سۈردى، نەتىجىدە زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق نۇرغۇن قېتىملىق قوزغىلاڭلار قىلىپ مۇستەبىت، چېرىك ھاكىمىيئەتنى ئاغدۇرماق بولدى. خوتەنلىك تارىخچى مۇھەممەت ئەلەمنىڭ تارىخى ۋەتەن ۋاقىاتى خوتەن ناملئىق ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى باج- سېلىقنىڭ 65 خىلى خاتىرىلەنگەن ئىكەن. چىرىك چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىكتە مەنسەپنى باھا قۇيۇپ ئېلان چىقىرىپ سېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولۇپ ئەمدى بىز چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەنسەپ سېتىش ھەققىدىكى ئېلانىغا مۇناسىۋەتلىك باياننى كۆرۈپ باقايلى: Q^DKKp  
EbY%:jR  
;5q=/  
ھەرقانداق پۇلى بار ئادەم كۈمۈش پۇل سوۋغا قىلسا مەنسەپ بېرىمىز، دەپ بازار گۈزەرلەرگە ئېلان چاپلىدى... ھەرقانداق نامى نىشانى يوق ، ئوغرى، قىمارۋاز، سەرگەردان بولسىمۇ پۇل بەرسە ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىلدى.... مەنسەپنى سودىلىشىپ باھا قويۇپ ئاشكارا ساتىدىغان بولدى .مانا بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەتنىڭ قانچىلىك چىرىكلەشكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ قانچىلىك رىيازەت چەككەنلىكىنى، قانچىلىك زۇلۇمغا دۇچار بولغىنىنى قىياس قىلىش مۈشكۈل ئەمەس. دېمەك ئەينى تارىخى دەۋردە ھوقۇق ئاچكۆز، بايلىقپەرست، پارىخورلارنىڭ، ئوغرى، قىمارۋازلارنىنگ قولىغا چۈشۈپ "سۇ ئاقىدۇ سايغا، پۇل ئاقىدۇ بايغا" دېگەندەك ۋەزىيەت داۋام قىلغان، پۇقرالار ئۈستىدىكى زۇلۇم تېخىمۇ كۈچەيگەن. X[(u]h`  
x a7x 2]~-  
#QXB2x<*  
قەرز ئۈچۈن، ئالبان ئۈچۈن بولدى مېنىڭ ھالىم خاراب، pI( OI>~3  
ھەزرىتى چۈنۋاڭ بېگىم ھالىمغا رەھىم ئەتكەي يانا. ) 
كەلسەلەر ئالبانچىلار خېنە پۇلى دەپ تۇتسىلەر، P,j)m\|  
پۇل تاپالمايمەن تېنەپ ، دىشۋار بولۇر ھالىم يانا.  
كېچىلەر، كۈندۈزلەرى ھەم دەرس ئوقۇر ئېردى بالام، Z '/:  
قەرز ئۈچۈن، ئالبان ئۈچۈن، ھەم دەرستىن قالدى يانا. W-<C%9O!  
/U`" Xx  
|/Ggsfmby  
ئاقسۇلۇق مۇەللىپ موللا توختى مۇندىن يۈز نەچچە يىل مۇقەددەم يازغان ئەسىرى "ئەرزىيەت "تىكى يۇقۇرقى بايانلار ئارقىلىق شۇنىمۇ بىلەلەيمىزكى ، زۇلۇم شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى بەگ-غوجاملار ئۆزلىرىنى ئاغىچىلىرى ئۈچۈن خېنىگىمۇ ئالۋان يىغقان. بۇ خىل ئالۋان، باج سېلىقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، زۇلۇمېنىڭ ئېغىرلىقىدىن خەلق ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان. دىنى ئۆلىما، تارىخچى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم بىر شېىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: 2pQ zT  
7Fh%jRHZ`  
O< v0{z09*  
ئۆتمۈشتە بۇ شىنجاڭغا شەن دوتەي ئىكەن مانجۇ، jri=UGf  
ماگازا، تاۋا توكۇ، كىيگەنلىرى ساپ پاڭچۇ. H]H*Ouu["e  
راھەتتە ياتار ئۇخلاپ پۇقراغا كۆتەرتىپ جۇ، ,?3r-bM  
پۇقرانى ھاقارەتلەپ سىڭكۇ بىلەن دەپ چەنتۇ، Z_zN:BJ8L  
داتاڭغا قاداپ قويغان نەيزە قىلىچ ھەم چەيدۇ.○12 h rW  
9G[!"eZ}  
c/jU+,_g  
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخ، ئەينى دەۋردىكى رېاللىق. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى دەۋرى ۋە باسھقا دەۋرلەردە بولسۇن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى خەلقنى پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تىنچلىقنىڭ بولماسلىقى، سوپىزىمنىڭ بېسىمى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق خەلقنى ئۆزىنىڭ مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان قىلىپ قويغان. خەلق ماددىي، مەنىۋئى بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان.  Eh^c4x  
@ !=q.4b  
Bk_23ygO_  
”پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا“ دەيدۇ ئۇيغۇر دانالىرى، دەرھەقىقەت پۇل بولمىسا ھېچ ئىش ئاقمايدۇ، پۇل دېمەك ئىقتىساد، كاپىتال، مەبلەغ دېمەكتۇر. يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ئۇرۇش ۋە دەھشەتلىك ئېزىشلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىگىلىگىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان بولۇپ سوپىزىمنىڭ تەركى دۇنياچىلىق تەشەببۇسى بۇ ۋەيرانچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. مەيلى جۇڭغارلار بولسۇن ياكى چىڭ سۇلالىسى بولسۇن خەلقنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشى، قوللىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى خەلق پەن- مائارىپ ئارقىلىقلا ھاياتلىق يولىنى، باراۋەرلىكنى ھەتتا ئۇلارنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش يولىنى تاپالايتتى، ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلارنى ئاداققى ئۆز ھۆكۈمىدە تۇتۇشنى مئەقسەت قىلىدىغان تۇرسا بۇنى قانداقمۇ خالىسۇن؟ <~X4&E]rT_  
b(Zh$86  
ئۆز -ئۆزىنى تونۇغان، مىللەتپەرۋەرلىكى ۋۇجۇدقا كەلگەن مىللەتلا مەڭگۈ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتلئەندۈرەلەيدۇ، بۇنى پەقەت ھەقىقىي پەن- ماارىپلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا بۈيۈك مۇتەپەككئۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىقى، قۇلنىڭ قۇللۇقتىن خالاس بولالايدىغانلىقىنى مۇندىن مىڭ يىل مۇقەددەم بىزگە جاكا قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى غالچىسى يانگ زېڭشىننىڭ خەلقنى مەڭگۈ نادانلىق كىشەنىدە كىشەنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن پەن مائارىپنى قاتتىق چەكلەپ، خۇراپىي موللىلارنى سېتىۋېلىپ خەلقنى ئىدارە قىلغانلىقى بۇنىڭ پاكىتى ئەمەسمۇ؟ 20 -ئەسىردىن ئىلگىرى ئەرشى، فۇتۇھى، موللا مۇھەممەت سادىق قەشقىرى، زوھۇرى، موللا يۇنۇس يەركەندى، غېرىبى، نىزارى، كاتىپى، موللا مۇھەممەت تۆمۈرى، نازىمى، تەجەللى... گە ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازانگھان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا مەلۇم ئىقتىسادى ئارقا تىرىكى بار ئىدى. W4%I%&j  
S1p 4.qJ  
بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەدەنىيەت ئەرباپلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخئالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمراھ، ئىمىنجان باھاۋىددىن... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك كىشىلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ ئاساسى بولغاچقىلا چەتئەلگە چىقئىپ ياكى ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلالىغان، مەكتەپ ئېچىپ ئىلىم تارقىتالىغان. ئىقتىساد يەنى پۇل بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن ئەقىللىق پەرزەنتلەر خۇددى موللا توختى يازغاندەك ئۇقۇشتىن قېلىشقئا مەجبۇر بولغان. ئىقتىساد بولمىسا قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش مەكتەپ مەدرىسىلەرنى سېلىپ ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش مۇمكىن بولمايدۇ، خەلقمۇ نادان قېلىپ مەڭگۈ ”ماڭقۇرت“ بئۇلۇپ قالىدۇ. n0bm 'qw  
w &1_k:Z&  
4.سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئازىيىپ بېكىنمىچىلىك كۈچەيگەن xAbx.\  
H*51GxK  
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتتا بۇنچىلىك قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى خەلقئارا مۇھىت بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر دېڭىزچىسى يىغمىشنىڭ غەرپكئە بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىشى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيزۇ دېڭىزچىسى جېڭ خېنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشى بىلەن شەرق - غەرب ئالاقىسى قۇرۇقلۇقتىن( قۇرۇقلۇق يولى بىخەتەر ئەمەس ئىدى) كۆرە دېڭىز يولىغا كۆچتى. چۈنكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرئا ئاسىيادا بىر- بىرىگە قارشى بىرمۇنچە ئۇششاق فېودال خانلىقلار بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ شەرق - غەرب مەدەنىيەت، ئىقتىساد- سودا لىنىيىسى تىنچ بولمىغانلىقتىن ئاستا - ئاستا ئۆز رولىنى يوقىتىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە سابىق سوۋېتلىك مۇەللىپلەر گافىروف بىلەن مىروشىنكوۋلار مۇنداق دەپ يازىدۇ: (HbA?Aja  
" R!,5HQF;  
cc- liY "  
"يىپەك يولىنىڭ توسۇلۇشى ھەمدە ياۋروپالىقلارنىڭ ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا بارىدىغان دېڭئىز يولىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەركىزى ئاسىيانىڭ دۇنيا بىلەن بولغان سودا قاتناش ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى ئۆزگىرىپ، مەركىزى ئاسىيانى جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. مەركىزى ئاسىيادا يەرلىك فېودال ھۆكۈمرانلىق كۈچەيگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز خاراپلىشىشقا قاراپ ماڭدى." <|8N\FU{  
:d}I`)&  
ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق تارىخشۇناس ستاۋرىانۇس ئەپەندى دۇنيا تارىخىدىن يەكۈن چىقىرىپ ‹‹ دۇنيانىڭ ئومۇمى تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ” دۇنيا تارىخى ئىسپاتلىدىكى بىر ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ مەدەنىيەتتە تەرئەققى قىلىشى ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلالىغان قىلالمىغانلىقى بەلگىلەيدۇ. بىر ئىجتىمئاىي گۇرۇھ ئېرىشكەن ھەر خىل كەشپىياتلارنى باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھلارغا تارقىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنئىڭ ئارىسىدىكى بېرىش كېلىش قانچە كۆپەيسە ئۆز ئارا ئۆگىنىش پۇرسىتىمۇ كۆپىيىدۇ. ئومۇمەن ، مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىپتىداى ھالەتتىكى قەبىلىلەرمۇ ئۇزاق جەرياندا بېكىك ياشىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قوشنا قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىغا ئېرىشەلمىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا باشقا جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ مىللئەتلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشقا باغلىق. باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ مىللەتلەر غايەت تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن زور . !k@ (}CN_*  
6C k 3 tCr  
ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بولۇپلا قالماستىن يەنە شاللىنىش بېسىمىدۇر. ناۋادا ئۆز ئارا تەسىر پۇرسئىتىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلمىسا چۇقۇملا ئاسسىمىلياتسىيە بولىدۇ ياكى يوقىلىش خىرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە بېكىك ھالەتتە ياشىغان مىللەت سىرتتىن كېلىدىغان ئىنېرتسىيىگە ئېرىشەلمىسە ، يەنە خەۋپ - خەتەر بولمىسا شاللىنىش بېسىمىمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىسا ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتى بۇيىچە نەچچە مىڭ يىل ياشايدۇ“. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىمۇ يۇقىرىقى قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس. *lyy|3z  
5QN~^  
|`eHUtjH  
بۇ چاغدا شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭغا ئاساسئەن ئوخشاش بولۇپ مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى خاراپلىشىشقا يۈزلىنىپ بۇرۇنقى مەدەنىي گۈللىنىسھ پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، بۇرۇنقى ئىلىم پەن گۈللىنىشى ئاخىرلىشىپ خۇراپىيلىق ۋە مەژەپچىلىك كۈچىيئىپ تەپرىقە ھاكىمىيەتلىرى كۆپەيگەن، ئۆز- ئارا نىزالار كۆپىيىپ ئىگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشى خارابلاشقان. ياۋروپادا بولسا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ئىسلاھات، رىقابەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەبىىى پەن، ئىجتىمائىي پەنلەردە ۋە ساناەتتە يېڭى بۆسۈش بولۇۋاتقان ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ ماشىنىلىشىۋاتقان بولۇپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان ئىدى. `& ufdn\j  
@=r YOQj |  
بىز بولساق بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا” قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىدەك“ ئاسمان مۇشۇ دەپ يۈرۈۋاتاتتۇق. نەتىجىدە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى "ئۇچار گىلەم"، "ياغاچ ئات" تا ئەكس ئەتكەن ھاۋا قاتناش ئارزۇلىرىمۇ شۇ بويىچە چۆچەك بولۇپ قېلىۋەردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىقى، قۇل بولسىمۇ ئىلىم بىلەن ئازادلئىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىمۇ بىزنى ئويغىتالمىدى، بىز ئەسىرلەرنى ئېشەك ھارۋىسىگھا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق، ئېشەك ھارۋىسىنى ئالاھىدە قاتناش قورالى، كالا بىلەن ساپاننى ئىشلەپچھىقىرىش قورالى قىلىپ ئەسىردىن ئەسىرگە كۆچۈپ كەلمەكتىمىز. ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتتە ساقلاپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن پەرەڭ ۋە ئورۇس، جوھوت - ئەجنەبىلەرنىڭ قانداق تەرەققىي قىلگھىنىنى پىسەنتىمىزگە ئالمىدۇق، ۋەلسىپىت ياسىسا ”شەيتان ھارۋا“ دەپ ئاتىدۇق، مۇشۇ ئەسىردە ھەتتا ”ئايروپىلانغا نېمە دېگەن چوڭ قۇش بۇ دەپ دان چاچقان“لىقىمىز نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ yUnNf 2i  
7}#zF]vHNi  
5. مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىن تارلىققا يۈزلەنگەن jKr\mb  
wtM1gYl^  
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركى خەلقلەر ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەل فارابى، مۇھەممەت خارەزمى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، جامال قئارشى، ئەھمەت يۈكنەكى، ئىماىددىن كاشغەرى، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ... كەبى بىرمۇنچە پەيلاسوپ، ئەدىب- ئالىملار ياشىغان بولۇپ ماتېماتىكا (ئالجەبىر)، ئەدەبىيات، ئىلمىي كىمىيا، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىي نۇجۇم، پەلسەپە، تېبابەت، ناخشا-ساز قاتارلىق ساھەلەردىن خېلى ياخشى ئىلمىي مۇۋەپپەقيەتلەرنى قئولغا كەلتۈرگەن ئىدى. موڭغۇللار دەۋرىگە كەلگەندە ئالىملىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى موڭغۇل ئىمپىرىيىسى بىلەن ناھايىتى كەڭ داىرىگە تارقىلىپ ئۆزىنى نامايان قىلدى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. مەسىلەن: ئەدىپلەردىن سەيدۇللا، سەۋىنىچ ھىيا، مازۇچاڭ، شۈاڭفۇلارنى، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۆبرۈك (لۇ مىڭسەن)، ئۇزۇقلۇقشۇناس قۇسقۇي، يېزىقشۇناس تاتاتۇڭا ۋە چوسگىخودرىز، تەرجىمان ئەنتساڭ ۋە بىلاناشىل، سىياسىيون ليەن شىشەن، ئەھمەت، ئۆمەر، ئاسترونوم جامالىدىن، بىناكار ئەختەرىدىن، ياراغشۇناس ئالاۋىددىن ۋە ئىسماىل، رەسسام گاۋكۇكۇن، ئالىملاردىن چىنشىمىڭ ۋە شەمسىدىن، دېڭىزچى يىغمىش، تارىخشۇناس ليەن خۇيسھەن.... قاتارلىقلارنىڭ تۆھپىسى سۆزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. DpQ\q;  
&A}hx\_T  
ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشقىلارنىڭ ئىلغار ئىلىم ۋە تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلغئار نەرسىلىرىنى قوشنا ئەللەرگە ئۆگەتكەن. تۆمۈر، كۆمۈر، مىس، بۇغداي، پاختا ... لارنىڭ شىنجانگدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بالدۇر بولۇشى، خەنزۇ تىلىدىكى تۆمۈر سۆزىنىڭمۇ تۈركى تىلدىكى تۆمۈردىن قىسقىرئاپ 铁 بۇلىشى، يۇقىرىقى تېخنىكىلارنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە تارىلىشى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بئولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداقتۇر ئەكىلىشپەرۋەر مىللەت بولماستىن باشقىلار مەدەنىيىتىنىڭ جئەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان ھەم ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلالايدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى 16- ئەسىردىن باشلاپ سوپىزىمنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى، سەىدىيە دۆلىتىنىڭ ئادالەتلىك سۇلتانى سەىدخاندىن باشلاپ خانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت بۇلىشى تۈپەيلىدىن خوجا- ئىشانلار رايونىمىزدا ناھايىتى تېز كۆپەيدى، مۇرىتلىرى كۈنسىرئى ئاشتى. &?g!)O  
QNbV=*F?  
تەسىر داىرىسى زورايغان سوپىلار قۇرئان، ھەدىس ۋە سوپىلىق كىتابلىرىدىن باشقا بارلىق مەدەنىيەتنى چەكلىشى ھەم بۇ خىل تەقىپنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولمايدىغان زىيانلارغا گىرىپتار قىلدى. ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك روھى قۇل قىلىشى، ئۇلارنى غالئىبىيەت يولىغا، ھۆرلۈككە باشلايدىغان ئىلىم يولىدىن مەھرۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار روھى قۇللۇققا چۈشۈپ قالدى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەت روھى يۇقۇلىدىكەن شۇ مىللەت يوقالماي قالمايدۇ، ئۇيغۇر روھى يوقالغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئاۋۋال جۇڭغارلارغا ئاندىن چېرىك چىڭ سۇلالىسىگھا ئات-ئىشەك ئورنىدا ئىشلىدى. -.xiq0  
ibH!bS{  
سوپىلار ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قۇيۇپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پۈتمەس، تۈگىمەس ۋەيرانچىلىق ۋە خارلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەتنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشتى. مەكتەپ مەدرىسىلەرنى سوپىزىملىق پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ساپ ئەقىدىلىك ئۇيغۇر خەلقىنى روھى قۇللارغا ئايلاندۇردى. سوپىلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋە قورچاق ھۆكۈمدار بولۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا قۇرئان ۋە ھەپتىيەك بىردىنبىر ئۇقۇشلۇققا ئايلاندى. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىمۇ سوپىزم ئىدىيىلىرى بويىچە تەپسئىرلەندى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنى سوپىلار تەختتىن چۈشكەن ئەمما تەسىرى يەنىلا چوڭقۇر بولغان چاغلاردا مائارىپ ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئەمما ئىجتىمائىي پەنلەر مۇتلەق ئاساسى ئورئۇننى تەشكىل قىلدى. تەبىىى پەنلەر ۋە تېخنىكىلار (ھۈنەر سەنئەت) ئاساسەن ئۇنتۇلدى، ئوقۇتۇش داىرىسى بەكمۇ تار بولۇپ قالدى. نەشرىياتچىلىق، باسما ئىشلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ قولدا كۆچۈرىدىغان قالاق ھالئەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇ دەۋەر ئىجتىمائىي جەمئىيىتىگە نەزەر سالساق پەقەت شاىر، تەرجىمان، تىۋىپلەرلا يېتىشىپ چىقتى، ھۈنەر سەنئەت يەنىلا ناتۇرال ئىگىلىك باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغىنى ئۈچۈن ھېچقانداق تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىدى. ,>+B>lbJ*  
a\-AGG{2/X  
بۇ تېما بىلىملىكلەر بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://bilimliklar.blogbus.com/logs/29979539.html \)$:  
8Sxk[`qx\K  
bog3=Ig-  
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلىبابا40
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-30, 02:54
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+30(يەزر) ئەجىر
  • پۇل :+10(free520) تەقدىرلەشكە ..
  • شۆھرەت:+500(دوستۇم) پەننىي ئەسەر
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-30 10:25 |
    دەررە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18985
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 243
    شۆھرەت: 256 كىشىلىك
    پۇل : 1203 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 178 نۇمۇر
    قوللاش: 176 نومۇر
    ئالقىش: 183 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تاكى ھازىرغىچە،شۇ جاھالەت دەۋرىدىكى سوپىزىمنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئارىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق،گەرچە بەزى ئىشلار ھازىر ئۇنچە ئوچو-ئاشكارە بولمىسمۇ ،لىكن شۇ خىل<باشقۇرۇش>ئەندىزىسى ھېلىھەم بىز ترىك جانلار ئارسىدا مەۋجۇت.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 12:27 |
    erk uzun
    رۇسلانتېكىن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20845
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 100
    شۆھرەت: 75 كىشىلىك
    پۇل : 1339 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 174 نۇمۇر
    قوللاش: 149 نومۇر
    ئالقىش: 318 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 375(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەشەككۈر،،،،،،،،،،،،،،،،،، AyWdJ 
        قاچانمۇ بىرلىشىمىز بىزلەر،قاچانمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشەمىز،،،
    armaninkas4
    رۇسلان ئۇيغۇر تورى ،،،،،،،مەرھەمەت

    http://www.ruclan.cn
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 12:28 |
    قەيسەر يۈرەك
    غەزەپ ۋە زار
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 730
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2654
    شۆھرەت: 3219 كىشىلىك
    پۇل : 467 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2660 نۇمۇر
    قوللاش: 2552 نومۇر
    ئالقىش: 2466 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 418(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇشۇبۇ ئەسەرنىڭ كىم يازغانلقى؟> قانىداق ماتىرىيىاللادىن پايدىلانغانقىنى ئىيتىپ بەرسىڭزكەن..!؟
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 13:24 |
    free520
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1036
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 101
    شۆھرەت: 23 كىشىلىك
    پۇل : 9603 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    قوللاش: 7 نومۇر
    ئالقىش: 10 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 244(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق ئەسەر بوپتۇ ، رەھمەت!
    كۈلۈپ تۇرۇپ ياش تۆكسەممۇ ، يىغلاپ تۇرۇپ ئاھ ئۇرمايمەن!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 13:33 |
    نىمىشقا
    ئىغىز تىتىغانغا ، كۆڭۈل تارتقا
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 19744
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 751
    شۆھرەت: 360 كىشىلىك
    پۇل : 1512 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 200 نۇمۇر
    قوللاش: 269 نومۇر
    ئالقىش: 353 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: زۇلپۇقار
    توردىكى ۋاقتى : 332(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجدادلىرىمىزنىڭ نادانلىقىدىن بولغان ئىشلار .
    izdax.com
    ئىللەت تۈزەلمىگىچە ، مىللەت تۈزەلمەس!!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 13:56 |
    ئۇچقۇنى
    سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن!
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : پىشقەدەم


    UID نۇمۇرى : 13352
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 4232
    شۆھرەت: 4994 كىشىلىك
    پۇل : 149 سوم
    تۆھپە: 349 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4831 نۇمۇر
    قوللاش: 4391 نومۇر
    ئالقىش: 5489 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1127(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىر تىما!!!!
    ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئاۋازى ناۋاتتىن تاتلىق!خۇددى مەخسۇس ناخشا ئېيتىش ئۈچۈن يارالغاندەك.....
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 15:01 |
    تۇتيا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19274
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 326
    شۆھرەت: 206 كىشىلىك
    پۇل : 1248 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 308 نۇمۇر
    قوللاش: 257 نومۇر
    ئالقىش: 437 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 254(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن
    ئىشىەنچ غەلبە دەرۋازسىنىڭ ئاچقۇچى.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 17:09 |
    ئەلكىزەر
    ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 43
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1289
    شۆھرەت: 62 كىشىلىك
    پۇل : 704 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1383 نۇمۇر
    قوللاش: 1275 نومۇر
    ئالقىش: 1439 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىرمۇ سوپىزىملىقنىڭ ھىدى يۇقالغىنى يۇق.ھوم،ئاللا يا ئاللا دەپ توۋلاپ كىلىۋاتقان تىلەمچىلەرمۇ سوپىزىم قاتارىدا سانىلىدۇ.
    ئۇزىڭىز ياخشى كۇرگەن ئادىمىڭىزنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۇزىڭىز يامان كۇرگەن ئادىمىڭىزنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 17:25 |
    مەجنۇنيار
    تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 145
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 313
    شۆھرەت: 479 كىشىلىك
    پۇل : 2839 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 253 نۇمۇر
    قوللاش: 215 نومۇر
    ئالقىش: 307 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسىت، سوپىزىم ھازىرمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا مەۋجۇت. مەسىلەن: ئوت كۆچۈرۈش، ئىسرىق سىلىش، پىرە ئويناش دىگەندەك............  -fV\JJ  
    بۇلار ئىسلام دىنىغا يات بولغان ئادەتلەر، ئوت كۆچۈرۈش، ۋە ئىسرىق سىلىشنى شامان دىنىدىن قالغان ئادەتلەر بولسا كىرەك  دەپ ئويلايمەن. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز بۇنىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىدۇ. نادانلىقتە........... *1!'ZfT;  
    ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مەن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ چىكىنىشىنى ئاپپاق غوجىدىنلا كۆرىمەن.
    http://www.agranum.cn/bbs
    باھاردىكى تاڭ سىياقى قىلدى مىنى مەپتۇن يار،
    تاڭنى كۈتۈپ يار ئىشقىدا مەن ئاتالدىم مەجنۇنيار.
    ---------------------------------------------------------
    مىنىڭ بىلوگىمنى زىيارەت قىلىڭ؛
    http://majnunyar.salkin.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 18:34 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ئىشلار......................ھەي....بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر دىمەي ئامال يوقتە.........
    http://www.agranum.cn/bbs
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 19:51 |
    ئۈزۈمچى_قىز
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 30834
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 13 كىشىلىك
    پۇل : 398 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    قوللاش: 13 نومۇر
    ئالقىش: 13 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قالاقلىق، نادانلىق  ،ئاق كۆڭۈللۈك مىللىتىمىزنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەپ،، ئەمما ئەجدادىمنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر d#ab"&$bv  
    سېلىپ شۇنچە ئېچىنساممۇ،لىكىن شۇ ئاقكۆڭۈل خەلقىمنى يەنىلا ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن كۈيلىگۈم ،مەدھىيلىگىم كېلىدۇ... VtU2&  
    مەڭگۈ روناق تاپ،ئەي،ئۇيغۇر مىللىتى!!!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 20:38 |
    ئوغۇز-ئوغلى
    ئوزلۇكىمىزنى يۇقاتمايلى!
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13755
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 605
    شۆھرەت: 593 كىشىلىك
    پۇل : 3351 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 610 نۇمۇر
    قوللاش: 567 نومۇر
    ئالقىش: 699 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1993(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ مەسلە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كۇڭۇل بولشگە 'ئىبرەت ئىلشىغا تىگشلىك مۇھىم ئش............خىلى  ياخشى مۇھاكىمە  ماقللسىكەن............
    باشقىلارنى ئىگز دەپ بىلىشىڭ،ئەمەلىيەتتە ئوزۇڭنىڭ ئولتۇرۋالغىنىڭدا،شۇڭا ھەر ۋاقىت دەس مەزمۇت تۇر...!~!
    تۇنۇگۇنكى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۇچۇن،ئەتىكى بەخىتكە ئىنتىلىش زورۇر!ئوغۇز-ئوغلى
    ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!

    In the election of a wife,as in project of war,to err but once is to be undone for ever。
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 21:50 |
    sukut
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32791
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 337
    شۆھرەت: 68 كىشىلىك
    پۇل : 1032 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    قوللاش: 5 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~خالاستان~
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    روھدىكى گادايىلق ھەمدىن يامان................ئاھ.................ئۇيغۇرۇم Aaz:C5dtU  
    باشۇرغۇچلرىمز بولسا مۇشۇنداق تەربىۋى ئەھميتى زور بولغان  تارىخمزغا مۇناسۋەتللك ھەرقانداق تېملارنى نادىرلەپ قويسا،بىلمگەنلەر ،ئۆز تارىخمزنى بىلۋالسا ،دىگەن .ۈمۈتتەمەن  <  .ئىشەنچىلك بولغان تارىخى تېملارنى>
    زوراۋان ھۆكمەت ھامان مەغلۇپ بولدۇ.خەلقنڭ غەزپى كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن تاشقنلغاندا ،يول بويدىكى بارلق توساقلارنى يۇلۇپ ئىقتىپ كىتدۇ.ھەتتا نەچچە يۈز يىلنڭ ياققى ئۆزگەرمگەن دەريا قىننمۇ ئۆزگەرتۋتەلەيدۇ.....................................
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 23:34 |
    رامىلە611
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36880
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 17
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 158 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋىلدم.....ھەقىقەتەن نادىر تىمىكەن.رەھمەت سزگە.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-31 22:50 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » تارىخ سەھنىسى