c/_+o;Bc سۆرەتتە:27-يانىۋار،غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبىرىيەدە ، پەلەستىنلىك بالىلار خارابىلىكتىن ئۆتۈپ مەكتەپكە ماڭماقتا.
k`GA\&zt خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،غەززە رايۇنىدا 24-يانىۋار رەسمىي ئوقۇش باشلانغان.
rDm
'Z>nTf 29-يانىۋار ، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاممىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئايرۇپىلانلىرى 28-يانىۋار يىرىم كىچىدە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافا رايۇنىغا تۇيۇقسىز ھوقۇم قىلغان.لېكىن ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
j5
g# M ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ قىتىملىق ھوجۇمنى ئېتىراپ قىلدى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قىتىملىق ھوجۇم مۇشۇ رايۇندىكى ئىككى ئورۇننى نىىشان قىلغان، بۇنىڭ بىرى قورال زاۋۇتى ئىكەن .ئۇيەنە بۇھەركەتنىڭ 28-يانىۋار كەچتە غەززە قوراللىقلىرىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا راكىتا بومبا ئېتىش ھەركىتىگە قايتۇرۇلغان ئېنكاس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
aZEn6*0B 28-يانىۋار ، غەززە قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا راكىتا بومبىدىن بىرنى ئاتقان، لېكىن ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بۇ غەززە قوراللىقلىرىنىڭ 18-يانىۋار ئۇرۇش توختاتقاندىن بېرى ئىسرائىلىيىگە ئاتقان تۇنجى راكىتا بومبىسى ئىكەن . 29-يانىۋار چۈشتىن بۇرۇن غەززەندىن ئېتىلغانيەنە بىر راكىتا بومبا ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا چۈشكەن،لېكىن ئوخشاشلا ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
s?ko?qN( ئىسرائىلىيە 2008-يىلى 27-دىكابىر غەززە رايۇنىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربى ھوجۇم قوزغاپ ،1400دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ،5500دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغان.2009 -يىلى 18-يانىۋار، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختقان. 21-يانىۋار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەدىن چىكىنىپ ،غەززە چىگرا رايۇنلىرىغا ئورۇنلاشقان .
Rq[ M29 خەۋەر مەنبەسى:cctv.com