mtv SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما:باقىيغا ئۇزىغان تىلەك IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1671 قېتىم كۆرۈلدى
گۈلگۈن
سەن شامال، مەن رومال!
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9817
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 528
شۆھرەت: 324 كىشىلىك
پۇل : 496871 سوم
تۆھپە: 300 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 778 نۇمۇر
قوللاش: 527 نومۇر
ئالقىش: 608 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 456(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 باقىيغا ئۇزىغان تىلەك

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى نەرگىزە چوققىلىدى .(2009-01-29)
باقىيغا ئۇزىغان تىلەك ]d-.Mw,'  
jS~Pdz  
گۈلگۈن
/. 

4l%1D.3-O  
,aLwOmO  
1kKfFpN  
~^V&n`*7D  
uB a<5YDF  
سېنى ساقلىدىم، تاكى شەپەق نۇرى يۈتكىچە. Wz s=BNm9  
قارا، مېنىڭ مىسكىنلىكلىكىمگە، غېرىپلىقىمغا چىدىماي قالغان قۇياشمۇ قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەپ ئابرالغا باش قويدى، مۆكتى، كەتتى، جىم بولدى. كونىلار دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمىتى بولىدۇ دېيىشىدىكەن، مېنىڭچە سۆيگىنىگە سادىق بىر قەلبنىڭ نىگارىنى ياد ئېتىپ ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يادلاپ تۇرۇپ، ئۈنسىز ساقلىشىمۇ، سېغىنىشىمۇ مۇھەببەتنىڭ مىننەتسىز بىر ھېكمىتى، مېھنىتى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن. مەن دەل شۇ خىل ھېكمەتلەرنىڭ قۇچىقىدا تالاي ئەللەيلىنىپ، گەرچە نۇرسىز كۆزلىرىمدىن ئۈمۈد نۇرى شۇنچىلىك خىرە چاقنىسىمۇ ،ئۈمۈد خۇددى قەدەھ لىۋىدىكى شاراب يۈزىدە سۇس داۋالغۇغان شولا بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، مەن يەنىلا شۇ ئۈمۈد جامىنى چىڭ باغاشلاپ، چېھرىمدە تەبەسسۇم بار قىلىپ، سوغۇق تۈندىن سۆيگۈ يار قىلىپ، سېغىنىشلىرىمغا ئەڭ گۈزەل ھېسلىرىمنى چىڭ يوشۇرۇپ سۈكۈت بىلەن سېنى ساقلاۋاتىمەن. سەن بىلەن ئوڭۇمدىمۇ، ھەتتا بۇ يەتمەي چۈشلۈرۈمدىمۇ سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ چىقىمەن. قارا، قولۇمدىكى بىر تال گۈلگە، شۇنداق سۇلغۇن ھەم روھسىز، ئۇنىڭ ھەر ياپرىقى بىر تال بىر تالدىن توزۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ، باشقا-باشقا نىگاھلارغا سەپەرگە كەتتى، ئەبەتكە كەتتى، قايتىپ كېلەلمەيدۇ، كېلىشنىمۇ ئىستەمدىغاندۇ ھە!؟ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. #}FUau$  
مەن بىر پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە بولغان بۇ تىمتاس زىمىندا، ئازابىمدىن ئاپىرىدە بولغان چوڭقۇر-چوڭقۇر خىياللارنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ، ئۇ باشلىغان نىشانسىز مەنزىلنىڭ يالغۇز مېھمىنى بولۇپ قېلىۋاتىمەن. قاياقلاردىن پەيدا بولغان شاماللاركىن، قولۇمدىن تارتىپ مېنى گاھىدا پىرقىرىتىپ باقىدۇ، گاھىدا پۇتلىرىمغا ئېسىلىۋېلىپ قەدەملىرىمنى ئېغىر قۇملۇققا پاتقۇزۇپ قويىدۇ، گاھىد ابوينۇمدىكى رومالىمنى ئۇچۇرۇپ باقىدۇ، يەنە گاھىدا بولسا چاچلىرىمنى كۆزۈمگە تاشلاپ مېنىڭ بىزارلىقىمنى كۆرۈپ چاۋاك چالغانچە تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ مېنى مەسخىرە قىلىدۇ، شۇنداق! سائىلغا ئوخشاش بىر يالغۇز ئازاب تۇتقۇنىنى كىممۇ مەسخىرە قىلمىسۇن، ئۇنىڭغا كىمنىڭ رەھمى كېلىدۇ، كىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ بېشىنى سىلايدۇ؟ شامالنىڭمۇ ھالىڭ نىچۈك دەپ ئەسلا سورىغۇسى، كۆڭۈل بۆلگۈسى كەلمەيدۇ. تۆكىۋەتسە ئوكيان-دېڭىز تارلىق قىلىدىغان دەرتلىرىمنى ئاڭلىغۇسى يوق ئۇنىڭ. بولدىلا! ئۇنى تاشلاي، يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ گۈزەل ھېسلىرىم بىلەن خىيالەن مىلىك بولاي، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ يېقىملىق قەسرىگە باشلىسۇن، ماڭا سۆيگۈنىڭ جامىنى چىرايلىق ئۇزاتسۇن، ياق ياق، ئۇمۇ مېنى ئەخمەق قىلارمۇ-يە؟
Mh4MaLw  
xBA"w:<  

]FZPgO'G  
MCmb/.&wu  
ئىككىلىنىش بىلەن شۈبىھلىنىشنى ئىككى قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ خىيالىمغا ئەگىشىپ باققۇم كەلدى، ئۇنىڭ مۆجىزاتلىرىنى كۆرۈپ باققۇم، دۇنياسىنى سەيلە قىلىپ باققۇم كەلدى. مانا قارا! خىياللىرىمنىڭ مېنى باشلاپ كىرگەن باغلىرى ئاجايىپ بىغۇبار تىلەكلەر يىلتىز تارتقان چۈش دۇنياسىغا ئوخشايدىكەن، يەنە تېخى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا گۈزەل تىلەكلەردىن ئاپىرىدە بولغان تەبەسسۇم شارچىلىرى ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ،گۈل مەڭزىدە ئىككى تال شەبنەم تامچىسىى كەپسىزلىك بىلەن بىر-بىرىنى قوغلىشىپ غەمسىز ئويناۋېتىپتۇ، بۇلاق بېشىدا بىر مۇنچە قۇشلار يىغىلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇلبۇل سۆزلەپ بېرىۋاتقان مۇھەببەت داستانىغا قۇلاق سېلىۋېتىپتۇ، كىم بىلىدۇ ئۇ مەشۇقى گۈلنى ھېكايەت قىلىۋاتامدۇ تېخى. شۇنداق گۈلنى، گۈلىنى...ئاستا پىچىرلاپ قويدۇم . مەن شادلاندىم، سەن كېتىپ بۇ مېنىڭ چىرايىمدا ئىپادە بولغان تۇنجى چىن تەبەسسۇمىم بولدى. خىيالىم ماڭا يەنە باغنىڭ ئىچكىرسىدىكى تېخىمۇ سىرلىق بىر ماكاننى ئىما قىلدى، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ سوۋغىتىدىن خۇرسەن بولدۇم، ئوڭۇمدا تاپالمىغان بۇ خۇشاللىقنى خىيالىمدا بولسىمۇ قوغلاپ بېقىش ئىستىكىدە ئارقامغا يېنىشنى ئويلىمايلا قەدەملىرىمنى شۇ سىرلىق زىمىنغا تىۋىشسىز ئالدىم. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېنى تالاي گۈزەل باغۇ-بوستانلارغا باشلىدى، مەن بىر تىلسىز سەيياھ بولۇپ خىيالىمنىڭ قەلبىمدە چېلىۋاتقان سازىغا جور بولۇپ توختىماي ئالدىمغا مېڭىۋەردىم، نېمىشقا شۇنداق مەستخۇشلارچە ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ چۈنكى، ئۇ سىرلىق ماكاننىڭ قايسى بۇرجىكىدە بولمىسۇن سېنىڭ ھېدىڭ بار ئىدى، شۇنداق سېنىڭ ئىللىق ھېدىڭ بار ئىدى، مەن يوقىتىشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئەمما مەندىن يىراقلاپ يىراقلاپ كېتىۋاتقان شۇ ھېدىڭ بار ئىدى، مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم، خۇددىي ساڭا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئارمانلىرىمىزنى بويلاپ تاتلىق كۈلۈپ كېتىپ بارغاندەك، ساڭا يانداش بولۇپ ھاياتنىڭ ئەڭ يېقىملىق كۈيلىرىدىن بەھىر ئېلىۋاتقاندەك كېتىۋەردىم...ئۇ مېنى ئەنە شۇنداق باشلاپ مېڭىپ ئەڭ ئاخىرى بىر چوڭ قۇلۇبلاقلىق ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى. توساتتىنلا شۇنداق بىر ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمدىن ھەيرەتتە قالدىم. ئىشىك ئالدىدىكى گۈللۈكتە نىمجان بىر بۇلبۇل ياتاتتى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇرىماي قالغان بىر تال گۈلمۇ سۇلاشقىنىچە بىچارىلەرچە بۇلبۇل تامان ئېگىلىپ تۇراتتى. بەلكى ئۇ ۋاقىتسىز كېتىشكە تەرەددۇت قىلغان ئاشىقىغا چىدىماي ئۈنسىز ھالدا ھەسرەت بىلەن ياش تۆكىۋاتقاندۇ...ئىچمگە شۇنداق ئاچچىق بىر ھېس شۇڭغۇپلا كىرىپ كەتتى. بىردەمدىلا ئۈزۈلگەن غۇنچىدەك لاسسىدە بولۇپ قالدىم، ئەمما سېنىڭ ئۈمۈدلۈك خىياللىرىڭغا ئەل بولۇپ بۇ سىرلىق ئىشىكنىمۇ ئېچىپ كىرىپ باققۇم كەلدى...ئەسلى ئىشىك تۈۋىدىكى مەن كۆرگەن كۆرۈنۈش بىر سىگنال بولغان بولسا كېرەك، مانا مەن كۆرۈشنى ئىستىمەيدىغان جاھان، مېنى سەندىن ئايرىدىغان قاباھەت دۇنياسى، مانا مېنىڭ قان-ياشلىق قىسمىتىم باشلانغان گۆرىستانلىق، مانا سېنى يېنىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ كەتكەن زۇلمەت، ئاچچىق ئەسلىمە... مەن چىداپ تۇرالمىدىم، كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ ئىمكان بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن يۇلقۇندۇم، تىپچەكلىدىم، پۇتلىرىممۇ ھېچ مىدىرلايدىغاندەك ئەمەس، ئەنە شۇنداق ئەلەم ئىچىگە كىپەنلىنىپ قالدىم... ئەڭ چوڭقۇر ئازابقا رەھىمسىز تەقدىرنىڭ مېنى يالغۇز قاراتقىنىدىن، ئەڭ چوڭ سەۋدانى مەن غېرىپنىڭ بېشىغا سالغانلىقىدىن شۇنداق رەھىمسىزلىك، ئادالەتسىزلىك، شەپقەتسىزلىك ھېس قىلىدىم. زارلىغۇم كەلدى، ئۈنۈمنى تازا بىر قويۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغۇم كەلدى، ھەممىنى تاشلاپ سەن بار جىمجىت بىر زىمىنغىلا باش ئېلىپ كەتكۈممۇ ھەم كەلدى...مەن مانا شۇنداق ھاياتلىقنىڭ بىتەلەي ئاجىز مېھمىنى بولۇپ قالدىم. قاغجىراپ قۇرۇشقا ئاز قالغان دەشتى چۆلدىكى يىگانە غۇنچە بولۇپ قالدىم. كۆردىڭمۇ! خىياللىرىممۇ مانا شۇنداق مېنى ئانى تاپىدۇ، مەن كۆرۈشنى خالىمىغان، مەن ئەڭ قورقۇدىغان ئىشلارنى توختىماي يادلىتىدۇ، سېنى دۇنيارىمدىن ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ، مېنى يىغلىتىشقا، كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ يىغلىتىشقا تىرىشىپ باقىدۇ، ھەرىكەت قىلىپ باقىدۇ، مەن ئازابلىنىپ ئوت ئۈستىگە چۈشكەن قىلدەك تولغانغان چېغىمدا قىلارىنى بىلمەي شۈكلەپ قالىدۇ يۇ، يەنە مېنى ئانى تېپىشىنىڭ ئۇسۇللىرىنى غايىپ ئىزدىگۈسى كېلىپ قالىدۇ... NBY|U{.g  
_E`+0;O  

5 tQz! M  
=+Fb\HvX{  
pWGR #x'  
ئېھ! ھاياتىمدىكى يىگانە يۇلتۇزۇم. سەن شۇ يىراق ئالەمدە تۇرۇپ ئەزىزەڭنڭ ئۇشبۇ ھالىنى كۆرۈپ تۇرغانسەنمۇ؟ ئۇ يىغلاپ تاشلىغان چاغلاردا «مەن ئۈچۈن ياش تۆكتى» دەپ ئىچىڭ ئاچچىق بولۇپمۇ قالغانمىدۇ؟ چۈشلۈرمدىن جۆيلۈپ تۇرۇپ قولۇمنى يىراقلارغا ئۇزىتىپ ئىسمىڭنى چاقىرغاندا «مانا مەن گۈلۈم...» دەپ بىرەر رەت قولۇڭنى غايىپتىن ئۇزىتىپ باققانسەنمۇ؟ كۆزۈمدىن ياش سىرغىغان ھالەتتە سېنىڭ ۋەسلىڭنى ئىزدەپ ئۇيقۇ شەھىرىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا، يىگانە گۈلۈڭنىڭ غەمكىن ھالىغا قاراپ ئىزتىراپ ئىچىدە كۆز يېشىنى سۈرتۈپمۇ قويغانسەنمۇ؟ MhD'  
() _RLA  
%7 bd}sJ#  

p8~lGuH  
_|#abLh%  
X3l>GeUi  
ئەي ھاياتىمنىڭ شاتلىق ئەلچىسى، «سېنىڭ مەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرغان ھالىتىڭنى كۆرۈشنى خالىمايمەن» دېگەنىدىڭ بىر چاغلاردا، بەلكى شۇڭا مېنىڭ چۈشلىرىمدىنمۇ قېچىپ يۈرۈيدىغانسەن، كۈندە مىڭ رەت تىلەپ دۇئا قىلساممۇ چۈشۈمگە ئەسلا قەدەم بېسىپ باقمايسەن، مېنى بۇ ئالەمدە قانداق ياشىسۇن دەپ ئويلايدىغانسەن ھە؟!...سەن كېتىدىغان دەقىقىلەردە مېنى شۇنداق ئۈنلۈك بىر توۋلىغان ئېدىڭ، مەن چۆچۆپ ئويغىنىپ، دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرۈگۈمنى تۇتقىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ، ئىچمدە سېنىڭ ئامانلىقىڭنى تالاي تالاي تىلىمىگەنمىدىم ھە! لېكىن سەن يەنىلا مېنى بۇ قاراڭغۇ زىمىنغا يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ باقىيغا سەپەر قىلدىڭ. سەندىن ئايرىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ، مەن سېنىڭ ھاياتىمدىكى قىممىتىڭنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتىم بىلەمسىەن؟ بۇنىڭغا، مۇشۇ كۆزۈمدىن مۆلدۈرلەپ تۆكۈلۈپ تۇرغان قان-ياشلىرىم، يەنە بىز ئىككىمىز قول ئېلىشىپ ۋەدىلەشكەن كونا مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى تاش ئېرىق گۇۋاھ. ئۇ ئېسىڭگە كەلدىمۇ جېنىم؟ مەن ھازىر دەل شۇ جايغا كېلىپ سېنىڭ غايىپتىلا «گۈلۈم» دەپ پەيدا بولۇشىڭنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. سېنى ساقلاۋاتىمەن جېنىم، سېنى چوڭقۇر سېغىنىشلىرىم بىلەن ساقلاۋاتىمەن. قارا قولۇمدىكىنى كۆردىڭمۇ، بۇ دېگەن سەن ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا سوۋغا قىلغان كۆز مۇنچاق. «گۈل! بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان سوۋغىتىم، ئوبدان ساقلا، كېيىن چوڭ بولۇپ كەتكەندە بۇنى يەنىلا سېنىڭ بوينۇڭدا كۆرسەم دەيمەن!...» دېگەنىدىڭ. شۇ چاغدىكى بىغۇبار ۋەدىلەر، يېقىمىلق كۈلۈمسىرەشلەر، شۇنچىلىك پاك ئەقىدىلەر مانا بۇ كۆز مۇنچاقتا ئۆز ئەكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىمەن، چۈنكى، بۇنى سەن ماڭا ئۇچراتتىڭ. ئېسىڭدىمۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا دائىم بۇ تاش ئېرىقتا سۇ كېچىپ، بىر-بىرىمىزگە شوخلۇق بىلەن چېچىپ ئوينايتتۇق. باشقىلارغا دېمەيدىغان بالىلىقتىكى دوستلارچە تاتلىق گەپلىرىمىزنى مۇشۇ ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ پىچىرلىشاتتۇق، خۇددىي باشقىلار ئاڭلاپ قالسا بولمايدىغاندەك شۇنچىلىك ئاستا ئىدى. سەن توختىماي بىر ئاھاڭلارغا يالغانلاردىن غىڭشىپ ناخشا توۋلاپ قوياتتىڭ، مەن ئىلغا قىلالماي سەندىن سورىسام بۇ مەن ئىجاد قىلغان ئاھاڭ دەپ قوياتتىڭ. بىلەمسەن، كېيىن دېققەت قىلسام سېنىڭ بۇ ئاھاڭىڭ قۇلىقىمدا شۇنداق سىڭىپ قاپتۇ، بىر كۈنى سېنى دوراپ مەنمۇ شۇنداق غىڭشىپ قويسام سەن مېنى «شۇنداق تىز ئۆگىنىۋالدىڭما؟» دەپ سۆيۈنگەندەك كۈلۈپ قويغان ئىدىڭ. سېنىڭ چاچقان سۈيۈڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن دەپ بوينۇمدىكى كۆز مۇنچىقىم ئۈزۈلۈپ سۇغا چۈشۈپ كەتتى، سەن شۇنداق بىئارام بولۇپ ئىزدەپ كەتكەن ئىدىڭ. يەنە تېخى سېنىڭ قولۇڭ ئەينەك پارچىسىدا ياردارمۇ بولغان ئىدى، مەن ئاپام كۆڭلىڭىمنىڭ مۈرىسىگە كىچىك ئىلگەك بىلەن ئىلىپ قويغان قولياغلىقىمنى ئېلىپ قولۇنى تېڭىپ قويغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئۇ كۆز مونچاقنى يېرىم كۈن ئىزدەپمۇ تاپالماي سالپىيىپقىنە ئۆيىلىرىمىزگە كىرىپ كەتكەنىدۇق. مانا قارا، بۇنى كۆردىڭمۇ؟ سېنىڭ قولۇڭنى ياردار قىلغان ئەشۇ ئەينەك پارچىسىنىڭ ئاستىدا بۇ كۆز مۇنچاق شۇنچە يىل بىزنىڭ كېلىشىمىزنى كۈتۈپ ساقلاپ يېتىپتۇ ئەمەسمۇ، سۇ ئېقىنىمۇ ئۇنى ئېقىتىپ ئەكىتەلمەپتۇ. مىڭلاپ ئەپسۇس، ھازىر بۇ ئېرىقنىڭ سۈيى قۇرۇپ بىز بۇرۇن كۆرگەن ھېلىقى زۇمرەت ئېقىنلىق ئېرىق سۈيى يوق، پەقەت تىنىشقا باشلىغان بۇ ئېرىق، ئىككىمىزنىڭ نىسىۋىسىنى كۆمۈپ كېتىشكە يۈرۈكى چىدىماي ئاخىرى ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا ساق تاپشۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ مېھرىڭ بىلەن بولدى ئەزىزىم. سېنىڭ قەلبىمدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتىڭ مېنى ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەتتا ھەر مىنۇت ئەسلىمىلەر قوينىغا سۆرەپ بارىدۇ. ئاخىرىدا، يەنىلا ئۆزۈم يالغۇز غېرىپسىنىپ قالىمەن. مانا ئەينى چاغدىكى گۈل گۈلۈڭ بولغانىدى، ئۇنى تاشلاپ قۇرۇپ كېتىشىدىن قورقماي نەلەرگىمۇ كېتىپ قالدىڭ؟! سېنى ئويلايمەن، بۇ ئالەمدىن مېنى تاشلاپ كېتىشكە چىدىغان سەن «ۋاپاسىز» نى تىللىغۇم كېلىدۇ، مەيدەڭگە بېشىمنى قويۇپ تاشلىنىپقىنە يىغلىغۇم كېلىدۇ. سېنى نەدىن ئىزدەيمەن جېنىم، شاماللاردىن سورايمۇ، ياق ئۇلار مېنى يەنە ئالداپ قويىدۇ، سېنىڭ ھېدىڭنى ئېلىپ كېلىدۇ-يۇ، يەنە ئېلىپ قاچىدۇ يىراقلارغا، مەن قوغلاپ يىتىشەلمەيمەن، يىقىلىپ قالغاندا ئارقىسىدىن نادامەت يىغىسىنى يىغلاپ قالىمەن . قۇياشتىنمۇ سورىغۇم يوق، ئۇ مېنىڭ جۇت سوققان گۈلدەك بىچارە ھالىتىمگە قاراپ بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇپ كېتىدۇ، بۇلۇتلار مىشىلداپ يىغلايدۇ، بېغىمدىكى گۈللەرمۇ، ھەتتا كېچىلىرى يۇلتۇزلارمۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدىغان تۇرسا سېنى يەنە كىمدىنمۇ سوراش مۇمكىن بولار ھە؟! يەنىلا قەلبىمدىن، يۈرۈگۈمدىن سوراي. مۇھەببەتىمدىن، سۆيگۈمدىن سوراي. تىلىكىم ۋە ئەقىدىلىمدىن سوراي. ئەنە شۇلار سېنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار بولسا كېرەك. P_1WJ  
UhDQl%&He  
Uz^N6q  

$72eHdy/yl  
[Y .8C$0  
K6IT$$g  
مەن شۇنداق بىردە قولۇمدىكى كۆز مۇنچاققا، بىردە بۇ تىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك تاش ئېرىققا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن. نېمىدىگەن كىچىك ئېرىق ھە؟! توۋا، قارا كىچىكىمىزدە ئىككىمىز تاس قالاتتۇق چۆكۈپ كەتكىلى، مانا ئەمدى قارىسام شۇنداق كىچىك بىر ئېرىقكەن ئەمەسمۇ؟! كېلەمسەن جانىم، بىللە ئولتۇرۇپ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىزنى ئەسلەيمىز، بىزنىڭ ئازابلىق قىسمىتىمىزگە چىدىماي قۇرۇپ كەتكەن بۇ ۋاقىتسىز كونا ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ ئەسلەيمىز، ماڭا بۇنداق كۈنلەرنىڭ قايتا نىسىپ بولمايدىغىنى ھەجەپ ئىسىمگەبىرەر رەتمۇ كەلتۈرمىگەنكەنمەن، خۇددىي سەن مەڭگۈ مېنىڭ يىنىمدا قولۇمنى تۇتۇپ تۇرىدىغاندەكلا ھېس قىلغانكەنمەن. لېكىن سەن مېنىڭ شۇنداق كۆندۈرۈپ قويۇپ، شۇنداق تىرەن سۆيدۈرۈپ قويۇپ خۇشاللىقىمدىن تامام غايىپ بولدۇڭ. مەن تىڭىرڭاپ تۇرۇپلا قالدىم، ئىشەنگۈم كەلمىدى، سېنى كەتتى دېگۈچىلەرنىڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ «كىم شۇنداق دەيدۇ ؟ ئۇ بار، مېنى تاشلاپ كەتمەيدۇ؟ ئۇ ماڭا ۋەدە بەرگەن..» دەپ ئاڭلىغانلىرىمغا ئىشەنمەي جايىمدىلا ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم. قېنى ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىڭ جېنىم؟ مەن يالغۇز قالدىمغۇ؟ غېرىپلىقتا بىز بىللە غىڭشىيدىغان ھېلىقى تونۇش ئاھاڭغا غىڭشىپ سېنىڭ كېلىشىڭنى ئەخمەقلەرچە كۈتۈپ ئولتۇردۇمغۇ؟ «گۈلۈم! قارا، ساڭا نېمە ئېلىپ كەلدىم...» دەپ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇشىڭنى ئىستەپ ئولتۇردۇمغۇ؟ ئېزىتقۇ خىياللىرىمنىڭ تەتۈر قايناملىرىغا بىردە چۆكۈپ بىردە لەيلەپ، گاراڭ ھالەتتە قاراڭغۇغا بەخشەندە بولۇپ قاراپ ئولتۇردۇمغۇ؟ دېرىزىدىنمۇ سىرىتقا قارىغۇم كەلمەيدۇ، يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ قالماي دەيمەن. ھەر كۆرگىنىمدە سېنىڭ ماڭا يۇلتۇزلارنىڭ نامىنى تاپتۇرۇپ ئوينايدىغان شوخلىقىڭ ئېسىمگە كېلىپ قالىدىكەن، ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ شۇلارنىمۇ سىناپ باقتىم قاملاشمىدى جېنىم، پەقەتلا قاملاشتۇرالمىدىم بىلەمسەن؟ ئۆزۈمنى ئالداپ زورىغا كۈلۈپمۇ باقتىم، ئۆزۈمچە خاتىرەمنى ئىسىملىرىڭنى سىزىۋىتىپمۇ باقتىم، بىراق يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇرلىرىغا يېزىلىپ كەتكەن ئىسمىڭنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا قادىر بولالمىدىم، مەن نېمىشقا شۇنچىلىك ئازابقا تارتىمەن؟ مېنى يورۇق ئالەمدە بۇنچە دەرتكە قويارمەن دەپ ئويلاپ باقماي تۇرۇپلا كېتىپ قالدىڭمۇ؟ نېمىشقا مېنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتمىگەنسەن شۇ سەن بارىدىغان زىمىنغا ؟مانا قارا كىم ۋەدىسىدە تۇرماپتۇ؟ بىز مەيلى نەگىلا بارمايلى، نېمىش قىلمايلى قولىمىزنى قويىۋەتمەيمىز، بىللە بارىمىز، بىللە قىلىمىز دىيىشمىگەنمۇ؟ بۇ قېتىم سەن راستىنلا ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ قويدۇڭ. ئۆزۈڭ يالغۇز كېتىپ مېنى تاشلاپ قويدۇڭ. ئەشۇ بولسىمۇ ياخشى ياشىسۇن دەپ ئويلىغانمدىڭ يە؟ سەن بولمىساڭ قانداقمۇ ياخشى ياشىيالايمەن؟ بۇنى سەن ئوبدان بىلسەن. توغرا، ۋەدىسىدە تۇرمىغانلار قارشى تەرەپنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇندىشى شەرت ئىدىغۇ، ئۇنداقتا مېنىڭ شەرتىم شۇ بولسۇن، بىر قىتىم بولسىمۇ چۈشۈمگە كىرگىن جېنىم ، بىرەر رەت بولسىمۇ... سېنىڭ سىمايىڭنى ئاخىرقى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرىۋالاي، مەن يوقاتقان ھېدلىرىڭنى قايتا بىر قېتىم ئىسىمگە ئېلىۋالاي، بولمايدۇ دېسەڭ، يېنىمدا كەلمىسەڭمۇ مەيلى، يىراقتىن ماڭا قاراپ تۇرغىن بولامدۇ؟؟ بۇنىڭغىمۇ بولمىسا ئارقاڭدىن بولسىمۇ سېنى بىر رەت كۆرىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن...پەقەت ئارقاڭدىن بىرلا قېتىم...بىرلا قېتىم...پەقەت بىرلا قېتىم بولسا ماڭا شۇ كۇپايە...نالىلىرىمنى ئاڭلاپ قوي، تىرىك تۇرۇپ روھىمنىڭ ئۆلۈشىنى سەنمۇ خالىمايسەنغۇ؟؟... 0+FPAqX  
\34vE@V*  
bkV 

"/Qz?1>l+  
)j36Y =r3  
*(OG+OkC  
ماڭا ھايات ياشاشنىڭ ھېچقانچە مەناسى يوقتەكلا بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى، تىرىك تۇرۇپ دۇچار بولغان ئۆلگەندىن چارە قىيناقلار مېنى ئاللىقاچان ھەممىدىن رايى قايتقان دەرۋىش سىياقىغا ئەكىلىپ قويدى. تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ مىڭ ئالەمنىڭ مۇڭلىرىغا غەرىق بولىمەن، كۆزلىرىمدىن ياش، تۇرقۇمدىن مۇڭلا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. بىلەمسەن، مەن تۆكۈلۈپ كەتتىم، سۈبھىدىكى ياپراقنى بوران سوققاندەكلا تۆكۈلۈپ كەتتىم، نە مەندىكى ئۈمۈدلۈك بېقىشلار، نە چېھرىمدىكى غەمسىز كۈلكىلەر، ھايات ماڭا خۇددىي شاھمات تاختىسىدەكلا تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ سېنى نەرە تارتىپ كەتتى، دېمەك بۇ مېنىڭمۇ بېشىمدا بار قىسمەت. بۇنىڭدىن شۈبىھلەنلەيمەن، قانداقتۇر ۋاھىم يەپ ئاھ ئۇرۇپمۇ كەتمەيمەن. بۇ تەغدىركەن. بىزگە بۇ ئالەمدىن ۋىسال تېپىشىش نىسىپ بولمىغانكەن، ئەمما مەن ئۆكۈنمەيمەن. مۇشۇ قىسقىغىنا ھاياتىمدا سەندەك بىر دىلكەشنى، مۇڭداشنى ئۇچراتقىنىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقۇم. سېنىڭ چىن سۆيۈشۈڭگە ئېرىشكىنىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم. سېنى شۇنداق سۆيۈپ تۇرۇپمۇ ئۆز ئاغزىم بىلەن شۇ بىر ئېغىز سۆزنى ساڭا قىلىپ باقمىغانكەنمەن، بەلكى سەن يېنىمدا بولغاچدا ھامان بىر كۈنى دەرمەن دەپ ئويلىغان ئوخشايمەن، ئەمما ئۈلگۈرمىدىم، راستىنلا كېيىن قاپتىمەن ئەمەسمۇ. شۇنداق بولسىمۇ مانا شۇ تاپتا سېنىڭ مۇڭ باسقان قەبرەڭ بېشىدا تۇرۇپ ساڭا يۈرۈكۈمدىكىنى ئېتيقۇم كەلدى. « جېنىم سېنى سۆيىمەن، بىلەمسەن مەن سېنى شۇنداق سۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن ئەزىزەم...گۈلۈڭ سېنى ئەبەتكە سۆيىدۇ...». oRWje#4O  
!cyrt<  

*4U_MM#rX  
9p W~Gz  
%GhI0F #  
ئۆكسۈشلىرىم بوغۇزۇمغا تۇرۇپلا قالدى، بىلىمەن سەن بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىيالايسەن، «ئەخمەق قىز يىغلىما، بولدى يىغلىما ھە...» دەۋەتامسەن تېخى شۇنداقمۇ، راس شۇنداق دەۋاتامدىغانسەن ھە؟؟!! قولۇمدىكى بۇ كۆز مۇنچاقنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدىم، بۇ سېنىڭ تەۋەررۈكۈڭ، مەندە قالغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىتىڭ بولدى. باقىيدا تۇرساڭمۇ مەن يەنىلا سېنىڭ ھاياتلىقتىكى سوۋغاڭغا داخىل بولالدىم، مەن ئۆزۈمنى كۆپ بەخىتلىك ھېسابلايمەن. كەچۈر، قەبرەڭنىڭ ئالدىدا ياش تۆكۈپ سالدىم، ساڭا بولغان چىن دۇئايەتلىرىمنى ئاھۇ- پىغانلىرىم بىلەن تەڭ تۆكۈپ سالدىم. مەن ھازىر كەتمەكچى، خاتىرجەم بول بۇ يورۇق ئالەمدىن خۇشاللىق تاپالمىساممۇ، ئۇلۇغ رەببىمنىڭ ماڭا بەرگەن ياشاشتىن ئىبارەت بۇ ھېممىتىنى مەن مىڭلاپ تەشەككۇر بىلەن بىجا ئىتىمەن. بۇ ئامانەتنى قاچان تاپشۇرىمەن ئۇنى رەببىم بىر ئۆزىلا بىلىدۇ. سېنىڭمۇ ئارزۇيىڭنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، سەن مېنىڭ ياش تۆكۈشۈمنى، يوقلۇقىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىپ تۈگىشىپ كېتىشىمنى خالىمايسەن. جۇدالىقنىڭ دەردى كۆتىرىپ قوپقۇسىز ئېغىركەن، ئەمما، مەن يەنىلا شۇلارنى كۆتىرىپ سېنىڭ قەبرەڭنىڭ ئالدىدىن دەس تۇرماقچى، ساڭا مىڭلاپ تەشەككۈرلەر بىلەن روھىڭغا دۇئالار ئوقۇماقچى. ساڭا تولىمۇ تارتىشتىم ، ئارقاڭدىن كېتىش ئۈچۈن تالاي قېتىم تەرەددۇتمۇ قىلىپ باقتىم. بىراق، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشنى خالىمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ روھىڭنىڭ قورۇنۇپ قېلىشىنىمۇ تېخى خالىمىدىم. شۇنداق سەن يوق، ئەمما سېنى يەنە داۋامىلىق باشقىچە ئۇسۇلدا سۆيىۋېرىمەن جېنىم، سەن ھاياتىمدا بولمىساڭ قەلبىمدە بار، ئوڭۇمدا بولمىساڭ چۈشلىرىمدە بار، كۆز ئالدىمدا بولمىساڭ كۆزۈمنى دەرھال يۇمۇۋالىمەن، كۆز ئالدىمدا يەنىلا سەن بار. ,eyh%k*hz  
R.^]{5  
ks#3 o+  

[Yt{h9  
/+Z*)q+SbT  
^9Pr`\   
سالام ئەزىزەم! ۋەدەڭدە تۇرغىنىڭدا رەھمەت. ئاخشام چۈشۈمدە راستىنلا سېنى كۆرۈپتىمەن. يىراقتىن ماڭا قاراپ كۈلدۈڭ، چىرايىڭ ھەم شۇنداق نۇرلۇق ھەم پاكىز. ماڭا ئاستا قول پۇلاڭلاتتىڭ، ئوڭۇڭدا مەندىن خەيرىلىشىشكە ئۈلگۈرمەيلا كېتىپ قالغان ئىدىڭ، مانا باقىيدا تۇرۇپمۇ چۈشۈمدە بولسىمۇ خەيرىلىشىشنى ئۇنۇتماپسەن. ھاياجانلىنىپ كۆز يېشىم يامغۇردەك تاراملىدى. ساڭا مەمنۇن بولدۇم، يەنىلا مېنىڭ ئەزىزەمدە سەن. بىلەمسەن، مۇھەببەت دېگەن ھەرگىز ئۆلمەيدىكەن. سەن كەتكىنىڭ بىلەن مۇھەببىتىڭ ماڭا ھەمرا بولۇپ پانىيدا قالدى. سېنى يېنىمدا باردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇھەببىتىڭ يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇرلىرىغا ئورناپ قالدى، ماڭا ھامان كۈلۈپ باقىسەن، كۆڭلۈم غەش بولغاندا مەدەت بېرىسەن ئەمەسمۇ! مانا شۇنداق قىلىپ قەلبىمدە مەڭگۈ ياشايسەن. كەتمىگەن بولساڭ مۇھەببىتىڭنى بۇنچىلىك چوڭقۇر ھېس قىلالماس بولغىيدىم ھەقىچان، سەن كېتىپ ماڭا مۇھەببەتنى تونۇش پۇرسىتى بېرىپسەن ئەمەسمۇ. مەن ھەممىنى بىلدىم، تەكتىگە چۆكۈپ تۇرۇپ چۈشەندىم. ياد ئېتىشمۇ بىر خىل مۇھەببەتكەن، مەن بۇرۇن ئۇنى پەقەت ئازابلارنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراپ يادىمغا كەلسەڭلا توختىماي يىغلايتتىم، شۇنىلا قىلالايتتىم پەقەت. مانا ئەمدى سېنى ياد ئەتكەچ باشقىچە بىر خىل مۇھەببەت ئالىمىدە ياشاۋاتىمەن. سېنى سۆيۈپ قالغىنىمدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئەكىسچە پەخىرلىنىمەن. سېنىڭ كەتكەنلىكىڭ «ۋاپاسىزلىق» ئەمەسكەن، ماڭا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشكەن. گەرچە تاساددىپىي ھالدا ھاياتىمدىن ئۆچۈپ كەتكەن بولساڭمۇ، نۇرغۇن-نۇرغۇن ۋەدىلەر مېنىڭ دىلىمدا ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىم بولۇپ ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ. قەبرەڭدە تىپتىچ ياتقىن ئەزىزىم، سەن ئۈچۈن دۇئاغا كۆتۈرگەن قوللىرىم ھەر ۋاق قەبرەڭگە گۈل تىزىپ تۇرىدۇ. Ek{QNlQ]4  
kUd]8Ff!  
ybBmg'198  
2009-1-7
XGl2rX&  
eYUb>M)  
[ بۇ يازماچايان-شاھتەرپىدىن2009-01-30 17:05دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+30(ھەمراز) نادىر تىما
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-29 00:47 |
    نەرگىزە
    يىغلىمايدۇ كېپىنەككە گۈل.
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24841
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1263
    شۆھرەت: 3686 كىشىلىك
    پۇل : 26380 سوم
    تۆھپە: 425 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1232 نۇمۇر
    قوللاش: 1117 نومۇر
    ئالقىش: 969 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 134(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر تال گۈل بار...بىر تال گۈل x UdF.c  
    سۇغۇرىمەن ئۇنى كۆز ياشتا. @| z _&E  
    كېچىدە يېزىلغان خەتلەر B>2R-pa4~  
    يىرتىلىدۇ noWF0+ %  
    ئاۋازى تامدىن ئۆتەلمەس. @A,8 >0+  
    كۈندۈز مېنىڭ ئەمەس  
    پەقەت قاراڭغۇلۇقتىكى مۇشۇ پەيىتتە k|;a"56F  
    سەن كېلىسەن..روھىڭ كېلەلمەس.. Ju+3}  
    #UM,)bH  
    !ku}vTe  
    سەن مەۋجۇتسەن رېئاللىقمدا a#p+.)Wm  
    مەۋجۇتسەن يەنە /v!yI$xc  
    خىيالىمدا..مىسرالارىمىدا... ~5HkDtI)  
    ماڭا قاراپ يۇلتۇزلار كۆزىنى يۇمىۋالار 6"-$WUlg  
    كىملەرگىدۇ شوخ كۈلۈپ سۆزلىگۈم كېلەر ? |M-0{  
    بولسىمۇ يۈرگۈم مەڭگۈلۈك يارا... I}8e"#  
    بولسىمۇ يۈرگۈم مەڭگۈلۈك يارا... <9@n/  
    RC_Pj)  
    hUMG}<  
    ئەگەر ئۆچكەن بولساڭ قەلبىمدىن YmljHQP  
    ئۆلگەن بولساڭ قەلبىمدە راستىن =4_}.  
    سەندىن ۋاز كېچەلىسەم k{*EoV[.$  
    سېنى ئۇنتۇيالىسام mE~ WE+lw9  
    بۇلارنى يازماستىم :w8{BIUN)  
    سۆزلىمەستىم..بۇنداق قىلماستىم... @gP*z6Z  
    ,hzRqFg2  
    m>uG{4<-  
    قاراڭغۇ يەكشەنبە &4%pPL\f  
    لەھەتكە كەتكەن ۋاختىڭ تېخى ئېسىمدە p3P 8@M  
    ئادەم بەرىبىر سەندەك تۈگەيدۇ lT[,w9$  
    تۈگەيدۇ بەرىبىر... Yn?beu'  
    نېمە بارئىدى بۇنچە ئاھ ئۇرغۇدەك؟ b!H1 |7>  
    نېمە بار ئىدى بۇ ھاياتتا ئۈمۈد قىلغۇدەك؟ "%T~d[M  
    ئاستا تامچىلاۋاتقان قاندەك QFnuu-82"  
    ھەئە ~W @dF~r  
    تامچىلاۋاتقان قاندەك... HxbzFu?h  
    خاتىرىنىڭ ئاخىرىنى ساڭا قويدۇم hNc8uV{r=  
    چېكىتى يوق سېنىڭ قەلبىڭدەك.......
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تېما، ئىنكاسلاردا بەك ياخشى ھەمراھىم جۇمۇ سىز...
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+100(گۈلگۈن) ئېسىل!!!
  • ئالەم ۋاپا قىلمايدىكەن ئادەمگە،
    لېكىن ئادەم تويماس ئاشۇ ئالەمگە.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 01:21 |
    erk uzun
    سۈبىھىجان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 26837
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 153
    شۆھرەت: 165 كىشىلىك
    پۇل : 2057 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 127 نۇمۇر
    قوللاش: 57 نومۇر
    ئالقىش: 92 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نمىدىگەن تەسىرلىك يىزلىغان ..  Ht.P670  
    يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۇقۇپ كېتىپتىمەن. ql9n`?Q  
    ماڭا بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىقى ئابزاسلرى بەك ياقتى ، ئاخىرىنى ئۈتكۈر تىلىڭىز بىلەن تەسىرلىك قىلىپ يېزىپ چىقپسىز.. R\cx-h*  
    خەت باسقان ئاشۇ قوللىررىڭىزغا دەت يەتمىسۇن. ئاپئاق قىز.ھ
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    كۆڭۈل قويۇپ ئوقىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگىمۇ تەشەككۈر...
    armaninkas4
    ھاياتنىڭ ھەقىقي مەنسىنى چۈشۈنىپ ياشىغىن ئىنسان.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 01:23 |
    تۇنجەر
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 1541
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 19 كىشىلىك
    پۇل : 1452 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
    قوللاش: 13 نومۇر
    ئالقىش: 27 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك روماتىكىغا تويۇنغان ئىكەن ،نەدىن كەلدى بۇ؟ = V')}f~C  
    ھارمىغايسىز !بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ !داۋاملىق تىرىشىڭ !
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    رەھمەت كەنجى ساقام... [! U%''  
    ھى..ھى...
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 01:25 |
    سۈبىھىجان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 26837
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 153
    شۆھرەت: 165 كىشىلىك
    پۇل : 2057 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 127 نۇمۇر
    قوللاش: 57 نومۇر
    ئالقىش: 92 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىر نەرسە كەم قالغاندەك بىلىندى ماڭا . >'#vC]@  
    ياقتۇرامسىز بىلمدىم . ئاۋۇ ناخشنى يوللاپ قويدۇم، ياقتۇرمىسڭىز ئۆچىرۋېتىمەن..ھە.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللىدىم ...تىز قاراڭ...
    [ بۇ يازماسۈبىھىجانتەرپىدىن2009-01-29 20:40دە قايتا ]
    ھاياتنىڭ ھەقىقي مەنسىنى چۈشۈنىپ ياشىغىن ئىنسان.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 01:27 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 20
    يازما سانى : 2276
    شۆھرەت: 17351 كىشىلىك
    پۇل : 69658 سوم
    تۆھپە: 1584 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5308 نۇمۇر
    قوللاش: 3493 نومۇر
    ئالقىش: 3586 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1553(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە خۇشالمەن. لېكىن ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئىلھام يوققۇ تاڭ؟!
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    تىپىلىپ قالار...ھى.ھى...
    izdax.com
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 02:55 |
    ئۇيغۇرئاي
    Try Not To Cry
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 88
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 513
    شۆھرەت: 451 كىشىلىك
    پۇل : 29430 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 518 نۇمۇر
    قوللاش: 376 نومۇر
    ئالقىش: 665 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىش_ئۇلانما ژانىر
     Bz>f  
    i;]# @n|  
    kRbJK  
    "*l{ m2"  
       3="vOSJ6&  
    تامدىم، ئۈزلۈكسىز تامچىلىماقتىمەن. ھىجران باغرىدا دۈپۈلدەپ ئۇرۋاتقىنى مەن. ھىجراننى مەنسىتكۈم يوق. ئۇنى كۆرگۈممۇ يوق. ئەمما، ھىجران سوغۇق كۈلۈمسىرىشى بىلەن يېقىنلاپ كېلەتتى. نادامەتلىك يۇلتۇزلار بىزدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. oTXIs4+G  
    )8}k.t>'s  
    |]?W`KN0  
    تامدىم، ئۈزلۈكسىز تامچىلىماقتىمەن. شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدىم. ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ سەپىرىمنى داۋام قىلماقچى بولدۇم. ئۇ ھىجران سەپىرى، ئەلۋەتتە، ۋىسال لېۋىدە لىغىرلاپ تۇرغىنى مەن. ئۆتمۈش بارغانچە يىراقلاپ،ئۇنىڭ گىرىمسەن سايىسىلا قالدى. ئۇ گويا يىراقتىكى تۇمان، تۇمان ھامان يوقىلىدۇ. ئاھ، تۇمان ئىچىدىكى گۈزەل چۈشلەر، شاد ئىڭراشلار،،،،،،،،،،،،تۇمان بىلەن تەڭ يوقالماقچى. `nEqw/I  
    تامدىم، سەن قەلبىڭنى قولۇڭغا ئالدىڭ. قۇپقۇرۇق قەلبىڭگە ئۈزلۈكسىز تامچىلايتتىم. غەمكىن كۈلۈمسىرىدىڭ. مەن ئۈزلۈكسىز تامچىلايتتىم، تامچىلاشنىڭ ئايقى چىقىدىغاندەك ئەمەس. تامچىلىغۇدەك ھالىم قالمىغۇچە تامچىلىدىم. سەن تامچىلاشتىن توختىغان چېغىڭدا جاھان تىمتاسلىققا چۆمدى. D0kz;X  
    <<خەير>> دېگەن سادا قەلىپ چوڭقۇرلىقىمىزدا ئۈنسىز جاراڭلاپ تۇردى . بۇ سادا شۇنچىلىك غەمكىن ئىدى. بۇ سادا ھىجران بۇلۇتلىرى ئۈستىدىن ھالقىيىتتى. gp $Rf9\  
    تېمىش ئاياغلاشتى. i1KjQ1\a+  
    h4hp5M  
    ZfVY:U:o>  
    2|B@s3a  
    h?B1Emlq  
    0CXXCa7!  
      شېئىر R~[~(`/S  
    8==M{M/eM  
    iPWr-  
    VGxab;#,:3  
       whP5 u/857  
    تامدىم .;ofRx<  
    دۈپۈلدىدىم ھىجران ئىچىدە، Ef ?|0Gm  
    ھىجران ھىچگەپ ئەمەس، jA^Dk$  
    يۇلتۇزلارغا باقتىم كېچىدە. 8tna 
    تامدىم، hmG8 {h/  
    يار_يۆلەكسىز ساياقمەن، h#Z,ud_  
    لىغىرلىدىم ۋىسال لېۋىدە، p$jAq~C  
    يوقالماقتا تۇمان، )uR_d=B&  
    شاد توۋلىشىم قالدى ئېسىدە :Mh\;e  
    f5un7,m  
    ]vs}-go  
    Iu`S0#+  
    تامدىم، G{>PYLxOb  
    تەشتى دىلنى تامچىلاشلىرىم، B)L0hi  
    تامدىم، M l@F  
    سەن بۇرۇلۇپ كەتتىڭ يىراقلاپ IhZn  
    جىمجىتلىق ئارا << خەير_خوش>> دېدىم <%m1+%mA.  
    r@vt.t0#  
    %0/qb0N&  
    )X|)X,~+-  
    yZgWFf.X  
    mf{M-(6'  
    xfI0P0+  
       3. ھىكايە
    >$- YNZA   
    GbZ~e I`,2  
    $\/^O94-l  
    ISK 8t  
       w $-q&  
    {I $iD  
    ئۇ كەتمەكچى بولدى. بىردەملىككە ئەمەس بەلكى مەڭگۈلۈككە، يۇلتۇزلار بىزدىن پەرىشان كۆزىنى ئۈزمەيتتى. } S]!W\a  
    _ ماڭا نېمە ئامال؟ تەقدىرىمىز شۇنداق ئوخشايدۇ، ئەمدى سىز بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن. }79jyS- e  
    كۆز يېشىم تىمىپ چۈشتى، ئۇنى تىزگىنلەش ئىختىيارىمدا ئەمەس ئىدى، تېمىپ چۈشكىنى ئوت. o 7tUv"Rs  
    __ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنغۇ، ئاتا _ ئانىڭىزغا.............. j3`YaWw  
    __ بولدى ، ئەمدى بۇنىڭ ھاجىتى قالمىدى + L.D3  
    ئۇنىڭ يىپەكتەك يۇمشاق، سۆيۈملۈك قولى تېمىپ چۈشۈۋاتقان ياشقا سوزۇلدى. مەن ئاچچىق ئىڭرىدىم. ئۆتمۈشتە مېنىڭ باغرىمدا گۈزەل چۈشىنى سۆزلىگەن قىز مۇشۇمۇ؟ ئەڭ بەخىتلىك شاھزادە سۈپىتىدە ياڭراتقان مەردانە چوقانلىرىمغا قۇلاق ياققان قىز شۇمىدۇ؟ &QW &K  
    __ راسما؟ راس ئايرىلامدۇق؟ & /T}  
    __ راسىت، بۇ ئاخىرقى ئۇچىرشىشىمىز، تاڭ ئاتسىلا مەن باشقا ئادەمگە، باشقا بىر زېمىنغا تەۋە بولۇپ كېتىمەن، ياخشى _ يامان دېيىشكەن بولساق كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋېتەرسىز،،،،،،،،،،،،،،،،، \~+b&  
    _ ئاھ،،،،،،،،،،،،،، )R'%SLw  
    ئۇ بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى، كۆزۈم ھېچنېمىنى كۆرمەيتتى. بېشىمنىڭ قانداقتۇر بىر يىرىدە سان_ساناقسىز ھەرە غۇڭۇلدايىتتى. jN*wbqL  
    __ خەيىر ئاللا بەختىڭىزنى بېرەر،،،،،،،،،، -qaO$M^Q  
    ئۇ كەتتى،،،،،،،،،،،،،، a:UkVK]MP  
    سوغۇق ھەم سۈپسۈزۈك كۆز يىشى ئۈزلۈكسىز تامچىلايىتتى ،،،،،،،،،،،،،،تامچىلاۋاتقىنى ھىجران ئىدى Tsb}\  
    V V}"zc^  
    c*E7nc)u  
    $ ~%Y}Xt*  
    q. Jx|x  
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+100(گۈلگۈن) تاتلىق ئىنكا ..
  • ئاسانمۇ تۇغۇلۇش ئىنسانغا شۇنچە،
    كەلسىمۇ سائىتى ھاياتتا ئۆلۈش.
    ۋە لىكىن مۈشكۈلدۇر ھەممىدىن مۈشكۈل،
    چىن دىلدىن سۆيگەننى سۆيۈش،سۆيۈلۈش
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 10:05 |
    سۆيگۈ رىشتى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30278
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 170
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 685 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 8 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىرلاپ قويۇشقا تىگىشلىككەن جۇما... )c9Xp:  
      
    سىنىڭ مىنى سېغىنغان ۋاقتىڭ،دەل مىنىڭ سىنى سېغىنغان ۋاقتىم ...
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 11:56 |
    گۈلگۈن
    سەن شامال، مەن رومال!
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9817
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 528
    شۆھرەت: 324 كىشىلىك
    پۇل : 496871 سوم
    تۆھپە: 300 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 778 نۇمۇر
    قوللاش: 527 نومۇر
    ئالقىش: 608 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 456(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناتىقنىڭ  تاتلىق ئىنكاسى ماڭا بىر قىزنى ئەسلىتىپ قويدى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 12:59 |
    سۆيگۈ
    ئامان بول جىنىم......
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 702
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1059
    شۆھرەت: 1922 كىشىلىك
    پۇل : 31360693 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 916 نۇمۇر
    قوللاش: 819 نومۇر
    ئالقىش: 1157 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1039(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بارسام سىنىڭ سوغۇق مەھەللەڭگە جىنىم، jll|y0  
    بولدى پەقەت ئاي ھەمرا ماڭا يايرىم. |{ZdAr.;  
    چقمىدىڭغۇ شۇ كىچىسى ساقلىدىم ئەمما، l>s@&%;Mg  
    بىلمىدىمغۇ ياغدى رەھىمسىز يامغۇر. I*cb\eU8Y  
    xc`O \z_)  
    ئولتۇرىمەن مەھەللەڭدىكى سۆگەت تۈۋىدە، Rd]<591  
    تەلمۇرىمەن دەرىزلەرىڭگە قاراپ. ^vxNS[C`;  
    ھەيران قالدىم شۇ بۇلۇتتىن چىقتى تولۇن ئاي، +eLL)uk  
    سەن بولالمامسەن ئاشۇ ئايچىلىك.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+30(گۈلگۈن) قەلىمىڭىز بە ..
  • http://www.agranum.cn/bbs
    。叶子走了,是不是树的不挽留还是风把它带走了??世界上最恶心的是那些《美丽的谎言》。
    过去就是过去.....它并不代表什么?不过它留下了很多经验。。。)
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 15:29 |
    ھېسلىرىم
    ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21316
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 937
    شۆھرەت: 871 كىشىلىك
    پۇل : 5198 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 555 نۇمۇر
    قوللاش: 466 نومۇر
    ئالقىش: 501 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئولتۇراپ ئاران تەستە يشلىرىمنى ئىقىتىپ تۇرۇپ كۆرۈپ بولدۇم ،   ھاياجاندىن بىر خۇشال بولسام ،بىر ئاھ ئۇرۇپ دىگەندەك ....   بەك ياخشى چىقىپتۇ ، بۇنچە ئۇزۇن نەسىرنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم دىسە ......   '`W6U]7>  
    10m|?  
    aZtM _  
        كۆز ياشلىرىم سوغۇقتا قىتىپ قالغاندەك قىلىدۇ ..... ئەمدى قانداق قىلارمەن ..
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ئىنكاسىڭىز دىلىنى سۆيۈندۈردى جۇمۇ...رەھمەت..
    http://www.agranum.cn/bbs
        ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟  پەقەت ئۆزۈم.......
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 15:37 |
    ئەزىزيانغىن
    كۆز ئىچىدىكى ئوت!
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27990
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 236
    شۆھرەت: 891 كىشىلىك
    پۇل : 8590 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
    قوللاش: 293 نومۇر
    ئالقىش: 1226 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

     [)~1Lu  
    _*Z3,*~"X  
    مەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك كۆڭلۇمدە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان نىگارىم : x|G :;{"+6  
    ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟ مەن ھازىر گەپنى نەدىن باشلىشىمنى ئۇقالماي گاڭگىراپلا قالدىم،مەن ھازىر سىزگە ئاددى دىسڭىز ئاددى قىيىن دىسڭىز قىيىن دىگەندەك سۆزلەرنى ئېيتماقچى . ubOXEkZ8N  
    سۆيگۈ.........ئۇ بىرخىل ئازاپلىق دۇنيا ...,ئادەٿھەقىقى سۆيگۈگە ،ساپ ۋىجدانى ھەم ئازابى بىلەن يېتەلەيدۇ. ئازاپسىز مۇھەببەتنى ئارمان قىلىش خۇددى تىكىنى يوق گۈلنى ئىزدىگەندەكلا ، جاپا چەكمەي راھەتنى خىيال قىلغاندەكلا بىر ئىش <يار ئۈچۈن كۆيمىسە ، جاپا چەكمىسە، جان پىدا قىلمىسا ، بۇنداق كىشىنى ھەقىقى ئاشىق دېگىلى بولمايدۇ. ئازاپ قوينىدا مۇڭلىنىپ تۇرۇپ تۆكۈلگەن كۆز-ياشلار نىمىدىگەن تاتلىق. ۋىسالغا كاۋاپ بولغان يۈرەك ئارقىلىق ئىنتىلىش غۇرۇرلۇق كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. پاجىئە نەق ۋىسالغا يېتىشتىن باشلىندۇ. يۈرەكتىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن ۋاقىت ، بەخت ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان چاغلاردۇر. !Hl]&  
    بىر جۈملە سۆز <قاراڭغۇ، قار ياغاچ مېنىڭ سىردىشىم، شىردىرلىسا يۇپۇرمىقى تۆكۈلەر يېشىم .> K%x]:|,>M  
    يەنە بىرگەپ دۇنيادا ھەسىرەتكە لىق تولغان قەلبىڭىزنىڭ جاراھىتى ئاچچىق ئازاپلاردا قىستىغان مىنۇتلار ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئىزدىگەن بەخت ئىشىكىنى چەككەن چاغلاردۇر . bE'{zU}o  
    ۇۋجېنىم سىز ھازىر مىنى ئۇنۇتقانسىز .بەلكىم مەڭگۇلۇك ئۇنۇتقانسىز،مىنى داۋاملىق ئەسلەشنى خالىمايدىغانسىز؟ بۇماڭا ئايان . Y68A+ B.  
    مەن قەلبىمدىكى داغلارنى يۇيۇپ چىقىرالمايمەن ھازىر مەن بىر يۇرىكى قايغۇ - ھەسرەت، دەت - ئەلەملەردە ئۆرتەنگەن مۇھەببەتسىز، تەنھا غېرىپ ئادەم بولۇپ قالدىم . ئازاپ دىمەك ئادىل ئابلىمىت دىمەك بولۇپ قالدى. N!3Tg564j  
    ھاياتقا،ئىنسانلارغا بولغان،مۇھەببىتىم ،قىزغىنلىقىم قارا - ئس تۇتەك ئىچىدىكى،يۇلتۇزلاردەك خىرەلەشتى. :/$WeAg  
    رىئاللىق مېنى سىزىمسىز بىر ئادەمگە ئايلاندۇردى. كېلەچىكىم ، تۇرمۇشۇم قانداق بولىدۇ ، ئويلىيالمايۋاتىمەن. ھايات كېمەم دولقۇنلۇق دېڭىزدا ئىكەن. رىئاللىقتىن بار-بارا يىراقلاپ كېتىۋاتىمەن. ئائىلىدە ۋە باشقا جايلاردا سۆز-چۆچەك سارىس كېسىلىدەك تارقىلىپ تۇرماقتا. بۇ جەمئىيەتتە تولىمۇ قىستاڭچىلىق ھېس قىلىۋاتىمەن. يېراق-يېراقلارغا ، خىلىۋەت ياپيېشىل ئورمانلارغا بېرىپ ، قۇشلار بىلەن سىردىشىپ، ئەركىن ياشىغۇم كېلىۋاتىدۇ. wL="p) TO.  
    ئاھ خۇدا ،پېشانەمگە مۇشۇنداق قارا- كۈنلەرنى پۈتكەن بولسا كېرەك . 2bG3&G  
    جېنىم ، نىمە ئۈچۈن پۇتۇن ھۇجۇدىم بىلەن سۆيۈپ تۇرۇپمۇ سىزگە ئېرىشەلمەيمەن ؟سىز ماڭا قانچىلىك نەپرەتلىنىڭ . لېكىن مەن سىزنى بارلىقىم بىلەن ياخشى كۆرىمەن. بۇنى خۇدايىم دىلىمغا سالغان . سىزدىن بۆلەك ئىككىنچى ئادەمگە قەلبىمدە ئورۇن يوق. مەن مەڭگۈ تەنھا ئۆتۈشكە رازى. بۇ پاك سۆيگۈ ئالدىدا خۇدانى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بەرگەن قەسىمىم. سىز مېنى ساپ مۇھەببەتنىڭ خايىنى كۆرۈۋاتىسىز. مەن ھازىر بەك قىينىلىۋاتىمەن. سىزنى خىيال قىلماسقا، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىمەسلىككە تىرىشقانسىرى ،ئەكىسچە سىز خىيالىمدا پەرۋازى قىلىپ ئۇچىۋاتىسىز. مېنى سەۋدايى قىلىپ قويدىڭىز.
    vszm9Qf  
    Y_+#|]=$B  
    ئەمدى بىلدىم مېنىڭدىن راست بىزار بولغاننى، L6{gwoZf3  
    زىدە بۇلۇپ يۈرەكلىرىڭ قانغا تۇلغاننى. ^4^N}7>5  
    ئۇنتۇپ كىتەي مەن ئۈچۈن گۈللەر ئۈزگەننى، >L2_k'uE+;  
    رەنجىمەيمەن سىنىڭدىن رازى بول نىگار. 3c3;8h$k  
    n-" (~  
    كۆڭۈل ئىزھار قىلغانتىم بىر يىل ئىلگىرى، :e;6oC*"q  
    قەلبىم ساڭا سۆيگۈ تېرىپ ئۆتتى كۈنسىرى. A`f" 
    بۇلبۇل بولدۇڭ قۇبۇل قىلىپ شۇنىڭدىن بېرى، iKJqMES  
    خۇشال ئىدىم سىنىڭدىن رازى بول نىگار. In96H`  
    :1j8!R5  
    بىلمەپتىمەن ئەسلا مەن قېچىپ يۈرگەننى، iiIns.V  
    ئۇيلاپتىمەن چاقچاقتا ئۇيناش دىگەننى. ;98b SR/  
    ئەمدى سەزدىم قەلبىڭنىڭ ئازار يىگەننى، /)Cfm1$ic  
    بەس، كۆزۈڭگە كۈرۈنمەي رازى بول نىگار. kWZY+jyt P  
    WT<}3(S'?  
    لاغىلداپ تىترەر ھىجران ھاياجان، 1\m,8i+gU  
    ھىسلىرىم دۇنياغا بۇلار ئاشىيان. Intuda7e1  
    پەۋەس قىلار، ياق كۈتۈرەر غەليان، S9Yzvq!(  
    مەن كىتەي ، مىنىڭدىن رازى بول نىگار. .))j R:{3  
    T:@6(_Z  
    دەۋاتىسەن بەلكىم قىلدىڭ كىنايە، Gg'!(]v  
    خۇشال ئۆت ئازاپقا بولمىغىن زايە. A[+)PkR  
    بۇ مەندە ئۈمىد ۋە ئەڭ گۈزەل غايە، A4,{ep'Z!  
    سېغىنىپ ئەسلەيمەن رازى بول نىگار ... +Pl)E5W!=`  
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+50(گۈلگۈن) بارىكاللا
  • كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ ،
    جاھان تۇرماق ھەتتاكى ئاسمان سىغىدۇ .
    ئەگەردە رەشىك ھەسرەت قاپلىسا ئۇنى ،
    تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ .
            __ئا. ئۆتكۈر
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 18:32 |
    سۈبىھىجان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 26837
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 153
    شۆھرەت: 165 كىشىلىك
    پۇل : 2057 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 127 نۇمۇر
    قوللاش: 57 نومۇر
    ئالقىش: 92 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كەچۈرۈڭ، شۇنچە قېرىشتىم ، لېكىن سىز دېگەن ھېلىقى مۇزىكىنى قايتا -قايتا تەھىرىلىسەممۇ چىقىرالمدىم. ئالدىڭىزدا خىجلىمەن.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ھېچقىسى يوق، جاپا تارتىپسىز.. مۇزىكا تەھرىرلەش كۆزنىكىگە نېمە بولغاندۇ دەيمەندە...ھەي...
    ھاياتنىڭ ھەقىقي مەنسىنى چۈشۈنىپ ياشىغىن ئىنسان.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-29 20:43 |
    ئۇيغۇرئاي
    Try Not To Cry
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 88
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 513
    شۆھرەت: 451 كىشىلىك
    پۇل : 29430 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 518 نۇمۇر
    قوللاش: 376 نومۇر
    ئالقىش: 665 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    J]TqH`MA  
    [=(8yUV'G  
    بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ بىقىڭ
    ئاسانمۇ تۇغۇلۇش ئىنسانغا شۇنچە،
    كەلسىمۇ سائىتى ھاياتتا ئۆلۈش.
    ۋە لىكىن مۈشكۈلدۇر ھەممىدىن مۈشكۈل،
    چىن دىلدىن سۆيگەننى سۆيۈش،سۆيۈلۈش
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 11:37 |
    گۈلگۈن
    سەن شامال، مەن رومال!
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9817
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 528
    شۆھرەت: 324 كىشىلىك
    پۇل : 496871 سوم
    تۆھپە: 300 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 778 نۇمۇر
    قوللاش: 527 نومۇر
    ئالقىش: 608 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 456(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت، بۇ مۇزىكىغا مەنمۇ بەك ئامراق... R)66qRf  
    بىلمىدىم نېمە بولدىكىن، مېنىڭ تېمامنىڭ مۇزىكا تەھرىرلەش كۆزنىكى نورمال ئىشلىيەلمىگەچ مۇزىكا قىستۇرالماي قالدىم... باشقا تېمىلىرىمدا بۇنداق بولۇپ باقمىغانتى...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-30 11:41 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر