: *E
RRSL)
z@zD .
BBcj=]"_ (بۇ تېما يۇلغۇندىكى بىر سوئالغا ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ ھەمشىرىمىزنىڭ ۋاقتى بەك قىس بولغاچقا ئۇزۇندا پۈتتى. ھەمشىرىمىز ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشنى خالىمىغاچ ئىسمى ئاتالمىدى. )تونۇشتۇرۇش: ئامېرىكىدا، دوكتور. ئىككى ئوغۇلنىڭ ئانىسى.
>):m-I
O -G1})$ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەدە. بۈگۈن سىزدىن بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا پىكىرلىشەي، دېگەن ئىدىم. بىلگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭىز ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىڭىزدىن سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن. (@ "=F6P ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارىكەتۇھۇ، پەقەت ئاللاھلا خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. مەن بىلگىنىم بويىچە، ئامال بار ياخشى جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. بىز باشقىلارغا ئۈلگە بولالمايمىز. ئۈلگە بولۇشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر يېتەرلىكتۇر. بىز پەقەت شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان ۋە شۇلاردىن ئۆگىنىۋاتقانلارمىز.
;Xqn-R
! ,@ZQS سوئال: ئىككى ئوغلىڭىز باركەن. ئوغۇللىرىڭىزنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز. يەنى پەننى ۋە دىنىي جەھەتلەردە قانداقراق بىلىم ئىگىلەۋاتىدۇ؟جاۋاب: مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم (يەتتە ياش) ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلار مەكتەپتە سەككىز خىل دەرس ئوقۇيدۇ: قۇرئان، ئەرەب تىلى، ئىسلام بىلىملىرى، ئېنگلىز تىلى ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە تەنتەربىيە.
*ksb?|
ئوغلۇم ھازىر قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى تۇگىتىپ رەسمى قۇرئان ئوقۇشنى باشلىدى. ئوقۇتقۇچىسى ھازىرچە يادلاشنى ئەمەس، مۇسھەفكە قاراپ توغرا ۋە راۋان ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاچقا، بىزمۇ ئۆيدە شۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. ئەرەپ تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇش باسقۇچىدىن ئوتۇپ، ھازىر ئاددى گرامماتىكا ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئىسلام بىلىملىرى دېگەن دەرسىدە ئاللاھ سۇبھانا ۋە تائالانىڭ ئىسىملىرىنى مەنىسى بىلەن ئۆگىنىدۇ؛ سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ۋە دۇئالارنى ئىنگلىزچە مەنىسى بىلەن تەپسىلىي ئۆگىنىدۇ. باشقا پەننى دەرسلەرنى مۇشۇ دۆلەتتىكى باشقا پەننى مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئۆگىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىدىغان نەرسىسى كۆپ بولغاچقا مەكتەپتە كۈنىگە بىرەر سائەت ئۇزۇنراق ئوقۇيدۇ ۋە تاپشۇرۇقنى كۆپرەك ئىشلەيدۇ. چوڭ ئوغلىمىز ھەممە نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ھايۋانلارغا قىزىقاتتى. شۇ قىزىقىشى سەۋەبىدىن ئىنگلىزچە كىتاپلارنى كۆرۈپ بىلمىسە كىتاپنى ئەكىلىپ، بىزگە ئوقۇتۇپ دېگەندەك، 3-4 ياش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرى، خۇسۇسىيەتلىرى، ۋە ياشاش مۇھىتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدى. كېيىن ھەر خىل قاتناش ۋاستىلىرىغا قىزىقتى، كېيىن ھەرخىل ئايروپىلانلارغا قىزىقتى، كېيىن ياغاچچىلىق قىلىشقىمۇ قىزىقتى. Gz?2b#7v
نۆۋەتتە ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە تاشلارغا قىزىقىۋاتىدۇ. نېمىگە قىزىقسا بىز ئامال بار شۇ توغرىلىق كىتاپلارنى تېپىپ بېرىشكە تىرىشتۇق ۋە شۇنىڭغا ئائىت مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. ئەمما پەرزەنتلىرىمىزدە بىلىم بولۇپ، ئىمان ۋە ئەدەپ-ئەخلاق بولمىسا بىلىمنى توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ، دەپ بىلىمىز. بىز يەنە بالىلارنى ۋاقتىنى پىلانلىق ئىشلىتىش ۋە تۇرمۇشتا رەتلىك-تەرتىپلىك بولۇش جەھەتتىن تەربىيىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز. <"?*zx&